مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

44-‏تە‌تقىق ماقالىسى

خۇ‌دا سۆزىنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ

خۇ‌دا سۆزىنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ

‏«ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌قى،‏ كە‌ڭلىكى،‏ ئېگىزلىكى ۋە چوڭقۇ‌رلۇ‌قىنى تولۇ‌ق چۈشە‌نگە‌يسىلە‌ر».‏​—‏ئە‌فە‌س.‏ 3:‏18‏.‏

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە تە‌تقىق قىلىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى قانداق؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

 بىر ئۆينى سېتىۋالماقچى بولدىڭىز دە‌يلى.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ:‏ قارار چىقىرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن نېمىلە‌رنى كۆرۈپ بېقىشنى خالايسىز؟‏ پە‌قە‌ت ئۆينىڭ سىرتىدىن تارتىلغان سۈرىتىنىمۇ؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ سىز بۇ ئۆينى ئۆز كۆزىڭىز بىلە‌ن كۆرۈشنى خالايسىز،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌تراپىنى ئايلىنىپ،‏ ئىچىگە كىرىپ بارلىق بۆلۈملىرىنى تە‌كشۈرىسىز.‏ يە‌نە ئۆينىڭ پىلان خە‌رىتىسىنى تە‌كشۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق سېلىنغانلىقىنى بىلمە‌كچى بولىسىز.‏ سېتىۋالماقچى بولغان ئۆينىڭ ھە‌ربىر تە‌پسىلاتىنى كۆرۈشنى خالايسىز.‏

2 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا ۋە شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ خۇ‌ددى مىسالدا تىلغا ئالغانغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلالايمىز.‏ بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌ددى بىر ھە‌يۋە‌تلىك بىناغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌نىڭ ئېگىز مۇ‌نارلىرى ۋە چوڭقۇ‌ر ئۇ‌ل-‏ئاساسلىرى بار».‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى تېخىمۇ ياخشىراق بىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نى تېزلا ئوقۇ‌پ قويسىڭىز،‏ پە‌قە‌تلا ئاساسىي بىلىملە‌رنى ئۆگىنىشىڭىز مۇ‌مكىن (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏12‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌ددى ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ،‏ ھە‌ربىر تە‌پسىلاتنى تە‌كشۈرۈپ كۆرگە‌ندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۇ‌نى چۈشۈنۈشكە تىرىشىڭ.‏ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌رقلىق ئۈزۈندىلە‌رنىڭ بىر-‏بىرى بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈش ۋە قايسى ھە‌قىقە‌تلە‌رگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنىلا ئە‌مە‌س،‏ نېمە ئۈچۈن شۇ ھە‌قىقە‌تلە‌رگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىش.‏

3.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىمانداشلىرىنى نېمە قىلىشقا ئۈندىگە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏14–‏19‏)‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى خۇ‌دا سۆزىنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە ئۈندىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تنىڭ كە‌ڭلىكى‏،‏ ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌قى‏،‏ ئېگىزلىكى  ۋە چوڭقۇ‌رلۇ‌قىنى تولۇ‌ق چۈشە‌نسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى «يىلتىز تارتىپ،‏ ئۇ‌ل-‏ئاساسى مۇ‌ستە‌ھكە‌م» بولىدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏14–‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھازىر خۇ‌دا سۆزىنى تېخىمۇ ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نىنى چوڭقۇ‌ر چۈشىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌قىقە‌تلىرىنى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىڭ

4.‏ بىز يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

4 بىز،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىنى چۈشىنىش بىلە‌ن قانائە‌تلىنىپ قالمايمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن «خۇ‌دانىڭ چوڭقۇ‌ر ئىشلىرىنى» ئۆگىنىشكە تە‌شنا بولىمىز (‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏9،‏ 10‏)‏.‏ سىزگە قىزىق بولىدىغان ماۋزۇ‌نى تاللاپ،‏ ئۇ‌نى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا ئۆز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قە‌دىمقى خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق نامايان قىلغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌تقىق قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزنىمۇ سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئىزدىنىپ ئۆگىنىڭ.‏ ياكى بولمىسا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن بە‌لگۈلىگە‌ن ئىبادە‌ت قىلىش ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى تە‌كشۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ بۈگۈنكى كۈندە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن بە‌لگۈلىگە‌ن ئىبادە‌ت قىلىش ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ھاياتى ۋە خىزمىتى جە‌ريانىدا،‏ ئۇ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغان بېشارە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏

5.‏ سىز چوڭقۇ‌ر ئىزدىنىپ،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىدىغان ماۋزۇ بارمۇ؟‏

5 بە‌زى قېرىنداشلار ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌رنى تە‌پسىلىيرە‌ك تە‌تقىق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆگىنىشنى خالىغان ماۋزۇ‌لاردىن بە‌زىلىرى «‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۈچۈن ماۋزۇ‌لار‏» دېگە‌ن رامكىدا بار.‏ يە‌نە «كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللىرى كۆرسە‌تكۈچى» ياكى «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يول كۆرسە‌تكۈچى»دىن باشقا ماۋزۇ‌لارنىمۇ تاپالايسىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىش ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىپ،‏ «خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىمگە» ئىگە بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 2:‏4،‏ 5‏)‏.‏ ھازىر ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلالايدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ كۆرە‌يلى.‏

خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ

6.‏ (‏1)‏ پىلان بىلە‌ن نىيە‌ت ئارىسىدا قانداق پە‌رقلىق بار؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ يە‌ر يۈزى ۋە ئىنسان ئۈچۈن قىلغان نىيىتىنى مە‌ڭگۈلۈك دېيىشكە بولىدۇ؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏11‏)‏

6 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ نىيىتى ھە‌ققىدە نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ پىلان بىلە‌ن نىيە‌ت ئارىسىدا چوڭ بىر پە‌رق بار.‏ پىلاننى مە‌نزىلگە باشلايدىغان ئالدىن تاللانغان ئېنىق ۋە مۇ‌قىم يول بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ يولدا توسالغۇ پە‌يدا بولغاندا،‏ پىلان مە‌غلۇ‌پ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌ت بولسا يېتىدىغان مە‌نزىلنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان.‏ بىز قە‌يە‌رگە بېرىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېنىق بىلىمىز،‏ ئە‌مما ئۇ يە‌رگە پە‌رقلىق يوللار بىلە‌ن بېرىشقا بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىر يول توسۇ‌لغان بولسا،‏ باشقا يولنى تاللايمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئە‌سلى نىيىتىنى» ئاستا-‏ئاستا ئاشكارا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 3:‏11‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌ردائىم ئۆز مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن پە‌رقلىق يوللارنى تاللىيالايدۇ،‏ چۈنكى ئۇ «بارچە مە‌ۋجۇ‌داتنى ئۆز مە‌قسىتى ئۈچۈن» ياراتقان (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏4‏)‏.‏ خۇ‌دا نىيىتىنىڭ ئاشۇ‌رۇ‌لغانلىغىنىڭ نە‌تىجىسى مە‌ڭگۈ سۆيۈندۈرىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ نىيىتى نېمە؟‏ ئۇ ئۆز نىيىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلغان؟‏

7.‏ بىرىنچى بىر جۈپ ئىنسان ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۆز مە‌قسىتىگە يېتىش ئۈچۈن يولىنى قانداق ئۆزگە‌رتكە‌ن؟‏ (‏مە‌تتا 25:‏34‏)‏

7 خۇ‌دا تۇ‌نجى بىر جۈپ ئىنسانلارغا ئۆز مە‌قسىتى نېمە ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌لارغا:‏ «پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌پ كۆپىيىڭلار،‏ يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ يە‌ر يۈزىدىكى بارچە جانىۋارلارنى باشقۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يارىت.‏ 1:‏28‏)‏.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ياراتقۇ‌چىغا قارشى چىقىپ،‏ پۈتكۈل ئە‌ۋلادلىرىنىڭ گۇ‌ناھكار بولۇ‌شىغا سە‌ۋە‌بچى بولغاندا،‏ بۇ يە‌ھۋانى ئۆز نىيىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شتىن توسۇ‌پ قالالمىغان.‏ ئۇ نىيىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شنىڭ يولىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ ئۇ دە‌رھال ئاسماندا بىر پادىشاھلىقنى قۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىنسانىيە‌ت ۋە يە‌ر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئە‌سلى نىيىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلغان ‏(‏مە‌تتا 25:‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ تۇ‌نجى ئوغلىنى يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ كىشىلە‌رگە پادىشاھلىق توغرىسىدا تە‌لىم بە‌رگە‌ن ۋە بىزنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھاياتىنى تۆلە‌م سۈپىتىدە پىدا قىلغان.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا ئاسماندا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىلىپ،‏ ئاسمانغا قايتقان.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌رراق تە‌تقىق قىلساق،‏ خۇ‌دانىڭ نىيىتى توغرۇ‌لۇ‌ق تېخىمۇ كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارنى بىلە‌لە‌يمىز.‏

تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ،‏ ئاسماندا ۋە يە‌ردە ياشايدىغان ھە‌ممە ياراتمىلار يە‌ھۋاغا سادىق ۋە ئىناق بولىدۇ (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

8.‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي ماۋزۇ‌سى نېمە؟‏ (‏2)‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏8–‏11-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌قسىتى نېمە؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي ماۋزۇ‌سى —‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇ‌نىڭ يە‌ر يۈزىگە قارىتا قىلغان نىيىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى ئاقلاش.‏ يە‌ھۋانىڭ نىيە‌ت-‏مە‌قسىتىنى ئۆزگە‌رتكىلى بولمايدۇ.‏ ئۇ ھە‌ممە ئىشلارنىڭ ئۆزى ئېيتقاندە‌ك ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىپ كە‌لمە‌كتە (‏يە‌شايا 46:‏10،‏ 11؛‏ ئىبرانىي.‏ 6:‏17،‏ 18‏)‏.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە يە‌ر يۈزى مۇ‌كە‌ممە‌ل جە‌ننە‌ت ماكانىغا ئايلىنىپ،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىدىغان ئە‌ۋلادلىرى مە‌ڭگۈ ھاياتتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 22:‏26‏)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ نىيىتى بۇ‌نىڭدىن باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئاخىرقى مە‌قسىتى —‏ يە‌ر يۈزى ۋە ئاسماندىكى ئۆزى ياراتقان بارلىق ئە‌قىللىق ياراتمىلارنى بىرلە‌شتۈرۈش.‏ شۇ چاغدا،‏ بارلىق جانلىقلار ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن بويسۇ‌نىدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏8–‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز نىيە‌ت-‏مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئاجايىپ بىر گۈزە‌ل يولنى تاللىغانلىقى سىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رمامدۇ؟‏

كېلە‌چىكىڭىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ

9.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق قانچىلىك يىراق كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە بىلە‌لە‌يمىز؟‏

9 يارىتىلىش 3:‏15-‏ئايە‌تتىكى يە‌ھۋانىڭ ئېرە‌م بېغىدا جاكارلىغان بېشارىتىگە قاراپ باقايلى b‏.‏ بۇ ئايە‌تتە،‏ ئۇ‌نىڭ نىيىتىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئاشۇ ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر نە‌چچە مىڭ يىلدىن كېيىن يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئىبراھىمنىڭ ئە‌ۋلادى،‏ يە‌نى مە‌سىھنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىغا ئېلىپ بارىدىغان نە‌سە‌بنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏يارىت.‏ 22:‏15–‏18‏)‏.‏ ئاندىن كېيىن،‏ مىلادى 33-‏يىلى ئالدىن بېشارە‌ت قىلىنغاندە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ تاپىنى يارىلىنىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏13–‏15‏)‏.‏ بۇ بېشارە‌تنىڭ ئاخىرقى قىسىمى،‏ يە‌نى شە‌يتاننىڭ بېشىنىڭ يانجىلىشى مىڭ يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىتتىن كېيىن يۈز بېرىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏7–‏10‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياسى بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئوتتۇ‌رىسىدىكى دۈشمە‌نلىشىش يۇ‌قىرى پە‌للىگە يە‌تكە‌ندە،‏ نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارنى ئاشكارىلايدۇ.‏

10.‏ (‏1)‏ كېلە‌چە‌كتە قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز ئۆز ئە‌قلىمىزنى ۋە قە‌لبىمىزنى قانداق تە‌ييار قىلساق بولىدۇ؟‏ (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بېشارە‌ت قىلىنغان پۈتكۈل يە‌ر يۈزىنى زىل-‏زىلىگە كە‌لتۈرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئاۋۋال دۆلە‌تلە‌ر «تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىك!‏» دە‌پ جاكارلايدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏2،‏ 3‏)‏.‏ دۆلە‌تلە‌ر بارلىق ساختا دىنلارغا ھۇ‌جۇ‌م قىلغاندا،‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلىنىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 17:‏16‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ كىشىلە‌ر ئاجايىپ كۆرۈنۈشنى،‏ يە‌نى «ئىنسان ئوغلىنىڭ كۆكتىكى بۇ‌لۇ‌تلار ئۈستىدە كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت ۋە ئۇ‌لۇ‌غ شان-‏شە‌رە‌پ بىلە‌ن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ» (‏مە‌تتا 24:‏30‏)‏.‏ ئە‌يسا قويلار بىلە‌ن ئۆچكىلە‌رنى ئايرىپ،‏ ئىنسانىيە‌ت ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ (‏مە‌تتا 25:‏31–‏33،‏ 46‏)‏.‏ بىراق،‏ شە‌يتانمۇ جىم تۇ‌رمايدۇ.‏ ئۇ غە‌زە‌پ-‏نە‌پرىتى بىلە‌ن ماگوگ زېمىنىدىن بولغان گوگنى يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقىنى ھە‌رىكە‌تكە كە‌لتۈرىدۇ (‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏2،‏ 10،‏ 11‏)‏.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌لۇ‌م بىر نۇ‌قتىغا كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ر يۈزىدىكى مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ قالدۇ‌ق ئە‌زالىرى ئاسانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى قوشۇ‌نلىرى بىلە‌ن بىرلىكتە ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىغا قاتنىشىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌رۇ‌ش بىلە‌ن دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ئاخىرلىشىدۇ.‏ c (‏مە‌تتا 24:‏31؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 16:‏14،‏ 16‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ مە‌سىھنىڭ يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏6‏.‏

نە‌چچە مىليارد يىل يە‌ھۋا توغرىسىدا ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا قانچىلىك يېقىن ھېس قىلىسىز؟‏ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11.‏ سىز ئۈچۈن مە‌ڭگۈلۈك ھايات نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

11 ھازىر ھە‌تتا مىڭ يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىنكى يىراق كە‌لگۈسى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‹ياراتقۇ‌چىمىز ھە‌تتا بىزنىڭ قە‌لبىمىزگە ئە‌بە‌دىيلىكنى سالغان› (‏ۋە‌ز 3:‏11‏)‏.‏ بۇ سىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە قانداق تە‌سىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاڭ.‏ «يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ» ناملىق كىتابنىڭ 319-‏بېتىدە قىزىقارلىق بىر ئوي-‏پىكىر يېزىلغان:‏ «يۈزلىگە‌ن،‏ مىڭلىغان،‏ مىليونلىغان،‏ ھە‌تتا مىلياردلىغان يىللار ياشىغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ھازىرقىدىنمۇ كۆپرە‌ك بىلىمگە ئىگە بولىمىز،‏ ئە‌مما تېخى بىز بىلمە‌يدىغان سان-‏ساناقسىز ئاجايىپ نە‌رسىلە‌رنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز… .‏ جە‌ننە‌تتە ھايات چوقۇ‌م بىز تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلغاندىنمۇ گۈزە‌ل ۋە ئە‌ھمىيە‌تلىك بولىدۇ،‏ بىراق،‏ ئە‌ڭ سۆيۈندۈرىدىغان ئىش يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ،‏ ئالاھىدە بە‌خت-‏بە‌رىكە‌تكە ۋە قانائە‌تكە ئېرىشىمىز».‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە داۋاملىق خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ يە‌نە قانداق يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

كۆزلىرىڭىزنى ئاسمانغا تىكىڭ

12.‏ ئاسماندىكى ئىشلارنى قانداق كۆرە‌لە‌يمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ھۋانىڭ ئاسماندىكى ماكانى توغرۇ‌لۇ‌ق بىرئاز بولسىمۇ ئېيتىپ بېرىدۇ (‏يە‌شايا 33:‏5‏)‏.‏ يازمىلاردا يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ ئاسماندىكى قىسىمى ھە‌ققىدە ئاجايىپ ھە‌يران قالارلىق ئىشلار ئاشكارا قىلىنغان (‏يە‌شايا 6:‏1–‏4؛‏ دانىيال 7:‏9،‏ 10؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 4:‏1–‏6‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ھە‌زە‌كىيال كۆرگە‌ن ئاجايىپ كۆرۈنۈشلە‌رنى ئوقالايمىز.‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئاسمانلار ئېچىلدى ۋە «خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن ۋە‌ھىيلە‌رنى كۆرۈشكە باشلىدىم».‏​—‏ھە‌زە‌ك.‏ 1:‏1‏.‏

13.‏ ئىبرانىيلار 4:‏14–‏16-‏ئايە‌تلە‌ر ئە‌يسانىڭ ئاسماندىكى رولىنى ئېيتىپ بېرىدۇ،‏ سىز قايسى رولىنى بە‌ك قە‌دىرلە‌يسىز؟‏

13 يە‌نە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ پادىشاھىمىز ۋە بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان باش روھانىي سۈپىتىدە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ بىز ئۇ ئارقىلىق دۇ‌ئادا خۇ‌دانىڭ «مېھىر-‏شە‌پقە‌ت تە‌ختىگە» يېقىنلىشالايمىز ۋە «دە‌ل مۇ‌ھتاج بولغان چاغدا» رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت ھە‌مدە ياردە‌م سورىيالايمىز ‏(‏ئىبرانىيلار 4:‏14–‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئاسمانلاردا تۇ‌رۇ‌پ،‏ بىزگە قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھە‌ققىدە ھە‌ر كۈنى ئويلىنايلى.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قە‌لبىمىزگە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلىپ،‏ بىزنى قىزغىن ۋە‌ز قىلىشقا ۋە ئىبادە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 5:‏14،‏ 15‏.‏

باشقىلارغا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى بولۇ‌شقا ياردە‌م قىلغانلىقىڭىزنى بىلىپ،‏ يېڭى دۇ‌نيادىكى خۇ‌شاللىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ!‏ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئە‌يساغا مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏

14 ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا ۋە مە‌سىھ ئە‌يساغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يوللىرىدىن بىرى —‏ باشقىلارغا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ۋە ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىشتۇ‌ر (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خۇ‌داغا ۋە ھە‌زرىتى ئە‌يساغا مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دە‌ل شۇ‌نداق قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى «ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇ‌پ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شىدۇ‌ر» دېگە‌ن ھە‌قىقە‌تنى ياخشى بىلگە‌نىدى (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن،‏ «بارچە مۇ‌مكىنچىلىكلە‌ردىن پايدىلىنىپ،‏ بە‌زىلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن» ۋە‌ز خىزمىتىدە كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىشكە تىرىشقان.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏22،‏ 23‏.‏

خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئىزدىنىپ ئۆگىنىشتىن خۇ‌شاللىق تېپىڭ

15.‏ زە‌بۇ‌ر 1:‏2-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە بىزنى بە‌ختلىك قىلالايدۇ؟‏

15 زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى ھە‌قىقىي بە‌ختلىك ۋە ئىشلىرى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق ئادە‌منى مۇ‌نداق تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «ئۇ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىدىن سۆيۈنۈپ،‏ كېچە-‏كۈندۈز ئۇ‌نى ئوقۇ‌پ چوڭقۇ‌ر ئويلىنار» (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمانى جوسېف روتېرھام «زە‌بۇ‌ر كىتابىنى تە‌تقىق قىلىش» ناملىق كىتابىدا مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆز كۆز قاراشىنى يېزىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىر كىشى خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ-‏ئۈمىد قىلىشى كېرە‌ككى،‏ ئۇ‌نى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشى ۋە ئۇ‌لار ئۈستىدە ئويلىنىش ئۈچۈن ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت سە‌رپ قىلىشى لازىم.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ماي،‏ بىر كۈننى ئۆتكۈزسە،‏ ئاشۇ كۈن ئىسراپ بولۇ‌پ كېتىدۇ».‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى كۆپلىگە‌ن تە‌پسىلاتلارنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىر-‏بىرى بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ندە،‏ خۇ‌شاللىق تاپالايسىز».‏ خۇ‌دا سۆزىنى تە‌پسىلىي تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىگە زور خۇ‌شاللىق بېغىشلايدۇ!‏

16.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

16 يە‌ھۋا ئۆز سۆزى ئارقىلىق ئۆگە‌تكە‌ن گۈزە‌ل ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىش بىز ئۈچۈن ئانچە قىيىن ئە‌مە‌س.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئىبرانىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە يازغان خېتىدە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌ردىن بىرى بولغان يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ روھىي ئىبادە‌تخانىسى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بۇ ماۋزۇ ھە‌ققىدە ئىزدىنىش سىزگە زور خۇ‌شاللىق بېغىشلىسۇ‌ن!‏

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش بىر ئۆمۈر داۋام قىلىدىغان ۋە زور خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئۆگىنىش بولۇ‌پ،‏ پايدىسى بە‌ك كۆپ؛‏ بىزنى ئاسماندىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ كە‌ڭلىكى،‏ ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌قى،‏ ئېگىزلىكى ۋە چوڭقۇ‌رلۇ‌قىنى قانداق تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2022-‏يىل،‏ 7-‏ئاي سانىدىن «‏ئۆتمۈشتىكى بېشارە‌تلىك سۆزلە‌ر سىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم!‏‏» ناملىق ماقالىنى كۆرۈڭ.‏

c يېقىن كە‌لگۈسىدە يۈز بېرىدىغان يە‌ر يۈزىنى زىل-‏زىلىگە كە‌لتۈرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌رگە قانداق تە‌ييارلىق قىلىشنى بىلىش ئۈچۈن،‏ ‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا!‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق كىتابنىڭ 230-‏بېتىنى كۆرۈڭ.‏