8-تەتقىق ماقالىسى
«ھوشىيار ۋە سەگەك تۇرۇڭلار!»
«ھوشيار ۋە سەگەك تۇرۇڭلار!»—1-پېترۇس 5:8.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
بۇ ماقالىدە a
1. ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئاخىرلىشىش ۋاقتى ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەن ۋە ئۇلارنى قانداق ئاگاھلاندۇرغان؟
ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى، ئۇنىڭ تۆت شاگىرتى: «زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟»— دەپ سورىغان ئىدى (مەتتا 24:3). بەلكىم، شۇ شاگىرتلار يېرۇسالىم ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قاچان ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالىغاچ، شۇنداق سورىغان. ئەيسا جاۋاب بەرگەندە، يەھۇدىيلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ يوق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى ھەققىدە سۆز قىلغان. ئاخىرلىشىش ۋاقتى توغرىسىدا، ئەيسا مۇنداق دېگەن: «ئۇ كۈننى ۋە سائەتنى ھېچكىم، نە ئاسماندىكى پەرىشتىلەر، نە ئوغۇل بىلمەيدۇ، لېكىن، بۇنى پەقەت ئاتا بىلىدۇ». ئاندىن ئۇ بارلىق شاگىرتلىرىنى ئويغاق تۇرۇش ۋە ھوشيارلىقنى ساقلاش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.— ماركۇس 13:32–37.
2. بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ھوشيارلىقنى ساقلاش نېمە ئۈچۈن مۇھىم بولغان؟
2 بىرىنچى ئەسىردىكى يەھۇدىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ھوشيار تۇرغاندىلا قۇتقۇزۇلۇپ قالاتتى. ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە يەھۇدىيلار جەمىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «قارارگاھ قۇرۇپ، يېرۇسالىمنى قورشاۋغا ئالغان دۈشمەن قوشۇنلىرىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىڭلار». شۇ پەيتتە، ئۇلار ئەيسانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سېلىپ، تاغلارغا قېچىشى كېرەك ئىدى (لۇقا 21:20، 21). بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالغانلار رىملىقلار يېرۇسالىمنى ۋەيران قىلغاندا ئامان قالغان.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۈگۈنكى كۈندە، بىز بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش پەيتىدە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، بىزمۇ ھوشيارلىقىمىزنى ساقلاپ، سەگەك تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا نەزەر سالغاچ، ھوشيارلىقىمىزنى ساقلاش، ئۆزىمىزگە دىققەت قىلىش ۋە قالغان ۋاقىتنى ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا نەزەر سالغاچ، ھوشيارلىقنى ساقلاڭ
4. نېمە ئۈچۈن ھازىر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىش-ۋەقەلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە قىزىقىشىمىز كېرەك؟
4 ھازىر دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىش-ۋەقەلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە قىزىقىمىز. چۈنكى، بۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى سەۋەبلىرى بار. مەسىلەن، ئەيسا مەسىھ بىزگە شەيتاننىڭ بۇ دۇنياسىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدىغان ئىش-ۋەقەلەرنىڭ ئېنىق بىر تىزىملىكىنى ئېيتىپ بەرگەن (مەتتا 24:3–14). ئېتىقادىمىزنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن ئەلچى پېترۇس بىزنى بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان (2-پېتر. 1:19–21). مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىتابى، «بۇ خۇدا يېقىندا چوقۇم يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنى ئۆز قۇللىرىغا ئاشكارىلاش مەقسىتىدە ئەيسا مەسىھكە بەرگەن ۋەھىيدۇر. مەسىھ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، سىمۋوللۇق ئالامەتلەر ئارقىلىق بۇ ۋەھىينى قۇلى يۇھانناغا بىلدۈردى»،— دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان (ۋەھىي. 1:1). شۇڭا، بىز ھازىر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىمىز. بەلكىم، بىز بۇ ئىش-ۋەقەلەر ھەققىدە بىر-بىرىمىز بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا ئامراق.
5. نېمە قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك ۋە چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (رەسىملەرگە قاراڭ)
5 مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەر ھەققىدە پاراڭلاشقاندا، ئۆز پەرەزلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز جامائەتتە ئىناق-ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشنى خالىمايمىز. مەسىلەن، قانداق قىلىپ دۇنيادىكى رەھبەرلەرنىڭ مەلۇم زىددىيەت توقۇنۇشىنى ھەل قىلىپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىدىغانلىقى توغرىسىدا قىلغان پاراڭلارنى ئاڭلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلارنىڭ شۇنداق بايانلىرىنى 1-سالونىكالىقلار 5:3-ئايەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ دەپ پەرەز قىلىشنىڭ ئورنىغا، تەشكىلاتىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى نەشىر قىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانساق، جامائەتنىڭ ئوخشاش ئوي-پىكىردە ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا ياردەم قىلىمىز.—1-كورىنت. 1:10؛ 4:6
6. 2-پېترۇس 3:11–13-ئايەتلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
6 2-پېترۇس 3:11–13-نى ئوقۇڭ. ئەلچى پېترۇس مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ بىزنى يەھۋانىڭ كۈنىنىڭ ھازىر بولۇشىنى ئەستىن چىقارماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئارماگېدون ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت-سائىتىنى ئېنىقلاشقا قىزىقمايمىز، بەلكى مۇقەددەس يۈرۈش-تۇرۇشىمىز بىلەن خۇداغا ساداقەتمەن خىزمەت قىلىشنى خالايمىز (مەتتا 24:36؛ لۇقا 12:40). باشقىچە ئېيتقاندا، ھەققانىي يۈرۈش-تۇرۇشىمىزنى ساقلاپ، يەھۋانىڭ خىزمىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىمىز. دىققىتىمىزنى شۇنىڭغا قاراتساق، چوقۇم ئۆزىمىزگە دىققەتلىك بولۇشىمىز كېرەك.
نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك؟
7. ئۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇۋاتقانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟ (لۇقا 21:34)
7 ئەيسا شاگىرتلىرىغا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. لۇقا 21:34-ئايەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرىدە، بۇ مۇھىم ئوي-پىكىر ئېنىق كۆرسىتىلگەن (ئوقۇڭ). ئەيسانىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىپ باقايلى: «ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار». ئۆزىگە ئاگاھ بولىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق خەۋپ-خەتەرگە ھوشىيار تۇرىدۇ ۋە ئۇلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە ساقلايدۇ.—پەند. نە 22:3؛ يەھۇدا 20، 21.
8. ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق نەسىھەت بەرگەن؟
8 ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۆزىگە ئاگاھ بولۇش ھەققىدە نەسىھەت بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ ئەفەستىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق دېگەن: «ئەقىلسىز كىشىلەردەك ئەمەس، ئەقىللىق ئىنسانلاردەك يۈرگەن يوللىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار» (ئەفەس. 5:15، 16). خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ھەردائىم خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا مۇقەددەس كىتاب بىزگە مۇنداق نەسىھەت بېرىدۇ: «يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭلار». مۇشۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالساق، ھەرقانداق خەۋپ-خەتەرگە قارشى تۇرالايمىز.—ئەفەس. 5:17.
9. يەھۋانىڭ بىزگە نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟
9 مۇقەددەس كىتاب بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر بىر خەۋپ-خەتەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. بىز دائىم ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىش ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئىرادىسى نېمە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشىمىز ياكى ھېس قىلىشىمىز كېرەك. بىز دائىم خۇدانىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق توغرا تاللاش قىلالايمىز. يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى قانچە چوڭقۇر چۈشەنسەك، مەسىھنىڭ ئوي-پىكىرىنى يېتىلدۈرسەك، «ئەقىللىق ئىنسانلاردەك»، ھەتتا بىز ئۈچۈن ئېنىق قائىدە-تۈزۈملەر ياكى كۆرسەتمىلەر بېرىلمىگەن ئەھۋالدىمۇ، شۇنداق قىلالايمىز (1-كورىنت. 2:14–16). بەزى خەۋپ-خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ئاسان، يەنە بەزىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
10. بىز ساقلىنىشقا تېگىشلىك قانداق بەزى خەتەرلەر بار؟
10 بىز چوقۇم ساقلىنىشقا تېگىشلىك بەزى خەتەرلەر بار. ئۇلار باشقىلارغا كۆز-قاش ئوينىتىش، ھاراقكەشلىك، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش، كۆڭۈلگە ئازار بېرىدىغان يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلىش، شۇنداقلا زوراۋانلىققا ئۈندەيدىغان ئويۇن-تاماشا، شەھۋانىي مەزمۇندىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (زەبۇر 101:3). دۈشمىنىمىز ئىبلىس شەيتان يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن توختىماي پۇرسەتلەرنى ئىزدەپ يۈرىدۇ (1-پېتر. 5:8). ئەگەر بىز ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرمىسەك، شەيتان ئوي-پىكىرىمىزگە ۋە قەلبىمىزگە ھەسەتخورلۇق، يالغانچىلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت ئۇرۇقىنى تېرىيالايدۇ (گالاتىيا. 5:19–21). دەسلەپتە بۇ خاھىشلار ئانچە كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، بىز دەرھال ئۇنى يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىساق، ئۇلار داۋاملىق ئۆسۈپ زەھەرلىك ئوت-چۆپكە ئايلىنىدۇ ۋە بىزگە ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرىدۇ.—ياقۇپ 1:14، 15.
11. قانداق يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
11 يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەردىن بىرى — يامانلار بىلەن ئالاقىدە بولۇش. مۇنداق بىر ۋەزىيەتنى ئويلاپ كۆرەيلى. بۇ دۇنيادىكى بىر كىشىگە ۋەز قىلماقچى بولدىڭىز دەيلى. ئىش ئورنىڭىزدا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىسىز. شۇڭا، خىزمەتدىشىڭىزغا كۆيۈنۈپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىسىز. ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماق يەيسىز. كېيىنرەك، دائىم شۇنداق قىلىسىز. بەزىدە ئاراڭلاردىكى پاراڭلارغا ئەخلاقسىز گەپ-سۆزلەر ئارىلىشىدۇ. دەسلەپتە، بەلكىم بۇنى ئانچە ياقتۇرمايسىز، بىراق كېيىنرەك شۇنداق ئەخلاقسىز تېمىلاردا سۆز قىلىشقا كۆنۈپ قالىسىز. ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى تارتمايسىز. شۇنىڭ بىلەن، بىر كۈنى خىزمەتدىشىڭىز ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە تەكلىپىنى قوبۇل قىلىسىز. ئاخىرىدا، سىز ئاشۇ خىزمەتدىشىڭىزدەك ئويلاشقا باشلايسىز. ئەمدى دەل ئۇنىڭدەك ھەرىكەت قىلىشنى باشلاشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بىز ھەممە ئادەمگە كۆيۈنىمىز ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز. بىراق، چوقۇم شۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەككى، بىز بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزگەن كىشىلەر بىزگە كۈچلۈك تەسىر قىلالايدۇ (1-كورىنت. 15:33). ئەگەر ئەيسانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆزىمىزگە دىققەت قىلساق، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىمايدىغان كىشىلەر بىلەن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئۆزىمىزنى ساقلايمىز (2-كورىنت. 6:15). بىز خەۋپ-خەتەرنى كۆرىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچىمىز.
ۋاقتىڭىزدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىڭ
12. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ساقلاۋاتقاندا، نېمىلەرنى قىلغان؟
12 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرى بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ساقلاپ تۇرغىنىدا، بىكار تۇرماي ئالدىراش ئۆتۈشىنى خالىغان ئىدى. شۇڭا، ئەيسا ئۇلارغا مۇھىم خىزمەتنى تاپشۇرغان. ئۇ ئۇلارغا، «يېرۇسالىم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىلىرىغىچە» خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشنى بۇيرىغان (ئەلچى. 1:6–8). ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە شۇنچە كۆپ خىزمەت تاپشۇرۇلغان. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئارقىلىق ۋاقتىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىشقا تىرىشقان.
13. نېمە ئۈچۈن ۋاقتىمىزدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك؟ (كولوسىلىقلار 4:5)
13 كولوسىلىقلار 4:5-نى ئوقۇڭ. ئۆزىمىزگە دىققەت قىلىشىمىز ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى قانداق ئىشلىتىشىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز «كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرگە» دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن (ۋەز 9:11). بەلكىم، تۇيۇقسىز نەپىسىمىز توختاپ قالىدۇ.
14، 15. قانداق قىلىپ ۋاقتىمىزدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز؟ (ئىبرانىيلار 6:11، 12) (رەسىمگە قاراڭ)
14 بىز يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ۋاقتىمىزدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز (يۇھاننا 14:21). بىز «مەھكەم ۋە تەۋرەنمەي تۇرۇڭلار، ھەردائىم رەبنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇڭلار» دېگەن بۇيرۇققا بويسۇنۇشىمىز كېرەك (1-كورىنت. 15:58). مەيلى ھاياتىمىز ئاخىرلاشسۇن ياكى بۇ رەزىل دۇنيا ئاخىرلاشسۇن، ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايمىز.—مەتتا 24:13؛ رىملىقلار 14:8.
15 بۈگۈنكى كۈندە ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ۋەز قىلىشقا يېتەكلەۋاتىدۇ. ئۇ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئارقىلىق ئەيسا بىزگە قانداق ۋەز ئېيتىشنى ئۆگىتىدۇ ۋە بىزگە خۇش خەۋەر ئېيتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ۋەز ئېيتىش قوراللىرىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ (مەتتا 28:18–20). يەھۋانىڭ بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى ساقلاۋاتقىنىمىزدا، ھوشيارلىقنى ساقلاپ ۋەز ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش خىزمىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆز ۋەدىمىزنى ئورۇندىيالايمىز. ئىبرانىيلار 6:11، 12-ئايەتلەردىكى نەسىھەتكە قۇلاق سېلىش ئارقىلىق «ئاخىرغىچە» ئۈمىدىمىزگە مەھكەم باغلىنىپ، چىڭ تۇرالايمىز.—ئوقۇڭ.
16. بىز نېمە قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدۇق؟
16 شەيتاننىڭ بۇ رەزىل دۇنياسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كۈننى ۋە سائەتنى ياراتقۇچى يەھۋا ئاللىقاچان ئېنىق بەلگۈلەپ قويغان. ئۇ كۈن كەلگەندە، يەھۋا ئۆز سۆزىدە خاتىرىلەنگەن بېشارەتلەرنى چوقۇم ئورۇنلايدۇ. قارماققا، بەزىدە بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەندەك بىلىنىدۇ. بىراق، يەھۋانىڭ كۈنى ھەرگىزمۇ «كېچىكمەيدۇ!» (ھاباق. 2:3) شۇڭا، ‹يەھۋاغا كۆزىمىزنى تىكىپ، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە› قەتئىي بەل باغلايلى.—مىكاھ 7:7.
55-ناخشا سادىقلار كۆرەر مەڭگۈلۈك ھاياتنى
a بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا نەزەر سالغاچ، ھوشيارلىقىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىمىزگە قانداق ئاگاھ بولالايمىز ۋە ۋاقتىمىزنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئىشلىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.
b سۈرەتتە: (ئۈستىدىكى رەسىم) بىر جۈپ تېلېۋىزوردىن خەۋەرنى كۆرىدۇ. جامائەت يىغىلىشىدىن كېيىن ئۇلار خەۋەردە كۆرگەن ۋەقەلەرنىڭ مەنىسى توغرىسىدا باشقىلارغا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەيدۇ. (ئاستىدىكى رەسىم) بىر جۈپ ئەر-ئايال مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭى چۈشەندۈرۈشىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىنى كۆرىدۇ. ئۇلار باشقىلارغا سادىق قۇل تەمىنلىگەن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى سۇنۇۋاتىدۇ.