مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1923 —‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن

1923 —‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن

‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 1923-‏يىلى،‏ 1-‏يانۋار سانىدا مۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «1923-‏يىلىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.‏ بىزنىڭ بۇ دۇ‌نيادا زۇ‌لۇ‌م چە‌ككە‌ن كىشىلە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ كېلە‌چىكى نە‌قە‌دە‌ر گۈزە‌ل بولىدىغانلىقىنى خە‌ۋە‌ر قىلىش شان-‏شە‌رىپىمىز بار».‏ شۇ يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى،‏ چوڭ يىغىلىشلىرى ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك چوڭ ئۆزگىرىشلە‌ر بولغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ كۈچە‌يدى.‏

يىغىلىشلار تېخىمۇ ئىناق بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌ر ۋە مە‌دھىيە ناخشىلىرىنىڭ نۇ‌مۇ‌رى بېسىلغان كالېندار

شۇ يىلى تە‌شكىلات مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىبادە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌ر ھە‌پتە «دۇ‌ئا ۋە مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش ۋە تە‌جرىبە سۆزلە‌ش يىغىلىشى»دا ئايە‌تلە‌ر مۇ‌ھاكىمە قىلىناتتى،‏ بۇ يىلىدىن باشلاپ،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى»دا مە‌خسۇ‌س شۇ ئايە‌تلە‌رنىڭ چۈشە‌ندۈرۈلۈشىى بېرىلىدىغان بولدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىر كالېندار بېسىپ چىقىرىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدا ھە‌ر ھە‌پتىدە يىغىلىشتا مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغان ئايە‌تلە‌ر ۋە ئېيتىلىدىغان ناخشىلار يېزىلغان ئىدى،‏ بۇ ناخشىلار شە‌خسىي ئۆگىنىشتە ۋە ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە ئېيتىلاتتى.‏

ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى تە‌جرىبە سۆزلە‌يتتى،‏ بۇ ۋە‌ز خىزمە‌تتە باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر،‏ يە‌ھۋاغا بولغان مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈش،‏ بىر مە‌دھىيە ناخشىسىنى ئېيتىش ياكى بىر دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.‏ 1923-‏يىلى 15 يېشىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ئېۋا بارنېي ئۆز ئە‌سلىمىلىرى توغرىسىدا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر سىز سۆزلىمە‌كچى بولسىڭىز،‏ ئورنىڭىزدىن تۇ‌رۇ‌پ،‏ بىرقانچە جۈملە سۆز قىلالايتتىڭىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ‹مە‌ن رە‌ببىمىزنىڭ ماڭا بە‌رگە‌ن بە‌رىكە‌تلىرى ئۈچۈن چىن قە‌لبىمدىن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىمە‌ن› دە‌پ باشلىسىڭىز بولىدۇ».‏ بە‌زى قېرىنداشلار شۇ‌نداق جاۋاب بېرىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرە‌تتى.‏ بارنېي سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ياشانغان بۇ‌رادە‌ر گادۋىننىڭ رە‌ببىمىز ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن سۆزلىرى بار ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى رىياسە‌تچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رنىڭ بىراز جىددىيلىشىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ يولدىشىنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى تارتىپ قوياتتى،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ ئولتۇ‌راتتى».‏

ھە‌ر ئايدا بىر قېتىم ئالاھىدە بىر دۇ‌ئا ۋە مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش ۋە تە‌جرىبە سۆزلە‌ش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگە‌ن.‏ بۇ يىغىلىش ھە‌ققىدە «كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 1923-‏يىل 1-‏ئاپرېل سانىدا (‏ئىنگلىزچە)‏ مۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «بۇ يىغىلىشتا ۋاقىتنىڭ تە‌ڭ يېرىمى چوقۇ‌م تە‌جرىبە سۆزلە‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرە‌ك،‏ بۇ‌نىڭ ئاساسىي مە‌زمۇ‌نى ۋە‌ز خىزمە‌تتىكى ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى ئېيتىپ،‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان سۆزلە‌رنى قىلىش.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ بۇ جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،‏ تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ».‏

كانادانىڭ ۋانكوۋېر شە‌ھىرىدىكى 19 ياشلىق چارلىز مارتىن،‏ جامائە‌تتىكى بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بۇ يىغىلىشلاردىن ئىنتايىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ئۇ كېيىن ئە‌سلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆيمۇ-‏ئۆي ئىشىك قېقىپ ۋە‌ز قىلغاندا،‏ نېمىلە‌رنى دېيىش كېرە‌كلىكىنى مۇ‌شۇ يىغىلىشلاردا ئۆگە‌ندىم.‏ چۈنكى،‏ دائىم ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغاندا باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن تە‌جرىبىلە‌رنى ئاڭلايتتىم.‏ بۇ ماڭا نېمە دېيىش ۋە باشقىچە كۆز قاراشلاردىكى كىشىلە‌رگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌تتى».‏

ۋە‌ز خىزمىتى ئىناق-‏ئىتتىپاقلىمىزنى كۈچە‌يتكە‌ن

1923-‏يىل،‏ 1-‏مايدىكى «بيۇ‌للېتېن»‏

ۋە‌ز قىلىش كۈنلىرىمۇ قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئىناق-‏ئىتتىپاقلىققا ھە‌سسە قوشقان.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 1923-‏يىل،‏ 1-‏ئاپرېل سانىدا (‏ئىنگىلىزچە)‏ مۇ‌نداق ئېلان قىلىنغان:‏ «شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز ھە‌ممىمىز ئوخشاش بىر خىزمە‌تتە ئىناق-‏ئىتتىپاق بولدۇ‌ق… .‏ 1923-‏يىل،‏ 1-‏ماي سە‌يشە‌نبە كۈنى،‏ ۋە‌ز خىزمە‌ت كۈنى قىلىپ بە‌لگىلە‌ندى.‏ بۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ ھە‌ر ئاينىڭ بىرىنچى ھە‌پتىدىكى سە‌يشە‌نبە كۈنى جامائە‌تتىكى ھە‌ربىر ئە‌زا چوقۇ‌م ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشى كېرە‌ك».‏

ھە‌تتا ياشلارمۇ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتناشقان.‏ خېيزېل بارفورد ئىسىملىك 16 ياشتىكى بىر قېرىندىشىمىز ئە‌سلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يادقا ئېلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئۈلگىلىك سۆھبە‌تلە‌ر تە‌ييارلانغان ئىدى a‏.‏ بوۋام بىلە‌ن قىزغىن ۋە‌ز قىلاتتۇ‌ق».‏ بىراق،‏ قېرىندىشىمىز بارفورد ئويلىمىغان يە‌ردىن قارشىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌تتىكى بىر ياشانغان بۇ‌رادە‌ر مېنىڭ كىشىلە‌ر بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىپ،‏ ۋە‌ز قىلىشىمغا قارشى چىقتى.‏ چۈنكى،‏ شۇ ۋاقىتلاردا بە‌زى ئېتىقادچىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى،‏ بولۇ‌پمۇ ياش قىز-‏يىگىتلە‌رنىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ياراتقۇ‌چىمىزنى مە‌دھىيە‌لە‌ش ھە‌مدە ۋە‌ز قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشى لازىملىقىنى چۈشە‌نمىگە‌ن ئىدى» (‏زە‌بۇ‌ر 148:‏12،‏ 13‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ قېرىندىشىمىز بارفورد ۋە‌ز قىلىشتىن ۋاز كە‌چمىگە‌ن،‏ كېيىن ئۇ گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ 2-‏قارارلىق سىنىپىدا ئوقۇ‌پ،‏ پاناماغا ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى (‏مىسسىئونېر)‏ سۈپىتىدە ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ ئاخىرىدا،‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ياشلارنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇ‌رۇ‌شنى توختاتقان.‏

چوڭ يىغىلىشلار ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچە‌يتكە‌ن

يە‌رلىك ۋە رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشلار ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچە‌يتكە‌ن.‏ كۆپلىگە‌ن چوڭ يىغىلىشلاردا ۋە‌ز ئېيتىش كۈنى بە‌لگۈلە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كانادانىڭ ۋىننىپېھ شە‌ھىرىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن بىر چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان بارلىق كىشىلە‌ر ئۈچىنچى ئاينىڭ 31-‏كۈنى ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلىنغان.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ۋە‌ز ئېيتىش كۈنلىرى كېلە‌چە‌كتىكى تېخىمۇ كە‌ڭ كۆلە‌ملىك ۋە‌ز قىلىش خىزمىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان.‏ 8-‏ئاينىڭ 5-‏كۈنى تە‌خمىنە‌ن 7000 كىشى ۋىننىپېھ شە‌ھىرىدە يە‌نە بىر چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان.‏ بۇ ئە‌ينى زاماندا،‏ كانادادا چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئە‌ڭ كۆپ بىر يىغىلىش بولغان ئىدى.‏

8-‏ئاينىڭ 18-‏كۈنىدىن 26-‏كۈنىگىچە،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس-‏ئانجېلېس شە‌ھىرىدە،‏ 1923-‏يىلىدىكى ئە‌ڭ چوڭ يىغىلىشنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ شۇ چوڭ يىغىلىشتىن ئاۋۋال بىرقانچە ھە‌پتە گېزىتلاردا بۇ يىغىلىش ھە‌ققىدە ئېلانلار بېرىلگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى تە‌خمىنە‌ن 500 000دىن كۆپ ۋاراقچىلارنى تارقاتقان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاپتوبۇ‌س ۋە ماشىنىلارغا تە‌شۋىقات ئېلانلىرىنى ئېسىپ يۈرۈپ خە‌ۋە‌ر قىلغان.‏

1923-‏يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى چوڭ يىغىلىشتا،‏ لوس-‏ئانجېلېس

25-‏ئاۋغۇ‌ست شە‌نبە كۈنى،‏ بۇ‌رادە‌ر رۇ‌تېرفورد «قويلار بىلە‌ن ئۆچكىلە‌ر» ناملىق نۇ‌تۇ‌قنى ئېيتقان.‏ ئۇ نۇ‌تۇ‌قىدا،‏ قويلار يە‌ر يۈزىدە جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاشقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل كىشىلە‌ر ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ «ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش» دېگە‌ن قارارنى ئوقۇ‌غان.‏ ئۇ‌نىڭدا ساختا خرىستىئانلار ئە‌يىبلىنىپ،‏ سە‌مىمىي كىشىلە‌ر بۈيۈك بابىلوندىن ئايرىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىنغان (‏ۋە‌ھىي.‏ 18:‏2،‏ 4‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى بۇ قارار بېسىلغان مىليونلىغان ۋاراقچىلارنى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىغا تارقاتقان.‏

‏«بۇ جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،‏ تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ»‏

شۇ چوڭ يىغىلىشنىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى بىر كۈنى،‏ بۇ‌رادە‌ر رۇ‌تېرفوردنىڭ «بارلىق مىللە‌تلە‌ر ئارماگېدونغا ئاتلاندى،‏ ئە‌مما ھازىر ياشاۋاتقان مىليونلىغان كىشىلە‌ر مە‌ڭگۈ ئۆلمە‌يدۇ» ناملىق نۇ‌تۇ‌قىنى 30 000دىن كۆپرە‌ك كىشى ئاڭلىغان.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ،‏ لوس-‏ئانجېلېستىكى يېڭىدىن سېلىنغان تە‌نتە‌ربىيە مە‌يدانىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ھە‌ربىر كىشىنىڭ ئېنىق ئاڭلىشىغا كاپالە‌تلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ‌رادە‌رلە‌ر تە‌نتە‌ربىيە مە‌يدانىنىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇ سىستېمىسىنى قوللانغان.‏ شۇ زاماندا،‏ بۇ ئە‌ڭ يېڭى بىر تېخنىكا ئىدى،‏ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر بۇ چوڭ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسىنى رادىئودىن ئاڭلىغان.‏

دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا ۋە‌ز خىزمىتىنىڭ كە‌ڭ تارقىلىشى

1923-‏يىلى ئافرىقا،‏ ياۋرۇ‌پا،‏ ھىندىستان ۋە جە‌نۇ‌بىي ئامېرىكىدا ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتى تېزلىكتە كە‌ڭ تارقالدى.‏ ھىندىستاندىكى جوسېف ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئايالى ۋە ئالتە بالىسىنى بېقىپ يۈرۈپ،‏ ھىندى،‏ تامىل،‏ تېلۇ‌گۇ ۋە ئۇ‌ردۇ تىللىرىدا نە‌شىر ماتېرىياللىرىمىزنىڭ بېسىپ تارقىتىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

ۋىليام بروۋېن ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى

سېررا-‏لېئوندىكى ئالفېرېد جوسېف ۋە لېئونارد بېلە‌كمە‌ن ئىسىملىك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى نيۇ-‏يورك،‏ برۇ‌كلىندىكى باش ئىدارىگە خە‌ت يېزىپ ياردە‌م سورىغان.‏ 1923-‏يىلى،‏ 4-‏ئاينىڭ 14-‏كۈنى ئۇ‌لارنىڭ خېتىگە جاۋاب كە‌لگە‌ن.‏ بىر شە‌نبە كۈنى كە‌چتە ئالفېرېدقا بىرسى تېلېفون قىلغان.‏ شۇ كىشى:‏ «سىز كۈزىتىش مۇ‌نارى جە‌مئىيىتىگە بىر خە‌ت يېزىپ،‏ سىلە‌رگە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنى ئە‌ۋە‌تىشنى ئۆتۈنگە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ ئالفېرېد:‏ «ھە،‏ شۇ‌نداق»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ تېلېفون قىلغان كىشى:‏ «ئۇ‌لار مېنى ئە‌ۋە‌تتى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بۇ ۋىليام بروۋېن بۇ‌رادە‌ر ئىدى.‏ ئۇ ئايالى ئانتونىيا،‏ كىچىك قىزلىرى لۇ‌ئىزا ۋە لۇ‌سى بىلە‌ن كارىب ئاراللىرىدىن شۇ كۈنى كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ناھايىتى تېزلا،‏ قېرىنداشلار بۇ بىر ئائىلە بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ن.‏

ئالفېرېد مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىككىنچى كۈنى ئە‌تىگە‌ندىلا مە‌ن لېئونارد بىلە‌ن بىرلىكتە ھە‌ر ھە‌پتىسى ئۆتكۈزىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتۇ‌ق.‏ ئىشىك ئالدىدا بىر كىشى پە‌يدا بولدى.‏ بۇ بروۋېن بۇ‌رادە‌ر ئىدى.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تنى شۇ‌نچە قىزغىن سۆيە‌تتى.‏ ئۇ ئە‌تىسىلا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتماقچى بولدى».‏ بىر ئايغا يە‌تمە‌ي بۇ‌رادە‌ر بروۋېن ئۆزى ئېلىپ كە‌لگە‌ن بارلىق كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى تارقىتىپ تۈگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ يە‌نە 5000 پارچە كىتاب تاپشۇ‌رۇ‌ۋالغان،‏ بىراق ئۇ‌لارنىمۇ تارقىتىپ تۈگە‌تكە‌نىدى.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌رادە‌ر بروۋېن كىتاب ساتقۇ‌چى بولۇ‌پ تونۇ‌لمىغان.‏ ئۇ قىزغىن غە‌يرە‌ت بىلە‌ن يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن يىللار خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۇ نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقاندا،‏ ھە‌مىشە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئايە‌تلە‌رنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ كىشىلە‌ر ئۇ‌نى «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بروۋېن» دە‌پ ئاتىغان.‏

ماگدېبۇ‌رگدىكى بە‌يتە‌ل،‏ 1920-‏يىل

گېرمانىيىنىڭ بارمېن شە‌ھىرىدىكى بە‌يتە‌ل ئىشخانىسىدا ئادە‌م كۆپ بولغاچ،‏ ئۇ يە‌ردىن كۆچۈش قارار قىلىنغان ۋە بۇ شە‌ھە‌رنى قوشنا دۆلە‌ت فرانسىيە تاجاۋۇ‌ز قىلىپ ئىشغال قىلىۋالماقچى بولۇ‌پ تۇ‌رغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى ماگدېبۇ‌رگ شە‌ھىرىدە باسمىخانا ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق بىر جاينى تاپقان.‏ 6-‏ئاينىڭ 19-‏كۈنى قېرىنداشلار ماگدېبۇ‌رگتىكى يېڭى بە‌يتە‌لگە باسما ماشىنا ۋە باشقا كېرە‌كلىك ئۈسكىنە-‏سايمانلارنى پۈتۈنلە‌ي كۆچۈرۈپ بولغان.‏ دۇ‌نيا مە‌ركىزىي باش ئىدارىسىگە كۆچۈش ئىشلىرىنىڭ تامام بولغانلىقى خە‌ۋە‌ر قىلىنغاندىن كېيىن ئە‌تىسى،‏ گېزىتلاردا فرانسىيىنىڭ بارمېن شە‌ھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر بۇ كۆچۈش ئىشى يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتى ۋە ئۇ‌لارنى قوغدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏

بۇ‌رادە‌ر جورج ۋە سارا فېرگۇ‌سون ۋە ئۇ‌نىڭ قېرىندىشى

جورج ياڭ ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌ر قىلىپ،‏ برازىلىيىگە كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ يە‌ردە يېڭى بە‌يتە‌ل ئىشخانىسىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا ۋە «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىنىڭ پورتۇ‌گال تىلىدا نە‌شىر قىلىنىشىغا يول ئاچقان.‏ ئۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدە 7000 پارچىدىن ئارتۇ‌ق كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى تارقاتقان.‏ ئۇ‌نىڭ برازىلىيىگە كېلىشى سارا فېرگۇ‌سون قېرىنداش ئۈچۈنمۇ بە‌رىكە‌ت بولغان.‏ ئۇ 1899-‏يىلىدىن باشلاپ،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىنى ئوقۇ‌غان ئىدى.‏ بىراق،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ ھاياتىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان.‏ بىر قانچە ئايدىن كېيىن،‏ قېرىندىشىمىز فېرگۇ‌سون ۋە ئۇ‌نىڭ تۆت پە‌رزە‌نتى بۇ مۇ‌ھىم قە‌دە‌منى باسقان.‏

‏«داۋاملىق خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئالغا ئىلگىرىلە‌يلى»‏

‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 1923-‏يىل،‏ 15-‏دېكابىر سانىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلارنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى،‏ ۋە‌ز خىزمىتى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردىكى ئۆزگۈرۈشلە‌ر ئۇ‌لارغا قانداق تە‌سىر قىلغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بۇ ژۇ‌رنالدا مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «ناھايىتى ئېنىقكى،‏ پۈتكۈل جامائە‌تلە‌ر … ئىمان-‏ئېتىقادتا كۈچىيىپ مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولدى.‏ … ئۇ‌نداقتا،‏ قىزغىن غە‌يرە‌ت ۋە قە‌تئىي ئىرادە بىلە‌ن ئۈستىمىزگە ساۋۇ‌تلىرىمىزنى كىيىپ،‏ ئالدىمىزدىكى يېڭى يىلدا داۋاملىق خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئالغا ئىلگىرىلە‌يلى!‏»‏

كېيىنكى يىلى،‏ يە‌نى 1924-‏يىلى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ ھاياجانلىق بىر يىل بولغان.‏ بە‌يتە‌لدىكى قېرىنداشلار برۇ‌كلىن مە‌ركىزىي باش ئىدارىسىنىڭ قېشىدىكى ستاتېن-‏ئايلېند ئارىلىدا بىر قانچە ئاي قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىنى قىلغان.‏ ئۇ جايغا سېلىنىۋاتقان يېڭى ئىمارە‌تلە‌ر 1924-‏يىلىنىڭ بېشىدا تاماملىنىپ،‏ قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ ئىناق-‏ئىتتىپاق بولۇ‌پ،‏ ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان يوللار بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقىتىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

ستاتېن-‏ئايلېند ئارىلىدىكى قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچىلار

a ھازىر «مە‌سىھىي ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىز —‏ يىغىلىش قوللانمىسى» دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏