12-تەتقىق ماقالىسى
زەكەرىيانىڭ كۆرگەنلىرىنى كۆرەمسىز؟
«مېنىڭ روھۇم ئارقىلىق بولىدۇ،– دەيدۇ ئاسماندىكى قوشۇنلارنىڭ سەردارى يەھۋا».—زەكەرىيا 4:6.
137-ناخشا جاسارەت بەرگىن
بۇ ماقالىدە a
1. ئەسىرلىكتە ياشىغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن قانداق ھاياجانلىق ئىش يۈز بېرىدۇ؟
يەھۇدىيلار قاتتىق ھاياجانغا تولغان. چۈنكى يەھۋا خۇدا پارس پادىشاھ قورەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن، نەچچە ئون يىل تۇرغان بابىلدا ئەسىرلىكتە ياشىغان ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. پادىشاھ يەھۇدىيلار ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى يەھۋانىڭ – ھەق خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئۆيىنى قايتا سالسۇن!»— دەپ جاكارلىغان (ئەزرا 1:1، 3). نەقەدەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەرمان! دېمەك، ئۇ ئۆز خەلقىگە بەرگەن زىمىندا، خۇداغا پاك ئىبادەت قىلىش قايتا ئەسلىگە كېلىدۇ.
2. قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلار تۇنجى بولۇپ نېمە ئىشنى قىلالىغان؟
2 مىلادىدىن ئىلگىرى 537-يىلى، بىرىنچى بىر توپ يەھۇدىيلار جەنۇبىي يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان يېرۇسالىمغا كەلگەن. ئاشۇ قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلار دەرھال ئىبادەتخانىنى قايتا ياساش ئىشىغا كىرىشىپ كەتكەن ۋە مىلادىدىن ئىلگىرى 536-يىلغا كەلگەندە، ئۇلار ئاللىقاچان قۇرۇلۇشنىڭ ھۇلىنى سېلىپ بولغان.
3. يەھۇدىيلار قانداق قارشىلىققا دۇچ كەلگەن؟
3 ئۇلار ئىبادەتخانىنى قايتا سېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى. ئەتراپتىكى خەلقلەر يەھۇدىيلارنى نائۈمىد قويۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى (ئەزرا 4:4). بۇ قىيىنچىلىق ئاز كەلگەندەك، ئەھۋال تېخىمۇ يامانلاشتى. مىلادىدىن ئىلگىرى 522-يىلى، پارسنىڭ يېڭى پادىشاھى ئارتاھشاشتا تەختكە چىققان ئىدى b. قارشى تۇرغۇچىلار ياخشى پۇرسەت كەلدى، ئەمدى قانۇندىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش ئىشلىرى مەڭگۈلۈك توختىتالايمىز، دەپ ئويلىغان (زەبۇر 94:20). ئۇلار پادىشاھ ئارتاھشاشتىغا بىر مەكتۈپ يوللاپ، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قارشى ئىسىيان كۆتۈرۈشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان (ئەزرا 4:11–16). پادىشاھ يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى توختىتىشنى بۇيرىغان (ئەزرا 4:17–23). شۇ بۇيرۇق تۈپەيلى، يەھۇدىيلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى توختىتىپ قويغان.—ئەزرا 4:24.
4. ئىبادەتخانىنى قايتا ياساشقا قارشى چىققۇچىلارنى يەھۋا قانداق بىر تەرەپ قىلغان؟ (يەشايا 55:11)
4 بۇ يەردىكى يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغانلار ۋە پارس ھۆكۈمرانلىقىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ئىبادەتخانىنى قايتا ياساشنى توختىتىشنى قەتئىي قارار قىلغان ئىدى. ئەمما، يەھۋا ئۆزى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىنى قايتىدىن ياساپ پۈتۈرۈشىنى خالىغان ۋە ئۇ ھەردائىم ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (يەشايا 55:11-نى ئوقۇڭ). ئۇ زەكەرىيا ئىسىملىك جاسارەتلىك بىر پەيغەمبەرگە بىر قاتار كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سەككىز ئاجايىپ كۆرۈنۈشنى كۆرسەتكەن. شۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئۇلارنىڭ قارشى چىققۇچىلاردىن قورقماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن ۋە يەھۋانىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىگەن. كۆرۈنۈشلەرنىڭ بەشىنچىسىدە، زەكەرىيا بىر چىراغدان ۋە ئىككى زەيتۇن دەرىخىنى كۆرگەن ئىدى.
5. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
5 ھەممىمىز بەزىدە ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمىز. شۇڭا، زەكەرىيا كۆرگەن چىراغدان ۋە ئىككى زەيتۇن دەرىخى توغرىسىدىكى بەشىنچى كۆرۈنۈشتە، يەھۋانىڭ ئىسرائىللارغا قانداق ئىلھام-مەدەتلەرنى بەرگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزسەك، بىز پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. بۇ ۋەھىي كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش، بىز قارشىلىققا تاقابىل تۇرغاندا، ۋەزىيەتلىرىمىز ئۆزگەرگەندە ۋە ئۆزۈمىز چۈشەنمەيدىغان يول-يورۇقنى قوبۇل قىلغاندا، يەھۋاغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە
زەكەرىيا ۋەھىيدە ئىككى زەيتۇن دەرەختىن يەتتە چىراغلىق چىراغدانغا ئېقىۋاتقان ياغنى كۆرگەن (6-ئابزاسىغا قاراڭ)
6. زەكەرىيا 4:1–3 ئايەتتە تەسۋىرلەنگەن چىراغدان ۋە ئىككى زەيتۇن دەرىخىنىڭ كۆرۈنۈشى يەھۇدىيلارغا قانداق جاسارەت بەرگەن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
6 زەكەرىيا 4:1–3-نى ئوقۇڭ. چىراغدان ۋە ئىككى زەيتۇن دەرىخىنىڭ كۆرۈنۈشى يەھۇدىيلارغا جاسارەت بەرگەچ، قارشىلىققا قارىماي ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرغان. قانداق؟ چىراغلارنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ماي مەنبەسى بارلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ئىككى زەيتۇن دەرىخىدىن چىققان ماي قاچىغا ئېقىپ كىردى. ئاندىن كېيىن، قاچىدىن ماي چىراغداندىكى يەتتە چىراغنىڭ ھەربىرىگە ئېقىپ كىردى. بۇ ماي چىراغلارنى داۋاملىق ياندۇرۇپ تۇردى. زەكەرىيا: «بۇ ئىشلارنىڭ مەنىسى نېمە؟»— دەپ سورىغان. پەرىشتە جاۋاب بېرىپ، يەھۋادىن كەلگەن خەۋەرنى ئېيتقان: «مېنىڭ روھۇم ئارقىلىق بولىدۇ،_ دەيدۇ ئاسماندىكى قوشۇنلارنىڭ سەردارى يەھۋا» (زەكەرىيا 4:4، 6). دەرەخلەردىن چىققان ماي ھېچقاچان تۈگەپ قالمايدىغان، يەھۋانىڭ كۈچ-قۇدرەتلىك مۇقەددەس روھىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق ھەربىي كۈچى تەڭرىنىڭ روھىنىڭ كۈچى ئالدىدا ھېچنېمىگە يارىماس. يەھۋا ئۇلار تەرەپتە تۇرغاچ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشچىلىرى ھەرقانداق قارشىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز ئىشلىرىنى تاماملىيالىغان. بۇ نەقەدەر كىشىگە جاسارەت بېغىشلىغۇچى خەۋەر، ھە! ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى بولسا، يەھۋاغا ئىشىنىش ۋە قۇرۇلۇش ئىشىنى قايتا باشلاش ئىدى. ئۇلار ھەتتا قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، قايتا ئىش باشلىغان.
7. قايسى ئۆزگىرىش ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى قىلغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن؟
7 بىر ئۆزگىرىش ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى قىلغۇچىلارغا كۆپ ياردەم بەرگەن. قانداق ئۆزگىرىش؟ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى، يېڭى پادىشاھ دارىيۇس پارسنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىككىنچى يىلى، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن، دارىيۇس بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملاش ئەمىر-پەرمانىنى چۈشۈرگەن (ئەزرا 6:1–3). پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقى ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ئۇ قۇرۇلۇشنى قايتا باشلاشقا رۇخسەت بېرىپ قالماي، ئەتراپتىكى خەلقلەرگە قۇرۇلۇش ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى توختىتىشقا، ھەتتا قۇرۇلۇشنى تاماملاشقا كېرەكلىك پۇل ۋە ماتېرىياللارنى تەمىنلەپ بېرىشنى بۇيرىغان! (ئەزرا 6:7–12). نەتىجىدە، يەھۇدىيلار تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 515-يىلى بۇ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملىيالىغان.—ئەزرا 6:15.
قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە، يەھۋانىڭ كۈچىگە تايىنىڭ (8-ئابزاسقا قاراڭ)
8. قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن جاسارەتلىك بولالايسىز؟
8 بۈگۈن كۈندىمۇ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر قارشىلىققا دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر ھۆكۈمەت ئىبادەت پائالىيەتلىرىمىز چەكلەنگەن دۆلەتلەردە ياشايدۇ. شۇنداق جايلاردا، قېرىنداشلار خۇش خەۋەر ئېيتىپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىشى ۋە ۋالىيلار ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن (مەتتا 10:17، 18). بەزى ۋاقىتلاردا، ھاكىمىيەت ئالمىشىپ، قېرىنداشلىرىمىز ئەركىن ئىبادەت قىلالىشى مۇمكىن. ياكى ئادالەتنى ياقلايدىغان سوتچى ئەركىنرەك ئىبادەت قىلىشىمىزغا پايدىلىق قارار چىقىرىدۇ. بەزى گۇۋاھچىلار باشقىچە بىر خىل قارشىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش بىر قەدەر ئەركىن بولغان دۆلەتتە ياشايدۇ، ئەمما ئائىلە ئەزالىرى ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىغا قارشى چىقىدۇ (مەتتا 10:32–36). نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، قارشى تۇرغۇچىلار بىزنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، قارشىلىق قىلىشىنى توختىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزى ئەھۋاللاردا ئىلگىرى زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرغانلار كېيىنچە قىزغىن خىزمەت قىلىدىغان گۇۋاھچىغا ئايلانغان. قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە، ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ؛ جاسارەتلىك بولۇڭ! يېنىڭىزدا يەھۋا ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك مۇقەددەس روھى بار، شۇڭا قورقىدىغان ھېچنەرسە يوق!
ۋەزىيىتىمىز ئۆزگەرگەندە
9. نېمە ئۈچۈن بەزى يەھۇدىيلار يېڭى ئبادەتخانىنىڭ ھۇلىنى قويغاندا ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى؟
9 يېڭى ئىبادەتخانىنىڭ ھۇلى سېلىنغاندا، بەزى ياشانغان يەھۇدىيلار يىغلاپ كەتكەن (ئەزرا 3:12). چۈنكى، ئۇلار سۇلايمان پادىشاھ سالغان ھەشەمەتلىك ئىبادەتخانىنى كۆرگەن ئىدى. يېڭىدىن سېلىنغان ئىبادەتخانا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان (ھاگاي 2:2، 3). كونىسى بىلەن يېڭىسى ئارىسىدىكى پەرق سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كۆڭلى بۇزۇلغان ئىدى. زەكەرىيا كۆرگەن تەسۋىرى كۆرۈنۈشلەر ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
10. زەكەرىيا 4:8–10 ئايەتلەردىكى پەرىشتىنىڭ سۆزلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
10 زەكەرىيا 4:8–10-نى ئوقۇڭ. پەرىشتە يەھۇدىيلارغا: «زەرۇبابېلنىڭ قولىدىكى ئۆلچەم تېشىنى كۆرۈپ خۇشال بولىشىدۇ» دېگەندە، زادى نېمە دېمەكچى بولغان؟ تىك ئۆلچەم تېشى بىر خىل ئۆلچەش قورالى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تامنىڭ تۈز تەكشى بولغان-بولمىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، پەرىشتە خۇدا خەلقىگە بۇ ئىبادەتخانا بەزىلەرگە ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چوقۇم تاماملىنىپ، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە لايىق كېلىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولغان ئىدى. يەھۋا ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا، يەھۇدىيلار ھەم شاد-خۇراملىققا چۆمۈشى كېرەك، ئەمەسمۇ؟! يەھۋا ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، يېڭى ئىبادەتخانىدا ئۇنىڭ ئۆلچەم-تەلەپلىرىگە ماس ئىبادەت قىلىشتۇر. ئەگەر يەھۇدىيلار يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلسا، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلار قايتا شاد-خۇراملىقتىن بەھرىمەن بولاتتى.
يېڭى ۋەزىيەتلەرگە ئىجابىي كۆزقاراشتا بولۇشنى ئۆگىنىڭ (11، 12-ئابزاسلارغا قاراڭ) c
11. يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان بەزى كىشىلەر بۈگۈن قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟
11 ۋەزىيىتىمىز ئۆزگەرگەندە، نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن قىيىن بولىدۇ. ئۇزۇن يىللار پۈتۈن كۈن مەخسۇس خىزمەت قىلغان بەزىلەر يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بەزىلەرگە يېشى سەۋەبلىك، ئۆزى سۆيۈپ قىلغان خىزمەتنى توختىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەندە، بىزنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىمىز نورمال ئەھۋال. دەسلەپتە بىز بۇ قارارنى تولۇق چۈشەنمەسلىكىمىز ياكى ئۇنىڭغا قوشۇلماسلىقىمىز مۇمكىن. بىز بەلكىم بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئەسلەپ، ئۈمىدسىزلىنىپ، ئەمدى ئۆزۈمىزنى يەھۋاغا پايدىسىزدەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن (پەند. نە 24:10). زەكەرىيا كۆرگەن تەسۋىرىي كۆرۈنۈش داۋاملىق قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەڭ ياخشىنى خۇداغا بېرىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12. ۋەزىيىتىمىز ئۆزگەرگەچ، ئۈمىدسىزلەنسەك، زەكەرىيا كۆرگەن كۆرۈنۈش ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 بىز ۋەزىيىتىمىزگە يەھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىغاندا، ئۆزگىرىشكە ئاسانراق ئادەتلىنەلەيمىز. ئۇ بۈگۈن ئاجايىپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ يەنە ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتداش بولۇشتەك ئالاھىدە ئىمتىيازىمىز بار (1-كورىنت. 3:9). بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىز ئۆزگۈرۈشى مۇمكىن، ئەمما يەھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۆزگەرمەيدۇ. نەتىجىدە، ئەگەر تەشكىلاتتىكى ئۆزگىرىش سىزگە شەخسەن تەسىر قىلسا، ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلاپ يۈرگەندىن كۆرە، ئۆزگىرىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرەلىشىڭىز ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىڭ (ۋەز 7:10). سىز قىلالمايدىغان ئىشلار ھەققىدە ئويلانغاندىن كۆرە، قىلالايدىغان بارلىق ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىڭ. زەكەرىيانىڭ تەسۋىرىي كۆرۈنۈشىدىن، ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىنىمىز. شۇنداق قىلساق، ۋەزىيىتىمىز ئۆزگەرگەن ھالەتتىمۇ، خۇشال-خۇراملىقىمىزنى ۋە ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.
يول-يورۇققا ئەگىشىش قىيىن بولغاندا
13. نېمە ئۈچۈن بەزى ئىسرائىللار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدىكى كۆرسەتمىنى خاتا دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن؟
13 ئىبادەتخانىنى قايتا ياساش ئىشى چەكلەنگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلەنگەن كىشىلەر باش روھانىي يەشۇئا ۋە ۋالىي زەرۇبابىل خۇدانىڭ ئۆيىنى قايتا قۇرۇشقا باشلىغان (ئەزرا 5:1، 2). بەلكىم، بەزى يەھۇدىيلار بۇ قارارنى خاتا دەپ ئويلىغان. چۈنكى، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇش ئىشىنى دۈشمەندىن يوشۇرغىلى بولماتتى، ئۇلار بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ، توسقۇنلۇق قىلاتتى. ئىككى مەسئۇلىيەتچان كىشى، يەشۇئا ۋە زەرۇبابىل يەھۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن ئىدى. قانداق؟
14. زەكەرىيا 4: 12، 14-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، باش روھانىي يەشۇئا ۋە ۋالىي زەرۇبابىل قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە ئېرىشكەن؟
14 زەكەرىيا 4:12، 14-نى ئوقۇڭ. زەكەرىيا كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈشتە، پەرىشتە خۇدانىڭ سادىق پەيغەمبىرىگە بۇ ئىككى زەيتۇن دەرىخىنىڭ «مەسىھ قىلىنغان» ئىككى كىشى، يەنى يەشۇئا ۋە زەرۇبابىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلغانىدى. شۇ پۈتۈن يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىككى كىشى ياراتقۇچى يەھۋاغا ۋەكىللىك قىلاتتى. نېمە دېگەن ئۇلۇغ شان-شەرەپ ،ھە! يەھۋا ئۇلارغا ئىشەنگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، باشقا ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارنىڭ ئېيتقان ھەرقانداق سۆزلىرىگە ۋە خۇدادىن كەلگەن يول-يورۇقلارغا ئىشىنىشىگە يېتەرلىك ئاساسى بار ئىدى. چۈنكى، خۇدا شۇ ئىككىسىنى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن.
15. يەھـۋانىڭ سـۆزىدىن كەلـگەن يـول-يورۇقـلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
15 بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا داۋاملىق ئۆز خەلقىگە يول-يورۇق بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر يولى ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتۇر. بۇ كىتابتا، ئۇ ئۆزى قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىزنى ئېيتىدۇ. بىز خۇدا سۆزىدىن كەلگەن يول-يورۇقلارنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ ئۇنى زېھىن قويۇپ ئوقۇش ۋە ئوقۇغانلارنى چۈشىنىشكە ۋاقىت چىقىرىش ئارقىلىق. ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: «مەن مۇقەددەس كىتابنى ياكى شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ يېزىلغان كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇغاندا، توختاپ، چوڭقۇر ئويلىنىمەنمۇ؟ مەن «چۈشىنىش تەس» بولغان مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق ئىزدىنىمەنمۇ ياكى كۆز يۈگۈرتۈپ مۇنداقلا ئوقۇپ قويۇمەنمۇ؟ (2-پېتر. 3:16). ئەگەر يەھۋانىڭ بىزگە بەرگەن تەلىملىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقارساق، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇپ، پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلاش خىزمىتىمىزنى ئادا قىلالايمىز.—1-تىموت. 4:15، 16.
سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلدىن كەلگەن يول-يورۇققا ئىشەنچ قىلىڭ (16-ئابزاسقا قاراڭ) d
16. بەزىدە سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلدىن كەلگەن يول-يورۇقنى تولۇق چۈشەنمىسەكمۇ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
16 يەھۋانىڭ يول-يورۇق بېرىش يولىدىن يەنە بىرى، «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» (مەتتا 24:45). بەزى ۋاقىتلاردا، بۇ قۇل بىز تولۇق چۈشەنمەيدىغان يول-يورۇقنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، رايونىمىزدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارالغان تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ئېنىق كۆرسەتمىلەر بېرىلىشى مۇمكىن. ياكى بۇ قۇل يۇقۇملۇق ۋىرۇس مەزگىلىدە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىمىز. ئەگەر بېرىلگەن يول-يورۇقلار ئەمەلىيەتچان ئەمەستەك ھېس قىلساق، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز يەشۇئا ۋە زەرۇبابىل ئارقىلىق بېرىلگەن كۆرسەتمىلەرگە ئىسرائىللار قۇلاق سېلىپ، قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاپ كۆرسەك بولىدۇ. يەنە ئوقۇغان مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا ئۈزۈندىلەر ھەققىدە ئويلانساقمۇ بولىدۇ. بەزىدە، خۇدا خەلقىگە بېرىلگەن، ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغاندەك يول-يورۇق، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.—ھاكىم. 7:7؛ 8:10.
زەكەرىيانىڭ نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى كۆرۈڭ
17. چىراغدان ۋە ئىككى زەيتۇن دەرىخىنىڭ كۆرۈنۈشى يەھۇدىيلارغا قانداق تەسىر قىلغان؟
17 بەلكىم، زەكەرىيا كۆرگەن بەشىنچى كۆرۈنۈش بەك قىسقا، ئەمما ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز خىزمەتلىرى ۋە ئىبادەتلىرىنى داۋاملىق قىزغىن داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ئىدى. ئۇلار زەكەرىيانىڭ كۆرگەنلىرىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلغاندا، يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقەتكە تولغان ياردىمى ۋە يول-يورۇقىنى ھېس قىلغان. يەھۋا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرەتلىك مۇقەددەس روھى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ۋە قايتا خۇشاللىق تېپىشىغا ياردەم بەرگەن.—ئەزرا 6:16.
18. زەكەرىيا كۆرگەن ئاجايىپ كۆرۈنۈش ھاياتىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
18 زەكەرىيا كۆرگەن چىراغدان ۋە ئىككى زەيتۇن دەرىخىنىڭ كۆرۈنۈشى ھاياتىڭىزغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بىز مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدەك، ئۇ قارشى چىققۇچىلارغا دۇچ كەلگەندە، كۈچلۈك بولۇشىڭىزغا ۋە ۋەزىيەتلىرىڭىز ئۆزگەرگەندە، خۇشاللىق تېپىشىڭىزغا، شۇنىڭدەك سىز چۈشەنمەيدىغان يول-يورۇق بېرىلگەندە، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ئىتائەتچان بولۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. ھاياتىڭىزدا قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندە، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن، زەكەرىيانىڭ كۆرگەنلىرىنى كۆرۈڭ، يەنى يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىغا قاراڭ. ئاندىن، يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىپ، پۈتۈن قەلبىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىڭ (مەتتا 22:37). ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا سىزنىڭ مەڭگۈ خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.—كولوسى. 1:10، 11.
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
a يەھۋا خۇدا زەكەرىيا پەيغەمبەرگە بىر قاتار كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسەتكەن. زەكەرىيانىڭ كۆرگەنلىرى ئۇنىڭغا شەخسەن ۋە يەھۋانىڭ خەلقىگە پاك ئىبادەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا كۈچ ئاتا قىلغان. شۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەر بىزنىڭمۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، يەھۋاغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ ماقالىدە، زەكەرىيا كۆرگەن بىر چىراغدان بىلەن زەيتۇن دەرىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كۆرۈنۈشتىن قانداق مۇھىم ساۋاقلارنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ۋالىي نەھەمىيانىڭ زامانىدا، ئارتاھشاشتا ئىسىملىك باشقا بىر ھۆكۈمران يەھۇدىيلارغا ئىنتايىن ياخشىلىق قىلغان ئىدى.