مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تە‌رجىمىھاللىرىنى ئوقۇ‌شنى ياخشى كۆرە‌مسىز؟‏

ھە‌ر كۈنى بىر تە‌رجىمىھالنى ئوقۇ‌يدىغان ئە‌ر-‏ئايال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ ھېكايىلە‌ر كۆپ ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇ‌لارنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئوقۇ‌يمىز!‏ قېرىنداشلارنىڭ ئۈلگىلىرى بىزنىڭمۇ ھە‌رخىل ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە سادىق بولۇ‌پ قالالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدۇ».‏ ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان باشقا قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ تە‌رجىمىھاللار تە‌سە‌للى بېرىدۇ،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ۋە كۆڭۈلگە ئارام بېرىدۇ.‏ قېرىنداشلار ھاياتىنى مە‌نىلىك ئۆتكۈزگە‌ن ۋە نۇ‌رغۇ‌ن ئۇ‌تۇ‌قلارغا ئېرىشكە‌ن.‏ بۇ ۋە‌قە‌لە‌ر كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ۋە بالىلىرىمنى يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشقا ئۈندىشىمگە ياردە‌م بېرىدۇ».‏

تە‌رجىمىھاللار يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش،‏ ئاجىزلىقلىرىڭىز بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش ۋە ئېغىر سىناقلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىش ۋە ئاخىرغىچە سادىق قېلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ بۇ تە‌رجىمىھاللارنى قانداق تاپالايسىز؟‏

  • jw.org تور بېكىتىمىزدىن ياكى «JW Library» پروگراممىسىدىن «‏يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تە‌رجىمىھاللىرى‏» ناملىق ماقالىلە‌رنى ئىزدە‌ڭ.‏

  • «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تە‌رجىمىھاللىرىنى» «كۈزىتىش مۇ‌نارى تور كۇ‌تۇ‌پخانىسى» ياكى «كۈزىتىش مۇ‌نارى كۇ‌تۇ‌پخانىسى»دىن ئىزدە‌ڭ.‏