مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

بىزنىڭ ناخشىلارنى يادلاۋېلىڭ

‏«بە‌زىدە كۆڭلۈم چۈشۈپ،‏ قە‌دىر-‏قىممىتىم يوقتە‌ك ھېس قىلىمە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ماڭا JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ناخشىلار ئارقىلىق ئىلھام بېرىدۇ».‏—‏لورېين،‏ ئامېرىكا.‏

ناخشىلىرىمىز —‏ ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسىمى (‏كولوسى.‏ 3:‏16‏)‏.‏ بۇ ناخشىلارنى يادلاۋالسىڭىز،‏ ھە‌تتا ناخشا كىتابى ياكى ئېلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىڭىز بولمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

  • ناخشىدىكى سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ ئە‌گە‌ر ناخشىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نسىڭىز،‏ ئۇ‌نى ئېسىڭىزدە ساقلاش ئاسانراق بولىدۇ.‏ ناخشىلارنىڭ ھە‌ممىسى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ناخشىلار ۋە بالىلار ئۈچۈن ناخشىلار jw.org تور بېكىتىدە «‏مۇ‌زىكا‏» دېگە‌ن يە‌ردە كۆرسىتىلىدۇ.‏

  • ناخشىلارنىڭ سۆزلىرىنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نى چاپسانراق يادلاۋالىسىز.‏​—‏تە‌كرار.‏ قا 17:‏18‏.‏

  • ناخشىنى ئېيتىڭ.‏ سۆزلە‌رنى قايتا-‏قايتا ئوقۇ‌ڭ ياكى ناخشا ئېيتىڭ.‏

  • ئېسىڭىزدە ساقلىغىنىڭىزنى تە‌كشۈرۈڭ.‏ سۆزلىرىگە قارىماي ئېيتىپ كۆرۈڭ ۋە قانچىلىك يادلاۋالغىنىڭىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈڭ.‏