مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

36-‏تە‌تقىق ماقالىسى

كۆتۈرۈش زۆرۈر بولغانلىرىنى ئېلىپ،‏ قالغانلىرىنى تاشلىۋېتىڭ

كۆتۈرۈش زۆرۈر بولغانلىرىنى ئېلىپ،‏ قالغانلىرىنى تاشلىۋېتىڭ

‏«بىزنى ئېغىرلاشتۇ‌رىدىغان ھە‌ر خىل يۈكلە‌رنى … تاشلايلى،‏ ئالدىمىزدىكى مۇ‌سابىقىنى چىدام-‏غە‌يرە‌ت بىلە‌ن يۈگۈرە‌يلى».‏—‏ئىبرانىي.‏ 12:‏1

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئىبرانىيلار 12:‏1-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئاخىرقى پە‌للىگە يېتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ھاياتىنى بىر مۇ‌سابىقە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى پە‌للىنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بېسىپ ئۆتكە‌نلە‌ر مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏7،‏ 8‏)‏.‏ ھاياتلىق مۇ‌سابىقىسىنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق تاماملىغان ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ بۇ مۇ‌سابىقىسىدە غە‌لىبە قازىنىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ بىزنى ئۈندە‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىزنى ئېغىرلاشتۇ‌رىدىغان ھە‌ر خىل يۈكلە‌رنى … تاشلايلى،‏ ئالدىمىزدىكى مۇ‌سابىقىنى چىدام-‏غە‌يرە‌ت بىلە‌ن يۈگۈرە‌يلى»‏‏.‏—‏ئىبرانىيلار 12:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ «ھە‌ر خىل يۈكلە‌رنى» تاشلاش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ‏«ھە‌ر خىل يۈكلە‌رنى» تاشلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتقاندا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ھېچقانداق يۈكنى كۆتە‌رمە‌سلىكى كېرە‌ك دېمە‌كچى بولغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ ئۇ ھە‌ر خىل زۆرۈر بولمىغان يۈكتىن تاشلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ بۇ‌نداق يۈك قە‌دىمىمىزنى ئاستىلىتىپ قويالايدۇ ۋە بىزنى ھاردۇ‌رۇ‌پ قويالايدۇ.‏ چىدام-‏غە‌يرە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېغىرلاشتۇ‌رىدىغان ۋە زۆرۈر بولمىغان يۈكنى دە‌رھال ئېنىقلاپ،‏ ئۇ‌نى تاشلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ كۆتۈرۈشىمىز زۆرۈر بولغان يۈكلە‌رنى بىر چە‌تكە قايرىپ قويماسلىقىمىز لازىم.‏ بولمىسا،‏ لاياقە‌تسىز بولۇ‌پ مۇ‌سابىقىدىن چۈشۈپ قالىمىز (‏2-‏تىموت.‏ 2:‏5‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قايسى يۈكلە‌رنى كۆتۈرۈشىمىز لازىم؟‏

3.‏ (‏1)‏ گالاتىيالىقلار 6:‏5-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ چوقۇ‌م نېمىنى كۆتۈرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

3 گالاتىيالىقلار 6:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س چوقۇ‌م ئۆزىمىز كۆتۈرۈش كېرە‌ك نە‌رسىنى كۆرسىتىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ر كىم ئۆزىنىڭ يۈكىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ».‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئالدىدىكى جاۋابكارلىقنى،‏ يە‌نى ئۆزىمىز ئېلىپ يۈرۈشىمىز كېرە‌ك مە‌سئۇ‌لىيىتىمىزنى تىلغا ئالغان.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ‹ئۆزىمىزنىڭ يۈكى› نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نى قانداق ئېلىپ يۈرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئېھتىمال ئۆزىمىز كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان،‏ ئە‌مما زۆرۈر بولىمىغان يۈكلە‌رنى ئېنىقلاپ،‏ ئۇ‌لارنى قانداق تاشلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏ ئۆز يۈكىمىزنى كۆتۈرۈپ،‏ زۆرۈر بولمىغان يۈكنى تاشلىساق،‏ ھاياتلىق مۇ‌سابىقىمىزنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق يۈگۈرۈپ تاماملىيالايمىز.‏

كۆتۈرۈشىمىز زۆرۈر بولغان يۈكلە‌ر

ئۆز يۈكىمىزنى كۆتۈرۈش يە‌ھۋا ھاياتىمىزنى بېغىشلىغاندا بە‌رگە‌ن قە‌سىمىمىزنى ئورۇ‌نلاش،‏ ئائىلىدىكى مە‌جبۇ‌رىيە‌تلىرىمىزنى ئادا قىلىش ۋە چىقارغان قارارلىرىمىز ئۈچۈن جاۋابكار بولۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ (‏4–‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش قە‌سىمى ئېغىر يۈك ئە‌مە‌س؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

4 ئۆزىمىزنى بېغىشلاش قە‌سىمى.‏ بىز ھاياتىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن قە‌سە‌م قىلدۇ‌ق.‏ بۇ قە‌سىمىمىزنى ھە‌رگىزمۇ بۇ‌زماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆزىمىزنى بېغىشلىغاندا بە‌رگە‌ن قە‌سىمىمىزگە ئە‌مە‌ل قىلىش —‏ چوڭ بىر مە‌سئۇ‌لىيە‌ت،‏ ئە‌مما بۇ ئېغىر يۈك ئە‌مە‌س.‏ يە‌ھۋا ئە‌سلىدە بىزنى ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ياراتقان (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏)‏.‏ ئۇ قە‌لبىمىزگە روھىي ئېھتىياجنى قويۇ‌پ،‏ بىزنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقان.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالايمىز ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاپ خۇ‌شاللىق تاپالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏8‏)‏.‏ تېخىمۇ مۇ‌ھىمى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئوغلىغا ئە‌گە‌شكىنىمىزدە،‏ ‹جېنىمىز ئارام تاپىدۇ›.‏—‏مە‌تتا 11:‏28–‏30‏.‏

‏(‏4–‏5-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

5.‏ بېغىشلاش قە‌سىمىڭىزنى ئورۇ‌نلاشقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3‏)‏

5 بۇ يۈكنى قانداق كۆتۈرە‌لە‌يسىز؟‏ بۇ‌نىڭغا ئىككى نە‌رسە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئالدى بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىڭ.‏ بۇ‌نى قىلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ سىز ئۈچۈن قىلىپ كېلىۋاتقان بارچە ياخشى ئىشلىرى ۋە كېلە‌چە‌كتە تە‌ييارلاپ قويغان بە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز قانچە چوڭقۇ‌رلاشقانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نچە ئاسانراق بويسۇ‌نىسىز ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئىككىنچىدىن،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىڭ.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق ئورۇ‌نلىغان.‏ چۈنكى،‏ ئۇ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىغان ۋە دىققىتىنى كېلە‌چە‌كتىكى مۇ‌كاپىتىغا قاراتقان (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏7؛‏ 12:‏2‏)‏.‏ ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋادىن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت سوراڭ ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھايات ئۈمىدىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ.‏ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز كۈچىيىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئوغلىنى ئۈلگە قىلغىنىڭىزدا،‏ ئۆزىڭىزنى بېغىشلانغاندا بە‌رگە‌ن قە‌سىمىڭىزنى ئورۇ‌ندىيالايسىز.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن ئائىلە ئە‌زالىرى ئۆز مە‌جبۇ‌رىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

6 ئائىلىدىكى مە‌جبۇ‌رىيە‌تلە‌ر.‏ ھاياتلىق مۇ‌سابىقىمىزدە،‏ چوقۇ‌م يە‌ھۋا خۇ‌دانى ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىدىنمۇ بە‌كرە‌ك سۆيۈشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 10:‏37‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ئائىلىدىكى مە‌جبۇ‌رىيىتىمىزگە سە‌ل قارىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ سە‌ل قارىساق،‏ يە‌ھۋانى ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنى خۇ‌رسە‌ن قىلالمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لارنىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئائىلىدىكى رولىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏4،‏ 8‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ تېخىمۇ خۇ‌شال بولىمىز.‏ يە‌ھۋا ئائىلىنى شۇ‌نداق ياراتقانكى،‏ ئە‌ر-‏ئايال بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلسا،‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن تە‌ربىيىلىسە،‏ بالىلار ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نسا،‏ ئائىلە بە‌ختلىك بولىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏33؛‏ 6:‏1،‏ 4‏.‏

‏(‏6–‏7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

7.‏ ئائىلىڭىزدىكى رولىڭىزنى قانداق ئادا قىلالايسىز؟‏

7 بۇ يۈكنى قانداق كۆتۈرە‌لە‌يسىز؟‏ ئائىلىدىكى رولىڭىز قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزغا،‏ ئۆرپ-‏ئادە‌ت،‏ مە‌دە‌نىيىتىڭىز ياكى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر دە‌پ ئاتالغانلارنىڭ سۆزلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانا مە‌سلىھە‌تلە‌رگە تايىنىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 24:‏3،‏ 4‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌شرىي ماتېرىياللاردىن ياخشى پايدىلىنىڭ.‏ ئۇ يە‌ردە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان پرىنسىپلارنى تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش توغرىسىدا قوللىنىشچان نە‌سىھە‌تلە‌ر بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م» ناملىق بىر قاتار ماقالىلە‌ردە،‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلار،‏ ئاتا-‏ئانىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلە‌ر بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھە‌ققىدە مە‌زمۇ‌نلار بار.‏ b ھە‌تتا باشقا ئائىلىدىكى باشقا ئە‌زالار خالىمىسا ھە‌م،‏ سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغانلارنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش قارارىڭىز قە‌تئىي بولسۇ‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ئائىلىڭىز بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ ۋە يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتىدىن بە‌ھرىمە‌ن بولىسىلە‌ر.‏—‏1-‏پېتر.‏ 3:‏1،‏ 2‏.‏

8.‏ چىقارغان قارارلىرىمىز بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

8 قارارلىرىمىز ئۈچۈن جاۋابكار بولۇ‌ش.‏ يە‌ھۋا بىزگە تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى سوۋغات قىلغان.‏ ئۇ بىزنىڭ ياخشى قارارلارنى چىقىرىپ،‏ خۇ‌شال بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يامان قارارلارنى چىقارساق،‏ ئۇ بىزنى يامان ئاقىۋە‌تلە‌ردىن قوغدىمايدۇ (‏گالاتىيا.‏ 6:‏7،‏ 8‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ناتوغرا تاللىشىمىز،‏ ئويلانماي قىلغان گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ۋە ئالدىراقسانلىق بىلە‌ن قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز جاۋابكار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلىرىمىز تۈپە‌يلى،‏ ئۆزىمىزنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلىپ،‏ ۋىجدان ئازابى تارتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ چىقارغان قارارلىرىمىزغا جاۋابكار بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلىش بىزنى گۇ‌ناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىشكە ۋە ئوخشاش خاتالىقنى قايتا تە‌كرارلىماسلىققا ئۈندە‌يدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر ھايات مۇ‌سابىقىسىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

‏(‏8–‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

9.‏ خاتا قارار چىقارغان بولسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

9 بۇ يۈكنى قانداق كۆتۈرە‌لە‌يسىز؟‏ ئە‌گە‌ر بىر خاتا قارار چىقارغان ھە‌مدە ئۇ‌نى بىكار قىلالمايدىغان بولىسىڭىز،‏ رېئاللىقنى قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ ئۆتمۈشنى ئۆزگە‌رتە‌لمە‌يدىغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ.‏ ئۆزىڭىزنى ئاقلاش ئۈچۈن ۋە ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقىڭىز ئۈچۈن باشقىلارنى ئە‌يىبلە‌شكە ۋاقتىڭىزنى ۋە كۈچىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ.‏ ئە‌كسىچە،‏ خاتالىقىڭىزنى بوينىڭىزغا ئېلىڭ ۋە ھازىر قولۇ‌ڭىزدىن كېلىشىچە ياخشىراق قىلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقىڭىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۆزىڭىزنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلسىڭىز،‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئالدىدا خاتالىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ كە‌چۈرۈم سوراڭ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏11؛‏ 51:‏3،‏ 4‏)‏.‏ خاتالىقىڭىز تۈپە‌يلى،‏ كۆڭلى رە‌نجىگە‌ن كىشىلە‌ردىن كە‌چۈرۈم سوراڭ.‏ زۆرۈر بولسا،‏ ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سوراڭ (‏ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15‏)‏.‏ ئۆز خاتالىقىڭىزدىن ساۋاق ئېلىپ،‏ ئۇ‌نى تە‌كرارلاشتىن ساقلىنىڭ.‏ بۇ‌لارنى قىلغىنىڭىزدا،‏ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىڭكى،‏ يە‌ھۋانىڭ چوقۇ‌م سىزگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدۇ ۋە بارچە ئېھتىياجىڭىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏8–‏13‏.‏

چوقۇ‌م تاشلىۋېتىشىمىز زۆرۈر بولغان يۈكلە‌ر

10.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-‏ئۈمىد خۇ‌ددى ئېغىر يۈككە ئوخشاش؟‏ (‏گالاتىيالىقلار 6:‏4‏)‏

10 ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-‏ئۈمىد.‏ ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن كە‌لمە‌يدىغان ئارزۇ-‏ئۈمىد بىلە‌ن ئۆز ئۈستىمىزگە ئېغىر يۈكنى ئارتىۋالىمىز ‏(‏گالاتىيالىقلار 6:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر دائىم ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رساق،‏ ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ باشقىلار بىلە‌ن رىقابە‌تلىشىپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن (‏گالاتىيا.‏ 5:‏26‏)‏.‏ «ئە‌مە‌لگە ئېشىشى كېچىپ كە‌تكە‌ن ئۈمىد يۈرە‌كنى ئېزە‌ر»،‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-‏ئۈمىد بىلە‌ن ياشىساق،‏ بۇ بىزنى نە‌قە‌دە‌ر ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدۇ-‏ھە!‏ (‏پە‌ند.‏ نە 13:‏12‏)‏ بۇ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تىمىزنى قۇ‌رۇ‌تۇ‌پ،‏ ھايات مۇ‌سابىقىسىدە قە‌دە‌ملىرىمىزنى ئاستىلىتىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 24:‏10‏.‏

11.‏ ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-‏ئۈمىدلە‌ردىن ساقلىنىشقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

11 بۇ يۈكنى قانداق تاشلىيالايسىز؟‏ ئۆزىڭىزدىن يە‌ھۋا تە‌لە‌پ قىلغاندىن كۆپرە‌ك نە‌رسىنى تە‌لە‌پ قىلماڭ.‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ سىزدىن قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌يدىغان نە‌رسىنى كۈتمە‌يدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 8:‏12‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ ئۇ سىز قىلغان ئىشلارنى باشقىلار قىلغان ئىشلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رمايدۇ (‏مە‌تتا 25:‏20–‏23‏)‏.‏ ئۇ سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىڭىز بىلە‌ن قىلغان خىزمىتىڭىزنى،‏ سىزنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى ۋە سىزنىڭ چىدام-‏غە‌يرىتىڭىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ يېشىڭىز،‏ سالامە‌تلىكىڭىز ۋە ھازىرقى ئە‌ھۋالىڭىز تۈپە‌يلى،‏ بە‌زى ئىشنى قىلالمىسىڭىز،‏ رېئاللىقنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ خۇ‌ددى بارزىلايغا ئوخشاش،‏ يېشىڭىز ياكى سالامە‌تلىكىڭىز بېرىلگە‌ن ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاشقا يول قويمىسا،‏ رازىمە‌نلىك بىلە‌ن شۇ ئىمتىيازدىن ۋاز كېچىڭ (‏2-‏سام.‏ 19:‏35،‏ 36‏)‏.‏ مۇ‌ساغا ئوخشاش،‏ ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلىڭ ۋە مۇ‌ۋاپىق پە‌يتتە ۋە‌زىپىنى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىڭ (‏چىق.‏ 18:‏21،‏ 22‏)‏.‏ شۇ‌نداق كىچىك پېئىللىق كۆرسە‌تسىڭىز،‏ بۇ سىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغان ئارزۇ-‏ئۈمىدكە باغلىنىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ ۋە ھاياتلىق مۇ‌سابىقىسىدە ھېرىپ-‏چارچاپ كېتىشتىن قوغداپ قالىدۇ.‏

12.‏ باشقىلار چىقارغان ناتوغرا قارارى ئۈچۈن بىز جاۋابكارمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

12 باشقىلار چىقارغان خاتا قارار ئۈچۈن ئۆزىنى ئە‌يىبكار ھېس قىلىش.‏ بىز باشقىلار ئۈچۈن قارار چىقىرالمايمىز.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ دائىم ئۇ‌لارنى چىقارغان خاتا قارارلىرىنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ساقلاپ قالالمايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بالىلار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلماسلىقنى قارار قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ قارار ئاتا-‏ئانىلارنى ئېغىر قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تكە سالىدۇ.‏ بىراق،‏ بالىسىنىڭ چىقارغان قارارى ئۈچۈن ئۆزىنى ئە‌يىبلىگە‌ن ئاتا-‏ئانىلار ئۆز ئۈستىگە ئېغىر يۈكنى ئارتىۋالىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈشىنى خالىمايدۇ.‏—‏رىملىقلار 14:‏12‏.‏

13.‏ بالىسى چىقارغان خاتا قارارغا،‏ ئاتا-‏ئانا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

13 بۇ ئېغىر يۈكنى قانداق تاشلىيالايسىز‏؟‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممىمىزگە تاللاش ئە‌ركىنلىكى بە‌رگە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭ.‏ ئۇ ھە‌ر بىر ئادە‌منىڭ ئۆز تاللىشىغا يول قويىدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش-‏قىلماسلىقنى قارار قىلىش ئە‌ركىنلىكىنى بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئاتا-‏ئانا ئىكە‌نلىكىڭىزنى بىلىدۇ.‏ ئۇ قولۇ‌ڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ بالىڭىزنىڭ قارارى ئۇ‌نىڭ جاۋابكارلىقى،‏ ھە‌رگىزمۇ سىزنىڭ جاۋابكارلىقىڭىز ئە‌مە‌س (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏11‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئاتا-‏ئانا سۈپىتىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغىڭىزنى يە‌ھۋاغا ئېيتىڭ ۋە ئۇ‌نىڭدىن كە‌چۈرۈم سوراڭ.‏ ئۇ سىزنىڭ ئۆتمۈشكە قايتالمايدىغانلىقىڭىزنى ۋە يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلارنى ئۆزگە‌رتە‌لمە‌يدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ بالىڭىزنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن سىزنىڭ جاۋابكار بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ بالىڭىز يە‌ھۋاغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە،‏ ياراتقۇ‌چىمىز جە‌زمە‌ن ئۇ‌نى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏—‏لۇ‌قا 15:‏18–‏20‏.‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ردائىم ئۆزىنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلىش چوقۇ‌م تاشلاش زۆرۈر بولغان يۈك؟‏

14 ھە‌ردائىم ئۆزىنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلىش.‏ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندا،‏ ئۆزىنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلىش تە‌بىئىي ئىش.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ھە‌ردائىم ئۆزىمىزنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ.‏ بۇ ئېغىر يۈكنى چوقۇ‌م تاشلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆزىمىزنى ھە‌ردائىم گۇ‌ناھكار ھېس قىلىۋاتقانلىقىمىزنى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ توۋا قىلساق ۋە ئۇ‌لارنى قايتىلىماسلىق ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكىگە ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏19‏)‏.‏ بۇ قە‌دە‌ملە‌رنى قىلغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ داۋاملىق گۇ‌ناھكار ھېس قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ بۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن زىيانلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏10‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌ددىدىن زىيادە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌كسە‌ك،‏ ھاياتلىق مۇ‌سابىقىسىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شتىن ۋاز كېچىشىمىز مۇ‌مكىن .‏—‏2-‏كورىنت.‏ 2:‏7‏.‏

چىن كۆڭلىڭىزدىن توۋا قىلغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا داۋاملىق گۇ‌ناھلىرىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىمايدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ سىزمۇ ئويلىماسلىقىڭىز كېرە‌ك (‏15-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

15.‏ ھە‌ردائىم ئۆزىڭىزنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19،‏ 20‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

15 بۇ يۈكنى قانداق تاشلىيالايسىز؟‏ دائىم ئۆزىڭىزنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي كىشىلە‌رنى «چىن دىلدىن كە‌چۈرۈم» قىلىدىغان خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ (‏زە‌بۇ‌ر 130:‏4‏)‏.‏ ئۇ چىن قە‌لبىدىن توۋا قىلغانلارنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ «ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى ئە‌سلا يادقا» ئالمايدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏يە‌رە‌م.‏ 31:‏34‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا كە‌چۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئىلگىرى ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىزنى قايتا ئېسىگە ئالمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۆز گۇ‌ناھلىرىڭىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ ھازىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقان بولسىڭىز،‏ ھە‌رگىزمۇ يە‌ھۋا مېنى كە‌چۈرمىدى دە‌پ خاتا خۇ‌لاسە چىقارماڭ.‏ ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلار سە‌ۋە‌بلىك،‏ جامائە‌تتىكى بە‌زى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئورۇ‌نلاشتىن مە‌ھرۇ‌م قالسىڭىز،‏ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.‏ يە‌ھۋا ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق دائىم ئويلىمايدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ سىزمۇ ئويلىماسلىقىڭىز كېرە‌ك.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

غە‌لىبە قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭ

16.‏ مۇ‌سابىقىدە يۈگۈرگۈچىلە‌ر سۈپىتىدە نېمىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

16 ھاياتلىق مۇ‌سابىقىسىدە چوقۇ‌م غە‌لىبە قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏24‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر كۆتۈرۈپ يۈرۈش ياكى تاشلاش زۆرۈر بولغان يۈكلە‌ر ئارىسىدىكى پە‌رقنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ غە‌لىبە قازىنالايمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ چوقۇ‌م كۆتۈرۈپ يۈرۈش ياكى تاشلاش زۆرۈر بولغان يۈكلە‌ردىن بىر قانچىسىنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ بىراق،‏ تىلغا ئېلىشقا بولىدىغان باشقا يۈكلە‌ر ھە‌م بار.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۆزۈڭلارنى زىيادە كۆپ يە‌پ-‏ئىچىش ۋە تۇ‌رمۇ‌شنىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى بىلە‌ن ئېغىرلاشتۇ‌رماڭلار» (‏لۇ‌قا 21:‏34‏)‏.‏ ھاياتلىق مۇ‌سابىقىسىدە يۈگۈرۈۋاتقاندا،‏ ئۇ‌شبۇ ۋە باشقا ئايە‌تلە‌ر قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن ھاياتلىق مۇ‌سابىقىسىدە غە‌لىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

17 بىـز ھاياتلىـق مۇ‌سابىقىسىدە غە‌لىبـە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا بىزگە كېرە‌كلىك كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تنى بېرىدۇ (‏يە‌شايا 40:‏29–‏31‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ قە‌دە‌ملىرىڭىزنى ئاستىلاتماڭ.‏ كېلە‌چە‌كتە ئېرىشىدىغان مۇ‌كاپات ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن يۈگۈرگە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭ (‏فىلىپى.‏ 3:‏13،‏ 14‏)‏.‏ ھېچكىم بۇ مۇ‌سابىقىنى سىز ئۈچۈن يۈگۈرۈپ بېرە‌لمە‌يدۇ،‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن غە‌لىبە قازىنالايسىز.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ زۆرۈر بولغان يۈكلە‌رنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭىزگە ۋە زۆرۈر بولمىغان يۈكلە‌رنى تاشلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏19‏)‏.‏ يە‌ھۋا يېنىڭىزدا بولغاچ،‏ چىدام-‏غە‌يرە‌ت بىلە‌ن مۇ‌سابىقىنى ئاخىرغىچە يۈگۈرۈپ تاماملىيالايسىز ۋە غە‌لىبىگە ئېرىشە‌لە‌يسىز!‏

45-‏ناخشا ئالغا باس!‏

a بۇ ماقالە ھاياتلىق سە‌پىرىمىزدە مۇ‌سابىقىنى ئاخىرغىچە يۈگۈرە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يۈگۈرگۈچى سۈپىتىدە چوقۇ‌م بە‌زى يۈكلە‌رنى كۆتۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆزىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا قىلغان قە‌سە‌م،‏ ئائىلىدىكى مە‌جبۇ‌رىيە‌تلە‌ر،‏ قارارلىرىمىز ئۈچۈن جاۋابكار بولۇ‌ش.‏ ئە‌مما،‏ بىزنى ئېغىرلاشتۇ‌رىدىغان ياكى ئاستىلىتىدىغان زۆرۈر بولمىغان يۈكلە‌رنى تاشلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ بۇ ماقالە مۇ‌شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.‏

b بۇ بىر قاتار ماقالىلە‌رنى jw.org.‏ تور بېكىتىدىكى «‏ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىدىن تاپالايسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى ماقالىلە‌ر:‏ ئە‌ر-‏ئاياللار ئۈچۈن،‏ «‏قانداق ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش؟‏‏» ۋە «‏قانداق مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈش‏»؛‏ ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن،‏ «‏بالىڭىزغا تېلېفون ئىشلە‌تكە‌ندە ئېھتىياتچان بولۇ‌شنى ئۆگىتىڭ‏» ۋە «‏بالىلار بىلە‌ن قانداق سۆھبە‌تلىشىش‏»؛‏ بالىلار ئۈچۈن،‏ «‏تە‌ڭتۇ‌شلارنىڭ بېسىمىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش‏» ۋە «‏يالغۇ‌زلۇ‌قنى يېڭىش‏».‏