مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاپ،‏ ئۆزۈڭلارنى ئۆزگە‌رتىڭلار»‏

‏«ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاپ،‏ ئۆزۈڭلارنى ئۆزگە‌رتىڭلار»‏

‏«خۇ‌دانىڭ ياخشى،‏ مە‌قبۇ‌ل ۋە مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاپ،‏ ئۆزۈڭلارنى ئۆزگە‌رتىڭلار»‏‏.‏—‏رىملىقلار 12:‏2‏.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلايلى

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن داۋاملىق نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

 قانچە ئۇ‌زاق ۋاقىتتا بىر قېتىم ئۆيىڭىزنى تازىلايسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئۆيىڭىزگە كۆچۈپ كىرىشتىن ئاۋۋال،‏ تۇ‌نجى قېتىم ئۆينىڭ ئاستى-‏ئۈستى،‏ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌شقاقلىرىغىچە پۈتۈنلە‌ي بىر قېتىم تازىلاپ چىقتىڭىز.‏ ئە‌مما،‏ كېيىن تازىلاشقا سە‌ل قارىدىڭىزمۇ؟‏ سىز بىلگە‌ندە‌ك،‏ ئۆينى دائىم تېزلا چاڭ-‏توزاڭ ۋە توپا بېسىپ قالىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆيىڭىزنى پاكىزە-‏رە‌تلىك تۇ‌تۇ‌ش ئۈچۈن چوقۇ‌م دائىم تازىلاپ تۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك.‏

2 خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بىزمۇ دائىم ئوي-‏پىكىرىمىز ۋە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى «تە‌ن ۋە روھىمىزنى بۇ‌لغايدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌ردىن ئۆزىمىزنى پاكىزلاپ»،‏ ھاياتىمىزدا زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردۇ‌ق (‏2-‏كورىنت.‏ 7:‏1‏)‏.‏ ھازىر بولسا،‏ بىز ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ‏«داۋاملىق يېڭىلاڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏23‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈنكى،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ چاڭ-‏توزاڭ ۋە توپىلىرى تېزلا بىزدە توپلىنىپ قالىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن ساقلىنىش ۋە داۋاملىق يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن،‏ بىز چوقۇ‌م ئۆزىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى،‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى ۋە خاھىشلىرىنى تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رىشىمىز كېرە‌ك.‏

ئە‌قلىڭىزنى يېڭىلاشنى توختاتماڭ

3.‏ ئە‌قلىڭىزنى يېڭىلاش دېگە‌ن بۇ ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏رىملىقلار 12:‏2‏)‏

3 ئە‌قلىڭىزنى يېڭىلاشنى،‏ يە‌نى ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىڭىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ ‏(‏رىملىقلار 12:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ گرېك تىلدىكى «ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاش»،‏ دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارىنى «ئوي-‏پىكىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتىش» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىشقا بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ بىز پە‌قە‌ت بىرقانچە ياخشى ئىشنى قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز ئۆزىمىزنى چوڭقۇ‌رراق تە‌كشۈرۈپ،‏ زۆرۈر بولغان بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ ھاياتىمىزنى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە يېقىنلاشتۇ‌رالايمىز.‏ بۇ‌نى بىز پە‌قە‌ت بىرلا قېتىم ئە‌مە‌س،‏ داۋاملىق قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

ئالىي مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ش ياكى قانداق خىزمە‌تنى قىلىش توغرىسىدا چىقارغان قارارىڭىز،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلىقىڭىزنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ (‏4،‏ 5-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

4.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئوي-‏پىكرىمىزنى شە‌كىلگە كە‌لتۈرۈشىگە يول بە‌رمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

4 كېلە‌چە‌كتە بىز مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالە‌تكە يە‌تكە‌ندە،‏ ھە‌ر بىر قىلغان ئىشىمىزدا ھە‌مىشە يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايمىز.‏ ئە‌مما،‏ ھازىر يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م داۋاملىق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ رىملىقلار 12:‏2-‏ئايە‌تتە ئېيتقان نە‌سىھە‌ت سۆزىگە دىققە‌ت قىلساق،‏ ئە‌قلىمىزنى يېڭىلاش بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە كۆز يە‌تكۈزۈشنىڭ ئارىسىدا زىچ باغلىنىش بار.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپى بىزنى شە‌كىلگە كە‌لتۈرۈشىگە يول بېرىشنىڭ ئورنىغا،‏ بىز چوقۇ‌م خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرىنىڭ بىزگە تە‌سىر قىلىشىغا قانچىلىك يول قويۇ‌ۋاتقانلىقىمىزنى تە‌كشۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ندىلا،‏ ئۆز مە‌قسە‌تلىرىمىز ۋە قارارلىرىمىزغا بۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىر قىلىشىغا يول بە‌رمە‌يمىز.‏

5.‏ يە‌ھۋانىڭ كۈنى يېقىنلاشقانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى قانداق تە‌كشۈرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

5 بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ «كۈنىنىڭ كېلىشىنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن» كۈتۈشىمىزنى خالايدۇ (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏12‏)‏.‏ سىز ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ بېقىڭ:‏ «تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش يولۇ‌م بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا قانچىلىك يېقىن قالغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ ئوقۇ‌ش ياكى ئىش ئورنى توغرىسىدا چىقارغان قارارىم ھاياتىمدا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويغانلىقىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى ۋە ئائىلە‌منى ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمە‌نمۇ ياكى مە‌ن توختىماي ماددىي نە‌رسىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م قىلىمە‌نمۇ؟‏» يە‌ھۋا ھاياتىمىزنى ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى بىلە‌ن ماسلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ قانچىلىك خۇ‌شال بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏—‏مە‌تتا 6:‏25–‏27،‏ 33؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏12،‏ 13‏.‏

6.‏ بىز داۋاملىق نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 بىز چوقۇ‌م ئوي-‏پىكرىمىزنى ھە‌ردائىم تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رۇ‌شىمىز ۋە زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئېتىقادتا تۇ‌رۇ‌ۋاتىمىزمۇ دە‌پ ئۆزۈڭلارنى داۋاملىق تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رۇ‌ڭلار؛‏ داۋاملىق ئۆزۈڭلارنىڭ قانداق كىشى ئىكە‌نلىكىنى تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏» (‏2-‏كورىنت.‏ 13:‏5‏)‏ «ئېتىقادتا» تۇ‌رۇ‌ش،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە داۋاملىق ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشتىنمۇ كۆپرە‌ك ئىشلارنى،‏ يە‌نى خاھىشلىرىمىز ۋە نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلىرىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز دائىم خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌ش،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزىمىزنى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماسلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن زۆرۈر ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏14–‏16‏.‏

يېڭى شە‌خسنى كىيىڭلار

7.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏31،‏ 32-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ بىز يە‌نە نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ‌نداق قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

7 ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏31،‏ 32-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بىز ئوي-‏پىكىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىپ قالماي،‏ چوقۇ‌م «يېڭى شە‌خسنى» كىيىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏24‏)‏.‏ مۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن بىز چوقۇ‌م تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ غە‌زە‌پلىنىش،‏ ئاچچىقلىنىشقا ئوخشاش مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلارنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز زۆرۈر.‏ بۇ‌نداق قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن؟‏ چۈنكى،‏ شۇ‌نداق يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلار قە‌لبىمىزدە چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتىپ كە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ‏«تېرىككە‌ك»‏ ۋە ‏«تېزلا غە‌زە‌پلىنىدىغان»‏ بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (‏پە‌ند.‏ نە 29:‏22‏)‏.‏ شۇ‌نداق يىلتىز تارتقان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىزنى كونترول قىلىشىمىز ئۈچۈن،‏ ھە‌تتا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.‏ بۇ‌نى تۆۋە‌ندىكى مىسالدىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏

8،‏ 9.‏ كونا شە‌خسنى سېلىپ تاشلاش ئۈچۈن داۋاملىق ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ستېفاننىڭ كە‌چۈرمىشلىرى قانداق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟‏

8 ستېفان ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئۆز غە‌زىپىنى بېسىۋېلىشى ئىنتايىن قىيىن بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشتىم.‏ بىر قېتىم ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىققاندا،‏ بىرسى ماشىنامدىن رادىئونى ئوغۇ‌رلاپ قېچىپ كە‌تتى.‏ مە‌ن ئارقىسىدىن قوغلىدىم.‏ ئوغرى قوغلاپ يېتىشىۋېلىشىمغا ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ رادىئونى تاشلىۋېتىپ قېچىپ كە‌تتى.‏ مە‌ن بىلە‌ن ۋە‌زگە چىققان ھە‌مراھىمغا رادىئونى قانداق قايتۇ‌رۇ‌پ كە‌لگە‌نلىكىمنى ئېيتىپ بە‌ردىم.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ بىر ئاقساقال مە‌ندىن مۇ‌نداق سورىدى:‏ «ستېفان،‏ ئە‌گە‌ر سە‌ن ئاشۇ ئوغرىنى تۇ‌تۇ‌ۋالغان بولساڭ،‏ نېمە قىلار ئىدىڭ؟‏» ئۇ شۇ‌نداق دېگە‌ندە،‏ شۇ‌نى تونۇ‌پ يە‌تتىمكى،‏ مە‌ن داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ غە‌زىپىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرە‌ك»‏ b‏.‏

9 ستېفاننىڭ مىسالىدىن شۇ‌نى كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ ھە‌تتا بىز يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىزنى پۈتۈنلە‌ي تاشلىدۇ‌ق دە‌پ ئويلىغاندىن كېيىنمۇ،‏ توساتتىن بە‌زىدە يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نداق ئىشلارغا دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ بۇ‌نىڭدىن ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ ھە‌مدە ئۆزىڭىزنى مە‌سىھنىڭ ياخشى ئە‌گە‌شكۈچىسى ئە‌مە‌س دە‌پ،‏ تېزلا خۇ‌لاسە چىقارماڭ.‏ ھە‌تتا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سمۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن ئىدى:‏ «توغرا ئىش قىلماقچى بولغىنىمدا،‏ يېنىمدا يامانلىق ماڭا ھە‌مراھ بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ» (‏رىملىقلار 7:‏21–‏23‏)‏.‏ بارلىق نامۇ‌كە‌ممە‌ل مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشى كېرە‌ك.‏ خۇ‌ددى بە‌زىدە ئۆيۈمىزنى چاڭ-‏توزاڭ ياكى توپا بېسىپ قالغانغا ئوخشاش،‏ بارلىق نامۇ‌كە‌ممە‌ل مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ بە‌زى يامان مىجە‌زلىرى بار.‏ ئۆزىمىزنى پاكىز تۇ‌تۇ‌ش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

10.‏ يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لق بىلە‌ن قانداق كۈرە‌ش قىلالايمىز؟‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14،‏ 15‏)‏

10 ئە‌گە‌ر يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقنى تاشلاش قىيىن بولسا،‏ بۇ ھە‌ققىدە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىڭىزغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ سىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋا گە‌رچە مۆجىزىلىك يول بىلە‌ن ئاجىزلىقلىرىڭىزنى يوق قىلمىسىمۇ،‏ بىراق ئۇ شۇ‌نداق مىجە‌ز-‏خۇ‌لقنى قايتا كۆرسە‌تمە‌سلىكىڭىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ.‏ دۇ‌ئالىرىڭىزغا ماس ئە‌مە‌لىي ئىش قىلىپ،‏ سىزنى يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقنى قايتا تە‌كرارلاشقا مايىل قىلىدىغان خاھىشلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شقا ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىنو،‏ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرگە‌ندە ياكى ھېكايىلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا،‏ سىز تاشلاشقا تىرىشىۋاتقان مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلارنى ياخشى دە‌پ كۆرسىتىدىغان مە‌زمۇ‌نلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئە‌قلىڭىزنى نامۇ‌ۋاپىق ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌ر بىلە‌ن تولدۇ‌رىدۇ.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏8؛‏ كولوسى.‏ 3:‏2‏.‏

11.‏ داۋاملىق يېڭى شە‌خسنى كىيىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟‏

11 گە‌رچە سىز ئاللىقاچان كونا شە‌خسنى سېلىپ تاشلىغان بولسىڭىزمۇ،‏ بىراق يېڭى شە‌خسنى يېتىلدۈرۈش ھە‌م ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايسىز؟‏ ئالدىڭىزغا مە‌قسە‌ت قويۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىڭ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏1،‏ 2‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىنى تە‌كىتلە‌يدىغان مە‌زمۇ‌نلارنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نۇ‌لارنى سوراڭ:‏ «مە‌ن باشقىلارنى كە‌چۈرىمە‌نمۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلە‌رگە ئىچى ئاغرىتقانلىقى ھە‌ققىدە ئوقۇ‌غىنىمدا،‏ ياردە‌مگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمغا،‏ مە‌نمۇ كۆڭۈل بۆلۈمە‌نمۇ ۋە شۇ‌لارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىمە‌نمۇ؟‏» داۋاملىق ئە‌قلىڭىزنى يېڭىلاپ،‏ يېڭى شە‌خسنى،‏ يە‌نى مىجە‌ز-‏خۇ‌لقنى كىيىڭ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزگە سە‌ۋرچان بولۇ‌ڭ.‏

12.‏ ستېفان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆزگە‌رتىش كۈچىنى ئۆز بېشىدىن قانداق ئۆتكۈزگە‌ن؟‏

12 يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ستېفان،‏ ئۆزىنىڭ ئاستا-‏ئاستا يېڭى شە‌خسنى كىيگە‌نلىكىنى بايقىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن بۇ‌يان،‏ مە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم پارتىلاپ كېتىدىغاندە‌ك ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لدىم.‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە مېنى تېرىكتۈرىدىغان ئادە‌ملە‌ردىن يىراقلاشتىم ياكى باشقا يوللار بىلە‌ن ۋە‌زىيە‌تنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگە‌ندىم.‏ ئايالىم ۋە باشقا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مېنىڭ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى قانداق بىتە‌رە‌پ قىلغانلىقىمنى ماختىدى.‏ مە‌ن ئۆزۈمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلە‌رنى ھە‌رگىزمۇ ئۆز تىرىشچانلىقىمدىن بولدى دە‌پ قارىمايمە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىنسانلارنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتىش كۈچى بارلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىمە‌ن».‏

داۋاملىق نامۇ‌ۋاپىق ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە قارشى جە‌ڭ قىلىڭ

13.‏ توغرا ئىستە‌ككە ئىگە بولۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏گالاتىيالىقلار 5:‏16‏)‏

13 گالاتىيالىقلار 5:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ توغرا ئىشلارنى قىلىش جېڭىدە غە‌لبە قازىنىشىمىزغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا سېخىيلىق بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بېرىدۇ.‏ بىز خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ روھىنىڭ بىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول بېرىمىز.‏ جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندىمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشىمىز.‏ ئاشۇ يىغىلىشلاردا بىزدە‌ك توغرا ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزە‌لە‌يمىز (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25؛‏ 13:‏7‏)‏.‏ بۇ بىزگە ئىلھام بېرىدۇ.‏ بىز يە‌ھۋاغا ئىخلاس بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ بە‌زى ئاجىزلىقىمىزغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م تىلىگە‌ندە،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ داۋاملىق كۈرە‌ش قىلىشىمىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌ر خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى يوق قىلىۋە‌تمە‌يدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار بىزنىڭ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رنىڭ كە‌ينىگە كىرىپ ئىش قىلىشقا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ گالاتىيالىقلار 5:‏16-‏ئايە‌ت شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «روھنىڭ كۆرسە‌تمىسى بىلە‌ن يۈرۈڭلار،‏ شۇ‌ندىلا ھە‌رگىز تە‌ننىڭ ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىگە ئە‌گىشىپ ئىش قىلمايسىلە‌ر‏».‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن داۋاملىق توغرا ئارزۇ-‏ئىستە‌كلە‌رنى يېتىلدۈرۈش مۇ‌ھىم؟‏

14 خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادە‌تلە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ داۋاملىق بۇ ئادە‌تنى ساقلاش ئۈچۈن توغرا ئارزۇ-‏ئىستە‌كلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ دۈشمە‌نلىرىمىز ھە‌رگىز ئۇ‌خلىمايدۇ.‏ ئۇ دۈشمە‌ن خاتا ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌يدىغان قە‌لبىمىزدىكى ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌ستۇ‌ر.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئىگىلىرى ئادە‌تلىنىپ قالغان قىمار ئويناش،‏ ھاراقكە‌شلىك،‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشكە ئوخشاش،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس بولمىغان بە‌زى ئىشلارنى قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏3،‏ 4‏)‏.‏ بىر ياش بۇ‌رادە‌ر شۇ‌نى ئېتىراپ قىلىدۇ:‏ «مە‌ن دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئە‌ڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى،‏ مېنىڭ ئوخشاش جىنىستىكى كىشىلە‌رگە بولغان قىزىقىشىم.‏ مە‌ن ئۇ‌نى پە‌قە‌ت ۋاقىتلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ،‏ كېيىنچە ئاستا يوق بولۇ‌پ كېتىدۇ دە‌پ قارىغان ئىدىم.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار ھازىرمۇ بار».‏ ئە‌گە‌ر خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىڭىز كۈچلۈك بولسا،‏ سىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رنىڭ ئازدۇ‌رۇ‌شىغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە بۇ‌نىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كە‌تمە‌ڭ،‏ باشقىلارمۇ ئوخشاش سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ‌نى يە‌ڭگە‌ن (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

15.‏ «ئادە‌تتە ئادە‌ملە‌ر» نامۇ‌ۋاپىق ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌ر بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىدىغانلىقىنى بىلىش نېمە ئۈچۈن كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

15 سىز ئۈچۈن مە‌لۇ‌م بىر خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌س كۈچلۈك بىر دۈشمە‌ندە‌ك بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن جە‌ڭ قىلىش قىيىن بولسا،‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ مۇ‌نداق جە‌ڭ قىلىۋاتقان يالغۇ‌ز سىزلا ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سىلە‌ر ئادە‌تتە ئادە‌ملە‌ر دۇ‌چ كېلىۋاتقان ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىسىلە‌ر» (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏)‏.‏ مۇ‌شۇ جۈملە سۆز كورىنت شە‌ھىرىدىكى ئە‌ر ۋە ئايال مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قارىتىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ئىلگىرى زىنا قىلغۇ‌چىلار،‏ ئوخشاش جىنسلىقلار بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ئۆتكۈزگە‌نلە‌ر ۋە ھاراقكە‌شلە‌ر ئىدى (‏1-‏كورىنت.‏ 6:‏9–‏11‏)‏.‏ سىزنىڭچە،‏ ئۇ‌لار سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن شۇ‌نداق خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رنى پۈتۈنلە‌ي تاشلىغانمۇ؟‏ بۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بولسىمۇ،‏ بىراق ئۇ‌لار يە‌نىلا نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئۇ‌لار خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرى بىلە‌ن پات-‏پات كۈرە‌ش قىلغان.‏ بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ مە‌يلى قانداق خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌س بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقان بولايلى،‏ باشقىلارمۇ شۇ‌نداق ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سكە قارشى تۇ‌رالىغان.‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق «ئېتىقادتا مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا قارشى تۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ بىلىڭلاركى،‏ دۇ‌نيادىكى بارلىق ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلار ئوخشاش ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ».‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏9‏.‏

16.‏ قانداق ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌شتىن چوقۇ‌م ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

16 سىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقنى ھېچكىم چۈشە‌نمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلاشتىن قە‌تئىي ساقلىنىڭ.‏ بۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌ش ئۆزىڭىزنى ئۈمىدسىز ئە‌ھۋالدا ۋە خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە قارشى تۇ‌رۇ‌شقا كۈچىڭىز يە‌تمە‌يدۇ،‏ دە‌پ خۇ‌لاسە چىقىرىشىڭىزغا سە‌ۋە‌ب بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «خۇ‌دا سادىقتۇ‌ر ۋە ئۇ سىلە‌رنى بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌يدىغان ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا دۇ‌چار قىلمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا ئۇ‌چرىغاندا،‏ بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىڭلار ئۈچۈن چىقىش يولىنى كۆرستىپ بېرىدۇ» (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌س كۈچلۈك بولغان تە‌غدىردىمۇ،‏ بىز چوقۇ‌م يە‌ھۋاغا سادىق قالالايمىز.‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ ياردىمى بىلە‌ن بىز داۋاملىق خاتا ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىيالايمىز.‏

17.‏ ئە‌قلىمىزدە خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىدىن ساقلىنالمىساقمۇ،‏ بىز نېمىنى كونترول قىلالايمىز؟‏

17 شۇ‌نى ھە‌ردائىم ئېسىڭىزدە ساقلاڭكى،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان بولغاچقا،‏ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌ردىن ساقلىنالماسلىقىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌س توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ يۈسۈپ پوتىفارنىڭ ئايالىدىن دە‌رھال قېچىپ كە‌تكىنىگە ئوخشاش،‏ سىزمۇ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رنى دە‌رھال رە‌ت قىلالايسىز (‏يارىت.‏ 39:‏12‏)‏.‏ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رنىڭ كە‌ينىگە كىرىپ ئىش قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.‏

داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ

18،‏ 19.‏ ئە‌قلىمىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقاندا،‏ ھە‌ردائىم ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن قايسى سوئاللارنى سورىساق بولىدۇ؟‏

18 ئە‌قلىمىزنى يېڭىلاش،‏ بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئوي-‏پىكىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزنى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماسلاشتۇ‌رۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ دائىم ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن سوئاللارنى سورىشىمىز كېرە‌ك:‏ «ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىم ئىنتايىن مۇ‌ھىم بىر پە‌يتتە ياشاۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىدىغانلىقىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ مە‌ن يېڭى شە‌خسنى كىيىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمە‌نمۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ھاياتىمنى يېتە‌كلىشىگە يول قويۇ‌پ،‏ تە‌ننىڭ ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىگە ئە‌گىشىپ ئىش قىلىش ئازدۇ‌رۇ‌لىشىغا قارشى تۇ‌رالايمە‌نمۇ؟‏»‏

19 ئۆزىڭىزنى تە‌كشۈرگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلماڭ.‏ بىراق،‏ ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىپ،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ئالغا باسقانلىقىدىن خۇ‌شال بولۇ‌ڭ،‏ ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ فىلىپىلىكلە‌ر 3:‏16-‏ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىڭ:‏ «قايسى دە‌رىجىدە ئىلگىرىلىگە‌ن بولۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئە‌ينى تە‌رتىپ بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلە‌يلى».‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ داۋاملىق ئە‌قلىڭىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىڭىزنى يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز.‏

52-‏ناخشا قە‌لبىڭنى چىڭ قوغدا

a ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار،‏ دە‌پ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە شۇ نە‌سىھە‌ت ھە‌قىقە‌تە‌ن بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ بىز چوقۇ‌م بۇ دۇ‌نيانىڭ بىزگە ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن تە‌سىر كۆرسىتىشىگە يول بە‌رمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئوي-‏پىكىرىمىز خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس كە‌لمىگە‌نلىكىنى بايقىساق،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرنى دە‌رھال تۈزىتىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز بۇ‌نى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2015-‏يىل،‏ 1-‏ئىيۇ‌ل سانىدىكى «‏ھاياتىم كۈندىن-‏كۈنگە يامانلاشتى‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ بىر ياش بۇ‌رادە‌ر ئالىي مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ش ياكى تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىۋاتىدۇ.‏