15-تەتقىق ماقالىسى
سۆزلىرىڭىزدە ئۈلگە بولامسىز؟
«سۆزلىرىڭدە، . . . سادىق كىشىلەرگە ئۈلگە بول».—1-تىموت. 4:12.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. سۆزلەش قابىلىيىتىمىز قانداق پەيدا بولغان؟
سۆزلەش قابىلىيىتى كۆيۈمچان خۇدايىمىز بەرگەن سوغاتتۇر. تۇنجى ئىنسان ئادەم-ئاتا يارىتىلىپ كۆپ ئۆتمەي، ئەرشتىكى ئاتىسى بىلەن سۆزلىشەلىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇ يېڭى سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئادەم-ئاتا بارچە ھايۋاناتلارغا ئىسىم قويۇش ئۈچۈن بۇ قابىلىيەتنى ئىشلەتكەن (يارىت. 2:19). ئۇ چوقۇم باشقا بىر ئىنسان، يەنى چىرايلىق ئايالى ھاۋا-ئانا بىلەن سۆزلەشكىنىگە خۇشال بولغان ئىدى!—يارىت. 2:22، 23.
2. ئۆتمۈشتە كىشىلەر سۆزلەش قابىلىيىتىنى قانداق ئىشلەتكەن ۋە بۈگۈن قانداق ئىشلىتىۋاتىدۇ؟
2 ۋاقىت ئۆتۈپ، ئىنسانلار سۆزلەش قابىلىيىتىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە باشلىغان. شەيتان ئىبلىس ھاۋا-ئانىنى ئازدۇرغاچ، ھەممە ئىنسانلار گۇناھكار ۋە نامۇكەممەل بولۇپ قالغان (يارىت. 3:1–4). ئادەم-ئاتا ئۆزى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن ھاۋا-ئانىنى ۋە ھەتتا ياراتقۇچى يەھۋانى ئەيىبلەپ، سۆزلەش قابىلىيىتىنى ناتوغرا ئىشلەتكەن (يارىت. 3:12). قابىل بولسا، ئۆز ئىنىسى ھابىلنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن يەھۋا خۇدانى ئالدىغان (يارىت. 4:9). كېيىنرەك، قابىلنىڭ ئەۋلادى لامىك ئۆزى ياشىغان زاماندىكى كىشىلەرنىڭ بەك زوراۋان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارە قىلىدىغان بىر قوشاق توقۇغان (يارىت. 4:23، 24). خوش، بۈگۈنكى كۈندە ۋەزىيەت قانداق؟ مەسىلەن، سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئەركىن-ئازادە ھاقارەتلىك گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقاۋاتىمىز. فىلىملەرنىڭ كۆپىنچىسىدە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن يامان سۆزلەر چىقىدۇ. مەكتەپتە ياكى ئىش-ئورنىدا بولسۇن، شۇنداق سۆزلەرنى قىلىش كەڭ ئومۇملاشتى. بەك ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يامان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى بۇ دۇنيانىڭ بەكمۇ رەزىللىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
3. بىز نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك ۋە بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 ئېھتىياتچان بولماي، يامان سۆزلەرنى ئاڭلاشقا ئادەتلىنىپ قالساق، بىزمۇ ئۇلارنى ئىشلىتىشكە باشلايمىز. ئەلۋەتتە، بىز خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشنى خالايمىز. شۇڭا، بىز ئەدەبسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن پەخەس بولۇپلا قالماي، بەلكى سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى توغرا پايدىلىنىشنىمۇ، يەنى ياراتقۇچى يەھۋانىمۇ مەدھىيىلەشنى خالايمىز. بۇ ماقالىدە، (1) ۋەز خىزمىتىدە، (2) يىغىلىشلاردا ۋە (3) كۈندىلىك تۇرمۇشتا خۇدا ھەدىيە قىلغان بۇ سوۋغاتنى قانداق ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىراق، ئاۋۋال بىز نېمە ئۈچۈن يەھۋا قانداق گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىمىزغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
گەپ-سۆزلىرىمىز يەھۋا خۇدا ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە
گەپ-سۆزلىرىمىز قەلبىمىزدە نېمە بارلىقىنى قانداق ئاشكارە قىلىدۇ؟ (4، 5-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
4. مالاكى 3:16-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋا گەپ-سۆزلىرىمىزگە نېمە ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىدۇ؟
4 مالاكى 3:16-نى ئوقۇڭ. سىزنىڭچە، تەڭرى يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئىسىمى ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىمىنى ئۆز خاتىرە كىتابىغا يېزىپ قويغان؟ سەۋەبى، كىشىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئۆز قەلبىدە نېمە بارلىقىنى ئاشكارە قىلىدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن: «كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ» (مەتتا 12:34). شۇڭا، گەپ-سۆزلىرىمىز تەڭرى يەھۋانى قانچىلىك چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ياراتقۇچى يەھۋا ئۇنى سۆيىدىغانلارنىڭ يېڭى دۇنيادا مەڭگۈ خۇشال-خۇرام ياشىشىنى خالايدۇ.
5. (1) يەھۋاغا قىلىۋاتقان ئىبادەتنىڭ بىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىمىز بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ (2) رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، گەپ-سۆزلىرىمىز ھەققىدە چوقۇم نېمىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟
5 يەھۋانىڭ ئىبادىتىمىزنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقى تىلىمىزنى قانداق ئىشلىتىشكە باغلىق (ياقۇپ 1:26). خۇدانى سۆيمەيدىغان بەزى كىشىلەر تەكەببۇرلۇق بىلەن، ئاچچىقلىنىپ، كۆڭۈلگە ئازار بېرىدىغان قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ (2-تىموت. 3:1–5). ئەلۋەتتە، بىز ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالىمايمىز. ئەكسىچە، گەپ-سۆزلىرىمىز ئارقىلىق يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمىز. بىراق، يىغىلىشتا ياكى ۋەز خىزمىتىدە يېقىملىق گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ، باشقىلار كۆرمىگەن چاغلاردا ياكى ئائىلىدە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان سېسىق گەپ-سۆزلەرنى قىلساق، يەھۋا خۇرسەن بولامدۇ؟—1-پېتر. 3:7.
6. كىمبېرلى يېقىملىق گەپ-سۆزلەرنى قىلغاچ، نېمە ئىش بولدى؟
6 خۇدا ھەدىيە قىلغان سۆزلەش قابىلىيىتىدىن توغرا پايدىلانساق، باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. بۇ ئارقىلىق بىز باشقىلارنىڭ يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرەلىشىگە ياردەم بېرىمىز (مالاك. 3:18). بۇنى ياخشىراق چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن كىمبېرلى b ئىسىملىك ياش قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ مەكتەپتە بىر سىنىپدىشى بىلەن بىر تاپشۇرۇقنى ئورۇنلىغان ئىدى. كېيىن سىنىپدىشى كىمبېرلىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى، ئۇ ھېچكىمنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ-سۆز قىلمىدى، ئەكسىنچە باشقىلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ، ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشاتتى. كىمبېرلىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى سىنىپدىشىغا قاتتىق تەسىر قىلغانكى، ھەتتا ئۇ كېيىنرەك مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىغان. دېمەك، يېقىملىق گەپ-سۆزلىرىمىزنىڭ باشقىلارنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلغانلىقىنى كۆرگەندە، يەھۋا قانچىلىك خۇشال بولىدۇ-ھە!
7. نېمە سىزنى خۇدا بەرگەن سۆزلەش قابىلىيىتىنى توغرا ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ؟
7 بىز ھەممىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان ۋە ئېتىقادداشلارنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى خالايمىز. شۇڭا، گەپ-سۆزلىرىمىزدە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.
ۋەز خىزمىتىدە ئۈلگە بولۇڭ
ۋەز خىزمىتىدە كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلساق، يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىمىز (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
8. ئەيسا مەسىھ ۋەز خىزمىتىدە سۆز قىلىشتا بىزگە قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
8 باشقىلار چىشىڭىزغا تەگسىمۇ، مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ ھۆرمەت بىلەن گەپ-سۆز قىلىڭ. ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدە خىزمەت قىلغاندا، يالغان ئەيىبلىنىپ، ئاچكۆز، ھاراقكەش، شەيتاننىڭ شېرىكى، دەم ئېلىش كۈنىنى بۇزغۇچى، خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى دەپ ھاقارەتلەنگەن (مەتتا 11:19؛ 26:65؛ لۇقا 11:15؛ يۇھاننا 9:16). ئەمما، ھەزرىتى ئەيسا بۇنداق ۋەزىيەتلەردە ئاچچىقلانمىغان ياكى يامان گەپ-سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرمىغانىدى. باشقىلار بىزگە يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلغاندا، ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماسلىقىمىز كېرەك (1-پېتر. 2:21–23). ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس (ياقۇپ 3:2). ئۇنداقتا، نېمە بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
9. ۋەز قىلغاندا، تىلىمىزنى تىزگىنلەشكە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
9 ئۆي ئېگىسى سىزگە يامان سۆزلەرنى قىلغاندا، كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلماسلىققا تىرىشىڭ. سام ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن دىققىتىمنى ئۆي ئېگىسىنىڭ خۇدا ھەققىدىكى ھەقىقەتنى ئاڭلاشقا قانچىلىك مۇھتاج ئىكەنلىكىگە ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا مەركەزلەشتۈرىمەن». بەزىدە ئۆي ئېگىسى قولايسىز ۋاقىتتا كەلگىنىمىز ئۈچۈن ئاچچىقلىنىدۇ. ئاچچىقى كەلگەن كىشىنى ئۇچراتقاندا، ليۇسىيا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش يول تۇتساق بولىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتلەردە ئۇ قىسقىچە دۇئا قىلىپ، خۇدادىن تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا، ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ۋە دوستانە مۇئامىلە قىلىشقا ياردەم بېرىشىنى سورايدۇ.
10. 1-تىموتىي 4:13-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، قانداق مەقسەتنى قويۇشىمىز كېرەك؟
10 تەلىم بېرىشتە ماھارىتىڭىزنى ئاشۇرۇڭ. تىموتىي تەجرىبىلىك ۋەز ئېيتقۇچى بولغان. لېكىن، ئۇمۇ تەلىم بېرىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى (1-تىموتىي 4:13-نى ئوقۇڭ). بىز تېخىمۇ ماھىرلىق بىلەن تەلىم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. قولىمىزدا تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان تۈرلۈك قوراللىرىمىز بار. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەن مىننەتدارمىز! «ئوقۇش ۋە تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرەيلى» كىتابچىسىدىن ۋە «ۋەز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز — يىغىلىش قوللانمىسى»دىكى «خىزمەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇڭ» دېگەن سەھىپىدىن پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى تاپىسىز. بۇ نەشىر ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىۋاتامسىز؟ ۋەز خىزمەتكە پۇختا تەييارلىق قىلساق، ھودۇقمايمىز ۋە ئىشەنچ بىلەن گەپ قىلىمىز.
11. بەزى ۋەز ئېيتقۇچىلار قانداق قىلىپ تەلىم بېرىش ماھارىتىنى ئاشۇرغان؟
11 بىز جامائەتتىكىلەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىقمۇ تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان سام ئۆز-ئۆزىدىن: «قېرىنداشلار قانداقلارچە شۇنداق ئۈنۈملۈك تەلىم بېرىشكە ماھىر بولغاندۇ؟»— دەپ سورىغان. ئۇ باشقىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشايدۇ ۋە ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ. تالىيا ئىسىملىك قېرىنداش ماھارەتلىك ناتىقلارنىڭ ئاممىۋىي نۇتۇقلارنى قانداق سۆزلەيدىغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئۇ ۋەز خىزمىتىدە كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدىغان ماۋزۇلارنى ئىشلىتىپ، سۆز باشلاش ۋە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆگەنگەنىدى.
يىغىلىشلاردا ئۈلگە بولۇڭ
يىغىلىشلاردا چىن يۈرەكتىن ناخشا ئېيتساق، يەھۋانى مەدھىيىلەيمىز (12، 13-ئابزاسلارغا قاراڭ)
12. بەزىلەر ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش قىيىنغا چۈشىشى مۇمكىن؟
12 ھەممىمىز يىغىلىشلاردا بىرگە ناخشا ئېيتساق ۋە ياخشى تەييارلاپ كەلگەن جاۋابلارنى بەرسەك، جامائەت يىغىلىشلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز (زەبۇر 22:22). يىغىلىشلاردا ناخشا ئېيتىش ۋە جاۋاب بېرىش بەزىلەرگە قىيىن كېلىشى مۇمكىن. سىزگىمۇ قىيىنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، باشقىلارنىڭ بۇنداق قورقۇنچنى قانداق يەڭگەنلىكىنى بىلىش سىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ.
13. يىغىلىشلاردا چىن يۈرەكتىن ناخشا ئېيتىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
13 چىن يۈرەكتىن ناخشا ئېيتىڭ. مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندا، دىققىتىمىزنى يەھۋانى ئۇلۇغلاشقا قارىتىشىمىز كېرەك. سارا ئىسىملىك قېرىنداش ئۆزىنى ياخشى ناخشىچى دەپ قارىمىغان. بۇنىڭغا قارىماي، ئۇ يەھۋانى مەدھىيىلەپ، ناخشا ئېيتىشنى خالايدۇ. ئۇ يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلغاندا، ناخشا ئېيتىشقىمۇ تەييارلىق قىلىدۇ. سارا ئۆزى ناخشىلارنى ئېيتىشنى مەشىق قىلىپ، ناخشىدىكى ئاساسىي ئوي-پىكىر بىلەن مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ماۋزۇ ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بارلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدۇ. سارا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مېنىڭ دىققىتىمنى قانداق ناخشا ئېيتىشقا ئەمەس، ناخشا تېكستىنىڭ مەزمۇنىغا كۆپرەك مەركەزلەشتۈرۈشۈمگە ياردەم بېرىدۇ».
14. تارتىنچاق بولسىڭىز، يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىشىڭىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 دائىم جاۋاب بېرىڭ. بەزىلەرگە يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىش قىيىنغا توختايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تالىيا شۇنداق دەيدۇ: «مەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سۆزلەشتىن قورقىمەن. ئادەتتە تەبىئىتىمدىن تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلىگەچ، باشقىلار بۇ قىيىنچىلىقىمنى بايقىمايدۇ». ئەمما، تالىيا جاۋاب بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. يىغىلىشقا تەييارلىق قىلغاندا، ئۇ سوئالغا بېرىلىدىغان بىرىنچى جاۋابنىڭ قىسقا ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەستە تۇتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جاۋابىم قىسقا، ئاددىي ۋە ئېنىق بولسا ياخشى. سەۋەبى، مۇھاكىمىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەر نەق شۇنداق جاۋابلارنى كۈتىدۇ».
15. جاۋاب بەرگەندە چوقۇم نېمىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟
15 بەزىدە تارتىنچاق ئەمەس ئېتىقادداشلارمۇ جاۋاب بەرمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ جۇلېيت ئىسىملىك قېرىنداش چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «گايىدا مەن جاۋاب بېرىشتىن ئىككىلىنىپ قالىمەن. سەۋەبى، مەن جاۋابىمنى بەك ئاددىي ۋە ئانچە ياخشى ئەمەس دەپ ئويلايمەن». لېكىن، شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، يەھۋا بىزنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى خالايدۇ c. قورقۇنچقا قارىماي، يىغىلىشلاردا يەھۋانى مەدھىيىلەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشساق، ئۇنى خۇرسەن قىلىمىز.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈلگە بولۇڭ
16. بىز قانداق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن پەخەس بولۇشىمىز لازىم؟
16 ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەڭ (ئەفەس. 4:31). يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، خۇدا خىزمەتچىسى ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. بىراق، يەنە بەزى گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، باشقا مەدەنىيەت، ئىرق ۋە مىللەتكە مەنسۈپ كىشىلەر ھەققىدە گەپ قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئابرويىغا داغ تەككۈزىدىغان سۆزلەردىن نېرى تۇرۇشىمىز لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشنى ھەرگىز خالىمايمىز. بىر بۇرادەر شۇنداق دەيدۇ: «مەن گەپ-سۆزلىرىمنى كۈلكىلىك ۋە زىيانسىز دەپ ئويلايتتىم. بىراق، ئەسلىدە ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان. يىللار ئۆتۈپ، ئايالىم سۆزلىرىمنىڭ ئۇنى ۋە باشقىلارنى رەنجىتىدىغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ، ياردەم بەردى».
17. ئەفەسلىكلەر 4:29-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، بىز باشقىلارنى قانداق ئىلھاملاندۇرالايمىز؟
17 باشقىلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىڭ. باشقىلارنى تەنقىد قىلىش ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى ماختاشقا ھەرىكەت قىلىڭ (ئەفەسلىكلەر 4:29-نى ئوقۇڭ). ئىسرائىللارنىڭ مىننەتدار بولۇشى ئۈچۈن كۆپلىگەن سەۋەبلەر بولغان بولسىمۇ، ئۇلار دائىم نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. دائىم ئاغرىنىپ يۈرسەك، باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن ئېسىڭىزدە بولسا، ئون پايلاقچى ئېلىپ كەلگەن يامان خەۋەر سەۋەبلىك، بارلىق ئىسرائىللار مۇسا پەيغەمبەردىن ئاغرىنغان ئىدى (سانلار 13:31–14:4). باشقا تەرەپتىن، ماختاش كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتىرەلەيدۇ. بىز ئىشىنەلەيمىزكى، يىفتاخنىڭ قىزى دوستلىرىنىڭ ماختاش سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا تېخىمۇ بەل باغلىغان (ھاكىم. 11:40). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سارا مۇنداق دەيدۇ: «بىز باشقىلارنى ماختىغاندا، يەھۋا خۇدانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىدا ئۇلارنىڭ ئۆز ئورنى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا ياردەم بېرىمىز». شۇڭا، ئېتىقادداشلارنى چىن يۈرەكتىن ماختاش پۇرسىتىنى قولدىن چىقارماڭ.
18. زەبۇر 15:1، 2-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن راست گەپ قىلىشىمىز لازىم ۋە ئۇ نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
18 راست گەپ قىلىڭ. راستچىل بولمىساق، يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلالمايمىز. ئۇ ھەرقانداق يالغانچىلىقتىن نەپرەتلىنىدۇ (پەند. نە 6:16، 17). گەرچە بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر يالغان سۆزلەشنىڭ ھېچقانداق يامىنى يوق دەپ ئويلىسىمۇ، بىز يەھۋاغا ئوخشاش يالغانچىلىقتىن نەپرەتلىنىمىز (زەبۇر 15:1، 2-نى ئوقۇڭ). ئەلۋەتتە، بىز يالغان سۆزلەشتىن يىراق تۇرۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارغا قەستەن خاتا تەسىرات بېرىدىغان گەپ-سۆزلەردىنمۇ قاچىمىز.
سەلبىي سۆھبەتنى ئىجابىي سۆزلەرگە بۇراشقا ھەرىكەت قىلسىڭىز، يەھۋا خۇدا خۇشال بولىدۇ (19-ئابزاسقا قاراڭ)
19. يەنە نېمە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم؟
19 غەيۋەت-شىكايەت قىلىشتىن قېچىڭ (پەند. نە 25:23؛ 2-سالونىكا. 3:11). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جۇلېيت غەيۋەتنىڭ ئۇنىڭغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «غەيۋەت-شىكايەتنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمەن. غەيۋەتنى تارقىتىدىغان كىشىگە بولغان ئىشەنچىممۇ يوقاپ كېتىدۇ. بىر كۈنى ئۇ مەن ھەققىدىمۇ غەيۋەت قىلىشى مۇمكىن». سۆھبەت غەيۋەتكە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئىجابىي تەرەپكە بۇراشقا ھەرىكەت قىلىڭ.—كولوسى. 4:6.
20. نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
20 بىز يامان گەپ-سۆزلەر بىلەن تولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، گەپ-سۆزلىرىمىز يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، سۆز قىلىش قابىلىيىتى خۇدا ھەدىيە قىلغان سوۋغاتتۇر.ئۇ بۇ سوۋغاتنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەھۋا خۇدا ۋەز خىزمىتىدە، يىغىلىشلاردا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا پايدىلىق گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلەيدۇ. پەرۋەردىگار بۇ رەزىل دۇنيانى يوق قىلغاندىن كېيىن، گەپ-سۆزلىرىمىزدە ئۇنى مەدھىيىلەش ئاسانراق بولىدۇ (يەھۇدا 15). لېكىن، ھازىر بولسا،خۇددى زەبۇر يازغۇچىسى ئېغىزىدىن چىققان سۆزلەرنىڭ يەھۋانى خۇرسەن قىلغانلىقىنى ئېيتقاندەك، بىزمۇ ئېغىزىمىزدىن چىققان سۆزلەر بىلەن ياراتقۇچى يەھۋانى خۇرسەن قىلىشقا بەل باغلايلى.— زەبۇر 19:14.
52-ناخشا قەلبىڭنى چىڭ قوغدا!
a سۆز قىلىش قابىلىيىتى يەھۋا خۇدا بىزگە ھەدىيە قىلغان ئاجايىپ سوۋغاتتۇر. ئەپسۇسكى، كۆپ كىشىلەر بۇ سوۋغاتنى يەھۋا نىيەت قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى قالايمىقان ئىشلىتىدۇ. بىز ئەخلاقسىزلىققا تولغان رەزىل دۇنيادا ياشاۋاتقىنىمىزدا، گەپ-سۆزلىرىمىز بىلەن باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ۋە يەھۋا خۇدانى مەدھىيىلەشكە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ۋەز خىزمىتىدە، جامائەت يىغىلىشلىرىدا ۋە باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، گەپ-سۆزلىرىمىزدە يەھۋانى قانداق خۇرسەن قىلالايمىز؟ ئۇشبۇ سوئاللارغا بۇ ماقالىدىن جاۋاب تاپىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c جاۋاب بېرىش ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى»، 2019-يىل، يانۋار سانى، «يەھۋانى جامائەتتە مەدھىيىلەڭ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
d سۈرەتتە: بۇرادەر ئاچچىقلانغان ئۆي ئېگىسىگە قوپال جاۋاب قايتۇرىۋاتىدۇ؛ ياش بۇرادەر يىغىلىشتا ناخشا ئېيتمايۋاتىدۇ ۋە قېرىنداش غەيۋەت-شىكايەت قىلىۋاتىدۇ.