6-تەتقىق ماقالىسى
9-ناخشا ئالقىشلاڭ خۇدايىمىز يەھۋانى!
«يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەڭلار!»
«يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەڭلار!».—زەبۇر 113:1.
مەركىزىي ئىدىيە
بۇ ماقالىدە، نېمە بىزنى ھەربىر پۇرسەتتە يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1، 2. يەھۋانىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلىنغاندا، ئۇنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
مۇنداق بىر ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ: سىز ياخشى كۆرگەن بىرى سىز توغرۇلۇق باشقىلارغا يامان گەپلەرنى قىلدى. ئۇنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلىسىز، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر يالغان گەپكە ئىشىنىدۇ. ئەڭ يامان يېرى، بۇ يالغان گەپ-سۆزلەر تارقىلىپ، باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە باشلايدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ ئەگەر ئاشۇ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە ۋە نام-ئابرويىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى بولسىڭىز، بۇنداق يالغانچىلىق سىزنىڭ كۆڭلۈڭىزنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ —پەند. نە 22:1.
2 يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بۇ مىسال يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ تەگكەندە، ئۇ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى تۇنجى ئايال ھاۋا-ئانىغا يالغان ئېيتقان. ئۇ يالغانغا ئىشەنگەن. بۇ يالغانچىلىق سەۋەبلىك، تۇنجى ئەجدادىمىز ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يەھۋاغا ئىسىيان كۆتۈرگەن. نەتىجىدە، گۇناھ ۋە ئۆلۈم بارلىق ئىنسانلار ئارىسىغا كىرگەن (يارىت. 3:1–6؛ رىملىقلار 5:12). بۈگۈن بىز بۇ دۇنيادا كۆرۈۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلار، يەنى ئۆلۈم، ئۇرۇشلار، ئازاب-ئوقۇبەتلەر شەيتاننىڭ ئېرەم بېغىدا تارقاتقان يالغانچىلىقى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن. ئۇنداقتا، يەھۋا بۇ يالغانچىلىقنى ۋە نەتىجىدە پەيدا بولغان يامان ئاقىۋەتلەرنى كۆرگەندە، كۆڭلى يېرىم بولدىمۇ؟ شەك-شۈبھىسىزكى، يېرىم بولغان. ئەمما، يەھۋا ئاچچىقلانمايدۇ ۋە نەپرەتلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ داۋاملىق شاد-خۇراملىقنى ساقلايدۇ.—1-تىموت. 1:11.
3. بىزدە قانداق پۇرسەت بار؟
3 بىزنىڭ شەيتاننىڭ ياراتقۇچىمىز يەھۋا توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇش پۇرسىتىمىز بار. بۇ بىر ئالاھىدە شان-شەرەپ! ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇنۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇشىمىز كېرەك: «يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەڭلار!» (زەبۇر 113:1) بىز بۇنى يەھۋا ھەققىدە ھەقىقەتنى سۆزلەش ئارقىلىق قىلالايمىز. چىن دىلىمىزدىن يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ئۈچ مۇھىم سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلىسەك، ئۇنى خۇرسەن قىلىمىز
4. يەھۋانى مەدھىيىلىگىنىمىزدە، نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
4 بىز ئۇنىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلىگەندە، ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلىمىز (زەبۇر 119:108). ئۇنداقتا، بۇ ھەممىگە قادىر خۇدايىمىزنىڭ نامۇكەممەل ئىنسانلارنىڭ مەدھىيىلىشىگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. مۇنداق بىر مىسالنى ئويلاپ كۆرەيلى. بىر كىچىك قىز دادىسىنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ، بوينىغا ئېسىلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ: «سەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دادا»،— دەيدۇ. دادىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ھەتتا دادىسى قىزنىڭ چىن كۆڭلىدىن شۇنداق قىلغىنىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇنى بالىسىنىڭ ماختىشىغا مۇھتاج، ئىشەنچىسىز ئادەم دەپ پەرەز قىلىشقا بولامدۇ؟ ياق. بىز ئۇ كىشىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئۆز قىزىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى كۆرسىتىشنى كۆرۈشتىن خۇرسەن بولىدىغان دادا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئۇ قىزى چوڭ بولغاندا، بۇنداق پەزىلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلىگىنىمىزدە، ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.
5. ئاسماندىكى ئاتىمىزنى مەدھىيىلىگەندە، قايسى گەپ-سۆزلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلايمىز؟
5 ئاسماندىكى ئاتىمىزنى مەدھىيىلىگىنىمىزدە، يەنە شەيتاننىڭ ھەربىرىمىز توغرىسىدا ئېيتقان سۆزىنىڭ بىر يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز. شەيتان ھېچقانداق ئىنساننىڭ خۇدانىڭ ئىسىمىنى سادىقلىق بىلەن قوغدىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ھېچقايسىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ساداقەتمەن بولالمايمىز. شەيتان ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز شۇنداق دېگەن: بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياخشىراق بولىدۇ دەپ قارىساق، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كېچىمىز (ئايۇپ 1:9–11؛ 2:4). ئەمما، ئايۇپ ساداقەتمەنلىك بىلەن شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. سىزمۇ شۇنداق قىلامسىز؟ ھەربىرىمىز ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋانىڭ ئىسىمىنى قوغدىيالايمىز ۋە ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنى خۇشال قىلالايمىز (پەند. نە 27:11). بۇ ھەقىقەتەن بىز ئۈچۈن ئالاھىدە شان-شەرەپ!
6. پادىشاھ داۋۇتنى ۋە لاۋىيلارنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (نەھەمىيا 9:5)
6 خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ساداقەتمەن كىشىلەرنى چىن قەلبىدىن ئۇنىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەشكە ئۈندەيدۇ. داۋۇت پادىشاھ مۇنداق سۆزلەرنى يازغان: «ئەي جېنىم، يەھۋاغا مەدھىيە ئېيتقىن؛ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىسىمىنى مەدھىيىلىگىن» (زەبۇر 103:1) داۋۇت يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەشنىڭ، يەھۋانىڭ ئۆزى مەدھىيىلەش بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. يەھۋانىڭ ئىسىمى بىلەن ئۇنىڭ نام-ئابرويى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولغاچ، بىز يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ بارلىق گۈزەل پەزىلەتلىرى ۋە ئاجايىپ ئىشلىرى ئېسىمىزگە كېلىدۇ. داۋۇت يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ، ئۇنى مەدھىيىلىمەكچى بولغان. ئۇ بۇنى ‹پۈتۈن ۋۇجۇدى›، يەنى چىن قەلبىدىن قىلماقچى بولغان. شۇنىڭغا ئوخشاش لاۋىيلارمۇ يەھۋانى مەدھىيىلەشتە ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇلار كەمتەرلىك بىلەن شۇنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇلار ھەرقانچە قىلسىمۇ، يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسىمىنى تولۇق مەدھىيىلەشكە ئۆز سۆزلىرىنىڭ ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (نەھەمىيا 9:5-نى ئوقۇڭ). شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كەمتەرلىك بىلەن، چىن قەلبىدىن چىققان مەدھىيە سۆزلىرى يەھۋانىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلغان.
7. يەھۋانى ۋەز خىزمىتىمىزدە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قانداق مەدھىيىلىيەلەيمىز؟
7 بۈگۈنكى كۈندە، بىز قىزغىنلىق بىلەن يەھۋا ھەققىدە مىننەتدارلىقىمىز ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق يەھۋانى خۇشال قىلالايمىز. بىز ۋەز خىزمەتكە قاتناشقاندا، ئاساسىي مەقسىتىمىز بولسا، ئىنسانلارنىڭ يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ كۆيۈمچان ئاتىمىزنى بىزگە ئوخشاش يېقىن كۆرەلىشىگە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارمايلى (ياقۇپ 4:8). بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ يەھۋانى قانداق تەسۋىرلىگەنلىكىنى كىشىلەرگە كۆرسەتكىنىمىزدە ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. چۈنكى، ئۇنىڭدا يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى، ئادالىتى، ئەقىل-پاراسىتى، كۈچ-قۇدرىتى ۋە كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان باشقا پەزىلەتلىرى ئاشكارا قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەھۋانى مەدھىيىلەش ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇنى خۇرسەن قىلىمىز (ئەفەس. 5:1). بىز شۇنداق قىلغىنىمىزدا، بۇ رەزىل دۇنيادا باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ كۆرۈنىمىز. كىشىلەر بىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىمىزغا دىققەت قىلىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق ئويلىنىشى مۇمكىن (مەتتا 5:14–16). كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا باشقىلار بىلەن ئالاقىدە بولغاندا، بەلكىم بىز ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمىز. نەتىجىدە، سەمىمىي كىشىلەر خۇدايىمىزغا يېقىنلاشقاندەك ھېس قىلىدۇ. بىز مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەن يەھۋانى مەدھىيىلىگەندە، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىمىز.—1-تىموت. 2:3، 4.
خۇدانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلىسەك، ئەيسا مەسىھ خۇرسەن بولىدۇ
8. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەشتە ئەيسا ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟
8 ئاسماندىكى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەقىللىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ھېچكىم ئاتىسىنى ئوغۇلدەك ياخشى بىلمەيدۇ (مەتتا 11:27). ئەيسا ئۆز ئاتىسىنى سۆيگەن ۋە ئۇ ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ، يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلىگەن (يۇھاننا 14:31). ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋالقى ئاخشىمى ئاتىسىغا قىلغان دۇئاسىدا، ئۇ يەر يۈزىدىكى قىلغان خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلغان: «مەن سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇلارغا بىلدۈردۈم» (يۇھاننا 17:26). ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟
9. ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قانداق تەمسىل كەلتۈرگەن؟
9 ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەرگە خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا دەپ ئېيتىشتىن كۆپرەك ئىشلارنى قىلغان. ئەيسا تەلىم بەرگەن يەھۇدىيلار ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلەتتى. بىراق، ‹خۇدانى چۈشەندۈرۈشتە›، ئەيسا ئۆزى باشلامچى بولغان (يۇھاننا 1:17، 18). مەسىلەن، ئىبرانىيچە يازمىلاردا يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقەتلىك ۋە كۆيۈمچان خۇدا ئىكەنلىكى ئاشكارا قىلىنغان ئىدى (چىق. 34:5–7). ئاشۇ ھەقىقەتنى، ئەيسا مەسىھ ئاداشقان ئوغۇل ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ھەققىدىكى مىسالنى ئېيتقىنىدا ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. توۋا قىلغان ئوغلى «تېخى يىراقتا كېلىۋاتقاندا»، ئاتىسى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ چىقىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ، چىن قەلبىدىن كەچۈرگەنلىكىنى ئوقۇغىنىمىزدا، يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتى ۋە كۆيۈمچانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز (لۇقا 15:11–32). بۇنداق تەسۋىرلەر ئارقىلىق، ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى چۈشەندۈرگەن.
10. (1) ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇ باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشنى خالىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ (ماركۇس 5:19) (رەسىمگە ھەم قاراڭ) (2) بۈگۈنكى كۈندە ئەيسا بىزنىڭ نېمىنى قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟
10 ئەيسا يەنە ئاتىسىنىڭ خاس ئىسىمىنى باشقىلارنىڭمۇ ئىشلىتىشىنى خالامدۇ؟ ئەلۋەتتە. ئەينى زاماندا بەزى دىنىي رەھبەرلەر خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىنتايىن مۇقەددەس، ئۇنى تىلغا ئېلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەيسا مۇقەددەس كىتابقا ماس كەلمەيدىغان بۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاشقا توسالغۇ بولۇشىغا يول قويمىغان. ئەيسا گېراسالىقلار ياشايدىغان يەردە جىن چاپلاشقان بىر كىشىنى ساقايتقاندا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئەسلەپ كۆرەيلى. كىشىلەر قورقۇپ كېتىپ، ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى ئۆتۈنگەن (ماركۇس 5:16، 17). شۇڭا، ئۇ ئاشۇ يەردە قالمىغان. بىراق، ئەيسا يەھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ ئۇ يەردە تونۇلۇشىنى خالىغانىدى. شۇڭلاشقا، ئەيسا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ قىلغانلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشنى، ئاشۇ ساقايتقان كىشىگە بۇيرىغان (ماركۇس 5:19-نى ئوقۇڭ) a. ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق قىلىشىمىزنى خالايدۇ. بىز ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا تونۇتىمىز (مەتتا 24:14؛ 28:19، 20). بىز ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئورۇنلىساق، پادىشاھىمىز ئەيسانى خۇرسەن قىلىمىز.
11. ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟ (ھەزەكىيال 36:23)
11 ئەيسا مەسىھ شۇنى ئېنىق بىلگەنكى، يەھۋانىڭ مەقسىتى ئۆز ئىسىمىغا قىلىنغان تۆھمەتلەرنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىش. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەزرىتىمىز ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇنداق دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن: «ئاسماندىكى ئاتىمىز، ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن» (مەتتا 6:9). ئەيسا بۇنىڭ بارلىق ئەقىللىق مەۋجۇداتلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنىدى (ھەزەكىيال 36:23-نى ئوقۇڭ). كائىناتتىكى ھېچقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى ئەيساغا قارىغاندا، يەھۋانىڭ ئىسىمىنى تېخىمۇ ئۇلۇغلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭدەك كۆپ ئىشلارنى قىلىپ باققان ئەمەس. بىراق، ئەيسا قولغا ئېلىنغاندا، دۈشمەنلىرى ئۇنى قانداق گۇناھ بىلەن ئەيىبلىگەن؟ كۇپۇرلۇق! ئەيسا چوقۇم ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى ھاقارەتلەشنى ياكى ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىشنى ئىنتايىن يىرگكىنىچلىك گۇناھ دەپ قارىغان. ئەمما، ھازىر ئۇ ئۆزى شۇنداق گۇناھ قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەنىدى. ئۇ بۇنداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغان. بەلكىم، بۇ ئۇنى تۇتۇپ كېتىشتىن ئىلگىرىكى سائەتلەردە، ئۇنىڭ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي سەۋەبى بولغان.—لۇقا 22:41–44.
12. ئەيسا قايسى ئاجايىپ ئۇسۇلدا ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلىگەن؟
12 ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل ئازاب-ئوقۇبەتلەر، ھاقارەتلەر ۋە تۆھمەتلەرگە بەرداشلىق بەرگەن. ئۇ ھەممە ئىشتا ئاتىسىغا بويسۇنۇش كېرەكلىكىنى بىلگەن، شۇڭلاشقا ئۇ ھېچنېمىدىن نومۇس قىلمىغان (ئىبرانىي. 12:2). ئۇ يەنە بۇ قىيىن پەيتلەردە، شەيتاننىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن (لۇقا 22:2–4؛ 23:33، 34). شەيتان چوقۇم ئەيسا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىمايدۇ دەپ ئۈمىد قىلغان. ئەمما، شەيتان مەغلۇپ بولغانىدى. ئەيسا شەيتاننىڭ رەزىل بىر يالغانچى ئىكەنلىكىنى ۋە يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئەڭ ئېغىر سىناقلاردىمۇ ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى قەتئىي ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
13. سىز ئۆز پادىشاھىڭىزنى قانداق خۇرسەن قىلالايمىز؟
13 سىز پادىشاھىڭىز ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلىشنى خالامسىز؟ ئەگەر خالىسىڭىز، داۋاملىق يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەڭ ۋە باشقىلارنىڭ يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەيسانىڭ ئىزلىرىدىن ئەگەشكەن بولىسىز (1-پېتر. 2:21). سىزمۇ ئەيساغا ئوخشاش يەھۋانى خۇرسەن قىلىسىز ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى شەيتاننىڭ نومۇسسىز بىر يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايسىز.
يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلىسەك، ھاياتنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىمىز
14، 15. ئادەملەرگە يەھۋا توغرۇلۇق ئۆگەتكەندە، قانداق ئاجايىپ ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
14 يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرالايمىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ سەۋەبى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شەيتاننىڭ يالغانچىلىقىغا ئىشىنىدۇ. مۇقەددەس كىتاب: شەيتان «ئىمانسىزلارنىڭ … ئەقلىنى كۆر قىلدى»،— دەيدۇ (2-كورىنت. 4:4). نەتىجىدە، كىشىلەر شەيتاننىڭ مۇنداق يالغانچىلىقلارغا ئىشىنىشكە باشلىغان: خۇدا يوق، خۇدا بىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، خۇدا رەھىمسىز ۋە يامانلىق قىلغۇچىلارنى مەڭگۈ جازالايدۇ. بۇنداق يالغانچىلىقلار ئارقىلىق شەيتان يەھۋانىڭ ئىسىمى ۋە نام ئابرويىغا ھاقارەت قىلىپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى توسۇپ قويىدۇ. ئەمما، بىز ۋەز قىلساق، شەيتان رەزىل مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بىز كىشىلەرگە ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگىتىپ، خۇدايىمىزنىڭ مۇقەددەس ئىسىمىنى مەدھىيىلەيمىز. ئۇنداقتا، بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
15 خۇدانىڭ سۆزىدىكى ھەقىقەتلەرنىڭ ناھايىتى زور كۈچ قۇدرىتى بار. كىشىلەرگە يەھۋا ۋە ئۇنىڭ زادى قانداق خۇدا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئارقىلىق، بىز ئاجايىپ نەرسىلەرنى كۆرەلەيمىز. بۇ ھەقىقەتلەر شەيتاننىڭ يالغانچىلىقى بىلەن قەلبى كور بولغانلارنىڭ قەلب كۆزلىرىنى ئاچىدۇ. ئۇلار بارا-بارا ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلەرنى كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئۇلار يەھۋانىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتىدىن ھەيران بولىدۇ (يەشايا 40:26). ئۇلار ئۇنىڭ مۇكەممەل ئادالىتىگە ئىشىنىدۇ (تەكرار. قا 32:4). ئۇلار ئۇنىڭ چوڭقۇر ئەقىل-پاراسىتىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ (يەشايا 55:9؛ رىملىقلار 11:33). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆزلىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى ئۆگەنگەندە، ئۇلارنىڭ كۆڭلى تەسەللى تاپىدۇ (1-يۇھاننا 4:8). ئۇلار يەھۋاغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدەك ياشاش ئۈمىدى شۇنچە كۈچىيىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئاتىمىز يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىش نېمە دېگەن زور شان-شەرەپ! شۇنداق قىلغىنىمىزدا، يەھۋا بىزنى ئۆزىنىڭ ‹خىزمەتدىشى› دەپ قارايدۇ.—1-كورىنت. 3:5، 9.
16. بەزىلەر خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلگەندە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
16 ئادەتتە، بىز ئالدى بىلەن كىشىلەرگە خۇدانىڭ خاس ئىسىمى يەھۋا ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىشىمىز مۇمكىن. بۇ سەمىمىي ئادەملەرگە ئۇزۇنغىچە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن، ئالىيا b ئىسىملىك بىر ياشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلىمى بويىچە ئۆگەتمەيدىغان بىر دىنغا ئىشەنگەن ئائىلىدە چوڭ بولغانىدى. بىراق، ئۇ ئۆز دىنىدىن خۇشاللىق تاپمىغان ۋە ئۆزىنى خۇدادىن يىراق ھېس قىلغان. ئۇ گۇۋاھچىلار بىلەن تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگەرگەن. ئۇ خۇدانى ئۆزىنىڭ دوستىدەك كۆرۈشكە باشلىغان ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇقەددەس كىتابلارنىڭ تەرجىمىلىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگار، رەب دېگەنگە ئوخشاش نام-ئۇنۋانلار ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران بولغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئۆگىنىش ھاياتىدىكى چوڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خۇدا مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ئىسىمى بار!»— دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭغا قانداق تەسىر قىلغان؟ ئۇ: «مېنىڭ قەلبىم تىنچ-خاتىرجەملىككە تولۇپ، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن». ستېۋ ئىسىملىك بىر مۇزىكانت ناھايىتى دىندار بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدىن چىققان. ئەمما ئۇ دىن نامىدا قىلىنغان نۇرغۇن ساختىپەزلىكلەرنى كۆرگەچ، ئۇ ھېچقانداق دىنغا تەۋە بولۇشنى خالىمىغان. كېيىن ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ ئىنتايىن قايغۇرغان. ئاشۇ پەيتلەردە ئۇ تونۇيدىغان بىر كىشى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىغان. ئۇ خۇدانىڭ ئىسىمى بارلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خۇدانىڭ ئىسىمى بارلىقىنى بىلمەيتتىم، ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىنى ۋە ھېس-تۇيغۇسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندىم. مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزدەۋاتقان دوستۇمنى تاپتىم».
17. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئىسىمىنى داۋاملىق مەدھىيىلەشكە بەل باغلىدىڭىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
17 ۋەز ئېيتقاندا ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىپ تەلىم بەرگەندە، يەھۋا دېگەن مۇقەددەس ئىسىمنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرەمسىز؟ ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ زادى قانداق خۇدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرەمسىز؟ شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، خۇدانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەيسىز. كىشىلەرنىڭ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان شەخسنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى بىلىشىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسىمىنى داۋاملىق مەدھىيىلەڭ! شۇنداق قىلسىڭىز، ھاياتنى قۇتقۇزىسىز. پادىشاھىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئەگىشىسىز. ھەممىدىن مۇھىمى، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىڭىز يەھۋانى خۇرسەن قىلىسىز. ئۇنىڭ ئىسىمىغا «ئەبەدىل-ئەبەد مەدھىيە» ئوقۇڭ.—زەبۇر 145:2.
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
-
يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەش ئۇنى قانداق خۇرسەن قىلىدۇ؟
-
يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەش ئەيسا مەسىھنى قانداق خۇرسەن قىلىدۇ؟
-
يەھۋانىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەش ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى قانداق قۇتقۇزالايدۇ؟
138-ناخشا يەھۋا — سېنىڭ ئىسىمىڭ