13-تەتقىق ماقالىسى
ھەقىقىي ئىبادەت خۇشاللىقىڭىزغا خۇشاللىق قوشۇلىدۇ
«يەھۋا خۇدايىمىز، سەن شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتكە لايىقدۇرسەن».—ۋەھىي. 4:11.
26-ناخشا خۇدا بىلەن يۈر
بۇ ماقالىدە a
1، 2. قاچان يەھۋا ئىبادەتلىرىمىزدىن خۇرسەن بولىدۇ؟
ئىبادەت دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا نېمىلەرنى ئويلايسىز؟ بەلكىم، بىر بۇرادەرنىڭ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كەمتەرلىك بىلەن ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭىز مۇمكىن ياكى پۈتۈن دىققىتى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتقان خۇشال بىر ئائىلە كىشىلىرىنى خىيال قىلىشىڭىز مۇمكىن.
2 ھەر ئىككى ۋەزىيەتتە، ئۇلار ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. يەھۋا ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ئەگەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماس، سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ئىبادەت قىلىنسا، ئۇ قوبۇل قىلىدۇ. بىز يەھۋانى چىن يۈرەكتىن سۆيۈمىز. بىز بىلىمىزكى، ئۇ ئىبادەتكە لايىقتۇر. ئۇنىڭ ئىبادىتىمىزنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ياخشى قىلىشنى خالايمىز.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ قەدىمقى زامانلاردا قانداق ئىبادەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىبادەتنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سەككىز تەرىپىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، ئىبادىتىمىزنىڭ سۈپىتىنى قانداق ئۆستۈرەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرسەك بولىدۇ. بىز يەنە يەھۋاغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىش نېمە ئۈچۈن بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
قەدىمقى زامانلاردا يەھۋا قوبۇل قىلغان ئىبادەت
4. ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئىلگىرىكى زامانلاردا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ يەھۋاغا بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
4 ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئىلگىرىكى زامانلاردا، ھابىل، نۇھ، ئىبراھىم ۋە ئايۇپقا ئوخشاش سادىق كىشىلەر يەھۋاغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن ئىدى. قانداق؟ ئۇلار خۇداغا ئىتائەتچان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلىغان ۋە قۇربانلىقلارنى كەلتۈرگەن. مۇقەددەس كىتابتا ئۇلارنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن. بىراق، ئېنىقكى ئۇلار يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان ھەمدە يەھۋا ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. يەھۋا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قانۇن چۈشەرگەن. بۇ بىر قاتار قانۇنلاردا، يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش توغرىسىدا كونكرېت، يەنى تەپسىلىي كۆرسەتمىلەر بېرىلگەن.
5. ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىدىن كېيىن، ھەقىقىي ئىبادەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولغان؟
5 ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىدىن كېيىن، يەھۋا ئەمدى ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشەرگەن قانۇنلارغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلمىغان (رىملىقلار 10:4). مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يېڭى قانۇن، يەنى «مەسىھنىڭ قانۇنى»غا ئەمەل قىلىشى كېرەك ئىدى (گالاتىيا. 6:2). ئۇلار بۇ «قانۇن»نى يادقا ئېلىۋېلىش ياكى ئۇزۇن بىر قائىدە-تۈزۈملەر تىزىملىكىنى تۈزۈۋېلىش ئەمەس، بەلكى ئەيسانى ئۈلگە قىلىش ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگىشىشى ئارقىلىق، مەسىھ قانۇنىغا بويسۇنالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ۋە ئۆز كۆڭلىگە «تەسەللى تېپىش» ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن مەسىھنى ئۈلگە قىلىۋاتىدۇ.—مەتتا 11:29.
6. بۇ ماقالە بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
6 ئىبادەت ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئۆزىڭىزدىن: «مەن بۇ جەھەتتە قانداق ئىلگىرىلەشلەرنى قىلدىم؟ ئىبادىتىمنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟»— دەپ سوراپ كۆرۈڭ. ھازىر قىلىۋاتقان ئىلگىرىلەشلىرىڭىز ئۈچۈن خۇشال بولۇڭ! ئەمما، تېخىمۇ ياخشىراق قىلالىشىڭىز ئۈچۈن، يەنە نېمىلەرنى قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە يەھۋادىن ياردەم سوراڭ.
ئىبادەتلىرىمىز نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
7. چىن دىلىمىزدىن قىلغان دۇئاغا، يەھۋا قانداق كۆزقاراشتا؟
7 يەھۋاغا دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىمىز. مۇقەددەس كىتابتا دۇئالىرىمىز بولسا چېدىردا ۋە كېيىنرەك ئىبادەتخانىدا كۆيدۈرۈلىدىغان كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان خۇشبۇي ئىسرىق بىلەن سېلىشتۇرۇلغان (زەبۇر 141 :2). شۇ ئىسرىقلار خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشپۇراقنى چىقارغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنتايىن ئاددىي سۆزلەرنى ئىشلەتسەكمۇ، چىن دىلىمىزدىن چىققان دۇئالار ئۇنى خۇرسەن قىلىدۇ (پەند. نە 15:8؛ تەكرار. قا 33:10). يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى مەمنۇن قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزگە يېتەرلىك ئاساسىمىز بار. ئۇ غەم-ئەندىشىلىرىمىز، ئۈمۈت-ئىستەكلىرىمىز ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ھەققىدە ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىشىمىزنى خالايدۇ. دۇئادا يەھۋاغا يېقىنلىشىشتىن ئىلگىرى، نېمە دېيىش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا ئەڭ ياخشى خۇشبۇي ئىسرىقنى سۇنىسىز.
8. خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان قانداق ياخشى پۇرسىتىمىز بار؟
8 بىز يەھۋانى مەدھىيىلىگەندە، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىمىز (زەبۇر 34:1). بىز يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە ياراتمىلىرىدىن سۆيىنىدىغانلىقىمىزنى باشقىلارغا ئېيتىش ئارقىلىق، ئۇنى مەدھىيىلەيمىز. ئۇنىڭغا مىننەتدار بولساق چىن دىلىمىزدىن مەدھىيىلەر ئېيتىمىز. يەھۋانىڭ ياخشىلىقى، يەنى ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقارساق، ئۇنى مەدھىيىلەشكە سەۋەبلىرىمىز ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدۇ. ۋەز ئېيتىش خىزمىتى خۇداغا مەدھىيە قۇربانلىقى، يەنى لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى سۇنۇشنىڭ ئالاھىدە پۇرسىتى (ئىبرانىي. 13:15). دۇئادا يەھۋاغا يېقىنلىشىشتىن بۇرۇن، نېمە دېيىش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەك بولغاندەك، بىز خىزمىتىمىزدە ئۇچراتقان كىشىلەرگە نېمە دېيىش ھەققىدە ھەم ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەك. بىز «مەدھىيە قۇربانلىقى» نىڭ ئەڭ ياخشى بولۇشىنى خالايمىز. شۇ سەۋەبتىن، قىزغىنلىق بىلەن باشقىلارغا ۋەز قىلىمىز.
9. قەدىمقى ئىسرائىللارغا ئوخشاش، بىز ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلىپ جەم بولساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟ شەخسىي تەجرىبىلىرىڭىزنى مىسال كەلتۈرۈڭ.
9 بىز يىغىلىشلارغا قاتناشقاندا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز. قەدىمقى ئىسرائىللارغا مۇنداق بۇيرۇق بېرىلگەن: «يىلدا ئۈچ قېتىم، پېتىر نان ھېيتى، ھەپتىلەر ھېيتى ۋە كەپىلەر ھېيتىدا سېنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ... ھازىر بولۇشى كېرەك» (تەكرار. قا 16:16). ئۇلار ئۆيلىرى ۋە ئېتىزلىقتىكى زىرائەتلىرىنى ھىمايىسىز تاشلاپ قويۇپ كېتىشى كېرەكتى. ئەمما، يەھۋا ئۇلارغا: «خۇدايىڭلار يەھۋانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن كەتكىنىڭلاردا، ھېچكىم زېمىنىڭلارغا كۆز تىكمەيدۇ»،— دەپ ۋەدە بەرگەن (چىق. 34:24). يەھۋاغا تولۇق ئىشەنچ قىلىپ، خۇدادىن ئەيمىنىدىغان ئەشۇ ئىسرائىللار ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بايراملارغا قاتنىشاتتى. نەتىجىدە، ئۇلار مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشەتتى؛ خۇدانىڭ قانۇنى ھەققىدىكى بىلىمى ئاشاتتى، ئۇنىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىناتتى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ شاد-خۇراملىققا چۆمۈشەتتى (تەكرار. قا 16:15). بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بەرگىنىمىزدە، بىز شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز. ئويلاپ كۆرۈڭا: يىغىلىشلارغا قىسقىچە، ئەھمىيەتلىك ئوي-پىكىرلەرنى تەييارلاپ كەلسەك، يەھۋا قانچىلىك خۇشال بولۇپ كېتەر-ھە!
10. نېمە ئۈچۈن مەدھىيە ناخشلىرىنى ئېيتىش ئىبادىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى؟
10 قرىنداشلارغا قوشۇلۇپ ناخشا ئېيتقاندا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز (زەبۇر 28 :7). ئىسرائىللار ناخشا ئېيتىشنى ئىبادەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى دەپ قارىغان ئىدى. پادىشاھ داۋۇت 288 لاۋىيلارنى ئىبادەتخانىدا ناخشىچى بولۇشقا تەيىنلىگەن (1-تارىخ. 25:1، 6–8). بۈگۈنكى كۈندە، بىز مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندا، خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ناخشىچى بولۇشىمىز ھاجەتسىز. بۇ سېلىشتۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى: بىز سۆز قىلغاندا، ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز، ئەمما بۇ بىزنى جامائەت ۋە ۋەز خىزمەتتە سۆزلەشتىن توسۇپ قويمايدۇ (ياقۇپ 3:2). شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەتتا ناخشا ئېيتقاندا ئاۋازىمىز ياخشى بولمىسىمۇ، يەنىلا يەھۋاغا مەدھىيىلەپ ناخشا ئېيتىشىمىز لازىم
11. زەبۇر 48:13-ئايەتتە تەسۋىرلەنگەندەك، نېمە ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك؟
11 بىز ياراتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى تەتقىق قىلغاندا ۋە ئۇ ھەققىدە بالىلىرىمىزغا ئۆگەتكەندە، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز. شاببات، يەنى دەم ئېلىش كۈنى ئىسرائىللارغا كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى (چىق. 31:16، 17). ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سادىق كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا ئۆگەتكەن. بىز يالغۇز ئولتۇرۇپ، خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ يەھۋاغا قىلغان ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسىمى ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 73 :28). بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە ئۈگەنگەندە، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاسماندىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىمىز بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز.—زەبۇر 48:13-نى ئوقۇڭ.
12. ئىبادەت چېدىرىنىڭ سايمانلىرىنى ياسىغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىغا يەھۋا قانداق قارىغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
12 بىز ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنى سېلىش ۋە ئاسراشقا قاتناشقاندا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز. مۇقەددەس كىتابتا، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى ياساش خىزمىتىنىڭ «مۇقەددەس خىزمەت» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان (چىق. 36:1، 4). يەھۋا بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئىبادەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىنالار ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنى سېلىش ئىشلىرىنى ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارايدۇ. بەزى قېرىنداشلار بۇ ئىشلار ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ. بىز پادىشاھلىق خىزمىتىگە قوشقان بۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قەدىرلىمەيمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇلار يەنە ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولىدۇ. جامائەت ئاقساقاللىرى بۇ تىرىشچان ئەر ۋە ئايال قېرىنداشلار لاياقەتلىك بولغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇلارنى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا تەيىنلەپ، قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتەلەيدۇ. مەيلى بىز قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ماھىر بولايلى ياكى بولمايلى، ھەممىمىز ئىمارەتلەرنى تازىلاش ياكى ۋە ياخشى ئاسراش ساقلاش ئىشلىرىغا قاتنىشالايمىز.
13. پادىشاھلىق خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن قىلغان ئىئانىمىزگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟
13 ئىئانىلىرىمىز بىلەن پادىشاھلىق خىزمىتىنى قوللىغاندا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز. ئىسرائىللار بايراملارغا قاتناشقاندا، يەھۋاغا سوۋغاتلارنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك ئىدى (تەكرار. قا 16:16). ئۇلار ئۆز ھەل-ئەھۋالىغا قاراپ، ماددىي نەرسىنى سوۋغاتقا ئېلىپ كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغانلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرەتتى. بىز يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق ئىپادىلەيمىز؟ بۇنىڭ بىر يولى، قولىمىزدىن كەلگىنىچە يەرلىك جامائەتكە ۋە شارائىتىمىزغا قاراپ دۇنيا يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش. ئەلچى پاۋلۇس بۇ ھەققىدە: «كىشى چىن دىلىدىن بېرىشنى خالىسا، بەرگەنلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئىنساندىن ئۆزىدە يوق نەرسىنى ئەمەس، بار نەرسىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ»،— دېگەن ئىدى (2-كورىنت. 8:4، 12). گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، چىن كۆڭلىمىزدىن بەرگەن ئىئانىلىرى ئۈچۈن، يەھۋا تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ.—ماركۇس 12:42–44؛ 2-كورىنت. 9:7.
14. پەندى-نەسىھەت 19:17-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋا مۇھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان ياردىمىمىزگە قانداق قارايدۇ؟
14 بىز مۇھتاجلىقى بار ئېتىقادچىلارغا ياردەم بەرگەندە، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمىز. يەھۋا نامراتلارغا سېخىيلىق بىلەن بەرگەن ئىسرائىللارغا ئۆزى قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى (تەكرار. قا 15:7، 10). شۇنداق، ھەر قېتىم مۇھتاجلىقى بار قېرىنداشلارغا ياردەم بەرسەك، يەھۋا ئۇنى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ھەدىيە دەپ قارايدۇ (پەندى-نەسىھەت 19:17-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، فىلىپى شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار زىنداندىكى پاۋلۇسغا سوغات ئەۋەتكەندە، ئۇ: «بۇ ئەۋەتكىنىڭلار خۇدا خۇرسەنلىك بىلەن قوبۇل قىلدىغان خۇش پۇراقلىق بىر قۇربانلىقتۇر»،— دەپ ئېيتقان ئىدى (فىلىپى. 4:18). جامائىتىڭىزدىكى قېرىنداشلار ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «مەن كىمگە ياردەم قىلالايمەن؟» دەپ سوراپ بېقىڭ. ۋاقتىمىز، قابىلىيىتىمىز ۋە مال-مۈلكىمىزنى مۇھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلەتكىنىمىزنى كۆرگەندە، يەھۋا خۇشال بولىدۇ. ئۇ بۇنى ئىبادەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ.—ياقۇپ 1:27.
ھەق ئىبادەت بىزنى خۇشال قىلىدۇ
15. ھەق ئىبادەت ۋاقىت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن ئېغىر يۈك ئەمەس؟
15 ھەق ئىبادەت ۋاقىت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئېغىر يۈك ئەمەس (يۇھاننا 1-خ. 5:3). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز يەھۋانى سۆيگەچ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىمىز. دادىسىغا بىر نەرسە بەرمەكچى بولغان كىچىك بالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۇ رەسىم سىزىش ئۈچۈن بىرنەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئوغۇل ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان ۋاقتىنى ئىسراپچىلىق دەپ قارىمايدۇ. ئۇ دادىسىنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇ سوۋغاتنى بېرەلىگەنلىكىدىن خۇشال بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋانى سۆيگەنلىكىمىز سەۋەبلىك، بىز ئۇنىڭغا ھەق ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ چىقارغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز.
16. ئىبرانىيلار 6:10-ئايەتكە ئاساسەن، يەھۋا ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىڭىزغا قانداق قارايدۇ؟
16 مېھرىبان ئاتا-ئانىلار ھەر بىر بالىسىدىن ئوخشاش سوۋغاتقا ئېرىشىشنى كۈتمەيدۇ. ئۇلار ھەر بىر بالا بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدىغانلىقى ۋە قابىلىيەتلىرىنىڭمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئاسماندىكى ئاتىمىز ھەربىرىمىزنىڭ شەخسىي ئەھۋالىنى چۈشىنىدۇ. بەلكىم، سىز ئۆزىڭىز تونۇيدىغان ۋە ياقتۇرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ ئىشلارنى قىلالىشىڭىز مۇمكىن. ياكى يېشىڭىز، سالامەتلىكىڭىز ۋە ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىڭىز سەۋەبلىك، سىز باشقىلار قىلغاندەك كۆپرەك قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. يەھۋا سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ (گالاتىيا. 6:4). سىز توغرا نىيەت-مەقسەت بىلەن، قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە ئەڭ ياخشىنى بەرسىڭىزلا، ئۇ خۇشال بولىدۇ (ئىبرانىيلار 6:10-نى ئوقۇڭ). يەھۋا ھەتتا قەلبىڭىزدىكى نىيەتلىرىڭىزنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە قىلالغانلىقىڭىزدىن مەمنۇن بولۇشىڭىزنى خالايدۇ.
17. (1) ئەگەر ئىبادەتلىرىمىزنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى قىيىن دەپ قارىساق، نېمىلەرنى قىلساق بولىدۇ؟ (2) « خۇشاللىقىڭىزغا خۇشاللىق قوشۇڭ» دېگەن رامكىدا كۆرسىتىلگەن ھەق ئىبادەتنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدىن قايسى بىرى سىزگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
17 ئەگەر مۇھاكىمە قىلغان ئىبادەت پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بەزى تەرەپلىرى، مەسىلەن شەخسىي تەتقىق ياكى ۋەز خىزمەتكە چىقىش بىزگە قىيىن تۇيۇلسا، نېمە قىلساق بولىدۇ؟ بىز بۇ پائالىيەتلەر بىلەن قانچە كۆپ شۇغۇللانساق، ئۇلاردىن شۇنچە خۇشاللىق تاپىدىغانلىقىمىز ۋە پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى بايقىشىمىز مۇمكىن. بىز ئىبادەتلىرىمىزنى، مەسىلەن بىر خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ياكى مۇزىكا ئەسۋاۋىنى چېلىشنى مەشىق قىلىشقا ئوخشاش بەزى ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن سېلىشتۇرساق بولىدۇ. ئەگەر بىز ئاندا-ساندا قىلساق، ئانچە چوڭ ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما، ئۇنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇردۇق دەپ پەرەز قىلايلى. بىز دەسلەپتە مەشىق قىلىش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت چىقىرىشىمىز ۋە ئاستا-ئاستا ۋاقىتنى ئۇزارتىشىمىز مۇمكىن. تىرىشچانلىقىمىز ياخشى نەتىجە بەرگەنلىكىنى كۆرگەنسېرى، ھەر كۈنى مەشىق قىلىدىغان شۇ ۋاقىتنى تەقەزالىق بىلەن كۈتىمىز ۋە شۇ پەيتنى خۇشال ئۆتكۈزىمىز. بىز بۇنى ئىبادەتلىرىمىزدە قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
18. ھاياتىمىزدا بىز قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش نېمە؟ ئۇنى قىلساق نەتىجىدە نېمە بولىدۇ؟
18 ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش چىن قەلبىمىزدىن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتۇر. بىز بۇنداق قىلساق، شاد-خۇرام، ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرىمىز ۋە يەھۋاغا مەڭگۈ ئىبادەت قىلىش ئۈمىدىگە ئېرىشىمىز (پەند. نە 10:22). بىز ئاللىقاچان كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشتۇق، چۈنكى بىز يەھۋانىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز (يەشايا 41:9، 10). ھەقىقەتەن، شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىق سۆيۈملۈك ئاتىمىزغا ئىبادەت قىلغاندا، خۇشال بولۇشىمىز ئۈچۈن تۈرلۈك سەۋەبلەر بار!—ۋەھىي. 4:11.
16-ناخشا قېچىپ بار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا!
a يەھۋا ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، پرىنسىپلىرىغا ماس ياشىغان ۋاقتىمىزدىلا، ئۇ ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ. ھازىر، بىز ئىبادەتنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سەككىز تەرىپىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. مۇشۇ تەرەپلەردە تېخىمۇ ياخشىراق قىلالىشىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىمىزغا قانداق خۇشاللىق قوشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.