25-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا كەچۈرۈمچان بولغانلارنى بەرىكەتلەيدۇ
«يەھۋا سىلەرنى چىن قەلبىدىن كەچۈرگەندەك، سىلەرمۇ شۇنداق كەچۈرۈڭلار».—كولوسى. 3:13.
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا چىن قەلبىدىن توۋا قىلغانلارغا قانداق ۋەدە بېرىدۇ؟
يەھۋا ياراتقۇچىمىز، قانۇن بەرگۈچى ۋە سوتچىمىز بولۇپلا قالماي، ئاسماندىكى رەھىم-شەپقەتلىك ئاتىمىزدۇر (زەبۇر 100:3 ؛ يەشايا 33:22). ئۇنىڭغا قارشى ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلساق، ئۇ بىزنى كەچۈرۈم قىلىشقا ھەرقاچان تەييار ۋە ئۇنىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقى بار (زەبۇر 86:5). تەڭرى يەھۋانىڭ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى بىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ: «گۇناھىڭلار قىىزىل بولسىمۇ، قاردەك ئاق بولىدۇ».—يەشايا 1:18.
2. ئەگەر باشقىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالىساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
2 بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل بولغاچ، گەپ-سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىمىز (ياقۇپ 3:2). بىراق، بۇ ئەمدى ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالمايمىز دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر كەچۈرۈمچان بولۇشنى ئۆگەنسەك، ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالايمىز (پەند. نە 17:9؛ 19:11؛ مەتتا 18:21، 22). بىرسى كىچىكىنە ئىشلاردا كۆڭلىمىزگە ئازار بەرسە، يەھۋا بىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىمىزنى خالايدۇ (كولوسى. 3:13). شۇنداق قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەبى بار. ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا بىزنى چىن قەلبىدىن پۈتۈنلەي كەچۈرىدۇ.—يەشايا 55:7.
3. بۇ ماقالىدە، قايسى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 نامۇكەممەل ئىنسانلارنىڭ رەھىم-شەپقەتلىك ياراتقۇچىنى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلارنى كەچۈرۈشنى قانداق ئۆگىنەلەيدۇ؟ قانداق گۇناھلارنى ئاقساقاللارغا ئېيتىشىمىز زۆرۈر؟ نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىزنى باشقىلارنى كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ؟ باشقىلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلار سەۋەبلىك، كۆپلىگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەن ئېتىقادداشلىرىمىزدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بۇ ماقالىدە مۇشۇ سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ئېتىقادداش ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەندە
4. (1) ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى چوقۇم نېمە قىلىشى كېرەك؟ (2) گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى بىلەن كۆرۈش ئاقساقاللارنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟
4 ىرى ئ بېغىر گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنى ئاقساقاللارغا ئېيتىشىمىز كېرەك. 1-كورىنتلىقلار 6:9، 10-ئايەتلەردە، بەزى ئېغىر گۇناھلار تىلغا ئېلىنغان. ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈش يەھۋا خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. ئەگەر خۇدا خىزمەتچىسى بۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇ چوقۇم يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، كەچۈرۈم سورىشى ۋە ئاقساقاللارغا قىلغان گۇناھى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىشى كېرەك (زەبۇر 32:5؛ ياقۇپ 5:14). بۇ ۋەزىيەتتە، ئاقساقاللارنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟ ئەلۋەتتە، پەقەت ياراتقۇچى يەھۋانىڭلا ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا گۇناھلارنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار. بىراق، خۇدا ئاقساقاللارغا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ، گۇناھكار كىشىنى جامائەتتىن چىقىرىش-چىقارماسلىقنى قارار قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن (1-كورىنت. 5:12). ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقساقاللار بۇ ئىش ئۈستىدە قارار چىقارغاندا، بىرقانچە سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، بۇ كىشى قەستەن گۇناھ سادىر قىلغانمۇ؟ ئۇ گۇناھ قىلىشنى ئالدىن پىلانلىغانمۇ؟ شۇ گۇناھنى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت قايتا-قايتا تەكرار قىلغان؟ ئەڭ مۇھىمى، بۇ كىشى يەھۋاغا قارشى قىلغان گۇناھىغا ھەقىقىي توۋا قىلىپ، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلار بارمۇ؟ يەھۋانىڭ ئۇنى كەچۈرگەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىسپاتلىرى بارمۇ؟—ئەلچى. 3:19.
5. ئاقساقاللارنىڭ خىزمىتى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ؟
5 ئاقساقاللار گۇناھ قىلغان كىشى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا ئاللىقاچان ئاسماندا چىقىرىلغان قارارنى، يەردىمۇ چىقىرىش (مەتتا 18:18). بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشىنى جامائەتتىن چىقىرىپ، يەھۋانىڭ قىممەتلىك قويلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراشتىن ساقلايدۇ (1-كورىنت. 5:6، 7، 11–13؛ تىتۇس 3:10، 11). بۇ چارە يەنە گۇناھكارغا توۋا قىلىپ، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشكە ياردەم بېرىدۇ (لۇقا 5:32). ئاقساقاللار گۇناھ قىلغان كىشىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، دۇئا قىلىپ ياراتقۇچىدىن ياردەم سورايدۇ.—ياقۇپ 5:15.
6. ھەتتا كىشى جامائەتتىن چىقىرىلغان بولسىمۇ، يەھۋا يەنىلا ئۇنى كەچۈرەمدۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ.
6 بىرسى ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشكەندە، گۇناھىغا توۋا قىلمىدى دەيلى. بۇ ۋەزىيەتتە ئۇ جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ. ئەگەر ئۇ دۆلەت قانۇنىنى بۇزغان بولسا، ئاقساقاللار ئۇنى يامان ئاقىۋەتلەردىن ھىمايە قىلمايدۇ. يەھۋا ھۆكۈمەتلەرگە قانۇننى بۇزغان ھەربىر كىشىنى، مەيلى ئۇ توۋا قىلغان بولسۇن-بولمىسۇن، جازالاش ھوقۇقىنى بەرگەن (رىملىقلار 13:4). ئەمما، بۇ كىشى كېيىنرەك ئۆز گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىپ، چىن قەلبىدىن توۋا قىلىپ، ئوي-پىكىر قىلىش تەرزىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتسە، ياراتقۇچى يەھۋا ئۇنى كەچۈرۈشكە ھەرقاچان تەييار (لۇقا 15:17–24). ھەتتا ئۇنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.—2-تارىخ. 33:9، 12، 13؛ 1-تىموت. 1:15.
7. بىزگە قارشى گۇناھ قىلغان كەچۈرۈش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
7 گۇناھكارنى كەچۈرۈش-كەچۈرمەسلىكنى قارار قىلىش يەھۋا خۇدانىڭ ھوقۇقى. بۇنى بىلىش بىز ئۈچۈن زور تەسەللى! ئەمما، بىز قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدىغان ئىش بار. نېمە ئىش؟ بەزى ۋەزىيەتلەردە بىرى بىزگە قارشى گۇناھ قىلىپ، ھەتتا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، بىزدىن كەچۈرۈم سورىشى مۇمكىن ياكى باشقا ۋەزىيەتلەردە شۇنداق قىلماسلىقى مۇمكىن. ھەتتا بۇنداق ۋەزىيەتلەردىمۇ بىز گۇناھكارنى كەچۈرەلەيمىز، يەنى ئۇنىڭغا ئاچچىقلانماي، ئاداۋەت ساقلىماسلىقنى قارار قىلالايمىز. ئەگەر كۆڭلىمىز قاتتىق ئازار يېگەن بولسا، كەچۈرۈم قىلىش كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. «كۈزىتىش مۇنارى»، 1994-يىل 15-سېنتەبىر سانىدا مۇنداق يېزىلغان: «گۇناھكارنى كەچۈرگەنلىك، گۇناھنى كەچۈرگەنلىك دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. كەچۈرۈمچان بولۇش خۇدا خىزمەتچىسى ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئادىل سوتچىسىدۇر ۋە ئۇ دەل ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، چوقۇم ئادالەتنى ئورنىتىدۇ». نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىزنى كەچۈرۈمچان بولۇشقا ۋە ھۆكۈم قىلىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن تەڭرى بىزنى كەچۈرۈشكە ئۈندەيدۇ؟
8. يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق ئىپادىلەيمىز؟
8 باشـقىلارنى كەچۈرسـەك، يەھـۋانىڭ رەھىم-شەپقىتى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز. ئەيسا مەسىھ بىر تەمسىلىدە، يەھۋا خۇدانى ئېغىر قەرزگە بوغۇلغان چاكىرىنىڭ قەزرىنى بىكار قىلغان خوجايىنغا ئوخشاتقان. بىراق، قەرزدىن قۇتۇلغان ئاشۇ چاكار ئۆزىگە ناھايىتى ئاز قەرزدار باشقا چاكارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمىگەن (مەتتا 18:23–35). بۇ تەمسىل ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىزگە نېمىنى ئۆگەتكەن؟ ئەگەر يەھۋانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقىتى ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدار بولساق، بىزمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈشكە ئىنتىلىمىز (زەبۇر 103:9). كۆپ يىللار ئىلگىرى، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدا مۇنداق يېزىلغان: «يەھۋا بىزنى مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا سان-ساناقسىز قېتىملاپ كەچۈرىدۇ. ئەمما، بىز ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىنسانلارنى ياراتقۇچىمىزدەك شۇنچە كۆپ كەچۈرەلمەيمىز».
9. يەھۋا كىمگە رەھىمدىل بولىدۇ؟ (مەتتا 6:14، 15)
9 بىز باشقىلارنى كەچۈرسەك، يەھۋا بىزنى كەچۈرىدۇ. يەھۋا رەھىمدىل بولغانلارغا رەھىمدىل بولىدۇ (مەتتا 5:7؛ ياقۇپ 2:13). ئەيسا مەسىھ شاگىرتلىرىغا دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەندە، بۇ پرىنسىپنى چۈشەندۈرگەن (مەتتا 6:14، 15-نى ئوقۇڭ). بىز خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتچىسى ئايۇپ پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزلىرىدىنمۇ ئوخشاش پرىنسىپنى ئۆگىنىمىز. بۇ سادىق كىشىنىڭ ئۈچ يالغان دوستى ئېلىفاز، بىلداد ۋە زوفار قوپال گەپ-سۆزلەر بىلەن، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن. پەرۋەردىگار ئايۇپ پەيغەمبەرگە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئېيتقان. ئايۇپ دەل شۇنداق قىلغان ۋە ئۇنى يەھۋا كۆپ بەرىكەتلىگەن.—ئايۇپ 42:8–10.
10. نېمە ئۈچۈن ئۆچ-ئاداۋەت ساقلاش ئۆزىمىزگە زىيانلىق؟ (ئەفەسلىكلەر 4:31، 32)
10 ئاداۋەت ساقلاش ئۆز-ئۆزىمىزگە زىيانلىق. ئاداۋەت خۇددى ئېغىر يۈككە ئوخشاش، يەھۋا بىزنىڭ ئۆچ-ئاداۋەتنى تاشلاپ، كۆڭۈل تىنچ-خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىشىمىزنى خالايدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:31، 32-نى ئوقۇڭ). ئۇ بىزگە: ‹يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى›،— دەپ نەسىھەت بېرىدۇ (زەبۇر 37:8). بۇ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىش دانالىقتۇر. بىزنى رەنجىتكەن ئادەمگە ئاچچىقلىنىپ يۈرسەك، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىمىزغا زىيان يەتكۈزىمىز (پەند. نە 14:30). خۇددى بىز ئىچكەن زەھەر باشقا كىشىگە ئەمەس، ئۆزىمىزگە زىيان يەتكۈزگىنىگە ئوخشاش، بىز ساقلىغان ئۆچ-ئاداۋەتمۇ باشقىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزگە زىيانلىق. شۇڭا، باشقىلارنى كەچۈرۈش، ئۆز-ئۆزىمىزگە سوۋغات بەرگەن ئوخشاش (پەند. نە 11:17). شۇنداق قىلغىنىمىزدا، كۆڭلىمىز تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالايمىز.
11. مۇقەددەس كىتاب ئۆچ ئېلىشقا ئىنتىلىش توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟ (رىملىقلار 12:19–21)
11 ئۆچ ئېلىش يەھۋانىڭ ئىشىدۇر. بىزگە قارشى گۇناھلارنى قىلغان كىشىدىن ئۆچ ئېلىپ، جازالاش ئېلىش ھوقۇقىنى، يەھۋا بىزگە بەرمىگەن (رىملىقلار 12:19–21-نى ئوقۇڭ). بىزنىڭ كۆزقارىشىمىز چەكلىك ۋە نامۇكەممەل. شۇڭا، يەھۋا ھۆكۈم قىلغاندەك، ھۆكۈم قىلىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ (ئىبرانىي. 4:13). بەزىدە ھېس-تۇيغۇلىرىمىز مەلۇم ئىشقا قارىتا توغرا ھۆكۈم قىلىشىمىزغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. خۇدانىڭ روھلاندۇرۇشى بىلەن ياقۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «غەزەبلىنىدىغان ئادەم، خۇدانىڭ ئادىللىقىغا ماس ئىش قىلالمايدۇ» (ياقۇپ 1:20). شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، يەھۋا توغرا ئىش قىلىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە مۇكەممەل ئادالەتنى ئورنىتىدۇ.
ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ ۋە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىماڭ. ھەممە ئىشنى خۇدانىڭ قولىغا تاپشۇرۇڭ. گۇناھ پەيدا قىلغان بارچە زىيان-زەخمەتلەرنى ئۇ ئۆزى يوق قىلىدۇ (12-ئابزاسقا قاراڭ)
12. يەھۋانىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
12 كەچۈرۈمچان بولۇش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئادىللىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۆرسىتىمىز. بىز خۇدانىڭ ھەممە ئىشلارغا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىغا ئىشەنچ قىلساق، ياراتقۇچىمىزنىڭ گۇناھ تۈپەيلى پەيدا بولغان ھەرقانداق زىيانلارنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئۇ ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنيادا كۆڭلىمىزنى ئاغرىتىدىغان ئەسلىمىلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم ئېسىگە ئالمايدۇ (يەشايا 65:17). بىراق، كۆڭلىمىز قاتتىق رەنجىگەن بولسا، ئاچچىقلانماي ۋە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىماي ياشاش مۇمكىنمۇ؟ كېلىڭ، بەزىلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
كەچۈرۈمچان بولۇشنىڭ بەرىكەتلىرى
13، 14. تونى ۋە خوسېنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن كەچۈرۈمچانلىق ھەققىدە نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
13 ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى كۆڭلى قاتتىق ئاغرىغان بولسىمۇ، يەنىلا كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن؟
14 فىلىپىندا ياشاۋاتقان تونى b يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن خېلى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، ئۆز ئاكىسىنى خوسې ئىسىملىك بىرىنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلگەن. شۇ ۋاقىتتا، تونى قىزىق قان ۋە بەك زوراۋان ئادەم ئىدى. ئۇ خوسېنى تېپىپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغان. خوسې ئۆز جىنايىتى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. شۇڭا، تونى خوسې تۈرمىدىن چىققاندا، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قەسەم ئىچكەن ھەمدە بىر تاپانچا سېتىۋالغان. شۇ ۋاقىتتا، تونى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆگىنىش ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنىڭ مىجەز-خۇلقۇم ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمنى ئۆزگەرتىشىم ۋە غەزىپىمنى بېسىشىم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم». ۋاقىت ئۆتۈپ، تونى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇپ، جامائەتتە ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەنگەن. تونى خوسېنىڭمۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغانلىقىنى بىلىپ، قانچىلىك ھەيران قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ! ئۇلار كۆرۈشكەندە، بىر-بىرى بىلەن ئىللىق قۇچاقلاشقان ۋە تونى خوسېغا، ئۇنى كەچۈرۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. تونى خوسېنى كەچۈرۈپ، شۇنچىلىك خۇشال بولغانكى، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش بەك تەس بولغان. ئېنىقكى، يەھۋا تونىنىڭ كەچۈرۈمچانلىقىنى بەرىكەتلىگەن.
پېتىر ۋە سۇيېنىڭ مىسالى ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچ-ئاداۋەتنى تاشلاشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (15، 16-ئابزاسلارغا قاراڭ)
15، 16. پېتىر ۋە سۇيېنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىدىن كەچۈرۈمچانلىق توغرىسىدا نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
15 1985-يىلى، بىر كۈنى پېتىر ۋە سۇيې يىغىلىش زالىدا ئىبادەت يىغىلىشقا قاتنىشىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كۈچلۈك پارتىلاش يۈز بەرگەن. بىر كىشى يىغىلىش زالىغا بومبا قويۇپ قويغان ئىكەن. سۇيې ئېغىر يارىلىنىپ، كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ يەنە پۇراش سېزىمىنىمۇ يوقاتقان ئىدى. پېتىر ۋە سۇيې دائىم ئۆز-ئۆزىدىن: «قانداق ئادەم بۇنداق رەزىل ئىشنى قىلىدىغاندۇ؟»— دەپ سورايدۇ. كۆپ يىللار ئۆتۈپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس ئاشۇ جىنايەتچى قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. باشقىلار پېتىر ۋە سۇيېدىن بۇ كىشىنى كەچۈرگەن-كەچۈرمىگەنلىكى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىزگە، ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلاشنىڭ جىسمانىي، ھېسسىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. شۇڭا، بىز پارتىلاشتىن ئۇزۇن ئۆتمەي، دەرھال يەھۋا خۇدادىن غەزىپىمىزنى تاشلاپ، ئاداۋەت ساقلىماسلىققا ۋە داۋاملىق تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىشىنى سورىدۇق».
16 ئۇلار ئۈچۈن ھېلىقى كىشىنى كەچۈرۈم قىلىش ئاسان بولغانمۇ؟ ياق. ئۇلار يەنە شۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە سۇيېنىڭ تېنىدىكى زەخىملەر تۇرمۇشىمىزغا تەسىر قىلغاندا، غەزىپىمىز قايتىدىن قايناشقا باشلايدۇ. بىراق، بىز بۇ توغرۇلۇق كۆپ ئويلىمىغاچ، يامان ھېس-تۇيغۇلىرىمىز تېزلا يوقاپ كېتىدۇ. راستىنى ئېيتساق، ئەگەر بومبا پارتلاتقۇچى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز بولۇپ قالسا، بىز ئۇنى قارشى ئالىمىز. باشتىن ئۆتكۈزگەن بۇ ۋەقە بىزگە مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنىڭ ھەقىقەتەن ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. شۇ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش بىزنى تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىمىزدىنمۇ كۆپرەك ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ! يەھۋا پات-يېقىندا بارچە زىيان-زەخمەتلەرنى يوق قىلىدۇ. بۇنى بىلىش بىز ئۈچۈن بەك زور تەسەللى!»
17. مىرانىڭ مىسالىدىن كەچۈرۈمچانلىق ھەققىدە نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
17 مىرا ھەقىقەتنى تونۇشتىن ئىلگىرى، ئاللىقاچان توي قىلغان ۋە ئىككى بالىسى بار ئىدى. مىرانىڭ ئېرى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغان. كېيىنرەك، ئۇنىڭ ئېرى زىنا قىلىپ، ئائىلىسىنى تاشلاپ كەتكەن. مىرا مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىم مېنى ۋە ئىككى بالىمىزنى تاشلاپ كەتكەندە، يېقىن كىشىلىرى تاشلاپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، يەنى بەك ھەيران بولدۇم، باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇم، قايغۇ-ھەسرەت چەكتىم، پۇشايمان قىلدىم، ئېرىم قىلغان ئىشلارغا ئۆزۈم سەۋەبچىدەك ھېس قىلدىم ۋە ئۇنىڭغا ئاچچىقلاندىم». گەرچە ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئېرى ۋاپاسىزلىق قىلغىنى ئۈچۈن كۆڭلى تېخىغىچە ئازابلىنىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھېس-تۇيغۇلار ئۇزۇن بىر ۋاقىتقىچە داۋام قىلىپ، غەم-قايغۇلارغا پاتتىم ۋە ئاچچىقلاندىم. مەن شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار يەھۋا خۇدا ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتىم». مىرا ھازىر بۇرۇنقى ئېرىگە ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. مىرا ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە كەلگۈسىگە ئىجابىي كۆزقاراش بىلەن قارايدۇ. ئۇ يالغۇز ئۆزى ئىككى بالىسىنى قاتارغا قوشۇپ، ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە مىرا، بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە يەھۋاغا خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
يەھۋا مۇكەممەل سوتچىدۇر
18. ئالىي سوتچى يەھۋاغا قانداق ئىشەنچ قىلالايمىز؟
18 بىزنىڭ باشقا كىشىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىمىز يوق. بۇنى بىلىش كۆڭلىمىزگە كۆپ تەسەللى بېرىدۇ! يەھۋا ئالىي سوتچى سۈپىتىدە ئۆزى بۇ مۇھىم ئىشنى قىلىدۇ (رىملىقلار 14:10–12). بىز ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ھەردائىم نېمە توغرا ۋە نېمە خاتا ھەققىدە بەلگىلىگەن مۇكەممەل ئۆلچەملىرىگە ماس ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز (يارىت. 18:25؛ 1-پادىشاھ. 8:32). ئۇ ھەرگىزمۇ ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ!
19. يەھۋانىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى نېمىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟
19 ياراتقۇچىمىز يەھۋا ئىنسانلارنىڭ نامۇكەممەللىكى ۋە گۇناھ پەيدا قىلغان بارچە زىيان-زەخمەتلەرنى يوق قىلىدىغان ۋاقىتنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز. شۇ چاغدا، پۈتكۈل جىسمانىي ۋە كۆڭۈل يارىلىرىمىز مەڭگۈگە ساقىيىپ كېتىدۇ (زەبۇر 72:12–14؛ ۋەھىي. 21:3، 4). ئۇلار ئەمدى ئەسكە ئېلىنماس ۋە ھەتتا خىيالغىمۇ كەلمەس. بۇ گۈزەل ۋاقىتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقىنىمىزدا، يەھۋاغا ھەقىقەتەن بەك مىننەتدارمىز! چۈنكى، ئۇ بىزگە كەچۈرۈمچان بولۇش ئارقىلىق ئۇنى ئۈلگە قىلىش قابىلىيىتىنى بەرگەن.
149-ناخشا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
a يەھۋا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارنى كەچۈرۈشكە ھەرقاچان تەييار. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە بىز ئۇنى ئۈلگە قىلىشنى خالايمىز. ھازىر شەخسەن ئۆزىمىز كەچۈرەلەيدىغان گۇناھلار ۋە ئاقساقاللارغا ئېيتىش زۆرۈر بولغان گۇناھلار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، نېمە ئۈچۈن ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنى كەچۈرۈشىمىزنى خالايدىغانلىقى ۋە شۇنداق قىلساق، قانداق بەرىكەتلەرنى ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.