12-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ ياراتقانلىرىغا قاراپ ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيالايمىز
«دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس پەزىلەتلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك كۈچ-قۇدرىتى ۋە ئىلاھلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ».—رىملىقلار 1:20.
15-ناخشا مەۋجۇداتلار نامايان قىلار يەھۋانىڭ شان-شەرىپىنى
بۇ ماقالىدە a
1. قايسى ئۇسۇلدا ئايۇپ يەھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇغان؟
ئايۇپ پەيغەمبەر ئۆمرىدە باشقىلار بىلەن نۇرغۇن سۆھبەتلەردە بولغان. بىراق، ئۇنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئالاھىدە مۇھىم بولغان. يەھۋا ئايۇپقا ئۆزىنىڭ ياراتقان ئاجايىپ مەۋجۇداتلىرىغا نەزەر سېلىشنى ئېيتقان. بۇ ئايۇپنىڭ ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە غەمخورلۇق قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، خۇدا ئايۇپقا ئۆزىنىڭ ھايۋاناتلارنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق ئايۇپقا ھەم غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (ئايۇپ 38:39–41؛ 39:1، 5، 13–16). ئايۇپ يارىتىلغان نەرسىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆز خۇداسىنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن.
2. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئەسەرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
2 بىزمۇ يەھۋا خۇدانىڭ ياراتمىلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇ ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئەمما، ئۇنداق قىلىش بىز ئۈچۈن ھەمىشە ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر شەھەردە ياشىساق، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يەھۋانىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىمىز ئاز بولۇشى مۇمكىن. تەبىئەتكە يېقىن ياشىساقمۇ، بەلكىم يەھۋا ياراتقان نەرسىلەرنى كۈزىتىشكە ۋاقتىمىز ناھايىتى ئازدەك ھېس قىلىمىز. ئۇنداقتا، ھازىر بىراز ۋاقىت چىقىرىپ، نېمە ئۈچۈن مەۋجۇداتلارنى كۈزىتىشكە ۋاقىت چىقىرىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. بىز يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ يارىتىلغان نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ، قانداق تەلىم بەرگەنلىكى ۋە تەبىئەتكە نەزەر سېلىپ، تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
نېمە ئۈچۈن مەۋجۇداتلارنى دىققەت بىلەن كۈزىتىشىمىز كېرەك؟
يەھۋا ئادەم-ئاتىنىڭ مەۋجۇداتلاردىن ھۇزۇر ئېلىشىنى ۋە ھايۋاناتلارغا ئىسىم قويۇشىنى خالىغان ئىدى (3-ئابزاسقا قاراڭ)
3. يەھۋا ئادەم-ئاتىنىڭ ياراتمىلاردىن ھۇزۇرلىنىشىنى خالىغانلىقى نېمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
3 يەھۋا تۇنجى ئىنساننىڭ يارىتىلغان مەۋجۇداتلاردىن ھۇزۇر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. خۇدا ئادەم-ئاتىنى ياراتقاندا، ئۇنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە جەننەتنى پەرۋىش قىلىپ، ئۇنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى تاپشۇرغان (يارىت. 2:8، 9، 15). ئۇرۇقلارنىڭ بىخلىنىپ، گۈللەرنىڭ چېچەك ئاچقىنىنى كۆرگەندە، ئادەم قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئېرەم باغچىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئادەم-ئاتا ئۈچۈن نەقەدەر چوڭ ئىمتىياز-ھە! يەھۋا خۇدا ئادەم-ئاتىغا ھەرتۈرلۈك ھايۋاناتلارغا ئىسىم قويۇشنى بۇيرىغان (يارىت. 2:19، 20). يەھۋا ئۆزى ھەر بىر نەرسىگە ئىسىم قويالايتتى، لېكىن، ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئادەم ئاتىغا تاپشۇرغان. شەك-شۈبھىسىزكى، ئادەم-ئاتا ھايۋاناتلارنى نېمە دەپ ئاتاشنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئەستايىدىل كۈزەتكەن. ئادەم-ئاتا چوقۇم بۇ ئىشىدىن ھۇزۇرلانغان. بۇ جەزمەن ئۇنىڭغا ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، سەنئەتخۇمارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى بەرگەن.
4. (1) مەۋجۇداتلارنى تەكشۈرۈشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى نېمە؟ (2) قايسى يارىتىلغان نەرسىنى ئالاھىدە قەدىرلەيسىز؟
4 ياراتمىلارنى ئەستايىدىل كۈزىتىپ تەكشۈرۈشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى، يەھۋا بىزنىڭ شۇنداق قىلىشىمىزنى خالايدۇ. ئۇ بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا كۆز تىڭىلار». ئۇ يەنە بىزدىن: «بۇلارنى كىم ياراتتى؟»،— دەپ سورايدۇ. جاۋابى ناھايىتى ئېنىق (يەشايا 40:26). يەھۋا پەقەت ئاسماننى ئەمەس، يەر يۈزى ۋە دېڭىزنى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار بىلەن تولدۇرغان. شۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ياراتقۇچى ھەققىدە ئۆگىنەلەيمىز (زەبۇر 104:24، 25). خۇدانىڭ بىزنى قانداق ياراتقانلىقى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ تەبىئىي گۈزەللىككە بولغان مىننەتدارلىق ھېس-تۇيغۇسىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن. ئۇ يەنە بىزگە كۆرۈش، ئاڭلاش، تېگىش، تەم تېتىش ۋە پۇراش قاتارلىق بەش سەزگۈمىز ئارقىلىق ھەرتۈرلۈك نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى بەرگەن.
5. رىملىقلار 1:20-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋانىڭ ياراتقانلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
5 مۇقەددەس كىتاب يارىتىلغان نەرسىلەرنى تەكشۈرۈشىمىزنىڭ يەنە مۇھىم بىر سەۋەبىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق ئۆگىنەلەيمىز (رىملىقلار 1:20-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، يەھۋا ياراتقان نەرسىلەرگە نەزەر سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ لايىھىلەنگەنلىكىنى كۆرۈڭ. ئۇلار خۇدانىڭ چەكسىز ئەقىل-پاراسەتكە تولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى ئويلاپ كۆرەيلى. ئۇ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن مۇھەببىتىنىڭ روشەن ئىسپاتى. بىز يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۇ ياراتقان نەرسىلەردىن كۆرۈپ يەتكىنىمىزدە، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيمىز ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ھەرىكەت قىلىمىز. ھازىر يەھۋانىڭ مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارغا مۇھىم نەرسىلەرنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
خۇدا مەۋجۇداتلاردىن بىزگە ئۆزى ھەققىدە ئۆگىتىدۇ
6. ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان پەسىل قۇشلىرى بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟
6 يەھۋا ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقىت-سائىتىنى بەلگۈلىگەن. ھەر يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدىن بەشىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئىسرائىللار شىمالغا ئۇچۇۋاتقان لەيلەك قۇشنى كۆرەتتى. خۇدا ئىسرائىللارغا ئاسماندىكى لەيلەك قۇشلىرىمۇ ئۆزىنىڭ پەسىللىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يەرەم. 8:7). يەھۋا ئۇلار ئۈچۈن بۇ ۋاقىت جەدۋىلىنى بەلگۈلىگىنىگە ئوخشاش، ئۆز ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىدىغان ۋاقىت-سائەتنىمۇ بەلگۈلىگەن. بۈگۈن باشقا يەرگە كۆچۈپ ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى كۆرگىنىمىزدە، يەھۋانىڭ بۇ رەزىل دۇنيانى بەلگۈلىگەن ۋاقىت-سائەتتە چوقۇم يوق قىلىدىغانلىقىنى ئەسلەيمىز.—ھاباق. 2:3.
7. قاناتلىرىنى يېيىپ ئۇچۇۋاتقان قۇشتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (يەشايا 40:31)
7 يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە كۈچ بېرىدۇ. يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۋا خەلقى ئۆزىنى ئاجىز ياكى ئۈمىدسىز ھېس قىلغاندا، ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈپ، بۈركۈتتەك ئۆز قانىتى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يەشايا 40:31-نى ئوقۇڭ). ئىسرائىللار بۈركۈتنىڭ ئىنتايىن ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ، ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگەن. يەھۋا ئاشۇ قۇشلارغا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگىنىگە ئوخشاش، ئۆز خەلقىنىمۇ كۈچلەندۈرەلەيدۇ. بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئەسكەرتىش! ئاسماندا قاناتلىرىنى كەڭ يېيىپ، ئېگىزگە ئۆرلەپ ئۇچۇۋاتقان قۇشنى كۆرگىنىڭىزدە، شۇنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ: يەھۋا سىزنىڭمۇ قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىڭىزغا كۈچ بېرەلەيدۇ!
8. ئايۇپ خۇدانىڭ ياراتمىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ نېمىلەرنى ئۆگەنگەن ۋە بىز نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
8 يەھۋا ئىشەنچ قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. يەھۋا ئايۇپنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن (ئايۇپ 32:2؛ 40:6–8). ئايۇپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خۇدا ئۆزى ياراتقان نۇرغۇن نەرسىلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۇلتۇزلار، بۇلۇتلار، چاقماقلار بار ئىدى. يەھۋا يەنە ياۋايى كالا ۋە ئاتلار قاتارلىق باشقا ھايۋانلار ھەققىدىمۇ سۆزلىگەن (ئايۇپ 38:32–35؛ 39:9، 19، 20). ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئاجايىپ كۈچ-قۇدرىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە چەكسىز ئەقىل-پاراسىتىنى ھەم ئىسپاتلاپ بەرگەن. بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىدە، ئايۇپ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، تېخىمۇ بەكرەك يەھۋاغا ئىشەنچ باغلىغان (ئايۇپ 42:1–6). خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ياراتمىلار توغرۇلۇق تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندە، يەھۋانىڭ بىزدىن نەقەدەر چەكسىز ئەقىللىق ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزگە ئالىمىز. ئۇ يەنە بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمىزنى يوق قىلالايدۇ ۋە پات-ئارىدا يوق قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەت ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئەيسا مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ، ئاتىسى ھەققىدە ئۆگەتكەن
9، 10. قۇياش ۋە يامغۇر يەھۋا ھەققىدە بىزگە نېمىلەرنى ئۆگىتىدۇ؟
9 ئەيسا مەسىھ تەبىئەت ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلگەن. ئۇ خۇددى ئۇستا ھۈنەرۋەندەك ئالەمنىڭ يارىتىلىش ئىشىدا ئاتىسى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن (پەند. نە 8:30). كېيىنرەك، ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز شاگىرتلىرىغا ئاتىسى ھەققىدە تەلىم بەرگەن. شۇلاردىن بىرقانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
10 يەھۋا ھەممىسىگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا تاغدىكى ۋەز-نەسىھىتىدە شاگىرتلىرىنىڭ دىققىتىنى نۇرغۇن كىشىلەر سەل قارايدىغان يارىتىلىشنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاراتقان. قۇياش نۇرى ۋە يامغۇر. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ھاياتنىڭ داۋام قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئۇ نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشىنى توسۇپ قالالايتتى. ئەكسىچە، ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن ھەممىسىگە قۇياش ۋە يامغۇرنى بەرگەن (مەتتا 5:43–45). ئەيسا بۇ مىسالنى ئىشلىتىپ، يەھۋانىڭ بىزدىن ھەممە كىشىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۆگەتكەن. بىز كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان كۈن پېتىش مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانساق ياكى كىشىگە ئارام-بەخش ھېس قىلدۇرىدىغان يامغۇرنى كۆرگىنىمىزدە، يەھۋا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ھەممىسىگە كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنالايمىز. ھەرتۈرلۈك ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ئارقىلىق، بىزمۇ يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن ئۈلگە ئالالايمىز.
11. ئاسماندىكى قۇشلارنى كۈزىتىش بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11 يەھۋا جىسمانىي ئېھتىياجىمىزنى قامدايدۇ. ئەيسا ئاشۇ تاغدىكى ۋەز-نەسىھىتىدە مۇنداق دېگەن: «كۆكتىكى قۇشلارنى دىققەت بىلەن كۆزىتىڭلار. ئۇلار ئۇرۇق چاچمايدۇ، ھوسۇل يىغمايدۇ ۋە ئامبارغا توپلىمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئاسماندىكى ئاتاڭلار ئۇلارنى تويغۇزىدۇ». ئېھتىمال، ئەيسا: «سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆز ئەزىز ئەمەسمۇ؟»— دەپ سورىغاندا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلار ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن (مەتتا 6:26). ئەيسا مەسىھ مېھرىبانلىق بىلەن شۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، يەھۋانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بەرگەن (مەتتا 6:31، 32). يارىتىلىشتىن ئۆگەنگەن بۇ ھەقىقەتلەر سادىق خىزمەتچىلەرگە داۋاملىق ئىلھام بېرىدۇ. ئىسپانىيەدىكى ياش بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قېرىنداش تۇرىدىغان مۇۋاپىق جاي تاپالماي ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. ئەمما، قۇشلارنىڭ ئۇرۇقلارنى ۋە مېۋىلەرنى يەپ، قورساق تويغۇزغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇ كۆڭلى تەسەللى تاپقاندەك ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قۇشلار ماڭا يەھۋانىڭ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمگە سالدى». شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاشۇ قېرىنداش تۇرىدىغان مۇۋاپىق بىر جاينى تاپقان.
12. مەتتا 10:29–31 ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، قۇشقاچلار يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
12 يەھۋا شەخسەن ھەربىرىمىزنى قەدىرلەيدۇ. ئەيسا ئەلچىلىرىنى ۋەز ئېيتىشقا ئەۋەتىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلاردىن قورقۇش ھېس-تۇيغۇسىنى يېڭىشكە ياردەم بەرگەن (مەتتا 10:29–31-نى ئوقۇڭ). ئۇ بۇنداق قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قۇشنى مىسالغا ئالغان. ئەيسانىڭ زامانىدا شۇ قۇشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىدى. لېكىن، ئۇ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئاسماندىكى ئاتاڭلاردىن بىخەۋەر، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر نۇرغۇن قۇشقاچلاردىن قەدىرلىكسىلەر». ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەھۋانىڭ ھەر بىرىنى شەخسەن قەدىرلەيدىغانلىقى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكتىن قورقۇشى ئۈچۈن ھېچبىر سەۋەب يوقلىقىغا ئىشەندۈرگەن. شاگىرتلار يېزا-قىشلاقلاردا، مەھەللىلەردە ۋەز قىلغاندا، ئاشۇ قۇشقاچلارنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ سۆزىنى ئەسكە ئالغان. سىزمۇ كىچىك بىر قۇشنى كۆرگىنىڭىزدە، يەھۋانىڭ شەخسەن سىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىڭ. سەۋەبى، سىز نۇرغۇن قۇشلاردىن قىممەتلىك. قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، قورقۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.—زەبۇر 118:6.
مەۋجۇداتلاردىن خۇدا ھەققىدە كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭ
13. مەۋجۇداتلاردىن يەھۋا ھەققىدە ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
13 بىز مەۋجۇداتلاردىن يەھۋا ھەققىدە يەنە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بىرىنچى، مەۋجۇداتلارنى كۈزىتىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، كۆزەتكەن نەرسىلەردىن يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلىش بىز ئۈچۈن ھەمىشە ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن. كامېروندىكى جېرالدىن ئىسىملىك بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «مەن شەھەردە چوڭ بولدۇم، شۇڭا تەبىئەتتىكى نەرسىلەرنى كۈزىتىش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىشقا تىرىشىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم». ئالفونسو ئىسىملىك بىر ئاقساقال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋا ياراتقان مەۋجۇداتلارنى كۈزىتىش ۋە ئۇلار ماڭا نېمىلەرنى ئۆگىتىدىغانلىقى ھەققىدە يالغۇز قېلىپ ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم».
ئەتراپىدىكى مەۋجۇداتلارغا نەزەر سالغىنىدا، داۋۇت ئۇلارنىڭ يەھۋا ھەققىدە نېمە ئۆگىتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئويلىغان (14-ئابزاسقا قاراڭ)
14. مەۋجۇداتلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغاندا، داۋۇت نېمىلەرنى ئۆگەنگەن؟
14 داۋۇت پەيغەمبەر يەھۋانىڭ ياراتقانلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. ئۇ يەھۋاغا مۇنداق دېگەن: «مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانلارغا قاراپ، ئۆز ياراتقان ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا نەزەر سېلىپ: ‹ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟›— دەيمەن» (زەبۇر 8:3، 4). دەرۋەقە، داۋۇت كېچە ئاسمىنىغا نەزەر سالغاندا، پەقەت يۇلتۇزلارغا قاراپ ھۇزۇرلانمىغان، ئۇ يەنە يۇلتۇزلار ئۇنىڭغا ياراتقۇچى خۇدا ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئويلىغان. ئۇ يەھۋانىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەن. باشقا ۋاقىتلاردا، داۋۇت ئانىسىنىڭ قوسىغىدا ئۆز تېنىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەنلىكى ئۈستىدە ئويلانغان. ئۇ مۇشۇ ئاجايىپ تەپسىلاتلار ئۈستىدە ئويلانغىنىدا، يەھۋانىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە بولغان مىننەتدارلىقى تېخىمۇ ئاشقان.—زەبۇر 139:14–17.
15. يەھۋانىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى قانداق كۆرۈپ يەتكەنلىكىڭىزنى مىسال ئارقىلىق دەپ بېرىڭ (زەبۇر 148:7–10).
15 بەلكىم، داۋۇتقا ئوخشاش مەۋجۇداتلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن بەك يىراققا قاراشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەتراپىڭىزغا قارىسىڭىز، نۇرغۇن نەرسىلەر يەھۋانى ياخشىراق تونۇشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، قۇياشتىن كەلگەن ئىسسىقلىقنى سەزگەندە، يەھۋانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇپ يېتەلەيسىز (يەرەم. 31:35). قۇش ئۇۋا سېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا، خۇدانىڭ چەكسىز ئەقىل-پاراسىتىدىن ھەيران بولىسىز. كۈچۈك ئۆز قۇيرىقىنى قوغلاۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، يەھۋانىڭ يۇمۇرىستىك ھېس-تۇيغۇسىنى ئويلاڭ. ئانا ئۆز بوۋاق بالىسى بىلەن ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىڭ. يەھۋا ھەققىدە ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار. چۈنكى، ئۇ ياراتقان چوڭ-كىچىك، يېقىن-يىراقتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنى ماختايدۇ.—زەبۇر 148:7–10-نى ئوقۇڭ.
16. بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
16 خۇدايىمىز ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئەقىللىق، كۆيۈمچان، سەنئەتخۇمار ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك. ئەتراپىمىزدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارغا دىققەت بىلەن نەزەر سالساق، بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن پەزىلەتلىرىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ھەممىمىز دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يارىتىلىشتىن ھۇزۇر ئېلىپ، ئۇنىڭ يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ياراتقۇچىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز (ياقۇپ 4:8). كېيىنكى ماقالىدە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەھۋاغا يېقىنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەۋجۇداتلاردىن قانداق پايدىلىنالايدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.
1-ناخشا مەۋجۇداتلار يەھۋانى مەدھىيىلەيدۇ
a يەھۋانىڭ ياراتمىلىرى بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. قۇياشنىڭ غايەت زور كۈچىدىن گۈلنىڭ نازۇك ياپراقلىرىغىچە بولغان ئۇنىڭ ئاجايىپ ئەسەرلىرى بىزنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. يارىتىلغان نەرسىلەردىن ئۆگەنگەنلىرىمىز يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ ماقالىدە، نېمە ئۈچۈن ياراتمىلارنى كۈزىتىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ ياراتقۇچى خۇدايىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.