8-تەتقىق ماقالىسى
43-ناخشا ھوشيار، مەھكەم ۋە قەيسەر بول!
يەھۋانىڭ يوليورۇقىغا داۋاملىق ئەگىشىڭ
«مەن يەھۋا، ... سېنى مېڭىشىڭ كېرەك بولغان يولدا يېتەكلىگۈچىمەن».—يەشايا 48:17.
مەركىزىي ئىدىيە
بۇ ماقالىدىن، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى قانداق يېتەكلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنغاندا، قانداق بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
1. نېمە ئۈچۈن بىز يەھۋانىڭ يېتەكلىشىگە مۇھتاج؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
سىزنى ئورماندا ئادىشىپ قالدىڭىز دەيلى. ئەتراپىڭىزدا ياۋايى ھايۋانلار، كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدىغان ھاشارەتلەر، زەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا ھەرخىل خەۋپ-خەتەرلەر كۆپ. ئەگەر قېشىڭىزدا قەيەردە خەۋپ-خەتەرلەر بارلىقىنى ۋە ئۇلاردىن قانداق يىراق تۇرۇشنى بىلىدىغان تەجرىبىلىك يېتەكچى بولسا، بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولىسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! بۇ دۇنيا دەل شۇنداق خەتەرلىك ئورمانغا ئوخشايدۇ. ئەتراپىمىز يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنى بۇزىدىغان خەۋپ-خەتەرلەرگە تولغان. ئەمما، بىزنىڭ مۇكەممەل يېتەكچىمىز يەھۋا بار. ئۇ بىزنى بىخەتەر يولدا يېتەكلەپ، ئاخىرقى مەنزىلىمىز يېڭى دۇنيادىكى مەڭگۈ ھاياتقا يەتكۈزىدۇ.
2. يەھۋا بىزنى قانداق يېتەكلەيدۇ؟
2 يەھۋا بىزنى قانداق يېتەكلەيدۇ؟ بىرىنچى، ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئىنسانلارنى ئىشلىتىپ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» ئارقىلىق، بىزنى روھىي ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (مەتتا 24:45). يەھۋا يەنە باشقا قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى قوللىنىپ، بىزنى يېتەكلەيدۇ. مەسىلەن، رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار ۋە جامائەت ئاقساقاللىرى ئارقىلىق ئىلھام-مەدەت ۋە يوليورۇق بېرىپ، قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. مۇشۇ قىيىنچىلىقلارغا تولغان ئاخىرقى كۈنلەردە، يەھۋانىڭ ئىشەنچىلىك كۆرسەتمىلەر بىلەن بىزنى يېتەكلەۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن مىننەتدارمىز! ئاشۇ كۆرسەتمىلەرنىڭ ياردىمىدە، يەھۋا بىلەن دوستلىقىمىزنى ساقلاپ، ھازىر ئۆزىدە ۋە كېلەچەكتە مەڭگۈ شاد-خۇرام ھايات كەچۈرەلەيمىز.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 بىراق، يەھۋادىن كەلگەن يوليورۇقنى، بولۇپمۇ نامۇكەممەل ئادەملەر يەتكۈزگەندە، بەزىدە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش قىيىنغا توختىتىشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن بۇ قىيىنغا توختايدۇ؟ چۈنكى، ئۇلار بىز ئاڭلاشنى خالىمىغان كۆرسەتمىنى بەرگەن بولۇشى ياكى بىز ئۇنى دانا كۆرسەتمە ئەمەستەك ۋە يەھۋادىن كەلمىگەندەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق ۋاقىتلاردا، بىزنىڭ يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى يېتەكلەيدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلەرگە ئەگىشىش بەرىكەتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل بولۇشى كېرەك. بۇ ماقالىدە ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىغان ئۈچ نەرسىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز. (1) يەھۋا ئۆز خەلقىنى قەدىمقى زامانلاردا قانداق يېتەكلىگەن؟ (2) بۈگۈنكى كۈنلەردە بىزنى قانداق يېتەكلەۋاتىدۇ؟ (3) بىز ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلساق قانداق پايدا ئالالايمىز؟
يەھۋا ئىسرائىل خەلقىنى قانداق يېتەكلىگەن؟
4، 5. يەھۋا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلارنى يېتەكلەۋاتقانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
4 يەھۋا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرنى ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن چىقىرىشقا تەيىنلىگەن. ئۇ ئىسرائىللارنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يېتەكلەۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتكەن. مەسىلەن، خۇدا ئۇلارنى كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرىكى، كېچىسى ئوت تۈۋرىكى ئارقىلىق يېتەكلىگەن (چىق. 13:21). مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىسرائىللار ئۆزلىرىگە يول باشلاپ كەلگەن تۈۋرۈككە ئەگىشىپ، قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەن. بىراق، كېيىن مىسىرلىقلار ئىسرائىل خەلقىنى قوغلاپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن، چۈنكى مىسىرلىقلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى. ئىسرائىللار مۇسانىڭ ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغا ئېلىپ كەلگەنلىكى خاتا دەپ ئويلىغان. ئەمما، ئۇ خاتا بولمىغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۋا ئەتەي ئۆز خەلقىنى شۇ يەرگە باشلاپ كەلگەنىدى (چىق. 14:2). ئۇ شۇ يەردە، ئاجايىپ ھەيران قالارلىق يول بىلەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغان.—چىق. 14:26–28.
5 مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئۆز خەلقىنى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق 40 يىل يېتەكلەپ كەلگەنلىكىگە داۋاملىق ئىشەنگەن a. ھەممە ئىسرائىللار يەھۋانىڭ ئاشۇ تۈۋرۈكنى بىر مەزگىل مۇسا پەيغەمبەرنىڭ چېدىرى ئۈستىگە چۈشۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيتتى (چىق. 33:7، 9، 10). يەھۋا تۈۋرۈك ئىچىدىن مۇساغا سۆزلىگەن. مۇسا بولسا ئالغان كۆرسەتمىلەرنى خەلققە يەتكۈزگەن (زەبۇر 99:7). ئىسرائىللار يەھۋا خۇدانىڭ ئۇلارنى مۇسا ئارقىلىق يېتەكلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرەلىگەن ئىدى.
6. ئىسرائىل خەلقى يەھۋانىڭ يېتەكچىلىكىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ (سانلار 14:2، 10، 11)
6 ئەپسۇسكى، ئىسرائىللارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۋانىڭ مۇسا پەيغەمبەرنى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلىرىنى رەت قىلغان (سانلار 14:2، 10، 11-نى ئوقۇڭ). ئۇلار يەھۋانىڭ مۇسا پەيغەمبەرنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قايتا-قايتا رەت قىلغان. نەتىجىدە، خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە يول قويمىغان.—سانلار 14:30.
7. يەھۋانىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنغان ئادەملەرنىڭ مىساللىرىنى كەلتۈرۈڭ (سانلار 14:24). (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
7 ئەمما، بەزى ئىسرائىللار يەھۋانىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنغان. مەسىلەن، يەھۋا مۇنداق دېگەن: «كالىب … پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى» (سانلار 14:24-نى ئوقۇڭ). خۇدا كالىبنى مۇكاپاتلىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان زېمىندا ئەڭ ياخشى يەرنى تاللاشقا مۇمكىنچىلىك بەرگەن (يەشۇئا 14:12–14). ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان ئىسرائىللارمۇ يەھۋانىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنۇشتا ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئورنىغا يەشۇئا يېتەكچى بولۇپ تەيىنلەنگەندە، ئىسرائىللار «يەشۇئانى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنداق چوڭقۇر» ھۆرمەتلىگەن (يەشۇئا 4:14). نەتىجىدە، يەھۋا ئۇلارنى بەرىكەتلىگەن ھەمدە ۋەدە قىلىنغان زېمىننى بەرگەن.—يەشۇئا 21:43، 44.
8. پادىشاھلارنىڭ زامانىدا، يەھۋا ئۆز خەلقىنى قانداق يېتەكلىگەن؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
8 يەھۋا ئۆز خەلقىنى يېتەكلەش ئۈچۈن ھاكىملارنى، كېيىنرەك پادىشاھلار زامانىدا پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىگەن. سادىق پادىشاھلار شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن، پادىشاھ داۋۇت كەمتەرلىك بىلەن ناتان پەيغەمبەرنىڭ تۈزىتىشىنى قوبۇل قىلغان (2-سام. 12:7، 13؛ 1-تارىخ. 17:3، 4). پادىشاھ يەھوشافات ياھازىئەل پەيغەمبەر بەرگەن كۆرسەتمىگە بويسۇنغان ۋە يەھۇدا خەلقىنى ‹خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىشكە› دەۋەت قىلغان (2-تارىخ. 20:14، 15، 20). ھىزقىيا پادىشاھ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، يەشايا پەيغەمبەردىن ياردەم سورىغان (يەشايا 37:1–6). پادىشاھلار يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنغاندا، ئۇ ئۇلارنى بەرىكەتلىگەن ۋە پۈتۈن خەلق بىخەتەر ياشىغان (2-تارىخ. 20:29، 30؛ 32:22). ئېنىقكى، خۇدا ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتىپ، خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، كۆپىنچە پادىشاھلار ۋە ئىسرائىللار خەلقى يەھۋا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغان.—يەرەم. 35:12–15.
يەھۋا دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى قانداق يېتەكلىگەن؟
9. يەھۋا بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى يېتەكلەش ئۈچۈن كىمنى قوللانغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
9 مىلادى 1-ئەسىردە، يەھۋا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنى قۇرغان. ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى قانداق يېتەكلىگەن؟ ئۇ ئەيسا مەسىھنى جامائەتنىڭ بېشى سۈپىتىدە تەيىنلىگەن (ئەفەس. 5:23). بىراق، ئەيسا ھەربىر شاگىرتىغا شەخسەن كۆرسەتمە بەرمىگەن. ئۇ يېتەكچىلىك قىلىشتا يېرۇسالىمدىكى شاگىرتلار بىلەن ئەلچىلەرنى ئىشلەتكەن (ئەلچى. 15:1، 2). ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەتلەردە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللار تەيىنلەنگەن. —1-سالونىكا. 5:12؛ تىتۇس 1:5.
10. (1) بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى كۆرسەتمىلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ (ئەلچىلەر 15:30، 31) (2) نېمە ئۈچۈن قەدىمقى زامانلاردا بەزى ئادەملەر يەھۋا تەيىنلىگەن ئادەملەرنى رەت قىلغان؟ (« نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلارنى رەت قىلغان؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
10 بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئەلچىلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى كۆرسەتمىلەرگە خۇشاللىق بىلەن بويسۇنغان. مۇقەددەس كىتاب شۇنداق دەيدۇ: ئۇلار سۆزلەرنى ئوقۇپ، «ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى» (ئەلچىلەر 15:30، 31-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، يەھۋا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خەلقىنى قانداق يېتەكلەۋاتىدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا بىزنى قانداق يېتەكلەيدۇ؟
11. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا خۇدا يېتەكچىلىكنى قولىغا ئالغانلارنى قانداق قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
11 يەھۋا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز خەلقىنى يېتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇنى مۇقەددەس كىتاب ۋە جامائەتنىڭ بېشى بولغان ئوغلى ئارقىلىق قىلىۋاتىدۇ. خۇدا داۋاملىق ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلارنى تاللاپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتىنى كۆرەلەيمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە. مەسىلەن 1800-يىللارنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ باقايلى. چارلز تېيىز راسسېل ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىرلىكتە، 1914-يىلى خۇدا پادىشاھلىقى ئۈچۈن مۇھىم بىر يىل بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن (دانىيال 4:25، 26). ئۇلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتلەرنى تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇ خۇلاسىگە كەلگەن. ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىشىغا يەھۋا يېتەكچىلىك قىلغانمۇ؟ ھەئە، ئۇ شۇنداق قىلغان. 1914-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. شۇ يىلى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلاندى، كەينى-كەينىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، يەر تەۋرەشلەر ۋە ئاچارچىلىقلار يۈز بەرگەن (لۇقا 21:10، 11). يەھۋا ھەقىقەتەن بۇ سادىق خىزمەتچىلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىگە ياردەم قىلغان.
12، 13. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يېتەكچىلىك قىلغان بۇرادەرلەر ۋەز قىلىش ئىشىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
12 ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە بولغان ۋەقەلەرنى كۆرۈپ چىقايلى. مەركىزى باش ئىدارىدىكى يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەر ۋەھىيلەر 17:8-ئايەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلغان. ئۇلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئارماگېدون ئۇرۇشىغا ئەمەس، بەلكى ۋەز پائالىيىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىدىغان نىسپەتەن تىنچ-ئامان بىر دەۋرگە باشلاپ كىرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. شۇڭلاشقا، ئۇلار شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغان بىر قارارنى چىقارغان، يەنى يەھۋانىڭ تەشكىلاتى يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلارنى [مىسسىئونېرلار] تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن گىلىئاد مەكتىپىنى قۇرغان. ئۇرۇش تېخى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر باشقا دۆلەتلەرگە ۋەز قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سادىق قۇل جامائەتتىكى بارلىق كىشىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ۋەز ئېيتقۇچى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپى b ئورۇنلاشتۇرۇشىنى باشلىغان ئىدى. شۇنداق تەربىيىلەش مەكتەپلىرى بىلەن، خۇدا خەلقى ئۆزلىرىنى ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ۋەز خىزمەتكە ياخشى تەييارلىغان.
13 ئارقىمىزغا قارىساق، يەھۋانىڭ قىيىن مەزگىلدە ئۆز خەلقىنى يېتەكلەپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بولغاچ، يەھۋانىڭ خەلقى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەمەلىيەتتە ۋەز ئىشى جانلىنىپ روناق تاپقان.
14. بىز نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ۋە ئاقساقاللارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك؟ (ۋەھىيلەر 2:1) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
14 بۈگۈنكى كۈندە، يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى داۋاملىق مەسىھنىڭ يولباشچىلىقىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇلار قېرىنداشلارغا بەرگەن كۆرسەتمىلەرنىڭ يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى خالايدۇ. ئۇلار بۇ كۆرسەتمىلەرنى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار ۋە ئاقساقاللار ئارقىلىق جامائەتلەرگە يەتكۈزىدۇ c. مەسىھ قىلىنغان ئاقساقاللار مەسىھنىڭ «ئوڭ قولىدا» (ۋەھىيلەر 2:1-نى ئوقۇڭ). ئەلۋەتتە، ئاشۇ ئاقساقاللار مۇكەممەل ئەمەس ۋە خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر، يەشۇئا ۋە ئەلچىلەرمۇ بەزىدە ئوخشاش خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن (سانلار 20:12؛ يەشۇئا 9:14، 15؛ رىملىقلار 3:23). بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، ئەيسا مەسىھ ئېھتىياتچانلىق بىلەن سادىق قۇل ۋە بارلىق ئاقساقاللارنى يېتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى «بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرىغىچە» داۋاملاشتۇرىدۇ (مەتتا 28:20). شۇڭلاشقا، يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلەنگەنلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبلەر بار.
يەھۋانىڭ يول-يورۇغىغا بويسۇنۇش بىز ئۈچۈن پايدىلىق
15، 16. يەھۋانىـڭ يېتەكچىـلىكىگە بويسۇنغانلارنىـڭ تەجرىبىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
15 بىز يەھۋانىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنساق، ھازىر ئۇنىڭ بەرىكەتلىرىگە ئېرىشىمىز. مەسىلەن، ئەندى بىلەن رۇت d ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەققىدىكى نەسىھەتكە قۇلاق سالغان (ئىبرانىي. 13:5). نەتىجىدە، ئۇلار خۇداغا پاك ئىبادەت قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىنالارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا پىدائىي ياردەم بېرىشكە قاتنىشالىغان. روبىن مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە بىز ناھايىتى كىچىك ئۆيلەردە تۇردۇق، ھەتتا ئاشخانىسى يوق ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بولغان فوتو-سۈرەتچىلىك ئۈچۈن قوللىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېتىشكە توغرا كەلدى. شۇنداق قىلغىنىمدا كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى. ئەمما، ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەگە ئوخشاش، مەن ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا بەل باغلىدىم، كەينىگە ئەمەس» (ئىبرانىي. 11:15). ئۇنداقتا، بۇ جۈپ قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتى؟ روبىن مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىمىزدە بارىنىڭ ھەممىسىنى يەھۋاغا بېرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىش بىزنى بەك خۇشال قىلىدۇ. خۇدانىڭ تەشكىلاتى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغىنىمىزدا، يېڭى دۇنيادا ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز». ئەندىمۇ روبىننىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بارلىق ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى سەرپ قىلغىنىمىزدىن ئىنتايىن رازىمىز».
16 يەھۋانىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مارسىيا يەھۋاغا خىزمەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نەسىھەت سۆزىگە قۇلاق سېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن (مەتتا 6:33؛ رىملىقلار 12:11). ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىۋېرسىتېت ماڭا تۆت يىل ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىنى بەردى، ئەمما، مەن ئۆزۈمگە روھىي مەقسەت قويغان ئىدىم. شۇڭلاشقا، مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشنىڭ ئورنىغا، بىر كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىش ئۈچۈن كەسپى تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئوقۇشنى تاللىدىم. شۇنداق بولغاندا، يەھۋاغا خىزمەت قىلغىنىمدا ئۆز تۇرمۇشىمنى قامدىيالايتتىم. بۇ مەن چىقارغان ئەڭ ياخشى قارارلاردىن بىرى. مەن ھازىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىش ئورنۇمدا ئىشلەش ۋاقتىمنى ئۆزۈم خالىغاندەك بەلگىلىيەلەيمەن. شۇڭلاشقا، مەن بەيتەلگىمۇ پىدائىي ياردەم بېرەلەيمەن. يەنە باشقا ئالاھىدە شان-شەرەپلەردىن بەھرىمەن بولدۇم».
17. يەھۋانىڭ يېتەكچىلىكىگە داۋاملىق قۇلاق سالساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟ (يەشايا 48:17، 18)
17 بەزى ۋاقىتلاردا، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بىزنى قوغداش ئۈچۈن نەسىھەتلەرنى بېرىدۇ. مەسىلەن، پۇلپەرەسلىككە ۋە خۇدانىڭ قانۇنىنى بۇزۇشقا يېتەكلەيدىغان ئىشلارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قۇلاق سېلىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. پاك ۋىجداننى ساقلاپ، ئۆزىمىزنى بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلاپ قالىمىز (1-تىموت. 6:9، 10). نەتىجىدە، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلالايمىز. بۇ بىزنى خۇشاللىق، تىنچلىق ۋە قانائەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.—يەشايا 48:17، 18-نى ئوقۇڭ.
18. نېمە ئۈچۈن داۋاملىق يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشقا قەتئىي بەل باغلىدىڭىز؟
18 دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ۋە مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، يەھۋا داۋاملىق بەزى ئىنسانلارنى قوللىنىپ بىزگە يوليورۇقلارنى بېرىدۇ (زەبۇر 45:16). شۇ چاغدا، قەلبىمىزدىكى شەخسىي مايىللىقىنى چەتكە قايرىپ قويۇش تەلەپ قىلىنغاندا، بۇ كۆرسەتمىگە ئەگىشىمىزمۇ؟ بۇ بىزنىڭ يەھۋا ھازىر بەرگەن يوليورۇقلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزغا باغلىق. شۇڭلاشقا، ھەردائىم يەھۋانىڭ يوليورۇقىغا، شۇ جۈملىدىن بىزگە مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلەنگەن كىشىلەر بەرگەن كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنايلى! (يەشايا 32:1، 2؛ ئىبرانىي. 13:17). ئەگەر شۇنداق قىلساق، بىزنى ھەرخىل روھىي خەۋپ-خەتەردىن قوغداپ، ئاخىرقى مەنزىل، يەنى يېڭى دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك ھاياتقا يېتەكلەيدىغان يېتەكچىمىز يەھۋاغا پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن ئىشىنىمىز.
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
-
يەھۋا ئىسرائىل خەلقىگە قانداق يوليورۇق بەرگەن؟
-
يەھۋا بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق يوليورۇق بەرگەن؟
-
بۈگۈن يەھۋانىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنساق، بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
48-ناخشا ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن يۈر!
a يەھۋا يەنە ئىسرائىل خەلقىنى ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا باشلاپ بېرىش ئۈچۈن، بىر پەرىشتىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ئەۋەتكەن. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ پەرىشتە مىكائىل يەنى ئەيسا مەسىھ ئىدى. ئۇ تېخى يەر يۈزىگە كەلمەي، ئاسماندا خىزمەت قىلغاندا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان (چىق 14:19؛ 32:34).
b كېيىنرەك، بۇ مەكتەپ ۋەز ئېيتقۇچىلار مەكتىپى دەپ تونۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەلىم-تەربىيە ئوقۇتۇشى ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى يىغىلىشلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى.
c «كۈزىتىش مۇنارى» 2021-يىل، فېۋرال ساننىڭ 18-بەتتىكى «يېتەكچى كېڭەشنىڭ رولى» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
d بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.