مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تور بېكە‌تنى ئىشلىتىش ئۇ‌سۇ‌للىرى—‏فېۋرال 2023

تور بېكە‌تنى ئىشلىتىش ئۇ‌سۇ‌للىرى—‏فېۋرال 2023

باش بە‌تتە چىققان ماقالىنى كېيىن قانداق تاپالايمىز؟‏

كۆپ قېرىنداشلار jw.org تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدىكى ماقالىلە‌رنى ۋە‌ز خىزمىتىدە ئىشلىتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۇ‌لانمىسىنى باشقىلارغا ئە‌ۋە‌تىش ئاسان ۋە بۇ ماقالىلە‌ردە ھازىر دۇ‌نيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋە‌قە‌لە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالدىن بېشارە‌ت قىلىنغانلىقى چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ.‏ بىر قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە،‏ باش بە‌تتە چىقىدىغان ماقالىلە‌ردە «ھازىر دە‌ل ۋە‌ز خىزمە‌تتە كېرە‌ك تېمىلار ھە‌ققىدە يېزىلغان».‏

بىراق،‏ بۇ ماقالىلە‌ر دائىم يېڭىلىنىپ تۇ‌رىدۇ،‏ بۇ‌رۇ‌ن چىققانلىرىنى نە‌دىن تاپالايمىز؟‏

  • jw.org تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە ئە‌ڭ يۇ‌قىرىدىكى سۈرە‌تنىڭ ئاستىدىكى «كۆپرە‌ك» دېگە‌ن يە‌رگە بېسىڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ «باش بە‌تتە چىققان ئاخىرقى ماقالىلە‌ر» دېگە‌ن ماقالىلە‌ر تىزىملىكى چىقىدۇ.‏

  • jw.org تور بېكىتىدە «كۇ‌تۇ‌پخانا»،‏ كېيىن «بىر قاتار ماقالىلە‌ر» ۋە ئاخىرىدا «باشقا ماۋزۇ‌لار» دېگە‌ن سە‌ھىپىنى تاللاڭ.‏ بۇ يە‌ردە تور بېكىتىمىزنىڭ باش بېتىدە چىققان نۇ‌رغۇ‌ن ماقالىلە‌ر بار.‏ شۇ‌نداقلا بۇ ماقالىلە‌رنى «‏®JW Library» پروگراممىسىدىمۇ تاپالايسىز.‏