29-تەتقىق ماقالىسى
يېتەكچىمىز ئەيسانى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ
«ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى».—مەتتا 28:18.
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ ئىرادىسى نېمە؟
بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ ئىرادىسى — پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە ۋەز قىلىنىشى (ماركۇس 13:10؛ 1-تىموت. 2:3، 4). بۇ يەھۋانىڭ خىزمىتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى بۇ خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا تاللىغان. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەيسانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، ۋەز ئېيتىش خىزمىتى زاماننىڭ ئاخىرى كېلىشتىن ئىلگىرى يەھۋا رازى بولغۇدەك تاماملىنىدۇ.—مەتتا 24:14.
2. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 بۇ ماقالىدە، ئەيسانىڭ «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل»نى ئىشلىتىپ، روھىي ئوزۇقلۇقنى قانداق تەمىنلەيدىغانلىقى ۋە ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى تارىختىكى ئەڭ زور كۆلەمدە ۋەز قىلىش خىزمىتىگە قانداق تەشكىللەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز (مەتتا 24:45). يەنە ھەربىرىمىز ئەيسانى ۋە سادىق قۇلنى قوللاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
ئەيسا مەسىھ ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ
3. ئەيساغا قانداق ھوقۇق بېرىلگەن؟
3 ئەيسا ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق ئىشىنەلەيمىز؟ ئۇ ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن سەل ئاۋۋال، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىدىكى بىر تاغدا بەزى سادىق ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ئۇلارغا: «ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى» دېگەن. دىققەت قىلسىڭىز، ئۇ كېيىن سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «شۇ سەۋەبتىن بېرىڭلار، ھەممە خەلقلەردىن شاگىرت تەييارلاڭلار» (مەتتا 28:18، 19). شۇڭا، باشقا ئىشلار ئارىسىدا، ئەيساغا ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن.
4. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ھازىرمۇ ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز؟
4 ئەيسا ۋەز ئېيتىش ۋە شاگىرت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ «ھەممە خەلقلەر» ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ۋە زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى (مەتتا 28:20). ئاشۇ سۆزلەر ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنىڭ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئەيسانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5. زەبۇر 110:3-ئايەتتىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قانداق ياردەم بېرىمىز؟
5 ئەيسا زاماننىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەتچىلەرنىڭ كەم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىگەن ئىدى. ئۇ زەبۇر يازغۇچىسىنىڭ مۇنۇ پەيغەمبەرلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلەتتى: «سەن قوشۇنۇڭنى توپلىغان كۈنى، خەلقىڭ بېغىشلار ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنى» (زەبۇر 110:3). ئەگەر سىز ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان بولسىڭىز، ئەيسا ۋە سادىق قۇلنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتىسىز ۋە ئۇشبۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىۋاتىسىز. ۋەز خىزمىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئەمما قىيىنچىلىقلارمۇ بار.
6. پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچىلەر بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىيىنچىلىق نېمە؟
6 پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچىلەر دۇچ كېلىدىغان بىر قىيىنچىلىق — قارشىلىققا ئۇچراش. ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگۈچىلەر، دىنىي داھىيلار ۋە سىياسىيونلار كىشىلەرگە بىز توغرۇلۇق نۇرغۇن يالغان گەپ-سۆزلەرنى تارقاتتى. ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز، تونۇشلىرىمىز ۋە خىزمەتداشلىرىمىز شۇ يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتسە، ئۇلار بىزنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ۋە ۋەز ئېيتىشنى توختىتىشقا قىستىشى مۇمكىن. بەزى دۆلەتلەردە قارشىلىق قىلغۇچىلار قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش، قولغا ئېلىش، ھەتتا تۈرمىگە تاشلاشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. كىشىلەر بىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلغاندا، بۇنىڭدىن ھەيران قالمىدۇق ۋە قالمايمىز. چۈنكى، ئەيسا ئۆز ئىسىمى سەۋەبلىك، پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ بىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان (مەتتا 24:9). بىزنىڭ بۇنداق ئۆچمەنلىكنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئۆزى يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىمىزنىڭ ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى (مەتتا 5:11، 12). بۇ قارشىلىقنىڭ ئارقىسىدا ئىبلىس بار. ئەمما، ئەيسا ئىبلىس شەيتاندىن كۈچلۈكرەك! ئەيسانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن خۇش خەۋەر ھەر مىللەت كىشىلىرىگە يەتكۈزۈلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ دەلىللىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
7. ۋەھىيلەر 14:6، 7-ئايەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان قانداق دەلىل-ئىسپات بار؟
7 پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچىلەر سۈپىتىدە، بىز يەنە بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىمىز. يەنى، نۇرغۇنلىغان پەرقلىق تىللاردا سۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ۋەز قىلىمىز. ئەيسا ئەلچى يۇھانناغا ئايان قىلغان ۋەھىيدە، زامانىمىزدا بۇ توسۇقنى خۇش خەۋەرنىڭ يېڭىدىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان (ۋەھىيلەر 14:6، 7-نى ئوقۇڭ). دەرۋەقە، بىز بۈگۈنكى كۈندە ئىمكانقەدەر كۆپ كىشىلەرنىڭ پادىشاھلىق خەۋىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىۋاتىمىز. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى كىشىلەر jw.org تور بېكىتىمىزدىن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقالايدۇ. چۈنكى، تور بېكىتىمىزدە 1000دىن ئارتۇق تىل بار. يېتەكچى كېڭەش «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق كىتابنى 700دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىشنى ماقۇللىدى. بۇ كىتاب شۇنچە نۇرغۇن تىلدا مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي قورالى. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللار گاس-گاچىلار ئۈچۈن فىلىم شەكلىدە ۋە ئەمالار ئۈچۈن ئەمالار يېزىقىدا نەشىر قىلىنىپ تەمىنلەندى. بىز مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان ئەللەردىن كەلگەن كىشىلەر مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنىڭ ساپ تىلىدا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ (زەكەرىيا 8:23؛ زەف. 3:9). بۇلارنىڭ ھەممىسى قابىلىيەتلىك يېتەكچى ئەيسا مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىۋاتىدۇ.
8. ھازىرغىچە ۋەز ئېيتىش ئىشىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
8 بۈگۈنكى كۈندە، 240 دۆلەتتىكى 8 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى ئون مىڭلىغان كىشى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈۋاتىدۇ! بىراق، ساندىنمۇ مۇھىم بولغىنى، خۇدا خىزمەتچىلىرى يېڭى تەبىئەت، يەنى مىجەز-خۇلقنى يېتىلدۈردى (كولوسى. 3:8–10). نۇرغۇن كىشىلەر ئەخلاقسىزلىق، زوراۋانلىق، كەمسىتىش ۋە مىللەتچىلىكنى توختاتتى. يەشايا 2:4-ئايەتتىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ. بىز يېڭى مىجەز-خۇلۇقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىمىزدە، كىشىلەرنى خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا جەلپ قىلىمىز ۋە يېتەكچىمىز مەسىھ ئەيساغا ئەگىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز (يۇھاننا 13:35؛ 1-پېتر. 2:12). بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تاسادىپىي يۈز بەرمەيدۇ. ئەيسا بىزنى ئېھتىياجلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەيسا بىر قۇلنى تەيىنلىدى
9. مەتتا 24:45–47-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەيسا ئاخىر زاماندا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان؟
9 مەتتا 24:45–47-نى ئوقۇڭ. ئەيسا ئاخىر زاماندا روھىي ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل»نى تەيىنلەيدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان. شۇڭا، بىز بۇ قۇلنىڭ زامانىمىزدا جاپالىق خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ راست بولۇپ چىقتى. ئەيسا ئاز ساندىكى كىشىلەردىن پايدىلىنىپ، خۇدا خەلقى ۋە قىزىقىش كۆرسەتكەن كىشىلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا روھىي ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بۇ ئەرلەر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئېتىقادى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خوجايىن دەپ قارىمايدۇ (2-كورىنت. 1:24). ئەكسىچە، ئۇلار ئەيسا مەسىھنى ئۆز خەلقىگە «يېتەكچى ۋە سەردار» دەپ تونۇپ يېتىدۇ.—يەشايا 55:4.
10. سۈرەتلەردە كۆرسىتىلگەن كىتابلاردىن قايسىسى سىزنى مەڭگۈلۈك ھايات يولىدا مېڭىشقا قايىل قىلغان؟
10 1919-يىلدىن باشلاپ، سادىق قۇل ھەر خىل نەشىرى ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، يېڭىدىن قىزىقىش كۆرسەتكەنلەرگە خۇدا سۆزلىرىدىن ھەقىقەتنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى ھازىرلاپ بەرگەنىدى. 1921-يىلى، قۇل قىزىقىدىغانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئاساسىي تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن «خۇدانىڭ چىلتارى» ناملىق كىتابنى تەييارلىدى. دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قوشۇمچە نەشىرى ماتېرىياللارنى تەمىنلەپ بەردى. سىزنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇشىڭىزغا ۋە سۆيۈشىڭىزگە قايسى كىتاب ياردەم بەرگەن؟ «خۇدا ۋاپادار»، «مەڭگۈ ھاياتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەت»، «يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشىيالايسىز»، «مەڭگۈ ھاياتقا يېتەكلەيدىغان بىلىم»، «مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟»، «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى»، ياكى ئەڭ يېڭى نەشىر قىلىنغان «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق كىتابمۇ؟ بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى دەل بىز ئېھتىياج بولغان ۋاقىتلاردا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، شاگىرتلارنى تەييارلاشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن.
11. نېمە ئۈچۈن يەھۋا ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە چوڭقۇر بىلىم ئېلىش ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟
11 يېڭىدىن قىزىقىش كۆرسەتكەن كىشىلەرلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمىز يەھۋا ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە چوڭقۇر بىلىم ئېلىشقا ئېھتىياجلىق. ئەلچى پاۋلۇس: «قويۇق تاماق بولسا يېتىلگەنلەر ئۈچۈندۇر» دەپ يازغان. پاۋلۇس يەنە بۇنداق قاتتىق روھىي ئوزۇقلۇقنى، يەنى مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان بىلىملەرنى ئىشلىتىش «ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە» ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان (ئىبرانىي. 5:14). ھازىر يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە ئەخلاقسىز كىشىلەر بەك كۆپ. بىراق، ئەيسا ئىمانىمىزنى كۈچلۈك ساقلىشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ روھىي ئوزۇقلۇقلارنىڭ مەنبەسى — خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتۇر. سادىق قۇل ئەيسانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇ ئوزۇقلۇقلارنى تەييارلايدۇ ۋە تارقىتىدۇ.
12. خۇددى ئەيساغا ئوخشاش، بىز خۇدانىڭ ئىسىمىنى قانداق ئۇلۇغلايمىز؟
12 خۇددى ئەيساغا ئوخشاش، بىزمۇ خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتىمىز (يۇھاننا 17:6، 26). مەسىلەن، 1931-يىلى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالدۇق. شۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ بىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتۇق ۋە بۇ ئىسىم بىلەن تونۇلۇشنى خالىدۇق (يەشايا 43:10–12). شۇ يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، مۇقەددەس ئىسىم بۇ ژۇرنالنىڭ ھەربىر سانىنىڭ باش مۇقاۋىسىغا چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىدە» خۇدانىڭ ئىسىمى قايتا تېگىشلىك ئورنىغا قويۇلغان. خرىستىئان دۇنياسىدىكى چېركاۋلار بولسا، بۇنىڭ دەل ئەكسىنى قىلىپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ نۇرغۇن تەرجىمىلىرىدىن خۇدانىڭ ئىسىمى بولغان يەھۋا سۆزىنى چىقىرىپ تاشلىغان.
ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى تەشكىللەيدۇ
13. نېمە سىزنى ئەيسانىڭ بۈگۈنكى كۈندە «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل»نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا قايىل قىلىدۇ؟ (يۇھاننا 6:68)
13 سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، ئەيسا يەر يۈزىدە پاك ئىبادەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاجايىپ بىر تەشكىلاتنى قۇرغان. سىز بۇ تەشكىلاتقا قانداق قارايسىز؟ بۇنىڭغا جاۋاب بەرگىنىڭىزدە، بەلكىم سىز ئەلچى پېترۇسقا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇ ئەيساغا مۇنداق دېگەن: «ھەزرەت، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز يەنە كىمنىڭ يېنىغا بارىمىز؟» (يۇھاننا 6:68) ئەگەر بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە قىلمىغان بولساق، بۈگۈن قەيەردە بولاتتۇق؟ مەسىھ بۇ تەشكىلات ئارقىلىق خۇداغا سادىق قېلىشىمىز ئۈچۈن مۇھتاج بولىدىغان روھىي ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۈنۈملۈك ۋەز خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى تەربىيىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بىزنىڭ يېڭى تەبىئەت، يەنى مىجەز-خۇلۇقنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، بىز شۇنداق قىلىپ يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىۋاتىمىز.—ئەفەس. 4:24.
14. يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، تارقىلىشچان يۇقۇملۇق ۋىرۇس مەزگىلىدە قانداق پايدىغا ئېرىشتىڭىز؟
14 ئەيسا كرىزىس مەزگىلىدە دانا كۆرسەتمىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ پايدىسى 19-COVID يۇقۇملۇق ۋىرۇس مەزگىلىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ئەيسا بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئېنىق يول-يورۇققا ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلدى. سىرتقا چىققاندا، كىشىلەر توپلاشقان جايلاردا، ماسكا تاقاش ۋە ئارىلىق ساقلاشقا دەۋەت قىلىندۇق. ئاقساقاللارغا ئەسكەرتىشلەر بېرىلىپ، دائىم جامائەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش تەكىتلەندى (يەشايا 32:1، 2). ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەكچى كېڭەش بەرگەن يېڭى مەلۇماتلار ئارقىلىق قوشۇمچە يول-يورۇق ۋە ئىلھام-مەدەتلەرگە ئېرىشتۇق.
15. يۇقۇملۇق ۋىرۇس مەزگىلىدە، ئىبادەت يىغىلىشى ۋە ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قانداق كۆرسەتمىلەر بېرىلدى ۋە نەتىجىسى قانداق بولدى؟
15 تارقىلىشچان يۇقۇملۇق ۋىرۇس مەزگىلىدە، جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە قانداق قاتنىشىش ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمىلەرگە ئېرىشتۇق. ناھايىتى تېزلا، تور ئۇلىنىش پروگرامما قوراللىرى ئارقىلىق جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرى ۋە بىر كۈنلۈك ۋە ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا باشلىدۇق. بىز يەنە كەڭ كۆلەمدە دېگۈدەك خەت يېزىش ۋە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىدۇق. يەھۋا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلىدى. نۇرغۇن بەيتەللەر ۋەز ئېيتقۇچىلار سانىنىڭ كۆپلەپ ئاشقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن قېرىنداشلار بۇ مەزگىلدە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان كەچۈرمىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدى.—« يەھۋا ۋەز ئىشىمىزنى بەرىكەتلىمەكتە» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
16. بىز نېمىگە ئىشىنەلەيمىز؟
16 بەلكىم، بەزىلەر تەشكىلات تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەلگە قارىتا تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتتى،— دەپ ھېس قىلغاندۇ. ئەمما، بىز قوبۇل قىلغان كۆرسەتمىلەرنىڭ دانا يول-يورۇق ئىكەنلىكى قايتا-قايتا ئايان بولدى (مەتتا 11:19). ھەقىقەتەن، ئەيسانىڭ ئۆز خەلقىنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يېتەكلەۋاتقانلىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، ئەتە نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ بىز بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز.—ئىبرانىيلار 13:5، 6-نى ئوقۇڭ.
17. ئەيسانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا بولۇپ، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟
17 ئەيسا بىزنىڭ يېتەكچىمىز. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمىز! بىز مەدەنىيەت، مىللەت ۋە تىل جەھەتتىكى توسالغۇلارنى يېڭىۋاتقان تەشكىلاتقا تەۋەمىز. بىز روھىي ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشىپ، ۋەز خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن تەربىيىلەشلەرگە قاتنىشىمىز. ھەربىرىمىز شەخسەن يېڭى تەبىئەتنى كىيىش، يەنى مىجەز-خۇلۇقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر ياردەمگە ئېرىشىۋاتىمىز. بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋاتىمىز. ئەيسانىڭ يېتەكچىمىز بولغىنىدىن پەخىرلىنىشكە تۈرلۈك سەۋەبلىرىمىز بار!
14-ناخشا خۇدا ھەممىنى يېڭىلار
a ھازىر مىليونلىغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار قىزغىنلىق بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاۋاتىدۇ. سىزمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز يېتەكچىمىز ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىۋاتىسىز. بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ مەلۇماتلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش بىزگە مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.