5-تەتقىق ماقالىسى
«بىزنى ئۈندەۋاتقان كۈچ مەسىھنىڭ سۆيگىسىدۇر»
«بىزنى ئۈندەۋاتقان كۈچ مەسىھنىڭ سۆيگىسىدۇر. . . . شۇڭا، ھايات ياشاۋاتقانلار ئەمدى ئۆزى ئۈچۈن ياشىمىسۇن».—2-كورىنت. 5:14، 15.
5-ناخشا مەسىھ — بىزنىڭ ئۈلگىمىز
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىمىز مۇمكىن؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
يېقىن كىشىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە، دەسلەپتە ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرىكى كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە، دائىم ئازابلىنىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولسا، تېخىمۇ ئازابلىنىمىز. كېيىنرەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاشۇ كىشىنىڭ بىزگە تەلىم بېرىش، ئىلھام بېرىش ياكى بىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بولغان ئىشلىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، بىز ئاستا-ئاستا ئۆزىمىزنى خۇشالراق ھېس قىلىشقا باشلايمىز.
2 خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدە ئوقۇغىنىمىزدا، بىز قايغۇ-ھەسرەت چېكىمىز. خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە مەسىھنىڭ قىممەتلىك تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىمىز (1-كورىنت. 11:24، 25). بىراق، ئەيسانىڭ يەر يۈزىدە بولغاندا قىلغان سۆزلىرى ۋە ئىشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، بۇنىڭدىن زور خۇشاللىق تاپىمىز. ئۇنىڭ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقى ۋە كەلگۈسىدە بىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانساق، بۇ بىزگە ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ. مۇشۇ ئىشلار ۋە ئۇنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش بىزنى ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ ماقالىدە، شۇنداق قىلىشنىڭ ئەمەلىي يوللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
مىننەتدارلىق بىزنى ئەيساغا ئەگىشىشكە ئۈندەيدۇ
3. تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ قانداق سەۋەبلىرى بار؟
3 بىز ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، مىننەتدارلىق ھېس-تۇيغۇمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئەيسا يەر يۈزىدىكى خىزمىتىنى داۋام قىلغاندا، كىشىلەرگە خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئېلىپ كېلىدىغان بەرىكەتلەر ھەققىدە ئۆگەتكەن. بىز تۆلەم قۇربانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارمىز، چۈنكى ئۇ يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىشىمىزغا يول ئاچىدۇ. ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنگەنلەر مەڭگۈ ياشاش ۋە ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىنى قايتا كۆرۈش ئۈمىدىمۇ بار (يۇھاننا 5:28، 29؛ رىملىقلار 6:23). بىز بۇ ئىلتىپاتلارغا ئېرىشىشكە لايىق ھېچ ئىش قىلمىغان. يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا ھەرگىزمۇ جاۋاب قايتۇرالمايمىز (رىملىقلار 5:8، 20، 21). بىراق، بىز ئۇلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. قانداق؟
4. مەجدەللىك مەريەم ئەيسانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننەتدارلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (رەسىمگە قاراڭ)
4 مەجدەللىك مەريەم ئىسىملىك يەھۇدىي ئايالنىڭ مىسالىغا قاراپ باقايلى. ئۇنىڭ تېنىغا چاپلىشىۋالغان يەتتە جىن ئۇنى قاتتىق ئازابلىغاچ، ئۇ ئىنتايىن بېچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئۇ چوقۇم ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمەن دەپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەيسا ئۇنىڭ تېنىدىكى يامان روھلارنى قوغلاپ چىقارغاندا، ئۇ ئەيساغا قانچىلىك مىننەتدار بولغان-ھە! ئۇنىڭ مىننەتدارلىقى ئۇنى مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشقا ۋە ۋاقتى، كۈچى ھەمدە ئۆزىدە بار نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، مەسىھنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە ئۈندىگەن (لۇقا 8:1–3). مەريەم گەرچە ئەيسانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا چوڭقۇر مىننەتدار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەيسانىڭ كېلەچەكتە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغاتنى بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەيسا ئۆز ھاياتىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىدۇ، يەنى ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەر بىر كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدۇ (يۇھاننا 3:16). بەلكىم، مەريەم ئۆزىنىڭ بۇ بەرىكەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، مەريەم ئەيساغا سادىق بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەيسا ئازاب تۈۋرۈكىدە قىيىنىلىۋاتقاندا، مەريەم يېقىن ئەتراپتا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋە باشقىلارغا ھېسسىي جەھەتتىن يار-يۆلەك بولغان (يۇھاننا 19:25). ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن مەريەم ۋە باشقا ئىككى ئايال قەبرىگە خۇشپۇراق بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلگەن (ماركۇس 16:1، 2). مەريەم ئەيساغا سادىق بولغىنى ئۈچۈن يەھۋا مەريەمنى مۇكاپاتلىغان. ئۇ نۇرغۇنلىغان شاگىرتلار ئېرىشمىگەن ئىمتىيازغا ئېرىشكەن، يەنى ئۇ تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان.—يۇھاننا 20:11–18.
5. يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
5 بىزمۇ ۋاقتىمىز، كۈچىمىز، مال-مۈلكىمىز ئارقىلىق پادىشاھلىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشالايمىز ۋە يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەلەيمىز. پاك ئىبادەت پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ۋە ئىبادەت جايلىرىمىزنى ئاسراپ ساقلاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرەلەيمىز.
يەھۋا ۋە ئەيساغا بولغان سۆيگىمىز بىزنى باشقىلارنى سۆيۈشكە ئۈندەيدۇ
6. نېمە ئۈچۈن تۆلەمنى شەخسەن ھەر بىرىمىزگە بەرگەن سوۋغات دەپ ئېيتالايمىز؟
6 يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانساق، بىزمۇ ئۇلارنى سۆيۈشكە ھەرىكەت قىلىمىز (1-يۇھاننا 4:10، 19). بىز ئەيسانىڭ ئۆز جېنىنى شەخسەن ھەر بىرىمىز ئۈچۈن بەرگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندە، ئۇلارنى تېخىمۇ سۆيۈشكە تىرىشىمىز. ئەلچى پاۋلۇس بۇنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى گالاتىيالىقلارغا يازغان خېتىدە مۇنداق ئىپادىلىگەن: «مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئىشەنچ بىلەن ياشايمەن» (گالاتىيا. 2:20). تۆلەم سەۋەبلىك يەھۋا سىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغاچقا، سىز ئۇنىڭ دوستى بولالايسىز. يەھۋانىڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دوستى بولالىشىڭىز ئۈچۈن قىممەتلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بىلىش قەلبىڭىزنى ھاياجانغا سالمامدۇ؟ يەھۋا ۋە ئەيساغا بولغان سۆيگىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتمەمدۇ؟ بىز چوقۇم ئۆز-ئۆزىمىزدىن مۇنداق سورىشىمىز كېرەك: «ئاشۇ سۆيگۈ مېنى نېمە قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟»
7. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ھەممىمىز يەھۋا ۋە ئەيساغا بولغان سۆيگۈمىزنى قانداق ئىپادىلىيەلەيمىز؟
7 خۇداغا ۋە مەسىھكە بولغان سۆيگىمىز بىزنى باشقىلارنى سۆيۈشكە ئۈندەيدۇ (2-كورىنتلىقلار 5:14، 15؛ 6:1، 2-نى ئوقۇڭ). سۆيگۈمىزنى ئىپادىلەشنىڭ بىر ئۇسۇلى — قىزغىنلىق بىلەن باشقىلارغا ۋەز قىلىش. بىز ئۇچراتقان ھەممە ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىمىز. كىشىلەرنىڭ ئىرقى، قەبىلىسى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياكى جەمئىيەتتىكى تۇتقان ئورنى سەۋەبلىك، ئۇلارنى كەمسىتمەيمىز. بۇ ئارقىلىق، بىز يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلايمىز. «چۈنكى، ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەممە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت توغرۇلۇق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇپ، قۇتقۇزۇلۇشىدۇر».—1-تىموت. 2:4.
8. قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
8 بىز يەنە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈمىزنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مەسىھكە بولغان سۆيگۈمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز (1-يۇھاننا 4:21). ئۇلار سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلەلەيمىز. ئۇلار يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، تەسەللى بېرىمىز. ئاغرىپ قالغاندا، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىمىز (2-كورىنت. 1:3–7؛ 1-سالونىكا. 5:11، 14). ئۇلار چۈشكۈنلۈككە چۈشكەندە، تەسەللى بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز. ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىمىز. چۈنكى، بىز شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، «ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر».—ياقۇپ 5:16.
9. ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈمىزنى ئىپادىلەشنىڭ يەنە بىر يولى قايسى؟
9 بىز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈمىزنى ئىپادىلەيمىز. يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقىنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىمىز. يەھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلۈشىگە رازى بولغان ئىكەن، بىزمۇ بىزگە قارشى گۇناھ قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن كەچۈرۈشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ھېچقايسىمىز ئەيسا بىر تەمسىلىدە تىلغا ئالغان رەزىل قۇلغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز. خوجايىنى ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ قەرزىنى بىكار قىلىۋەتكەندىن كېيىنمۇ، ئۇ قۇل باشقا بىر قۇلدىن ئازراق قەرزنى كەچۈرۈم قىلمىغان (مەتتا 18:23–35). ئەگەر جامائەتتىكى مەلۇم بىر قېرىنداش بىلەن ئاراڭلاردا كېلىشمەسلىك يۈز بەرسە، مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن تەشەببۇسكار بولۇپ، ئاراڭلاردىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلالامسىز؟ (مەتتا 5:23، 24) شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، يەھۋا ۋە ئەيساغا بولغان چوڭقۇر سۆيگىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز.
10، 11. ئاقساقاللار يەھۋاغا ۋە ئەيساغا بولغان سۆيگۈسىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ (1-پېترۇس 5:1، 2)
10 ئاقساقاللار يەھۋا ۋە ئەيساغا بولغان سۆيگۈسىنى قانداق ئىپادىلىيەلەيدۇ؟ بۇنىڭ مۇھىم بىر يولى — ئەيسانىڭ قويلىرىدىن خەۋەر ئېلىش (1-پېترۇس 5:1، 2-نى ئوقۇڭ). ئەيسا بۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئەلچى پېترۇسقا ئېنىق كۆرسەتكەن. پېترۇس ئەيسادىن ئۈچ قېتىم تانغاندىن كېيىن، بەلكىم ئۇ ئەيسانى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، پېترۇستىن: «يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟»— دەپ سورىغان. بىز شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، پېترۇس ئۆزىنىڭ ئۇستازىنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار بولغان. ئەيسا پېترۇسقا: «قويلىرىمنى ئوتلات»،— دېگەن (يۇھاننا 21:15–17). پېترۇس ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە كۆيۈمچانلىق بىلەن مەسىھنىڭ قويلىرىغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئەيسانى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
11 مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىرقانچە ھەپتىدە، ئاقساقاللار ئۆزۈڭلارنىڭ مەسىھنىڭ پېترۇسقا قىلغان سۆزلىرىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىڭلارنى قانداق كۆرسىتەلەيسىلەر؟ سىلەر ۋاقىت چىقىرىپ، پادىلارنى يوقلاش ۋە پائالىيەتسىز يۈرگەن ئېتىقادچىلارنى يەھۋانىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلار، يەھۋا ۋە ئەيساغا بولغان سۆيگۈڭلارنى كۆرسىتىسىلەر (ھەزەك. 34:11، 12). سىلەر يەنە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەرگە ۋە خاتىرىلەش يىغىلىشىغا يېڭىدىن قاتناشقانلارغا كۆڭۈل بۆلەلەيسىلەر ۋە ئاشۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇش ئېھتىمالى بار كىشىلەرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايسىلەر.
مەسىھكە بولغان سۆيگىمىز بىزنى جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ
12. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى قىلغان سۆزلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش بىزگە جاسارەت بېرىدۇ؟ (يۇھاننا 16:32، 33)
12 ئەيسا ئۆلۈمىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىسى شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەت كۈتۈۋاتىدۇ. ئەمما جاسارەتلىك بولۇڭلار. مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلبە قىلدىم» (يۇھاننا 16:32، 33-نى ئوقۇڭ). ئەيسانىڭ جاسارەت بىلەن دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا ۋە ئۆلۈمىگە قەدەر ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ يەھۋاغا تايانغان ئىدى. ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، يەھۋادىن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆتۈنگەن (يۇھاننا 17:11). نېمە ئۈچۈن بۇ بىزگە جاسارەت بېرىدۇ؟ چۈنكى، يەھۋا ھەرقانداق دۈشمەنلىرىمىزدىنمۇ كۈچلۈك (1-يۇھاننا 4:4). يەھۋا ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، ئەگەر ئۇنىڭغا تايانساق، قورقۇنچىمىزنى يېڭىپ، جاسارىتىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز.
13. ئاراماتىيالىق يۈسۈپ جاسارىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
13 ئاراماتىيالىق يۈسۈپنىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن كىشى بولۇپ، ئالىي كېڭەشمىنىڭ، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي سوتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. بىراق، ئەيسا يەر يۈزىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، يۈسۈپ ئۆز جاسارىتىنى كۆرسەتمىگەن. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، گەرچە يۈسۈپ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىگە قىزىقىش كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەيساغا ئىشەنگەنلىكىنى باشقىلاردىن يوشۇرغان (يۇھاننا 19:38). شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدىكى نام-شۆھرىتى ۋە ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان. بىراق، مۇقەددەس كىتاب ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جاسارەتلىك بولغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يۈسۈپ جاسارەت بىلەن پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى سورىدى» (ماركۇس 15:42، 43). شۇ چاغدا، ھەممىسى ئۇنىڭ ئەيسا مەسىھنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلگەن.
14. ئەگەر ئىنسانلاردىن قورقسىڭىز نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
14 سىزمۇ خۇددى يۈسۈپكە ئوخشاش ئىنسانلاردىن قورققانمۇ؟ مەكتەپتە ياكى ئىش ئورنىدا ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا يەھۋا گۇۋاھچىسى دەپ تونۇشتۇرۇشتىن خىجىل بولامسىز؟ باشقىلار مەن توغرۇلۇق نېمە ئويلايدۇ دەپ ئەنسىرەپ، ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ياكى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى ئارقىغا سۆرەمسىز؟ ھەرگىزمۇ قورقۇنچ ھېس قىلىپ، توغرا ئىشنى قىلىشتىن توختاپ قالماڭ. داۋاملىق يەھۋا خۇداغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىڭ. ئۇنىڭدىن ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن جاسارەت بېرىشنى ئۆتۈنۈڭ. يەھۋانىڭ دۇئالىرىڭىزغا قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئىمان-ئېتىقادىڭىز كۈچىيىپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك بولىسىز.—يەشايا 41:10، 13.
شاد-خۇراملىق بىزنى بەل قويۇۋەتمەي يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ
15. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئۇلارنى نېمە قىلىشقا ئۈندىگەن؟ (لۇقا 24:52، 53)
15 ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىنتايىن ئازابلانغان ئىدى. ئۆزىڭىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرگەن دوستىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدى پۈتۈنلەي يوقالغاندەك ھېس قىلغان (لۇقا 24:17–21). لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنگەندە، ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ، مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۆزىنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرگەن. ئۇ يەنە شاگىرتلىرىغا مۇھىم بىر خىزمەتنى تاپشۇرغان (لۇقا 24:26، 27، 45–48). ئەيسا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ، 40 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى زور شاد-خۇراملىققا ئايلانغان. ئۇلار ئۆز ئۇستازىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن ئىدى. خۇشاللىقى ئۇلارنى يەھۋانى مەدھىيىلەشكە ئۈندىگەن.—لۇقا 24:52، 53-نى ئوقۇڭ؛ ئەلچى. 5:42.
16. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
16 بىز ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ پەقەت مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قانچە ھەپتىلەردىلا ئەمەس، بەلكى يىل بويى يەھۋاغا شاد-خۇراملىق بىلەن خىزمەت قىلالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىش، ئىبادەت يىغىلىشلىرى ۋە ئائىلىۋى ئىبادەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىش ئورنىدىكى ۋاقتىنى ياخشى پىلانلايدۇ. يەنە بەزى قېرىنداشلار جامائەت ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىش ياكى ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىش ئۈچۈن، باشقىلار چوقۇم زۆرۈر دەپ قارىغان بەزى ماددىي نەرسىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. بىراق، ھاياتىمىزدا خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، ئۇ بىزنى مول بەرىكەتلەيدىغانلىقىنى ۋەدە بېرىدۇ.—پەند. نە 10:22؛ مەتتا 6:32، 33.
17. مۇشۇ يىلدىكى ئەيسانى خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە نېمە قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدىڭىز؟ (رەسىمگە قاراڭ)
17 4-ئاپرېل، سەيشەنبە كۈنى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتىمىز. بىراق، ئاشۇ ۋاقىتقىچە ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى، ئۇ ۋە يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەققىدە داۋاملىق چوڭقۇر ئويلىنىڭ. خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» B12 قوشۇمچە ئىزاھىتىدىن، «ئەيسانىڭ يەردىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى» ناملىق جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن ۋەقەلەرنى ئوقۇش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ. شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، مىننەتدارلىقىڭىزنى، سۆيگىڭىزنى، جاسارىتىڭىزنى ۋە خۇشاللىقىڭىزنى ئاشۇرىدىغان مۇقەددەس كىتاب ئۈزۈندىلىرىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ. ئاندىن كېيىن، چىن كۆڭلۈڭىزدىن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بارلىقىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىڭ. شۇن دىلا خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىڭىزنى ئەيسانىڭ ئۇنتۇمايدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيسىز.—ۋەھىي. 2:19.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
a مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلىش بىزنى يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. بۇ ماقالىدە، بىز تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى، يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئەمەلىي كۆرسىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيۈش، جاسارەت كۆرسىتىش ۋە ۋەز خىزمىتىدىن خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۆگىنىمىز.