مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

16-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئۆزىڭىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى يە‌ھۋاغا بېرىپ،‏ خۇ‌شاللىق تېپىڭ

ئۆزىڭىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى يە‌ھۋاغا بېرىپ،‏ خۇ‌شاللىق تېپىڭ

‏«ھە‌ركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆزدىن كە‌چۈرسۇ‌ن».‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏4‏.‏

10-‏ناخشا ‏«مانا مە‌ن،‏ ئە‌ۋە‌ت مېنى!‏»‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمىلە‌ردىن زور خۇ‌شاللىقنى تاپىمىز؟‏

 ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا خۇ‌شال بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ بىز بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ خۇ‌شاللىق مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىدۇ‌ر (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22‏)‏.‏ «ھە‌ركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆزدىن كە‌چۈرسۇ‌ن» دېگە‌ن سۆزلە‌رنىڭ راست ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىپ،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىش بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ش ۋە ئېتىقادداشلارغا تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن ياردە‌م بېرىشتىن زور خۇ‌شاللىق تاپىمىز.‏—‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35‏.‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ گالاتىيالىقلار 6:‏4-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ قانداق ئىككى نە‌رسە خۇ‌شاللىقنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە بىز نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س گالاتىيالىقلار 6:‏4-‏ئايە‌تتە‏،‏ (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ خۇ‌شاللىقنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان ئىككى نە‌رسىنى تىلغا ئالغان.‏ بىرىنچىسى،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا ئۆزىمىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆزىمىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى ئۇ‌نىڭغا بە‌رسە‌ك،‏ خۇ‌شاللىقنى ھېس قىلىمىز (‏مە‌تتا 22:‏36–‏38‏)‏.‏ ئىككىنچىسى،‏ بىز ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رماسلىقىمىز لازىم.‏ تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىمىز،‏ ماھارىتىمىز ياكى قابىلىيە‌تلىرىمىز قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز لازىم.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى بىزگە ھە‌دىيە قىلغان.‏ باشقا تە‌رە‌پتىن،‏ قېرىنداشلىرىمىز ۋە‌ز خىزمە‌تتە بىزدىن ياخشىراق نە‌تىجىلە‌رنى قولغا كە‌لتۈرسە،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن خۇ‌شال بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار قابىلىيە‌تلىرىنى باشقىلاردىن ياخشىراق كۆرۈنۈش ياكى ئۆز پايدا-‏مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلە‌ش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋا خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ ئۆزىمىز خالىغاندە‌ك كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالمىساق،‏ بىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆزىمىزدە بار قابىلىيە‌تلە‌رنى ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لدا ئىشلىتىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايمىز ۋە باشقىلاردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز دېگە‌نلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

ئۆزىمىز خالىغاندە‌ك كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالمىغاندا

ئۆمۈرۋايە‌ت ئۆزىمىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى خۇ‌داغا بېرىپ،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز (‏4–‏6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

4.‏ نېمە بىزنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرۈشى مۇ‌مكىن؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

4 خۇ‌دانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى ياشىنىپ قالغاچ ياكى تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى ناچار بولغاچ،‏ ئۆزلىرى خالىغاندە‌ك خۇ‌داغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالماي،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالىدۇ.‏ كارول ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بۇ‌نى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياجلىق جايغا كۆچۈپ بېرىپ،‏ خىزمە‌ت قىلغان ئىدى.‏ شۇ يە‌ردە بولغاندا،‏ ئۇ 35 كىشى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌لاردىن بە‌زىلىرىنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئېنىقكى،‏ كارول قېرىنداش ۋە‌ز خىزمىتىدە كۆپ نە‌تىجىلە‌رنى قولغا كە‌لتۈرگە‌ن!‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى ناچارلىشىپ،‏ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆيىدىن چىقماسلىققا توغرا كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كېسىلىم سە‌ۋە‌بلىك باشقىلارغا ئوخشاش كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالمايدىغانلىقىمنى چۈشىنىمە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمنى ئۇ‌لارنىڭىكىگە ئوخشاش كۈچلۈك ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىمە‌ن.‏ ئۆزۈم خالىغان ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن بە‌ك ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمە‌ن».‏ بۇ قېرىنداش يە‌ھۋاغا ئۆزىدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالايدۇ ۋە ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن ماختاشقا لايىق!‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ دە‌ردىمىزگە ھە‌مدە‌رت بولىدىغان خۇ‌دايىمىز كارولنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىنى بە‌ك قە‌دىرلە‌يدۇ!‏

5.‏ (‏1)‏ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌ي،‏ روھىڭىز چۈشۈپ كە‌تسە،‏ نېمىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىڭىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ رە‌سىمدە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ بۇ‌رادە‌ر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا ئۆزىدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى داۋاملىق بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىدۇ؟‏

5 ئە‌گە‌ر كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌ي،‏ ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن بولسىڭىز،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنىڭدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏ ئۇ سىزدىن ئۆزىڭىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ.‏ بىر ۋە‌زىيە‌تنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ يېشى 80گە كە‌لگە‌ن قېرىنداش،‏ بۈگۈنكى كۈندە 40 يېشىدا خىزمە‌ت قىلغىنىدە‌ك،‏ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالمىغاچ،‏ ئۈمىدسىزلە‌ندى دە‌يلى.‏ ئۇ ھە‌تتا خۇ‌داغا ئۆزۈمدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشكە تىرىشساممۇ،‏ ئۇ بۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌ن بولمايدۇ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ لېكىن بۇ توغرىمۇ؟‏ بۇ‌نى ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ قېرىندىشىمىز 40 يېشىدا خۇ‌داغا ئە‌ڭ ياخشىسىنى بە‌رگە‌ن بولسا،‏ ئۇ ھە‌تتا 80 يېشىدىمۇ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسا،‏ دېمە‌ك ئۇ ئۆزىدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشىنى ھېچقاچان توختاتمىغان.‏ بىزمۇ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئانچە ياخشىسىنى بېرە‌لمە‌يۋاتىمە‌ن دە‌پ ئويلىساق،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بىز يە‌ھۋانى نېمە خۇ‌شال قىلىدىغانلىقىنى،‏ ئۇ ئۆزى بە‌لگىلە‌يدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.‏ خۇ‌داغا ئۆزىمىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ ئۇ ئىنتايىن خۇ‌شال بولۇ‌پ،‏ بىزنى ماختايدۇ.‏—‏مە‌تتا 25:‏20–‏23-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

6.‏ مارىيا ئىسىملىك قېرىنداشتىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

6 دىققىتىمىزنى قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارغا ئە‌مە‌س،‏ ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارغا قاراتساق،‏ خۇ‌شاللىق تېپىش ئاسانراق بولىدۇ.‏ مارىيا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ كېسە‌للىك تۈپە‌يلى،‏ ئۇ خالىغاندە‌ك كۆپ خىزمە‌ت قىلالمايدۇ.‏ دە‌سلە‌پتە ئۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن ۋە ئۆزىنى كېرە‌كسىزدە‌ك ھېس قىلغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ كېسە‌ل كارۋىتىدا ئورۇ‌ن تۇ‌تۇ‌پ يېتىپ قالغان جامائە‌تتىكى بىر قېرىنداش ھە‌ققىدە ئويلاشقا باشلىغان ۋە ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىشنى قارار قىلغان.‏ مارىيا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قېرىنداش بىلە‌ن تېلېفون ۋە خە‌ت يېزىش ئارقىلىق ۋە‌ز قىلىشنى كېلىشىۋالدۇ‌ق.‏ ھە‌ر قېتىم ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرە‌لىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى خۇ‌شال ۋە قانائە‌ت تاپقاندە‌ك ھېس قىلاتتىم».‏ بىزمۇ دىققىتىمىزنى قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارغا قاراتساق،‏ تېخىمۇ خۇ‌شاللىق تاپالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش قولىمىزدىن كە‌لسە ياكى بە‌زى ساھە‌لە‌ردە ئۆز قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ئىشلىتە‌لىسە‌ك،‏ ئۇ‌نداقتا نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

يە‌ھۋا ھە‌دىيە قىلغان قابىلىيە‌تلە‌رنى ئىشلىتىڭ!‏

7.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قانداق ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏

7 ئە‌لچى پېترۇ‌س بىرىنچى خېتىدە،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئۆزلىرىگە بېرىلگە‌ن قابىلىيە‌تلە‌ر ۋە ماھارە‌تلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ ئېتىقادداشلىرىغا ئىلھام-‏مە‌دە‌تلە‌رنى بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ھە‌ركىم ئۆزى ئالغان ھە‌دىيىگە مۇ‌ۋاپىق،‏ تە‌ڭرى تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن ئىلتىپات قىلغان قابىلىيە‌تلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ بىر-‏بىرىگە خىزمە‌ت قىلسۇ‌ن» (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏10‏)‏.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ باشقىلار قابىلىيە‌تلىرىمىزنى كۆرۈپ،‏ ئىچ تارلىق قىلىدۇ ياكى روھى چۈشۈپ كېتىدۇ دە‌پ ئويلىماي،‏ داۋاملىق ئۆز قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ئىشلىتىشىمىز لازىم.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئە‌گە‌ر باشقىلار قانداق ھېس قىلىدۇ دە‌پ قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ياخشى ئىشلە‌تمىسە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىمىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بە‌رمىگە‌ن بولىمىز.‏

8.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن ماختىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 بىزگە ئاتا قىلىنغان قابىلىيە‌تلە‌ردىن ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لدا پايدىلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ لېكىن،‏ قابىلىيە‌تلىرىمىزنى كۆز-‏كۆز قىلىپ،‏ ماختىنىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلاشقا ماھىر دە‌يلى.‏ سىز بۇ سوۋغاتنى داۋاملىق ئىشلىتىشىڭىز كېرە‌ك!‏ لېكىن،‏ سوۋغاتتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇ‌نى كۆز-‏كۆز قىلىپ،‏ ماختىنىش ئارىسىدا پە‌رق بار.‏ سىز ۋە‌ز خىزمىتىدە ئاجايىپ ۋە‌قە‌نى باشتىن كە‌چۈرۈپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدىڭىز دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ز خىزمە‌ت يىغىلىش توپىڭىزدىكى قېرىنداشلارغا ئېيتىپ بە‌رمە‌كچى بولدىڭىز.‏ توپ بىلە‌ن يىغىلغاندا،‏ بىر قېرىنداش ۋە‌ز خىزمىتىدە ژۇ‌رنال بېرە‌لىگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ھاياجانلىنىپ،‏ ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ.‏ ئۇ بىر ژۇ‌رنال بېرە‌لىگە‌ن،‏ سىز بولسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدىڭىز.‏ ئە‌مدى بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە نېمە قىلىسىز؟‏ سىز باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ۋە‌قە توپقا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلسىڭىزمۇ،‏ ئۇ‌نى باشقا بىر قولاي ۋاقىتتا ئېيتىپ بېرىشنى قارار قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ قېرىنداشنىڭ خۇ‌شاللىقىغا ئورتاق بولۇ‌شنى خالايسىز.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌رگىزمۇ كىشىلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە تە‌كلىپ قىلىشتىن توختاپ قالماڭ.‏ سىزگە ئاتا قىلىنغان سوۋغاتنى ئىشلىتىش پۇ‌رسىتىنى ھېچقاچان قولدىن بە‌رمە‌ڭ!‏

9.‏ سوۋغاتلاردىن قانداق پايدىلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

9 ئېسىمىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئۆزىمىزدە بار بولغان تۇ‌غما قابىلىيە‌تلە‌ر خۇ‌دا ھە‌دىيە قىلغان سوۋغاتلاردۇ‌ر.‏ بۇ سوۋغاتلاردىن ئۆز-‏ئۆزىمىزنى كۆز-‏كۆز قىلىش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئېتىقادداشلىرىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن پايدىلىنىشىمىز لازىم (‏فىلىپى.‏ 2:‏3‏)‏.‏ ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش ياكى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن كۈچىمىز ۋە قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ئىشلە‌تسە‌ك،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىمىز.‏ چۈنكى،‏ شۇ سوۋغاتلار بىلە‌ن ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يمىز.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ناتوغرا؟‏

10 ئە‌گە‌ر كىشى پە‌خە‌س بولمىسا،‏ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تە‌رە‌پلىرىنى باشقىلارنىڭ ئاجىز تە‌رە‌پلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش تۇ‌زىقىغا چۈشىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر بۇ‌رادە‌رنى ناھايىتى ياخشى ناتىق دە‌يلى.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ كۈچلۈك تە‌رىپى.‏ بىراق،‏ ئۇ ئانچە ياخشى نۇ‌تۇ‌ق ئېيتالمايدىغان باشقا بۇ‌رادە‌رنى ئۆزىدىن تۆۋە‌ن كۆرىدىغان بولدى.‏ لېكىن،‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر نۇ‌تۇ‌قلارنى ياخشى ئېيتالمىسىمۇ،‏ مېھماندوستلۇ‌ق،‏ بالا تە‌ربىيىلە‌ش ۋە قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىشتا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا ۋە ئېتىقادداشلارغا ياردە‌م بېرىشتە،‏ خۇ‌دا ھە‌دىيە قىلغان سوۋغاتلارنى ئىشلىتىدىغان كۆپلىگە‌ن قابىلىيە‌تلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىڭ شۈكرى!‏

باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىڭ

11.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم؟‏

11 گە‌رچە ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ناتوغرا بولسىمۇ،‏ خۇ‌داغا سادىق خىزمە‌ت قىلىدىغانلاردىن ئۈلگە ئېلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان بولغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىشقا تىرىشساق،‏ خۇ‌دانىڭ ياخشى خىزمە‌تچىسى بولۇ‌پ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلالايمىز.‏

12،‏ 13.‏ پادىشاھ داۋۇ‌تتىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولىشىغا قارىماي،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىغان كۆپلىگە‌ن ئە‌ر ۋە ئاياللارنىڭ مىساللىرى يېزىلغان.‏ بىز ئۇ‌لاردىن ئۈلگە ئالالايمىز (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏12‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ مىسالى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نى كۆڭلۈمدىكىدە‌ك بىر ئادە‌م دە‌پ ئاتىغان (‏ئە‌لچى.‏ 13:‏22‏)‏.‏ بىراق،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م بولغان ۋە بىرقانچە قېتىم ئېغىر گۇ‌ناھ سادىر قىلغان.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئالساق بولىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭغا نە‌سىھە‌ت بېرىلگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھىغا چىن يۈرە‌كتىن توۋا قىلىپ،‏ خۇ‌دادىن كە‌چۈرۈم سورىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن.‏—‏زە‌بۇ‌ر 51:‏3،‏ 4،‏ 10–‏12‏.‏

13 پادىشاھ داۋۇ‌تتىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراڭ:‏ «بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تكە قانداق قارايمە‌ن؟‏ دە‌رھال خاتالىقلىرىمنى ئىقرار قىلىمە‌نمۇ ياكى ئۆزۈمنى ئاقلاشقا تىرىشىمە‌نمۇ؟‏ ياكى بولمىسا،‏ باشقىلارنى ئە‌يىبلە‌شكە ئالدىرايمە‌نمۇ؟‏» مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقا سادىق ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار ھە‌ققىدە ئوقۇ‌غىنىڭىزدا،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن بۇ سوئاللارنى سورىسىڭىز بولىدۇ:‏ «مە‌ن باشتىن كە‌چۈرگە‌ن قىيىنچىلىقلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا ئوخشامدۇ؟‏ ئۇ‌لار قانداق گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏» ھە‌ر بىر ۋە‌زىيە‌تتە،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «خۇ‌دانىڭ بۇ خىزمە‌تچىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ.‏

14.‏ ئېتىقادداشلىرىمىزدىن ئۆگىنىشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز؟‏

14 بىز يە‌نە ياش ۋە ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆگىنىشنىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جامائىتىڭىزدە سىناقلارغا سادىقلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىۋاتقان بىرە‌ر قېرىنداشنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ تە‌ڭتۇ‌شلىرىنىڭ بېسىمى،‏ ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ قارشىلىقى ياكى تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى ناچار بولۇ‌ش سە‌ۋە‌بلىك،‏ قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقاندۇ.‏ بۇ قېرىنداشنىڭ سىز يېتىلدۈرۈشنى خالايدىغان پە‌زىلىتى بارلىقىنى،‏ يە‌نى سىزگە ئۈلگە بولالايدىغان تە‌رىپىنى كۆرۈۋاتامسىز؟‏ بۇ‌نداق ئېتىقادداشلاردىن ئۆگىنىش قىيىنچىلىقلىرىڭىزغا بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردە‌م قىلالايدۇ.‏ بىز ئۈلگە بولالايدىغان سادىق ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ يېنىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدارمىز!‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بىزنى خۇ‌شال قىلىدۇ!‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏7؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏2،‏ 3‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌داغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىڭ

15.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س داۋاملىق خۇ‌شال-‏خۇ‌رام خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان قانداق مە‌سلىھە‌تنى بە‌رگە‌ن؟‏

15 جامائە‌تتە تىنچلىق ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ر بىرى ھە‌رخىل سوۋغاتلار ۋە قابىلىيە‌تلە‌رگە ئىگە بولغان (‏1-‏كورىنت.‏ 12:‏4،‏ 7–‏11‏)‏.‏ بىراق،‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا رىقابە‌ت ياكى بۆلۈنۈشنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىغا سە‌ۋە‌ب بولمىغان ئىدى.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا مە‌سىھنىڭ تېنىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ ئۇ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ھە‌ربىر ئە‌زا بە‌لگىلە‌نگە‌ن رولىنى مۇ‌ۋاپىق جارى قىلدۇ‌رسا،‏ بۇ پۈتۈن بە‌دە‌ننىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىچىدە كۈچىيىپ،‏ بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھە‌سسە قوشىدۇ» (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏1–‏3،‏ 11،‏ 12،‏ 16‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالغانلار تىنچلىق ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشقان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ جامائە‌تلىرىمىزدە شۇ‌نى كۆرۈۋاتىمىز.‏

16.‏ نېمە ئىش قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏ئىبرانىيلار 6:‏10‏)‏

16 ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن ساقلىنىشقا بە‌ل باغلاڭ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ۋە بۈگۈنكى كۈندە سادىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭ.‏ قولۇ‌ڭىزدىن كېلىشىچە ئۆزىڭىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى داۋاملىق خۇ‌داغا بېرىڭ؛‏ خۇ‌دا ئادالە‌تسىز ئە‌مە‌ستۇ‌ر،‏ سىزنىڭ ئە‌جىر-‏مېھنە‌تلىرىڭىزنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايدۇ دېگە‌ن سۆزلە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن ‏(‏ئىبرانىيلار 6:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن،‏ ئۆزىڭىزدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى چىن يۈرە‌كتىن بە‌رگىنىڭىزنى بە‌ك قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى بىلىپ،‏ داۋاملىق ئۇ‌نىڭغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىڭ!‏

45-‏ناخشا ئالغا باس!‏

a ھە‌ممىمىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغانلارنىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىلىرىدىن كۆپ پايدىلىق نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ لېكىن،‏ ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھازىر خۇ‌شاللىقمىزنى ساقلاشقا ۋە ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ،‏ تە‌كە‌ببۇ‌رلىشىپ كە‌تمە‌سلىككە ياكى چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالماسلىققا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ بۇ‌رادە‌ر ياش ۋاقتىدا بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ ئۆيلىنىپ،‏ ئايالى بىلە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان.‏ پە‌رزە‌نتلىرى تۇ‌غۇ‌لغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ياشانغىنىغا قارىماي،‏ خە‌ت يېزىش ئارقىلىق ۋە‌ز قىلىپ،‏ ئۆزىدە بار ئە‌ڭ ياخشىسىنى داۋاملىق بېرىپ كە‌لمە‌كتە.‏