مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

37-‏تە‌تقىق ماقالىسى

قېرىنداشلىرىڭلارغا ئىشىنىڭلار

قېرىنداشلىرىڭلارغا ئىشىنىڭلار

‏«مۇ‌ھە‌ببە‌ت .‏.‏.‏ ھە‌ممە نە‌رسىگە ئىشىنىدۇ،‏ ھە‌ممە نە‌رسىگە ئۈمىد باغلايدۇ».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏4،‏ 7‏.‏

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيادا كىشىلە‌رنىڭ بىر-‏بىرىگە ئىشە‌نمە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھە‌يران قالمايمىز؟‏

 كىشىلە‌ر شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىدا كىمگە ئىشىنىشىنى بىلمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار داۋاملىق سودا-‏تىجارە‌ت،‏ سىياسىي ئىشلار ۋە دىنىي داھىيلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر دوستلىرى،‏ قوشنىلىرى،‏ ھە‌تتا ئائىلە ئە‌زالىرىغىمۇ ئىشە‌نمە‌يدىغان بولۇ‌پ كېتىۋاتىدۇ.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن ھە‌يران قالماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئاخىر زاماندا .‏.‏.‏ ئىنسانلار .‏.‏.‏ ۋاپاسىز،‏ .‏.‏.‏ تۆھمە‌تخور،‏ .‏.‏.‏ ساتقۇ‌ن» بولىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ كىشىلە‌ر بۇ دۇ‌نيانىڭ ئىشە‌نچسىز ئىلاھى بولغان شە‌يتاننىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرىدۇ.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1–‏4؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 4:‏4‏.‏

2.‏ (‏1)‏ بىز كىمگە تولۇ‌ق ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ (‏2)‏ بە‌زىلە‌ر قانداق ئويلىشى مۇ‌مكىن؟‏

2 مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە،‏ بىز يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ئىشە‌نچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز (‏يە‌رە‌م.‏ 17:‏7،‏ 8‏)‏.‏ بىز ئۇ‌نىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ۋە ئۆز دوستلىرىنى ھە‌رگىز تاشلىۋە‌تمە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 9:‏10‏)‏.‏ يە‌نە بىز مە‌سىھ ئە‌يساغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز،‏ چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏18‏)‏.‏ بىز باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىشلاردىن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ئىشە‌نچىلىك كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدىغانلىقىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ بىز ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئىشە‌نچ قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زىلە‌ر جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا ھە‌ردائىم ئىشىنە‌لە‌يمىزمۇ؟‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر جاۋاب «ھە‌ئە» بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمىشقا ئۇ‌لارغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مۇ‌ھتاج

دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا بىزگە ئوخشاش يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ئىشە‌نچىلىك قېرىنداشلىرىمىز بار (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

3.‏ بىزدە قانداق ئالاھىدە ئىمتىياز بار؟‏ (‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30‏)‏

3 يە‌ھۋا بىزنى،‏ ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلىدىغان خە‌لقئارالىق چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولۇ‌شقا تاللىغان.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ بۇ بىر ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە بىزنى زور بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ!‏ ‏(‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا،‏ بىزگە ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانى سۆيىدىغان ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشاشقا پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن تىرىشىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار.‏ تىلىمىز،‏ مە‌دە‌نىيىتىمىز ۋە كىيىنىشىمىز بىر-‏بىرىگە ئوخشىماسلىقى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار بىلە‌ن تۇ‌نجى قېتىم كۆرۈشكە‌ندە،‏ ئۆزىمىزنى ئۇ‌لارغا يېقىندە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى مە‌دھىيىلە‌ش ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن بىللە بولۇ‌شنى ياخشى كۆرىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1‏.‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مۇ‌ھتاج؟‏

4 ھازىر ئىلگىرىكى ھە‌رقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا،‏ قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاق ئۆتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ ئۇ‌لار يۈكۈمىزنى كۆتۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏رىملىقلار 15:‏1؛‏ گالاتىيا.‏ 6:‏2‏)‏.‏ ئۇ‌لار بىزنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى يوقاتماسلىققا ۋە ياراتقۇ‌چىمىز بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11؛‏ ئىبرانىي.‏ 10:‏23–‏25‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئورتاق دۈشمىنىمىز شە‌يتان ئىبلىس ۋە ئۇ‌نىڭ رە‌زىل دۇ‌نياسىغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان جامائە‌تنىڭ ھىمايىسى بولمىسا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ كونترول قىلىۋاتقان كىشىلە‌ر پات-‏يېقىندا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ،‏ شۇ چاغدا قېرىنداشلىرىمىز يېنىمىزدا بولغىنىغا مىننە‌تدار بولىمىز!‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌رنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئىشىنىشى تە‌سكە توختايدۇ؟‏

5 ئە‌مما،‏ بە‌زىلە‌رنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئىشىنىشى تە‌سكە توختايدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىر قېرىنداش مە‌خپىي دە‌پ قارىغان ئىشنى باشقىلارغا ئېيتىپ قويۇ‌شى ياكى ۋە‌دىسىگە ئە‌مە‌ل قىلمىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ جامائە‌تتە بىرلىرى ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بېرىدىغان سۆزلە‌رنى ياكى ئىشلارنى قىلغان.‏ بۇ‌نداق ئىشلارنى باشتىن كە‌چۈرسە‌ك،‏ باشقىلارغا ئىشىنىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قايتا تۇ‌رغۇ‌زۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىشە‌نچىمىزنى تۇ‌رغۇ‌زۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ

6.‏ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىشە‌نچىمىزنى تۇ‌رغۇ‌زۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4–‏8‏)‏

6 مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىشە‌نچنىڭ ئاساسىدۇ‌ر.‏ كورىنتلىقلارغا يېزىلغان 1-‏خە‌ت 13-‏بابتا،‏ باشقىلارغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى تۇ‌رغۇ‌زۇ‌ش ياكى قايتا تىكلە‌شكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن تە‌رە‌پلىرى بايان قىلىنغان ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4–‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 4-‏ئايە‌تتە «مۇ‌ھە‌ببە‌ت سە‌ۋرچان ۋە مېھرىباندۇ‌ر» دېيىلگە‌ن.‏ بىز يە‌ھۋاغا قارشى گۇ‌ناھ قىلساقمۇ،‏ ئۇ بىزگە سە‌ۋرچان بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ قېرىنداشلىرىمىز بىزنى تېرىكتۈرىدىغان ياكى كۆڭلىمىزنى ئاغرىتىدىغان سۆزلە‌رنى ياكى ئىشلارنى قىلسا،‏ چوقۇ‌م سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌نە 5-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «[مۇ‌ھە‌ببە‌ت] ئاسانلا ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلىمايدۇ».‏ بىز ئۆتمۈشتە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقان گە‌پ-‏سۆز ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئېسىمىزدە ساقلىۋېلىپ،‏ قە‌لبىمىزدە ئاداۋە‌ت ساقلاشنى خالىمايمىز.‏ ۋە‌ز 7:‏9-‏ئايە‌ت‏،‏ بىزنى «ئاسانلا ئاچچىقلانمىغىن»،‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏26-‏ئايە‌تنى ھاياتىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىش بە‌ك مۇ‌ھىم:‏ «غە‌زىپىڭلاردىن قايتماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ كۈنمۇ پېتىپ كە‌تمىسۇ‌ن».‏

7.‏ مە‌تتا 7:‏1–‏5-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پرىنسىپلار ئىشە‌نچىمىزنى تۇ‌رغۇ‌زۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشە‌نچ قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌ل _ ئۇ‌لارغا يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرى بىلە‌ن قاراش.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى سۆيىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى خاتىرىلە‌پ ماڭمايدۇ.‏ بىزمۇ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 130:‏3‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ خاتالىقلىرىغا دىققە‌ت قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىش يوشۇ‌رۇ‌ن كۈچى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏مە‌تتا 7:‏1–‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ ياخشىلىق قىلىدىغانلىقى ۋە بىزگە زىيان يە‌تكۈزۈش نىيىتى يوقلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌ھە‌ببە‌ت «ھە‌ممە نە‌رسىگە ئىشىنىدۇ» (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏7‏)‏.‏ بۇ سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ بىزدىن باشقىلارغا قارغۇ‌لارچە ئىشىنىشنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌چكە،‏ ئۇ‌لارغا ئىشىنىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ b‏.‏

8.‏ قانداق قىلغاندا،‏ قېرىنداشلىرىڭىزغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يسىز؟‏

8 خۇ‌ددى ھۆرمە‌تكە ئوخشاش،‏ ئىشە‌نچىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كېتىدۇ.‏ سىز ئۆزىڭىز قېرىنداشلىرىڭىزغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ياخشى تونۇ‌شۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشىدا پاراڭلىشىڭ.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌لارغا سە‌ۋرچان بولۇ‌ڭ،‏ ئۇ‌لارغا ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشنىڭ پۇ‌رسىتىنى بېرىڭ.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ تېخى يېقىن تونۇ‌مايدىغان كىشىلە‌رگە شە‌خسىي ئىشلىرىڭىز ھە‌ققىدە ئېيتماسلىقىڭىز،‏ ئە‌كسىچە ئۇ‌لار بىلە‌ن ياخشىراق تونۇ‌شقاندىن كېيىن،‏ ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئوچۇ‌ق ئېيتىشىڭىز مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 16:‏10‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئىشە‌نچىڭىزگە خىيانە‌ت قىلسا،‏ قانداق قىلالايسىز؟‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئۈزۈشكە ئالدىرىماڭ.‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ.‏ بىرقانچە كىشىنىڭ قىلغانلىرىنى دە‌پ باشقا قېرىنداشلارغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزدىن ۋاز كە‌چمە‌ڭ.‏ ھازىر مۇ‌شۇ توغرىسىدا،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌زى ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تكارلىرى كۆرسە‌تكە‌ن ئۈلگىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

قە‌دىمقى زاماندىكى كىشىلە‌رنى ئۈلگە قىلىڭ

ئە‌لىنىڭ تۇ‌نجى ئىنكاسىغا قاراپ،‏ ھاننا يە‌ھۋانىڭ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىغا بولغان ئىشە‌نچىنى يوقاتمىغان (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

9.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋاغا ۋە‌كىللىك قىلدىغان بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ خاتالىقىغا قارىماي،‏ ھاننا يە‌ھۋانىڭ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىغا بولغان ئىشە‌نچىنى قانداق ساقلاپ قالغان؟‏ (‏2)‏ ھاننانىڭ باشتىن ئۆتكۈزگە‌نلىرى يە‌ھۋانىڭ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىغا ئىشىنىش توغرۇ‌لۇ‌ق سىزگە نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

9 يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتى سىزنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرگە‌نمىدى؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ھاننانىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏ ئاشۇ زاماندا،‏ باش روھانىي ئە‌لى ئىسرائىللارنىڭ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلاتتى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى ئۈلگىلىك ئائىلە ئە‌مە‌س ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئوغۇ‌للىرى بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋە‌زىپە ئورۇ‌نلىرىدا،‏ دائىم نومۇ‌سسىز،‏ ئە‌خلاقسىز ئىشلارنى قىلاتتى.‏ بىراق،‏ دادىسى ئۇ‌لارنى تۈزە‌تمىگە‌ن ئىدى.‏ يە‌ھۋا دە‌رھال ئە‌لىنى ۋە‌زىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىمىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ھاننا باش روھانىي ئە‌لى ۋە‌زىپە ئۆتىگە‌ن چاغدا،‏ ئىبادە‌ت چېدىرىدا ئىبادە‌ت قىلىشنى رە‌ت قىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىغا قارشى چىقمىغان ئىدى.‏ ئە‌لى ھاننانىڭ قاتتىق ئازاب ئىچىدە دۇ‌ئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نى مە‌ست بولۇ‌پ قاپتۇ،‏ دە‌پ خاتا يە‌كۈن چىقارغان.‏ ئۇ ئېنىق تە‌كشۈرمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ،‏ كۆڭلى بىئارام ئايالنى تە‌نقىد قىلغان ئىدى (‏1-‏سام.‏ 1:‏12–‏16‏)‏.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئە‌گە‌ر ھاننا ئوغلى بولسا،‏ ئىبادە‌ت چېدىرىدا خىزمە‌ت قىلىشقا ئېلىپ كېلىپ،‏ ئۇ‌نى ئە‌لىنىڭ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىغا تاپشۇ‌رىدىغانلىقىنى قە‌سە‌م قىلغان (‏1-‏سام.‏ 1:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌لىنىڭ ئوغۇ‌للىرىغا نېمە بولغان؟‏ ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى جازالىغان (‏1-‏سام.‏ 4:‏17‏)‏.‏ ھاننا بولسا مۇ‌كاپاتلىنىپ،‏ سامۇ‌ئىل ئىسىملىك بىر ئوغۇ‌لنى تۇ‌غقان.‏—‏1-‏سام.‏ 1:‏17–‏20‏.‏

10.‏ پادىشاھ داۋۇ‌ت بە‌زىلە‌رنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا قارىماي،‏ باشقىلارغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى قانداق ساقلاپ قالغان؟‏

10 يېقىن دوستىڭىز ئىلگىرى سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ باققانمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلغان بولسا،‏ پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ كە‌چۈرمىشلىرى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ئاخىتوفە‌ل ئىسىملىك يېقىن بىر دوستى بار ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئوغلى ئابشالوم ئاتىسىدىن پادىشاھلىق تە‌ختىنى تارتىۋېلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغاندا،‏ ئاخىتوفە‌ل ئابشالومغا قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ داۋۇ‌تقا ئاسىيلىق قىلغان.‏ ئۆز ئوغلى ۋە دوستىم دە‌پ قارىغان كىشىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان داۋۇ‌تنىڭ كۆڭلى قانچىلىك بىئارام بولغاندۇ،‏_ ھە!‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ داۋۇ‌ت بۇ ئاسىيلىق تۈپە‌يلى،‏ باشقىلارغا ئىشىنىشتىن توختاپ قالمىغان.‏ ئۇ ئىسىيانغا قاتنىشىشنى رە‌ت قىلغان يە‌نە بىر سادىق دوستى خۇ‌شايغا داۋاملىق ئىشە‌نگە‌ن ئىدى.‏ داۋۇ‌تنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىشىگە يېتە‌رلىك سە‌ۋە‌بلىرى بار ئىدى.‏ خۇ‌شاي ياخشى دوست ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغان،‏ ھە‌تتا داۋۇ‌تقا ياردە‌م قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنى خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلغان ئىدى.‏—‏2-‏سام.‏ 17:‏1–‏16‏.‏

11.‏ نابالنىڭ خىزمە‌تكارلىرىدىن بىر ئىشە‌نچىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

11 نابالنىڭ خىزمە‌تكارلىرىدىن بىرىنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ داۋۇ‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ ئادە‌ملىرى ياخشىلىق قىلىپ،‏ نابال ئىسىملىك بىر ئىسرائىلنىڭ خىزمە‌تكارلىرىنى قوغدىغان ئىدى.‏ بىر مە‌زگىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئاشۇ باي كىشىدىن داۋۇ‌ت ئۆز ئادە‌ملىرى ئۈچۈن يېمە‌كلىك سورىغان.‏ نابال ئۆز قولىدىن كېلىدىغان بۇ ئاددىي تە‌لە‌پنى رە‌ت قىلغان.‏ داۋۇ‌ت ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ،‏ نابالنىڭ ئائىلىسىدىكى بارچە ئە‌ر كىشىلە‌رنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ئىدى.‏ بىر خىزمە‌تچى نابالنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا بۇ ئە‌ھۋالنى خە‌ۋە‌ر قىلغان.‏ ئۇ بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولۇ‌ش سۈپىتى بىلە‌ن ئۆز ھاياتىنىڭ ئابىگائىلنىڭ قولىدا ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌تتى.‏ ئۇ قېچىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئابىگائىلنىڭ بۇ ۋە‌زىيە‌تنى ئوڭشىيالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ شۇ‌نداق ئىشە‌نچ قىلالىشىنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ ھە‌ممىسى ئۇ ئايالنىڭ ئە‌قىللىق ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌تتى.‏ كېيىن يۈز بە‌رگە‌ن ئىش،‏ ئۇ‌نىڭ ئابىگائىلغا ئىشىنىشىنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تتى.‏ ئابىگائىل جاسارە‌ت بىلە‌ن يول تۇ‌تۇ‌پ،‏ داۋۇ‌تنى ئۆز نىيىتىدىن يېنىشقا قايىل قىلغان ئىدى (‏1-‏سام.‏ 25:‏2–‏35‏)‏.‏ ئۇ داۋۇ‌تنىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏

12.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ خاتالىقىغا قارىماي،‏ ئۇ‌لارغا ئىشە‌نگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 15:‏15،‏ 16‏)‏.‏ ياقۇ‌پ بىلە‌ن يۇ‌ھاننا ئە‌يسادىن پادىشاھلىقىدا ئالاھىدە ئورۇ‌ن بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش نىيىتىدىن گۇ‌مانلانمىغان ياكى ئۇ‌لارنىڭ ئە‌لچى بولۇ‌ش ئىمتىيازىنى بىكار قىلمىغان (‏ماركۇ‌س 10:‏35–‏40‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ قولغا ئېلىنغان كېچىدە،‏ بارلىق شاگىرتلىرى ئۇ‌نى تاشلاپ قېچىپ كە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 26:‏56‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى ھە‌رگىز يوقاتمىغان ئىدى.‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىنى ئوبدان بىلگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنى ئاخىرىغىچە سۆيگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 13:‏1‏)‏.‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆزىنىڭ 11 سادىق ئە‌لچىسىگە شاگىرت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە باشلامچىلىق قىلىش ۋە قىممە‌تلىك قويلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشتە‌ك ئېغىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى تاپشۇ‌رغان (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ يۇ‌ھاننا 21:‏15–‏17‏)‏.‏ بۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار ئە‌يسانىڭ ئىشە‌نچىسىنى يە‌ردە قويمىغان.‏ يە‌ر يۈزىدىكى ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قە‌دە‌ر،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغان ئىدى.‏ ئېنىقكى،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل كىشىلە‌رگە ئىشىنىشتە،‏ ھاننا،‏ داۋۇ‌ت،‏ نابالنىڭ خىزمە‌تچىسى،‏ ئابىگائىل ۋە ئە‌يسا بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏

ئىشە‌نچىڭىزنى قايتا تىكلە‌ڭ

13.‏ باشقىلارغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنىڭ تە‌ۋرىنىپ قېلىشىغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

13 بىر بۇ‌رادە‌رگە مە‌خپىي مە‌لۇ‌ماتنى ئېيتىپ،‏ كېيىنرە‌ك ئۇ ئىشە‌نچىڭىزنى يە‌ردە قويغان ۋە‌زىيە‌تنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌نمىدىڭىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولغان بولسا،‏ بۇ ئىچىڭىزنى بە‌ك ئاچچىق قىلغان.‏ بىر قېتىم،‏ بىر قېرىنداش ئاقساقالغا ئۆزىنىڭ شە‌خسىي مە‌سىلىسىنى سۆزلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌تىسى ئاقساقالنىڭ ئايالى قېرىنداشقا تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان.‏ ئېنىقكى،‏ ئاقساقال قېرىنداش بىلە‌ن بولغان سۆھبىتىنى ئايالىغا ئېيتقان ئىدى.‏ چۈشىنىشكە بولىدۇ‌كى،‏ قېرىنداشنىڭ ئاشۇ ئاقساقالغا بولغان ئىشە‌نچىسى تە‌ۋرىنىپ قالغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ توغرا يول تۇ‌تۇ‌پ ياردە‌م سورىغان.‏ ئۇ بولغان ئىش ھە‌ققىدە باشقا ئاقساقال بىلە‌ن پاراڭلاشقان.‏ ئۇ ئاقساقال قېرىنداشنىڭ ئاقساقاللارغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى قايتا تىكلىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

14.‏ بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئىشە‌نچىسىنى قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

14 بىر بۇ‌رادە‌ر ئىككى ئاقساقالغا ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتقىچە خاپا بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئىشە‌نمە‌ي يۈرگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ كېيىنرە‌ك ئۇ بە‌ك ھۆرمە‌تلە‌يدىغان بۇ‌رادە‌رنىڭ سۆزلىرىنى چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا باشلىغان.‏ بۇ ئاددىي،‏ ئە‌مما ئىنتايىن كۈچلۈك سۆزلە‌ر ئىدى:‏ «قېرىنداشلىرىمىز ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى شە‌يتان بىزنىڭ دۈشمىنىمىز».‏ بۇ‌رادە‌ر بۇ سۆزلە‌ر ئۈستىدە خېلى كۆپ ئويلانغان ۋە دۇ‌ئا قىلىپ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىغان.‏ ئۇ ئاخىرىدا ئاشۇ ئىككى ئاقساقال بىلە‌ن تىنچ-‏ئىناق مۇ‌ناسىۋە‌تنى قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرگە‌ن.‏

15.‏ نېمىشقا ئىشە‌نچنى قايتا تىكلە‌شكە ۋاقىت كېتىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

15 قانداقتۇ بىر ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ كىشى ھە‌قىقە‌تە‌ن ئازابلىنىدۇ.‏ 1930-‏يىللىرى ناتسىست گېرمانىيىسىدە خىزمىتىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن ۋاقىتتا،‏ گرېت ۋە ئانىسى سادىق گۇ‌ۋاھچىلار ئىدى.‏ گرېت ئېتىقادچى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى» نۇ‌سخىسىنى كۆپە‌يتىش ئۈچۈن خە‌ت بېسىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر دادىسىنىڭ ھە‌قىقە‌تكە قارشى تۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندىن كېيىن،‏ دادىسىنىڭ جامائە‌تكە خائىنلىق قىلىشىدىن ئە‌نسىرە‌پ،‏ ئۇ‌لار گرېتنى بۇ ئىمتىيازدىن توختىتىپ قويغان.‏ ئۇ‌نىڭ سىناقلىرى بۇ‌نىڭ بىلە‌نلا تۈگىمىگە‌ن ئىدى.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى مە‌زگىلىدە،‏ قېرىنداشلار گرېت ۋە ئانىسىغا ژۇ‌رنالنىڭ كۆپە‌يتىلگە‌ن نۇ‌سخىسىنى بە‌رمىگە‌ن.‏ كوچىدا ئۇ‌چرىشىپ قالغاندا،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆزلىشىشنى رە‌ت قىلغان.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۇ‌لارغا ئېغىر كە‌لگە‌ن!‏ قە‌لب يارىسى بە‌ك چوڭقۇ‌ر بولغاچ،‏ گرېت ئۆزىنىڭ ئاشۇ قېرىنداشلىرىنى كە‌چۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشىگە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت كە‌تكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ چوقۇ‌م ئۇ‌لارنى كە‌چۈرگە‌نلىكىنى ۋە ئۆزىمۇ شۇ‌نداق قىلىشى كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن c‏.‏

‏«دۈشمىنىمىز شە‌يتان،‏ قېرىنداشلىرىمىز ئە‌مە‌س»‏

16.‏ نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچىمىزنى تىكلە‌شكە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان ھە‌رقانداق توسالغۇ‌لارنى يېڭىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نىڭدە‌ك كۆڭلۈڭىزنى ئاغرىتقان ئىشلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن بولسىڭىز،‏ ئىشە‌نچىڭىزنى قايتا تىكلە‌ڭ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ئاسان ئە‌مە‌س ۋە بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ۋاقىت كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئە‌رزىيدۇ.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ ئە‌گە‌ر ئىلگىرى يېمە‌كلىكتىن زە‌ھە‌رلە‌نگە‌ن بولساق،‏ كېيىن يېمە‌كلىكلە‌رنى يېگە‌ن پە‌يتتە چوقۇ‌م ئېھتىيات قىلىمىز،‏ ھە‌رگىزمۇ يېمە‌كلىكلە‌رنى يېيىشتىن توختاپ قالمايمىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز بىر قېتىم كۆڭۈلسىزلىككە ئۇ‌چرىساق،‏ قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئىشە‌نچىمىزنى قايتا تىكلىسە‌ك،‏ تېخىمۇ خۇ‌شال بولىمىز ۋە بىز دىققىتىمىزنى جامائە‌تتە ئۆزئارا ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشكە ھە‌سسە قوشىدىغان ئىشلارغا قارىتالايمىز.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچ شۇ‌نچە مۇ‌ھىم،‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

17 شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياسىدا،‏ ئىشە‌نچىلىك ئادە‌ملە‌ر ئاز ئۇ‌چرايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغان ئىشە‌نچ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ بۇ خىل ئىشە‌نچ خۇ‌شاللىقىمىز ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىمىزغا ھە‌سسە قوشۇ‌پ،‏ ئالدىمىزدىكى دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىن كۈنلە‌ردە بىزنى قوغدايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر كىمدۇ بىرى سىزنى رە‌نجىتكە‌ن ياكى ئىشە‌نچىڭىزنى يە‌ردە قويغان بولسىچۇ؟‏ مە‌سىلىلە‌رگە يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قاراشقا تىرىشىڭ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىڭ،‏ قېرىنداشلىرىڭىزغا بولغان سۆيگىڭىزنى كۈچلە‌ندۈرۈڭ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدىكى ئېتىقادچىلاردىن ئۈلگە ئېلىڭ.‏ بىز ئازابلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى يېڭىپ،‏ باشقىلارغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قايتا تىكلىيە‌لە‌يمىز.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ياخشى دوستلارنى تاپالايمىز (‏پە‌ند.‏ نە 18:‏24‏)‏.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ ئىشە‌نچىلىك كىشى ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

31-‏ناخشا بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى

a بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ھە‌مىشە ئاسان ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ئۇ‌لار بە‌زىدە بىزنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش ۋە ئۆتمۈشتىكى مىساللار ئۈستىدە ئويلىنىش قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشىنىشكە ياكى ئىشە‌نچىمىزنى يە‌ردە قويغان بولسا،‏ قايتا ئىشە‌نچىمىزنى تىكلە‌شكە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب جامائە‌تتىكى بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ ئىشە‌نچىمىزگە لايىق بولماسلىقى مۇ‌مكىنلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏يە‌ھۇ‌دا 4‏)‏.‏ بە‌ك ئاز ئۇ‌چرايدىغان ئە‌ھۋاللاردا،‏ ساختا قېرىنداشلار بۇ‌رمىلانغان «خاتا تە‌لىم» ئارقىلىق باشقىلارنى ئازدۇ‌رۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏30‏)‏.‏ بىز بۇ‌نداق كىشىلە‌رگە ئىشە‌نمە‌سلىكنى ياكى سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىقنى تاللايمىز.‏

c يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ 1974-‏يىلدىكى يىلنامىسىنىڭ 129–‏131-‏بە‌تلىرىدىن (‏باشقا تىلدا)‏،‏ گرېتنىڭ كە‌چۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى تە‌پسىلاتلارنى ئوقۇ‌ڭ.‏