مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

‏«يېڭىدىن چىققان نە‌شىرلە‌ر» سە‌ھىپىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

‏«‏®JW Library» پروگراممىسى ۋە jw.org تور بېكىتىدىكى،‏ «يېڭىدىن چىققان نە‌شىرلە‌ر» سە‌ھىپىسىدە يېڭى ماتېرىياللار بار.‏ يېڭىلىقلارنى بىلىپ تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بۇ سە‌ھىپىدىن قانداق پايدىلىنالايسىز؟‏

‏«JW Library» پروگراممىسىدا

  • يېڭى بىر ماقالە چىقسا،‏ ئۇ قايسى ماقالىلە‌ر سە‌ھىپىسىگە تە‌ۋە بولسا،‏ شۇ سە‌ھىپىنىڭ نامى ئاستىدا چىقىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ «يېڭىدىن چىققان نە‌شىرلە‌ر» دېگە‌ن يە‌ردە بىر ماقالە چىقسا،‏ ئاشۇ بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ ئە‌ڭ يېڭىسىنى توردىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.‏ ئاندىن كېيىن،‏ نە‌شىر قىلىنغان ۋاقتى بويىچە تىزىملىكتە ئە‌ڭ ئۈستىدە تۇ‌رغان يېڭى ماقالىنى ئوقۇ‌يالايسىز.‏

  • ژۇ‌رنالنى ياكى باشقا بىر ھە‌جىمى چوڭ كىتابنى بىر ئولتۇ‌رۇ‌پلا ئوقۇ‌پ تۈگىتە‌لمە‌يسىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ تېخى ئوقۇ‌پ تۈگە‌تمىگە‌ن نە‌شىرلە‌رنى ئاسان تېپىش ئۈچۈن،‏ «ياقتۇ‌رغان تاللانغانلار» دېگە‌ن تىزىملىككە قوشسىڭىز بولىدۇ.‏ ئوقۇ‌پ بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نى «تاللانغانلاردىن» ئۆچۈرۈپ تاشلىيالايسىز.‏

JW.ORG تور بېكىتىدە

بە‌زى يېڭىلىقلار ۋە خە‌ۋە‌رلە‌ر «JW Library» پروگراممىسىدا ئە‌مە‌س،‏ پە‌قە‌ت jw.org تور بېكىتىدە چىقىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ تور بېكە‌تتىكى «يېڭىدىن چىققان نە‌شىرلە‌ر» سە‌ھىپىسىنى تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رۇ‌شنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏