مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بە‌زى سۆز-‏جۈملىلە‌ر قايتىلانغان؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قە‌لە‌مگە ئالغانلار بە‌زىدە بىر سۆز-‏ئىبارىلە‌رنى ياكى جۈملىلە‌رنى قايتا-‏قايتا يازغان.‏ ھازىر بۇ‌نىڭ ئۈچ سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

قاچان يېزىلغان؟‏ قە‌دىمقى ئىسرائىلدا كۆپۈنچە كىشىلە‌ردە تە‌ۋرات قانۇ‌نىنىڭ كۆچۈرۈلمە قوليازما نۇ‌سخىسى بولمىغان.‏ ئۇ‌لار كۆپۈنچە ئىبادە‌ت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توپلانغاندا،‏ ئۈنلۈك ئوقۇ‌لغان تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى ئاڭلىغان (‏تە‌كرار.‏ قا 31:‏10–‏12‏)‏.‏ زور بىر خە‌لق توپلىشىپ،‏ بىرنە‌چچە سائە‌ت ئۆرە تۇ‌رۇ‌پ تىڭشىغاچقا،‏ بە‌لكىم دىققىتى چېچىلىپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇ‌پ تۇ‌رغان (‏نە‌ھە‌م.‏ 8:‏2،‏ 3،‏ 7‏)‏.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ مۇ‌ھىم سۆز-‏ئىبارىلە‌رنى قايتىلاش خە‌لقنىڭ ئايە‌تلە‌رنى ئە‌ستە ساقلاپ،‏ شۇ‌لارنى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىدا قوللىنىشىنى ئاسانلاشتۇ‌رغان.‏ مە‌لۇ‌م سۆزلە‌رنى قايتىلاش ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىدىكى تە‌پسىلىي بە‌لگىلىمىلە‌ر ياكى بۇ‌يرۇ‌قلارنى ئە‌ستە ساقلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏—‏لاۋى.‏ 18:‏4–‏22؛‏ تە‌كرار.‏ قا 5:‏1‏.‏

قانداق يېزىلغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌خمىنە‌ن ئوندىن بىر قىسىمى ناخشا-‏قوشاقلار شە‌كلىدە يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار زە‌بۇ‌ر،‏ شېئىرلارنىڭ شېئىرى ۋە يە‌رە‌مىيانىڭ يىغىسى.‏ بە‌زىدە ناخشىلاردا ئاساسىي ئوي-‏پىكىرلە‌رنى تە‌كىتلە‌يدىغان سۆزلە‌ر قايتا-‏قايتا تە‌كرارلانغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ خە‌لق ناخشىلارنىڭ سۆزلىرىنى يادقا ئېلىۋالالىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ زە‌بۇ‌ر 115:‏9–‏11-‏ئايە‌تلە‌ردە مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ ««ئە‌ي ئىسرائىل،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭلار،‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ ياردە‌مچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇ‌ر.‏ ئە‌ي ھارۇ‌ننىڭ جە‌مە‌تى،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭلار،‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ ياردە‌مچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇ‌ر.‏ ئە‌ي يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىدىغانلار،‏ سىلە‌ر يە‌ھۋاغا تايىنىڭلار،‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ ياردە‌مچىڭلار ۋە قالقىنىڭلاردۇ‌ر».‏ بۇ سۆز-‏جۈملىلە‌رنى قايتىلاش ناخشا ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى قە‌لبىگە ۋە ئە‌قلىگە سىڭدۈرۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

نېمە ئۈچۈن يېزىلغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قە‌لە‌مگە ئالغانلار بە‌زىدە مۇ‌ھىم سۆز-‏ئىبارىلە‌رنى قايتا-‏قايتا تە‌كرارلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارنى قاننى يېمە‌سلىككە بۇ‌يرىغاندا،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە بۇ بۇ‌يرۇ‌قنىڭ سە‌ۋە‌بىنى بىر قېتىم ئە‌مە‌س،‏ بىرنە‌چچە قېتىم قايتا-‏قايتا تە‌كرارلىغان.‏ شۇ ئارقىلىق،‏ خۇ‌دا ھاياتلىقنىڭ قاندا ئىكە‌نلىكىنى،‏ باشقا سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ قان ھاياتلىققا ۋە‌كىللىك قىلىدىغانلىقىنى تە‌كىتلىمە‌كچى بولغانىدى (‏لاۋى.‏ 17:‏11،‏ 14‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌ر ۋە ئاقساقاللار مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن نېمىلە‌ردىن ساقلىنىشى كېرە‌كلىكىنى يازغاندا،‏ قاندىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى قايتا تە‌كىتلىگە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 15:‏20،‏ 29‏.‏

گە‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى سۆز-‏ئىبارىلە‌ر ياكى جۈملىلە‌ر قايتىلانسىمۇ،‏ بۇ ھە‌رگىز يە‌ھۋا بىزنىڭ ئوخشاش سۆز-‏جۈملىلە‌رنى قايتا-‏قايتا يادلاشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ۋېلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ قايتا-‏قايتا ئوخشاش سۆزلە‌رنى تە‌كرارلىماڭلار» (‏مە‌تتا 6:‏7‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ نېمىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلساق،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 6:‏9–‏13‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ قايتا-‏قايتا ئوخشاش سۆزلە‌رنى تە‌كرارلىمىساقمۇ،‏ ئوخشاش بىر نە‌رسە ھە‌ققىدە قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ.‏—‏مە‌تتا 7:‏7–‏11‏.‏

خۇ‌لاسە قىلساق،‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بە‌زى سۆز-‏ئىبارىلە‌ر ۋە جۈملىلە‌رنىڭ قايتا-‏قايتا تە‌كرارلىنىشىغا يول قويۇ‌شىدا مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌ب بولغان.‏ ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازىمىز يە‌ھۋا ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن بىزگە پايدىلىق بولغاننى ئۆگىتىدۇ.‏ قايتا-‏قايتا تە‌كىتلە‌ش بولسا ئۇ قوللانغان ئۇ‌سۇ‌للاردىن بىرى.‏—‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏.‏