7-تەتقىق ماقالىسى
7-ناخشا يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش
نەزىر قىلىنغانلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
«ئۇ نەزىر قىلىنغان شۇ مەزگىلدە يەھۋا ئۈچۈن مۇقەددەس سانىلىدۇ». —سانلار 6:8.
مەركىزى ئىدىيە
نەزىر قىلىنغانلاردىن ئۆگەنگەنلىرىمىز يەھۋاغا ئۆزىمىزنى ئاتاپ، جاسارەت بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
1. قەدىمدىن بۈگۈنگە قەدەر، يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار قانداق ياخشى روھنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە؟
سىز يەھۋانى سۆيەمسىز؟ ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ! بۇنداق قىلىۋاتقان پەقەت سىز بىرلا كىشى ئەمەس. قەدىمقى زامانلاردىن بۇيان سان-ساناقسىز يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى سىزگە ئوخشاش ئۇنى سۆيگەن (زەبۇر 104:33، 34). نۇرغۇن كىشىلەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بەرگەن. بۇ ئەلۋەتتە قەدىمقى زاماندىكى ئىسرائىللار ئارىسىدا نەزىرلەر دەپ ئاتالغان كىشىلەر. ئۇلار زادى قانداق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
2. (1) نەزىر قىلىنغانلار كىملەر؟ (سانلار 6:1، 2) (2) نېمە ئۈچۈن بەزى ئىسرائىللار نەزىر بولۇشنى قارار قىلغان؟
2 «نەزىر» سۆزى ئىبرانىي تىلدىن كەلگەن بولۇپ، «ئايرىپ قويغان»، «ئاتالغان» ياكى «بېغىشلانغان» دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. نەزىر قىلىنغانلار قىزغىنلىق بىلەن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان ئىسرائىللار بولۇپ، مەلۇم قۇربانلىقلارنى بېرىپ، ئۆزگىچە ئۇسۇلدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەن قانۇندا ئەر ياكى ئايال كىشى يەھۋاغا ئالاھىدە قەسەم بېرىش ئارقىلىق بىر مەزگىل نەزىر قىلىنىپ ياشاشنى تاللىغان a (سانلار 6:1، 2-نى ئوقۇڭ). بۇ قەسەمنى، يەنى قەتئىي ۋەدىنى بەرگەن كىشى، باشقا ئىسرائىللار ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدىغان بۇيرۇقلارغا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بىر ئىسرائىل نەزىر قىلىنىش ئۈچۈن قەسەم قىلىشىنى تاللايدۇ؟ بەلكىم، ئۇ يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە ئۇنىڭ بەرىكەتلەرگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى خالىغان.—تەكرار. قا 6:5؛ 16:17.
3. بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ خەلقى قايسى تەرەپتىن نەزىر قىلىنغانلارغا ئوخشايدۇ؟
3 مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇننىڭ ئورنىنى «مەسىھنىڭ قانۇنى» ئالغاندا، نەزىر قىلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقان ئىدى (گالاتىيا. 6:2؛ رىملىقلار 10:4). بىراق، نەزىر قىلىنغانلارغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خەلقى پۈتۈن ۋۇجۇدى، پۈتۈن جېنى، پۈتۈن زېھنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدۇ (ماركۇس 12:30). بىز ئۆزىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، ئۆزىمىز خالاپ قەسەم قىلىمىز. بۇ قەسەمگە سادىق ياشاش يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش ۋە قۇربانلىقلارنى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆتمۈشتە نەزىر قىلىنغانلارنىڭ ئۆز قەسىمىگە سادىق ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، ئۇلاردىن قىممەتلىك ساۋاقلارغا ئىگە بولالايمىز ۋە بۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنى بېغىشلىغاندا بەرگەن قەسىمىمىزگە سادىق ياشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ b (مەتتا 16:24). بۇ ھەققىدە بەزى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۆزىڭىز خالاپ قۇربانلىق بېرىڭ
4. سانلار 6:3، 4-ئايەتلەرگە ماس، نەزىر قىلىنغانلار نېمىدىن ۋاز كەچكەن؟
4 سانلار 6:3، 4-نى ئوقۇڭ. نەزىر قىلىنغانلار ئۈزۈم شارابى ۋە ئۈزۈمدىن ياسالغان ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنى يېمىگەنىدى. بۇنىڭغا ئۈزۈمنىڭ ئۆزى ۋە قۇرۇتۇلغان ئۈزۈملەرمۇ كىرىدۇ. ئەتراپتىكى باشقا كىشىلەر دائىم شۇنداق نەرسىلەرنى يەپ-ئىچەتتى. چۈنكى، شۇنداق قىلىشىنىڭ ھېچقانداق بىر خاتا يېرى يوق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، مۇقەددەس كىتابتا «شاراب» خۇدادىن كەلگەن «ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان» سوۋغات دەپ تەسۋىرلەنگەن (زەبۇر 104:14، 15). بىراق، نەزىرلەر ئۆزى خالاپ، بۇنداق نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، قۇربانلىق بەرگەن c.
5. مادىئان بىلەن مارسېلا نېمىدىن ۋاز كەچتى ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا نېمە دەۋەت قىلغان؟
5 نەزىر قىلىنغانلارغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بېرىمىز. مادىئان ۋە مارسېلانىڭ d مىساللىرىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال راھەت تۇرمۇش كەچۈرەتتى. مادىئاننىڭ ياخشى خىزمىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايلىق ئۆيى بار ئىدى. بىراق، ئۇلار يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالىغان. ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز بەزى چىقىملارنى ئازايتىشقا باشلىدۇق. بىز كىچىكرەك ئۆيگە كۆچۈپ، ماشىنىمىزنى ساتتۇق». مادىئان بىلەن مارسېلانىڭ بۇنداق قۇربانلىقلارنى بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئەمما، ئۇلار شۇنداق قىلىشنى تاللىغان. سەۋەبى، شۇنداق قىلغىنىدا ئۇلار تېخىمۇ كۆپرەك ۋەز قىلالايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارلىرىدىن قانائەت ۋە مەمنۇنلۇق ھېس قىلغان.
6. بۈگۈنكى كۈندە خۇدا خىزمەتچىلىرىگە قۇربانلىققا بېرىشكە نېمە دەۋەت قىلىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
6 بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن قېرىنداشلار كۆپرەك ۋاقتىنى چىقىرىپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ئويلىغاچ، ئۆزى خالاپ قۇربانلىقلارنى بېرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپىدۇ (1-كورىنت. 9:3–6). ئەمەلىيەتتە، يەھۋا بىزدىن شۇنداق قۇربانلىقلارنى بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ ياكى بەزى ئىشلاردىن ۋاز كەچكەن كىشىلەر ھېچقانداق بىر ئىشنى خاتا قىلغان ئەمەس. مەسىلەن، بەزىلەر ئۆزى ياقتۇرىدىغان خىزمىتىدىن، ئۆيىدىن، ھەتتا ئەرمەك ھايۋانلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ. نۇرغۇنلىرى كېچىكىپ توي قىلىشنى ياكى پەرزەنتلىك بولۇشنى قارار قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ، خىزمەت قىلىشنى تاللايدۇ، ئۇلار يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ، يىراق يۇرتلاردا ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز يەھۋاغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالىغاچ، قولىدىن كېلىشىچە شۇنداق قۇربانلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، يەھۋا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بەرگەن چوڭ-كىچىك قۇربانلىقلىرىڭىزنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ.—ئىبرانىي. 6:10.
باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن تەييار بولۇڭ!
7. نەزىر قىلىنغانلار قەسىمىنى ئورۇنلىغاندا قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن؟ (سانلار 6:5) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
7 سانلار 6:5-نى ئوقۇڭ. نەزىر قىلىنغانلار چېچىنى چۈشۈرمەسلىكنى قەسەم قىلاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ يەھۋاغا تولۇق ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر يول ئىدى. ئەگەر بىر ئىسرائىل ئۇزۇن ۋاقىتقا نەزىر قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ چېچى چۈشۈرۈلمەي، چاچلىرى باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولۇپ قالاتتى. ئەگەر ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ قەسىمىگە سادىق قىلىشىنى قوللىسا، بەلكىم بۇ نەزىر قىلىنغانلارنىڭ خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرغان. ئەمما، قەدىمقى زاماندا كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلار يۈز بەرگەن. نەزىر قىلىنغانلار قەدىرلەنمىگەن ياكى قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمىگەن. مەسىلەن، ئاموس پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا ھەق يولدىن چەتنەپ كەتكەن ئىسرائىللار «نەزىر قىلىنغان كىشىلەرگە شاراب» ئىچكۈزگەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسەت، نەزىر قىلىنغانلارنىڭ قەسىمىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان (ئاموس 2:12). بەزى ۋاقىتلاردا، نەزىر قىلىنغان بىر كىشىنىڭ قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، چوقۇم قەتئىي جاسارەتلىك بولۇشى تەلەپ قىلغان.
8. بىنيامىننىڭ كەچۈرمىشى سىزنى قانداق ئىلھاملاندۇردى؟
8 ھەتتا تارتىنچاق كىشى بولساقمۇ، يەھۋانىڭ ياردىمىدە بىزمۇ جاسارەتلىك بولۇپ، باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن جۈرئەت قىلالايمىز. نورۋېگىيىدە ياشايدىغان بىنيامىن ئىسىملىك 10 ياشلىق گۇۋاھچىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇنىڭ مەكتىپىدە ئۇرۇش پارتىلىغان دۆلەت ئۇكرائىنانى قوللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بالىلار ئۇكرائىنانىڭ بايرىقىنىڭ رەڭگىدە كىيىملەرنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىش تەلەپ قىلىنغان. بىنيامىن شۇ ئىش بولۇۋاتقان جايدىن يىراقراق بىر چەتتە تۇرۇپ، بۇ مىللەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىدىغان پائالىيەتتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشنى قارار قىلغان. ئەمما، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى كۆرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ: «تېزىرەك بۇ يەرگە كەل! ھەممىمىز سېنى ساقلاۋاتىمىز!»،— دېگەن. بىنيامىن جاسارەت بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن بىتەرەپ، مەن سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايمەن. ئەمەلىيەتتە، كۆپلىگەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ». ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ بۇنداق چۈشەندۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ۋە بىنيامىننىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىغا رۇخسەت بەرگەن. ئەمما، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا قوشۇلمىغانلىقىنى سوراشقا باشلىغان. بىنيامىن ئىنتايىن ھودۇقۇپ كەتكەن ۋە يىغلاپ تاشلاشقا ئاز قالغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ جاسارەت بىلەن ئوقۇتقۇچىسىغا ئېيتقان سۆزلەرنى پۈتۈن سىنىپداشلىرىغا قايتا تەكرارلىغان. كېيىن، بىنيامىن ئاتا-ئانىسىغا، ئۆزىنىڭ يەھۋانىڭ ياردىمىدە ئىمان-ئېتىقادتا چىڭ تۇرالىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
9. قانداق يوللار بىلەن بىز يەھۋانى خۇشال قىلالايمىز؟
9 بىز يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشنى تاللىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن پەرقلىق بولۇپ تۇرىمىز. بىز ئىش ئورنىدا ياكى مەكتەپتە ئۆزىمىزنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ تونۇتۇشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى كۈندىن-كۈنگە بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى بويىچە ياشاپ، باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشىمىز تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن (2-تىموت 1:8؛ 3:13). بىراق، ھەردائىم شۇنى ئېسىمىزدە ساقلايلى: ئەگەر بىز جاسارەت بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلمايدىغانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرساق، ‹يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىمىز›.—پەند. نە 27:11؛ مالاك. 3:18.
ھاياتىڭىزدا يەھۋانى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ
10. سانلار 6:6، 7-ئايەتتىكى بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشتا، نەزىر قىلىنغانلارنىڭ ئىمانى قانداق سىنالغان؟
10 سانلار 6:6، 7-نى ئوقۇڭ. نەزىر قىلىنغانلار ئۆلۈككە يېقىنلىشالمايتتى. قارىماققا، ئۇ ئانچە چوڭ قۇربانلىق ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. قەدىمقى زاماندا بىر نەزىر قىلىنغان كىشى يېقىن ئۇرۇق-تۇققىنى ئۆلۈپ كەتكەندە، بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلىش ئەلۋەتتە ئاسانغا چۈشمىگەنىدى. چۈنكى، شۇ زامانلاردىكى دەپنە مۇراسىمى ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە يېقىنلىشىشنىمۇ ئۆزى ئىچىگە ئالاتتى (يۇھاننا 19:39، 40؛ ئەلچى. 9:36–40). بىر نەزىر بەرگەن قەسىمى سەۋەبلىك، ئۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەرگە تولۇق ئەمەل قىلالمايتتى. شۇنداق قايغۇلۇق ۋاقىتتا نەزىر قىلىنغانلار ئۆز قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسەتكەن. مۇشۇ قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، ئاشۇ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن، يەھۋا ئۇلارغا چوقۇم كۈچ-مەدەت بەرگەن.
11. مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ئائىلىگە باغلىق مەسىلىلەرنى ئېشىۋاتقاندا، نېمە قەتئىي قىلىشى كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
11 بىز مەسىھ ئەگەشكۈچىسى سۈپىتىدە ئۆزىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا بەرگەن قەسىمىمىزگە قەتئىي سادىق بولۇشقا تىرىشىمىز. بۇ ئائىلىمىزدىكى ئىشلار توغرۇلۇق چىقىرىدىغان قارارلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز ئائىلىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيمىز. ئەمما، بىز ھەرگىز ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى يەھۋا بىزدىن تەلەپ قىلغان ئىشلارنىڭ ئالدىغا قويمايمىز (مەتتا 10:35–37؛ 1-تىموت. 5:8). بەزىدە، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن چىقارغان قارارلىرىمىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى خۇشال قىلماسلىقى مۇمكىن.
12. ئالېكساندىرۇ ئائىلىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا، ئۇ نېمە قىلغان ۋە نېمە قىلمىغان؟
12 ئالېكساندىرۇ ۋە ئايالى دورىنا ۋاكارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال مۇقەددەس كىتابنى بىر يىلچە تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندىن كېيىن، دورىنا ئۆگىنىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. ئۇ ئالېكساندىرۇنىڭمۇ توختاپ قېلىشىنى خالىغانىدى. بىراق، ئالېكساندىرۇ تەمكىنلىك ۋە پەم-پاراسەت بىلەن ئايالىغا ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دورىنا بۇنىڭدىن خۇشال بولمىغان ۋە ئۇنى ئۆگىنىشنى توختىتىشقا مەجبۇرلىماقچى بولغان. ئالېكساندىرۇ ئايالىنىڭ نېمىشقا بۇنداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشقان، ئەمما بۇ ھەردائىم ئاسان بولمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دورىنا بەزىدە ئۇنى تەنقىدلىگەن ۋە سۆزلىرىگە قوپاللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان. ئالېكساندىرۇ ۋاز كەچمەكچىمۇ بولغان، بىراق تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن ئاخىرى يەھۋانى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئايالىغا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت كۆرسەتكەن. دورىنا ئاخىرى ئېرىنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىدىن تەسىرلىنىپ، قايتا مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. ئاخىرىدا، ئۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغان.
13. بىز يەھۋا خۇداغا ۋە ئائىلىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
13 ئائىلە قۇرۇشنى يەھۋا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ بىزنىڭ بەخت-سائادەتلىك ئائىلىمىزنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ (ئەفەس. 3:14، 15). ئەگەر ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشمەكچى بولساق، يەھۋانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، يەھۋغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىڭىزنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئائىلىڭىزگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمىتىڭىزنى ياراتقۇچىمىز يەھۋا ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ.—رىملىقلار 12:10.
بىر-بىرىمىزنى نەزىرلەردەك ياشاشقا ئىلھاملاندۇرايلى
14. سۆزلىرىمىز بىلەن كىمنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك؟
14 بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر ئۆز ياراتقۇچىسىنى سۆيگەچ، ھەممىسىنىڭ ئۆزى خالاپ قۇربانلىقلارنى بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. ئۇنداقتا، بىز بىر-بىرىمىزنى يەھۋاغا قۇربانلىق بېرىشكە قانداق ئىلھاملاندۇرالايمىز؟ گەپ-سۆزلىرىمىز ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرالايمىز! (ئايۇپ 16:5). جامائىتىڭىزدە خۇداغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاددى-سادا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلار بارمۇ؟ مەكتەپتە باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىماندا چىڭ تۇرغان ياشلارنى بىلەمسىز؟ ئائىلىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقى سەۋەبلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، ساداقەتمەنلىكنى ساقلاشتا قىينىلىۋاتقان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىز ياكى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەر بارمۇ؟ ھەربىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلارنى چوقۇم ئىلھاملاندۇرۇڭ. ئۇلارنىڭ يەھۋا ئۈچۈن بېرىۋاتقان قۇربانلىقى ۋە كۆرسىتىۋاتقان جاسارىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىڭ.—فىلىمۇن 4، 5، 7.
15. تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغانلارغا بەزىلەر قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 بەزىدە، بىز پۈتۈن كۈن يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتقان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ئەمەلىي ياردەم بېرەلەيمىز (پەند. نە 19:17؛ ئىبرانىي. 13:16). مەسىلەن، سىرىلانكىدىكى بىر ياشىنىپ قالغان قېرىندىشىمىز شۇنداق قىلغان. ئۇنىڭ پېنسىيە مائاشى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىككى قېرىنداشنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، بۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھەر ئايدا شۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ تېلېفون ھەققىنى تۆلەپ ئەمەلىي ياردەم بەرگەن. ئۇ قېرىنداش ھەقىقەتەن ئاجايىپ گۈزەل روھنى نامايان قىلغان!
16. قەدىمقى زاماندا ياشىغان نەزىرلەردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
16 بىز قەدىمقى زاماندىكى نەزىر قىلىنغانلارنىڭ پىداكارلىق روھىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئەمما، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدۇ. خۇدايىمىز ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىمىزنى بىلىدۇ ۋە ئۆزىمىزنى بېغىشلاش قەسىمىمىزگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن قۇربانلىق بېرىشنى خالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىدۇ. يەھۋا بىزگە شەخسەن ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى بىلدۈرۈشكە يول قويۇش ئارقىلىق بىزنى ھۆرمەتلەيدۇ (پەند. نە 23:15، 16؛ ماركۇس 10:28–30؛ 1-يۇھاننا 4:19). نەزىر قىلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، يەھۋا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ. ئۇنداقتا، بىز داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئۆزىمىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى تەغدىم قىلايلى!
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
-
نەزىر قىلىنغانلار قايسى يوللار بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋە جاسارىتىنى كۆرسەتكەن؟
-
نەزىر قىلىنغانلارغا ئوخشاش قۇربان بېرىش روھىنى نامايان قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق ئىلھاملاندۇرالايمىز؟
-
نەزىر قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە بولغان ئىشەنچىسى ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدۇ؟
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
a بىرنەچچە ئىسرائىل كىشىنى خۇدا ئۆزى نەزىر قىلىپ تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئىسرائىللارنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم بىر ۋاقىت ئۈچۈن نەزىر بولۇپ خىزمەت قىلىشنى ئۆز خالاپ قارار قىلغان (« يەھۋا تەيىنلىگەن نەزىرلەر» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
b بەزىدە، نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزدا نەزىر قىلىنغانلار بۈگۈنكى كۈندە تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. بىراق، بۇ ماقالىدە يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىغان بارلىق خۇدا خىزمەتچىلىرى نەزىر قىلىنغانلاردىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
c قارىماققا، نەزىر قىلىنغانلار ئۆزىنىڭ قەسىمىنى ئادا قىلالىشى ئۈچۈن، باشقا قوشۇمچە مەسئۇلىيەتلەرنى ياكى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.
d org.jw تور بېكىتىدىن «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەچۈرمىشىلىرى» دېگەن بىر قاتار ماقالىلەر سەھىپىسىدىن بىز «تۇرمۇشىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق»، دېگەن ماقالىنى ئوقۇڭ
e سۈرەتتە:. ئۆز ئائىلىسىدىكى سۆيۈملۈك كىشىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ دەپنە قىلىۋاتقانلىقىغا ئۆگىزىدىن قاراۋاتقان نەزىر. بەرگەن قەسىمى سەۋەبلىك، ئۇ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشالمايدۇ.