مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

روھىي گۆھە‌رلە‌رنى تېپىپ،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىڭ

روھىي گۆھە‌رلە‌رنى تېپىپ،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىڭ

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

روھىي گۆھە‌رلە‌رنى تېپىپ،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ بىز ئىزدىنىش ئارقىلىق روھىي گۆھە‌رلە‌رنى تېپىپ چىقالايمىز.‏ بۇ‌نى ئە‌ڭ ئۈنۈملۈك ئۇ‌سۇ‌لدا قانداق قىلالايمىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غان ئۈزۈندىلە‌رنىڭ تە‌پسىلاتلىرىنى چوڭقۇ‌رلاپ ئىزدىنىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ سۆزلە‌رنى كىم يازغان،‏ كىمگە ئېيتقان،‏ قاچان ئېيتقان،‏ شۇ چاغدا قانداق ئە‌ھۋالدا بولغان،‏ ئالدىدا قانداق ئىش يۈز بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭدىن كېيىن نېمە ئىش بولغان؟‏

ئايە‌تلە‌ردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ.‏ مۇ‌نداق سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ:‏ بۇ ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان شە‌خسلە‌ر قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان؟‏ ئۇ‌لار قانداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى ئۈلگە قىلىشىم كېرە‌ك ياكى ئۇ‌لارنى يېتىلدۈرۈشتىن ساقلىنىشىم لازىم؟‏

ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ياكى باشقا ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئالاقە قىلغاندا،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىپ كۆرۈڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ دانا كىشى بولىسىز:‏ «كىمكى دانا بولسا،‏ بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويسۇ‌ن».‏—‏زە‌بۇ‌ر 107:‏43‏.‏

‏• تە‌ۋسىيە:‏ ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى ئىبادە‌ت يىغىلىشنىڭ «خۇ‌دا سۆزىدىكى خە‌زىنلە‌ر» دېگە‌ن قىسىمىدا ئۆگە‌نگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ بۇ قىسىمدا ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن سوراپ كۆرىدىغان سوئاللار،‏ چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلساق بولىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈشكە ياردە‌م بېرىدىغان سۈرە‌تلە‌ر بار.‏