2-تەتقىق ماقالىسى
8-ناخشا مەسىھنى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى
ھازىردىن باشلاپ ئەڭ مۇھىم كۈنگە تەييارلىق قىلىڭ
«بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن قىلىڭلار». —لۇقا 22:19.
مەركىزى ئىدىيە
خاتىرىلەش ئىبادەت يىغىلىشى نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە، ئۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلالايمىز ۋە باشقىلارنىڭ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
1. نېمە ئۈچۈن خاتىرىلەش يىغىلىشى بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن؟ (لۇقا 22:19، 20)
يەھۋانىڭ خەلقى ئۈچۈن بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن — ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش. ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى بۇيرىغان (لۇقا 22:19، 20-نى ئوقۇڭ). خاتىرىلەش يىغىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرنەچچە سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
2. خاتىرىلەش يىغىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشىمىزنىڭ قانداق بەزى سەۋەبلىرى بار؟
2 خاتىرىلەش ئىبادەت يىغىلىشى تۆلەمنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ئەيسانىڭ قۇربانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (2-كورىنت. 5:14، 15). يەنە بۇ يىغىلىش قېرىنداشلار بىلەن جەم بولۇپ، «ئۆزئارا ئىلھام» ئېلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدۇ (رىملىقلار 1:12). ھەر يىلى مۇشۇ يىغىلىشقا پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان ئېتىقادداشلار كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ قۇچاق ئېچىپ، ئىللىق قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى كۆرگەندە، ھەتتا يەھۋا خۇداغا قايتىپ كېلىشنى قارار قىلىدۇ. ھەقىقەتكە قىزىقىدىغان كىشىلەر بۇ ئالاھىدە يىغىلىشتا ئاڭلىغانلىرى ۋە كۆرگەنلىرىدىن تەسىرلىنىپ، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى قارار قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىھنىڭ ئۆز ھاياتىنى تۆلەم قۇربانلىقى ئۈچۈن بەرگەنلىكىنى ئەسلەيدىغان كۈن قەلبىمىزدە ئالاھىدە ئورۇن ئىگەللىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.
3. خاتىرىلەش يىغىلىشى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنى قانداق قىلىپ ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
3 ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئالاھىدە يىغىلىش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنى قانداق بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. شۇ كۈنى كۈن پاتقاندا، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ھەممە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى جامائىتى بىر-بىرلەپ جەم بولىشىدۇ. بۇ يىغىلىشتا ھەممىمىز تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىدىغان بىر نۇتۇقنى تىڭشايمىز، ئىككى مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتىمىز، نان بىلەن شارابنى سۇنۇپ، قولدىن قولغا ئۆتكۈزىمىز ۋە تۆت قېتىم ئېيتىلىدىغان دۇئانىڭ ئاخىرىدا چىن قەلبىمىزدىن «ئامىن» دەيمىز. تەخمىنەن 24 سائەت ئىچىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق جامائەتلەر ئوخشاش ئۇسۇلدا بۇ يىغىلىشنى ئۆتكۈزىدۇ. يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئۇلارنى مەدھىيىلەۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ!
خاتىرىلەش يىغىلىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ (3-ئابزاسقا قاراڭ) f
4. بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 بۇ ماقالىدە، تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز: بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قەلبىمىزنى قانداق تەييارلىيالايمىز؟ ھەقىقەتكە قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ يىغىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ روھىي جەھەتتىن پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان ئېتىقادداشلىرىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى بۇ ئىنتايىن مۇھىم يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەييارلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
قەلبىمىزنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قانداق تەييارلىق قىلالايمىز؟
5. (1) نېمە ئۈچۈن تۆلەم ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش مۇھىم؟ (زەبۇر 49:7، 8) (2) «ئەيسا مەسىھ نېمە ئۈچۈن ئۆلدى؟» ناملىق فىلىمدىن نېمىنى بىلدىڭىز؟
5 قەلبىمىزنى تەييارلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر يولى — تۆلەمنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش. بىز ھەرگىزمۇ ئۆز كۈچىمىز بىلەن گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللىقىدىن ئازاد بولالمايمىز (زەبۇر 49:7، 8-نى ئوقۇڭ؛ «ئەيسا مەسىھ نېمە ئۈچۈن ئۆلدى؟» ناملىق فىلىمنى ھەم كۆرۈڭ) a. بىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، يەھۋا شۇنداق بىر ئورۇنلاشتۇرۇشنى قىلغان، يەنى ئەيسا بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان. يەھۋا ۋە ئەيسا ھەر ئىككىسى ئاجايىپ چوڭ قۇربانلىق بەرگەن (رىملىقلار 6:23). ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى ھەققىدە قانچە كۆپ ئويلىغانسېرى، تۆلەم ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتدار بولىمىز. ھازىر، يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ تۆلەم قۇربانلىقى بېرىش ئۈچۈن قايسى بەزى قىيىن ئىشلارنى قىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئالدى بىلەن، تۆلەم قۇربانلىقى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
6. تۆلەم نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
6 تۆلەم دېگىنىمىز بىر نەرسىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ھەق. تۇنجى ئىنسان ئادەم-ئاتا مۇكەممەل يارىتىلغان ئىدى. ئۇ گۇناھ قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى ۋە بارلىق ئەۋلادلىرىنى مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئادەم-ئاتا يوقاتقاننى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەيسا مۇكەممەل ھاياتىنى تۆلەم سۈپىتىدە بەرگەن. ھەزرىتى ئەيسا يەردە بولغاندا، «ئۇ ھېچقانداق گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر يالغان گەپ-سۆز چىقمىغانىدى» (1-پېتر. 2:22). ئەيسا مەسىھ ئۆلگەندە، ئۇ مۇكەممەل ھاياتى بىلەن ئادەم-ئاتا يوقاتقان ھاياتقا تەڭ قىممەتتىكى تۆلەمنى تۆلىگەن. —1-كورىنت. 15:45؛ 1-تىموت. 2:6.
7. ئەيسا يەردە بولغاندا، قانداق سىناقلارغا دۇچ كەلگەن؟
7 ئەيسا يەر يۈزىدە نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، شۇنداقتىمۇ ئۇ باشتىن-ئاخىرى ھەر ئىشتا ئاسماندىكى ئاتىسىغا مۇكەممەل بويسۇنغان. گەرچە ئۇ مۇكەممەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، بالىلىق چېغىدا داۋاملىق نامۇكەممەل ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنغان (لۇقا 2:51). ئۆسمۈرلۈك چېغىدا، بەلكىم بىرلىرى ئۇنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنماسلىققا ياكى يەھۋاغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا دەۋەت قىلغان. بىراق، ئۇ سادىق بولۇپ قالدى. چوڭ بولغاندا، شەيتان ئىبلىس تەكرار-تەكرار ئەيسانى ئېزىقتۇرغان، ھەتتا ئۇدۇل ئۇنىڭغا خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىشنى ئېيتقان (مەتتا 4:1–11). شەيتان ئەيسانى گۇناھ قىلدۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىغان. ئەگەر ئۇ نىيەت-مەقسىتىگە يەتكەن بولسا، ئەيسا تۆلەم بېرەلمىگەن بولاتتى.
8. ئەيسا يەنە قانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن؟
8 ئەيسا يەر يۈزىدە خۇش خەۋەرنى جاكارلىغاندا، باشقا سىناقلارغا ھەم بەرداشلىق بەرگەن. ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ھەتتا ئۆلتۈرمەكچى بولغان (لۇقا 4:28، 29؛ 13:31). ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىگە سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى (ماركۇس 9:33، 34). ئۇ سوتلانغاندا، ئۇنى قىيناپ ئازابلىغان ۋە مەسخىرە قىلغان. كېيىن، ئۇ جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش، تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئېسىلغان ۋە ئاستا-ئاستا چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابى ئىچىدە ئۆلگەن (ئىبرانىي. 12:1–3). ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، چوقۇم ئۆزى سىناققا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى يەھۋا ئۇنى قوغدىمايتتى b. —مەتتا 27:46.
9. ئەيسانىڭ قۇربانلىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز؟ (1-پېترۇس 1:8)
9 شەك-شۈبھىسىزكى، ئەيسا ھاياتىنى تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېرىش ئۈچۈن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەن. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىغاندا، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ —1-پېترۇس 1:8-نى ئوقۇڭ.
10. يەھۋا ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقى قانچىلىك قىيىن بولغان؟
10 ئۇنداقتا، يەھۋا خۇداچۇ؟ تۆلەم بېرىش ئۈچۈن، يەھۋا نېمىنى قۇربان قىلىشقا تەييار بولغان؟ يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ ئارىسىدا، خۇددى بىر ئاتا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى ئاتا-بالىلىق رىشتىسى بولغان (پەند. نە 8:30). يەر يۈزىدە ئەيسانىڭ شۇنچە نۇرغۇن سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى كۆرگەندە، يەھۋانىڭ قەلبى قانداق ھېس-تۇيغۇلارغا تولغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن، ئوغلىنىڭ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراپ، خار كۆرۈلگەنلىكى ۋە تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى كۆرگەندە، چوقۇم يۈرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندەك ئاغرىقنى ھېس قىلغان.
11. ئەيسا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندا، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
11 بالىسىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئانىنىڭ قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان يۈرىكى قان يىغلايدۇ. تىرىلىشكە بولغان ئىشەنچىمىز كۈچلۈك بولسىمۇ، يېقىن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا، قەلبىمىز قايغۇ-ھەسرەتكە تولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مىلادى 33-يىلى سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ئازاب چېكىپ، ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەندە، يەھۋانىڭ نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى بىر ئاز بولسىمۇ چۈشىنىمىز c. —مەتتا 3:17.
12. خاتىرىلەش يىغىلىشىدىن ئىلگىرىكى ھەپتىلەردە، نېمە قىلساق بولىدۇ؟
12 ھازىردىن باشلاپ خاتىرىلەش يىغىلىشىغىچە، شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشى ياكى ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزگەندە، تۆلەم ھەققىدە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ. مۇشۇ ماۋزۇنى چوڭقۇرراق تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچى» ياكى باشقا نەشىر ماتېرىياللارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ d. يەنە «ۋەز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز — يىغىلىش قوللانمىسى» دا بېسىلغان خاتىرىلەش يىغىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئوقۇش جەدۋىلى بويىچە، تەتقىق قىلىپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. خاتىرىلەش يىغىلىشى كۈنىدە، شۇ كۈن ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان ئەتىگەنلىك ئىبادەتنى كۆرۈشنى ئۇنتۇماڭ. قەلبىمىزدە بۇ كۈنگە تەييارلىق قىلساق، باشقىلارنىڭمۇ بۇ يىغىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىگە ياردەم بېرەلەيمىز. —ئەزرا 7:10.
باشقىلارغا ياردەم بېرىڭ
13. باشقىلارنىڭ خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى نېمە؟
13 باشقىلارنىڭ خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ ئۇنىڭ بىر يولى — ئۇلارنى بۇ ئالاھىدە يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىش. ۋەز خىزمىتىمىزدە ئۇچرىتىدىغان ئادەملەردىن باشقا، تەكلىپ قىلماقچى بولغان ئادەملەرنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ قويساق بولىدۇ. بۇ تىزىملىككە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز، خىزمەتداشلىرىمىز، سىنىپداشلىرىمىز ۋە باشقىلارنى يازساق بولىدۇ. بېسىپ چىقىرىلغان تەكلىپنامە تۈگەپ قالسا، ئېلىكترونلۇق تەكلىپنامىنىڭ ئۇلانمىسىنى ئەۋەتسەك بولىدۇ. كىم بىلىدۇ، تەكلىپنامىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يىغىلىشقا قاتنىشىشنى خالاپ قالسا، خۇشاللىقىمىزنى باسالماي قالىمىز! —ۋەز 11:6.
14. كىشىگە تەكلىپنامىنى بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
14 تەكلىپنامىنى تونۇيدىغان كىشىنىڭ قولىغا بەرسىڭىز ياكى ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنىڭ ئۇلانمىسىنى ئەۋەتسىڭىز، كىشىنىڭ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كېلىش ئارزۇ-ئىستىكى كۈچىيىشى مۇمكىن. بىر كۈنى، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان يولدىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خاتىرىلەش يىغىلىشىغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. قېرىندىشىمىز بۇنىڭدىن ھەيران قالىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ئۇ يولدىشىنى نۇرغۇن قېتىم تەكلىپ قىلغان، بىراق ئۇ دائىم تەكلىپنى رەت قىلغانىدى. بىراق بۇ قېتىم نېمە بولغان؟ يولدىشى: «بىرى ماڭا شەخسەن تەكلىپنامە بەردى»،— دېگەن. يەرلىك بىر ئاقساقال ئۇنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا چاقىرىپ، تەكلىپنامە بەرگەن ئىكەن. كېيىن، بۇ ئەر كىشى داۋاملىق تۈردە نۇرغۇن يىللار بۇ يىغىلىشقا قاتناشقان.
15. ئادەملەرنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلغاندا، نېمىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك؟
15 بىز تەكلىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن سوئاللىرى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇلار جامائەت يىغىلىشىغا ھېچقاچان قاتنىشىپ باقمىغان بولسا، تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سوراش ئېھتىمالى بار بولغان سوئاللار توغرىسىدا ئويلىنىپ، ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك (كولوسى. 4:6). بەلكىم، ئۇلار: «خاتىرىلەش يىغىلىشى قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ بۇ قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ بۇ يىغىلىشقا قانداق كىيىنىش كېرەك؟ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن پۇل تۆلەيمەنمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ. بىرسىنى تەكلىپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن: «سىزنىڭ سوئاللىرىڭىز بارمۇ؟»— دەپ سوراپ، كېيىن سوئاللىرىغا جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ. كىشىگە يىغىلىشلىرىمىز قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن «ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆلۈمىنى ئەسلەش» ۋە «يىغىلىش زاللىرىغا نېمە ئۈچۈن يىغىلىمىز؟» دېگەن فىلىملەرنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ. يەنە «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق كىتابنىڭ 28-بابىدىكى ئوي-پىكىرلەرنى ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
16. خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ قانداق سوئاللىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟
16 خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، يېڭى كەلگەنلەرنىڭ يەنە باشقا سوئاللىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بەلكىم شاراب ۋە نانغا بىر قانچە ئادەم ئېغىز تەگكۈزگەنلىكى ياكى ھېچكىم ئېغىز تەگكۈزمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىشىدۇ. ياكى بولمىسا، ئۇلار: «بۇنداق خاتىرىلەش يىغىلىشىنى قانچە قېتىم ئۆتكۈزىسىلەر؟ باشقا يىغىلىشىڭلارمۇ مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈلەمدۇ؟»— دەپ سورايدۇ. خاتىرىلەش يىغىلىشىدا قىزىققۇچىلار نۇرغۇن پايدىلىق ئوي-پىكىرلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، كېيىنرەك ئۇلارغا بۇ توغرۇلۇق كۆپرەك چۈشەندۈرۈپ بېرىش كېرەك. jw.org تور بېكىتىدىكى «نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مەسىھنى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخان يىغىلىشىنى باشقا دىنلاردىن پەرقلىق ئۆتكۈزىدۇ؟» دېگەن ماقالە، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ ئالدىدا، شۇ يىغىلىش جەريانىدا ۋە كېيىن، ئاشۇ «ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل كىشىلەرنىڭ» مۇشۇ يىغىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلايلى. —ئەلچى. 13:48.
پائالىيەتسىز بولۇپ قالغانلارغا ياردەم بېرىڭ
17. پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان قېرىنداشلارغا ئاقساقاللار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (ھەزەكىيال 34:12، 16)
17 خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىرقانچە ھەپتىدە، ئاقساقاللار پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان ئېتىقادداشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىلەر؟ ئۇلارغا مېھرىبانلىق بىلەن، سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈڭلار (ھەزەكىيال 34:12، 16-نى ئوقۇڭ). خاتىرىلەش يىغىلىشىدىن ئىلگىرى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك شۇنداق ئېتىقادداشلار بىلەن ئالاقە قىلىڭلار. ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭلارنى ۋە قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىڭلارنى ئېيتىڭلار. ئۇلارنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىڭلار. ئۇلارنى قۇچاق قىزغىن قارشى ئېلىڭلار. خاتىرىلەش يىغىلىشىدىن كېيىن، شۇنداق قەدىرلىك ئېتىقادداشلار بىلەن داۋاملىق ئالاقىدە بولۇڭلار ۋە ئۇلار يەھۋاغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. —1-پېتر. 2:25.
18. پائالىيەتسىز قېرىنداشلارغا ھەممىمىز قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ (رىملىقلار 12:10)
18 جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كەلگەن پائالىيەتسىز ئېتىقادداشلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار (رىملىقلار 12:10-نى ئوقۇڭ). ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاشۇ قەدىرلىك قېرىنداشلار بەلكىم جامائەتكە قايتىپ كېلىشتىن خىجىل بولىدۇ. ئۇلار جامائەتتىكى قېرىنداشلار قانداق قارشى ئالىدۇ ياكى مەن توغرۇلۇق نېمە دەيدىغاندۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ e. ئۇلارنى خىجالەتتە قالدۇرىدىغان سوئاللارنى سوراشتىن ياكى كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ (1-سالونىكا. 5:11). ئۇلار بىزنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز. بىز ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ، قايتىدىن ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى خالايمىز! —زەبۇر 119:176؛ ئەلچى. 20:35.
19. ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش بىزنى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ؟
19 ئەيسا مەسىھ بىزنى ھەر يىلى ئۇنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنى خاتىرىلەشكە بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمىز ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىملىقىنى چۈشىنىمىز. خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتناشساق، ئۆزىمىز بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپلا قالماي، باشقىلارغا ھەم ياردەم بېرەلەيمىز (يەشايا 48:17، 18). بىزنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھكە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن قانچىلىك مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتىقادداشلار بىلەن بولغان قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى كۈچەيتىمىز. بىز باشقىلارنىڭ تۆلەم تۈپەيلى، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرەلەيمىز. شۇڭا، بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن، يەنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرايلى!
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
-
قەلبىمىزنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قانداق تەييارلىيالايمىز؟
-
باشقىلارنىڭ بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يېتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
-
پائالىيەتسىز ئېتىقادچىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
149-ناخشا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
a كەلتۈرۈلگەن ماقالىلەر بىلەن فىلىملەرنى jw.org تور بېكىتىدىكى «ئىزدەش» دېگەن يەرگە يېزىپ تاپالايسىز.
b «كۈزىتىش مۇنارى» 2021-يىل، ئاپرېل سانىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
d « تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بەزى ماۋزۇلار» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
e « جامائەتتىكىلەر قانداق قارشى ئالدى؟» ناملىق رامكىغا ۋە سۈرەتكە قاراڭ. پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان بۇرادەر يىغىلىش زالىغا كىرىشتىن خىجىل بولىۋاتىدۇ، بىراق ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى يەڭدى. ئېتىقادچىلار ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، خۇشال بولىۋاتىدۇ.
f سۈرەتلەردە: . يەھۋانىڭ خەلقى دۇنيانىڭ بىر يېرىدە خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، باشقا بىر يېرىدىكى قېرىنداشلار بۇ ئالاھىدە يىغىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.