9-تەتقىق ماقالىسى
خۇدا بەرگەن ھاياتلىق سوۋغىسىنى قەدىرلەڭ
«بىز ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە مەۋجۇتمىز».—ئەلچى. 17:28.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
بۇ ماقالىدە a
1. ھاياتىمىز يەھۋا ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك؟
بىر دوستىڭىز سىزگە ناھايىتى كونا، ئەمما بىباھا ماي بۇياق رەسىمنى سوۋغات قىلدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇنىڭ بەزى رەڭلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن، داغلار ۋە سىزىقلار بار. گەرچە بۇ ئەسەر مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىممىتى نەچچە مىليون دوللار. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ سەنئەت ئەسىرىنى قەدىرلەيسىز ۋە ئاسراپ قوغدايسىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا بىزگە قىممەتلىك سوۋغات، يەنى ھاياتلىق سوۋغىتىنى بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، يەھۋا ئۆز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلەم سۈپىتىدە بېرىش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.—يۇھاننا 3:16.
2. 2-كورىنتلىقلار 7:1-ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، يەھۋا نېمە قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
2 يەھۋا — ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى (زەبۇر 36:9). ئەلچى پاۋلۇس بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە مەۋجۇتمىز» (ئەلچى. 17:25، 28). شۇڭا، ھاياتىمىزنى خۇدادىن كەلگەن سوۋغات دەپ ئېيتالايمىز. ئۇ بىزگە مېھرىبانلىق بىلەن، ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بېرىدۇ (ئەلچى. 14:15–17). يەھۋا بۈگۈنكى كۈندە مۆجىزە كۆرسىتىپ ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالمايدۇ. ئەمما، ئۇ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىمىزغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ (2-كورىنتلىقلار 7:1-نى ئوقۇڭ). ساغلاملىقىمىز ۋە ھاياتىمىزنى نېمىشقا قوغدىشىمىز كېرەك ۋە ئۇنى قانداق قىلالايمىز؟
ھاياتلىق سوۋغىتىنىڭ قەدىر-قىممىتى
3. تەن سالامەتلىكىمىزنى ئاسراش ئۈچۈن تىرىشىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى نېمە؟
3 تەن ساغلاملىقىمىزنى ئاسراشقا تىرىشىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى — تېنىمىز ساغلام بولسا، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلالايمىز (ماركۇس 12:30). بىز تېنىمىزنى «خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان تىرىك، مۇقەددەس قۇربانلىق سۈپىتىدە»، ئۇنىڭغا بېغىشلاشنى بەكمۇ خالايمىز. شۇڭا، تەن سالامەتلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىمىز (رىملىقلار 12:1). ئەلۋەتتە، مەيلى نېمە قىلمايلى، كېسەل بولۇشتىن پۈتۈنلەي ساقلىنالمايمىز. ئەمما، قولىمىزدىن كەلگىنىچە قىلىمىز، چۈنكى ئۇ بەرگەن ھاياتلىق سوۋغىتى ئۈچۈن ئەرشتىكى ئاتىمىزغا مىننەتدارمىز.
4. داۋۇت پادىشاھ نېمە قىلماقچى بولغان؟
4 داۋۇت پادىشاھ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق سوۋغىسىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق يازغان: «ئۆلۈپ كېتىپ، گۆرگە چۈشسەم، نېمە پايدىسى بار؟ تۇپراق ساڭا مەدھىيە ئېيتامدۇ؟ ساداقىتىڭنى بايان قىلالامدۇ؟» (زەبۇر 30:9). داۋۇت بەلكىم بۇ سۆزلەرنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يازغان. ئەمما، ئۇ يەھۋانى مەدھىيىلەش ئۈچۈن مۇمكىنقەدەر ئۇزۇنراق ياشاشقا بەل باغلىغان ئىدى. شەك-شۈبھىسىزكى، ھەممىمىزنىڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىرادىمىز بار.
5. مەيلى قانچە ياشتا ياكى قانچە ئېغىر كېسەل بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، نېمە قىلالايمىز؟
5 كېسەللىك ۋە قېرىلىق سەۋەبلىك، بىز ئىلگىرىكىدەك كۆپ ئىشلارنى قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. نەتىجىدە، ئۈمىدسىزلىنىپ قايغۇرۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما، ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكىمىز ۋە تەن سالامەتلىكىمىزگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، قانچە ياش ياكى قانچە ئېغىر كېسەل بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش يەھۋانى مەدھىيىلىيەلەيمىز. مۇكەممەل بولالمىساقمۇ، ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىش، بىزنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ (مەتتا 10:29–31). ئۆلۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، ئۇ بىزنى تىرىلدۈرۈشكە تەقەززا بولۇپ تۇرىدۇ (ئايۇپ 14:14، 15). بىز ھايات ۋاقتىمىزدا سالامەتلىكىمىز ۋە ھاياتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىشنى خالايمىز.
زىيانلىق ئادەتلەردىن نېرى تۇرۇڭ
6. يەھۋا يەپ-ئىچىش ئادىتىمىز توغرىسىدا نېمە قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
6 گەرچە مۇقەددەس كىتاب تەن ساغلاملىقنى ئاسراش ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىدىغان كىتاب ياكى يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى بولمىسىمۇ، يەھۋانىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قارىشىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ بىزنى تېنىمىزگە زىيانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ (ۋەز 11:10). مۇقەددەس كىتابتا ئاچكۆزلۈك ۋە ھاراقكەشلىكنىڭ ھاياتقا خەۋپ-خەتەر يەتكۈزىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (پەند. نە 23:20). نېمىنى يېيىش ۋە ئىچىش، شۇنىڭدەك قانچىلىك يېيىش ۋە ئىچىشنى قارار قىلغىنىمىزدا، يەھۋا بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.—1-كورىنت. 6:12؛ 9:25.
7. پەندى-نەسىھەت 2:11-ئايەتتىكى نەسىھەت ساغلاملىقىمىز ھەققىدە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 بىز تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياراتقۇچىمىزنىڭ ھاياتلىق سوۋغىسىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان قارارلارنى چىقىرالايمىز (زەبۇر 119:99، 100؛ پەندى-نەسىھەت 2:11-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، نېمە يېيىشنى تاللاشتا دانا قارار چىقىرالايمىز. مەلۇم بىر نەرسىنى يېيىشنى ياقتۇرساق، ئەمما ئۇنىڭ بىزنى كېسەل قىلىدىغانلىقىنى بىلسەك، چوقۇم ئۇنى يېيىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. بىز يېتەرلىك ئۇخلاپ، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاپ، ئۆيۈمىزنى پاكىز تۇتقاندا، ئوي-پىكىرىمىزنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمىز.
بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ
8. مۇقەددەس كىتاب يەھۋا ئۈچۈن بىخەتەرلىكىمىزنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە نېمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
8 يەھۋانىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن قانۇنى ئۆيدە ۋە ئىش ئورنىدا ئېغىر ھادىسىلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۆرسەتمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (چىق. 21:28، 29؛ تەكرار. قا 22:8). ئەگەر بىر كىشى تاسادىپىي باشقا بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر ئىدى (تەكرار. قا 19:4، 5). قانۇندا ھەتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇغۇلمىغان بالىغا زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ جازالىنىشى تەلەپ قىلىنغان (چىق. 21:22، 23). مۇقەددەس يازمىلار شۇنى ئېنىق كۆرسەتكەنكى، يەھۋا بىزنىڭ تۈرلۈك ھادىسىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىشىمىزنى خالايدۇ.
بۇ ۋەزىيەتلەردە ھاياتلىقنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (9-ئابزاسقا قاراڭ)
9. تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (رەسىملەرگىمۇ قاراڭ)
9 ئۆيدە ۋە ئىش ئورنىمىزدا، بىخەتەرلىك چارە-تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ياراتقۇچىمىز ھەدىيە قىلغان ھاياتلىق سوۋغىسىغا مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. مەسىلەن، ئۆتكۈر زەھەرلىك نەرسىلەرنى ياكى دورىلارنى بىخەتەر ئۇسۇلدا ئىشلىتىمىز. بۇنداق نەرسىلەرنى بالىلارنىڭ قولى يېتىدىغان جايلاردىن يىراق تۇتىمىز. ئوت ياققاندا، سۇ قايناتقاندا ۋە باشقا سايمانلارنى ئىشلەتكەندە ئېھتىياتچان بولىمىز. تىببىي دورا، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچكەندە ياكى ئۇيقىسىز ھالەتتە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز ناچارلىشىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە ماشىنا ھەيدەش ئۈچۈن رولغا ئولتۇرمايمىز ياكى يەنە ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا تېلېفونغا ئوخشاش ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىلىرىنى قولىمىزغا ئېلىپ، دىققىتىمىزنىڭ چېچىلىپ كېتىشىگە يول قويمايمىز.
بالايىئاپەتكە يولۇققاندا
10. ھاياتقا خەۋپ-خەتەر تۇغدۇرىدىغان بالايىئاپەت ۋاقتىدا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نېمە قىلالايمىز؟
10 بەزى ۋاقىتلاردا ھاياتىمىزغا خەۋپ-خەتەر تۇغدۇرىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايمىز. بولۇپمۇ تەبىئىي ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە زوراۋانلىققا تولغان توقۇنۇشلار يۈز بەرگەندە تېخىمۇ شۇنداق. بىراق، شۇنداق بالايىئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، يول يۈرۈش چەكلىمىسى، تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقى ۋە جىددىي مەنئىي قىلىشلارغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۇچرايدىغان خەۋپ-خەتەرنى ئازايتىپ، ھايات قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيمىز (رىملىقلار 13:1، 5–7). بەزى جىددىي ۋەزىيەتلەرگە ئالدىن تەييارلىق قىلىشقا بولىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قۇلاق سالساق، ئۇلار بالايىئاپەتلەرگە تەييار بولۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، جىددىي پەيتلەردە قوللىنىش ئۈچۈن سۇ ۋە يېمەكلىكلەرنى ساقلاپ قويۇش پايدىلىق، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېرەكلىك زۆرۈر نەرسىلەرنى ھەم ئالدىن تەييارلاپ قويۇڭ.
11. بىز ياشاۋاتقان جايدا يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالسا، چوقۇم نېمە قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟
11 ئەگەر بىز ياشاۋاتقان جايدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالسا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ قول يۇيۇش، باشقىلار بىلەن مەلۇم ئارىلىقنى ساقلاش، ماسكا تاقاش ۋە كارانتىن قىلىشتەك، بەزى جىددىي چارە-تەدبىرلەرگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك. بۇنداق ۋەزىيەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز ياراتقۇچىمىزنىڭ بەرگەن ھايات سوۋغىسىنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
12. پەندى-نەسىھەت 14:15-ئايەت قايسى خەۋەرلەرگە قۇلاق سېلىش ھەققىدە قارار چىقىرىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 جىددىي ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، دوستلار، خولۇم-قوشنىلارنىڭ ئارىسىدا ۋە تاراتقۇلاردا توغرا بولمىغان ئۇچۇرلار تارقىلىشى مۇمكىن. بىز ئاڭلىغان «ھەممىلا سۆزگە» ئىشىنىپ كەتمەي، چوقۇم ھۆكۈمەت ياكى دوختۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىك خەۋەرلىرىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (پەندى-نەسىھەت 14:15-نى ئوقۇڭ). يېتەكچى كېڭەش ۋە بەيتەللەر جامائەت يىغىلىشلىرى بىلەن ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىلگىرى توغرا، ئىشەنچىلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ (ئىبرانىي. 13:17). ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى زىيان-زەخمەتتىن قوغدايمىز. بىز يەنە باشقىلارنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە ياخشى كۆز قاراشتا بولۇشىغا ياردەم بېرىمىز.—1-پېتر. 2:12.
قاندىن ساقلىنىشقا تەييارلىق قىلىڭ
13. قان مەسىلىسىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ ھەدىيە قىلغان ھاياتلىق سوۋغىسىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
13 يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ قاننى مۇقەددەس دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلىدۇ. جىددىي داۋالاشقا مۇھتاج بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، بىز قان سېلىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ قان توغرىسىدىكى قانۇنىغا بويسۇنىمىز (ئەلچى. 15:28، 29). بىراق، بۇ بىزنىڭ ئۆلۈشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىنچە، بىز خۇدانىڭ ھاياتلىق سوۋغىسىنى قەدىرلەيمىز. قان سېلىش بىلەن باغلىنىشى بولمىغان ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇللىرى توغرۇلۇق مۇتەخەسسىسلەردىن ياردەم سورايمىز.
14. قانداق قىلىش ئارقىلىق جىددىي داۋالاش ئۇسۇلىغا مۇھتاج بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتىشقا بولىدۇ؟
14 بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ساغلاملىق توغرىسىدىكى مەسلىھەتلەرگە قۇلاق سالساق، جىددىي داۋالاش ئۇسۇلىغا مۇھتاج بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتالايمىز. تەن ساغلاملىقىمىز ياخشى بولسا، چوقۇم زۆرۈر بولغان ئوپراتسىيىگە كىرگەندە ۋە چىققاندىن كېيىن تېزراق ئەسلىمىزگە كېلەلەيمىز. ئۆيۈمىز ياكى خىزمەت ئورنىمىزنى بىخەتەر تۇتۇش ۋە قاتناش قائىدىلىرىگە قەتئىي رىئايە قىلىش ئارقىلىق جىددىي ئوپراتسىيىگە چۈشۈپ قېلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتالايمىز.
بىز ھاياتلىقنى قەدىرلەيمىز، شۇڭا چىداملىق قەغەزگە ۋاكالەتنامىمىزنى يېزىپ ئۆزىمىز بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىمىز (15-ئابزاسقا قاراڭ) d
15. (1)نېمە ئۈچۈن چىداملىق قەغەزگە تولدۇرۇلغان ۋاكالەتنامىنى دائىم ئۆزىمىز بىلەن ئېلىپ يۈرۈش بەك مۇھىم؟ (رەسىمگە قاراڭ) (2) فىلىمدا كۆرسىتىلگەندەك، قان ئىشلىتىپ داۋالاش ھەققىدە قانداق توغرا قارار چىقىرىشقا بولىدۇ؟
15 بىز ھاياتلىق سوۋغىسىنى قەدىرلەيمىز، شۇڭا چىداملىق قەغەزگە ۋاكالەتنامىمىزنى تولدۇرۇپ، ھەردائىم ئۆزىمىز بىلەن ئېلىپ يۈرىمىز b. بۇ ھۆججەت ئارقىلىق قان سېلىش ۋە بەزى داۋالاش ئۇسۇللىرىغا بولغان كۆز قارىشىمىزنى بىلدۈرىمىز. سىزنىڭ چىداملىق قەغەزگە تولدۇرغان ۋاكالەتنامىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر بىرىنى تولدۇرماقچى ياكى يېڭىلاپ تولدۇرماقچى بولسىڭىز، كېچىكتۈرمەي دەرھال تولدۇرۇۋېلىڭ. ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى ئوچۇق ئاشكارە ئىپادىلەش، داۋالاش ئىشلىرىڭىزنىڭ بېھۇدە كېچىكىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز يەنە تىببىي خادىملارنىڭ بىزگە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىمىز c.
16. ۋاكالەتنامىنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلمىسەك، نېمە قىلالايمىز؟
16 مەيلى قانچە ياشتا بولايلى ياكى تەن سالامەتلىكىمىز قانچىلىك ياخشى بولسۇن، ھېچكىم ھادىسىلەرگە ئۇچراشتىن ياكى كېسەل بولۇشتىن پۈتۈنلەي ساقلىنىيالمايدۇ (ۋەز 9:11). شۇڭلاشقا، ۋاكالەتنامىنى تولدۇرۇپ، ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرۈش ئاقىلانە ئىش قىلغانلىق بولىدۇ. ئەگەر بۇ ھۆججەتنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلمىسىڭىز، جامائىتىڭىزدىكى ئاقساقاللاردىن ياردەم سوراڭ. ئۇلار ھۆججەتنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلىۋېلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەمما، ئۇلار داۋالاش قارارىنى سىز ئۈچۈن چىقىرىپ بەرمەيدۇ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتى (گالاتىيا. 6:4، 5). بىراق، ئۇلار سىزنىڭ نېمىنى تاللىشىڭىزنى چۈشىنىشىڭىزگە ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ-ئىستىكىنى يازما شەكىلدە ئىپادىلىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
غەرەز ئۇقىدىغان بولۇش
17. ساغلاملىق مەسىلىسىدە غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
17 تەن سالامەتلىك ۋە داۋالىنىشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تاللاشلارغا دۇچ كەلگەندە، مۇقەددەس كىتاب بويىچە تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىمىزغا ئاساسەن قارار چىقىرىمىز (ئەلچى. 24:16؛ 1-تىموت. 3:9). بىز قارار چىقارغاندا ۋە باشقىلار بىلەن مۇنازىرە قىلغاندا، فىلىپىلىكلەر 4:5-ئايەتتىكى پرىنسىپنى ئەمەلىي قوللىنىمىز: «غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىڭلار ھەممە ئادەملەرگە ئايان بولسۇن». غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولساق، جىسمانىي ساغلاملىقىمىزغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلمەيمىز. شۇنداقلا، باشقىلارنى ئۆز كۆز قارىشىمىزنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىمايمىز. گەرچە چىقارغان قارارلىرى بىزنىڭكىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيىمىز ۋە ھۆرمەتلەيمىز.—رىملىقلار 14:10–12.
18. ھاياتلىق سوۋغىسىغا مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
18 ھاياتىمىزنى قوغداش ۋە ياراتقۇچىمىزغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىش ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان يەھۋاغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز (ۋەھىي. 4:11). ھازىر يەنە چوقۇم كېسەللىكلەر ۋە بالايىئاپەتلەرگە دۇچ كېلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىراق، ياراتقۇچىمىز ئەسلى بىز ئۈچۈن بۇنى ئىرادە قىلمىغان. ئۇ پات-ئارىدا بىزگە ئازاب-ئوقۇبەتسىز، ئۆلۈمسىز مەڭگۈ ھاياتلىقنى ئاتا قىلىدۇ (ۋەھىي. 21:4). ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھايات بولۇش ۋە ئاسماندىكى رەھىم-شەپقەتلىك ئاتىمىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىش بىز ئۈچۈن نەقەدەر خۇشاللىنارلىق ئىش-ھە!
55-ناخشا سادىقلار كۆرەر مەڭگۈلۈك ھاياتنى
a بۇ ماقالە خۇدا بەرگەن ھاياتلىققا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. بالايىئاپەتلەر يۈز بەرگەندە، سالامەتلىكىمىز ۋە ھاياتىمىزنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز. بىز يەنە جىددىي تىببىي داۋالاشقا مۇھتاج بولىدىغان ۋەزىيەت ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
b بۇ «قان سېلىشنى رەت قىلىش» ھەققىدىكى ئۆز ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان ھۆججەت.
c jw.org تور بېكىتىدىن «قان باغلىنىشلىق داۋالاش مەسىلىسىدە توغرا قارارلارنى چىقىرىش» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
d سۈرەتتە: بىر ياش بۇرادەر چىداملىق قەغەزگە ۋاكالەتنامىنى تولدۇرۇپ، ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرۈشكە ھەرىكەت قىلدى.