تەرجىمىھال
يەھۋانىڭ ھايات يولىنى كۆرسىتىپ، مېنى يېتەكلىشىگە يول قويدۇم
ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن بىر يول تاللىدىم. مەن ھەقىقەتەن كەسىپىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما، يەھۋا مېنى باشقىچە يولغا مېڭىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ ماڭا شۇنداق دەۋاتاتتى: «مەن ساڭا ئەقىل-ئىدراك بېرىپ، ماڭىدىغان يولۇڭنى كۆرسىتىمەن، ساڭا نەزەر سېلىپ، مەسلىھەت بېرىمەن» (زەبۇر 32:8). يەھۋانىڭ يول كۆرسىتىپ، مېنى يېتەكلىشىگە يول قويۇپ، شۇنچە كۆپ ئاجايىپ پۇرسەتلەر ۋە بەرىكەتلەرگە ئېرىشتىم. مەسىلەن، 52 يىل ئافرىقىدا خىزمەت قىلدىم.
قارا يۇرتتىن ئافرىقىنىڭ ئوت يۈرىكىگە باردىم
مەن 1935-يىلى، ئەنگلىيىنىڭ قارا يۇرتى دەپ ئاتالغان، دارلاستون دېگەن شەھەر-بازىرىدا تۇغۇلدۇم. ئۇ يەردە مېتال تاۋلاش ۋە قۇيمىچىلىق زاۋۇتلىرى ۋە باشقا سانائەت كارخانىلىرى ھاۋانى قارا ئىس-تۈتەك بىلەن تولدۇرغاچ، قارا يۇرت دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان. مەن تۆت ياش ۋاقتىمدا، ئاتا-ئانام يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا، ھەقىقەتنى تاپقىنىمغا قايىل بولۇپ، 1952-يىلى 16 ياش ۋاقتىمدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلدۈم.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن قولدا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلار ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى ياسايدىغان چوڭ بىر زاۋۇتقا شاگىرتلىققا كىردىم. شىركەت مېنى كاتىپلىق خىزمىتىدە تەربىيىلەشكە باشلىدى. مەن بۇ خىزمەتنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
رايونغا مەسئۇل ئاقساقال مېنى ۋىللېنخولدىكى جامائىتىمىزدە ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى جامائەت مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىشنى باشلاشقا تەكلىپ قىلغاندا، ماڭا مۇھىم بىر قارار چىقىرىشقا توغرا كەلدى. ئەمما، بىر قىيىنچىلىقىم بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن ئىككى جامائەتكە باراتتىم. يەنى، ھەپتە ئوتتۇرىسىدا، ئۆيۈمىزدىن 32 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى برومسېگروۋدىكى خىزمەت ئورنۇمغا ئەڭ يېقىن جامائەتكە قاتنىشىپ، ھەپتە ئاخىرىدا ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە قايتىپ، ۋىللېنخولدىكى جامائەتكە قاتنىشاتتىم.
يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى قوللاشنى خالايتتىم، شۇڭا مەن رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم. دېمەك، مەن ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالغان كەسىپتە شاگىرت بولۇشنى توختاتتىم. مەن قارارىم ئۈچۈن ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمىدىم. چۈنكى، يەھۋانىڭ ماڭا يول كۆرسىتىپ، يېتەكلىشىگە يول قويۇش شاد-خۇرام تۇرمۇشنىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئاچتى.
مەن برومسېگروۋ جامائىتىگە قاتناشقاندا، چىرايلىق، خۇداغا خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئاننى ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن تونۇشتۇم. بىز 1957-يىلى توي قىلدۇق. بىللە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە بەيتەلدە خىزمەت قىلىش قاتارلىق شان-شەرەپلەردىن بەھرىمەن بولدۇق. ئاننى ھاياتىمدا خۇشاللىقىمنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى.
1966-يىلى، بىز گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 42-قارارلىق سىنىپىغا
قاتنىشىپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. بىز مالاۋىدا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىلدۇق. كىشىلەر بۇ دۆلەتنى ئافرىقىنىڭ «ئوت يۈرىكى» دەپ ئاتاشقان ئىدى. چۈنكى، بۇ يەردە كىشىلەر ئاق كۆڭۈل ۋە مېھماندوست ئىدى. ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرالمايدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق.مالاۋىدا خىزمەت قىلغاندا يۈز بەرگەن ئىشلار
1967-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىز مالاۋىغا كەلدۇق. قىسقا بىر ئاي داۋاملاشقان تىل كۇرسىدىن كېيىن، بىز زىيارەت خىزمىتىنى باشلىدۇق. بىز بەزى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ھەرقانداق جايلاردىن، ھەتتا دەريالاردىن بىمالال ئۆتەلەيدىغان دالا ماشىنىسىنى ھەيدىدۇق. ئەمما، بۇ خام-خىيال ئىدى. بىز ناھايىتى تېيىز سۇدىنلا ئۆتەلەيتتۇق. بەزى ۋاقىتلاردا، ئۆگىزىسى قومۇش بىلەن يېپىلغان لاي كەپىلەردە تۇراتتۇق، يامغۇر پەسلىدە ئۆگىزىنىڭ ئاستىغا سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان رەختلەرنى تارتىپ، يامغۇر ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىناتتۇق. بۇ مىسسىئونېرلىق خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى، ئەمما بۇ خىزمىتىمىزنى ياخشى كۆرەتتۇق.
مەن 4-ئايدا، ئۇزۇن ئۆتمەي ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن مالاۋىنىڭ دۆلەت باشلىقى خاستىنىز باندانىڭ رادىئودا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى باج تاپشۇرمىدى ۋە سىياسەتكە ئارىلاشتى دەپ تۆھمەتلەرنى چاپلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئەيىبلەشلەر يالغان ئىدى. ھەممىمىزگە ئايانكى، ھەقىقىي مەسىلە بولسا بىتەرەپلىكنى ساقلىغانلىقىمىز، بولۇپمۇ سىياسىي پارتىيىنىڭ ئەزالىق كارتىسىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلغانلىقىمىز ئىدى.
9-ئايدا، دۆلەت باشلىقى قېرىنداشلارنى ھەممە جايلاردا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى گېزىتتىن ئوقۇدۇق. بىر قېتىملىق سىياسىي يىغىندا، ئۇ ئۆز ھۆكۈمىتىنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى چەكلەشنى تېزلىكتە قارار قىلىشقا قايىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ چەكلەش
1967-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ساقچىلار ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى خادىملار مىسسىئونېرلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، بەيتەلنى تاقاش ئۈچۈن كەلدى.ئۈچ كۈن تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، بىزنى ئەنگلىيە كونتروللۇقىدىكى دۆلەت، ماۋرىتىئۇسقا قوغلاپ چىقاردى. بىراق، ماۋرىتىئۇس ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مىسسىئونېر بولۇپ قېلىشىمىزغا رۇخسەت قىلمىدى. شۇڭا، بىز رودېسىيەگە (ھازىرقى زىمبابۋې) ئەۋەتىلدۇق. بىز بۇ دۆلەتكە كەلگەندە، ناھايىتى قوپال چېگرا ساقچىسى چېگرىدىن كىرىشىمىزنى رەت قىلدى. ئۇ بىزگە: «سىلەرنى مالاۋىدىن قوغلاپ چىقاردى، ماۋرىتىئۇستا تۇرۇشلارغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ يەر قولاي بولغاچ، بۇ يەرگە كەلدىڭلار، شۇنداقمۇ؟!»— دېدى. ئاننى يىغلاشقا باشلىدى. ھېچكىم بىزنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى! مەن شۇ تاپتا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇدۇل ئۆيگە، يەنى ئەنگلىيىگە قايتماقچى بولدۇم. ئاخىرىدا، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تارماق ئىشخانىسى بىر كېچە ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىدا قونۇشىمىزغا رۇخسەت بەردى. لېكىن، ئەتىسى چوقۇم ئۇلارنىڭ باش ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىشىمىز شەرت ئىدى. بىز بەك چارچاپ كەتتۇق، ئەمما داۋاملىق ئىشلارنى يەھۋانىڭ قولىغا تاشلاپ قويدۇق. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن زىمبابۋېدا ساياھەتچى سۈپىتىدە تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇ كۈندىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن، يەھۋانىڭ ماڭا يول كۆرسىتىپ، مېنى يېتەكلەۋاتقانلىقىغا ئىشەندىم.
زىمبابۋېدا تۇرۇپ مالاۋىدىكى خىزمەتلەرگە ياردەم بەردىم
زىمبابۋې بەيتەلنىڭ خىزمەت بۆلۈمىدە، مالاۋى ۋە موزامبىكتىكى قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىشى تاپشۇرۇلدى. مالاۋىدىكى قېرىنداشلار قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتاتتى. خىزمىتىمنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، مالاۋىدىكى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللاردىن كەلگەن خەت ياكى مەلۇماتلارنى تەرجىمە قىلدىم. مەلۇماتلارنى تاماملاش ئۈچۈن، بىر كۈنى كەچتە ئىشلەۋېتىپ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۇچراتقان زوراۋانلىقى ھەققىدە ئوقۇپ، يىغلاپ كەتتىم a. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى، ئىمان-ئېتىقادى ۋە چىدامچانلىقى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.—2-كورىنت. 6:4، 5.
بىز مالاۋىدا قالغان قېرىنداشلارنى ۋە زوراۋانلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن موزامبىكقا قېچىپ كەلگەن قېرىنداشلارنى روھىي ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بارلىق ئاماللاردىن پايدىلاندۇق. مالاۋىدا كۆپۈنچە كىشىلەر چىچېۋا تىلىدا سۆزلەيتتى. بۇ تىلنىڭ تەرجىمە گۇرۇپپىسى زىمبابۋېدىكى بىر بۇرادەرنىڭ چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۆيلەرنى ۋە بىر ئىشخانا بىناسىنى سالدى. ئۇ يەردە، تەرجىمانلار مۇھىم خىزمەتنى، يەنى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كىتاب-ژۇرناللارنى تەرجىمە قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
مالاۋىدىكى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللارنى ھەر يىلى زىمبابۋېدىكى چىچېۋا تىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۇ يەردە ئۇلار چوڭ يىغىلىشنىڭ نۇتۇقلىرىنى تەييارلاش ماتېرىياللىرىغا ئېرىشەتتى. ئۇلار مالاۋىغا قايتىش يولىدا، ئامالىنىڭ بارىچە بۇرادەرلەر بىلەن ماتېرىياللارنى ئورتاقلىشاتتى. بىر يىلى ئۇلار زىمبابۋېدا بولغان مەزگىلدە، ئاشۇ جاسارەتلىك رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللارغا ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان پادىشاھلىق ۋەز خىزمەت مەكتىپىنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
1975-يىلى 2-ئايدا، مەن مالاۋىدىن موزامبىكتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا قېچىپ كەلگەن گۇۋاھچىلارنى يوقلاپ باردىم. بۇ قېرىنداشلار يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرسەتمىلىرىگە، يەنى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى. يېڭى ئاقساقاللار ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلەش، كۈندىلىك ئايەت ۋە «كۈزىتىش مۇنارى»نى مۇھاكىمە قىلىش ۋە چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈش دېگەندەك نۇرغۇن ئىش-پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار لاگېرلارنى خۇددى چوڭ يىغىلىشلارغا ئوخشاش تەشكىللىگەن بولۇپ، تازىلاپ ئاسراش، يېمەكلىك تەخسىملەش ۋە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بۆلۈملەر بار ئىدى. شۇ ساداقەتمەن قېرىنداشلار يەھۋانىڭ بەرىكىتى بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. مەن ئۇلارنى يوقلاپ بېرىپ، بەك كۆپ ئىلھام ئالدىم.
1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، مالاۋىدىكى قېرىنداشلارغا زامبىيە بەيتەل غەمخورلۇق قىلىشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ، مەن ھەردائىم مالاۋىدىكى قېرىنداشلارنى ئويلاپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدىم، باشقىلارمۇ شۇنداق قىلدى. بىر قانچە قېتىم، زىمبابۋې بەيتەل كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، مالاۋى، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە زامبىيىدىن كەلگەن مەسئۇلىيەتچان قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە، دۇنياۋىي باش باشقارمىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتۈم. ھەر قېتىم ئوخشاش سوئال ئۈستىدە
مۇھاكىمە قىلدۇق. «مالاۋىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلالايمىز؟»ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، زىيانكەشلىك ئازايدى. مالاۋىدىن قېچىپ كەتكەن قېرىنداشلار ئاستا-ئاستا دۆلىتىگە قايتىشقا باشلىدى. مالاۋىدا قالغانلار بولسا زىيانكەشلىككە ئازراق ئۇچرىدى. يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى قانۇنلۇق ئېتىراپ قىلدى ۋە چەكلەشلەرنى بىكار قىلدى. 1991-يىلى، موزامبىكمۇ شۇنداق قىلدى. ئەمما، بىز «قاچانمۇ مالاۋىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەركىن بولار؟» دەپ ئويلىدۇق.
مالاۋىغا قايتتىم
مالاۋىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئاخىرى ئۆزگەردى، 1993-يىلى ھۆكۈمەت يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا بولغان چەكلەشنى بىكار قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، مەن بىر مىسسىئونېر بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇ مەندىن: «مالاۋىغا قايتىپ كېلەمسىز؟»— دەپ سورىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا 59 ياشتا بولغاچ، «ياق، مەن بەك قېرىپ كەتتىم!»— دەپ جاۋاب بەردىم. ئەمما دەل شۇ كۈنى يېتەكچى كېڭەشنىڭ بىزنى مالاۋىغا قايتىش تەكلىپ خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالدۇق.
بىز زىمبابۋېدىكى ۋەزىپىمىزنى ياخشى كۆرەتتۇق. شۇڭا، بۇ بىز ئۈچۈن قىيىن بىر قارار بولدى. زىمبابۋېدا يىلتىز تارتىپ، ئۇزۇن يىللىق، قەدىناس دوستلارنى تۇتقان ئىدۇق. يېتەكچى كېڭەش ئەگەر خالىمىساق، يەنىلا بۇ دۆلەتتە قېلىش توغرىسىدا ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن تەكلىپ بەردى. شۇڭا، بىز ئاسانلا يولۇمىزنى تاللاپ، زىمبابۋېدا تۇرۇپ قالدۇق. بىراق، مېنىڭ ياشانغان ئىبراھىم بىلەن سارەنىڭ يەھۋانىڭ يول-يورۇغىغا بويسۇنۇپ، ئازادە ئۆيىدىن قانداق ئايرىلغانلىقى ھەققىدە ئويلىغانلىقىم ئېسىمدە بار.—يارىت. 12:1–5.
بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مېڭىشنى قارار قىلىپ، 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەنى تۇنجى قېتىم 28 يىل ئىلگىرى مالاۋىغا كەلگەن كۈنى مالاۋىغا قايتىپ باردۇق. مەن ۋە باشقا ئىككى قېرىنداشتىن تەشكىل قىلىنغان بەيتەل كومىتېتى قۇرۇلدى، بىز ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتۇق.
يەھۋا ئۇنى ئۆستۈردى
يەھۋانىڭ خىزمەتنى تېز راۋاجلاندۇرغانلىقىنى كۆرۈش نېمە دېگەن زور بەرىكەت! 1993-يىلى 30 مىڭ ۋەز ئېيتقۇچى بار ئىدى، 1998-يىل 42 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى b. يېتەكچى كېڭەش تېزلىكتە ئۆسۈۋاتقان خىزمەت ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەر سېتىۋېلىپ، بەيتەل ئىشخانا بىنالىرىنى سېلىش پىلانلىرىنى ماقۇللىدى. لىلوڭۋېدا 12 گېكتار يەر سېتىۋالدۇق. مەن قۇرۇلۇش كومىتېتىدا خىزمەتكە تەيىنلەندىم.
2001-يىلى 5-ئايدا، يېتەكچى كېڭەش ئەزاسى گاي
پىيېرس بۇرادەر يېڭى بەيتەلنى بېغىشلاش نۇتۇقىنى سۆزلىدى. ئىككى مىڭدىن كۆپرەك يەرلىك گۇۋاھچىلار قاتناشتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 40 يىل بۇرۇن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەنلەر ئىدى. بۇ ساداقەتمەن قېرىنداشلار ئىش-پائالىيىتىمىز چەكلەنگەن يىللاردا تەسۋىرلىگۈسىز قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇلار نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىمان-ئېتىقادتا كۈچلۈك، يەھۋانىڭ نەزەرىدە باي كىشىلەر ئىدى. ھازىر ئۇلار يېڭى بەيتەلنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈشتى. ئۇلار بەيتەلدە قەيەرگە بارمىسۇن، ئافرىقا ئۇسلۇبىدا پادىشاھلىق مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىشتى. بۇ مەن ھاياتىمدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەڭ تەسىرلىك كەچۈرمىش!. بۇ يەھۋانىڭ سىناقلارغا سادىقلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى مول بەرىكەتلەرگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر.بەيتەل قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، مەن پادىشاھلىق سارايلىرىنى بېغىشلاش نۇتۇقىنى سۆزلەش ۋەزىپىلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىغانلىقىمدىن خۇشال بولدۇم. تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس دۆلەتلەردە پادىشاھلىق ئىبادەت زاللىرى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىش پىلانلىرى مالاۋىدىكى جامائەتلەرنى پايدا-مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈردى. ئىلگىرى، بەزى جامائەتلەر ئېۋكالىپت دەرىخىدىن ياسالغان كەپىلەردە يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆگزىىسى قومۇش بورىلار بىلەن يېپىلغان ۋە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن لاي كېسەك ئورۇندۇقلار ئىشلىتىلگەن. ھازىر بۇرادەرلەر چىرايلىق يېڭى يىغىلىش جايلىرىنى پىششىق خىش-كېسەكلەردىن سالدى. ئەمما، ئۇلار يالغۇز كىشىلىك ئورۇندۇقلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن ئورۇندۇقلارنى ئىشلىتىشنى خالىدى. بۇنداق بولغاندا، ئۇلار ھەردائىم يەنە بىر كىشى ئۈچۈن ئورۇن چىقىرالايتتى.
مەن يەنە يەھۋانىڭ كىشىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەك خۇشال بولدۇم. ئافرىقىدىكى ياش قېرىنداشلار مېنى بەك تەسىرلەندۈردى، چۈنكى ئۇلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىزمەتلەرگە ئۆزىنى ئاتاپ، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بەرگەن تەلىم-تەربىيىلەر ۋە ئەمەلىي تەربىيىلەشلەردىن تېزلا تەجرىبىلەرنى توپلىدى. ئۇلار بەيتەل ۋە جامائەتلەردە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ جامائەتلەر يېڭىدىن تەيىنلەنگەن يەرلىك رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار تەرىپىدىن تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى توي قىلغان. بۇ جۈپلەر مەدەنىيەت ۋە بەزى ئەھۋاللاردا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئاخىرقى زاماننىڭ بۇ مەزگىلىدە بالىلىق بولماسلىقنى قاراپ قىلىپ، يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى تاللىدى.
قارارلىرىم بىلەن شۈكۈر-قانائەت تاپتىم
ئافرىقىدا 52 يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، تەن سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى بولمىدى. بەيتەل كومىتېتىنىڭ بىزنى قايتا ئەنگلىيىگە تەيىنلەش تەۋسىيىسىنى يېتەكچى كېڭەش ماقۇللىدى. بىز ئۈمىدسىزلەندۇق، چۈنكى ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلدۇق. ئەمما، ياشانغان ۋاقتىمىزدا، ئەنگلىيە بەيتەل ئائىلىسى بىزگە ناھايىتى ياخشى غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ.
مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يەھۋانىڭ ھايات يولىنى كۆرسىتىپ، مېنى يېتەكلىشىگە يول قويۇش، ھاياتىمدا چىقارغان ئەڭ ياخشى قارار. ئەگەر مەن ئۆز ئەقلىمگە تايانغان بولسام، بۇ دۇنيادا قىلىدىغان كەسپىم مېنى نەگە ئېلىپ باراتتىكىن، ھېچكىم بىلمەيدۇ. يەھۋا ھەرقاچان يوللىرىمنى توغرىلاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلگەن (پەند. نە 3:5، 6). يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى تەشكىلاتى كۆڭلۈمنى ھەقىقىي قانائەت تاپقۇزىدىغان كەسىپنى ماڭا بەردى. يەھۋاغا خىزمەت قىلىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ھايات بولغان ۋە داۋاملىق شۇنداق بولۇۋاتىدۇ!
a «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ 1999-يىللىق يىلنامىسى» (باشقا تىلدا)، 148-223-بەتلەردە، مالاۋىدىكى گۇۋاھچىلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا يېزىلغان.
b مالاۋىدا ھازىر 100 مىڭدىن ئارتۇق يەھۋا گۇۋاھچىسى بار.