5-تەتقىق ماقالىسى
151-ناخشا خۇدا ئوغۇللىرىنىڭ ئايان بولۇشى
«سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن!»
«خۇدا ئۆزى شۇنداق دەيدۇ: ‹سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن!».—ئىبرانىي. 13:5.
مەكىزى ئىدىيە
مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ قالدۇق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، خۇدا يەر يۈزىدىكى خىزمەتچىلىرىنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ.
1. مەسىھ قىلىنغانلار ئاسمانغا قاچان چىقىدۇ؟
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنى «مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى قاچان ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؟»،— دېگەن سوئال قىزىقتۇرغان. بىز ئىلگىرى ئارماگېدون ئۇرۇشىدىن كېيىن، بەزى مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلار بەلكىم بىر مەزگىل يەر يۈزى جەننەتتە ياشايدۇ دەپ ئويلىغانىدۇق. لېكىن، بىز «كۈزىتىش مۇنارى» 2013-يىل، 15-ئىيۇل سانىدا، ئارماگېدون ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، تېخى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق.—مەتتا 24:31.
2. قانداق سوئال پەيدا بولىدۇ ۋە بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 لېكىن، بۇ يەنە شۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرغا چىقارغان: دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتە يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقان مەسىھنىڭ «باشقا قويلىرىغا» نېمە بولىدۇ؟ (يۇھاننا 10:16؛ مەتتا 24:21). مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادداشلار ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندە، باشقا قويلار نېمە قىلارىنى بىلمەي، ئۆزلىرى تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلامدۇ؟ بەلكىم، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى شۇنداق ھېس قىلغاچ، ئەنسىرەيدۇ. بۇنداق ئەنسىرەشكە مۇقەددەس كىتابتىكى ئىككى ۋەقە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاۋۋال شۇ ۋەقەلەرنى كۆرۈپ باقايلى ۋە كېيىن نېمە ئۈچۈن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
نېمىلەر يۈز بەرمەيدۇ؟
3، 4. بەزىلەر نېمىدىن ئەنسىرەيدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 بەزى قېرىنداشلار، بەلكىم يېتەكچى كېڭەشتىكى مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بولمىسا، «باشقا قويلار» ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئەنسىرەپ قېلىشنىڭ سەۋەبى، ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ۋەقەلەر تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئىككى مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرىنچىسى، باش روھانىي يەھوياداھنىڭ ۋەقەسى. ئۇ خۇداغا سادىق خىزمەت قىلغان ئىدى. يەھوياداھ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى يەھوشېبا يەھوئاش ئىسىملىك كىچىك بالىنى قوغداپ، ئۇنىڭ ياخشى ۋە سادىق پادىشاھ بولۇشىغا ياردەم بەرگەن. يەھوياداھ ھايات چاغدا، يەھوئاش يەھۋاغا ئىبادەت قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلغان. لېكىن، يەھوياداھ ئۆلگەندىن كېيىن، يەھوئاش يامان ئىشلارنى قىلىشنى باشلىغان. ئۇ رەزىل ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ، يەھۋا خۇدادىن يۈز ئۆرگەن.—2-تارىخ. 24:2، 15–19.
4 يەنە بىر مىسال — ئىككىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەھۋالى. ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان ئەلچى يۇھاننا تېخى ھايات چاغدا، ئۇ نۇرغۇن ئېتىقادچىلارنىڭ يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن (3-يۇھاننا 4). ئەيسانىڭ باشقا سادىق ئەلچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، يۇھاننا جامائەتنى ساختا تەلىماتلارنى تارقاتقان كىشىلەردىن قوغداشقا تىرىشقان (1-يۇھاننا 2:18؛ 2-سالونىكا. 2:7). ئەمما، ئەلچى يۇھاننا ئۆلگەندىن كېيىن، ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەرنىڭ تەسىرى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك تېز تارقىلىپ كەتكەن. يىللار ئۆتۈپ، كېيىنچە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتى پۈتۈنلەي ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن.
5. ئىككى ۋەقەدىن قانداق خۇلاسە چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟
5 بۇ ئىككى ۋەقە مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەسىھنىڭ باشقا قويلىرى ئارىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئۇلارمۇ يەھوئاشقا ئوخشاش توغرا يولدىن چەتنەپ كېتەمدۇ ياكى ئىككىنچى ئەسىردە ياشىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئوخشاش ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق بولمايدۇ! شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە داۋاملىق غەمخورلۇق قىلىدۇ ۋە ئۇلار يەھۋا خۇداغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل؟
پاك ئىبادەت بۇلغانمايدۇ
6. قانداق ئۈچ زامان ھەققىدە قىسقىچە قاراپ چىقىمىز؟
6 نېمە ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، پاك ئىبادەت ھەرگىز بۇلغانمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز؟ چۈنكى، بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئۆزىمىز ياشاۋاتقان بۇ زامان توغرۇلۇق نېمە يېزىلغانلىقىنى ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى كۈنلىرىمىز قەدىمقى ئىسرائىللار ياشىغان زامان ياكى ئىككىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ياشىغان زاماندىن كۆپ پەرقلىق. ئۇنداقتا، بىرلىكتە بۇ ئۈچ زاماننىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىيرەك كۆرۈپ باقايلى: (1) قەدىمقى ئىسرائىللار ياشىغان زامان؛ (2) ئەلچىلەر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى زامان؛ (3) بىز ياشاۋاتقان زامان، يەنى «ھەممە نەرسە تۈزىتىلىپ ئەسلىگە قايتىدىغان» زامان.—ئەلچى. 3:21.
7. قەدىمقى ئىسرائىلدىكى پادىشاھلار يامان يولغا چۈشكەندە، سادىق ئىسرائىللارنىڭ ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىكى نېمە ئۈچۈن مۇھىم بولغان؟
7 قەدىمقى ئىسرائىللار ياشىغان زامان. مۇسا پەيغەمبەر ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە بۇيرۇغان ھەق يولدىن چىقىپ كېتىسىلەر. مەن بۇنى ئىنتايىن ياخشى بىلىمەن» (تەكرار. قا 31:29). مۇسا يەنە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلسا، ئەسىرلىككە ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (تەكرار. قا 28:35، 36). ھەقىقەتەن شۇنداق بولدىمۇ؟ ھەئە. ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئىسرائىللارنىڭ كۆپلىگەن پادىشاھلىرى يەھۋانىڭ كۆزىدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلىپ، خەلقمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ، ساختا ئىبادەت قىلغان. نەتىجىدە، يەھۋا خۇدا رەزىل كىشىلەرنى جازالىغان ۋە ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن پادىشاھ چىقىشنى توختاتقان (ھەزەك. 21:25–27). ئەمما، سادىق ئىسرائىللار خۇدانىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرگەندە، تېخىمۇ جاسارەتكە تولۇپ داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلغان.—يەشايا 55:10، 11.
8. ئىككىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلىكى نېمە ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئەمەس؟ چۈشەندۈرۈڭ.
8 ئەلچىلەر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى زامان. ئىككىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى ئەيسا مەسىھ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈيدىغانلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان (مەتتا 7:21–23؛ 13:24–30، 36–43). ئەلچى پاۋلۇس، پېترۇس ۋە يۇھاننا ھەممىسى ئەيسانىڭ بېشارىتىنىڭ مىلادى بىرىنچى ئەسىردە ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان (2-سالونىكا. 2:3، 7؛ 2-پېتر. 2:1؛ 1-يۇھاننا 2:18). مىلادى ئىككىنچى ئەسىردە بولسا، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا يالغان تەلىماتلار تارقىلىپ، ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن. ئاستا-ئاستا ساختا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلار ساختا دىن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان بۈيۈك بابىلنىڭ ئاساسىي تەركىبى قىسىمىغا ئايلانغان. شۇنداق قىلىپ، ئەيسانىڭ بېشارىتى ئەمەلگە ئاشقان.
9. بىزنىڭ زامانىمىز، قەدىمقى ئىسرائىل زامانى ۋە بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زامانى ئارىسىدا قانداق پەرقلەر بار؟
9 ‹ھەممە نەرسە تۈزىتىلىپ ئەسلىگە قايتىدىغان زامان›. بىزنىڭ زامانىمىز قەدىمقى ئىسرائىللار ياشىغان زاماندىن ۋە مىلادى ئىككىنچى ئەسىردىكى ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەرنىڭ ساختا تەلىماتلىرى كەڭ تارقالغان زاماندىن پەرقلىنىدۇ. بىزنىڭ بۇ كۈنلىرىمىز نېمە دەپ ئاتالغان؟ بەلكىم، دەرھال ئەقلىمىزگە «ئاخىرقى زامان» دېگەن جاۋاب كېلىدۇ (2-تىموت. 3:1). بىراق، مۇقەددەس كىتاب «ئاخىرقى زامان» باشلانغاندا، تېخىمۇ مۇھىم ۋە ئۇزۇن بىر دەۋر باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەۋر داۋاملىشىپ، مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق پادىشاھلىقى ئىنسانىيەتنى مۇكەممەللىككە يەتكۈزۈپ، يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرغاندا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ دەۋر ‹ھەممە نەرسە تۈزىتىلىپ ئەسلىگە قايتىدىغان زامان› دەپ ئاتىلىدۇ (ئەلچى. 3:21). ئۇ 1914-يىلى باشلاندى. شۇ چاغدا، نېمىلەر ئەسلىگە قايتۇرۇلغان؟ ئەيسا ئاسماندىكى پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ساداقەتمەن داۋۇت پادىشاھنىڭ مىراسخورى بولغان ھۆكۈمران قايتىدىن پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان. لېكىن، يەھۋا پەقەت پادىشاھلىقنىلا ئەمەس، بەلكى كۆپ ئۆتمەي پاك ئىبادەتنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگەن (يەشايا 2:2–4؛ ھەزەك. 11:17–20). بۇنىڭدىن كېيىن پاك ئىبادەت قايتا بۇلغىنامدۇ؟
10. (1) زامانىمىزدىكى پاك ئىبادەت توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتا قانداق پەيغەمبەرلىك سۆزلىرى يېزىلغان؟ (يەشايا 54:17) (2) نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەر كىشىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدۇ؟
10 يەشايا 54:17-نى ئوقۇڭ. بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان مۇنۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەر ئەمەلگە ئاشماقتا: «ساڭا قارشى چىقىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال-ياراق غەلبە قازىنالماس». ئادەمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدىغان تۆۋەندىكى سۆزلەرمۇ ھازىر ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ: «بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە يەھۋا تەلىم بېرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكىنىڭ چېكى بولمايدۇ. سەن ھەققانىيلىق بىلەن مۇستەھكەم تىكلىنىسەن… . ھېچنەرسىدىن قورقمايسەن. خەۋپ-خەتەر سەندىن نېرى كېتەر» (يەشايا 54:13، 14). ھەتتا بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى شەيتانمۇ يەھۋانىڭ خەلقى قىلىۋاتقان تەلىم بېرىش ئىشنى توختىتالمايدۇ (2-كورىنت. 4:4). پاك ئىبادەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلىۋاتىدۇ ۋە ئەمدى ھەرگىز بۇلغانمايدۇ. ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان ھەرقانداق قۇرال غەلبە قىلالمايدۇ.
نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟
11. مەسىھ قىلىنغانلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، زور بىر توپ خالايىقنىڭ تاشلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
11 مەسىھ قىلىنغانلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، باشقا قويلارغا نېمە بولىدۇ؟ ئۇنتۇماڭكى، بىزنىڭ پادىچىمىز ئەيسا مەسىھ. ئۇ جامائەتنىڭ بېشى. ئەيسانىڭ ئۆزى مۇنداق دېگەن: «پەقەت بىرلا رەھبىرىڭلار بار» (مەتتا 23:10). ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پادىشاھىمىز ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىگە دائىم غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئۆزى بىزنى باشقۇرغاچقا، قورقۇشىمىزغا ھېچقانداق سەۋەب يوق. ئەلۋەتتە، بىز مەسىھنىڭ شۇ ۋاقىتتا يەر يۈزىدىكى خىزمەتچىلىرىگە يوليورۇقنى قانداق بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ھەممە تەپسىلاتلارنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئۈزۈندىلەر بىزنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
12. (1) مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يەھۋا ئۆز خەلقىگە قانداق غەمخورلۇق قىلغان؟ (2) ئېلىشا پەيغەمبەر باشقا ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، يەھۋا ئۆز خەلقىگە قانداق غەمخورلۇق قىلغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
12 ئىسرائىل خەلقى ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشتىن ئاۋۋال، مۇسا پەيغەمبەر ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ خەلقىگە نېمە بولغان؟ بۇ سادىق كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقى يەھۋانىڭ ياردىمىسىز قالدىمۇ؟ ياق! ئۇلار يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلغان. مۇسا ئۆلۈشتىن ئىلگىرى، يەھۋا ئۆزى خەلقىنى يېتەكلەش ئىشىنى يەشۇئاغا تاپشۇرۇشنى بۇيرىغان. مۇسا ئاللىقاچان يەشۇئانى كۆپ يىللاردىن بۇيان تەربىيىلەپ كەلگەنىدى (چىق. 33:11؛ تەكرار. قا 34:9). بۇنىڭدىن باشقا، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ھەتتا ئونبېشى دېگەندەك قابىلىيەتلىك ئەر كىشىلەر بار ئىدى (تەكرار. قا 1:15). بىلىمىزكى، يەھۋا ئۆز خەلقىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ تۇرغان. ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىمۇ دەل شۇنداق بولغان. ئۇ ئۇزۇن يىللار ئىسرائىل خەلقىنىڭ يەھۋاغا توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. بىراق، كېيىنرەك يەھۋا ئۇنىڭغا باشقا بىر ۋەزىپىنى بېرىپ، ئۇنى يەھۇداغا ئەۋەتكەن (2-پادىشاھ. 2:1؛ 2-تارىخ. 21:12). شۇ چاغدا، ئون قەبىلىلىك ئىسرائىل پادىشاھلىقىدىكى سادىق كىشىلەرنى خۇدا يوليورۇقسىز قالدۇرغانمۇ؟ ياق. ئىلياس خېلى يىللاردىن بۇيان ئېلىشا پەيغەمبەرنى ئۆگىتىپ تەربىيىلىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوغۇللىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ تەلىم ئالغان (2-پادىشاھ. 2:7). دېمەك، خۇدانىڭ خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سادىق ئەرلەر كۆپ بولغان. يەھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، سادىق خىزمەتچىلىرىگە غەمخورلۇق قىلغان.
13. ئىبرانىيلار 13:5-ئايەتتە يەھۋانىڭ قانداق ۋەدىسى يېزىلغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
13 بۇ ئىككى ۋەزىيەتنى يادىمىزدا تۇتساق، مەسىھ قىلىنغان ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرەركىن دەپ ئەنسىرەشنىڭ سەۋەبى يوق. چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق ئېيتىلغاندەك، يەھۋا يەر يۈزىدىكى خىزمەتچىلىرىنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيدۇ (ئىبرانىيلار 13:5-نى ئوقۇڭ). بۈگۈنكى كۈندە مەسىھ قىلىنغان كىچىك بىر توپ بۇرادەرلەر بىزگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. مۇسا ۋە ئىلياس پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش، ئۇلار باشقىلارنى تەربىيىلەشكە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېتەكچى كېڭەشتىكى بۇرادەرلەر كۆپ يىللاردىن بېرى باشقا قويلار ئارىسىدىكى بۇرادەرلەرگە خۇدا خەلقىدىن خەۋەر ئېلىشنى قىلىشنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئۇلار ئاقساقاللار، رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار، بەيتەل كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە بەيتەلدە مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ئاقساقاللار ئۈچۈن ھەرخىل مەكتەپلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ھەرخىل كومىتېتلاردا خىزمەت قىلىدىغان ياردەمچىلەرنى شەخسەن ئۆزلىرى ئۆگىتىپ تەربىيىلەپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ياردەمچىلەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە تەشكىلاتتىكى نۇرغۇن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئورۇنداۋاتىدۇ. ئۇلار مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، مەسىھنىڭ قويلىرىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا پۇختا تەييارلانغان.
14. بۇ مۇھاكىمىنىڭ ئاساسىي مۇھىم نۇقتىسى نېمە؟
14 دېمەك، مۇھاكىمىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى: دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ قالدۇق ئەزالىرىدىن ئەڭ ئاخىرقىسى ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە پاك ئىبادەت يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، بىز ياراتقۇچى يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋېرىمىز. شۇ چاغدا، مۇقەددەس كىتابتا ماگوگ زېمىنىدىن چىققان گوگ دەپ ئاتالغان دۆلەتلەر ئىتتىپاقى خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدۇ (ھەزەك. 38:18–20). شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى بەك قىسقا بولىدۇ ۋە غەلىبە قىلالمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىزغا ھېچقانداق توسالغۇ بولالمايدۇ. يەھۋا چوقۇم ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزىدۇ. ئەلچى يۇھاننا ۋەھىيدە، مەسىھنىڭ باشقا قويلىرى بولغان «زور بىر توپ خالايىقنى» كۆرگەن. پەرىشتە ئەلچى يۇھانناغا: «بۇ كىشىلەر دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر»،— دېگەن (ۋەھىي. 7:9، 14). دېمەك، شەك-شۈبھىسىزكى يەھۋا خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ!
15، 16. ۋەھىيلەر 17:14-ئايەتتە مەسىھ قىلىنغانلار ئارماگېدون ئۇرۇشىدا نېمە قىلىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ؟
15 ئەمما، بەزىلەر شۇنداق سورايدۇ: مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسمانغا چىققاندىن كېيىن نېمە قىلىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا بۇ سوئالنىڭ ئېنىق جاۋابى بار. مۇقەددەس كىتابتا بۇ دۇنيادىكى سىياسىي ھۆكۈمەتلەر «قوزا بىلەن جەڭ قىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. ئەلۋەتتە، ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، «قوزا غەلىبە قىلىدۇ». قوزىغا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟ ۋەھىي كىتابىدا يېزىلغاندەك، «چاقىرىلغان»، «تاللانغان» ۋە «سادىق» بولغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ (ۋەھىيلەر 17:14-نى ئوقۇڭ). ئۇلار كىملەر؟ ئۇلار مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بولۇپ، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسماندا جەم بولىدۇ. تۇنجى بولۇپ قىلدىغان ۋەزىپىسى جەڭگە قاتنىشىش. بۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ بىر ۋەزىپە! مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن ئاۋۋال، كۈچ ئىشلىتىپ باشقىلار بىلەن جىدەل-ماجىرا قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلغان، يەنە بەزىلىرى ھەتتا بۇ دۇنيادا ھەربىي خىزمەت قىلىپ، ئەسكەر بولۇشقان. لېكىن، كېيىنچە ھەقىقەتنى بىلىپ، ئۇلار تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرگە ئايلانغان (گالاتىيا. 5:22؛ 2-سالونىكا. 3:16). ئۇلار قورال-ياراقلىرىنى تاشلاپ، جەڭلەرنى قوللاشنى توختاتقان. ئەمما، ئاسمانغا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار مەسىھ ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئاخىرقى جەڭگە ئاتلىنىدۇ.
16 ئويلاپ بېقىڭ، ھازىر يەردە ياشاۋاتقان بەزى مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلار ياشىنىپ، ھالسىزلىنىپ قالدى. بىراق، ئۇلار ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلگەندە، كۈچلۈك ئۆلمەيدىغان روھىي مەۋجۇداتلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار غەلىبە قازانغۇچى پادىشاھ ئەيسا مەسىھ بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. ئارماگېدون ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇلار مەسىھ بىلەن بىللە ئىنسانىيەتنى مۇكەممەللىككە يېتەكلەيدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، مەسىھ قىلىنغانلار نامۇكەممەل كىشىلەر سۈپىتىدە يەر يۈزىدە بولغان ۋاقتىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار ئەمدى ئاسماندا بولغاندا يەر يۈزىدىكى ئەزىز قېرىنداشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ!
17. ئارماگېدون ئۇرۇشىدا خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
17 سىزمۇ باشقا قويلارنىڭ توپىغا كىرەمسىز؟ ئۇنداقتا، ئارماگېدون ئۇرۇشى باشلانغان چاغدا، سىز نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ يەھۋا خۇداغا تايىنىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشىڭىز كېرەك. بۇ كۆرسەتمە، بەلكىم مۇقەددەس كىتابتىكى مۇنۇ بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «ئەي خەلقىم، ئىچكىرى ھۇجرا ئۆيۈڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. غەزەپ ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر، بىرئاز يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار!» (يەشايا 26:20). شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ئاسماندىكى ۋە يەردىكى ھەممە سادىق خىزمەتچىلىرى ئىنتايىن بىخەتەر بولىدۇ. ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ شۇنىڭغا كامىل ئىشىنىمىزكى: «ھۆكۈمەتلەر، مەيلى ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار، ... ھەرقانداق نەرسە بىزنى خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىق كۆرسەتكەن مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ» (رىملىقلار 8:38، 39). شۇنى ئەسلا ئۇنتۇماڭكى، ياراتقۇچى سىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە سىزنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ!
مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ قالدۇق ئەزالىرىدىن ئەڭ ئاخىرقى بىرى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە ...
-
نېمىلەر يۈز بەرمەيدۇ؟
-
نېمە ئۈچۈن پاك ئىبادەت بۇلغانمايدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز؟
-
يەھۋا ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنەلەيمىز؟
49-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز