مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئاياللارغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلامسىز؟‏

ئاياللارغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلامسىز؟‏

بىز كۆپلىگە‌ن سادىق ئايال قېرىنداشلار بىلە‌ن بىرلىكتە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە.‏ بىز بۇ ھە‌ربىر سادىق،‏ ئىشچان ئاچا-‏سىڭىللىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇ‌لاردىن مىننە‌تدارمىز!‏ a شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ ئايال قېرىنداشلارنى خاپا قىلماي،‏ كە‌مسىتمە‌ي،‏ بە‌لكى ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ئۇ‌لاغا مۇ‌ئامىلە قىلايلى.‏ بىراق،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ بە‌زىدە بۇ‌نداق قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ چوڭ بولغان مە‌دە‌نىيە‌تنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ شۇ‌نداق قىلىشى تېخىمۇ ئاسان بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏

بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئە‌رلە‌ر ئاياللارنى كە‌مسىتىدىغان مە‌دە‌نىيە‌تتە چوڭ بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بولىۋىيىدە ياشايدىغان،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بە‌زى ئە‌رلە‌ر ئۆزىنىڭ ئە‌ركە‌ك بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لغىنىدىن ئىنتايىن پە‌خىرلىنىدىغان مە‌دە‌نىيە‌تتە چوڭ بولغاچقا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن يۇ‌قىرى ساناپ،‏ ئاياللارنى كە‌م سۇ‌ندۇ‌رۇ‌پ،‏ ھۆرمە‌تلىمە‌يدۇ».‏ تە‌يۋە‌ندە خىزمە‌ت قىلىدىغان شېڭ شىئە‌ن ئىسىملىك ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ياشايدىغان جايدا بىر ئە‌نئە‌نىۋى كۆز قاراش بار.‏ ئاياللار ئە‌رلە‌رنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرە‌ك؛‏ ياكى ئە‌ر كىشىلە‌ر بىر ئىش ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت قىلىشقاندا،‏ بىر كىشى ئۆز ئايالىنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ئوتتۇ‌رغا قويسا،‏ باشقا ئە‌رلە‌ر ئۇ‌نى زاڭلىق قىلىدۇ».‏ بە‌زى ئە‌رلە‌ر بە‌لكىم باشقا تە‌رە‌پلە‌ردە ئاياللارنى كە‌مسىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئاياللارغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلىدىغان ياپتا گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ياكى چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ.‏

كىشىنى خۇ‌شال قىلارلىقى،‏ بىر كىشى قانداق مە‌دە‌نىيە‌تتە چوڭ بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدۇ،‏ ئە‌ر كىشى،‏ ئايال كىشىدىن ئۈستۈن دېگە‌ن ئوي-‏پىكىردىن قۇ‌تۇ‌لالايدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏22–‏24‏)‏.‏ بۇ‌نداق قىلالىشىمىز ئۈچۈن يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ئاياللارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقىنى،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئاياللارغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىنى ۋە ئاياللارنى ھۆرمە‌تلە‌شتە ئاقساقاللار باشقىلارغا قانداق ئۈلگە بولالايدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

يە‌ھۋا ئاياللارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ؟‏

يە‌ھۋا ئاياللارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق بىزگە ئە‌ڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ ھە‌ممە پە‌رزە‌نتلىرىنى سۆيىدىغان كۆيۈمچان بىر ئاتىغا ئوخشاش.‏ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ساداقە‌تمە‌ن ئاياللار بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌زىزلە‌يدىغان قىزلىرىدۇ‌ر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا ئاياللارنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى بىرقانچە يوللار بىلە‌ن قانداق كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌ھۋا ئاياللارغا تە‌ڭ،‏ ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا ئە‌رلە‌رنى ۋە ئاياللارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقان (‏يارىت.‏ 1:‏27‏)‏.‏ ئۇ ئە‌رلە‌رنى ئاياللارغا قارىغاندا،‏ ئە‌قىللىقراق ۋە قابىلىيە‌تلىكرە‌ك قىلىپ ياراتمىغان؛‏ ئۇ ئە‌رلە‌رنى ئاياللاردىن ئارتۇ‌ق كۆرمە‌يدۇ (‏2-‏تارىخ.‏ 19:‏7‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ پە‌زىلە‌تلىرىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرۈش قابىلىيىتىنى،‏ يە‌ھۋا ئە‌ر ۋە ئايال ھە‌ر ئىككىلىسىگە تە‌ڭ بە‌رگە‌ن.‏ مە‌يلى ئە‌رلە‌ر ياكى ئاياللار بولسۇ‌ن،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا ئىشە‌نگە‌ن بولسىلا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى ئوخشاش قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللارغا يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى،‏ ياكى بولمىسا ئاسماندا پادىشاھلار ۋە روھانىيلار بولۇ‌ش ئۈمىدىنى بېرىدۇ (‏2-‏پېتر.‏ 1:‏1‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئاياللارنى قىلچىمۇ كە‌مسىتمە‌يدۇ.‏

يە‌ھۋا ئاياللارغا قۇ‌لاق سالىدۇ.‏ ئۇ ئاياللارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ راھىلە بىلە‌ن ھە‌ننانىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ تىلىگە‌نلىرىنى بە‌رگە‌ن (‏يارىت.‏ 30:‏22؛‏ 1-‏سام.‏ 1:‏10،‏ 11،‏ 19،‏ 20‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قە‌لە‌مگە ئالغانلارغا،‏ ئە‌رلە‌رنىڭ ئۆز ئاياللىرىنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالغانلىقى توغرىسىدىكى ۋە‌قە‌لە‌رنى يازدۇ‌رغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قى بويىچە،‏ ئىبراھىم ئايالى سارانىڭ سۆزىگە كىرگە‌ن (‏يارىت.‏ 21:‏12–‏14‏)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھمۇ ئابىگائىلنىڭ سۆزىگە كىرگە‌ن،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا ئابىگائىلنى ئۇ‌نىڭغا نە‌سىھە‌ت قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏1-‏سام.‏ 25:‏32–‏35‏)‏.‏ ئاتىسىنىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌م ئانىسى مە‌ريە‌منىڭ سۆزىگە بويسۇ‌نغان (‏يۇ‌ھاننا 2:‏3–‏10‏)‏.‏ بۇ مىساللاردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئاياللارنى ئىنتايىن ھۆرمە‌تلە‌يدۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالىدۇ.‏

يە‌ھۋا ئاياللارغا ئىشە‌نچ قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ھاۋا-‏ئانىغا ئىشىنىپ،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىنى پە‌رۋىش قىلىشقا ياردە‌م بېرىشنى تاپشۇ‌رغان (‏يارىت.‏ 1:‏28‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا ھاۋا-‏ئانىنى ئادە‌م-‏ئاتىدىن تۆۋە‌ن كۆرمىگە‌ن،‏ ئە‌كسىنچە ياردە‌مچى ھە‌مراھ بولۇ‌شقا ياراتقان.‏ يە‌ھۋا بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دېبورا ۋە خۇ‌لداھ كە‌بى ئايال پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رگە ئۆز خە‌لقىگە،‏ ھە‌تتا ھاكىم ۋە پادىشاھقا مە‌سلىھە‌ت بېرىشنى تاپشۇ‌رغان (‏ھاكىم.‏ 4:‏4–‏9؛‏ 2-‏پادىشاھ.‏ 22:‏14–‏20‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا ئېتىقادچى ئاياللارغا ئىشىنىپ،‏ كۆپلىگە‌ن ئىشلارنى تاپشۇ‌رىدۇ.‏ بۇ سادىق ئايال ئېتىقادچىلار ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ۋە يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى (‏مىسسىئونېر)‏ سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌ت يىغىلىشى زاللىرىنى،‏ بە‌يتە‌ل بىنالىرىنىڭ لايىھىسىنى پىلانلاش،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ۋە رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى بە‌يتە‌لدە ياكى يىراق جايلاردىكى تە‌رجىمە ئىشخانىلىرىدا ئىشلە‌يدۇ.‏ بۇ ئايال قېرىنداشلار بولسا،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداشتا ئىشلىتىدىغان زور بىر قوشۇ‌ندۇ‌ر (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏11‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھە‌رگىز ئاياللارنى ئاجىز ياكى قولدىن ئىش كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ قارىمايدۇ.‏

بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئاياللارغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يسىلە‌ر؟‏

بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ سىلە‌ر ئاياللارغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلامسىلە‌ر؟‏ بۇ‌نى بىلىش ئۈچۈن ئۆز ئوي-‏پىكىرىڭلارنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭلارنى سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن تە‌كشۈرۈپ كۆرۈڭلار.‏ ئۇ‌نى قانداق تە‌كشۈرە‌لە‌يسىلە‌ر؟‏ رېنتىگېن ئۈسكىنىسى بىر كىشىنىڭ يۈرە‌ك كېسىلى بار-‏يوقلىقىنى بىلىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ ئىشە‌نچىلىك دوست ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قە‌لبىڭلاردا ئاياللارغا قارىتا قانداقتۇ بىر ناتوغرا كۆز قاراش بار-‏يوقلىقىنى ئېنىقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداق ياردە‌مگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز

ئىشە‌نچىلىك دوستلىرىمىزدىن سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ.‏ (‏پە‌ند.‏ نە 18:‏17‏)‏ كۆيۈمچان ۋە دانا دە‌پ قارىغان دوستىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «سېنىڭچە،‏ مە‌ن ئايال قېرىنداشلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىمە‌ن؟‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمنى،‏ ئۇ‌لار ھېس قىلامدۇ؟‏ ئۇ‌لارغا مۇ‌ئامىلە قىلىشتا ئۆزگە‌رتىشكە تېگىشلىك تە‌رە‌پلە‌ر بارمۇ؟‏».‏ ئە‌گە‌ر دوستىڭىز ئۆزگە‌رتىش زۆرۈر دە‌پ قارىغان تە‌رە‌پلىرىڭىزنى كۆرسىتىپ بە‌رسە،‏ ئۇ‌نىڭغا خاپا بولماڭ ۋە ئۆزىڭىزنى ئاقلاشقا تىرىشماڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا ئۆزگە‌رتىشكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏

خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىش.‏ ئاياللارغا بولغان مۇ‌ئامىلىمىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىدا كۆز قاراش ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى تە‌كشۈرۈش (‏ئىبرانىي.‏ 4:‏12‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغىنىمىزدا،‏ ئاياللارغا ياخشى ياكى يامان مۇ‌ئامىلىدە بولغان ئە‌رلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئۆزىمىزنىڭكى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رساق بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نۇ‌رغۇ‌ن ئايە‌تلە‌رنى بىر-‏بىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش،‏ ئايە‌تلە‌رنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى مە‌زمۇ‌نلارغا دىققە‌ت قىلماي،‏ پە‌قە‌ت بىرلا ئايە‌تكە ئاساسلىنىپ،‏ ئاياللارغا ناتوغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شتىن ساقلىنىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏ئايە‌تتە‏،‏ ئە‌رلە‌ر «ئاياللىرىنى خۇ‌ددى نە‌پس قاچىدە‌ك» ئە‌زىزلىشى كېرە‌كلىكى ئېيتىلغان b‏.‏ بۇ ئايال كىشى،‏ ئە‌ر كىشىدىن تۆۋە‌ن،‏ ئە‌قلى كە‌م ياكى قابىلىيە‌تسىز دېگە‌ننى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س!‏ پېترۇ‌سنىڭ سۆزلىرىنى،‏ گالاتىيالىقلار 3:‏26–‏29-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ باقايلى.‏ بۇ يە‌ردە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئە‌رلە‌رنى ۋە ئاياللارنى ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ ئە‌گە‌ر بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نسە‌ك ۋە يېقىن دوستلىرىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ئاياللارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئۆز ھېس قىلغانلىرىنى سوراپ كۆرسە‌ك،‏ شۇ‌ندىلا ئايال قېرىنداشلىرىمىزغا لايىقىدا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا بولغان ھۆرمىتىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

جامائە‌تتىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئايال قېرىنداشلارنى ھۆرمە‌تلە‌شنى كۆيۈمچان ئاقساقاللاردىن ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ مۇ‌شۇ جە‌ھە‌تتىن،‏ ئاقساقاللار قانداق ئۈلگە بولالايدۇ؟‏ تۆۋە‌ندە ئۇ‌لار قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئۇ‌لار قېرىنداشلارنى ماختايدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئاقساقاللار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ رىمدىكى جامائە‌تكە يازغان خېتىدە بىرنە‌چچە ئايال قېرىنداشنى ماختىغان (‏رىملىقلار 16:‏12‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ بۇ خېتى پۈتۈن جامائە‌تنىڭ ئالدىدا ئوقۇ‌لغان چاغدا،‏ ئاشۇ قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلى قانچىلىك سۆيۈنگە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈمچان ئاقساقاللار ھە‌م شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلارنىڭ ئېسىل-‏پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆرىدۇ ۋە يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلغانلىرى ئۈچۈن ماختايدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن قېرىنداشلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.‏ ئاقساقالنىڭ ماختاش سۆزلىرى قېرىنداش دە‌ل ئاڭلاشقا مۇ‌ھتاج بولغان سۆزلە‌ر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ بۇ ئۇ‌نى داۋاملىق يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ —‏پە‌ند.‏ نە 15:‏23‏.‏

ماختاش

ئاقساقال بىر قېرىنداشنى ماختىغاندا،‏ سە‌مىمىي ۋە ئېنىق بىر ئىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماختىسا ياخشىراق بولىدۇ.‏ جېسسىكا ئىسىملىك بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ‌رادە‌رلە‌ر مېنى ‹ياخشى قىلدىڭىز،‏ يارايسىز!‏› دە‌پ ماختىسا،‏ مە‌ن خۇ‌شال بولۇ‌پ قالىمە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئېنىق بىر نە‌رسىنى تىلغا ئېلىپ ماختىغان چاغدا،‏ مە‌سىلە‌ن بالىلىرىمغا جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا تىنچ ئولتۇ‌رۇ‌شنى ئۆگە‌تكە‌نلىكىمنى ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىۋاتقان بىرىنى ماشىنىدا يىغىلىشقا ئېلىپ كېلىشكە ۋاقىت چىقارغانلىقىمنى تىلغا ئالسا،‏ بۇ ماڭا تېخىمۇ كۆپ ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ».‏ ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارنى ئېنىق بىر ئىشى ئۈچۈن ماختىغاندا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى قە‌دىر-‏قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ.‏

ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارنى تىڭشايدۇ.‏ كە‌متە‌ر ئاقساقاللار پە‌قە‌ت ئۆزلىرىلا ياخشى ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئويلاپ چىقالايدۇ دە‌پ ئويلىمايدۇ،‏ بە‌لكى ئۇ‌لار ئاياللار قېرىنداشلاردىن مە‌سلىھە‌تلە‌رنى سوراپ،‏ ئۇ‌لارنى سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىشقا تە‌ييار بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نداق قىلغاندا،‏ قېرىنداشلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىپ قالماي،‏ ئۆزلىرىمۇ بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدىغان گېراردو ئىسىملىك بىر ئاقساقال مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئايال قېرىنداشلاردىن كۆز قارىشى ياكى ئوي-‏پىكىرىنى سورىغاندا،‏ بە‌يتە‌لدىكى خىزمىتىمنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم.‏ كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا،‏ ئايال قېرىنداشلار بۇ‌رادە‌رلە‌رگە قارىغاندا مە‌لۇ‌م بىر خىزمە‌تنى ئۇ‌زۇ‌نراق قىلىدۇ ۋە مول تە‌جرىبىسى بار».‏ جامائە‌تتە بولسا كۆپلىگە‌ن ئايال قېرىنداشلار پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغاچقا،‏ ئۇ‌لار يە‌رلىك كىشىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ برايېن ئىسىملىك ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قە‌دىرلىك ھە‌دە-‏سىڭىللىرىمىز تە‌شكىلاتنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ،‏ ئۆزىنى پىدا قىلىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌جرىبىسىدىن تولۇ‌ق پايدىلىنايلى!‏».‏

تىڭشاش

دانا ئاقساقال ئايال قېرىنداشلارنىڭ بە‌رگە‌ن تە‌كلىپ-‏پىكىرلىرىنى دە‌رھاللا رە‌ت قىلمايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئېدۋارد ئىسىملىك ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر بۇ‌رادە‌ر،‏ بىر ئايال قېرىنداشنىڭ كۆز قارشى ۋە تە‌جرىبىسىدىن پايدىلانغاندا،‏ بىر مە‌سىلىگە تېخىمۇ كۆپ تە‌رە‌پتىن قارىيالايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يدۇ» (‏پە‌ند.‏ نە 1:‏5‏)‏.‏ ھە‌تتا ئاقساقال ئايال قېرىنداش ئوتتۇ‌رغا قويغان تە‌كلىپ-‏پىكىرگە ئاساسە‌ن بىر ئىش قىلالمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قاراشلىرىنى،‏ تە‌جرىبىسىنى ياكى چۈشە‌نچىلىرىنى ئورتاقلاشقىنى ئۈچۈن ماختاپ،‏ رە‌ھمە‌ت ئېيتسا بولىدۇ.‏

ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا ئۆگىتىدۇ.‏ دانا ئاقساقاللار ھە‌ردائىم قېرىنداشلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌تلە‌رنى ئىزدە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر يوق بولۇ‌پ قالغان ئە‌ھۋالدا،‏ ئايال قېرىنداشلارغا ۋە‌ز خىزمە‌ت يىغىلىشىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئۆگە‌تسە بولىدۇ.‏ ئاقساقاللار يە‌نە ئۇ‌لارنى ھە‌ر تۈرلۈك ئۈسكىنە،‏ ئە‌سۋابلارنى ياكى ماتورلۇ‌ق ماشىنىلارنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگە‌تسە بولىدۇ،‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئاياللارمۇ تە‌شكىلاتىمىزنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش،‏ ئاسراش،‏ رېمونت قىلىشقا ئوخشاش ئىشلىرىغا قاتنىشالايدۇ.‏ بە‌يتە‌لدىكى مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارمۇ ھە‌دە-‏سىڭىللارنى تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا ئۆگىتىپ كە‌لمە‌كتە،‏ مە‌سىلە‌ن رېمونت قىلىش،‏ مال سېتىۋېلىش،‏ بۇ‌غالتىرلىق،‏ كومپيۇ‌تېردا قىلدىغان ئىشلار قاتارلىق كۆپلىگە‌ن ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ.‏ ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى قابىلىيە‌تلىك ۋە ئىشە‌نچىلىك دە‌پ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

ئۆگىتىڭ

ئاقساقاللار ئېتىقادچى ھە‌دە-‏سىڭىللارغا ئۆگە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى ئۆگە‌نلىرىنى ئىشلىتىپ باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىدا ئۆگە‌نگە‌ن ماھارە‌تلىرىنى كېيىنچە ئاپە‌ت يۈز بە‌رگە‌ن جايلاردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىنى رېمونت قىلىشتا ئىشلە‌تكە‌ن.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى بولسا ئاممىۋى سورۇ‌نلاردا ۋە‌ز قىلىشنى ئۆگىنىپ،‏ كېيىن بۇ‌نى باشقا قېرىنداشلارغا ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئايال قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى تە‌ربىيىلە‌پ ئۆگە‌تكە‌ن ئاقساقاللار توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدۇ؟‏ جېننىفېر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئىبادە‌ت يىغىلىشى زالىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا قاتناشقاندا،‏ بىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تچان بۇ‌رادە‌ر ۋاقىت چىقىرىپ،‏ ماڭا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌تتى.‏ ئۇ مە‌ن قىلغان ھە‌ربىر ئىشنى دىققە‌ت بىلە‌ن كۆزىتىپ،‏ مېنى ماختىدى.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئىشلە‌شنى ئىنتايىن ياقتۇ‌رۇ‌پ قالدىم.‏ چۈنكى،‏ ئۆزۈمنى قە‌دىرلە‌نگە‌ندە‌ك ۋە ئىشە‌نچىلىك سانالغاندە‌ك ھېس قىلدىم».‏

ھە‌دە-‏سىڭىللارغا بىر ئائىلە كىشىلىرىدە‌ك مۇ‌ئامىلە قىلىشنىڭ پايدىلىرى

خۇ‌ددى ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋاغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ سادىق ھە‌دە-‏سىڭىللىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز!‏ ئۇ‌لارنى ئائىلىمىزنىڭ ئە‌زالىرىدە‌ك كۆرىمىز (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولۇ‌ش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلالىشىنى خالايمىز.‏ ۋانېسسا ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا روھىمىزنى كۆتۈرۈپ،‏ بىزگە ئىلھام-‏مە‌دە‌تلە‌رنى بېرىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر كۆپ.‏ مە‌ن شۇ‌نداق ئائىلىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولغىنىم ئۈچۈن يە‌ھۋاغا چە‌كسىز مىننە‌تدارمە‌ن».‏ تە‌يۋە‌ندە ياشايدىغان بىر قېرىندىشىمىز بولسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاياللارنى قە‌دىرلە‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بە‌ك مىننە‌تدارمە‌ن.‏ بۇ ئىشە‌نچىمنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىدۇ ۋە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولۇ‌ش شان-‏شە‌رىپىنى تېخىمۇ قە‌دىرلە‌يمە‌ن».‏

ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا ئۆزىگە سادىق ئە‌رلە‌رنىڭ ئاياللارنى ئە‌زىزلە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ چوقۇ‌م ئىنتايىن پە‌خىرلىنىدۇ!‏ (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏11‏)‏ شوتلاندىيىدە ياشايدىغان بىنيامىن ئىسىملىك ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ دۇ‌نيادا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌رلە‌ر ئاياللارنى قىلچىمۇ ھۆرمە‌تلىمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاياللار ئىبادە‌ت يىغىلىش زالىمىزغا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ دۇ‌نيادىن پە‌رقلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىنى خالايمىز».‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئە‌زىز ھە‌دە-‏سىڭىللىرىمىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلايلى.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نىڭغا لايىق!‏ —‏رىملىقلار 12:‏10‏.‏

a بۇ ماقالىدە «قېرىنداشلار» دېگە‌ن سۆز بىر تۇ‌غقان قان-‏قېرىنداشلارنى ئە‌مە‌س،‏ ئىمانداشلارنى كۆرسىتىدۇ.‏

b ‏«نە‌پس قاچىدە‌ك» ئىپادىسىنىڭ تە‌پسىلىي چۈشە‌ندۈرۈشىنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2005-‏يىل،‏ 1-‏مارت سانى،‏ «‏توي قىلغان ئە‌ر-‏ئاياللار ئۈچۈن دانا كۆرسە‌تمىلە‌ر‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىنى ۋە «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2006-‏يىل،‏ 15-‏ماي سانى،‏ «‏نە‌پىس قاچىنىڭ قىممىتى‏» ناملىق ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏