مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئىككى يېڭى ئە‌زاسى

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئىككى يېڭى ئە‌زاسى

2023-‏يىلى،‏ 18-‏يانۋار چارشە‌نبە كۈنى،‏ jw.org تور بېكىتىدە،‏ ئالاھىدە ئۇ‌قتۇ‌رۇ‌ش ئېلان قىلىندى.‏ بۇ ئۇ‌قتۇ‌رۇ‌شتا گېيج فىلىگېل ۋە جېفىرى ۋىندېر بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشىدە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌نلىكى يېزىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ر ئىككىسى ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏

گېيج فىلىگېل بىلە‌ن ئايالى ناديا

فىلىگېل بۇ‌رادىرىمىز پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ غە‌ربىي تە‌رىپىدە چوڭ بولغان.‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نى كىچىكىدىن ھە‌قىقە‌تتە تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن.‏ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز بولغان بىر كىچىك شە‌ھە‌رگە كۆچۈپ باردى.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ 1988-‏يىلى،‏ 20-‏نويابىر كۈنى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏

ئاتا-‏ئانىسى دائىم بۇ‌رادە‌ر فىلىگېلنى تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆيىدە پات-‏پات رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ۋە بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدىغانلار مېھمان بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌رادە‌ر گېيج ئۆز كۆزى بىلە‌ن ئاشۇ قېرىنداشلارنىڭ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ بىر يىل ئىچىدە،‏ يە‌نى 1989-‏يىلى،‏ 1-‏سېنتە‌بىردە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ ئىككى يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ 1991-‏يىلى ئۆكتە‌بىردە برۇ‌كلىندىكى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ ئۇ 12 يېشىدا ئالدىغا قويغان شۇ مە‌قسىتىگە يە‌تكە‌ن.‏

بە‌يتە‌لدە بۇ‌رادە‌ر فىلىگېل ئاۋۋال سە‌ككىز يىل باسمىخانىدا تۈپلە‌ش ئىشىنى قىلغان،‏ كېيىن خىزمە‌ت بۆلۈمىدە ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ بىرنە‌چچە يىل رۇ‌س تىلى جامائىتىدە خىزمە‌ت قىلغان.‏ 2006-‏يىلى،‏ ئۇ ناديا ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلىنىپ،‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لار ئاۋۋال پورتۇ‌گال تىلى جامائىتىدە ۋە كېيىن ئون يىلدىن كۆپرە‌ك ئىسپان تىلدىكى جامائە‌تتە خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىل خىزمە‌ت بۆلۈمىدە ئىشلىگە‌ندىن كېيىن،‏ فىلىگېل بۇ‌رادە‌ر تە‌لىم بېرىش كومىتېتىغا،‏ كېيىنرە‌ك خىزمە‌ت كومىتېتىغا تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ 2022-‏يىلى مارتتا بولسا،‏ ئۇ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ خىزمە‌ت كومىتېتىنىڭ ياردە‌مچىسى بولۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىنغان.‏

جېفىرى ۋىندېر بىلە‌ن ئايالى ئانژېلا

جېفىرى ۋىندېر بۇ‌رادە‌ر كالىفورنىيە شتاتىدىكى ماررىئېتا شە‌ھىرىدە چوڭ بولغان.‏ ئۇ كىچىكىدىن ھە‌قىقە‌تتە چوڭ بولغان ۋە 1986-‏يىلى،‏ 29-‏مارت كۈنى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ بىر ئايدىن كېيىن،‏ ئۇ ياردە‌مچى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى باشلىغان.‏ ئۇ بۇ‌نداق ۋە‌ز قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا داۋاملىق ياردە‌مچى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلغان.‏ بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن 1986-‏يىلى ئۆكتە‌بىردىن باشلاپ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان.‏

بۇ‌رادە‌ر جېفىرى ئۆسمۈرلۈك چېغىدا بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئىككى ئاكىسىنى يوقلاپ بارغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌نىڭدا بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى پە‌يدا بولغانىدى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ 1990-‏يىلى،‏ ماي ئېيىدا،‏ ئۇ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌كلىپ قىلىنغان.‏

بۇ‌رادە‌ر جېفىرى بە‌يتە‌لدە ھە‌رخىل بۆلۈملە‌ردە،‏ مە‌سىلە‌ن تازىلىق،‏ دېھقانچىلىق،‏ ە‌يتە‌ل تازلىق بۆلۈمىدە خىزمە‌ت قىلغان.‏ 1997-‏يىلى،‏ ئۇ ئانجېلا ئىسىملىك قېرىنداش بىلە‌ن توي قىلىپ،‏ ئىككىسى بىرلىكتە تېخىچە بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏ 2014-‏يىلى،‏ ئۇ‌لار ۋورۋىكتىكى مە‌ركىزى باش ئىدارىنىڭ بىنا قۇ‌رۇ‌لۇ‌شى ئىشىغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ 2016-‏يىلى،‏ پاتتېرسېندىكى كۈزىتىش مۇ‌نارى تە‌لىم-‏تە‌ربىيە مە‌ركىزىگە يۆتكە‌لگە‌ن،‏ شۇ يە‌ردە بۇ‌رادە‌ر جېفىرى ئۈن-‏سىن نە‌شىرى خىزمىتى بۆلۈمىدە خىزمە‌ت قىلغان.‏ تۆت يىلدىن كېيىن بولسا،‏ ۋورۋىكقا قايتىپ،‏ خادىملار كومىتېتىدا خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلىنىدۇ.‏ 2022-‏يىلى،‏ مارت ئېيىدا،‏ ئۇ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ خادىملار كومىتېتىنىڭ ياردە‌مچىسى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏

يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن بۇ ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە ئىنسانلار پادىشاھلىق ۋە‌ز خىزمىتىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئىشلە‌ۋاتىدۇ،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا مول بە‌رىكە‌تلىسۇ‌ن دە‌پ داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىمىز.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏8‏.‏