مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

يە‌ردە كىملە‌ر تىرىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار قانداق تىرىلىشنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏

ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15-‏ئايە‌تتە‏،‏ ‏«خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىيلار ۋە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رنى تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمە‌ن» دە‌پ يېزىلغان.‏ ھە‌ققانىي كىشىلە‌ر ھايات چېغىدا خۇ‌داغا ئىتائە‌تمە‌ن بولغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنىڭ ناملىرى خاتىرە كىتابىغا يېزىلغان (‏مالاك.‏ 3:‏16‏)‏.‏ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر ھايات چېغىدا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ئۈچۈن يېتە‌رلىك پۇ‌رسىتى بولماي ئۆلۈپ كە‌تكە‌چكە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى خاتىرە كىتابىغا يېزىلمىغان.‏

يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌ر بىلە‌ن ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15-‏ئايە‌تتە‏،‏ ئوخشاش ئىككى توپ ئادە‌ملە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ‏«ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىدۇ،‏ يامانلىق قىلغانلار ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ»‏ دېگە‌ن.‏ ھە‌ققانىي كىشىلە‌ر ئۆلۈشتىن ئاۋۋال ياخشىلىق قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلغاچقا،‏ ئۇ‌لار ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر بولسا،‏ ئۆلۈشتىن ئاۋۋال يامانلىق قىلغان.‏ ئۇ‌لار ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى خاتىرە كىتابىغا تېخى يېزىلمىغان.‏ ئۇ‌لار ھۆكۈم قىلىنىش ئۈچۈن مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىت كۈزىتىلىدۇ.‏ ئاشۇ مە‌زگىلدە ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ۋە ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلىش پۇ‌رسىتى بولىدۇ.‏

ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏12،‏ 13-‏ئايە‌تتە‏،‏ ھە‌ممە تىرىلگە‌ن كىشىلە‌ر «كىتابلاردا يېزىلغىنى بويىچە» ياشىشى كېرە‌كلىكى چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ.‏ خۇ‌دا بىزگە يېڭى دۇ‌نيادا يېڭى قانۇ‌نلارنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلمىغانلار ھالاك قىلىنىدۇ.‏—‏يە‌شايا 65:‏20‏.‏

دانىيال 12:‏2-‏ئايە‌تتە‏،‏ «تۇ‌پراقتا ئۇ‌خلىغانلارنىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىرى ئويغىنىدۇ» ۋە بە‌زىلىرى «مە‌ڭگۈلۈك نە‌پرە‌ت ئۈچۈن ئويغىنىپ قوپىدۇ» دە‌پ ئالدىن يېزىلغان.‏ بۇ ئايە‌تتە تىرىلىشنىڭ ئىككى نە‌تىجىسى يېزىلغان:‏ ‏«مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق» ۋە ‏«مە‌ڭگۈلۈك نە‌پرە‌ت».‏ دېمە‌ك،‏ مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا بە‌زىلىرى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ،‏ باشقىلىرى بولسا مە‌ڭگۈگە ھالاك بولىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏15؛‏ 21:‏3،‏ 4‏.‏

بىر مىسال ئالايلى.‏ بۇ ئىككى توپ ئادە‌منىڭ تىرىلىشىنى باشقا دۆلە‌تتە ياشاشنى خالىغان چە‌تئە‌للىك كىشىلە‌ر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ھە‌ققانىي كىشىلە‌ر خۇ‌ددى بىر ئىش ئورنىغا ياكى شۇ جايدا تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ۋىزىغا ئېرىشىدىغان كىشىلە‌رگە ئوخشاش.‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ئە‌ركىنلىكى بار بولىدۇ.‏ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر بولسا،‏ ۋاقىتلىق تۇ‌رۇ‌ش ياكى ساياھە‌ت ئۈچۈن ۋىزا ئالغاندە‌ك بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق چە‌تئە‌للىكلە‌رنىڭ يېڭى دۆلە‌تتە داۋاملىق ياشىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنىشى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ قانداق كىشىلە‌ر ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ تىرىلگە‌ن ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌ر جە‌ننە‌تتە داۋاملىق ياشىشى ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۆزلىرىنىڭ ھە‌ققانىي ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرە‌ك.‏ چە‌تئە‌للىكلە‌ر دە‌سلە‌پتە قانداق ۋىزا بىلە‌ن باشقا بىر دۆلە‌تكە كىرگە‌ن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بە‌زىلىرى ئاخىرىدا شۇ دۆلە‌تنىڭ پۇ‌قرالىرى بولالايدۇ،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى شۇ دۆلە‌تتىن قوغلىنىپ چىقىرىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى قارار بولسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يېڭى دۆلە‌تكە بولغان كۆزقارىشى ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىغا باغلىق بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ تىرىلگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ يېڭى دۇ‌نيادىكى ساداقە‌تمە‌نلىكى ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شلىرىغا ئاساسە‌ن،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌ڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.‏

يە‌ھۋا پە‌قە‌ت مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دا بولۇ‌پلا قالماي،‏ بە‌لكى ئادالە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر (‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4؛‏ زە‌بۇ‌ر 33:‏5‏)‏.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ،‏ ھە‌ققانىي ۋە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌رنى تىرىلدۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لاردىن ئۆزىنىڭ ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نىدىغان كىشىلە‌ر يېڭى دۇ‌نيادا داۋاملىق ياشىيالايدۇ.‏