مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

18-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ

يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ

‏«بۇ ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلان؛‏ ئۆزۈڭنى شۇ‌لارغا ئاتىغىنكى،‏ باشىقىلارغا سېنىڭ ئالغا ئىلگىرلىگە‌نلىكىڭ نامايان بولسۇ‌ن».‏—‏1-‏تىموت.‏ 4:‏15‏.‏

150-‏ناخشا تە‌ر تۆكۈپ خىزمە‌ت قىلايلى

بۇ ماقالىدە a

1‏.‏ قانداق روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

 ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە بىز خۇ‌دانى بە‌ك ياخشى كۆرىمىز.‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ئۆزىمىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالايمىز.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋاغا قولىمىزدىن كېلىشىچە خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شىمىز لازىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌داغا ياقىدىغان ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىز،‏ پايدىلىق ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىشىمىز ۋە باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرە‌ك b‏.‏

2‏.‏ نېمە ئۈچۈن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ ۋە شۇ‌لارغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

2 نېمە ئۈچۈن بىز خۇ‌داغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشقا ئنتىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى،‏ بىز ئە‌رشتىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزنى خۇ‌شال قىلىشنى خالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر ئۆز قابىلىيە‌تلىرىمىزدىن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا تولۇ‌ق جارى قىلدۇ‌رساق،‏ ئۇ ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىسە‌ك،‏ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپرە‌ك ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز (‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏9،‏ 10‏)‏.‏ خۇ‌داغا مە‌يلى قانچە ئۇ‌زاق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلايلى،‏ ھە‌ربىرىمىز روھىي ئۆسۈش ئۈچۈن بار كۈچنى چىقىرالايمىز.‏ كېلىڭ،‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

3‏.‏ 1-‏تىموتىي 4:‏12–‏16-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىينى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قالغان؟‏

3 تىموتىي ئە‌لچى پاۋلۇ‌ستىن بىرىنچى خە‌تنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋالغاندا،‏ ئاللىقاچان ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان ئىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا بېسىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ‏(‏1-‏تىموتىي 4:‏12–‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرىدىن شۇ‌نى كۆرۈۋالايمىزكى،‏ ئۇ تىموتىينىڭ ئىككى جە‌ھە‌تتىن ئالغا بېسىشىنى خالىغان:‏ (‏1)‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد ۋە پاكلىق دېگە‌ندە‌ك پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش؛‏ (‏2)‏ ئۈنلۈك ئوقۇ‌ش،‏ نە‌سىھە‌ت بېرىش ۋە تە‌لىم بېرىش دېگە‌ندە‌ك ماھارە‌تلە‌رنى ئاشۇ‌رۇ‌ش.‏ تىموتىينىڭ ئۈلگىسىنى ئە‌ستە تۇ‌تقان ھالدا،‏ يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش يە‌ھۋاغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىشنىڭ بە‌زى يوللىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

خۇ‌داغا ياقىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈڭ

4‏.‏ تىموتىي نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ياخشى بىر خىزمە‌تكارى بولالىغان؟‏ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏19–‏22‏)‏

4 نېمە ئۈچۈن تىموتىي يە‌ھۋانىڭ ياخشى بىر خىزمە‌تكارى بولالىغان؟‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرگە‌ن ئىدى ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏19–‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ تىموتىي ھە‌ققىدە يازغانلىرىدىن ئۇ‌نىڭ كە‌متە‌ر،‏ سادىق،‏ تىرىشچان ۋە ئىشە‌نچىلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.‏ ئۇ ئېتىقادداشلارنى بە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن ۋە ئۇ‌لارغا كۆيۈنگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ پاۋلۇ‌س تىموتىينى سۆيۈملۈك ئوغلىدە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا قىيىن ۋە‌زىپىلە‌رنى ئىشىنىپ تاپشۇ‌رغان (‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏17‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋا ياقتۇ‌رىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرسە‌ك،‏ ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزگە جامائە‌تتە كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش پۇ‌رسىتىنى بېرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 25:‏9؛‏ 138:‏6‏.‏

يېتىلدۈرمە‌كچى بولغان پە‌زىلە‌تنى ئېنىقلاڭ (‏5،‏ 6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

5‏.‏ (‏1)‏ مە‌لۇ‌م بىر پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرۈش مە‌قسىتىنى قويۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ (‏2)‏ رە‌سىمدە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ياش قېرىندىشىمىز باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ كۆپرە‌ك ھېسداشلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىدۇ؟‏

5 ئېنىق مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ.‏ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىڭىزنى قايسى تە‌رە‌پلە‌ردە ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئاندىن يېتىلدۈرۈشۈم كېرە‌ك دە‌پ قارىغان بىر پە‌زىلە‌تنى تاللاڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆز-‏ئۆزۈڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «مە‌ن باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ تېخىمۇ كۆپرە‌ك ھېسداشلىق قىلىشىم كېرە‌كمۇ؟‏ قېرىنداشلىرىمغا ياردە‌م بېرىش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشىم كېرە‌كمۇ؟‏ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش ياكى كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شتا تېخىمۇ كۆپرە‌ك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرە‌كمۇ؟‏» ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يېقىن دوستىڭىزدىن قايسى جە‌ھە‌تتىن ئالغا بېسىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏6‏.‏

6‏.‏ ئە‌گە‌ر مە‌لۇ‌م بىر پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرمە‌كچى بولسىڭىز،‏ شۇ مە‌قسە‌تكە قانداق يېتە‌لە‌يسىز ؟‏

6 مە‌قسىتىڭىزگە يېتىشكە تىرىشىڭ.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايسىز؟‏ بۇ‌نىڭ بىر يولى ئۆزۈڭىز يېتىلدۈرۈشنى خالىغان پە‌زىلە‌ت ھە‌ققىدە ئىزدىنىش.‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش ھە‌ققىدە ئىزدە‌نمە‌كچى بولدىڭىز دە‌يلى.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقىلارنى چىن يۈرە‌كتىن كە‌چۈرگە‌ن ۋە كە‌چۈرمىگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ مىساللىرىنى ئوقۇ‌پ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلانسىڭىز بولىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۈلگىسىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ باشقىلارنى چىن يۈرە‌كتىن كە‌چۈرگە‌ن (‏لۇ‌قا 7:‏47،‏ 48‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ دىققىتىنى داۋاملىق كىشىلە‌رنىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە قاراتمىغان،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنىڭ كېلە‌چە‌كتە تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ كۈنلىرىدە ياشىغان پە‌رىسىيلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئوخشىمايتتى.‏ ئۇ‌لار «باشقىلارنى كۆزىگە» ئىلمىغان (‏لۇ‌قا 18:‏9‏)‏.‏ بۇ مىساللار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندىن كېيىن،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراڭ:‏ «مە‌ن باشقىلارغا قانداق قارايمە‌ن؟‏ دىققىتىمنى ئۇ‌لارنىڭ قايسى پە‌زىلە‌تلە‌رگە ئاغدۇ‌رۇ‌ۋاتىمە‌ن؟‏» ئە‌گە‌ر سىزگە بىر كىشىنى كە‌چۈرۈش قىيىنغا چۈشسە،‏ ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى قە‌غە‌زگە يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.‏ كېيىن ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «ئە‌يسا مە‌سىھ بۇ ئادە‌مگە قانداق قارايدۇ؟‏ ئۇ‌نى كە‌چۈرە‌تتىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏ شۇ‌نداق ئىزدىنىش ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بېشىدا كۆڭلىمىزنى رە‌نجىتىپ قويغان كىشىنى كە‌چۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغاندۇ.‏ لېكىن،‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شنى يېتىلدۈرۈشنى توختاتمىساق،‏ ۋاقىت ئۆتكە‌نسېرى،‏ باشقىلارنى كە‌چۈرۈش ئاسانراق بولىدۇ.‏

ئە‌مە‌لىي قوللىنىشچان ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىڭ

ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايلارنىڭ رېمونت ئىشلىرىنى ئۆگىنىشكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

7.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۈگۈنكى كۈندە ماھارە‌تلىك خىزمە‌تچىلىرىنى قانداق ئىشلىتىۋاتىدۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏29‏)‏

7 ئە‌مە‌لىي قوللىنىشچان ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىش مە‌قسىتىنى قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.‏ بە‌يتە‌ل بىنالىرىنى،‏ يىغىلىش زاللىرىنى ۋە چوڭ يىغىلىش سارايلىرىنى سېلىش ئۈچۈن قانچە كۆپ ئىشچىلار كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى تە‌جرىبىسى مول قېرىنداشلار بىلە‌ن بىللە ئىشلە‌پ،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش قىلىش ماھارە‌تلىرىنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ رە‌سىمدە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ قېرىنداشلىرىمىز يىغىلىش زالى ۋە چوڭ يىغىلىش زالىنى ئاسراش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.‏ بۇ ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق «مە‌ڭگۈلۈك پادىشاھ» يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى» ئە‌يسا مە‌سىھ ماھىر ئىشچىلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئاجايىپ ئىشلارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏17؛‏ 6:‏15؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏29-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ بىز ئۆزىمىزنى ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلە‌شنى ۋە ئۆز ماھارە‌تلىرىمىزدىن پايدىلىنىشنى خالايمىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏54‏.‏

8‏.‏ قايسى ماھارە‌تنى ئاشۇ‌رۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى قانداق بىلە‌لە‌يسىز؟‏

8 ئېنىق مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ.‏ قايسى ماھارە‌تنى ئۆگە‌نسىڭىز بولىدۇ؟‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار ياكى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالدىن قانداق ماھارە‌تنى ئاشۇ‌رۇ‌شىڭىز بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت سوراڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار سىزگە سۆز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ماھارە‌تلىرىنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويسىڭىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتسا،‏ ئۇ‌لاردىن ئېنىق قايسى بىر جە‌ھە‌تتىن ياخشىلىنىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى سوراڭ.‏ كېيىن،‏ بۇ مە‌قسە‌تكە يېتىش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقىرىڭ.‏ ھازىر نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرە‌يلى.‏

9‏.‏ بىر ماھارە‌تنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قويغان مە‌قسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

9 مە‌قسىتىڭىزگە يېتىشكە تىرىشىڭ.‏ سىز تە‌لىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇ‌رماقچى بولدىڭىز دە‌يلى.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن «‏ئوقۇ‌ش ۋە تە‌لىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرە‌يلى‏» دېگە‌ن كىتابچىنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلىڭ.‏ ھە‌پتە ئارلىقىدىكى يىغىلىشتا بىر تاپشۇ‌رۇ‌ق بېرىلگە‌ن بولسا،‏ ئاۋال تە‌جرىبىلىك بۇ‌رادە‌ردىن تە‌ييارلىغان مە‌زمۇ‌ننى تىڭشاپ بېقىپ،‏ سىزگە مە‌سلىھە‌ت بېرىشنى سورىشىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ ماھارىتىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا پە‌قە‌ت قابىلىيە‌تلىك ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى تىرىشچان ۋە ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م دېگە‌ن نام-‏ئابروينى قازىنىڭ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 21:‏5؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 8:‏22‏.‏

10‏.‏ ماھارە‌تنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

10 سىز ئۆگە‌نمە‌كچى بولغان بىر ماھارە‌تنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئاسانغا چۈشمىسىچۇ،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ!‏ گاررى ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئۈچۈن راۋان ئوقۇ‌ش قىيىن بولغان.‏ ئۇ يىغىلىشتا ئۈنلۈك ئوقۇ‌شقا تىرىشقاندا،‏ ئۆزىنىڭ خىجىل بولغانلىقىنى ئە‌سلە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ گاررى بۇ ماھارە‌تنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ قابىلىيە‌تلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ردىن ۋە نە‌شرى ماتېرىياللاردىن ئۆگىنىپ،‏ ئە‌مدى جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا ھودۇ‌قماي نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏

11‏.‏ تىموتىينىڭ مىسالىدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 تىموتىي ماھىر بىر ناتىق ياكى داڭلىق تە‌لىم بە‌رگۈچى بولغانمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ ھە‌ققىدە ھېچنېمە ئېيتىلمىغان.‏ بىراق،‏ تىموتىينىڭ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بە‌رگە‌ن مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ۋە‌زىپىلە‌رنى بارغانسېرى ئۈنۈملۈك ئورۇ‌ندىغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏10‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌گە‌ر ماھارە‌تلىرىمىزنى ئاشۇ‌رساق،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالايمىز.‏

باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىش يوللىرىنى ئىزدە‌ڭ

12‏.‏ باشقىلار سىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

12 ھە‌ممىمىز باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دوختۇ‌رخانىدا ياتقىنىمىزدا،‏ دوختۇ‌رخانىلار بىلە‌ن ئالاقىلىشىش كومىتېتىدىكى ياكى بىمارلارنى يوقلاش توپىدىكى ئاقساقاللارنىڭ بىزنى يوقلاپ كە‌لگىنىدىن بە‌ك مىننە‌تدارمىز.‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ غە‌مخور ئاقساقاللارنىڭ بىزنى تىڭشاش ۋە تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغىنىغا بە‌ك مىننە‌تدارمىز.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتە ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغىنىمىزدا،‏ تە‌جرىبىلىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىز بىلە‌ن ئۆگىنىشكە بېرىپ،‏ ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌ت بە‌رگىنىدىن بە‌ك خۇ‌شالمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى بىزگە ياردە‌م بېرە‌لىگىنى ئۈچۈن بە‌ك خۇ‌شال بولىمىز.‏ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزغا خىزمە‌ت قىلساق،‏ شۇ‌نداق خۇ‌شاللىقنى ھېس قىلالايمىز.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «بە‌رمە‌ك ئالماقتىنمۇ زور بە‌ختتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35‏)‏.‏ بۇ‌نداق ياكى باشقا يوللار بىلە‌ن يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى خالىسىڭىز،‏ بۇ مە‌قسە‌تكە يېتىشىڭىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

13‏.‏ مە‌قسە‌ت قويغاندا،‏ نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

13 ئېنىق بولمىغان مە‌قسە‌تنى قويماڭ.‏ بە‌لكىم سىز:‏ «مە‌ن جامائە‌تتە كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلالايمە‌ن»—‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ بىراق،‏ بۇ مە‌قسە‌تكە قانداق يېتىشنى بىلمە‌ي قىينىلىپ،‏ شۇ مە‌قسە‌تكە يېتىش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئېنىق ۋە يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ.‏ سىز ھە‌تتا مە‌قسىتىڭىزنى ۋە ئۇ‌نىڭغا قانداق يېتە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى يېزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.‏

14‏.‏ مە‌قسە‌ت قويغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن پىلانلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

14 مە‌قسە‌ت قويغاندا،‏ پىلانلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏بىز ۋە‌زىيە‌تنى پۈتۈنلە‌ي كونترول قىلالمايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س سالونىكا شە‌ھىرىدىكى يېڭى جامائە‌تنى تە‌شكىللە‌شكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ شۇ يە‌ردە قېلىپ،‏ يېقىندىلا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغانلارغا ياردە‌م بېرىش مە‌قسە‌ت قىلغان.‏ لېكىن،‏ دۈشمە‌نلە‌رنىڭ قارشىلىقى تۈپە‌يلى پاۋلۇ‌س بۇ يە‌ردىن كېتىشكە مە‌جبۇ‌ر بولغان ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 17:‏1–‏5،‏ 10‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر پاۋلۇ‌س شۇ يە‌ردە قالسا،‏ ئېتىقادداشلىرىنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رگە دۇ‌چار قىلاتتى.‏ لېكىن،‏ پاۋلۇ‌س بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمىگە‌ن!‏ ئە‌كسىنچە ئۇ پىلانلىرىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يېقىندىلا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغانلارنىڭ روھىي ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن تىموتىينى ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏1-‏سالونىكا.‏ 3:‏1–‏3‏)‏.‏ سالونىكىلىقلار تىموتىينىڭ قە‌يە‌ردە ئېھتىياج بولسا،‏ شۇ يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌ييار بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇ‌شال بولغان!‏

15‏.‏ ۋە‌زىيە‌ت ئۆزگە‌رگە‌ندە،‏ بۇ مە‌قسە‌تلىرىمىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

15 پاۋلۇ‌سنىڭ سالونىكىدا باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرىدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ گە‌رچە ئېنىق مە‌قسە‌ت قويساقمۇ،‏ كېيىنرە‌ك بىز كونترول قىلالمايدىغان ئىش يۈز بېرىپ،‏ ۋە‌زىيە‌ت ئۆزگىرىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ سە‌ۋە‌پ،‏ بىز مە‌قسىتىمىزگە يېتە‌لمە‌ي قالىمىز (‏ۋە‌ز 9:‏11‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا بولسىڭىز،‏ يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌ت قويۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ تېد ۋە خېيدى ئىسىملىك بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال نە‌ق شۇ‌نداق قىلغان.‏ تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌لار بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشتىن توختاشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى سۆيگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنىڭ باشقا يوللىرىنى ئىزدىگە‌ن.‏ بېشىدا ئۇ‌لار پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ،‏ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌لار مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ تېد رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنىڭ ئورۇ‌نباسارى بولۇ‌شقا تە‌ييار بولغان.‏ كېيىنرە‌ك رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ياش ئۆلچە‌م تە‌لىپىدە ئۆزگىرىش بولغان.‏ تېد ۋە خېيدى ياشىنىپ قالغاچ،‏ ئە‌مدى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ گە‌رچە ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار باشقا يوللار بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن.‏ تېد شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ بىر يولى بىلە‌ن چە‌كلىنىپ قالمىدۇ‌ق».‏

16‏.‏ گالاتىيالىقلار 6:‏4-‏ئايە‌تتىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

16 ھاياتىمىزدىكى ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى كونترول قىلالمايمىز.‏ شۇ‌ڭا ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ بىز شان-‏شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىلە‌رنى قىلساق،‏ شۇ‌ندىلا يە‌ھۋا بىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆزۈمىز ئىگە بولمىغان ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نداۋاتقان بولسا،‏ ئۆزۈمىزنى ئۇ‌لار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رمايمىز لازىم.‏ خېيدى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھاياتىڭىزنى باشقىلارنىڭكى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رسىڭىز،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى يوقىتىسىز» ‏(‏گالاتىيالىقلار 6:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ۋە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌ش بە‌ك مۇ‌ھىم c‏.‏

17‏.‏ شان-‏شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىلە‌رگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

17 ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈپ،‏ ئورۇ‌نسىز قە‌رزگە كىرىپ قېلىشتىن ساقلانسىڭىز،‏ خۇ‌داغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالايسىز.‏ كىچىك-‏كىچىك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش چوڭراق مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى خالىسىڭىز،‏ ياردە‌مچى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالامسىز؟‏ ياكى بولمىسا،‏ سىزنىڭ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش مە‌قسىتىڭىز بولسا،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرالامسىز ۋە جامائىتىڭىزدىكى ئاغرىۋاتقان ياكى ياشانغان قېرىنداشلىرىڭىزنى يوقلاپ تۇ‌رالامسىز؟‏ ھازىر توپلىغان تە‌جرىبىلىرىڭىز كېلە‌چە‌كتىكى شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىلە‌رگە ئىشىك ئېچىپ بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ سىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ھە‌رقانداق ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بە‌ل باغلاڭ.‏—‏رىملىقلار 12:‏11‏.‏

يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ f

18‏.‏ رە‌سىمدە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ قېرىندىشىمىز بېۋېرلىينىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

18 روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا بىزنىڭ يېشىمىز توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالمايدۇ.‏ 75 ياشلىق بېۋېرلىي ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى بە‌ك ناچار بولغاچ،‏ يول مېڭىشتا ناھايىتى قىينىلاتتى.‏ بىراق،‏ ئۇ مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىش پائالىيىتىگە ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشۇ‌شنى بە‌ك ئارزۇ قىلاتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئېنىق مە‌قسە‌تلە‌ر قويدى.‏ بېۋېرلىي شۇ مە‌قسە‌تلىرىگە يە‌تكە‌ندە،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولدى.‏ ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقلىرى باشقىلارنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا كۆپرە‌ك كۈچ چىقىرىشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ يە‌ھۋا ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمكانىيىتى چە‌كلىك بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌جىر-‏مېھنىتىنى ئىنتايىن قە‌دىرلە‌يدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 71:‏17،‏ 18‏.‏

19‏.‏ قانداق روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر قويالايسىز؟‏

19 يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈڭ.‏ بە‌زى قوللىنىشچان ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىپ،‏ خۇ‌دايىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى ئۈچۈن كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشقا تىرىشىڭ ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇ‌رسە‌تلىرىنى ئىزدە‌ڭ d‏.‏ بۇ ئارقىلىق،‏ تىموتىيغا ئوخشاش يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشە‌لە‌يسىز ۋە ھە‌ممىسى سىزنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭىزنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 4:‏15‏.‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ كۈچىمىز

a تىموتىي ماھىر بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى داۋاملىق كۆپرە‌ك يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ تىموتىي يە‌ھۋاغا ۋە ئېتىقادداشلارغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلغان.‏ تىموتىيغا ئوخشاش،‏ سىزمۇ يە‌ھۋاغا ۋە ئېتىقادداشلارغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى خالامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ خالايسىز!‏ شۇ‌نداق قىلىشقا مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ قانداق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا بولىدۇ؟‏ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش ۋە ئۇ‌لارغا يېتىش ئۈچۈن نېمىنى قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى ۋە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

c ‏«يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلايدىغان تە‌شكىلات» كىتابىنىڭ (‏باشقا تىلدا)‏ 10-‏باب،‏ «ئېھتىياج بار يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىش» ماۋزۇ ئاستىدىكى 6–‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ.‏

d ‏«مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابتىكى «‏يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىڭ‏» ناملىق 60-‏دە‌رسكە قاراڭ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ بۇ‌رادە‌ر ئىككى قېرىنداشقا رېمونت قىلىشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ ۋە ئاشۇ قېرىنداشلار ئۆگە‌نگە‌ن ماھارە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىۋاتىدۇ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ ئۆيىدىن چىقالمايدىغان ياشانغان قېرىنداش تېلېفون ئارقىلىق ۋە‌ز قىلىپ،‏ كىشىلە‌رنى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىۋاتىدۇ.‏