مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏تە‌تقىق ماقالىسى

23-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ كۈچىمىز

يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ قورقۇ‌نچنى يېڭىڭ!‏

يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ قورقۇ‌نچنى يېڭىڭ!‏

2024-‏يىللىق ئايە‌ت:‏ ‏«مېنى قورقۇ‌نچ باسقاندا،‏ ئىشە‌نچ باغلايمە‌ن ساڭا»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 56:‏3‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىپ،‏ قورقۇ‌نچىمىزنى قانداق يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىدە قورقۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏

 بە‌زىدە ھە‌ممىمىز بىر نە‌رسىدىن قورقىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ئۆلۈكلە‌ردىن،‏ جىنلاردىن قورقىمىز ياكى كېلە‌چە‌كتە ئىنسانلارنىڭ بېشىغا نېمە ئىشلارنىڭ كېلىشىدىن ئە‌نسىرە‌پ ۋە‌ھىمىگە چۈشىمىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌ت بىزنى شۇ‌نداق قورقۇ‌نچلاردىن ئازاد قىلدى.‏ لېكىن،‏ بىز تېخىغىچە ئۇ‌رۇ‌ش،‏ جىنايە‌ت ۋە كېسە‌للىككە ئوخشاش «قورقۇ‌نچلۇ‌ق كۆرۈنۈشلە‌ر» يۈز بېرىۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز (‏لۇ‌قا 21:‏11‏)‏.‏ بىز يە‌نە،‏ بە‌لكىم پاك ئىبادە‌تكە قارشى تۇ‌رىدىغان ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى ياكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىزدىن قورقۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى قېرىنداشلار ھازىرقى ياكى كېلە‌چە‌كتىكى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌ي قېلىشىدىن قورقىدۇ.‏

2.‏ داۋۇ‌ت گاد يېرىدە بولغاندا،‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تتە بولغان؟‏

2 داۋۇ‌تنىڭمۇ قورقۇ‌نچ ئىچىدە قالغان ۋاقىتلىرى بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سائۇ‌ل ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولۇ‌پ،‏ كە‌ينىدىن قوغلىغاندا،‏ داۋۇ‌ت فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ گات دېگە‌ن شە‌ھىرىگە قېچىپ بارغان.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىش داۋۇ‌تنىڭ باتۇ‌ر جە‌ڭچى بولغانلىقىنى،‏ ھە‌تتا ئۇ توغرۇ‌لۇ‌ق «داۋۇ‌ت ئون مىڭلارچە دۈشمە‌ننى ئۆلتۈردى» دېگە‌ن ناخشا-‏قوشاقلار بارلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ داۋۇ‌ت «ئىنتايىن قورقۇ‌پ» كە‌تكە‌نىدى،‏ چۈنكى ئۇ پادىشاھ ئاكىشنىڭ ئۆزىگە زىيانكە‌شلىك قىلىشىدىن ئە‌نسىرىگە‌ن (‏1-‏سام.‏ 21:‏10–‏12‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا.‏ داۋۇ‌ت قورقۇ‌نچىنى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏

3.‏ زە‌بۇ‌ر 56:‏1–‏3،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ داۋۇ‌ت قورقۇ‌نچىنى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏

3 زە‌بۇ‌ر 56-‏بابتا‏،‏ داۋۇ‌ت گات شە‌ھىرىدە بولغاندا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى يازغان.‏ بۇ بابتا،‏ ئۇ پە‌قە‌ت قورقۇ‌نچىنىڭ سە‌ۋە‌بىنىلا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نى قانداق يە‌ڭگە‌نلىكىنىمۇ ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ داۋۇ‌ت قورققان چاغدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايانغان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 56:‏1–‏3،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىشى ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلە‌ر بار ئىدى.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىسى بىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت غە‌لىتە،‏ ئە‌مما ئۈنۈملۈك بىر ئامالنى ئويلاپ تاپقان.‏ داۋۇ‌ت غە‌لىتە قىلىقلارنى قىلىپ،‏ ئۆزىنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ساراڭدە‌ك كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پادىشاھ ئاكىش داۋۇ‌تنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نى قوغلىۋېتىشنى بۇ‌يرىغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ داۋۇ‌ت ئامان قالالىغانىدى.‏—‏1-‏سام.‏ 21:‏13–‏22:‏1‏.‏

4.‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك تايىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

4 بىزمۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايانساق،‏ قورقۇ‌نچنى يېڭە‌لە‌يمىز.‏ بىراق،‏ بىز بولۇ‌پمۇ قورقۇ‌نچ ئىچىدە قالغاندا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ سىز ئېغىر بىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنى بىلگە‌ندە،‏ بېشىدا قورقۇ‌پ كېتىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ كېيىن،‏ سىزنى ياخشى بىر دوختۇ‌ر داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقىنى بىلىسىز.‏ ئۇ‌نىڭ بۇ‌نداق كېسە‌لنى داۋالاشتا تە‌جرىبىسى مول بولۇ‌پ،‏ ئۇ ئىلگىرى نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌رنى داۋالاپ ساقايتقانىدى.‏ دوختۇ‌ر سىزنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشايدۇ ۋە سىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ ئۇ سىزگە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ساقايتقان ئۈنۈملۈك بىر داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ بۇ‌رۇ‌ن نېمە قىلغانلىقى،‏ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقى ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانساق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 56-‏بابتىن‏،‏ داۋۇ‌تمۇ شۇ‌نداق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.‏ ھازىر ئۇ يازغان بە‌زى سۆزلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ سىزمۇ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىپ،‏ ئۆزىڭىزنىڭ قورقۇ‌نچىنى يېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ بېقىڭ.‏

يە‌ھۋا بۇ‌رۇ‌ن نېمە قىلغان؟‏

5.‏ داۋۇ‌ت قورققان ۋاقىتلاردا نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانغان؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 56:‏12،‏ 13‏)‏

5 داۋۇ‌ت خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تتە بولغاندا،‏ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ بۇ‌رۇ‌ن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانغان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 56:‏12،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ داۋۇ‌ت ئۆمۈر بويى خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشقا ئادە‌تلە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ يە‌ھۋا ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلارغا قاراپ ئويلانغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ چە‌كسىز كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ۋە ئۇ ئىنسانلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏6–‏9‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ باشقىلار ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌م ئويلانغان (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏19؛‏ 37:‏25،‏ 26‏)‏.‏ بولۇ‌پمۇ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغان.‏ خۇ‌دا داۋۇ‌تنى كىچىك چېغىدىن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌نى ھىمايە قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 22:‏9،‏ 10‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئاشۇ ئىشلار ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش چوقۇ‌م داۋۇ‌تنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتكە‌ن!‏

داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ بۇ‌رۇ‌ن نېمە قىلغانلىغى،‏ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقى ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمە قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتتى (‏5،‏ 8 ۋە 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d


6.‏ قورققان ۋاقىتلاردا يە‌ھۋاغا تايىنىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6 سىزنى قورقۇ‌نچ چىرمىۋالغاندا،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «يە‌ھۋا بۇ‌رۇ‌ن قانداق ئىشلارنى قىلغان؟‏».‏ ئۇ ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ بېقىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قۇ‌شلار ياكى گۈللە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلمىغان بولسىمۇ ياكى ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلالمىسىمۇ،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ بىز ئۈچۈن تېخىمۇ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏25–‏32‏)‏ سىز يە‌نە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر كىشى ياكى يە‌ھۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى بىر خىزمە‌تچىسى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوقۇ‌سىڭىزمۇ بولىدۇ a‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋانىڭ شە‌خسە‌ن سىز ئۈچۈن قانداق ياخشىلىقلارنى قىلغانلىقىنى ئە‌سلە‌پ كۆرۈڭ.‏ ئۇ سىزنى ھە‌قىقە‌تكە قانداق جە‌لپ قىلغان؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏ دۇ‌ئالىرىڭىزغا قانداق جاۋاب بە‌رگە‌ن؟‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14‏)‏ ئۇ يالغۇ‌ز ئوغلىنى سىز ئۈچۈن قۇ‌ربان قىلغاچ،‏ ھە‌ر كۈنى بۇ‌نىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرۈۋاتىسىز؟‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏7؛‏ ئىبرانىي.‏ 4:‏14–‏16‏.‏

يە‌ھۋانىڭ بۇ‌رۇ‌ن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى،‏ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئويلىساق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىمىز (‏6،‏ 9،‏ 10،‏ 13 ۋە 14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e


7.‏ دانىيالنىڭ ئۈلگىسى ۋانېسسانىڭ قورقۇ‌نچىنى يېڭىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌ردى؟‏

7 ھايتىدا ياشايدىغان ۋانېسسا b ئىسىملىك قېرىندىشىمىز قورقۇ‌نچلۇ‌ق بىر ۋە‌زىيە‌تنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ بىر مە‌ھە‌للىدە ياشايدىغان ئە‌ر كىشى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت بولۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ر كۈنى قايتا-‏قايتا تېلېفون قىلىپ،‏ ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ۋانېسسا ئۇ‌نىڭ تە‌كلىپىنى قە‌تئىي رە‌ت قىلغان.‏ ئۇ ئە‌ر كىشى تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌ھدىت سېلىشقا باشلىغان.‏ ۋانېسسا:‏ «مە‌ن بە‌ك قورقۇ‌پ كە‌تتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ ئۇ قورقۇ‌نچنى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئە‌مە‌لىيە‌ت ئىش-‏ھە‌رىكە‌تكە ئۆتۈپ،‏ بىر ئاقساقالدىن ياردە‌م سورىغان.‏ ئاقساقال ئۇ‌نى ساقچىلاردىن ياردە‌م سوراشقا ئۈندىگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆتمۈشتە ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى قانداق قوغدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغان.‏ ۋانېسسا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئېسىمگە كە‌لگە‌ن بىرىنچى ئادە‌م دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر.‏ ئۇ‌نىڭ ھېچقانداق گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نى ئاچ قورساق شىرلارنىڭ ئارىسىغا تاشلاشقان.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى قوغداپ قالغان.‏ مە‌نمۇ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ بۇ قىيىنچىلىقنى ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌ردۇ‌م.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ قايتا قورقمايدىغان بولدۇ‌م».‏—‏دانىيال 6:‏12–‏22‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا ھازىر نېمە قىلىۋاتىدۇ؟‏

8.‏ داۋۇ‌ت نېمىگە ئىشە‌نچ باغلىغان؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 56:‏8‏)‏

8 گات شە‌ھىرىدە داۋۇ‌تنىڭ ھاياتى خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تتە بولسىمۇ،‏ ئۇ قورققىنىدىن ھودۇ‌قۇ‌پ كە‌تمىگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ دە‌ل شۇ ۋاقىتتا ئۇ‌نىڭغا نېمىلە‌رنى قىلىۋاتقانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغان.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا يول-‏يورۇ‌ق بېرىپ،‏ ئۇ‌نى قوغدىغانلىقى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتە‌لىگە‌نىدى ‏(‏زە‌بۇ‌ر 56:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌نە داۋۇ‌تقا ئۇ‌نىڭ يوناتان ۋە ئالىي روھانىي ئاخىمە‌لە‌ك دېگە‌ن دوستلىرى يار-‏يۆلە‌پ بولغان.‏ بۇ سادىق دوستلىرى ئۇ‌نى دائىم قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن ۋە ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏1-‏سام.‏ 20:‏41،‏ 42؛‏ 21:‏6،‏ 8،‏ 9‏)‏.‏ گە‌رچە پادىشاھ سائۇ‌ل ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولسىمۇ،‏ داۋۇ‌ت قېچىپ ھاياتى ئامان قالغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت ئۆز بېشىغا كە‌لگە‌ن ئېغىر كۈنلە‌رنى ۋە بۇ ۋە‌زىيە‌تتە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لاردا بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ياراتقۇ‌چىسى يە‌ھۋا ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏

9.‏ يە‌ھۋا نېمىنى بايقايدۇ؟‏

9 ئېغىر بىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىپ،‏ قورقۇ‌نچ ئىچىدە قالغاندا،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ۋە‌زىيىتىڭىزنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا پە‌قە‌تلا مىسىرلىقلارنىڭ ئۆز خە‌لقىگە ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىسرائىللارنىڭ «ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى» كۆرگە‌ن (‏چىق.‏ 3:‏7‏)‏.‏ داۋۇ‌ت زە‌بۇ‌ردا،‏ ئۆزىنىڭ ‹جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلىرى› ۋە ‹دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملىرىنى›،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرگە‌نلىكىنى يازغان (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏7‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۆزلىرىنىڭ چىقارغان ئە‌خمىقانە قارارلىرى تۈپە‌يلى،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چە‌ككە‌ندە،‏ «ئۇ ھە‌م تە‌ڭ ئازاب» چە‌ككە‌ن (‏يە‌شايا 63:‏9‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ سىز قورققان چاغدا،‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ يە‌ھۋا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى چۈشىنىپلا قالماي،‏ قورقۇ‌نچىڭىزنى يېڭىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىشنى ھە‌م بە‌ك خالايدۇ.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا سىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە چوقۇ‌م ياردە‌م قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز؟‏

10 بە‌لكىم،‏ قورقۇ‌نچلۇ‌ق سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا ماڭا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى نە‌دىن بىلىمە‌ن؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ كخۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ سىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىشنى تىلە‌ڭ (‏2-‏پادىشاھ.‏ 6:‏15–‏17‏)‏.‏ كېيىن،‏ بۇ سوئاللار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ بېقىڭ:‏ يىغىلىشتا ئېيتىلغان نۇ‌تۇ‌ق ياكى بىر قېرىنداشنىڭ بە‌رگە‌ن جاۋاب مېنى ئىلھاملاندۇ‌ردىمۇ؟‏ قانداقتۇ بىر كىتاب،‏ ژۇ‌رنال،‏ فىلىم ياكى ناخشا ماڭا كۈچ-‏مە‌دە‌ت بە‌ردىمۇ؟‏ بىر قېرىنداش سىزگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان بىر ئايە‌تنى كۆرسە‌تتىمۇ ياكى بىر ئوي-‏پىكىرنى ئېيتىپ بە‌ردىمۇ؟‏ بە‌زىدە بىز كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىمىز ۋە مول روھىي ئوزۇ‌قنى ئادە‌تتىكى بىر نە‌رسىدە‌ك قاراپ،‏ ئۇ‌نى قە‌دىرلىمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ قىممە‌تباھا سوۋغاتلىرىدۇ‌ر (‏يە‌شايا 65:‏13؛‏ ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30‏)‏.‏ بۇ سوۋغاتلار بولسا يە‌ھۋانىڭ بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نچ قىلساق بولىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق دە‌لىل-‏ئىسپاتىدۇ‌ر.‏—‏يە‌شايا 49:‏14–‏16‏.‏

11.‏ ئائىداغا قورقۇ‌نچىنى يېڭىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌ردى؟‏

11 سېنېگالدا ياشايدىغان ئائىدا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز قىيىنچىلىق ۋاقتىدا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا يار-‏يۆلە‌ك بولغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ ئائىلىدە بالىلارنىڭ ئە‌ڭ چوڭى بولغاچ،‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نىڭدىن كۆپرە‌ك پۇ‌ل تېپىپ،‏ ئائىلىسىگە ياردە‌م بېرىشنى كۈتكە‌ن.‏ كلېكىن،‏ ئائىدا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئاددى-‏ساددا ھايات كە‌چۈرگە‌چ،‏ ئىقتىسادى جە‌ھە‌تتىن قىينىلىپ قالغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۆيدىكىلە‌ر ئۇ‌نىڭدىن نارازى بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ئە‌يىبلە‌پ ئاچچىقلانغان.‏ ئائىدا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئاتا-‏ئانامنىڭ ئائىلىنى بېقىشىغا ياردە‌م قىلالمىسام،‏ ھە‌ممىسىنىڭ مېنى چە‌تكە قېقىشىدىن قورقتۇ‌م،‏ ھە‌تتا ۋە‌زىيە‌ت يامانلاشقانسېرى يە‌ھۋادىن ئاغرىندىم».‏ كېيىنرە‌ك بىر كۈنى،‏ ئائىدا ئىبادە‌ت يىغىلىشىدا بىر نۇ‌تۇ‌ق ئاڭلىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ناتىق يە‌ھۋانىڭ قە‌لبىمىزنى ئازابلايدىغان بارچە غە‌م-‏قايغۇ‌لىرىمىزنى بىلىدىغانلىقىنى ئە‌سكە‌رتتى.‏ ئاستا-‏ئاستا ئاقساقاللارنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ بە‌رگە‌ن مە‌سلىھە‌تلىرى ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزدۈم.‏ كېيىن،‏ كۆز قارىشىمنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ قايتىدىن يە‌ھۋاغا تايىنىدىغان بولدۇ‌م.‏ بۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ قايتىدىن يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىدىغان بولدۇ‌م ۋە ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆردۈم.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ كۆڭلۈم ئارام تاپقاندە‌ك ھېس قىلدىم».‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئائىدا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدىغان ۋە ئاتا-‏ئانىسىغا ھە‌م ئىقتىسادى جە‌ھە‌تتىن ياردە‌م بېرىشكە پۇ‌رسە‌ت يارىتىدىغان بىر ئىشنى تاپقان.‏ ئائىدا:‏ «مە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا پۈتۈنلە‌ي قە‌لبىم بىلە‌ن ئىشە‌نچ باغلاشنى ئۆگە‌ندىم،‏ ھازىر مە‌ن دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ ئىچىمدىكى قورقۇ‌نچ يوق بولۇ‌پ كېتىدۇ».‏

يە‌ھۋا كېلە‌چە‌كتە نېمە قىلىدۇ؟‏

12.‏ زە‌بۇ‌ر 56:‏9-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ داۋۇ‌ت نېمىگە قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن؟‏

12 زە‌بۇ‌ر 56:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌تتىن،‏ داۋۇ‌تنىڭ قورقۇ‌نچنى يېڭىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لنى كۆرىمىز.‏ ھاياتى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ئاستىدا بولغاندا،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ كېلە‌چە‌كتە ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغان.‏ داۋۇ‌ت شۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌نكى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى دە‌ل ۋاقتى-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە قۇ‌تقۇ‌زىدۇ.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا ئىسرائىلنىڭ كېيىنكى پادىشاھىنىڭ داۋۇ‌ت بولىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌دە قىلغان (‏1-‏سام.‏ 16:‏1،‏ 13‏)‏ داۋۇ‌تقا نىسبە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋا نېمىلە‌رنى ۋە‌دە قىلغان بولسا،‏ ئۇ‌لار ئاللىقاچان ئە‌مە‌لگە ئېشىپ بولغان ئىدى.‏

13.‏ يە‌ھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

13 يە‌ھۋا خۇ‌دا كېلە‌چە‌كتە سىز ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان؟‏ گە‌رچە ھازىر بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە‌كمۇ،‏ كېلە‌چە‌كتە ئۇ چوقۇ‌م بۇ دۇ‌نيادا دۇ‌چ كېلىۋاتقان بارچە قىيىنچىلىقلارنى c كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نيادا پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىدۇ (‏يە‌شايا 25:‏7–‏9‏)‏.‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانىڭ ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرۈش،‏ بىزنى كېسە‌لدىن ساقايتىش،‏ بىزگە قارشى چىققانلارنىڭ ھە‌ممىسىنى يوق قىلىشقا تامامە‌ن كۈچ-‏قۇ‌درىتى يېتىدۇ.‏ —‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏4‏.‏

14.‏ نېمىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلساق بولىدۇ؟‏

14 قورققان چاغدا،‏ يە‌ھۋانىڭ كېلە‌چە‌كتە نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ.‏ شە‌يتان يوق قىلىنغاندا،‏ رە‌زىل كىشىلە‌ر ھالاك بولغاندا ۋە يە‌ر-‏يۈزىدە پە‌قە‌ت ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌ر ياشاپ،‏ بىز ئاستا-‏ئاستا مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شقا باشلىغاندا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىسىز؟‏ 2014-‏يىلدىكى،‏ ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشتا،‏ كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتىكى تۇ‌رمۇ‌شنى قانداق تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئۈلگە كۆرسىتىلگە‌نىدى.‏ بىر دادا ئائىلىسىدىكىلە‌ر بىلە‌ن بىرلىكتە،‏ 2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5-‏ئايە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ ئە‌گە‌ر بۇ ئايە‌تتە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن يېڭى دۇ‌نيانىڭ مە‌نزىرىسى باشقىچە سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئىپادىلە‌نگە‌ن بولسا قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىنلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشقان.‏ بە‌لكىم ئايە‌تلە‌ردە شۇ‌نداق ئىپادىلە‌ر بولاتتى:‏ «يېڭى دۇ‌نيا كە‌لدى،‏ ئە‌مدى بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىسە‌ن.‏ ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرىگە كۆيۈنىدۇ،‏ ھە‌قىقە‌تنى سۆيىدۇ،‏ كىچىك-‏پېئىل،‏ كە‌متە‌ر،‏ خۇ‌دانى مە‌دھىيە‌لە‌يدۇ،‏ ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نىدۇ،‏ مىننە‌تدار،‏ ۋاپادار،‏ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ماقۇ‌ل بولىدۇ،‏ باشقىلارنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدۇ،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالىدۇ،‏ مۇ‌لايىم،‏ ياخشىلىقنى سۆيىدۇ،‏ ئىشە‌نچىلىك،‏ باشقىلارغا يول قويىدۇ،‏ كە‌متە‌ر،‏ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دانى سۆيىدۇ،‏ ئىخلاسمە‌نلىكنىڭ كۈچىنى ئېتىراپ قىلىدۇ،‏ مۇ‌نداق كىشىلە‌ر بىلە‌ن قويۇ‌ق باردى-‏كە‌لدى قىلىڭ».‏ سىز دائىم ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر بىلە‌ن ياكى قېرىنداشلار بىلە‌ن كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە ھاياتىمىز قانداق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ تۇ‌رامسىز؟‏

15.‏ تانيانىڭ قورقۇ‌نچىنى يېڭىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

15 شىمالىي ماكېدونىيىدە ياشايدىغان تانيا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز كېلە‌چە‌كتىكى بە‌رىكە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىش ئارقىلىق ئىچىدىكى قورقۇ‌نچنى يە‌ڭدى.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا،‏ ئاتا-‏ئانىسى قاتتىق قارشى تۇ‌رغانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن قورققان بە‌زى ئىشلار راستىنلا يۈز بە‌ردى،‏ ھە‌ر قېتىم جامائە‌ت يىغىلىشىدىن قايتىپ كە‌لسە‌م،‏ ئاپام مېنى ئۇ‌رۇ‌پ سوقاتتى.‏ ئاتا-‏ئانام يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولسام،‏ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تە‌ھدىت سالاتتى».‏ ئاخىرىدا،‏ ئاتا-‏ئانىسى تانيانى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋە‌تكە‌ن.‏ تانيا بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن دائىم،‏ ئە‌گە‌ر سادىق بولۇ‌پ قالسام،‏ جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىدىغانلىقىم توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاندىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ دۇ‌نيادا ۋاز كە‌چكە‌ن نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا مېنى يېڭى دۇ‌نيادا قانداق مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقى ۋە ھازىرقى بارچە قىيىنچىلىقلار ئە‌سكە ئېلىنمايدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاندىم».‏ تانيا ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ قالدى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن تۇ‌رىدىغان جاي تاپتى.‏ ھازىر تانيا خۇ‌داغا سادىق بىر بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن توي قىلىپ،‏ بىرلىكتە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تولۇ‌ق ۋاقىت يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

ھازىردىن باشلاپ يە‌ھۋاغا تايىنىڭ

16.‏ لۇ‌قا 21:‏26–‏28-‏ئايە‌تلە‌ردە بېشارە‌ت قىلىنغان ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر «قورقۇ‌پ ۋە‌ھىمە ئىچىدە ئە‌س-‏ھوشىنى يوقىتىشىدۇ».‏ بىراق،‏ شۇ چاغدا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى تە‌ۋرە‌نمە‌ي،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن مە‌ھكە‌م تۇ‌رىدۇ ‏(‏لۇ‌قا 21:‏26–‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز نېمە ئۈچۈن قورقمايمىز؟‏ چۈنكى،‏ شۇ ۋاقىتقىچە،‏ بىز ئاللىقاچان خۇ‌داغا ئىشە‌نچ قىلىشنى ئۆگىنىپ بولىمىز.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان قېرىندىشىمىز تانيا ئىلگىرى قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌چكە،‏ ئۇ كېيىنرە‌ك دۇ‌چ كە‌لگە‌ن باشقا قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلار بولسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىپ،‏ ئاخىرىدا بىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ بە‌زىدە ئىشلارنى مە‌لۇ‌م كىشىلە‌ر ئۆز ئالقىنىغا ئېلىۋالغاندە‌ك كۆرىدۇ،‏ لېكىن ئە‌مە‌لىيە‌تتە بولسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا رۇ‌خسە‌ت بە‌رمىسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ قىيىنچىلىق قانچە مۈشكۈل كۆرۈنسىمۇ،‏ ئۇ ھامان بىر كۈنى چوقۇ‌م ئاخىرلىشىدۇ».‏

17.‏ 2024-‏يىللىق ئايە‌ت بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

17 بۈگۈنكى كۈندە كىشىنى قورقۇ‌نچقا سالىدىغان ئىشلار ھە‌قىقە‌تە‌نمۇ بە‌ك كۆپ.‏ بىراق،‏ بىزمۇ داۋۇ‌تقا ئوخشاش،‏ قورقۇ‌نچنىڭ بىزنى چىرمىۋېلىشىغا يول قويماي ياشىيالايمىز.‏ 2024-‏يىلى ئۈچۈن يىللىق ئايە‌ت،‏ داۋۇ‌تنىڭ يە‌ھۋاغا قىلغان دۇ‌ئاسىدىن ئېلىنغان:‏ «مېنى قورقۇ‌نچ باسقاندا،‏ ئىشە‌نچ باغلايمە‌ن ساڭا» (‏زە‌بۇ‌ر 56:‏3‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌رنى بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «داۋۇ‌ت دائىم ئۆزىنى قورقۇ‌نچقا سالىدىغان ئىشلار ياكى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ھە‌ققىدە ئويلانمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ چىن قە‌لبىدىن قۇ‌تقازغۇ‌چىسى خۇ‌داغا ئىشە‌نچ باغلىغان».‏ بۇ ئايە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق كېيىنكى ئايلاردا،‏ بولۇ‌پمۇ قورقۇ‌نچلۇ‌ق بىر سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ تە‌كرار-‏تە‌كرار ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ۋاقىت چىقىرىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌رۇ‌ن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقى،‏ ھازىر نېمىلە‌رنى قىلىۋاتقانلىقى ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ شۇ چاغدىلا،‏ داۋۇ‌تقا ئوخشاش،‏ سىزمۇ «خۇ‌داغا تايىنىپ،‏ قورقمايمە‌ن ئە‌سلا» دە‌پ يۈرە‌كلىك ئېيتالايسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 56:‏4‏.‏

تە‌بىئىي ئاپە‌ت يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ بىر قېرىنداش يىللىق ئايە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىۋاتىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

بۇ‌لار ھە‌ققىدە ئويلىنىش قورقۇ‌نچنى يېڭىشىڭىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋا نېمىلە‌رنى قىلغان؟‏

  • يە‌ھۋا ھازىر نېمىلە‌رنى قىلىۋاتىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋا كېلە‌چە‌كتە نېمىلە‌رنى قىلىدۇ؟‏

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا

a ئىمان-‏ئېتىقادنى كۈچە‌يتىدىغان مە‌لۇ‌ماتلارنى تېپىش ئۈچۈن،‏ jw.org تور بېكىتىدە «‏ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار‏» ياكى «ۋە‌قە‌لە‌ر» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى «ئىزدە‌ش» دېگە‌ن يە‌رگە يېزىڭ.‏ «JW Library» پروگراممىسىدا «بىر قاتار ماقالىلە‌ر» دېگە‌ن يە‌ردىن «ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار» ياكى «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تە‌رجىمىھاللىرى» دېگە‌ن ماقالىلە‌ردىن تاپالايسىز.‏

b بۇ ماقالىدىكى بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c ‏«يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ» 7-‏باب،‏ 13–‏22-‏ئابزاسلارغا قاراڭ.‏

d سۈرە‌تلە‌ردە:‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۆزىگە ئېيىق بىلە‌ن ئېلىشىپ،‏ ئۇ‌نى يېڭىشقا كۈچ بە‌رگە‌نلىكى،‏ ئاخىمە‌لە‌ك ئارقىلىق ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ۋە ئۇ‌نى پادىشاھ قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تلە‌ردە:‏ ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمىدە ئولتۇ‌رغان بۇ‌رادە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئۆزىگە تاماكا تاشلاشقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى،‏ يېقىن دوست-‏يارانلىرى يازغان خە‌تلە‌ر ئارقىلىق قانداق ئىلھام بە‌رگە‌نلىكى ۋە كېلە‌چە‌كتە جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.‏