مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

48-‏تە‌تقىق ماقالىسى

قىيىن ۋاقىتلاردا يە‌ھۋاغا تايىنىڭ

قىيىن ۋاقىتلاردا يە‌ھۋاغا تايىنىڭ

‏«‹سىلە‌ر ھە‌ممىڭلار جاسارە‌تلىك بولۇ‌ڭلار،‏ … چۈنكى مە‌ن سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولىمە‌ن›،‏—‏ دە‌يدۇ قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ركە‌ردىسى يە‌ھۋا».‏—‏ھاگاي 2:‏4‏.‏

54-‏ناخشا ئېتىقادتا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە:‏ a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ بىزنىڭ ئە‌ھۋالىمىز بىلە‌ن يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ كە‌تكە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قانداق ئوخشاشلىقى بار؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۇ‌دىيلار دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بە‌زى قىيىنچىلىقلارنى ئېيتىپ بېرىڭ (‏«‏ ھاگاي،‏ زە‌كە‌رىيا ۋە ئە‌زرانىڭ زامانى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏

 سىز بە‌زىدە كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلامسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغانسىز ۋە ئائىلىڭىزنى قانداق بېقىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌نسىرىۋاتقانسىز.‏ مۇ‌قىمسىز سىياسىي ۋە‌زىيە‌ت،‏ زىيانكە‌شلىك ياكى ۋە‌ز قىلىشىمىزغا قارشى چىققۇ‌چىلار سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئائىلىڭىزنىڭ بىخە‌تە‌رلىكى ئۈچۈن غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلغانسىز.‏ مۇ‌شۇ قىيىنچىلىقلاردىن قانداقتۇ بىرىگە دۇ‌چ كېلىۋاتامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ قە‌دىمقى ئىسرائىل خە‌لقى ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش سىزگە ئىلھام بېرىدۇ.‏

2 ئۆمۈر بويى بابىلوندا ياشىغان ئىسرائىللار ئۈچۈن،‏ ياخشى تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتلىرىنى تاشلاپ،‏ كۆپىنچىلىرىگە ناتونۇ‌ش بىر زېمىنغا بېرىش كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادى بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلالاتتى.‏ ئۇ‌لار يېرۇ‌سالىمغا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىپ،‏ ئائىلىلىرىنى بېقىش قىيىن بولغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار قوشنا خە‌لقلە‌رنىڭ قارشىلىقىغا ئۇ‌چرىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زىلە‌رنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى قايتا ياساش ئىشىغا پۈتۈنلە‌ي كىرىشىشى قىيىن بولغان.‏ مىلادىدىن بۇ‌رۇ‌ن 520-‏يىلى يە‌ھۋا ھاگاي ۋە زە‌كە‌رىيا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار خە‌لققە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىپ،‏ شۇ ئىشنى قايتىدىن قىزغىنلىق بىلە‌ن قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏ھاگاي 1:‏1؛‏ زە‌كە‌رىيا 1:‏1‏)‏.‏ ھازىر كۆرىمىزكى،‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ خىزمىتى ئۈنۈملۈك بولغان.‏ تە‌خمىنە‌ن 50 يىلدىن كېيىن يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ كە‌لگە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلار يە‌نە ئىلھام-‏مە‌دە‌تكە مۇ‌ھتاج بولغان.‏ يازمىلارنى كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتكۈچى ئە‌زرا شۇ چاغدا بابىلوندىن يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ كېلىپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنى ھاياتىدا پاك ئىبادە‌تنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏—‏ئە‌زرا 7:‏1،‏ 6‏.‏

3.‏ بىز قانداق سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏19‏)‏

3 ھاگاي ۋە زە‌كە‌رىيا يە‌تكۈزگە‌ن بېشارە‌تلە‌ر خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ قارشىلىقلارغا قارىماي داۋاملىق يە‌ھۋاغا تايىنىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ بېشارە‌تلە‌ر بىزگىمۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا داۋاملىق ئىشە‌نچ قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھاگاي ۋە زە‌كە‌رىيا بېشارىتىنى ۋە ئە‌زرانىڭ مىسالىنى مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ مۇ‌نۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپالايمىز:‏ ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ كە‌لگە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلارغا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىمىزدا داۋاملىق بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ قىيىن پە‌يتلە‌ردە يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

قىيىنچىلىقلار يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ چاچقان

4،‏ 5.‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىدا قىزغىنلىقى سوۋۇ‌پ كېتىشكە نېمە سە‌ۋە‌ب بولغان؟‏

4 يۇ‌رتىغا قايتقان يە‌ھۇ‌دىيلار ئۈچۈن يېرۇ‌سالىمدا نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلار بار ئىدى.‏ ئۇ‌لار تېزلا يە‌ھۋاغا قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى قايتا ياساپ،‏ ئىبادە‌تخانىنىڭ ئۇ‌ل ئاساسىنى قويغان (‏ئە‌زرا 3:‏1–‏3،‏ 10‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ دە‌سلە‌پكى قىزغىنلىقى ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌يلا سوۋۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ چۈنكى،‏ ئىبادە‌تخانا قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار ئۆي سېلىشى،‏ دېھقانچىلىق قىلىشى ۋە ئائىلىسىنى بېقىشى كېرە‌ك ئىدى (‏ئە‌زرا 2:‏68،‏ 70‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىبادە‌تخانىنى قايتا ياساش ئىشىنى توختىتىشنى پىلانلىغان دۈشمە‌نلە‌رنىڭ قارشىلىقىغا ئۇ‌چرىغان.‏—‏ئە‌زرا 4:‏1–‏5‏.‏

5 يۇ‌رتىغا قايتىپ كە‌لگە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلار مۇ‌قىمسىز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋە‌زىيە‌تنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لار ياشايدىغان زېمىن پارس ئىمپېرىيىسىگە تە‌ۋە بولغان.‏ مىلادىدىن ئىلگىرى 530-‏يىلى پارس پادىشاھى قورە‌ش ۋاپات بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌ختىگە كامبىس ئىسىملىك كىشى ئولتۇ‌رغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ مىسىرنى بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قوشۇ‌ن باشلاپ،‏ ھە‌ربىي ھۇ‌جۇ‌مغا ئاتلانغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌سكە‌رلىرى مىسىرغا قاراپ كېتىۋاتقاندا،‏ ئىسرائىللاردىن يېمە‌كلىك،‏ سۇ ۋە تۇ‌رىدىغان جاي سوراپ،‏ ئۇ‌لارغا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كە‌لگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ كامبىسنىڭ تە‌ختىگە ۋارىسلىق قىلغان دارىئوس 1-‏نىڭ دە‌سلە‌پكى مە‌زگىلىدە پارس ئىمپېرىيىسىدە قوزغىلاڭ بولۇ‌پ،‏ دائىم سىياسىي مۇ‌قىمسىزلىق بولۇ‌پ تۇ‌رغان.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ناھايىتى ئېنىقكى،‏ يۇ‌رتىغا قايتقان نۇ‌رغۇ‌ن يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى بېقىشى توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە سالغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلار شۇ ۋاقىتنى يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى قايتا ياساشنىڭ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتى ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلىغان.‏—‏ھاگاي 1:‏2‏.‏

6.‏ زە‌كە‌رىيا 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار يە‌نە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە زە‌كە‌رىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌لارنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رغان؟‏

6 زە‌كە‌رىيا 4:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە سىياسىي مۇ‌قىمسىز ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كېلىپلا قالماي،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار يە‌نە زىيانكە‌شلىككە ھە‌م ئۇ‌چرىغان.‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 522-‏يىلى،‏ دۈشمە‌نلە‌ر يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى قايتا ياساش ئىشىنى توسۇ‌پ قويغان.‏ ئە‌مما،‏ زە‌كە‌رىيا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۇ‌دىيلارنى يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك روھىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-‏يىلى پادىشاھ دارىئوس قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىنى چە‌كلە‌ش بۇ‌يرۇ‌قىنى ئە‌مە‌لدىن قالدۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى داۋاملىق ياسىشىغا يول قويغان.‏ ھە‌تتا يە‌ھۇ‌دىيلارغا قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن پۇ‌ل بە‌رگە‌ن ۋە يە‌رلىك ئە‌مە‌لدارلارنى ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشكە بۇ‌يرىغان.‏—‏ئە‌زرا 6:‏1،‏ 6–‏10‏.‏

7.‏ ئۆز يۇ‌رتىغا قايتقان يە‌ھۇ‌دىيلار خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغاندا قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌ن؟‏

 7 يە‌ھۋا خۇ‌دا ھاگاي ۋە زە‌كە‌رىيا ئارقىلىق،‏ ئۆز خە‌لقى ئىبادە‌تخانىنى قايتا ياساش ئىشىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدىغان بولسا،‏ ئۇ‌لارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏ھاگاي 1:‏8،‏ 13،‏ 14؛‏ زە‌كە‌رىيا 1:‏3،‏ 16‏)‏.‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-‏يىلى يە‌ھۇ‌دىيلار پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىشى بىلە‌ن ئىبادە‌تخانا قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى قايتا باشلىغان ۋە 5 يىلغا يە‌تمە‌ي قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىنى تاماملىغان.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ھە‌رتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغاچ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ماددىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ئىبادە‌ت قىلالىغان.‏—‏ئە‌زرا 6:‏14–‏16،‏ 22‏.‏

خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى داۋاملىق بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭ

8.‏ ھاگاي 2:‏4-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏

8 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت يېقىنلاپ كە‌لگە‌نسېرى،‏ بىز ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى تېخىمۇ بە‌كرە‌ك ھېس قىلىمىز (‏ماركۇ‌س 13:‏10‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا ياكى ۋە‌ز خىزمە‌تتە قارشىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە‌ك،‏ پۈتۈن قىزغىنلىقىمىز بىلە‌ن خىزمە‌تكە قاتنىشىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ «قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ردارى يە‌ھۋا»‏ b بىزگە ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر داۋاملىق خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ خۇ‌دا چوقۇ‌م بىزنى قوللاپ قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ ۋە بىز ھېچنېمىدىن قورقمايمىز.‏—‏ھاگاي 2:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

9،‏ 10.‏ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال مە‌تتا 6:‏33-‏ئايە‌تتە يېزىلغان ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا قانداق كۆز يە‌تكۈزگە‌ن؟‏

9 پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان بىر جۈپ ئولېگ ۋە ئىرىنانىڭ c مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌لار باشقا بىر جايدىكى جامائە‌تكە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كۆچۈپ بارغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ دۆلىتىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بارغانسېرى ناچارلىشىشقا باشلىغاچ،‏ ئۇ‌لار خىزمە‌تلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ تە‌خمىنە‌ن بىر يىلچە مۇ‌قىم ئىشلىرى بولمىغان،‏ بىراق ئۇ‌لار ھە‌ردائىم يە‌ھۋانىڭ غە‌مخورلۇ‌قىغا ۋە ياردىمىنى ھېس قىلغان ۋە بە‌زىدە قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئاشۇ قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇ‌رالىغان؟‏ دە‌سلە‌پتە ئولېگ ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى ئازىراق ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلە‌شكە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار بىر تە‌رە‌پتىن ئىشلە‌پ،‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن داۋاملىق ۋە‌ز قىلغان.‏ ئولېگ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ۋە‌ز خىزمىتى بىلە‌ن ئالدىراش بولۇ‌ش بىزگە دىققىتىمىزنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشقا قارىتىشقا ياردە‌م بە‌ردى».‏

10 بىر كۈنى ۋە‌ز خىزمە‌تتىن ئۆيگە قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ قوشنىسى ئۇ‌لارغا بىر يېقىن دوستىنىڭ ئىككى خالتا يېمە‌كلىك ۋە تۇ‌رمۇ‌شقا كېرە‌كلىك بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئېلىپ كە‌لگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ بۇ دوستى 160 كىلومېتر سە‌پە‌ر قىلىپ شۇ نە‌رسىلە‌رنى ئە‌كە‌لگە‌نىدى.‏ ئولېگ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاشۇ كۈنى،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يە‌نە بىر قېتىم ھېس قىلدۇ‌ق.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلىدىغانلار ئۈمىدسىز ئە‌ھۋالغا چۈشكە‌ندە،‏ ئۇ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايدۇ.‏—‏مە‌تتا 6:‏33‏.‏

11.‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏

11 يە‌ھۋا دىققىتىمىزنى ھاياتنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئىشىغا قارىتىشىمىزنى خالايدۇ.‏  7-‏ئابزاستا تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ ھاگاي پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنى ئىبادە‌تخانا قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى قايتىدىن باشلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقى ۋە‌دە قىلغان (‏ھاگاي 2:‏18،‏ 19‏)‏.‏ بىزمۇ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ ئە‌گە‌ر پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋا بىزگە تاپشۇ‌رغان خىزمە‌تنى قىلساق،‏ چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭ بە‌رىكىتىگە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏

يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز

12.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌زرا ۋە بابىلوندىن يۇ‌رتىغا قايتقان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادقا ئېھتىياجى بولغان؟‏

12 مىلادىدىن ئىلگىرى 468-‏يىلى ئە‌زرا ئىككىنچى بىر توپ يە‌ھۇ‌دىيلار بىلە‌ن يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لار بۇ خە‌تە‌رلىك سە‌پە‌رنى قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادقا مۇ‌ھتاج ئىدى.‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌تخانىغا ئىئانە قىلىنغان نۇ‌رغۇ‌ن ئالتۇ‌ن-‏كۈمۈشلە‌رنى ئۆزلىرى بىلە‌ن ئېلىپ يۈرگە‌چ،‏ ئاسانلا قاراقچىلارنىڭ ھۇ‌جۇ‌م نىشانى بولۇ‌پ قالاتتى (‏ئە‌زرا 7:‏12–‏16؛‏ 8:‏31‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي يېرۇ‌سالىمنىڭ ئۆزىمۇ بىخە‌تە‌ر ئە‌مە‌سلىكىنى بىلگە‌ن.‏ بۇ شە‌ھە‌رنىڭ ئاھالىسى ئىنتايىن شالاڭ ئولتۇ‌راقلاشقان بولۇ‌پ،‏ تاملىرى ۋە دە‌رۋازىلىرى رېمونت قىلىشقا مۇ‌ھتاج ئىدى.‏ ئە‌زرانىڭ مىسالىدىن يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

13.‏ ئە‌زرا يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى قانداق كۈچلە‌ندۈرگە‌ن؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏

13 ئە‌زرا قىيىن ۋاقىتتا يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ مۇ‌نىڭدىن يىللار ئىلگىرى،‏ يە‌نى مىلادىدىن ئىلگىرى 484-‏يىلى ئە‌زرا بابىلوندا ياشىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ئاخاشۋېروش پۈتۈن پارس ئىمپېرىيىسىدىكى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ھە‌ممىسىنى قىرىپ تاشلاش توغرىسىدا بۇ‌يرۇ‌ق چىقارغان (‏ئە‌ست.‏ 3:‏7،‏ 13–‏15‏)‏.‏ ئە‌زرانىڭ ھاياتى خە‌تە‌ر ئىچىدە قالغان ئىدى!‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ھە‌ربىر ئۆلكىدىكى يە‌ھۇ‌دىيلار روزا تۇ‌تۇ‌پ،‏ يىغا-‏زار قىلىشقان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن يول-‏يورۇ‌ق سورىغان (‏ئە‌ست.‏ 4:‏3‏)‏.‏ بىراق،‏ كېيىن ۋە‌زىيە‌ت ئۆزگىرىپ،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارغا زىيانكە‌شلىك قىلماقچى بولغان كىشىلە‌ر ھاياتىدىن ئايرىلغان.‏ شۇ ۋاقىتتا ئە‌زرا ۋە ئۇ‌نىڭ يە‌ھۇ‌دىي قېرىنداشلىرى قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ!‏ (‏ئە‌ست.‏ 9:‏1،‏ 2‏)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ئىلگىرى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن مۇ‌شۇ ۋە‌قە‌لە‌ر ئە‌زراغا كېلە‌چە‌كتىكى سىناقلارغا تە‌ييار بولۇ‌شىغا ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىنى قوغداپ قالالايدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن d‏.‏

14.‏ بىر قېرىنداش قىيىنچىلىقلاردا يە‌ھۋانىڭ ياردىمىنى كۆرۈپ،‏ نېمىنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏

14 بىز مۇ‌قىمسىز ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ غە‌مخورلۇ‌قىغا ئېرىشسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ شە‌رقىي ياۋرۇ‌پادا ياشايدىغان ئاناستاسىيانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشىدىن ئايرىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئە‌زە‌لدىن پۇ‌لسىز ۋە‌زىيە‌تكە چۈشۈپ باقمىغان.‏ مە‌ن بۇ ئىشنى يە‌ھۋاغا تاشلاپ قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ماڭا قانداق كۆيۈنگە‌نلىكىنى كۆردۈم.‏ كېلە‌چە‌كتە مە‌ن يە‌نە بىر قېتىم خىزمە‌تتىن ئايرىلىپ قالسام،‏ ھە‌رگىزمۇ قورقمايمە‌ن.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز بۈگۈن ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان بولسا،‏ ئە‌تە ھە‌م چوقۇ‌م ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمە‌ن».‏

15.‏ ئە‌زرانىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچلە‌ندۈرۈشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏ئە‌زرا 7:‏27،‏ 28‏)‏

15 ئە‌زرا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ ئە‌زرا يە‌ھۋانىڭ ئىلگىرى نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى توغرىسىدا ئويلانغاندا،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا يە‌ھۋاغا داۋاملىق ئىشىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ‌نى ئۇ‌نىڭ:‏ «خۇ‌دايىم يە‌ھۋانىڭ قولى ئۈستۈمدە بولغاچ» دېگە‌ن سۆزلىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ ‏(‏ئە‌زرا 7:‏27،‏ 28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌زرا ئۆزى قە‌لە‌مگە ئالغان يازمىلاردا مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سۆزلە‌رنى ئالتە قېتىم ئىشلە‌تكە‌ن.‏—‏ئە‌زرا 7:‏6،‏ 9؛‏ 8:‏18،‏ 22،‏ 31‏.‏

قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە خۇ‌دانىڭ ياردىمىنى ھاياتىمىزدا ئېنىق كۆرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

16.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىنى كۆرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

16 بىز قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر چوڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خوجايىنىمىزدىن رۇ‌خسە‌ت سوراشقا ياكى جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىش ۋاقتىمىزنى ئۆزگە‌رتىشنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ بىزدە يە‌ھۋانىڭ ياردىمىنى كۆرۈشنىڭ پۇ‌رسىتى بولىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئىشلار بىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشىراق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نە‌تىجىدە،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئېتىقادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

ئە‌زرا ئىبادە‌تخانىدا يىغا-‏زار قىلىپ،‏ خە‌لقنىڭ گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ خە‌لق ھە‌م يىغلاۋاتىدۇ.‏ شېكانىيا ئە‌زراغا تە‌سە‌للى بېرىپ:‏ «ئىسرائىل ئۈچۈن يە‌نىلا ئۈمىد بار… .‏ بىز سىزنى قوللايمىز» (‏ئە‌زرا 10:‏2،‏ 4‏)‏ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌زرا كە‌متە‌رلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

17 ئە‌زرا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىغان.‏ ئۇ ھە‌ر قېتىم بىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندا بېسىم ھېس قىلسا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلغان (‏ئە‌زرا 8:‏21–‏23؛‏ 9:‏3–‏5‏)‏.‏ باشقىلار ئە‌زرانىڭ يە‌ھۋاغا شۇ‌نداق تايانغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار ئە‌زرانى قوللاشقا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىمانىدىن ئۈلگە قىلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلغان (‏ئە‌زرا 10:‏1–‏4‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ماددىي ئېھتىياجلىرىمىز ياكى ئائىلىمىزنىڭ بىخە‌تە‌رلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىپ،‏ بېسىم ھېس قىلساق،‏ چوقۇ‌م ئىشە‌نچ بىلە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

18.‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 ئە‌گە‌ر بىز كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن يە‌ھۋادىن يول-‏يورۇ‌ق ئىزدە‌پ،‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلساق،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىز كۈچىيىدۇ.‏ ئېرىكا ئىسىملىك ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى قىيىن ئە‌ھۋالدىمۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ھە‌ردائىم ئىشە‌نگە‌ن.‏ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ قورسىقىدىكى بالىسىدىن ۋە قە‌دىردان يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ ئۇ ئاشۇ قىيىن ۋاقىتلارنى ئە‌سلە‌پ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا سىز ئويلاپ باقمىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌ن شۇ‌نى كۆرۈپ يە‌تتىمكى،‏ دوستلىرىمىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى،‏ قىلغان ئىشلىرى يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمغا قايتۇ‌رغان جاۋابلىرى بولدى.‏ مە‌ن دوستلىرىمغا ئىچ باغرىمنى تۆكۈپ بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار ماڭا تېخىمۇ ئاسانراق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ».‏

يە‌ھۋاغا ئاخىرغىچە ئىشە‌نچ قىلىڭ

19،‏ 20.‏ يېرۇ‌سالىمغا قايتمىغان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

19 بىز يە‌نە يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ كېتە‌لمىگە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلاردىن نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ياشىنىپ قالغان،‏ ئېغىر كېسىلى بولغان ياكى ئائىلىسىنىڭ ۋە‌زىيىتى قايتىپ كېتىشكە ئىمكانىيە‌ت ياراتمىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار قايتىپ ماڭغانلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ماددىي جە‌ھە‌تتىن ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏ئە‌زرا 1:‏5،‏ 6‏)‏.‏ بىرىنچى توپ يە‌ھۇ‌دىيلار يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ،‏ تە‌خمىنە‌ن 19 يىل ئۆتكە‌ندە،‏ بابىلوندا قالغانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلە‌ن ئىبادە‌تخانا ئۈچۈن داۋاملىق ھە‌دىيە‌لىرىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏—‏زە‌كە‌رىيا 6:‏10‏.‏

20 بىز ئۆزىمىز ئويلىغاندە‌ك كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالمىساقمۇ،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ چىن يۈرە‌كتىن قىلىۋاتقان خىزمىتىمىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلمىساق بولىدۇ.‏ بۇ‌نى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏ بۇ‌نى يە‌ھۋانىڭ زە‌كە‌رىياغا بۇ‌يرىغان ئىشلىرىدىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ شۇ ۋاقىتتا يە‌ھۋا زە‌كە‌رىيانى بابىلوندىن ئېلىپ كە‌لگە‌ن ئالتۇ‌ن ۋە كۈمۈشتىن بىر تاج ياساشقا بۇ‌يرۇ‌غان (‏زە‌كە‌رىيا 6:‏11‏)‏.‏ بۇ يوغان «تاج» ئۇ‌لارغا ئۆزلىرىنىڭ سېخىيلىق بىلە‌ن بە‌رگە‌ن ئىئانىلىرىنى ئە‌سلىتىپ تۇ‌رغان (‏زە‌كە‌رىيا 6:‏14‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن پە‌يتلە‌ردە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن بارچە تىرىشچانلىقىمىزنى ھە‌رگىز ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايدۇ.‏​—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10‏.‏

21.‏ كە‌لگۈسىدە قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌قۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟‏

21 بىز ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ھە‌رتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز،‏ كە‌لگۈسىدە ۋە‌زىيە‌ت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشى مۇ‌مكىن (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1،‏ 13‏)‏.‏ بىراق،‏ غە‌م-‏تە‌شۋىشكە پېتىپ قېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.‏ يە‌ھۋانىڭ ھاگاي پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئۆز خە‌لقىگە ئېيتقان مۇ‌نۇ سۆزىنى ئە‌ستە ساقلاڭ:‏ «مە‌ن سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولىمە‌ن … سىلە‌ر قورقماڭلار» (‏ھاگاي 2:‏4،‏ 5‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ چوقۇ‌م بىز بىلە‌ن بىللە ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ بىز ھاگاي ۋە زە‌كە‌رىيانىڭ بېشارە‌تلىرىدىن ۋە ئە‌زرانىڭ مىسالىدىن ئۆگە‌نگە‌ن ساۋاقلارنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش ئارقىلىق،‏ كە‌لگۈسىدە قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌قۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قە‌تئىي ساقلىيالايمىز.‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a بۇ ماقالە،‏ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا،‏ مۇ‌قىمسىز سىياسىي ۋە‌زىيە‌تكە ياكى ۋە‌ز خىزمىتىمىزگە قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلارغا يولۇ‌ققاندا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن ياردە‌م بېرىش مە‌قسىتىدە يېزىلغان.‏

b ‏«قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ركە‌ردىسى يە‌ھۋا» دېگە‌ن ئىبارە،‏ ھاگاي كىتابىدا 14 قېتىم ئۇ‌چرايدۇ.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ قۇ‌درە‌تلىك كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ۋە ئۇ ئاسماندىكى سان-‏ساناقسىز پە‌رىشتىلە‌ر قوشۇ‌نىغا باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏20،‏ 21‏.‏

c بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

d ئە‌زرا يازمىلارنى كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتىش ئىشىغا ماھىر بولغان.‏ ئۇ يە‌نە يېرۇ‌سالىمغا كېلىشتىن ئاۋۋال خۇ‌دانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتكە‌ن ئىدى (‏2-‏تارىخ.‏ 36:‏22،‏ 23؛‏ ئە‌زرا 7:‏6،‏ 9،‏ 10؛‏ يە‌رە‌م.‏ 29:‏14‏)‏.‏

e سۈرە‌تتە.‏ بۇ‌رادە‌ر چوڭ يىغىلىشقا بېرىش ئۈچۈن باشلىقىدىن رۇ‌خسە‌ت سوراۋاتىدۇ،‏ بىراق ئۇ رۇ‌خسە‌ت بە‌رمىدى.‏ باشلىقىنىڭ ئالدىغا يە‌نە كېلىشنىڭ ئالدىدا بۇ‌رادە‌ر يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يول-‏يورۇ‌ق سوراۋاتىدۇ.‏ ئۇ باشلىقىغا چوڭ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسىنى كۆرسىتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئادە‌ملە‌رنى ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرىۋاتىدۇ.‏ باشلىق ھە‌يران بولۇ‌پ،‏ قارارىنى ئۆزگە‌رتمە‌كچى بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏