يەھۋانى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ خۇشاللىقنى ساقلايلى
يەھۋانىڭ بارچە رەزىللىكلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىدىغان ۋاقىتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتامسىز؟ (ۋەھىي. 21:1–5) ئەلۋەتتە، شۇنداق! بىراق، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە يەھۋانى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش ئاسان ئەمەس. ئۈمىد ئۇزاق ۋاقىت ئەمەلگە ئاشمىسا، كۆڭلىمىز چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.—پەند. نە 13:12.
لېكىن، يەھۋا رەزىللىكلەرنى يوق قىلىدىغان ۋاقىت-سائەتنى ئېنىق بەلگىلەپ قويغان ۋە شۇ ۋاقىت كەلگۈچە بىزنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىزنى خالايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ بىز كۈتۈۋاتقاندا، خۇشاللىقىمىزنى ساقلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
يەھۋا نېمە ئۈچۈن كۈتۈشىمىزنى خالايدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «يەھۋا سىلەرگە ئىلتىپات كۆرسىتىشنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ. چۈنكى، يەھۋا ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر» (يەشايا 30:18) ئەسلىدە يەشايا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى تەرسا يەھۇدىيلارغا قارىتىپ ئېيتقان (يەشايا 30:1). بىراق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇداغا سادىق يەھۇدىيلارمۇ بولغان ۋە بۇ سۆزلەر ئۇلارغا ئۈمىد بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەشايانىڭ سۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندىكى خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىگە ھەم ئۈمىد بېرىدۇ.
يەھۋا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈۋاتقاچقا، بىزمۇ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەك. ياراتقۇچىمىز بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرىنى بەلگىلەپ قويغان ۋە شۇ كۈن بىلەن سائەتنى كۈتۈپ تۇرماقتا (مەتتا 24:36). شۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، شەيتاننىڭ ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىگە قىلغان تۆھمەتلەردىن پاك بولىدۇ. شۇ چاغدا، خۇدايىمىز شەيتان ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى ھالاك قىلىپ، بىزگە بولسا «رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ».
شۇ ۋاقىت تېخى كەلمەي تۇرۇپ، يەھۋا قىيىنچىلىقلىرىمىزنى يوق قىلمايدۇ، لېكىن ئۇ بىزنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن شۇ ۋاقىتنى كۈتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرىدۇ. يەشايا ئېيتقاندەك، ياخشى ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتكىنىمىزدە، خۇشال-خۇرام بولالايمىز (يەشايا 30:18) a. ھازىر بىرلىكتە خۇشاللىقىنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان تۆت نەرسىنى كۆرۈپ چىقايلى.
كۈتۈۋاتقىنىمىزدا خۇشاللىقنى قانداق ساقلىيالايمىز؟
دىققىتىڭىزنى ياخشى ئىشلارغا قارىتىڭ. داۋۇت پادىشاھ ھاياتىدا نۇرغۇن يامان ئىشلارغا دۇچ كەلگەن (زەبۇر 37:35). شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ مۇنداق يازغان: «يەھۋانىڭ ئالدىدا تىنچ سۈكۈتتە تۇر، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنى كۈتۈپ تۇر. ھىيلە-مىكىرى بىلەن روناق تاپقانلارغا ئاچچىقلانمىغىن» (زەبۇر 37:7). داۋۇتنىڭ ئۆزى بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ، يەھۋانىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى تەلمۈرۈپ كۈتكەن ئىدى. داۋۇت يەنە ئۆزى ئۈچۈن خۇدانىڭ قىلغان ھەربىر ياخشى ئىشىغا مىننەتدار بولغان (زەبۇر 40:5). بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، ھاياتىمىزدىكى يامان ئىشلارغا ئەمەس، ياخشى ئىشلارغا كۆپرەك دىققەت قاراتساق، يەھۋانى كۈتۈش بىز ئۈچۈن ئوڭايراق بولىدۇ.
ھەربىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يەھۋانى مەدھىيىلەڭ. ئېھتىمال، زەبۇر 71-بابنى داۋۇت يازغان. ئۇ يەھۋاغا مۇنداق دېگەن: «بىراق مەن بولسام، مەن سېنى داۋاملىق كۈتىمەن، مەن تېخىمۇ كۆپ سېنى مەدھىيىلەيمەن» (زەبۇر 71:14). ئۇ يەھۋانى قانداق مەدھىيىلىگەن؟ باشقىلارغا يەھۋا توغرۇلۇق ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقان (زەبۇر 71:16، 23). داۋۇتقا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانى كۈتۈۋاتقىنىمىزدا، خۇشال بولالايمىز. بىز باشقىلارغا ۋەز قىلغاندا، دوستلىرىمىزغا ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرگە خۇدا توغرۇلۇق سۆزلىگەندە ۋە مەدھىيە ناخشىلىرىمىزنى ئېيتقاندا، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيمىز. كېيىنكى قېتىم ناخشىلىرىمىزدىن بىرىنى ئېيتقاندا، ئاشۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدىغان سۆز-جۈملىلەر توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلاپ بېقىڭ.
قېرىنداشلار بىلەن ئارىلىشىپ ئىلھام-مەدەتكە ئېرىشىڭ. داۋۇت ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەندە، يەھۋاغا مۇنداق دېگەن: «سادىق خىزمەتچىلىرىڭ ئالدىدا ئىسىمىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» (زەبۇر 52:9) بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ پەقەت جامائەت يىغىلىشلىرى ياكى ۋەز خىزمىتىگە چىققاندىلا ئەمەس، ئىمانداشلىرىمىز بىلەن دەم ئېلىپ، كۆڭۈل ئاچقان چاغلاردا ئۆزئارا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيمىز (رىملىقلار 1:11، 12).
ئۈمىدىڭىزنى مۇستەھكەملەڭ. زەبۇر 62:5-ئايەتتە: «مەن سۈكۈت بىلەن خۇدانى كۈتىمەن، چۈنكى ئۈمىدىم ئۇنىڭدىن كەلگەن»،— دەپ يېزىلغان. بولۇپمۇ، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى بىز كۈتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەندە، ئۈمىدىمىزنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. مەيلى قانچە ۋاقىت كۈتۈشىمىزگە توغرا كەلسۇن، بىز يەھۋانىڭ ھەممە ۋەدىلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۈمىدىمىزنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز. مەسىلەن، يەھۋانى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش، بېشارەتنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئۆگىنىش ياكى مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۆزئارا قانداق ماسلىشىدىغانلىقىنى چوڭقۇرراق تەتقىق قىلساق بولىدۇ (زەبۇر 1:2، 3). ئۇنىڭدىن باشقا، بىز داۋاملىق ‹مۇقەددەس روھ بىلەن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك›. شۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ مەڭگۈلۈك ھايات ھەققىدىكى ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىغۇچە، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالايمىز.—يەھۇدا 20، 21.
سىزمۇ داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش، يەھۋا ئۆزىنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋاتقانلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىڭ (زەبۇر 33:18، 22). يەھۋانى سەۋر-تاقەت بىلەن داۋاملىق كۈتۈش ئۈچۈن دىققىتىڭىزنى ياخشى نەرسىلەرگە قارىتىڭ. يەھۋانى مەدھىيىلەڭ، قېرىنداشلار بىلەن ئارىلىشىپ ئىلھام-مەدەتكە ئېرىشىڭ ۋە ئۈمىدىڭىزنى كۈچلۈك ساقلاڭ.
a ئەسلى تىلدىن «ئۈمىد بىلەن كۈتۈش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىپادە، بىرەر نەرسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى «تەلمۈرۈپ كۈتۈش ياكى ئۈمىد باغلاش» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. دېمەك، قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىش ئىنتايىن تەبئىي ئىش.