مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

40-‏تە‌تقىق ماقالىسى

نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ھە‌ققانىيلىق يولىغا يېتە‌كلە‌ڭلار

نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ھە‌ققانىيلىق يولىغا يېتە‌كلە‌ڭلار

‏«نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ھە‌ققانىيلىق يولىغا يېتە‌كلە‌يدىغانلار يۇ‌لتۇ‌زلارغا ئوخشاش ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د پارلاپ تۇ‌رىدۇ».‏—‏دانىيال 12:‏3‏.‏

12-‏ناخشا ۋە‌دە قىلىنغان مە‌ڭگۈ ھاياتلىق

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە قانداق خۇ‌شال قىلارلىق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىدۇ؟‏

 مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە،‏ يە‌ر يۈزىدە تىرىلىش باشلىنىدىغان كۈننى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ!‏ نە‌قە‌دە‌ر گۈزە‌ل بىر كۈن،‏–‏ ھە!‏ يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌لارنى قايتا كۆرۈشكە تە‌شنا.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دامۇ تېخىمۇ شۇ‌نداق!‏ (‏ئايۇ‌پ 14:‏15‏)‏ يە‌ر يۈزىدە سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز بىلە‌ن قايتا جە‌م بولۇ‌ش بىزنى چە‌كسىز خۇ‌شاللىققا چۆمدۈرىدۇ.‏ ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ ھاياتلىق كىتابىغا ئىسىمى يېزىلغان «ھە‌ققانىيلار» «ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىدۇ» (‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15؛‏ يۇ‌ھاننا 5:‏29‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىزنىڭ يېقىن كىشىلىرى ئارماگېدوندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇ‌مكىن b‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى تونۇ‌ش ياكى ئۇ‌نىڭغا سادىق خىزمە‌ت قىلىش پۇ‌رسىتى بولماي ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ».‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ يە‌شايا 11:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ئىنسانىيە‌ت تارىخىدىكى قانداق ئىش يولغا قويۇ‌لىدۇ؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللار ئۈستىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 تىرىلگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە تە‌لىم بېرىش كېرە‌ك (‏يە‌شايا 26:‏9؛‏ 61:‏11‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ پۈتكۈل ئىنسانىيە‌ت تارىخىدىكى كە‌ڭ كۆلە‌ملىك تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش ئىشى يولغا قويۇ‌لۇ‌شى كېرە‌ك ‏(‏يە‌شايا 11:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىرىنچىدىن،‏ تىرىلدۈرۈلگە‌ن ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ پادىشاھلىق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى،‏ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ۋە يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ۋە پە‌قە‌ت ئۇ پۈتكۈل كائىناتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇ‌قلۇ‌ق ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئۆگىنىشى كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا ھە‌ققانىيلارمۇ يە‌ھۋا يە‌ر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ھە‌ققىدە بىر-‏بىرلە‌پ ئاشكارىلىغان ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك.‏ بۇ ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار پۈتۈنلە‌ي تاماملىنىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ھە‌ققانىيلار ۋە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر ئۆگىنىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌ر بار.‏

3 بۇ ماقالىدە تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز:‏ بۇ كە‌ڭ كۆلە‌ملىك تە‌لىم بېرىش ئىشى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟‏ بۇ ئىش كىشىلە‌رنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھاياتلىق كىتابىغا مە‌ڭگۈلۈك يېزىلىشى ياكى يېزىلماسلىقىغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى،‏ بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم!‏ كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ دانىيال ۋە ۋە‌ھىي كىتابلىرىدا يېزىلغان كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان بە‌زى بېشارە‌تلە‌ر ئۆلۈكلە‌ر تىرىلگە‌ندە،‏ نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى چۈشە‌نچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاۋۋال،‏ دانىيال 12:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردىكى بېشارە‌تتە تىلغا ئېلىنغان ھاياجانلىق ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئۇ‌خلاۋاتقانلار ئويغىنىدۇ

4،‏ 5.‏ دانىيال 12:‏1-‏ئايە‌ت‏،‏ زامان ئاخىرى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئاشكارىلايدۇ؟‏

4 دانىيال 12:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ دانىيالنىڭ كىتابى ئاخىرقى زامان كۈنلىرىدە يۈز بېرىدىغان ھاياجانلىق ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ تە‌رتىپىنى ئاشكارىلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دانىيال 12:‏1-‏ئايە‌تتە‏،‏ پە‌رىشتە مىكائىل،‏ يە‌نى ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ قوغدىغۇ‌چىسى سۈپىتىدە كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ بۇ بېشارە‌تنىڭ بىر قىسىمى،‏ 1914-‏يىلى ئە‌يسا ئاسماندا خۇ‌دا پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى بولۇ‌پ تە‌ختتە ئولتارغاندا ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغان.‏

5 ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر دۇ‌نيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇ‌يان كۆرۈلۈپ باقمىغان بالايىئاپە‌ت يۈز بېرىدىغان كۈنلە‌ردە ئە‌يسانىڭ قوغدىغۇ‌چى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان.‏ مە‌تتا 24:‏21-‏ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان ‹بۇ كۈنلە‌ردىكى بالايىئاپە‌ت› بولسا «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت»نى كۆرسىتىدۇ.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ئاخىرلاشقاندا،‏ يە‌نى ئارماگېدوندا ئە‌يسا ئورنىدىن تۇ‌رۇ‌پ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنى قوغداش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌تكە ئۆتىدۇ.‏ ۋە‌ھىي كىتابى،‏ بۇ زور بىر توپ خالايىقنى دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كە‌لگە‌نلە‌ردۇ‌ر دە‌يدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9،‏ 14‏.‏

6.‏ زور بىر توپ خالايىق دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن قۇ‌تۇ‌لغاندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏ (‏يە‌نە يە‌ردە ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلۈش توغرىسىدىكى «‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرىغا‏» قاراڭ)‏

6 دانىيال 12:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ زور بىر توپ خالايىق دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن قۇ‌تۇ‌لغاندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏ بۇ بېشارە‌ت بىز ئىلگىرى چۈشە‌نگە‌ندە‌ك،‏ بىر سىمۋوللۇ‌ق تىرىلىشنى،‏ يە‌نى خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ روھىي گۈللىنىشىنى كۆرسە‌تمە‌يدۇ c‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ بۇ سۆزلە‌ر كە‌لگۈسىدىكى يېڭى دۇ‌نيادا يۈز بېرىدىغان ئۆلۈكلە‌رنىڭ تىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بىز نېمىشقا بۇ‌نداق خۇ‌لاسە چىقىرالايمىز؟‏ ئايۇ‌پ 17:‏16-‏ئايە‌تتىكى «تۇ‌پراق» ئىبارىسى ئوخشاشلا قە‌برىنى بىلدۈرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ دانىيال 12:‏2-‏ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان تىرىلىش بولسا،‏ ئاخىرقى زامان ئاخىرلىشىپ،‏ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى ئۆلۈكلە‌رنىڭ تىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.‏

7.‏ (‏1)‏ بە‌زىلە‌رنىڭ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىلىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏2)‏ «كە‌لگۈسىدە تېخىمۇ ياخشىراق تىرىلىشكە ئېرىشىش نېمە ئۈچۈن ئە‌ۋزە‌ل؟‏

7 ئۇ‌نداقتا،‏ دانىيال 12:‏2-‏ئايە‌تتە يېزىلغان بە‌زىلە‌رنىڭ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىلىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە،‏ ئۆلۈمدىن تىرىلىپ،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانى تونۇ‌غان ياكى تونۇ‌يدىغان ھە‌مدە ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نغانلارنىڭ ئە‌ڭ ئاخىرىدا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3‏)‏.‏ كە‌لگۈسىدە تېخىمۇ ياخشىراق تىرىلىشكە ئېرىشىش،‏ ئۆتمۈشتە بە‌زى ئىنسانلار قايتا ئېرىشكە‌ن ھاياتلىققا قارىغاندا كۆپ ئە‌ۋزە‌ل (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏35‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئاشۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار يە‌نە ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏

8.‏ بە‌زىلە‌رنىڭ شە‌رمە‌ندە بولۇ‌ش ۋە مە‌ڭگۈلۈك خورلۇ‌ق ئۈچۈن تىرىلىشى قانداق بولىدۇ؟‏

8 ئە‌مما،‏ تىرىلگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋانىڭ تە‌لىم-‏تە‌ربىيىسىنى قوبۇ‌ل قىلمايدۇ.‏ دانىيالنىڭ بېشارىتىدە بە‌زىلە‌ر شە‌رمە‌ندە بولۇ‌ش ۋە مە‌ڭگۈلۈك خورلۇ‌ق ئۈچۈن تىرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ‌لار ئىسيانكارلىق روھنى نامايان قىلىدىغان بولغاچقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلمايدۇ ۋە ئۇ‌لار مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشە‌لمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار مە‌ڭگۈلۈك خورلۇ‌ققا دۇ‌چ كېلىدۇ،‏ يە‌نى ھالاك بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ دانىيال 12:‏2-‏ئايە‌ت‏،‏ ئۆلۈمدىن تىرىلگە‌ن بارلىق ئىنسانلار تىرىلگە‌ندىن كېيىن قىلغان ئىشلىرىغا ئاساسە‌ن،‏ ئۇ‌لارغا ئاخىرىدا نېمە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ d (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏12‏)‏.‏ بە‌زىلە‌ر مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ئېرىشمە‌يدۇ.‏

نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى توغرا يولغا يېتە‌كلە‌ڭلار

9،‏ 10.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن كېيىن يە‌نە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ ۋە كىملە‌ر «ئاسمان گۈمبىزىدە‌ك يورۇ‌قلۇ‌ق بېرىدۇ»؟‏

9 دانىيال 12:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بالايىئاپە‌تلىك بىر دە‌ۋرىدىن كېيىن يە‌نە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟‏ دانىيال 12:‏2-‏ئايە‌تتىن باشقا،‏ 3-‏ئايە‌تتىمۇ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار كۆرسىتىلگە‌ن.‏

10 كىملە‌ر «ئاسمان گۈمبىزىدە‌ك يورۇ‌قلۇ‌ق بېرىدۇ»؟‏ مە‌تتا 13:‏43-‏ئايە‌تتىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى بۇ‌نى بىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ:‏ «ئۇ چاغدا ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا قۇ‌ياشتە‌ك چاقنايدۇ».‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ئايە‌تلە‌ردە،‏ «پادىشاھلىقنىڭ ئوغۇ‌للىرى» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ ئە‌يسا ئۆزى بىلە‌ن بىللە ئاسماندا پادىشاھلىق قىلىدىغان مە‌سىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرى ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 13:‏38‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ دانىيال 12:‏3-‏ئايە‌تتە‏،‏ چوقۇ‌م مە‌سىھ قىلىنغانلار ۋە ئۇ‌لارنىڭ مىڭ يىللىق پادىشاھلىق مە‌زگىلىدە قىلىدىغان خىزمىتى تىلغا ئېلىنغان.‏

144000 تاللانغانلار ئە‌يسا بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىپ،‏ مىڭ يىللىق پادىشاھلىق ۋاقتىدا تە‌لىم بېرىش ئىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11،‏ 12.‏ 144000 تاللانغانلار مىڭ يىل جە‌ريانىدا قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏

11 مە‌سىھ قىلىنغانلار «نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ھە‌ققانىيلىق يولىغا يېتە‌كلە‌يدىغانلار» سۈپىتىدە نېمە قىلىدۇ؟‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن يېقىندىن ھە‌مكارلىشىپ،‏ 1000 يىل جە‌ريانىدا يە‌ر يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ 144000 تاللانغانلار پە‌قە‌ت پادىشاھلىق قىلىپلا قالماي،‏ يە‌نە روھانىي بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 1:‏6؛‏ 5:‏10؛‏ 20:‏6‏)‏.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ‌لار خە‌لقلە‌رگە شىپا بېرىش ئىشىغا قاتنىشىپ،‏ ئىنسانىيە‌تنىڭ ئاستا-‏ئاستا مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالە‌تكە قايتىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 22:‏1،‏ 2؛‏ ھە‌زە‌ك.‏ 47:‏12‏)‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۈچۈن بۇ نە‌قە‌دە‌ر زور خۇ‌شاللىق-‏ھە!‏

12 ھە‌ققانىيلىق يولىغا يېتە‌كلە‌يدىغانلارغا ئە‌گىشىپ،‏ توغرا يولغا ماڭغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر كىملە‌ر؟‏ بۇ‌لار ئۆلۈمدىن تىرىلىدىغانلار ۋە ئارماگېدوندىن ئامان-‏ئېسە‌ن ئۆتكە‌نلە‌ر بىلە‌ن يېڭى دۇ‌نيادا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى مۇ‌مكىن بولغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ مىڭ يىل ئاخىرلاشقاندا،‏ يە‌ر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌كە‌ممە‌ل بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قاچان ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا قېرىنداش قە‌لە‌م بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى سىياھ قە‌لە‌م بىلە‌ن مە‌ڭگۈلۈك يېزىلىدۇ؟‏

ئە‌ڭ ئاخىرقى سىناق

13،‏ 14.‏ يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

13 شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌پ قالماسلىقىمىز كېرە‌ككى،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شنىڭ ئۆزى ئادە‌منىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالە‌ت بە‌رمە‌يدۇ.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى ئويلاڭ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشتىن بۇ‌رۇ‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ تولىمۇ ئە‌پسۇ‌س،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلمىغانىدى.‏—‏رىملىقلار 5:‏12‏.‏

14 مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا يە‌ر يۈزىدە ياشايدىغان كىشىلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولىدۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌كە‌ممە‌ل بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاشۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مە‌ڭگۈ قوللامدۇ؟‏ ياكى بە‌زىلىرى ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىغا ئوخشاش مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلامدۇ؟‏ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش كېرە‌ك.‏ ئە‌مما قانداق؟‏

15،‏ 16.‏ (‏1)‏ قاچان پۈتكۈل ئىنسانلار يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى سىناقتىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏

15 شە‌يتان 1000 يىل سولاپ قويۇ‌لىدۇ.‏ بۇ مە‌زگىلدە ئۇ ھېچكىمنى ئازدۇ‌رالمايدۇ.‏ لېكىن 1000 يىل ئاخىرلاشقاندا،‏ شە‌يتان قويۇ‌پ بېرىلىدۇ ۋە ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلارنى ئازدۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ بۇ سىناقتا،‏ يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان-‏ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنى قوللايدىغان-‏قوللىمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏7–‏10‏)‏.‏ ھە‌ربىر كىشىنىڭ بۇ ئە‌ڭ ئاخىرقى سىناقتىكى تاللىشى ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھاياتلىق كىتابىغا مە‌ڭگۈلۈك يېزىلىدىغان-‏يېزىلمايدىغانلىقىنى بە‌لگىلە‌يدۇ.‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ بە‌زى ئىنسانلار ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىغا ئوخشاش يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏15-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىدا يېزىلمىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى».‏ شۇ‌نداق،‏ بۇ ئىسىيانچىلار مە‌ڭگۈ يوق بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ كۆپ ساندىكى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار بۇ ئە‌ڭ ئاخىرقى سىناقتىن ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا مە‌ڭگۈلۈك يېزىلىدۇ.‏

زامان ئاخىرىدا

17.‏ پە‌رىشتە دانىيالغا بىزنىڭ زامانىمىز ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏ (‏دانىيال 12:‏4،‏ 8–‏10‏)‏

17 كە‌لگۈسىدە يۈز بېرىدىغان مۇ‌شۇ ۋە‌قە‌لە‌رنى ئويلىغىنىمىزدا ھاياجانغا چۆمىمىز!‏ بىراق،‏ بىزنىڭ زامانىمىز،‏ يە‌نى زامان ئاخىرى ھە‌ققىدە دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر بىر پە‌رىشتىدىن بە‌زى مۇ‌ھىم مە‌لۇ‌ماتلارغا تاپشۇ‌رۇ‌ۋالغان ئىدى ‏(‏دانىيال 12:‏4،‏ 8–‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏1–‏5‏)‏.‏ پە‌رىشتە دانىيالغا:‏ «توغرا بىلىم ئېشىپ زىيادىلىشىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ شۇ‌نداق،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بۇ كىتابتىكى بېشارە‌تلىك سۆزلە‌رنى تېخىمۇ چوڭقۇ‌رراق چۈشە‌ندى.‏ پە‌رىشتە زامان ئاخىرىدا ھە‌ققىدە يە‌نە شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يامانلار يامانلىق قىلىۋېرىدۇ ۋە يامانلارنىڭ ھېچبىرى بۇ سۆزلە‌رنى چۈشە‌نمە‌يدۇ».‏

18.‏ پات يېقىندا يامانلارغا نېمە بولىدۇ؟‏

18 بۈگۈن كۈندە يامانلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى جازاسىز قىلىۋاتقاندە‌ك كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن (‏مالاك.‏ 3:‏14،‏ 15‏)‏.‏ لېكىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئە‌يسا ئۆچكە كە‌بى يامان ئىنسانلارنى ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇ‌لارنى قويغا ئوخشاش ياخشى ئىنسانلاردىن ئايرىيدۇ (‏مە‌تتا 25:‏31–‏33‏)‏.‏ بۇ يامانلىق قىلغۇ‌چىلار دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايئاپە‌تتىن قۇ‌تۇ‌لالمايدۇ ۋە يېڭى دۇ‌نيادىكى ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى مالاكى 3:‏16-‏ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان «خاتىرە كىتابى»غا يېزىلمايدۇ.‏

19.‏ ھازىر نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏مالاكى 3:‏16–‏18‏)‏

19 ھازىر ئۆزىمىزنىڭ يامانلار ئارىسىدا ئە‌مە‌سلىكىمىزنى ئىسپاتلايدىغان پە‌يتتۇ‌ر ‏(‏مالاكى 3:‏16–‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزى «خاس مۈلۈك» ياكى قىممە‌تلىك بايلىق دە‌پ قارىغان كىشىلە‌رنى يىغىۋاتىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا بولۇ‌شنى خالايمىز.‏

دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ يېقىن كىشىلىرىمىز ۋە يېڭى دۇ‌نيادا تىرىلدۈرۈلگە‌ن باشقا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى كۆرگە‌ندە،‏ قانچىلىك شاد-‏خۇ‌رام بولىمىز!‏ (‏20-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

20.‏ يە‌ھۋا دانىيالغا قانداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ ۋە‌دىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟‏

20 ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ بىز ئاجايىپ زاماندا ياشاۋاتىمىز.‏ ئە‌مما،‏ تېخىمۇ ھە‌يران قالارلىق ئىشلار يۈز بېرىش ئالدىدا تۇ‌رماقتا.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ بىز بارلىق يامانلىقلارنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋانىڭ دانىيالغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆرىمىز:‏ «كۈنلە‌ر ئاخىرلاشقاندا،‏ ئۆز نېسىۋە‌ڭنى ئېلىش ئۈچۈن قوپۇ‌سە‌ن» (‏دانىيال 12:‏13‏)‏.‏ ھە‌ممىمىز دانىيالغا ئوخشاش سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز قوپىدىغان،‏ يە‌نى تىرىلىدىغان كۈننى تە‌شنالىق بىلە‌ن كۈتىۋاتىمىز.‏ ئۇ كۈننى كۆرە‌لىشىمىز ئۈچۈن ھازىر پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا تىرىشايلى.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئىسىمىمىز يە‌ھۋانىڭ ھاياتلىق كىتابىدا داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ.‏

1-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى

a دانىيال 12:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن،‏ ئىلگىرى ھېچقاچان بولۇ‌پ باقمىغان كە‌ڭ كۆلە‌ملىك تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش ئىشىغا بولغان يېڭى ئۆزگە‌رتىلگە‌ن چۈشە‌نچىمىز مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ.‏ بىز بۇ ئىشنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى ۋە كىملە‌رنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىز يە‌نە بۇ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئىشىنىڭ يە‌ر يۈزىدىكىلە‌رنى مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان چاغدىكى ئە‌ڭ ئاخىرقى سىناققا قانداق تە‌ييارلايدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏

b بە‌لكىم،‏ تىرىلىش ئاخىرقى زاماندا سادىقلىقنى ساقلاپ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ردىن باشلىنىپ،‏ ئە‌ۋلادمۇ ئە‌ۋلاد داۋام قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر راستىنلا شۇ‌نداق بولسا،‏ ھە‌ربىر ئە‌ۋلاد كىشىلە‌رنىڭ ئۆزى تونۇ‌يدىغان كىشىلە‌رنى قارشى ئېلىش پۇ‌رسىتى بولىدۇ.‏ قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ئاسمانغا تىرىلىش ھە‌ققىدە «ھە‌ر بىرى ئۆز نۆۋىتى بىلە‌ن تىرىلىدۇ» دېيىلگە‌ن.‏ بىز يە‌ر يۈزىدىكى تىرىلىشنىڭمۇ نۆۋىتى بىلە‌ن تە‌رتىپلىك بولىدىغانلىقىنى پە‌رە‌ز قىلالايمىز.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏33؛‏ 15:‏23‏.‏

c بۇ چۈشە‌ندۈرۈش ‏«دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ بېشارىتىگە دىققە‌ت قىلىڭ» ناملىق كىتابنىڭ 17-‏بابى ۋە ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 1987-‏يىل،‏ 1-‏ئىيۇ‌ل سانى،‏ 21–‏25-‏بە‌تلە‌ردە شە‌رھىلە‌نگە‌ن چۈشە‌نچىگە قارىتا ئۆزگە‌رتىشكە بېرىلگە‌ن چۈشە‌ندۈرۈش.‏

d سېلىشتۇ‌رۇ‌پ كۆرسە‌ك،‏ ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15-‏ئايە‌تتىكى «ھە‌ققانىيلار» ۋە «ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر» سۆزلىرى بىلە‌ن،‏ يۇ‌ھاننا 5:‏29-‏ئايە‌تتىكى «ياخشىلىق قىلغانلار» ۋە «يامانلىق قىلغانلار» ئىبارىلىرى،‏ تىرىلدۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇ‌رۇ‌نقى قىلغان ئىشلىرىغا قارىتىلغان.‏