17-تەتقىق ماقالىسى
ئانىلار، ئەۋنىكىدىن ئۆگىنىڭلار!
«ئاناڭنىڭ تەلىمىنى تاشلىمىغىن. [ئۇ] سېنىڭ بېشىڭغا تالغان گۈلچەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان زىبۇ-زىننەتتۇر».—پەند. نە 1:8، 9.
3-ناخشا «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر»
بۇ ماقالىدە a
تىموتىينىڭ مەسىھىي سۈپىتىدە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ ئاپىسى ئەۋنىكە ۋە مومىسى لوئىدە چىن يۈرەكتىن خۇشال بولىۋاتىدۇ (1-ئابزاسىغا قاراڭ)
1، 2. (1) ئەۋنىكى كىم ۋە ئانا سۈپىتىدە، ئۇ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟ (2) مۇقاۋىدىكى رەسىمنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ.
مۇقەددەس كىتابتا تىموتىينىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، ئاشۇ كۈنى ئەۋنىكى نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس (پەند. نە 23:25). ئەۋنىكى كۈلۈمسىرەپ، خۇشاللىق بىلەن بېلىگىچە سۇغا كىرىپ تۇرغان تىموتىيغا قاراپ، ئۇنىڭدىن قانچىلىك پەخىرلەنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. تىموتىينىڭ مومىسى لوئىدىمۇ ئۇنىڭ ئانىسىنى قۇچاقلاپ تۇرىدۇ. تىموتىي سۇغا چۆكۈرۈلگەندە، ئەۋنىكى ھاياجانلىنىپ چوڭقۇر نەپەس ئالىدۇ. تىموتىي سۇدىن چىققاندىن كېيىن ئەۋنىكىنىڭ خۇشاللىق كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلىدۇ. سەۋەبى، ئۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، تىموتىيغا تەلىم-تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭ قەلبىگە يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىڭدۈرگەن ئىدى. ئۇ ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلەشتە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
2 تىموتىينىڭ ئانىسى ۋە مومىسى يەھۇدىي بولغان. دادىسى بولسا، گرېك بولۇپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلمىغان (ئەلچى. 16:1). ئەۋنىكى ۋە لوئىدە مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشنى تاللىغاندا، تىموتىي ئۆسمۈر بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، دادىسى خۇداغا خىزمەت قىلىشنى تاللىمىغان. ئۇنداقتا، تىموتىي نېمىنى تاللىشى مۇمكىن؟ ئۇ بەلكىم، شەخسىي قارار چىقارغىدەك ياشتا بولغان. ئۇ ئاتىسىنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلارمۇ؟ بالىلىق چېغىدىن ئۆگىتىلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلارمۇ ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتى بولارمۇ؟
3. يەھۋا ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قانداق قارايدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 1:8، 9)
3 بۈگۈنكى كۈندىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئانىلارمۇ ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم — بالىلىرىنىڭ يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىشتۇر. خۇدايىمىز ئانىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى بەك قەدىرلەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 1:8، 9-نى ئوقۇڭ). كۆپلىگەن ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ياراتقۇچىنى سۆيۈشنى ھەم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى ئۆگىتىشىگە، خۇدا ئۆزى ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.
4. ئانىلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟
4 ئەلۋەتتە، بىر ئانا بەزى چاغلاردا ئۆز بالىلىرىنى تىموتىيغا ئوخشاش يەھۋاغا خىزمەت قىلارمۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. سەۋەبى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ شەيتان دۇنياسىدا قانداق بېسىمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ (1-پېتر. 5:8). ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن يالغۇز ئانىلار ياكى ئەرلىرى خۇداغا خىزمەت قىلمايدىغان ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. كرىستىن b ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىم ياخشى ۋە كۆيۈمچان ئاتا. بىراق، ئۇ بالىلىرىمىزغا يەھۋانىڭ تەلىم-تەربىيىسىنى بېرىشىمگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. مەن نۇرغۇن يىللار كۆز يېشى قىلىپ: ‹بالىلىرىم قاچاندۇ بىر كۈنى يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلارمۇ؟›— دەپ ئويلايتتىم».
5. بۇ ماقالىدە بىز نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
5 خۇدانىڭ خىزمەتچىسى سۈپىتىدە ئەۋنىكىگە ئوخشاش، ئانىلار، سىلەرمۇ بالىلىرىڭلارنىڭ يەھۋا خۇدانى سۆيۈشىگە ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر. بۇ ماقالىدە ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئۆز گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بالىلىرىغا تەلىم-تەربىيە بېرىشتە ئەۋنىكىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. شۇنداقلا، تەڭرى يەھۋا ھەربىر ئانىغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
گەپ-سۆزلىرىڭىز ئارقىلىق بالىلىرىڭىزغا تەلىم-تەربىيە بېرىڭ
6. قانداق قىلىپ تىموتىي مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغان؟ (2-تىموتىي 3:14، 15)
6 تىموتىي كىچىك چېغىدىلا، ئەۋنىكى ئۇنىڭغا مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىلىمى چەكلىك ئىدى، چۈنكى ئۇ مەسىھ ھەققىدە ھېچ نېمە بىلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، تىموتىينىڭ خۇدا سۆزىدىن ئۆگەنگەنلىرى ئۇنىڭ كېيىنرەك مەسىھ ھەققىدىكى تەلىملەرنى قوبۇل قىلىشىغا ئۇل-ئاساس سالغان. بىراق، ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولارمۇ؟ يىگىت يېشىغا يەتكەن تىموتىي ئەمدى مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشنى ئۆزى قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىغا ئانىسىمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان (2-تىموتىي 3:14، 15-نى ئوقۇڭ). ئەۋنىكى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، تىموتىيغا يەھۋا خۇدا ھەققىدە بىلىم بېرەلىگەنلىكىدىن چوقۇم بەكمۇ خۇشال بولغان! ئۇ ئۆز ئىسىمىنىڭ «يەڭگۈچى» دېگەن مەنىسىگە مۇناسىپ ھايات كەچۈرگەن ئىدى.
7. تىموتىي چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەۋنىكى ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
7 تىموتىينىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەملەردىن بىرى بولغان. لېكىن، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەۋنىكى ئوغلى توغرىسىدا غەم-ئەندىشە قىلىشنى توختاتمىغان. تىموتىي قانداق ھايات كەچۈرىدۇ؟ ئۇ ئۆزىگە يامان تەسىر قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولامدۇ؟ ئافىنا شەھىرىدە ئوقۇشقا چۈشۈپ، پەيلاسوپلارنىڭ تەلىماتلىرىغا ئىشىنىپ كېتەمدۇ؟ ياشلىقىنى، ۋاقتىنى ۋە كۈچىنى ئىسراپ قىلىپ، مال-دۇنياغا قۇل بولۇپ كېتەرمۇ؟ گەرچە ئەۋنىكى تىموتىي ئۈچۈن قارار چىقىرالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلىگەن. قانداق؟ ئەۋنىكى داۋاملىق ئوغلىنىڭ يۈرىكىگە يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان مىننەتدارلىقنى سىڭدۈرەلىگەن. قىيىنچىلىقلار پەقەتلا ئوخشىمىغان دىنىي كۆزقاراشتىكى ئائىلىدىلا بولۇپ قالماستىن، ھەتتا يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىدىمۇ بار. چۈنكى، يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرىنىڭ قەلبىگە ھەقىقەتنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يەھۋاغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئاتا-ئانىلار ئەۋنىكىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
8. ئانا ئېتىقادچى ئېرىنىڭ بالىلىرىغا خۇدا ھەققىدە تەلىم بېرىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
8 بالىلىرىڭىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىڭ. قەدىرلىك ئانىلار، ئېرىڭلار يەھۋاغا خىزمەت قىلسا، ئۇلار پەرزەنتلىرىڭلارغا تەلىم بېرىشى كېرەك. شۇڭا، يەھۋا سىلەردىن ئېرىڭلارغا ياردەمچى بولۇشنى كۈتىدۇ. بۇنى قىلىشنىڭ بىر يولى دائىم ئائىلىۋى ئىبادەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش. ئائىلىۋى ئىبادەت ھەققىدە چوقۇم ئىجابىي گەپ-سۆزلەرنى قىلىڭ ۋە ئۇنىڭ قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن قانداق ھەسسە قوشالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ. بەلكىم، ئېرىڭىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب تەتقىقىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر پىلان تۈزۈشىگە ياردەم بېرەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلىرىڭلار چوڭ بولغانسېرى، ئېرىڭىز «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنى قوللىنىپ، ھەربىر بالا بىلەن تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزسە، ئېرىڭىزگە ياردەم بېرىڭ.
9. يولدىشى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان ئانا قەيەردىن ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ؟
9 بەزى يالغۇز ياكى يولدىشى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىز شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسىڭىز، ھەددىدىن زىيادە غەم-ئەندىشە قىلماڭ. ياراتقۇچىمىز يەھۋا سىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق تەمىنلەپ بېرىۋاتقان تەلىم بېرىش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ، بالىلىرىڭىزغا تەلىم-تەربىيە بېرىڭ. ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ قوراللارنى قانداق قوللىنىش ھەققىدە باشقا تەجرىبىلىك ئاتا-ئانىلاردىن سورىسىڭىز بولىدۇ c (پەند. نە 11:14). شۇنداقلا، يەھۋا سىزنىڭ بالىلىرىڭىز بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار نېمىنى ئويلايدىغانلىقىنى ياكى نېمىنى ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن خۇدادىن ياردەم سوراڭ (پەند. نە 20:5). «مەكتەپتە قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىسەن؟»— دېگەن ئاددىي سوئال، بالىلىرىڭىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ھەققىدە بىلىشكە يول ئاچىدىغان سۆھبەتنى باشلاشقا پۇرسەت يارىتىدۇ.
10. بالىلىرىڭىزغا ياراتقۇچى يەھۋا ھەققىدە تەلىم بېرىش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
10 بالىلىرىڭىزغا يەھۋا ھەققىدە تەلىم بېرىش پۇرسىتىنى ئىزدەڭ. ئۇلارغا ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرى توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىڭ (تەكرار. قا 6:6، 7؛ يەشايا 63:7). دائىم بالىلىرىڭىز بىلەن تەتقىق قىلالمىسىڭىز، ئالاھىدە پۇرسەت تېپىپ، ئۇلارغا يەھۋا ھەققىدە سۆزلەپ بېرىش بەك مۇھىم. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كرىستىن مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بالىلىرىم بىلەن يەھۋا ھەققىدە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىم ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشاتتىم. ئۇلار بىلەن سەيلىگە چىققاندا، قولۋاق ھەيدىگەندە، يەھۋا خۇدانىڭ ياراتمىلىرى ۋە باشقا روھىي ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشاتتۇق. بالىلىرىم چوڭراق بولغاندا، ئۇلارنى ئۆزى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىشقا دەۋەت قىلدىم». ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ۋە ئېتىقادداشلار ھەققىدە ئىجابىي گەپ-سۆزلەرنى قىلىڭ. ئاقساقاللارنى تەنقىدلەيدىغان سۆزلەردىن ساقلىنىڭ. سىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭىز بالىلىرىڭىزنىڭ مۇھتاج بولغاندا، ئۇلاردىن ياردەم سوراش-سورىماسلىقىغا تەسىر قىلالايدۇ.
11. ئايەتكە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن ئائىلىدە تىنچلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇش مۇھىم؟ (ياقۇپ 3:18)
11 ئائىلىڭىزدە تىنچلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشۇڭ. ئېرىڭىزنى ۋە بالىلىرىڭىزنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى دائىم ئېيتىپ تۇرۇڭ. باشقىلارغا ھەمراھىڭىز ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەندە، مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆز قىلىڭ، بالىلىرىڭىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ئۆگىتىڭ. بۇنى قىلسىڭىز، ئائىلىڭىزدە تىنچلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشىسىز،شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىلىرىڭىزغا يەھۋا ھەققىدە تەلىم ئاسان بولىدۇ (ياقۇپ 3:18-نى ئوقۇڭ). رومىنىيىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان جوزسېفنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. بالىلىق چېغىدا، ئۇ، ئانىسى ۋە ئۈچ قېرىندىشى يەھۋاغا خىزمەت قىلغاندا، دادىسى ئۇلارغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. جوزسېف مۇنداق دەيدۇ: «ئاپام ئۆيۈمىزدە تىنچلىق ھۆكۈم سۈرۈشىگە تىرىشاتتى. دادام بىزگە يامان مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئاپام يەنىلا مېھرىبانلىق كۆرسىتەتتى. ئاپام بىزنىڭ دادامنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىمىزنى بايقىغاندا، ئۇ بىز بىلەن ئەفەسلىكلەر 6:1–3-ئايەتلەرنى مۇھاكىمە قىلاتتى. كېيىن، ئۇ دادامنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ھەققىدە بىزگە ئېيتىپ بېرىپ، نېمە ئۈچۈن ئۇنى قەدىرلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرەتتى. بۇ ئائىلىمىزدە تىنچلىقنى ساقلاشقا ياردەم بەرگەن».
ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز ئارقىلىق بالىلىرىڭىزغا تەلىم-تەربىيە بېرىڭ
12. 2-تىموتىي 1:5-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئەۋنىكى تىموتىيغا قانداق تەسىر قىلغان؟
12 2-تىموتىي 1:5-نى ئوقۇڭ. ئەۋنىكى تىموتىيغا ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ چوقۇم ئوغلىغا ھەقىقىي ئىمان-ئېتىقاد ئىش-ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن (ياقۇپ 2:26). شەك-شۈبھىسىزكى، تىموتىي ئانىسىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ يەھۋانى چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنداقلا، ئۇ ئانىسىنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، زور خۇشاللىق تاپقانلىقىنى بايقىغان. ئەۋنىكىنىڭ ئۈلگىسى تىموتىيغا قانداق تەسىر قىلغان؟ ئەلچى پاۋلۇس ئېيتقاندەك، تىموتىينىڭ ئانىسىغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادى بولغان. ئۇنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالمىغان. تىموتىي ئانىسىنىڭ ئۈلگىسىگە قاراپ، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە تىرىشقان. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن ئانىلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىگە گەپ-سۆزلىرىلا ئەمەس، ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تەسىر قىلىدۇ (1-پېتر. 3:1، 2). سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز. قانداق؟
13. نېمە ئۈچۈن ئانىلار يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك؟
13 يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ (تەكرار. قا 6:5، 6). نۇرغۇن ئانىلارغا ئوخشاش سىز كۆپ قۇربانلىقلارنى بېرىسىز. بالىلىرىڭىزنىڭ جىسمانىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ۋاقتىڭىز، پۇلىڭىز، ئۇيقىڭىز ۋە باشقا نەرسىلەرنى قۇربان قىلىسىز. بىراق، بۇ ئېھتىياجلارنى قامدايمەن دەپ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى قۇربان قىلماڭ. دائىم يەھۋاغا دۇئا قىلىش، شەخسىي تەتقىق ئۆتكۈزۈش ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز،ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەملەپ، ئائىلە ئەزالىرىڭىز ۋە باشقىلارغا ياخشى ئۈلگە بولىسىز.
14، 15. لىئان، مارىيا ۋە جاۋنىڭ مىساللىرىدىن نېمىنى ئۆگەنسەك بولىدۇ؟
14 ئانىسىنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىنى كۆرۈپ، يەھۋانى سۆيۈشنى ۋە ئۇنىڭغا تايىنىشنى ئۆگەنگەن بىر نەچچە ياشلارنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. قېرىندىشىمىز كرىستىننىڭ قىزى لىئان مۇنداق دەيدۇ: «دادىمىز ئۆيدە بولغاندا، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلالمايتتۇق. بىراق، ئاپام دائىم جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشاتتى. گەرچە بىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ بولسىمۇ، ئاپامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بەردى. بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى يىغىلىشلارغا بېرىشتىن خېلىلا بۇرۇن بىلەتتۇق».
15 مارىيانىڭ ئاتىسى ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكى باشقىلارنى يىغىلىشلارغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازالايتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاپامنىڭ ئەڭ جەسۇر ئانىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. كىچىكىمدە ئادەملەر نېمە دەيدۇ دەپ قورقۇپ، بەزى ئىشلارنى قىلىشنى رەت قىلاتتىم. لېكىن، ئاپامنىڭ جاسارىتى ۋە ھاياتىدا دائىم خۇدانى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقى ماڭا ئادەملەردىن قورقۇشنى يېڭىشكە ياردەم بەردى». جاۋنىڭ ئاتىسى ئۆيدە يەھۋا ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆزلەشنى مەنئىي قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئاپامنىڭ ئۈلگىسى قاتتىق تەسىر قىلغان. ئۇ دادامنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن باشقا، ھەرقانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولغان. ئاپامنىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى كۈچلۈك ئىدى».
16. ئانىلارنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسى باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
16 قەدىرلىك ئانىلار، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەرنىڭ ئۈلگەڭلار باشقىلارغا تەسىر قىلىدۇ. قانداق؟ ئەۋنىكىنىڭ ئۈلگىسى ئەلچى پاۋلۇسقا قانداق تەسىر قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ تىموتىينىڭ سەمىمىي ئېتىقادىنى تىلغا ئالغاندا، «ئاۋۋال چوڭ ئاناڭ لۇئىدە ۋە ئاناڭ ئەۋنىكىدە ھەم شۇنداق ئىمان بار ئىدى» دەپ يازغان (2-تىموت. 1:5). بەلكىم، پاۋلۇس بىرىنچى قېتىملىق ۋەز سەپىرىدە لىسترا شەھىرىدە لوئىدە ۋە ئەۋنىكى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشىغا ياردەم بەرگەن (ئەلچى. 14:4–18). بۇنى ئويلاپ كۆرۈڭ: 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، پاۋلۇس تىموتىيغا يازغان خېتىدە ئەۋنىكىنىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن قىلغان ئىشلىرىنى ئەسكە ئالغان ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئېنىقكى، ئەۋنىكىنىڭ ئۈلگىسى ئەلچى پاۋلۇس ۋە بىرىنچى ئەسىردىكى باشقا كۆپلىگەن ئېتىقادچىلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، شۇ زاماندىكى ئېتىقادچىلارغا ئىلھام-مەدەتلەرنى بەرگەن. ئەگەر سىز يالغۇز ئانا ياكى ئېرىڭىز يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس بولسا، پەرزەنتلىرىڭىزنى تەربىيىلەۋاتقان بولسىڭىز، شۇنىڭغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇنكى، سىزنىڭ سادىق ئۈلگىڭىز چوقۇم ئەتراپىڭىزدىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا ئىلھام-مەدەتلەرنى بېرەلەيدۇ.
بالىڭىزنىڭ يەھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ! (17-ئابزاسقا قاراڭ)
17. ئەگەر كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىز نەتىجىسىز بولغاندەك كۆرۈنسە، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
17 ئەگەر بالىلىرىڭىزنى تەربىيىلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىڭىزمۇ، ھازىرغىچە نەتىجىسىنى كۆرمىسىڭىزچۇ، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، بالا تەربىيىلەش ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئۇرۇقنى چاچقاندىن كېيىن، بەلكىم «ئۇرۇق بىخلاپ، ئۆسۈپ مېۋە بېرىدىغان دەرەخ بولۇپ يېتىشەرمۇ؟»— دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، سىز مېۋە بېرىش-بەرمەسلىكنى كونترول قىلالمىسىڭىزمۇ، داۋاملىق سۇغۇرۇپ، ئۇرۇقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ ياخشى مۇھىتنى يارىتىپ بېرىسىز (ماركۇس 4:26–29). خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىزمۇ «بالىلىرىمنىڭ ياراتقۇچى يەھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشتە نەتىجە قازىنالايمەنمۇ؟» — دەپ غەم-ئەندىشە قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، سىز نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كونترول قىلالمايسىز. ئەمما، ئۇلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەڭ ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، ئۇلارنى يەھۋا بىلەن دوست بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىسىز.—پەند. نە 22:6.
يەھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنىڭ
18. يەھۋا بالىلىرىڭىزنىڭ ئۆزى بىلەن دوست بولۇشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
18 قەدىمدىن تا ھازىرغىچە، يەھۋا كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئۆزى بىلەن دوست بولۇشىغا ياردەم بېرىپ كەلمەكتە (زەبۇر 22:9، 10). بالىلىرىڭىز بۇنى خالىسا، يەھۋا ئۇلارغىمۇ ئۆزى بىلەن يېقىن دوست بولۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ (1-كورىنت. 3:6، 7). ھەتتا، ھازىرچە بالىلىرىڭىز يەھۋاغا چىن يۈرەكتىن خىزمەت قىلمىسىمۇ، ئۇ ئۇلارنى داۋاملىق سۆيىدۇ (زەبۇر 11:4). ئۇلارنىڭ ياراتقۇچى يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئىستىكى ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئۇ ئۇلارغا ئۆزى بىلەن دوست بولۇشقا ياردەم بېرىشكە تەييار (ئەلچى. 13:48؛ 2-تارىخ. 16:9). بالىلىرىڭىز ئاڭلاشقا ئەڭ مۇھتاج بولغاندا، خۇدا سىزنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا، تېگىشلىك سۆزلەرنى قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ (پەند. نە 15:23). ياكى بولمىسا، ئۇ جامائەتتىكى بىرەر قېرىنداشنى ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاھىدە قىزىقىش كۆرسىتىشكە ئۈندىشى مۇمكىن. ھەتتا بالىلىرىڭىز قۇرامىغا يەتكەندە، يەھۋا ئۆتمۈشتە ئۆگەتكەنلىرىڭىزنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سېلىشى مۇمكىن (يۇھاننا 14:26). بالىلىرىڭىزغا گەپ-سۆزلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز ئارقىلىق داۋاملىق تەلىم-تەربىيە بەرسىڭىز، يەھۋا سىزنى بەرىكەتلەيدۇ!
19. نېمە ئۈچۈن يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىڭىزغا كامىل ئىشەنچ قىلالايسىز؟
19 بالىلىرىڭىز قانداق قارار چىقىرىشتىن قەتئىينەزەر، يەھۋانىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. سىز ئۇنى سۆيگەچ، ئۇمۇ سىزنى سۆيىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنى يالغۇز تەربىيىلەۋاتقان بولسىڭىز، يەھۋا بالىلىرىڭىزغا ئاتا بولۇپ، سىزگە بولسا ھىمايە قىلغۇچى بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (زەبۇر 68:5). بالىلىرىڭىزنىڭ تەڭرى يەھۋاغا خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيسىز. لېكىن، داۋاملىق خۇدانىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، ئۇنى خۇرسەن قىلالايسىز.
41-ناخشا يەھۋاغا ياش ۋاقتىڭدا ئىبادەت قىل!
a خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان ئانىلار تىموتىينىڭ ئانىسى ئەۋنىكىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار بالىلىرىغا يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشقا ۋە ئۇنى سۆيۈشكە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن
c مەسىلەن، «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنىڭ 50-دەرسىگە ۋە «كۈزىتىش مۇنارى»، 2011-يىل، 15-ئاۋغۇست سانى، 6، 7-بەتلەردىكى «ئائىلىۋى ئىبادەت ۋە شەخسىي تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مەسلىھەتلەر» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.