مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

38-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئىشە‌نچىلىك كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ

ئىشە‌نچىلىك كىشى ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ

‏«ئىشە‌نچىلىك كىشى سىر ساقلايدۇ».‏—‏پە‌ند.‏ نە 11:‏13‏.‏

53-‏ناخشا ئىناق بىللە خىزمە‌ت قىلىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىرسىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئادە‌منى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏

 ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م ۋە‌دىسىدە تۇ‌رىدۇ ۋە ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 15:‏4‏)‏.‏ كىشىلە‌ر ئۆزىنىڭ شۇ‌نداق ئادە‌مگە تايانسا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە تايىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ نېمە ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچىسىنى قولغا كە‌لتۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

2.‏ ئۆزىمىزنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

2 بىز باشقىلارنى بىزگە ئىشىنىشكە مە‌جبۇ‌رلىيالمايمىز.‏ چوقۇ‌م ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچىسىنى قولغا كە‌لتۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ كىشىلە‌ر ئىشە‌نچنى پۇ‌لغا ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ.‏ ئىشە‌نچ قازىنىش تە‌س؛‏ ئۇ‌نى يوقىتىش ئاسان.‏ ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئىشە‌نچىمىزنى قولغا كە‌لتۈردى.‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ھە‌مىشە ئىشىنە‌لە‌يمىز،‏ چۈنكى،‏ «ئۇ قىلغان بارچە ئىشلار ئىشە‌نچىلىكتۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 33:‏4‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏1‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئە‌رشتىكى ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغان.‏ بە‌زى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بىز يە‌نە ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان بە‌ش پە‌زىلە‌تنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

يە‌ھۋانىڭ ئىشە‌نچىلىك خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنىڭ

3،‏ 4.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان ۋە بۇ بىزنى ئۆزىمىزدىن قانداق سوئال سوراشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

3 دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌شنىڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ گە‌رچە ئۇ بابىلونلىقلار تە‌رىپىدىن ئە‌سىرگە ئېلىنغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي ئۇ ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م دېگە‌ن نامغا ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ بابىل پادىشاھى نېبۇ‌قادنىسارنىڭ كۆرگە‌ن چۈشىنى يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۆرۈپ بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئاشقان.‏ بىر قېتىم،‏ دانىيال پادىشاھقا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭدىن نارازى ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ بۇ‌نداق قىلىش جاسارە‌تلىك بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلاتتى.‏ چۈنكى،‏ نېبۇ‌قادنىسارنىڭ مىجە‌زى ئىنتايىن قوپال ئىدى (‏دانىيال 2:‏12؛‏ 4:‏20–‏22،‏ 25‏)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللاردىن كېيىن،‏ دانىيال بابىل ئوردىسىدىكى تامدا پە‌يدا بولغان بىر سىرلىق خە‌ۋە‌رنى توغرا شە‌رھىلە‌پ،‏ ئۆزىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م ئىكە‌نلىكىنى يە‌نە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان ئىدى (‏دانىيال 5:‏5،‏ 25–‏29‏)‏.‏ كېيىنچە،‏ مىدىيا پادىشاھى دارىئوس ۋە ئۇ تە‌يىنلىگە‌ن ئە‌مە‌لدارلارمۇ دانىيالدا ناھايىتى ئۇ‌لۇ‌غ بىر روھ بارلىقىنى بايقىغان.‏ ئۇ‌لار دانىيالنىڭ ئىشە‌نچىلىك،‏ بىخە‌ستىلىك قىلمايدىغان ۋە چىرىكلىكتىن يىراق ئادە‌م ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (‏دانىيال 6:‏3،‏ 4‏)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ھە‌تتا بۇ‌تپە‌رە‌س ھۆكۈمرانلارمۇ يە‌ھۋانىڭ بۇ خىزمە‌تچىسىگە ئىشە‌نسە بولىدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏

4 دانىيالنىڭ ئۈلگىسىنى ئە‌ستە ساقلىغان ھالدا،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «جامائە‌تنىڭ سىرتىدا قانداق نام-‏ئابرويۇ‌م بار؟‏ باشقىلار مېنى مە‌سئۇ‌لىيە‌تچان ۋە ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م دە‌پ قارامدۇ؟‏» نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن بۇ مۇ‌ھىم سوئالنى سورىشىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈنكى،‏ بىز ئىشە‌نچىلىك بولغاندا يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىمىز.‏

نە‌ھە‌مىيا ئىشە‌نچىلىك كىشىلە‌رنى تاللاپ،‏ ئۇ‌لارغا مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى تاپشۇ‌رغان (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ ھانانيانىڭ ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

5 مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلى،‏ ۋالىي نە‌ھە‌مىيا يېرۇ‌سالىمنىڭ سېپىلىنى قايتا تىكلىگە‌ندىن كېيىن،‏ شە‌ھە‌رنى ياخشى قوغدايدىغان،‏ ئىشە‌نچىلىك كىشىلە‌رنى ئىزدىگە‌ن ئىدى.‏ نە‌ھە‌مىيا باشقىلار ئارىسىدىن قورغان قوماندانى ھانانيانى تاللىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ ھانانيا ئىنتايىن ئىشە‌نچىلىك ۋە باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بە‌كرە‌ك خۇ‌دادىن قورقىدىغان كىشى دە‌پ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏نە‌ھە‌م.‏ 7:‏2‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئۇ‌نى نارازى قىلىشتىن قورقۇ‌ش ھانانيانى ئۆزىگە بېرىلگە‌ن ھە‌رقانداق ۋە‌زىپىنى ئە‌ستايىدىل ئورۇ‌نداشقا ئۈندىگە‌ن.‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌ر بىزنىڭ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشتا ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

6.‏ تىكىكۇ‌س ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئىشە‌نچىلىك دوستى ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟‏

6 ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئىشە‌نچىلىك ھە‌مراھى تىكىكۇ‌سنىڭ مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ پاۋلۇ‌س ئۆيدە نازارە‌ت ئاستىدا بولغاندا،‏ تىكىكۇ‌سقا ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌نى «سادىق بىر خىزمە‌تچى» دېگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏21،‏ 22‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ ئارقىلىق ئە‌فە‌س ۋە كولوسى شە‌ھىرىدىكى قېرىنداشلارغا خە‌ت ئە‌ۋە‌تكە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت ۋە تە‌سە‌للى بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ تىكىكۇ‌سنىڭ مىسالى بىزگە،‏ بۈگۈنكى كۈندە روھىي ئېھتىياجىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان سادىق ۋە ئىشە‌نچىلىك ئە‌رلە‌رنى ئە‌سلىتىدۇ.‏—‏كولوسى.‏ 4:‏7–‏9‏.‏

7.‏ جامائىتىڭىزدىكى ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ردىن ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌ش توغرىسىدا نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

7 بۈگۈن بىز ئىشە‌نچىلىك ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگە چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىمىز.‏ دانىيال،‏ ھانانىيا ۋە تىكىكۇ‌سقا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارمۇ ۋە‌زىپىسىنى ئە‌ستايىدىل ئورۇ‌ندايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى ئىبادە‌ت يىغىلىشى پروگراممىلىرىنىڭ ھە‌ممە بۆلە‌كلىرى قېرىنداشلارغا تاپشۇ‌رۇ‌لغانلىقىدىن گۇ‌مانلانمايمىز.‏ ئاقساقاللار ئە‌ر ياكى ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تاپشۇ‌رۇ‌لغان تاپشۇ‌رۇ‌قلارغا تە‌ييارلىق قىلىپ،‏ يىغىلىشلاردا ئورۇ‌ندىغانلىقىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىدۇ!‏ بىز ئىككىلە‌نمە‌يلا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلە‌رنى ھە‌پتە ئاخىرىدىكى ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىمىز،‏ ھە‌رگىزمۇ بىرى ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌ق سۆزلە‌شنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغانمىدۇ؟‏—‏ دە‌پ ئە‌نسىرىمە‌يمىز.‏ بىز ۋە‌ز خىزمە‌تتە ئىشلىتىدىغان نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ بۇ ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداشلار روھىي ئېھتىياجلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇ‌لار ئۈچۈن يە‌ھۋاغا رە‌ھمە‌ت ئېيتىمىز!‏ ئۆزىمىزنى ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلىيالايمىز؟‏

مە‌خپىيە‌تلىكنى ساقلاش ئارقىلىق ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌ڭ

8.‏ باشقىلارغا قىزىقىپ كۆڭۈل بۆلگە‌ندە،‏ قايسى جە‌ھە‌تتىن تە‌ڭپۇ‌ڭ بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 11:‏13‏)‏

8 بىز قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇ‌لارنىڭ قانداق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قىزىقىمىز.‏ بىراق،‏ بىز چوقۇ‌م تە‌ڭپۇ‌ڭ بولۇ‌شىمىز ۋە ئۇ‌لارنىڭ شە‌خسىي مە‌خپىيە‌تلىكىگە ھۆرمە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىدە غە‌يۋە‌ت قىلىپ،‏ باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان بە‌زى كىشىلە‌ر بولغان (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏13‏)‏.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌لارغا ئوخشاش بولۇ‌شنى خالىمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زىلە‌ر شە‌خسىي ئىشلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىپ،‏ بىزدىن بۇ‌نى باشقىلارغا ئېيتماسلىقنى ئېيتتى دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قېرىنداش بىزگە ئۆزى دۇ‌چ كېلىۋاتقان ساغلاملىق مە‌سىلىسى ياكى باشقا سىناقلار ھە‌ققىدە سۆزلە‌پ بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ بۇ‌نى باشقىلارغا ئېيتماسلىقنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌لە‌پ قىلغىنىدە‌ك قىلىشىمىز لازىم b ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 11:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مدى مە‌خپىيە‌تلىكنى ساقلاش مۇ‌ھىم بولغان باشقا بىرقانچە ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏

9.‏ ئائىلە ئە‌زالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلىيالايدۇ؟‏

9 ئائىلىدە.‏ ئائىلىنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زاسىنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلارنى مە‌خپىي تۇ‌تۇ‌ش مە‌جبۇ‌رىيىتى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ئېتىقادچى ئايالىنىڭ ئۆيىدە قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلىپ،‏ ئېرىنى كۈلدۈرىدىغان ئادىتى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌ر بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلە‌پ،‏ ئايالىنى خىجىل قىلامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌نداق قىلمايدۇ!‏ ئۇ ئايالىنى سۆيىدۇ ۋ ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشنى قىلىشنى خالىمايدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏33‏)‏.‏ ئۆسمۈرلە‌ر ئۆزلىرىگە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشنى خالايدۇ.‏ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ بۇ‌نى تونۇ‌پ يېتىشى بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ ئۇ‌لار بالىلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىپ،‏ بالىلىرىنى خىجالە‌تتە قالدۇ‌رماسلىقى كېرە‌ك (‏كولوسى.‏ 3:‏21‏)‏.‏ بالىلار زېرە‌ك ۋە ھوشىيار بولۇ‌شنى ئۆگىنىپ،‏ ئائىلىنىڭ باشقا ئە‌زالىرىنى خىجىل قىلىدىغان خە‌ۋە‌رنى سىرتتىكىلە‌رگە ئاشكارىلىماسلىقى كېرە‌ك (‏تە‌كرار.‏ قا 5:‏16‏)‏.‏ ئائىلىنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زاسى ئائىلىدىكى مە‌خپىيە‌تلىكنى ساقلىسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

10.‏ ھە‌قىقىي دوست قانداق بولىدۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏17‏)‏

10 دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىزدە.‏ بە‌زى چاغلاردا يېقىن سىرداش دوستىمىزغا ئىچىمىزنى تۆكۈشنى خالايمىز.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نداق قىلىش بە‌زىدە قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بىز باشقىلارغا كۆڭلىمىزدە ئويلىغانلىرىمىزنى ئېيتىشقا ئادە‌تلە‌نمىگە‌ن بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن ۋە دوستىمىزغا ئېيتقانلىرىمىزنى كېيىن باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىساق،‏ كۆڭلىمىز قاتتىق ئاغرىيدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مە‌خپىيە‌تلىكىمىزنى ساقلىغان دوستنى قە‌دىرلە‌يمىز.‏ ئۇ بىزنىڭ ھە‌قىقىي سىرداش دوستىمىزدۇ‌ر!‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئاقساقاللار ئائىلە ئە‌زالىرىغا مە‌خپىي مە‌سىلىلە‌رنى ئېيتمايدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

11.‏ (‏1)‏ ئاقساقاللار ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ (‏2)‏ جامائە‌تنىڭ مە‌خپىي ئىشىنى ئائىلىسىدىكىلە‌ردىن سىر تۇ‌تقان ئاقساقالدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

11 جامائە‌تتە.‏ ئاقساقاللارنىڭ مە‌خپىيە‌تلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى ھە‌ممىسى بىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلىرى ئۈچۈن شامالدىن دالدىلىنىدىغان،‏ بوران-‏چاپقۇ‌ندىن ساقلىنىدىغان پاناھگاھتۇ‌ر (‏يە‌شايا 32:‏2‏)‏.‏ بىز بۇ كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئە‌ركىن-‏ئازادە پاراڭلىشالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ ئېيتقانلىرىمىزنى ئۇ‌لار مە‌خپىي ساقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ ئۇ‌لارنى شە‌خسىي مە‌خپىيە‌تلىكىمىزنى چوقۇ‌م ساقلاشقا ۋە‌دە بېرىشكە قىستىمايمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاقساقاللىرىمىزنىڭ ئاياللىرىدىن مىننە‌تدارمىز،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ئە‌رلىرىدىن گە‌پ ئېلىشقا ئۇ‌رۇ‌نمايدۇ.‏ ئاقساقالنىڭ ئايالىغا قېرىنداشلارنىڭ شە‌خسىي ئىشلىرى ھە‌ققىدە ئېيتماسلىقى ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌رىكە‌تتۇ‌ر!‏ بىر ئاقساقالنىڭ ئايالى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يولدۇ‌شۇ‌م بە‌زى قېرىنداشلارنى زىيارە‌ت قىلىپ،‏ پادىچى بولۇ‌ش مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئورۇ‌ندايدۇ.‏ جامائە‌تتە كىمنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتە ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ھېچقاچان ئۇ‌لار ھە‌ققىدە ماڭا بىر نە‌رسە ئېيتمايدۇ،‏ ھە‌تتا ئىسىملىرىنىمۇ ئېيتمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ھېچ نېمە قىلالمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن غە‌م قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ۋە جامائە‌تتىكى ھە‌ممە قېرىنداشلار بىلە‌ن ئە‌ركىن ئالاقە قىلالايمە‌ن.‏ مە‌ن ئېرىمگە شە‌خسىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىم ياكى قىيىنچىلىقلىرىمنى سۆزلە‌پ بە‌رسە‌م،‏ بۇ‌لارنىمۇ باشقىلاردىن مە‌خپىي تۇ‌تىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمە‌ن».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممىمىز ئىشە‌نچىلىك كىشى دېگە‌ن نامغا ئېرىشىشنى خالايمىز.‏ قايسى پە‌زىلە‌تلە‌ر بۇ مە‌قسە‌تكە يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئۇ‌لاردىن بە‌شىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقايلى.‏

ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈڭ

12.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ئىشە‌نچنىڭ ئۇ‌ل-‏ئاساسى دېيە‌لە‌يمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

12 مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىشە‌نچنىڭ ئۇ‌ل-‏ئاساسى.‏ ئە‌يسا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىككى ئە‌مىر بولسا،‏ يە‌ھۋانى سۆيۈش ۋە قوشنىمىزنى سۆيۈش دېگە‌ن (‏مە‌تتا 22:‏37–‏39‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىز بىزنى ئۇ‌نىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى ئۇ‌لارنىڭ شە‌خسىي ئىشلىرىنى مە‌خپىي تۇ‌تۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ شە‌خسىي مە‌خپىيە‌تلىكىنى ئاشكارىلاپ،‏ ئۇ‌لارنى خىجىل قىلىدىغان ياكى كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ھە‌رگىزمۇ خالىمايمىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏12‏.‏

13.‏ كە‌متە‌رلىك ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌شىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

13 كە‌متە‌رلىك ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ كە‌متە‌ر بىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى باشقىلاردا ياخشى تە‌سىرات قالدۇ‌رماقچى بولۇ‌پ،‏ مە‌لۇ‌م بىر يېڭى خە‌ۋە‌رنى تۇ‌نجى بولۇ‌پ ئاشكارىلىمايدۇ (‏فىلىپى.‏ 2:‏3‏)‏.‏ ئۇ ئۆزى بىلگە‌ن مە‌خپىي بىر خە‌ۋە‌رنى باشقىلارغا ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆز-‏كۆز قىلمايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر مە‌لۇ‌م بىر ئىش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياكى تە‌شكىلات تە‌مىنلىگە‌ن نە‌شىرى ماتېرىياللاردا مۇ‌ھاكىمە قىلىنمىغان بولسا،‏ كە‌متە‌ر كىشى ئۆزىنىڭ شۇ ئىشقا بولغان كۆزقاراشلىرىنى ھە‌ممىلا يە‌ردە ئېيتىپ يۈرمە‌يدۇ.‏

14.‏ ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌شىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت بىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىگە قاچان سۈكۈت قىلىش،‏ قاچان سۆزلە‌ش كېرە‌كلىكىنى پە‌رق ئېتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏ۋە‌ز 3:‏7‏)‏.‏ بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە،‏ كىشىلە‌ر «سۆز كۈمۈش،‏ ئە‌مما سۈكۈت بولسا ئالتۇ‌ندۇ‌ر» دېيىشىدۇ.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ بە‌زىدە سۈكۈت قىلىش سۆزلە‌شتىن كۆپ ئە‌ۋزە‌ل.‏ شۇ‌ڭا،‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 11:‏12-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ھە‌قىقىي پە‌م-‏پاراسە‌تلىك كىشى سۈكۈت قىلار».‏ تە‌جرىبىلىك بىر ئاقساقالنىڭ مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ باشقا جامائە‌تلە‌ر قىيىن مە‌سىلىلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ ئاقساقالدىن ياردە‌م سورايدۇ.‏ يە‌نە بىر ئاقساقال ئۇ ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ ھە‌مىشە باشقا جامائە‌تلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌خپىي ئۇ‌چۇ‌رلارنى ئاشكارىلاشتىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ».‏ بۇ ئاقساقالنىڭ ئە‌قىل-‏پاراسىتى ئۇ‌نى جامائىتىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشى ئارىسىدا ھۆرمە‌تكە ئېرىشتۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ مە‌خپىي ئىشلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن سە‌مىمىي كىشى باشقىلارنىڭ ئىشە‌نچىسىگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏ بىر مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

15 سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن ئىشە‌نچ بىر-‏بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق.‏ بىز سە‌مىمىي ئادە‌مگە ئىشىنىمىز،‏ چۈنكى بىز ئۇ‌نىڭ دائىم ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌يدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏25؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏18‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىزنى تە‌لىم بېرىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرمە‌كچى دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ نۇ‌تۇ‌قىڭىزنى ئاڭلاپ،‏ پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىشكە بىرىنى تە‌كلىپ قىلماقچى بولسىڭىز،‏ قانداق كىشىنى تە‌كلىپ قىلىسىز؟‏ سىز پە‌قە‌ت قۇ‌لىقىڭىزغا خۇ‌ش ياقىدىغان يېقىملىق سۆزلە‌رنى قىلىدىغان كىشىنىمۇ ياكى مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سىزگە راست گە‌پ قىلىدىغان كىشىنىمۇ؟‏ بۇ‌نىڭ جاۋابى بە‌ك ئېنىق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يوشۇ‌رۇ‌ن سۆيگىدىن،‏ ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارە تە‌نبىھ ياخشىدۇ‌ر.‏ دوست سالغان جاراھە‌ت ۋاپادارلىقتىندۇ‌ر» (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏5،‏ 6‏)‏.‏ گە‌رچە دە‌سلە‌پتە مە‌سلىھە‌تنى ئاڭلاش قىيىن بولسىمۇ،‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئاشۇ سە‌مىمىي مە‌سلىھە‌تنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏

16.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏19-‏ئايە‌ت ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش كېرە‌كلىكىنى قانداق تە‌كىتلە‌نگە‌ن؟‏

16 ئە‌گە‌ر باشقىلارنىڭ ئىشە‌نچىسىگە ئېرىشمە‌كچى بولساق،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش كە‌م بولسا بولمايدىغان پە‌زىلە‌ت.‏ بە‌زىدە مە‌خپىي مە‌لۇ‌ماتلارنى باشقىلارغا ئېيتىشنى خالاپ قالىدىغان چاغلار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا بۇ پە‌زىلە‌ت ئېغىزىمىزنى چىڭ تۇ‌تۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ئىشلە‌تكە‌ندە،‏ ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ئاسان بولماسلىقى ھە‌مدە ئېھتىياتسىزلىقتىن بە‌زى مە‌خپىي ئىشلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى ئۇ‌چۇ‌رلار تورغا يوللانغاندىن كېيىن،‏ باشقىلارنىڭ بۇ ئۇ‌چۇ‌رلارنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كونترول قىلالمايمىز.‏ يە‌نە بىر جە‌ھە‌تتىن،‏ ھە‌قىقە‌تكە قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلار قېرىنداشلىرىمىزغا خە‌تە‌ر ئېلىپ كېلىدىغان ئۇ‌چۇ‌رلارنى ئاشكارىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى ئازدۇ‌رغاندا،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش سۈكۈت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ خىزمىتىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن ياكى مە‌نئىي قىلىنغان جايلاردا ساقچىلار بىزنى سوراق قىلغاندا،‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىز بۇ ۋە باشقا ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىمۇ ئېغىزىمىزنى تىكىپ قويۇ‌پ،‏ تىلىمىزنى تارتساق بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 39:‏1‏)‏.‏ مە‌يلى ئائىلىمىزدىكىلە‌ر،‏ دوستلىرىمىز ۋە ئىمانداشلىرىمىز ياكى باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تتە ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشىمىز لازىم.‏

17.‏ جامائىتىمىزدە ئۆزئارا ئىشە‌نچنىڭ كۈچىيىشىگە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏

17 يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە،‏ بىز بىر-‏بىرىمىزنى سۆيىمىز ۋە بىر-‏بىرىمىزگە ئىشىنىمىز.‏ بۇ‌نداق بىر ئائىلىنىڭ ئە‌زاسى بولالىغانلىقىمىز ئۈچۈن يە‌ھۋا ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏ ھە‌ممىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشە‌نچىسىگە ئېرىشىش قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.‏ ھە‌ربىرىمىز شە‌خسە‌ن مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ كە‌متە‌رلىك،‏ ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت،‏ سە‌مىمىيلىك ۋە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشتە‌ك پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشساق،‏ جامائىتىمىزدە ئۆزئارا ئىشە‌نچنىڭ كۈچىيىشىگە ھە‌سسىمىزنى قوشىمىز.‏ ئىشە‌نچىلىك كىشى ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىش توختىمايدىغان جە‌رياندۇ‌ر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دايىمىزنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۆزىمىزنىڭ ئىشە‌نچىلىك كىشى ئىكە‌نلىكىنى داۋاملىق كۆرسىتە‌يلى.‏

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

a ئە‌گە‌ر باشقىلارنىڭ بىزگە ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلساق،‏ ئالدى بىلە‌ن ئۆزىمىزنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھازىر بىر-‏بىرىمىزگە ئىشىنىشنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىملىقىنى ۋە قانداق پە‌زىلە‌تلە‌ر ئىشە‌نچىلىك ئادە‌م بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b ئە‌گە‌ر بىز جامائە‌تتىكى بىرىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى بىلسە‌ك،‏ ئۇ‌نى ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سوراشقا ئۈندە‌يمىز.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ئۇ‌نداق قىلمىسا،‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئېتىقادچىلار جامائىتىگە بولغان ساداقىتىمىز بىزنى روھىي پادىچىلارغا بېرىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئۆزىمىز بىلگە‌ن ئىشنى ئېيتىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ئاقساقال مە‌خپىي ئىشلار ھە‌ققىدە ئائىلە ئە‌زالىرىغا ئېيتمايدۇ.‏