مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

45-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋانىڭ روھىي ئىبادە‌تخانىسىدا ئىبادە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلە‌ڭ

يە‌ھۋانىڭ روھىي ئىبادە‌تخانىسىدا ئىبادە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلە‌ڭ

‏«ئاسماننى،‏ يە‌رنى،‏ … ياراتقۇ‌چىغا ئىبادە‌ت قىلىڭلار».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏7‏.‏

20-‏ناخشا يىغىلىشلىرىمىزغا بە‌رىكە‌ت بە‌ر

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىر پە‌رىشتە نېمە دە‌ۋاتىدۇ ۋە بۇ بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏

 ئە‌گە‌ر بىر پە‌رىشتە سىزگە سۆزلىسە،‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇ‌لاق سالاتتىڭىزمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۈگۈن بىر پە‌رىشتە «ھە‌رتۈرلۈك مىللە‌ت،‏ قە‌بىلە،‏ تىل ۋە خە‌لقلە‌رگە» سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏ ئۇ نېمە دە‌ۋاتىدۇ؟‏ «خۇ‌دادىن قورقۇ‌ڭلار ۋە ئۇ‌نى ئۇ‌لۇ‌غلاڭلار!‏ … ئاسماننى،‏ يە‌رنى … ياراتقۇ‌چىغا ئىبادە‌ت قىلىڭلار» (‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏6،‏ 7‏)‏.‏ يە‌ھۋا —‏ بىردىنبىر ھە‌ق خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ھە‌ممە كىشى پە‌قە‌تلا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزىنىڭ ئۇ‌لۇ‌غ روھىي ئىبادە‌تخانىسىدا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز ئۈچۈن قىممە‌تلىك پۇ‌رسە‌تنى بە‌رگىنى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا چىن قە‌لبىمىزدىن مىننە‌تدارمىز!‏

2.‏ يە‌ھۋانىڭ روھىي ئىبادە‌تخانىسى دېگە‌ن نېمە؟‏ (‏«‏ نېمىنى بىلدۈرمە‌يدۇ؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

2 ئۇ‌نداقتا،‏ روھىي ئىبادە‌تخانا دېگە‌ن نېمە ۋە ئۇ‌نى چۈشە‌ندۈرىدىغان تە‌پسىلاتلارنى قە‌يە‌ردىن تاپالايمىز؟‏ روھىي ئىبادە‌تخانا دېگىنىمىز —‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئاساسىدا ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئىبادە‌ت ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنى يە‌ھۇ‌دىيە‌دە ياشايدىغان بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئىبرانىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە يازغان خېتىدە چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ b

3،‏ 4.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمىشقا يە‌ھۇ‌دىيىدىكى ئىبرانىي ئېتىقادچىلاردىن غە‌م قىلغان ۋە ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

3 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۇ‌دىيە‌دە ياشايدىغان ئىبرانىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە نېمە ئۈچۈن خە‌ت يازغان؟‏ بۇ‌نىڭ ئىككى ئاساسىي سە‌ۋە‌بى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىرىنچى —‏ ئۇ‌لارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىش.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى يە‌ھۇ‌دىي دىنىغا ئىشىنىپ چوڭ بولغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ‌رۇ‌نقى دىنىي رە‌ھبە‌رلىرى ئۇ‌لارنى مە‌سىھكە ئە‌گە‌شكە‌نلىكى ئۈچۈن مە‌سخىرە قىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت قىلىشى ئۈچۈن بارىدىغان ھە‌يۋە‌تلىك ئىبادە‌تخانىسى،‏ خۇ‌داغا قۇ‌ربانلىق سۇ‌نىدىغان كۆزگە كۆرۈنىدىغان قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسى ۋە خىزمە‌ت قىلىدىغان روھانىيلىرى يوق ئىدى.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرگە‌ن ۋە ئېتىقادىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىگە سە‌ۋە‌ب بولغان (‏ئىبرانىي.‏ 2:‏1؛‏ 3:‏12،‏ 14‏)‏.‏ ھە‌تتا بە‌زىلىرى يە‌ھۇ‌دىي دىنىغا قايتىشىنى ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

4 ئىككىنچى،‏ پاۋلۇ‌س ئىبرانىي ئېتىقادچىلارغا ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دا سۆزىدىكى «قويۇ‌ق تاماق»نى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ تە‌لىملە‌رنى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏11–‏14‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ بە‌زىلىرى تېخىغىچە تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى چىڭ تۇ‌تقان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا تە‌لە‌پ قىلىنغان قۇ‌ربانلىقلارنىڭ گۇ‌ناھنى تولۇ‌ق كە‌چۈرۈمگە ئېرىشتۈرە‌لمە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ قانۇ‌ن «كۈچىدىن قالدۇ‌رۇ‌لدى».‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س بە‌زى چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرىسىدا تە‌لىم بېرىشكە باشلىغان.‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئاساسىدا،‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان «تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد» بارلىقىنى ئېتىقادچىلارغا ئە‌سكە‌رتكە‌ن.‏—‏ئىبرانىي.‏ 7:‏18،‏ 19‏.‏

5.‏ ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خە‌تتىن نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

5 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبرانىي قېرىنداشلارغا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنىڭ ھازىرقى ئۇ‌سۇ‌لى ئۆتمۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نى بويىچە يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قىلغان ئىبادىتى «پە‌قە‌ت كېلە‌چە‌كتىكى ئىشلارنىڭ كۆلە‌ڭگىسىدۇ‌ر‏،‏ ئە‌سلى جىسىم بولسا مە‌سىھتۇ‌ر» (‏كولوسى.‏ 2:‏17‏)‏.‏ بىر جىسىمنىڭ كۆلە‌ڭگىسىدىن ئە‌سلى ھالىتىنى ئە‌مە‌س،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭ تە‌سۋىرى شە‌كلىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ قە‌دىمدە يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى كېلە‌چە‌كتە بولىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئىبادە‌تنىڭ كۆلە‌ڭگىسى بولغان.‏ گۇ‌ناھلىرىمىزنىڭ كە‌چۈرۈلۈپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىبادە‌ت قىلالىشىمىز ئۈچۈن ئۇ قانداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنى قىلغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھازىر بىرلىكتە ئىبرانىيلار يېزىلغان خە‌تتە چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن «كۆلە‌ڭگە» (‏يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى)‏ بىلە‌ن «ئە‌سلى جىسىم»نى (‏مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى)‏ سېلىشتۇ‌رۇ‌پ باقايلى.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق روھىي ئىبادە‌تخانىنى ۋە ئۇ‌نىڭ بىز بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بارلىقىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏

ئىبادە‌ت چېدىرى

6.‏ ئىسرائىللار ئىبادە‌ت چېدىرىنى نېمە ئۈچۈن ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

6 ئىبرانىيلارنىڭ قە‌دىمقى ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ روھىي ئىبادە‌تخانا توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1512-‏يىلى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر قۇ‌رغان ئىبادە‌ت چېدىرىغا ئاساسلانغان (‏«ئىبرانىيلارنىڭ قە‌دىمقى ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى —‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلە‌رنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى» ناملىق جە‌دۋە‌لگە قاراڭ)‏.‏ ئىسرائىللار بىر جايدىن باشقا جايغا كۆچكە‌ندە،‏ ئىبادە‌ت چېدىرىنى ئۆزلىرى بىلە‌ن ئېلىپ ماڭغان.‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌ت چېدىرنى يېرۇ‌سالىمدا ئىبادە‌تخانا سېلىنغانغا قە‌دە‌ر تە‌خمىنە‌ن 500 يىل قوللانغانىدى (‏چىق.‏ 25:‏8،‏ 9؛‏ سانلار 9:‏22‏)‏.‏ بۇ «ئىبادە‌ت چېدىرى» ئىسرائىللارنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ۋە قۇ‌ربانلىقلىرىنى سۇ‌نىدىغان جاي ئىدى (‏چىق.‏ 29:‏43–‏46‏)‏.‏ بۇ چېدىر بولسا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنىڭ سىمۋولى بولغان.‏

7.‏ قاچاندىن باشلاپ روھىي ئىبادە‌تخانا پە‌يدا بولدى؟‏

7 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ قە‌دىمقى ئىبادە‌ت چېدىرى «ئاسماندىكى ئىشلارنىڭ سىمۋوللۇ‌ق تە‌سۋىرى كۆلە‌ڭگىسىدۇ‌ر».‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ روھىي ئىبادە‌تخانىسىنى تە‌سۋىرلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س «بۇ چېدىر بىر سىمۋول بولۇ‌پ،‏ ھازىر يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىدۇ» دېگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 8:‏5؛‏ 9:‏9‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبرانىيلارغا خە‌ت يازغاندا،‏ ئاللىقاچان روھىي ئىبادە‌تخانا پە‌يدا بولۇ‌پ بولغان.‏ مىلادى 29-‏يىلى،‏ ئە‌يسا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنىپ،‏ روھىي ئىبادە‌تخانىدا «باش روھانىي» سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ c‏—‏ئىبرانىي.‏ 4:‏14؛‏ ئە‌لچى.‏ 10:‏37،‏ 38‏.‏

باش روھانىي

8،‏ 9.‏ ئىبرانىيلار 7:‏23–‏27-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئىسرائىللارنىڭ باش روھانىيلىرى بىلە‌ن ئۇ‌لۇ‌غ باش روھانىي ئە‌يسا مە‌سىھ ئارىسىدا قانداق پە‌رق بار؟‏

8 ئىبرانىيلارنىڭ قە‌دىمقى ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ باش روھانىي خۇ‌دانىڭ ئالدىدا خە‌لقنىڭ ۋە‌كىلى بولغان.‏ ئىبادە‌ت چېدىرى بېغىشلانغان ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزى ئىسرائىللارنىڭ دە‌سلە‌پكى باش روھانىيسىنى ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلىگە‌ن.‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س چۈشە‌ندۈرگە‌ندە‌ك،‏ «بىرىنىڭ ئورنىغا يە‌نە بىرى ئورۇ‌ن باسار بولۇ‌پ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر روھانىيلار بولغان ئىدى»‏ d ‏(‏ئىبرانىيلار 7:‏23–‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ باش روھانىي نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇ‌ربانلىقلارنى سۇ‌نغان ئىدى.‏ بۇ جە‌ھە‌تتە باش روھانىي ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌لاردىن ئېنىق پە‌رقلىنىدۇ.‏

9 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ باش روھانىي سۈپىتىدە ئە‌يسا مە‌سىھ «ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت چېدىرىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س جايدا خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئىنسانلار ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋا ئۆزى بۇ چېدىرنى قۇ‌رغان» (‏ئىبرانىي.‏ 8:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «ئە‌يسا مە‌ڭگۈ ھايات بولغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭ روھانىيلىقىنىڭ ئورۇ‌ن باسارى يوقتۇ‌ر».‏ يە‌نە شۇ‌نداق قوشۇ‌پ قويغان:‏ «ئۇ نۇ‌قسانسىز،‏ گۇ‌ناھكارلاردىن يىراق،‏ ئاسمانلاردىن يۇ‌قىرى كۆتۈرۈلگە‌ندۇ‌ر» ۋە ئىسرائىللارنىڭ باش روھانىيلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈن «باشقا روھانىيلارغا ئوخشاش … ھە‌ر كۈنى قۇ‌ربانلىق سۇ‌نۇ‌شقا مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌س».‏ ھازىر ئىبرانىيلارنىڭ قە‌دىمقى ئىبادىتى بىلە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادىتىكى قۇ‌ربانلىقلار سۇ‌پىسى ۋە قۇ‌ربانلىقلارنى سېلىشتۇ‌رۇ‌پ باقايلى.‏

قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىلىرى ۋە قۇ‌ربانلىقلار

10.‏ مىس قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىدا سۇ‌نۇ‌لغان قۇ‌ربانلىقلار نېمىنى ئالدىن كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

10 ئىبرانىيلارنىڭ قە‌دىمقى ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ ئىبادە‌ت چېدىرىنىڭ ئالدىدا،‏ يە‌ھۋاغا قۇ‌ربانلىقلارنى سۇ‌نىدىغان بىر مىس قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسى بار ئىدى (‏چىق.‏ 27:‏1،‏ 2؛‏ 40:‏29‏)‏.‏ بىراق،‏ ئاشۇ قۇ‌ربانلىقلار ئىنسانلارنى گۇ‌ناھلاردىن تولۇ‌ق كە‌چۈرۈمگە ئېرىشتۈرە‌لمە‌يتتى (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏1–‏4‏)‏.‏ ئىبادە‌ت چېدىرىدا داۋاملىق تۈردە ھايۋانلارنى قۇ‌ربانلىققا ئېلىپ كېلىش كېلە‌چە‌كتە ئىنسانىيە‌تنى گۇ‌ناھلىرىدىن پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرۈمگە ئېرىشتۈرىدىغان بىر قۇ‌ربانلىققا مۇ‌ھتاج بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بە‌رگە‌ن.‏

11.‏ ئە‌يسا قانداق قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىدا ئۆزىنى قۇ‌ربانلىققا سۇ‌نغان؟‏ (‏ئىبرانىيلار 10:‏5–‏7،‏ 10‏)‏

11 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ ئە‌يسا شۇ‌نى ئېنىق بىلگە‌نكى،‏ يە‌ھۋا يە‌ر يۈزىگە ئۇ‌نى ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن تۆلە‌م سۈپىتىدە جېنىنى قۇ‌ربان قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌نىدى (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌يسا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ ئۆزىنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييار بولغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 6:‏38؛‏ گالاتىيا.‏ 1:‏4‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ «ئىرادىسى»گە سىمۋول قىلىنغان كۆچمە مە‌نىدىكى قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىدا،‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتىنى «بىرلا قېتىم مە‌ڭگۈگە» قۇ‌ربانلىققا سۇ‌نغان.‏ بۇ‌نىڭغا ئىشىنىدىغان كىشىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھلىرى پۈتۈنلە‌ي يېپىلىدۇ،‏ يە‌نى كە‌چۈرۈم قىلىنىدۇ.‏ ‏(‏ئىبرانىيلار 10:‏5–‏7،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مدى ئىبادە‌ت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى نە‌رسىلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س جاي ۋە ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جاي

12.‏ كىم مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا،‏ كىم ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا كىرە‌لە‌يتتى؟‏

12 ئىبرانىيلارنىڭ قە‌دىمقى ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ ئىبادە‌ت چېدىرى بىلە‌ن يېرۇ‌سالىمدا سېلىنغان ئىبادە‌تخانىنىڭ لايىھىسى ئوخشاش بولغان.‏ ھە‌ر ئىككىسىدە ئىككى بۆلۈم بار ئىدى:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س جاي ۋە ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جاي.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا بىر پە‌ردە بولغان (‏ئىبرانىي.‏ 9:‏2–‏5؛‏ چىق.‏ 26:‏31–‏33‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س جاينىڭ ئىچىدە ئالتۇ‌ن چىراغدان،‏ ئىسرىق كۆيدۈرىدىغان سۇ‌پا،‏ سۇ‌نۇ‌لغان نانلار تىزىپ قۇ‌يۇ‌لىدىغان ئۈستە‌ل بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا پە‌قە‌ت «مە‌سىھ قىلىنغان روھانىيلار» كىرىپ،‏ ۋە‌زىپىلىرىنى ئورۇ‌نلىغان (‏سانلار 3:‏3،‏ 7،‏ 10‏)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايدا يە‌ھۋانىڭ شۇ يە‌ردە ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئالتۇ‌ن ئە‌ھدە ساندۇ‌قى بار ئىدى (‏چىق.‏ 25:‏21،‏ 22‏)‏.‏ پە‌ردىنىڭ ئاشۇ تە‌رە‌پتىكى بۆلۈمىگە پە‌قە‌ت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىم گۇ‌ناھلارنىڭ كە‌چۈرۈم قىلىنىش كۈنىدە كىرە‌لە‌يتتى (‏لاۋى.‏ 16:‏2،‏ 17‏)‏.‏ ئۆزىنىڭ ۋە خە‌لقنىڭ گۇ‌ناھلىرىنىڭ كە‌چۈرۈلۈشى ئۈچۈن،‏ باش روھانىي ھە‌ر يىلى شۇ بۆلۈمگە مالنىڭ قېنىنى ئېلىپ كىرە‌تتى.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق ئىبادە‌ت چېدىرنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نە‌رسىلە‌رنىڭ سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىسىنى ئېچىپ بە‌رگە‌ن.‏—‏ئىبرانىي.‏ 9:‏6–‏8‏.‏ e

13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س جاي بىلە‌ن ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جاي نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

13 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ ئاز ساندىكى،‏ يە‌نى 144 000 مە‌سىھنىڭ شاگىرتى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىندىغان بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار ئاسماندا ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن روھانىيلار بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 1:‏6؛‏ 14:‏1‏)‏.‏ ئىبادە‌ت چېدىرىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س جاي مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا يە‌ھۋا بىلە‌ن بولىدىغان ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋىتىگە سىمۋول قىلىنىدۇ (‏رىملىقلار 8:‏15–‏17‏)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جاي يە‌ھۋا ماكانلاشقان ئاسمانغا سىمۋول قىلىنىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س جاي بىلە‌ن ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جاينى بىر-‏بىرىدىن ئايرىپ تۇ‌رغان «پە‌ردە» بولسا،‏ ئە‌يسانىڭ جىسمانىي تېنىگە سىمۋول قىلىنغان.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا ئۇ‌نىڭ تېنى،‏ روھىي ئىبادە‌تخانىنىڭ باش روھانىيسى سۈپىتىدە ئاسمانغا چىقىپ،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىشىغا يول بە‌رمىگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۆز تېنىنى ئىنسانلار ئۈچۈن قۇ‌ربانلىققا بېرىپ،‏ بارلىق مە‌سىھ قىلىنغان كىشىلە‌رنىڭ ئاسماندىكى ھاياتقا ئېرىشىشىگە يول ئاچتى.‏ ئاسماندىكى مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارمۇ جىسمانىي تېنىدىن ئايرىلىشى كېرە‌ك (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏19،‏ 20؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 15:‏50‏)‏.‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ روھىي ئىبادە‌تخانىنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايىغا كىردى،‏ كېيىن بارلىق مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئە‌يسانىڭ قېشىغا كىرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن جە‌م بولىدۇ.‏

14.‏ ئىبرانىيلار 9:‏12،‏ 24–‏26-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى قە‌دىمقىگە قارىغاندا نېمە ئۈچۈن ئۈستۈن؟‏

14 كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ بۇ ئىبادە‌ت ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى قە‌دىمقى ئىبادە‌ت ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىدىن ھە‌قىقە‌تە‌ن تېخىمۇ بە‌ك ياخشى.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا بۇ پاك ئىبادە‌ت ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ۋە روھانىيلىق ۋە‌زىپىسى ئاساسىدا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ قە‌دىمقى ئىسرائىلدا باش روھانىي ھايۋانلارنىڭ قۇ‌ربانلىق قېنى بىلە‌ن ئىنسان ياسىغان چېدىردىكى ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا كىرگە‌ن ئىدى.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ «خۇ‌دانىڭ ھۇ‌زۇ‌رىدا ھازىر بولۇ‌ش ئۈچۈن ئاسماننىڭ ئۆزىگە كىردى».‏ «ئۆزىنى قۇ‌ربان قىلىش ئارقىلىق گۇ‌ناھنى تامامە‌ن يوق قىلىش ئۈچۈن»،‏ يە‌نى ئالە‌مدىكى ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يە‌رگە كىرىپ،‏ بىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى خۇ‌داغا سۇ‌نغان ‏(‏ئىبرانىيلار 9:‏12،‏ 24–‏26‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقى بىزنىڭ گۇ‌نالىرىمىزنى مە‌ڭگۈگە يوق قىلىدۇ.‏ ئە‌مدى ئۈمىدىمىز مە‌يلى ئاسماندا ياكى يە‌ردە ياشاش بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىمىز روھىي ئىبادە‌تخانىدا يە‌ھۋاغا قانداق ئىبادە‌ت قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئىبادە‌ت چېدىرىنىڭ ھويلىلىرى

15.‏ ئىبادە‌ت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا كىملە‌ر خىزمە‌ت قىلغان؟‏

15 ئىبرانىيلارنىڭ قە‌دىمقى ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى‏.‏ ئىبادە‌ت چېدىرىنىڭ ھويلىسى ئۈستى ئوچۇ‌ق،‏ قورشالغان جاي ئىدى.‏ ئۇ يە‌ردە روھانىيلار ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلاتتى.‏ ھويلىدا كۆيدۈرمە قۇ‌ربانلىقى سۇ‌نىدىغان مىس قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسى ۋە بىر چوڭ مىس داس بار ئىدى.‏ روھانىيلار مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمىتىنى ئورۇ‌نلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ شۇ داسنى ئىشلىتىپ،‏ ئۆزىنى يۇ‌ياتتى (‏چىق.‏ 30:‏17–‏20؛‏ 40:‏6–‏8‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ سېلىنغان ئىبادە‌تخانىلارنىڭ يە‌نە بىر سىرتقى ھويلىسى بولغان.‏ ئۇ يە‌ردە روھانىيلاردىن باشقا كىشىلە‌ر خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلالايتتى.‏

16.‏ روھىي ئىبادە‌تخانىنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى ھويلىلىرىدا كىملە‌ر خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏

16 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى.‏ ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن روھانىيلار سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشتىن ئىلگىرى،‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئىچكى ھويلىدا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئىبادە‌ت چېدىرى ۋە ئىبادە‌تخانىدىكى مىس چوڭ داس خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئە‌خلاقىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئە‌سكە‌رتىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌سىھ قىلىنغان قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان زور بىر توپ خالايىق قە‌يە‌ردە ئىبادە‌ت قىلىدۇ؟‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا شۇ‌نداق كۆرۈشنى كۆرگە‌ن:‏ «ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ تە‌ختىنىڭ ئالدىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىبادە‌تخانىسىدا كېچە-‏كۈندۈز [خۇ‌داغا] مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ».‏ دېمە‌ك،‏ زور بىر توپ خالايىق ئىبادە‌تخانىنىڭ سىرتقى ھويلىسىغا سىمۋول قىلىنغان يە‌ر يۈزىدە خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9،‏ 13–‏15‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە ئۇ‌نىڭ روھىي ئىبادە‌تخانىسىدا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت بە‌رگىنىگە ھە‌قىقە‌تە‌ن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏

يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش —‏ چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ

17.‏ بىز يە‌ھۋاغا قانداق قۇ‌ربانلىقلارنى سۇ‌نالايمىز؟‏

17 بۈگۈنكى كۈندە ئە‌يسانىڭ بارلىق شاگىرتلىرىنىڭ ۋاقتى،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋىتى ۋە مال-‏مۈلكىنى ئىشلىتىپ،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقنىڭ مە‌نپە‌ئىتى ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا قۇ‌ربانلىق سۇ‌نۇ‌ش ئىمتىيازى بار.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبرانىي ئېتىقادچىلارغا ئېيتقاندە‌ك،‏ «ھە‌ردائىم خۇ‌داغا مە‌دھىيە قۇ‌ربانلىقىنى» سۇ‌نۇ‌ش،‏ «يە‌نى ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى ئاشكارا جاكارلاپ،‏ لە‌ۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى ئېلىپ» كېلە‌لە‌يمىز (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏15‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا ئە‌ڭ ياخشى قۇ‌ربانلىقلىرىمىزنى سۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

18.‏ ئىبرانىيلار 10:‏22–‏25-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ قايسى ئىشلارغا بىپە‌رۋالىق قىلماسلىق كېرە‌ك ۋە نېمىنى ھە‌رگىز ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

18 ئىبرانىيلار 10:‏22–‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىنىڭ ئاخىرىدا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشتا ھە‌رگىزمۇ بىپە‌رۋالىق قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ‌لار دۇ‌ئادا يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش،‏ ئۈمىدىمىز ھە‌ققىدە باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىش،‏ بىرلىكتە جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە يە‌ھۋانىڭ كۈنى «يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن ئىكە‌نمىز»،‏ بىر-‏بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش قاتارلىقلار ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا يە‌ھۋانىڭ پە‌رىشتىسى ئىككى قېتىم شۇ‌نداق تە‌كىتلىگە‌ن:‏ «خۇ‌داغا سە‌جدە قىلغىن» (‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏10؛‏ 22:‏9‏)‏.‏ ئۇ‌نداق بولسا،‏ روھىي ئىبادە‌تخانا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۇ‌نتۇ‌ماي،‏ ئۇ‌لۇ‌غ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلە‌يلى!‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

a چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌رنىڭ بىرى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ روھىي ئىبادە‌تخانىسى.‏ بۇ قانداق ئىبادە‌تخانا؟‏ بۇ ماقالىدە ئىبرانىيلار كىتابىدا يېزىلغان روھىي ئىبادە‌تخانا توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌پسىلىي مە‌لۇ‌ماتلار كۆپرە‌ك چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ.‏ بۇ تە‌تقىق ماقالىسى سىزنى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىنى تېخىمۇ قە‌دىرلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلسۇ‌ن.‏

b ‏jw.org تور بېكىتىدىكى «‏ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خە‌تنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈپ،‏ ئىبرانىيلارغا يېزىلغان كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق ئومۇ‌مىي چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ڭ.‏

c گرېكچە يازمىلاردىكى پە‌قە‌ت ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خە‌تتە،‏ ئە‌يسا باش روھانىي دە‌پ ئاتالغان.‏

d بىر پايدىلنىش كىتابىغا ئاساسلانغاندا،‏ مىلادى 70-‏يىلى يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانا ۋە‌يران قىلىنىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ بە‌لكىم ئىسرائىلدا تە‌خمىنە‌ن 84 باش روھانىي بولغان.‏

e گۇ‌ناھلارنىڭ كە‌چۈرۈم كۈنىدە باش روھانىيلارنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىۋېلىش ئۈچۈن،‏ jw.org تور بېكىتىدىن «‏ئىبادە‌ت چېدىرى‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

g ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2010-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ل سانى،‏ 22-‏بە‌تتىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن روھىي ئىبادە‌تخانىنىڭ مە‌نىسى قانداق ئېنىق بولدى‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏