مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

35-‏تە‌تقىق ماقالىسى

داۋاملىق سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىڭ

داۋاملىق سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىڭ

‏«سە‌ۋر-‏تاقە‌تكە ئوخشاش پە‌زىلە‌تلە‌ر بىلە‌ن كىيىنىڭلار».‏—‏كولوسى.‏ 3:‏12‏.‏

35-‏ناخشا رە‌ھمە‌ت خۇ‌دا سە‌ۋرچانلىقىڭغا

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك كىشىلە‌رنى ياقتۇ‌رىمىز؟‏

 ھە‌ممىمىز سە‌ۋرچان كىشىلە‌رنى ياقتۇ‌رىمىز.‏ زېرىكمە‌ي،‏ تېرىكمە‌ي بىر نە‌رسىنى كۈتىدىغانلارنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز.‏ خاتالىق ئۆتكۈزسە‌ك،‏ بىرسى بىزگە سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تسە،‏ مىننە‌تدار بولىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىنى ئۆگىنىش،‏ قوبۇ‌ل قىلىش ياكى ھاياتىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشتا قىينالغىنىمىزدا،‏ بىز بىلە‌ن تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگە‌ن قېرىنداشنىڭ بىزگە سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكىنىدىن مىننە‌تدارمىز.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىزگە سە‌ۋرچان بولغانلىقىدىن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏—‏رىملىقلار 2:‏4‏.‏

2.‏ قانداق ئە‌ھۋاللاردا سە‌ۋرچان بولۇ‌ش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

2 گە‌رچە سە‌ۋرچان كىشىلە‌رنى ياقتۇ‌رساقمۇ،‏ ئە‌مما ئۆزىمىز سە‌ۋرچان بولماي قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يوللار توسۇ‌لۇ‌پ قالغان چاغلاردا،‏ بولۇ‌پمۇ بىر يە‌رگە ئالدىراپ ماڭغان بولساق،‏ ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش قىيىن بولىدۇ.‏ باشقىلار بىزنى تېرىكتۈرگە‌ندە،‏ ئاچچىقىمىزنى باسالماي قالىمىز.‏ بە‌زىدە يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نياسىنى كۈتۈشنى قىيىن ھېس قىلىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ تېخىمۇ سە‌ۋرچان بولۇ‌شنى خالامسىز؟‏ بۇ ماقالىدە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ شۇ‌نچە مۇ‌ھىملىقى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌نە تېخىمۇ سە‌ۋرچان بولۇ‌شنى يېتىلدۈرۈشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان بە‌زى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئۆگىنىمىز.‏

سە‌ۋرچان بولۇ‌ش دېگە‌ن نېمە؟‏

3.‏ باشقىلار سە‌ۋرچان كىشىنى تېرىكتۈرگە‌ندە،‏ ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏

3 سە‌ۋرچانلىقنى كۆرسىتىشنىڭ تۆت ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىرىنچى،‏ سە‌ۋرچان كىشى ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ‏.‏ باشقىلار ئۇ‌نى تېرىكتۈرگە‌ندە ياكى بېسىمغا ئۇ‌چرىغاندا،‏ ئۇ باشقىلارغا ئاچچىقلىنىشتىن ۋە قوپال مۇ‌ئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ.‏ «ئاسانلىقچە غە‌زە‌پلە‌نمە‌يدىغان» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىرىنچى قېتىم يە‌ھۋا ئۈچۈن ئىشلىتىلگە‌ن.‏ ئايە‌تتە،‏ يە‌ھۋا «مېھرىبان ۋە رە‌ھىمدىل،‏ ئاسانلىقچە غە‌زە‌پلە‌نمە‌يدىغان،‏ سادىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ھە‌قىقىتى مول خۇ‌دادۇ‌ر» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان.‏—‏چىق.‏ 34:‏6‏.‏

4.‏ كۈتۈشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ سە‌ۋرچان ئادە‌م قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏

4 ئىككىنچى،‏ سە‌ۋرچان كىشى سۈكۈت قىلىپ،‏ ساقلاپ تۇ‌رالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىرە‌ر ئىش ئۆزى مۆلچە‌رلىگە‌ندىن ئۇ‌زۇ‌نراق ۋاقىت داۋام قىلسا،‏ ئۇ‌نداق كىشى تېرىكىشتىن ياكى ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ (‏مە‌تتا 18:‏26،‏ 27‏)‏.‏ بىز سۈكۈت قىلىپ ساقلاش زۆرۈر بولىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرى سۆز قىلىۋاتقاندا،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىنى بۆلۈۋە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك (‏ئايۇ‌پ 36:‏2‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى چۈشىنىشىگە ۋە ناچار ئادىتىنى تاشلىشىغا ياردە‌م بېرىشتە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىزغا توغرا كېلىدۇ.‏

5.‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شنىڭ يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌لى بار؟‏

5 ئۈچىنچى،‏ سە‌ۋرچان كىشى بىر نە‌رسىگە ئالدىراپ،‏ تاقە‌تسىزلە‌نمە‌يدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە تېز ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ بىراق،‏ سە‌ۋرچان كىشى مۇ‌ھىم بىر ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلاشقا ئالدىراپ،‏ ئويلانمايلا ھە‌رىكە‌ت قىلمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ يېتە‌رلىك ۋاقىت چىقىرىپ،‏ نېمە ئىش قىلىشى كېرە‌كلىكىنى پىلانلايدۇ.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ۋە‌زىپىنى ياخشى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ۋاقىت سە‌رپ قىلىدۇ.‏

6.‏ سىناقلارغا ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ سە‌ۋرچان كىشى قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏

6 تۆتىنچى،‏ سە‌ۋرچان كىشى سىناقلاردا چىدامچانلىق كۆرسىتىپ،‏ ئاغرىنىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ يېقىن دوستىمىزغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى ئېيتىش خاتا ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ سە‌ۋرچان كىشى چىدامچان بولۇ‌پ،‏ پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن داۋاملىق بە‌رداشلىق بېرىشكە تىرىشىدۇ (‏كولوسى.‏ 1:‏11‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى تۆت جە‌ھە‌تتىن سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ تۆۋە‌ندە بىرقانچە سە‌ۋە‌بلە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏

سە‌ۋرچانلىق نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

خۇ‌ددى دېھقان سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ھوسۇ‌ل ۋاقتىنى كۈتكىنىدە‌ك،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە پۈتۈنلە‌ي ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ باغلاپ،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتىمىز (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ ياقۇ‌پ 5:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن سە‌ۋرچانلىق بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

7 قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شىمىز ئۈچۈن سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ خۇ‌ددى خۇ‌دانىڭ ئۆتمۈشتىكى سادىق خىزمە‌تكارلىرىگە ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتىشىمىز كېرە‌ك (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏11،‏ 12‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى بىر دېھقان بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان ‏(‏ياقۇ‌پ 5:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دېھقان ئۇ‌رۇ‌ق چېچىش ۋە زىرائە‌تلە‌رنى سۇ‌غۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌جىر-‏مېھنە‌ت قىلسىمۇ،‏ ئۇ زىرائە‌تلە‌رنىڭ قاچان ئۆسۈپ،‏ مېۋە بېرىشىنى ئېنىق بىلمە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ دېھقان ئاخىرى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ھوسۇ‌ل يىغىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ «ھە‌زرىتىمىزنىڭ قايسى كۈنى كېلىشىنى» بىلمىسە‌كمۇ،‏ بىراق خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى قىلىشى كېرە‌ك ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز (‏مە‌تتا 24:‏42‏)‏.‏ بىز سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتكىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋانىڭ چوقۇ‌م ئۆزى بە‌لگۈلىگە‌ن ۋاقىت-‏سائە‌تتە ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ ئە‌گە‌ر سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلالمىساق،‏ زېرىكىپ،‏ ھە‌قىقە‌تتىن يىراقلىشىشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بىز يە‌نە ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىزنى خۇ‌شال قىلىدىغان ئىشلارنى قوغلىشىشقا باشلايمىز.‏ بىراق،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلساق،‏ ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز ۋە قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌پ قالالايمىز.‏—‏مىكاھ 7:‏7؛‏ مە‌تتا 24:‏13‏.‏

8.‏ باشقىلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلغاندا،‏ سە‌ۋرچانلىق بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏كولوسىلىقلار 3:‏12،‏ 13‏)‏

8 سە‌ۋرچانلىق باشقىلار بىلە‌ن تېخىمۇ ياخشىراق مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئورنىتىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ باشقىلار بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏19‏)‏.‏ يە‌نە تىنچلىق ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.‏ ئۇ بىزنى تېزلا ھە‌رىكە‌ت قىلىشتىن ۋە بېسىمغا ئۇ‌چرىغاندا يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشتىن ساقلايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولساق،‏ بىرسى كۆڭلىمىزنى رە‌نجىتسە،‏ دە‌رھاللا ئاچچىقلىنىشقا ئالدىرىمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى ئە‌پۇ قىلىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىمىز.‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏12،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

9.‏ قارار چىقىرىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ سە‌ۋرچانلىق بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5‏)‏

9 سە‌ۋرچانلىق ياخشىراق قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا تايىنىپ،‏ ئالدىراقسانلىق بىلە‌ن ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ قانداق تاللاشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نى باھالاپ كۆرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ۋاقىت چىقىرىمىز ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىش ئىزدە‌ۋاتقان بولساق،‏ بۇ ئىش يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا قىيىنچىلىق تۇ‌غدۇ‌رسىمۇ،‏ بە‌لكىم شۇ تۇ‌نجى ئىش تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى خالىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ سە‌ۋرچان بولساق،‏ ئىش ئورنى،‏ ئىش ۋاقتى ئائىلىمىزگە ۋە بىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە قانداق تە‌سىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىمىز.‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌ش بىزنى خاتا قارارنى چىقىرىپ قويۇ‌شتىن ساقلىيالايدۇ.‏

تېخىمۇ سە‌ۋرچان بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

10.‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى يېتىلدۈرۈپ،‏ داۋاملىق سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى نېمە قىلالايدۇ؟‏

10 كۆپرە‌ك سە‌ۋرچان بولۇ‌ش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ سە‌ۋرچانلىق —‏ روھنىڭ مېۋىسىدىن بىرى (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22،‏ 23‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن روھنىڭ مېۋىسىنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىشنى سورىيالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر سە‌ۋر-‏تاقىتىمىزنى سىنايدىغان ۋە‌زىيە‌تكە يولۇ‌قساق،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ‹داۋاملىق سورايمىز› (‏لۇ‌قا 11:‏9،‏ 13‏)‏.‏ بىز يە‌نە يە‌ھۋادىن مە‌لۇ‌م ئىشلارغا ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش كۆز قاراش بىلە‌ن قاراشقا ياردە‌م بېرىشنى سورىيالايمىز.‏ دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ ھە‌ر كۈنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سە‌ۋرچان بولۇ‌شقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌ش ئۈچۈن كۆپرە‌ك دۇ‌ئا قىلساق،‏ يە‌ھۋا بۇ پە‌زىلە‌تنىڭ قە‌لبىمىزدە يىلتىز تارتىپ،‏ تېخىمۇ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

11،‏ 12.‏ يە‌ھۋا سە‌ۋرچانلىقىنى قانداق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈلگىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن مىساللىرى بار.‏ بۇ ئۈزۈندىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئۆگىنىۋالالايمىز.‏ بۇ مىساللاردىن بە‌زىلىرىنى كۆرۈپ چىقىشتىن ئاۋۋال،‏ سە‌ۋرچانلىقنىڭ ئە‌ڭ ئېسىل ئۈلگىسى بولغان ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە كۆرۈپ باقايلى.‏

12 ئېرە‌م بېغىدا،‏ شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىنى يە‌ھۋانىڭ ئادىل،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ھۆكۈمران ئىكە‌نلىكىدىن گۇ‌مانلاندۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا تۆھمە‌ت قىلغان.‏ يە‌ھۋا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋاقىت كېرە‌كلىكىنى بىلگە‌چ،‏ بۇ تۆھمە‌تخورنى دە‌رھال يوقىتىشنىڭ ئورنىغا،‏ سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىپ،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالغان.‏ ئۇ كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتا،‏ ئۆز ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرۈلگە‌ن بولسىمۇ،‏ تۆھمە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈپ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌رنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت بېرىۋاتىدۇ (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏9،‏ 15‏)‏.‏ ئۇ سە‌ۋرچان بولغاچقا،‏ مىليونلىغان ئىنسانلار ئۇ‌نى تونۇ‌يالىدى.‏ ئە‌گە‌ر دىققىتىمىزنى يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋرچانلىقى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا قاراتساق،‏ ئۇ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى يوق قىلىدىغان ۋاقىت-‏سائە‌تنى كۈتۈش تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ.‏

بىرى بىزنى تېرىكتۈرگە‌ندە،‏ سە‌ۋرچانلىق ئاسانلىقچە غە‌زە‌پلىنىشتىن ساقلىنىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ قانداق قىلىپ ئاتىسىنىڭ سە‌ۋرچانلىقىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگە قىلغان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

13 ئە‌يسا مە‌سىھمۇ سە‌ۋرچان بولۇ‌شتا ئۆز ئاتىسىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگە قىلغان ۋە يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ بۇ پە‌زىلە‌تنى نامايان قىلغان.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ ساختىپە‌ز تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر بىلە‌ن بولغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ھە‌ردائىم سە‌ۋرچان بولۇ‌ش ئاسانغا چۈشمىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏يۇ‌ھاننا 8:‏25–‏27‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئاسانلىقچە غە‌زە‌پلە‌نمىگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ھاقارە‌تلە‌نگە‌ندە ياكى ئە‌يىبلە‌نگە‌ندە ئاچچىقلانمىغان (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏23‏)‏.‏ ئە‌يسا سىناقلارغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ ئاغرىنمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغان مۇ‌نۇ سۆزلە‌ر ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س:‏ «ئۆز-‏ئۆزىگە زىيان يە‌تكۈزگە‌ن گۇ‌ناھكارلارنىڭ شۇ‌نچە ھاقارە‌تلىك سۆزلىرىگە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلغۇ‌چىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار»!‏ (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏2،‏ 3‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىدە،‏ بىزمۇ ئۇ‌چرىغان ھە‌رقانداق سىناقلارغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏

ئە‌گە‌ر ئىبراھىمنىڭ سە‌ۋرچانلىقىنى ئۈلگە قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتە ئۆزى ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نيادا تېخىمۇ كۆپ مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىز (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ ئىبراھىمنىڭ سە‌ۋرچانلىقىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏ئىبرانىيلار 6:‏15‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

14 شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياسىنىڭ ئاخىرلىشىشى ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى ئۇ‌زۇ‌ندىن بۇ‌يان كۈتۈۋاتقان بولساقچۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ ئاشۇ كۈننى كۆرۈشكە ئۆمرۈمىز يە‌تمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ شۇ كۈننى داۋاملىق سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئىبراھىمنىڭ ئۈلگىسىگە قاراپ باقايلى.‏ ئىبراھىم 75 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ تېخى بالىسى يوق ئىدى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ «سېنى چوڭ بىر مىللە‌ت قىلىمە‌ن» (‏يارىت.‏ 12:‏1–‏4‏)‏.‏ ئىبراھىم بۇ ۋە‌دىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆردىمۇ؟‏ پۈتۈنلە‌ي كۆرمىدى.‏ ئىبراھىم ئە‌فرات دە‌رياسىدىن ئۆتۈپ،‏ 25 يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئوغلى ئىسھاقنىڭ مۆجىزىلىك يول بىلە‌ن تۇ‌غۇ‌لغانلىقىنى كۆرگە‌ن‏.‏ يە‌نە 60 يىلدىن كېيىن،‏ نە‌ۋرىلىرى ئە‌ساۋ بىلە‌ن ياقۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لغان ‏(‏ئىبرانىيلار 6:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ ئە‌مما،‏ ئىبراھىم ئە‌ۋلاتلىرىنىڭ چوڭ بىر مىللە‌ت بولۇ‌پ،‏ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى كۆرمىگە‌ن ئىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بۇ ساداقە‌تمە‌ن كىشى ئۆز ياراتقۇ‌چىسى بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان ئىدى (‏ياقۇ‌پ 2:‏23‏)‏.‏ ئىبراھىم كېلە‌چە‌كتە تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆز ئېتىقادى ۋە سە‌ۋرچانلىقى بارلىق مىللە‌تلە‌رنى بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشتۈرگە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە،‏ تولىمۇ خۇ‌شال بولىدۇ (‏يارىت.‏ 22:‏18‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ بە‌لكىم،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممە ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى شە‌خسە‌ن كۆرە‌لمە‌يمىز.‏ بىراق،‏ ئىبراھىمغا ئوخشاش سە‌ۋرچان بولساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ھازىر ۋە كە‌لگۈسى ۋە‌دە قىلىنغان يېڭى دۇ‌نيادا تېخىمۇ كۆپرە‌ك مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏—‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30‏.‏

15.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ نېمىلە‌رنى ئۆگىنىشنى پىلانلىساق بولىدۇ؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا سە‌ۋرچان بولغان باشقا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ مىساللىرى بار (‏ياقۇ‌پ 5:‏10‏)‏.‏ پىلان تۈزۈپ،‏ شۇ مىساللارنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ b‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت ياش ۋاقتىدا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولۇ‌شقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌مما پادىشاھلىق تە‌ختىگە ئولتۇ‌رۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ بىرقانچە يىللار كۈتۈشكە توغرا كە‌لگە‌ن.‏ شىمون بىلە‌ن ئاننا ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھنى كۈتۈۋاتقاندا،‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلغان (‏لۇ‌قا 2:‏25،‏ 36–‏38‏)‏.‏ مۇ‌شۇ مىساللارنى تە‌تقىق قىلغاندا،‏ تۆۋە‌ندىكىدە‌ك سوئاللار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ:‏ ‹بۇ كىشىنىڭ سە‌ۋرچانلىقنى كۆرسىتىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ سە‌ۋرچان بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌ن؟‏ مە‌ن ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلالايمە‌ن؟‏› ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تمىگە‌ن كىشىلە‌ردىن ئۆزىڭىزگە ساۋاق ئالالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ (‏1-‏سام.‏ 13:‏8–‏14‏)‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «بۇ كىشى نېمە ئۈچۈن سە‌ۋرچان بولالمىغان؟‏ ئۇ قانداق ئاقىۋە‌تكە قالغان؟‏».‏

16.‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

16 سە‌ۋرچان بولۇ‌شنىڭ پايدىسى ھە‌ققىدە ئويلاڭ.‏ سە‌ۋرچان بولساق،‏ كۆڭلىمىز تېخىمۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌م بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ سە‌ۋرچانلىق روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.‏ بىز باشقىلارغا سە‌ۋرچان بولساق،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن تېخىمۇ ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىمىز.‏ جامائىتىمىز تېخىمۇ ئىناق-‏ئىتتىپاق بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىرى بىزنى تېرىكتۈرگە‌ندە،‏ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمىساق،‏ ۋە‌زىيە‌تنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏8؛‏ پە‌ند.‏ نە 14:‏29‏)‏.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ سە‌ۋرچان بولساق،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنراق بولىمىز.‏

17.‏ نېمە قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 سە‌ۋرچانلىق ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىنى جە‌لپ قىلدىغان ئېسىل پە‌زىلە‌ت بولۇ‌پ،‏ ھە‌ممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق!‏ گە‌رچە سە‌ۋرچان بولۇ‌ش دائىم ئاسانغا توختىمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن بۇ پە‌زىلە‌تنى داۋاملىق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز.‏ يېڭى دۇ‌نيانى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتقىنىمىزدا،‏ «يە‌ھۋانىڭ كۆزى ئۆزىدىن قورققانلارغا،‏ سادىق سۆيگۈسىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا»‏ تىكىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 33:‏18‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ممىمىز داۋاملىق سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى كىيىشكە قە‌تئىي بە‌ل باغلايلى.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

a بۈگۈنكى كۈندە شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياسىدا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك كىشىلە‌ر ئاز.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى كىيىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ھازىر بۇ پە‌زىلە‌تنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىملىقى ۋە تېخىمۇ سە‌ۋرچان بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سە‌ۋرچان بولغانلار توغرىسىدىكى ئۈزۈندىلە‌رنى تېپىش ئۈچۈن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللار كۆرسە‌تكۈچى» دىكى «‏سە‌ۋر-‏تاقە‌ت‏» دېگە‌ن ماۋزۇ‌غا قاراڭ.‏