مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ۋاقتى توشماي تۇ‌غۇ‌لغان بالىدە‌ك دېگە‌ن سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏8‏)‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏8-‏ئايە‌تتە‏:‏ «ھە‌ممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇ‌ددى ۋاقتى توشماي تۇ‌غۇ‌لغان بالىدە‌ك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئىلگىرى بۇ ئايە‌تنى مۇ‌نداق چۈشە‌نگە‌ن ئىدۇ‌ق:‏ پاۋلۇ‌س بىر ۋە‌ھىيدە،‏ تىرىلدۈرۈلگە‌ن ئە‌يسانى كۆرۈپ،‏ روھىي ھاياتلىق ئۈچۈن تۇ‌غۇ‌لۇ‌ش ئىمتىيازىغا ئېرىشكە‌ندە‌ك بولغان.‏ باشقىچە سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە تېخى نە‌چچە ئە‌سىر ۋاقىت بار بولسىمۇ،‏ ئاسماندىكى تىرىلىشكە بالدۇ‌رراق ئېرىشكە‌ندە‌ك بولغان.‏ بىراق،‏ بىز بۇ ئايە‌تنى چوڭقۇ‌رراق تە‌تقىق قىلغاندا،‏ بۇ چۈشە‌نچىمىزنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تتۇ‌ق.‏

پاۋلۇ‌سنىڭ بۇ يە‌ردە ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ۋە‌قە‌نى ئېيتىۋاتقانلىقى راست.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزى توغرۇ‌لۇ‌ق «ۋاقتى توشماي تۇ‌غۇ‌لغان» دېگە‌ندە،‏ نېمىنى كۆزدە تۇ‌تقان؟‏ ھازىر بىرنە‌چچە ئوي-‏پىكىرلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏

پاۋلۇ‌سنىڭ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شى تۇ‌يۇ‌قسىز ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك بولغان.‏ بالدۇ‌ر تۇ‌غۇ‌لۇ‌ش دائىم ئاتا-‏ئانىلارنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدۇ.‏ سائۇ‌ل (‏كېيىنرە‌ك پاۋلۇ‌س دە‌پ تونۇ‌لغان)‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە زىيانكە‌شلىك قىلىش ئۈچۈن دە‌مە‌شققە كېتىۋاتقاندا،‏ ۋە‌ھىي ئارقىلىق تىرىلگە‌ن ئە‌يسانى كۆرىدىغانلىقى،‏ ئۇ‌نىڭ چۈشىگىمۇ كىرمىگە‌نىدى.‏ پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغانلىقى،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزى ۋە دە‌مە‌شىقتىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈنمۇ ھە‌يران قارارلىق،‏ كۈتۈلمىگە‌ن ئىش بولغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ تىرىلگە‌ن ئە‌يسانى كۆرۈش ئۇ‌نىڭغا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ئېلىپ كە‌لگە‌ن،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭ كۆزى ۋاقىتلىق كۆرمە‌ي قالغانىدى.‏—‏ئە‌لچى.‏ 9:‏1–‏9،‏ 17–‏19‏.‏

پاۋلۇ‌س تۇ‌يۇ‌قسىز كۈتۈلمىگە‌ن ۋاقىتتا ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان.‏ گرېك تىلىدىكى «ۋاقتى توشماي تۇ‌غۇ‌لغان» دېگە‌ن سۆزنى،‏ يە‌نە «تۇ‌يۇ‌قسىز كۈتۈلمىگە‌ن ۋاقىتتا توغۇ‌لغان» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىشقا بولىدۇ.‏ «يېرۇ‌سالىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب» نە‌شىرىدە،‏ بۇ ئايە‌ت:‏ «مە‌ن ھېچكىم كۈتمىگە‌ن ۋاقىتتا تۇ‌غۇ‌لغان» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغاندا،‏ ئە‌يسا ئاللىقاچان ئاسمانغا كۆتىرىلىپ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏ بۇ ئايە‌تنىڭ ئالدىدىكى ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغان كىشىلە‌ر تىرىلدۈرۈلگە‌ن ئە‌يسانى ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن بۇ‌رۇ‌ن كۆرگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ پاۋلۇ‌س شۇ چاغدا ئە‌يسانى كۆرمىگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏4–‏8‏)‏.‏ ھە‌تتا «تۇ‌يۇ‌قسىز كۈتۈلمىگە‌ن ۋاقىتتا تۇ‌غۇ‌لغان» بولسىمۇ،‏ يە‌نى ئە‌يسا مە‌سىھ تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى كۈتمىگە‌ن ۋاقىتتا كۆرۈش شان-‏شە‌رىپىگە ئېرىشكە‌ن.‏

ئۇ ئۆز سۆزىدە كە‌متە‌رلىكنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بە‌زى ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ پاۋلۇ‌س بۇ ئىبارىنى ئۆزىنى يۇ‌قىرى قويماسلىق ئۈچۈن قوللانغان.‏ ئە‌گە‌ر پاۋلۇ‌س راستىنلا شۇ‌نى نە‌زە‌ردە تۇ‌تقان بولسا،‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ ئە‌لچى بولۇ‌شقا نالايىق ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «مە‌ن ئە‌لچىلە‌رنىڭ ئارىسىدا ئە‌ڭ تۆۋىنى ھە‌م ئە‌لچى دە‌پ ئاتىلىشقىمۇ لايىقسىز،‏ چۈنكى مە‌ن خۇ‌دانىڭ جامائىتىنى تە‌قىپلىگە‌ن ئېدىم.‏ ئە‌مما رە‌ببىمنىڭ مول مېھىرلىكى بويىچە مە‌ن ھازىر سىلە‌ر كۆرۈۋاتقان دە‌رىجىگە يە‌تتىم».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏9،‏ 10‏.‏

دېمە‌ك خۇ‌لاسىلىسە‌ك،‏ پاۋلۇ‌س بۇ يە‌ردە ئە‌يسانىڭ تۇ‌يۇ‌قسىز كۈتۈلمىگە‌ن ۋاقىتتا كۆرۈنگە‌نلىكى،‏ ھېچكىم كۈتمىگە‌ن پە‌يتتە ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغانلىقى ۋە مۇ‌شۇ ئاجايىپ ۋە‌ھىينى كۆرۈشكە ئۆزىنى لايىق ئە‌مە‌س دە‌پ قارىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌يلى ۋە‌زىيە‌ت قانداق بولسۇ‌ن،‏ پاۋلۇ‌س ئۆزى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ئاشۇ ۋە‌قە‌نى مۇ‌ھىم دە‌پ قارىغان.‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگە‌نلىكىگە گۇ‌مان قىلمىغان.‏ شۇ‌ڭا ئېنىقكى،‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ تىرىلىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئاشۇ ۋە‌قە‌نى ھە‌ردائىم تىلغان ئالغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 22:‏6–‏11؛‏ 26:‏13–‏18‏.‏