مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

14-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار

ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار

‏«سىلە‌رمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏1‏.‏

31-‏ناخشا بىز —‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قېرىنداشلىرىغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ھارماي-‏تالماي ئىشلىگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏31‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ قېرىنداشلار پاۋلۇ‌سنى بە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن.‏ بىر قېتىم ئە‌فە‌س شە‌ھىرىدىكى ئاقساقاللار ئۇ‌نى قايتا كۆرە‌لمە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ كۆز يېشى قىلىشقان ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏37‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ ساداقە‌تمە‌ن ئاقساقاللىرىمىزمۇ قېرىنداشلىرىنى سۆيىدۇ ۋە ئۇ‌لارغا ياردە‌م قىلىشتىن كۈچىنى ئايىمايدۇ (‏فىلىپى.‏ 2:‏16،‏ 17‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ياشانغانلار بە‌زىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

2 تىرىشچان ئاقساقاللىرىمىز ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلسا بولىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏1‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ پە‌رىشتىلە‌ردە‌ك قابىلىيىتى يوق ئىدى.‏ پاۋلۇ‌س نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌پ،‏ بە‌زىدە توغرا ئىش قىلىشتا قىينالغان (‏رىملىقلار 7:‏18–‏20‏)‏.‏ ئۇ ھە‌رخىل قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىدى.‏ بىراق پاۋلۇ‌س قېرىنداشلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمە‌ت قىلىپ،‏ خۇ‌شاللىقىنى يوقاتمىغان.‏ پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق،‏ ئاقساقاللار ھە‌تتا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندىمۇ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رالايدۇ.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايدۇ؟‏ ھازىر بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏ يە‌نە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە ئاقساقاللار دائىم دۇ‌چ كېلىدىغان تۆرت قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ چىقىمىز:‏ (‏1)‏ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتى بىلە‌ن باشقا مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى تە‌ڭپۇ‌ڭلاشتۇ‌رۇ‌ش،‏ (‏2)‏ كۆيۈمچان پادىچى بولۇ‌ش،‏ (‏3)‏ ئۆز ئاجىزلىقلىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش ۋە (‏4)‏ باشقا نامۇ‌كە‌ممە‌ل كىشىلە‌ر بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىش.‏ بىز پاۋلۇ‌سنىڭ ھە‌ربىر قىيىنچىلىقنى قانداق يە‌ڭگە‌نلىكى ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقىمىز.‏

ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتى بىلە‌ن باشقا مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى تە‌ڭپۇ‌ڭلاشتۇ‌رۇ‌ش

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللارنىڭ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىدە باشلامچى بولۇ‌شى قىيىن بولىدۇ؟‏

4 بۇ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئاقساقاللارنىڭ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىدە باشلامچى بولۇ‌شتىنمۇ باشقا نۇ‌رغۇ‌ن مە‌سئۇ‌لىيىتى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپىنچە ئاقساقاللار نۆۋە‌ت بىلە‌ن ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشلارغا رىياسە‌تچىلىك قىلىدۇ ۋە جامائە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتىنى ئۆتكۈزىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ باشقا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىش ۋە‌زىپىلىرى بار.‏ ئۇ‌لار قىزغىنلىق بىلە‌ن ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رنى تە‌ربىيىلە‌يدۇ ۋە قېرىنداشلارغا تە‌سە‌للى بېرىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏2‏)‏.‏ بە‌زى ئاقساقاللار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان يىغىلىش زاللىرىنى سېلىش ۋە باشقا ئىمارە‌تلە‌رنى ئاسراپ ساقلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ جامائە‌تنىڭ باشقا ئە‌زالىرىغا ئوخشاش،‏ ئاقساقاللارنىڭ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىم خىزمىتى —‏ ۋە‌ز ئېيتىش.‏—‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏.‏

5.‏ پاۋلۇ‌س ۋە‌ز ئېيتىشتا قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

5 پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇ‌چىنى فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏10-‏ئايە‌تتە تىلغا ئېلىپ،‏ بىزنى نېمە ئىشنىڭ بە‌كرە‌ك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزىگە ئە‌مە‌ل قىلغان ئىدى.‏ ئۇ ۋە‌ز خىزمىتىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن بولۇ‌پ،‏ نە‌چچە ئون يىللار ھاياتىدا ۋە‌ز خىزمىتىنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويغان.‏ ئۇ ئاممىۋىي سورۇ‌نلاردا ۋە ئۆيمۇ ئۆي خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتقان (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏20‏)‏.‏ ئۇ ۋە‌ز خىزمىتىنى بىر كۈن ئىچىدە مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىت ياكى ھە‌پتىنىڭ مە‌لۇ‌م بىر كۈنى بىلە‌نلا چە‌كلە‌پ قويمىغان.‏ ئۇ بارلىق پۇ‌رسە‌تلە‌ردىن پايدىلىنىپ،‏ ۋە‌ز قىلغان ئىدى!‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئافىنادا ھە‌مراھلىرىنى ساقلاۋاتقاندا،‏ پە‌رقلىق كىشىلە‌ر توپىغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزگە‌ن ۋە بە‌زى كىشىلە‌ر ياخشى ئىنكاس قايتۇ‌رغان (‏ئە‌لچى.‏ 17:‏16،‏ 17،‏ 34‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س ھە‌تتا ئۆيىدە مە‌ھبۇ‌س بولۇ‌پ،‏ نازارە‌ت ئاستىدا تۇ‌رغاندىمۇ،‏ ئە‌تراپىدىكى كىشىلە‌رگە ۋە‌ز قىلغان.‏—‏فىلىپى.‏ 1:‏13،‏ 14؛‏ ئە‌لچى.‏ 28:‏16–‏24‏.‏

6.‏ پاۋلۇ‌س باشقىلارغا نېمىنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

6 پاۋلۇ‌س ئۆز ۋاقتىدىن ئە‌ڭ ياخشى پايدىلانغان.‏ ئۇ دائىم باشقىلارنى ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ تۇ‌نجى قېتىملىق ۋە‌ز ئېيتىش سە‌پىرىدە ماركۇ‌سنى،‏ ئىككىنچى قېتىملىق سە‌پىرىدە تىموتىينى ئۆزى بىلە‌ن ئېلىۋالغان (‏ئە‌لچى.‏ 12:‏25؛‏ 16:‏1–‏4‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ پاۋلۇ‌س بۇ كىشىلە‌رگە جامائە‌تنى قانداق تە‌شكىللە‌ش،‏ پادىچىلىق خىزمىتىنى قانداق قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك تە‌لىم بە‌رگۈچى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏17‏.‏

پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىپ،‏ گۇ‌ۋاھلىق بېرىشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار بولۇ‌ڭ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

7.‏ ئاقساقاللار ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏14،‏ 15-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە قانداق ئە‌مە‌ل قىلالايدۇ؟‏

7 ئاقساقاللار پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ ئاقساقاللار ئۆيمۇ ئۆي ۋە‌ز ئېيتىشتىلا ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە ھە‌رقانداق جاي ۋە ۋاقىتتا گۇ‌ۋاھلىق بېرىشكە تە‌ييار بولۇ‌شتا پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلالايدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏14،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار مال سېتىۋالغاندا ياكى خىزمە‌ت ئورنىدا گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ياكى ئىبادە‌ت زاللىرى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتناشقاندا،‏ ئە‌تراپتا ياشايدىغان قوشنىلارغا ۋە ئۆزلىرىگە مال ساتقۇ‌چىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتسا بولىدۇ.‏ پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ ئاقساقاللار ۋە‌ز خىزمىتىگە چىققاندا،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ۋە باشقا قېرىنداشلارنى ئۆگىتە‌لە‌يدۇ.‏

8.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ ئاقساقال نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

8 ئاقساقاللار جامائە‌ت ياكى رايوندىكى ۋە‌زىپىلىرى بىلە‌ن بە‌ك ئالدىراش بولۇ‌پ كېتىپ،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە ۋاقىت چىقىرالماي قېلىشتىن قە‌تئىي ساقلىنىشى كېرە‌ك.‏ تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلاش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار گاھىدا بە‌زى تاپشۇ‌رۇ‌قلارغا «ياق» دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ دۇ‌ئا قىلىپ ئويلانغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئە‌گە‌ر شۇ تاپشۇ‌رۇ‌قنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ مۇ‌ھىمراق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى بولماي قالىدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق ئىشلار ھە‌ر ھە‌پتىدىكى ئائىلىۋى ئىبادە‌ت،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە تولۇ‌ق قاتنىشىش ياكى بالىلىرىنى ۋە‌ز خىزمە‌تتە تە‌ربىيىلە‌شنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن كۆپرە‌ك ئىمتىيازنى قوبۇ‌ل قىلىشتىن ۋاز كېچىش تە‌سكە توختايدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار شۇ‌نىڭغا ئىشىنىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممە ئىشتا تە‌ڭپۇ‌ڭ بولۇ‌ش ئارزۇ‌سىنى چۈشىنىدۇ.‏

كۆيۈمچان پادىچى بولۇ‌ش

9.‏ ئالدىراش ياشانغانلار قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏

9 بۇ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى نۇ‌رغۇ‌ن سىناقلارنى باشتىن كە‌چۈرىدۇ.‏ بۇ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ھە‌ممىمىز ئىلھام-‏مە‌دە‌ت،‏ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ۋە تە‌سە‌للىگە مۇ‌ھتاج.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا خاتا ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏14‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بارلىق سىناقلارنى يوق قىلالمايدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئاقساقاللارنىڭ ئۆز قويلىرىغا تە‌سە‌للى بېرىش ۋە ئۇ‌لارنى ھىمايە قىلىشتا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى خالايدۇ.‏ ئاللىقاچان ئالدىراش بولۇ‌ۋاتقان ئاقساقاللار ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج قېرىنداشلار ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

باشقىلارنى ماختاپ،‏ ئۇ‌لارنى رىغبە‌تلە‌ندۈرۈڭ (‏10 ۋە 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

10.‏ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە قانداق كۆڭۈل بۆلگە‌ن ئىدى؟‏

10 پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى.‏ پاۋلۇ‌س قېرىنداشلىرىنى ماختاش ۋە ئۇ‌لارنى رىغبە‌تلە‌ندۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگە‌ن ئىدى.‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە مۇ‌لايىملىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىش ئارقىلىق پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلالايدۇ ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌س قېرىنداشلىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏2-‏كورىنت.‏ 2:‏4؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 2:‏4،‏ 5‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س جامائە‌تتىكىلە‌رگە دوستلىرىدە‌ك مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ قورقۇ‌نچى ۋە ئاجىزلىقى ھە‌ققىدە ئوچۇ‌ق سۆزلە‌ش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏2-‏كورىنت.‏ 7:‏5؛‏ 1-‏تىموت.‏ 1:‏15‏)‏.‏ ئە‌مما ئۇ دىققىتىنى ئۆز قىيىنچىلىقلىرىغا قاراتمىغان،‏ ئە‌كسىنچە قېرىنداشلىرىغا ياردە‌م قىلىشنى خالىغان ئىدى.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن پاۋلۇ‌س قېرىنداشلىرىغا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏

11 بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ قېرىنداشلىرىغا نە‌سىھە‌ت بېرىشىگە توغرا كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌مما ئۇ رە‌نجىگە‌نلىكىنى ئىپادىلە‌ش ئۈچۈن بۇ‌نداق قىلمىغان.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكى ۋە ئۇ‌لارنى تۈرلۈك خە‌تە‌رلە‌ردىن قوغدىماقچى بولغىنى ئۈچۈن نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتىنىڭ چۈشىنىشكە ئاسان بولۇ‌شىنى ۋە ئاڭلىغۇ‌چىلارنىڭ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشىنى خالىغان ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كورىنتلىقلارغا يازغان خېتىدە،‏ پاۋلۇ‌س قاتتىق نە‌سىھە‌ت قىلغان.‏ ئۇ خە‌تنى يازغاندىن كېيىن،‏ تىتۇ‌سنى ئۇ‌لارغا ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنىڭ خە‌تكە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقىنى بىلىشكە ئىنتىزار بولغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي قوللانغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ كۆڭلى قانچىلىك خۇ‌شال بولغاندۇ-‏ھە!‏—‏2-‏كورىنت.‏ 7:‏6،‏ 7‏.‏

12.‏ ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى قانداق كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 ئاقساقاللار پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلە‌ن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلالايدۇ.‏ بۇ‌نى قىلىشنىڭ بىر يولى،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بالدۇ‌رراق كېلىپ،‏ باشقىلار بىلە‌ن ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغان ماۋزۇ‌لاردا پاراڭلىشىش.‏ بە‌زىدە ئىلھامغا مۇ‌ھتاج قېرىنداشلارغا كۆيۈنۈپ،‏ ئۇ‌لارنى رىغبە‌تلە‌ندۈرۈش ئۈچۈن بىر نە‌چچە مىنۇ‌تلا ۋاقىت كېتىدۇ (‏رىملىقلار 1:‏12؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 5:‏16‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلغان ئاقساقاللار خۇ‌دا سۆزىدىن پايدىلىنىپ،‏ قېرىنداشلىرىغا تە‌سە‌للى بېرىدۇ ۋە خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلارنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنى ماختاش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت ئىزدە‌يدۇ.‏ چوقۇ‌م ئاقساقال نە‌سىھە‌ت بېرىش زۆرۈر بولغاندا،‏ ئۇ خۇ‌دا سۆزىگە ئاساسلىنىپ نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ.‏ ئۇ ئوچۇ‌ق،‏ ئە‌مما مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ چۈنكى ئۇ نە‌سىھە‌ت سۆزىنى قېرىنداشنىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىنى خالايدۇ.‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏1‏.‏

ئۆز ئاجىزلىقلىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش

13.‏ ئاقساقالغا ئۆز ئاجىزلىقلىرى قانداق تە‌سىر قىلالايدۇ؟‏

13 بۇ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئاقساقاللار مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ (‏رىملىقلار 3:‏23‏)‏.‏ بە‌زىدە ئۆزىنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىگە تە‌ڭپۇ‌ڭ قاراشتا بولۇ‌ش،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌ددىدىن زىيادە ئۆزىنىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە دىققە‌ت قارىتىپ،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.‏ باشقىلار بە‌لكىم،‏ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئانچە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س دە‌پ قاراپ،‏ زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلمايدۇ.‏

14.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ كە‌متە‌رلىك پاۋلۇ‌سنىڭ ئۆز ئاجىزلىقلىرىغا توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

14 پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا ئۆزى تاقابىل تۇ‌رالمايدىغانلىقىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئۇ خۇ‌دا تە‌مىنلە‌پ بېرە‌لە‌يدىغان كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە مۇ‌ھتاج ئىدى.‏ ئىلگىرى،‏ پاۋلۇ‌س قىزغىنلىق بىلە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە زىيانكە‌شلىك قىلغان ئىدى.‏ بىراق كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ ئۆز كۆزقارىشى ۋە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى ئۆزگە‌رتىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلغان (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏12–‏16‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن پاۋلۇ‌س مېھرىبان،‏ كۆيۈمچان،‏ كە‌متە‌ر ئاقساقالغا ئايلانغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ئاشۇ ئاجىزلىقلىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئويلاشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئىشە‌نچ قىلىشنى تاللىغان (‏رىملىقلار 7:‏21–‏25‏)‏.‏ ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس مىجە‌ز-‏خۇ‌لقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشقان ۋە كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنىپ خىزمىتىنى تاماملىغان ئىدى.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏27؛‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئۆز ئاجىزلىقلىرىڭىزنى يېڭىشكە تىرىشىڭ (‏14،‏ 15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

15.‏ ئاقساقاللار ئۆز ئاجىزلىقلىرىغا قانداق تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

15 ئاقساقاللار پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ ئۇ‌لار مۇ‌كە‌ممە‌ل بولغىنى ئۈچۈن،‏ ئاقساقال بولۇ‌شقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس مىجە‌ز-‏خۇ‌لقنى يېتىلدۈرۈشىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏23،‏ 24‏)‏.‏ ئاقساقال ئۆزىنى خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ئاساسە‌ن تە‌كشۈرۈپ،‏ زۆرۈر بولغان ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئاندىن يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ شاد-‏خۇ‌رام ۋە ياخشى ئاقساقال بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏25‏.‏

باشقا نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىش

16.‏ ئە‌گە‌ر بىر ئاقساقال دىققىتىنى باشقىلارنىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە قاراتسا،‏ نېمە ئىش يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن؟‏

16 بۇ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئاقساقاللار جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن يېقىن ھە‌مكارلاشقانلىقى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنىڭ كە‌مچىلىكلىرىنى بايقىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما ئېھتىيات قىلمىسا،‏ ئاقساقاللار تېرىككە‌ك،‏ قوپال ياكى تېزلا ھۆكۈم چىقىرىدىغان بولۇ‌پ كېتىدۇ.‏ پاۋلۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ شە‌يتان ئۇ‌لارنىڭ بۇ‌نداق قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 2:‏10،‏ 11‏.‏

17.‏ پاۋلۇ‌س قېرىنداشلىرىغا قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟‏

17 پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى.‏ ئۇ قېرىنداشلىرىغا ئىجابىي كۆزقاراشتا بولغان ئىدى.‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۇ‌بدان بىلە‌تتى،‏ چۈنكى بە‌زى ۋاقىتلاردا ئۇ‌لارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ كۆڭلىگە ئازار بە‌رگە‌ن.‏ قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ پاۋلۇ‌س يامان ئىللە‌تلە‌ر بىلە‌ن ناچار كىشىلە‌رنىڭ پە‌رقىنى بىلە‌تتى.‏ ئۇ قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرگە‌ن ۋە دىققىتىنى ئۇ‌لارنىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىگە قاراتقان.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلىرى توغرا ئىش قىلىشتا قىينىلىۋاتقان بولسا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ توغرا ئىش قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھە‌مدە ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رسە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلانغان.‏

18.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئېۋودىيا بىلە‌ن سىنتىھىياگە بە‌رگە‌ن ياردىمىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏1–‏3‏)‏

18 مە‌سىلە‌ن،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ فىلىپى شە‌ھىرىدىكى جامائە‌تتىكى ئىككى ئايال قېرىنداشلارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏1–‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئېۋودىيا ۋە سىنتىھىيا ئارىسىدا زىددىيە‌ت پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ دوستلىقى بۇ‌زۇ‌لغان ئىدى.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا قوپال تە‌گمىگە‌ن ياكى تېزلا ھۆكۈم چىقارمىغان.‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌زۇ‌ن يىللار يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلغان قېرىنداشلار ئىدى.‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ پاۋلۇ‌س بۇ قېرىنداشلارغا ئىجابىي كۆزقاراشتا بولغاچ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى سوغاقچىلىقنى ھە‌ل قىلىپ،‏ ئىناقلىقنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ ئۇ قېرىنداشلارنىڭ ياخشى سۈپە‌تلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رغاچ،‏ خۇ‌شاللىقىنى ساقلاپ،‏ شۇ جامائە‌تتىكى ئېتىقادچىلار بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان.‏

باشقىلارنى ھۆكۈم قىلماسلىققا تىرىشىڭ (‏19-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

19.‏ (‏1)‏ ئاقساقاللار قېرىنداشلىرىنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ (‏2)‏ رە‌سىمدىكى ئاقساقالنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشى زالىنى تازىلاۋاتقىنىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

19 ئاقساقاللار پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ ئاقساقاللار،‏ قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭلار.‏ ھە‌ممە ئادە‌م نامۇ‌كە‌ممە‌ل؛‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ھە‌ربىرىمىزنىڭ باشقىلار ياقتۇ‌رىدىغان ياخشى سۈپە‌تلىرى بار (‏فىلىپى.‏ 2:‏3‏)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ئاقساقاللار ئارىلاپ-‏ئارىلاپ قېرىنداشلىرىغا نە‌سىھە‌ت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.‏ ئە‌مما پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ ئاقساقاللار دىققىتىنى باشقىلارنىڭ تېرىكتۈرىدىغان سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىگە قارىتىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار شۇ كىشىنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى،‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشتىكى چىدامچانلىقى ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش يوشۇ‌رۇ‌ن كۈچىنىڭ بارلىقى ھە‌ققىدە ئويلىشى كېرە‌ك.‏ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىدىغان ئاقساقاللار جامائە‌تتە قىزغىن ۋە يېقىملىق كە‌يپىياتنى يارىتىدۇ.‏

داۋاملىق پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار

20.‏ ئاقساقاللار پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىشتىن داۋاملىق قانداق پايدا ئالالايدۇ؟‏

20 ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسىنى تە‌تقىق قىلساڭلار،‏ كۆپ پايدىلىق نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يسىلە‌ر.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى كۆرسە‌تكۈچىدىن» «پاۋلۇ‌س» دېگە‌ن باش ماۋزۇ ئاستىدىكى «ئاقساقاللارنىڭ ئۈلگىسى» دېگە‌ن كىچىك ماۋزۇ‌غا قارىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ يە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ن بە‌زى ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌غىنىڭىزدا،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى ئاقساقاللىق مە‌سئۇ‌لىيتىمنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئادا قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏»‏

21.‏ ئاقساقاللار نېمىگە ئىشە‌نسە بولىدۇ؟‏

21 ئاقساقاللار،‏ ئېسىڭلاردا بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا سىلە‌ردىن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ؛‏ ئۇ سىلە‌ردىن سادىق بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏2‏)‏.‏ ئۇ پاۋلۇ‌سنىڭ جاپالىق ئە‌مگىكى ۋە ساداقە‌تمە‌نلىكىدىن مە‌منۇ‌ن بولغان.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭلاركى،‏ خۇ‌دا سىلە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلاردىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏ يە‌ھۋا «سىلە‌رنىڭ ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىشىلە‌رگە خىزمە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمى ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭلار ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ».‏—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10‏.‏

20-‏ناخشا يىغىلىشلىرىمىزغا بە‌رىكە‌ت بە‌ر

a كۆيۈمچان،‏ مۇ‌لايىم ئاقساقاللارنىڭ ئە‌جىر-‏مېھنىتى بىز ئۈچۈن بە‌رىكە‌ت،‏ ئۇ‌لارغا مىننە‌تدارمىز!‏ بۇ ماقالىدە ئاقساقاللار ھە‌ردائىم دۇ‌چ كېلىدىغان تۆت قىيىنچىلىق ئۈستىدە توختىلىمىز.‏ بىز يە‌نە ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللارنىڭ شۇ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بۇ ماتېرىيال ھە‌ممىمىزنىڭ ئاقساقاللارغا ھېسداشلىق قىلىشىمىزغا ۋە ئۇ‌لارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئىشتىن قايتقىنىدا،‏ خىزمە‌تدىشىغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىۋاتىدۇ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ئاقساقال قىزغىنلىق بىلە‌ن ئۆزىنى چە‌تكە ئالغان بىر بۇ‌رادە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر بىرە‌ر ئىشتىن رە‌نجىگە‌ن قېرىنداشقا پايدىلىق مە‌سلىھە‌ت بېرىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ پىدائىي ياردە‌م بېرىشنى خالىغان بۇ‌رادە‌ر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىمىغاندا،‏ بىر ئاقساقال ئۇ‌نى تە‌نقىد قىلمايدۇ.‏