تەرجىمىھال
مەن ئاجىز بولغان چاغلاردا، يەھۋانىڭ كۈچى تېخىمۇ روشەن نامايان بولدى
1985-يىلى ئايالىم ئىككىمىز كولۇمبىيىگە كەلدۇق. شۇ چاغدا، بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن يامانلىشىپ، ھەممە جاي زوراۋانلىققا تولغان ئىدى. ھۆكۈمەت شەھەرلەردىكى زەھەرلىك چېكىملىك سودىگەرلىرى ۋە تاغلاردا قېچىپ يۈرۈپ ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە قارشى جەڭلەرنى قىلىۋاتاتتى. بىز كېيىنرەك ۋەز خىزمەت قىلغان رايون مېدېللىندا، كوچىلاردا قوللىرىغا قورال ئېلىۋالغان ياش قاراقچىلار زەھەرلىك چېكىملىك ساتاتتى، باشقىلاردىن قوغداش پۇلى يىغاتتى ۋە پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق كىشىنى ئۆلتۈرەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن ياشىماي ياشلا ئۆلۈپ كېتەتتى. بىز ئۆزىمىزنى باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق.
قانداق بولۇپ يەر شارىنىڭ شىمالىدىكى بىر دۆلەتتە ياشىغان ئىككى ئاددىي كىشى جەنۇبىي ئامېرىكىغا كېلىپ قالدى؟ كۆپ يىللاردىن بۇيان مەن نېمىلەرنى ئۆگەندىم؟
فىنلاندىيىدىكى كىچىك چاغلىرىم
مەن 1955-يىلى تۇغۇلغان، ئائىلىمىزدە ئۈچ ئوغۇلنىڭ كەنجىسى ئىدىم. فىنلاندىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر جايدا، يەنى ھازىر ۋانتائا دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردە چوڭ بولدۇم.
ئاپام مەن تۇغۇلۇشتىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان ئىدى. ئەمما، دادام ھەقىقەتكە قارشى تۇرغان. ئۇ ئاپامنىڭ بىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ياكى بىزنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، دادام يوق ۋاقىتلاردا، ئاپام بىزگە مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى ئۆگىتەتتى.
مەن يەتتە يېشىمدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدىم
مەن كىچىك چېغىمدىن باشلاپلا يەھۋاغا ئىتائەتچان بولۇشنى قارار قىلغان. مەسىلەن، بىر قېتىم مەكتەپتە قان قوشۇلۇپ پىشۇرۇلغان بىر يېمەكلىكنى يېيىشنى رەت قىلدىم. ئوقۇتقۇچى ماڭا قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇ بىر قولى بىلەن ئېڭىكىمنى سىقىپ ئېغىزىمنى ئاچتى، يەنە بىر قولى بىلەن يېمەكلىكنى ئاغزىمغا سالماقچى بولدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى قوشۇقنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتتىم.
12 ياش ۋاقتىمدا دادام ۋاپات بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشالايدىغان بولدۇم. جامائەتتىكى بۇرادەرلەر ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ، داۋاملىق يەھۋاغا يېقىنلىشىشىم ئۈچۈن مېنى روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. مەن ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تەشكىلاتنىڭ نەشرىي ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەندىم. مەن شۇنداق ياخشى ئۆگىنىش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن، روھىي جەھەتتىن ئالغا
ئىلگىرىلەپ، 1969-يىلى 8-ئاۋغۇستتا 14 يېشىمدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.مەن مەكتەپتىكى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم. بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە فىنلاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى پىلاۋېسى شەھىرىگە كۆچۈپ باردىم. ئۇ يەر ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق ئىدى.
مەن پىلاۋېسى شەھىرىدە سۆيۈملۈك ئايالىم سىرككانى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ كەمتەر مىجەزى ۋە يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىدىن تەسىرلەندىم. ئۇ نام-شۆھرەت ياكى بايلىققا قىزىقمىغان. ئىككىمىز مەقسىتى ئوخشاش ئىدى. مەيلى قانداق خىزمەتنى قىلىشقا ئەۋەتىلەيلى، يەھۋاغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلىشنى چىن قەلبىمىزدىن ئارزۇ قىلاتتۇق. بىز 1974-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى توي قىلدۇق. شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، بىز كارتتۇلاغا بېرىپ ۋەز قىلدۇق. ئۇ يەر پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز ئېيتقۇچىلارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.
بىز ئىجارىگە ئالغان ئۆي فىنلاندىيىنىڭ كارتتۇلا شەھىرىدە
يەھۋا ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلىدى
ئاكام بىزگە بەرگەن ماشىنا
توي قىلغىنىمىزدىن باشلاپ، يەھۋا بىزگە خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، بىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى (مەتتا 6:33). مەسىلەن، كارتتۇلادا بولغاندا ماشىنىمىز يوق بولۇپ، ھەممىلا جايغا ۋېلىسىپىت بىلەن باراتتۇق. ئەمما، ئۇ يەردە قىش پەسلىدە ھاۋا بەك سوغۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا دائىم نۆلدىن تۆۋەن بولاتتى. جامائىتىمىزنىڭ ۋەز قىلىدىغان رايون ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن بىزگە ماشىنا كېرەك ئىدى. ئەمما، بىزنىڭ ماشىنا سېتىۋالغۇدەك پۇلۇمىز يوق ئىدى.
كېيىن تۇيۇقسىزلا ئاكام بىزنى يوقلاپ كېلىپ، ماشىنىسىنى بىزگە سوۋغات قىلدى. سۇغۇرتا ھەققى تۆلەنگەن ئىدى. بىز پەقەت يېقىلغۇ سېتىۋالساق بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى ماشىنىمىز بار بولدى.
يەھۋا ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى كۆرسەتتى. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پەقەت خۇدا پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش بولدى.
گىلىئاد مەكتىپى
1978-يىل، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە
بىز 1978-يىلى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى رايمو كۇئوككانېن a بۇرادەر بىزنى گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇش ئىلتىماسىنى تولدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ مەكتەپتە ئوقۇش لاياقىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىدۇق. ئەمما، ئىلتىماسنى تولدۇرۇشتىن ئاۋۋال، 1980-يىلى فىنلاندىيىدىكى بەيتەل بىزنى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇ چاغدا، بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغانلار گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلالمايتتى. ئەمما، بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ئەمەس، بەلكى يەھۋا خالىغان جايدا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىپ، بەيتەلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدۇق. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز داۋاملىق ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندۇق. شۇنداق بولغاندا، كەلگۈسىدە پۇرسەت بولۇپ قالسا، بىز گىلىئاد مەكتىپىگە ئىلتىماس قىلالايتتۇق.
بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، يېتەكچى كېڭەش بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغانلارمۇ گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە يېڭى قارارنى ماقۇللىدى. بىز دەرھال ئىلتىماسنى تولدۇردۇق. ئەمما، بىز بەيتەلدىكى خىزمىتىمىزدىن نارازى بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىز پەقەت شۇنىڭغا لايىق بولساق، تېخىمۇ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ خىزمەت قىلماقچى ئىدۇق. ئىلتىماسىمىز قوبۇل قىلىنىپ، گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 79-قاتارلىق سىنىپىدا ئوقۇپ، 1985-يىلى 9-ئايدا ئوقۇشنى پۈتتۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن، بىز كولۇمبىيىگە ئەۋەتىلدۇق.
تۇنجى مىسسىئونېرلىق ۋەزىپىمىز
كولۇمبىيىدە بىز ئەڭ ئاۋۋال بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەندۇق. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆز ۋەزىپەمنى ئورۇنداشقا تىرىشتىم. ئەمما، بىر يىلدىن كېيىن تۇرمۇشىمىزدا بەزى ئۆزگەرتىشلەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ يەتتىم. شۇڭا، ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا پەقەت بىرلا قېتىم باشقا خىزمەتنى قىلىشنى ئىلتىماس قىلدىم. كېيىن، بىز نېيۋا شەھىرىنىڭ خويلا دېگەن رايونىدا مىسسىئونېرلىق خىزمىتىگە تەيىنلەندۇق.
مەن بۇرۇندىنلا ۋەز خىزمىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. فىنلاندىيىدە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان ۋاقتىمدا، بەزىدە ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋەز قىلاتتىم. بىز توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىم ئىككىمىز بىرلىكتە ئوخشاشلا پۈتۈن كۈن ۋەز ئېيتاتتۇق. ئەگەر يىراق جايلارغا ۋەز قىلىشقا بارساق، يولدا ۋاقىت تېجەپ قىلىش ئۈچۈن بەزىدە ماشىنىدا ئۇخلايتتۇق. ئەتىسى ئەتىگەن تۇرۇپلا خىزمىتىمىزنى باشلاپ كېتەتتۇق.
بىز مىسسىئونېرلىق خىزمىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، ۋەز خىزمەتتىكى قىزغىنلىقىمىزنى قايتا يەنە بىر قېتىم ئەسلىگە كەلتۈردۇق. جامائىتىمىزنىڭ گۈللەپ تېخىمۇ راۋاجلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. يەرلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز. چۈنكى، ئۇلار باشقىلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، ئۇلارغا كۆيۈنىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.
دۇئانىڭ كۈچى
بىز خىزمەت قىلىۋاتقان نېيۋا شەھىرىدىن ئانچە يىراق ئەمەس بىرقانچە كىچىك يېزا بازىرى بار بولۇپ، ئۇ يەردە گۇۋاھچىلار يوق ئىدى. شۇڭا، مەن ئاشۇ جايلاردا خۇش-خەۋەرنى قانداق ئېيتسام بولار دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ شۇ جايلارغا بېرىشى خەتەرلىك ئىدى. شۇڭلاشقا، شۇ كىچىك يېزا بازارلىرىدىن بىرەر كىشىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلدىم. مەن شۇ جايلاردىن كەلگەن بىرىنىڭ نېيۋا شەھىرىدە ھەقىقەتنى ئۆگىنىپ، روھىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ۋەز قىلسا دەپ دۇئا قىلدىم. يەھۋا مېنىڭ دۇئايىمغا جاۋاب بەردى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش چارىسى مەن ئويلىغاندىن كۆپ ياخشى ئىدى.
مەن دۇئا قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، فېرناندو گونزالېز ئىسىملىك بىر ياش يېگىت بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلىدىم. ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى يوق، ئالچىراس دېگەن يېزا بازىرىدا ياشايتتى. ئۇ 50 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول يۈرۈپ نېيۋا شەھىرىگە كېلىپ ئىشلەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئۆگىنىشكە ئەتراپلىق ياخشى تەييارلىق قىلاتتى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشقا باشلىدى. ئۇ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلاپ، بىرىنچى ھەپتىسى يۇرتىغا قايتقاندا بىر توپ كىشىلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى سۆزلەپ بەرگەن.
فېرناندو 1993-يىلى
فېرناندو ئالتە ئاي مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، 1990-يىلى 1-ئايدا، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلدى. كېيىن، ئۇ پىدائىي ۋەز
ئېيتقۇچى بولۇشنى باشلىدى. ئالچىراستا يەرلىك ۋەز ئېيتقۇچى بولغاچقا، سىرتتىن باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئۇ يەرگە كۆچۈپ بېرىشى بىخەتەر بولدى، شۇڭلاشقا يەرلىك بەيتەل ئۇ يەرگە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى ئەۋەتتى. 1992-يىلى 2-ئايدا، ئۇ شەھەردە يېڭى بىر جامائەت قۇرۇلدى.فېرناندو پەقەت ئۆز شەھىرىدە ۋەز ئېيتىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن ئايالى ئولگا بىلەن گۇۋاھچىلار يوق باشقا شەھەر سان ۋىسېنتى دېل كاگۇنغا كۆچۈپ باردى. ئۇلار ئۇ يەردە ۋەز ئېيتىپ جامائەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. 2002-يىلى فېرناندو رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ ئايالى ئولگا بىلەن بۈگۈنكى كۈنگىچە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
بۇ تەجرىبەمدىن يەھۋانىڭ خىزمىتىنى قىلغاندا، ھەرقانداق ئىشتا تەپسىلىي دۇئا قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئۆگەندىم. يەھۋا بىز قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ. نېمە دېگەن بىلەن، بۇ ئۇنىڭ مول ھوسۇلى، بىزنىڭ ئەمەس.—مەتتا 9:38.
يەھۋا ئۇنى مەمنۇن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئارزۇ-ئىستەك ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ
1990-يىلى، بىز جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىگە تەيىنلەندۇق. تۇنجى خىزمەت قىلىدىغان رايونىمىز پايتەخت شەھەر بوگوتادا ئىدى. ھەر ئىككىمىز بۇ خىزمەتنى قىلالماي قېلىشىمىزدىن ئەنسىرىدۇق. چۈنكى، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ ئالاھىدە تالانتى يوق، ئاددىي كىشىلەر. بىز چوڭ شەھەرلەردە ياشاشقا ئۆگەنمىگەن ئىدۇق. بىراق، يەھۋا فىلىپىلىكلەر 2:13-ئايەتتىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى: «خۇدا ئۆزى مەمنۇن بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردە ئارزۇ-ئىستەكنى كۈچەيتىپ، كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ».
ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز باشقا بىر رايونغا، يەنى ئىلگىرى تىلغا ئالغان شەھەر مېدېلىنغا ئەۋەتىلدۇق. بۇ يەردە كوچىلاردا زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى. ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالغانىدى. مەسىلەن، بىر قېتىم مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز سىرتتا ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن دەرھال يەرگە يېتىۋالماقچى بولدۇم. ئەمما، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى ھېچنېمە بولمىغاندەك داۋاملىق ئوقۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مەندىن كەچۈرۈم سوراپ، سىرتقا چىقىپ كەتتى. بىرئازدىن كېيىن، ئۇ ئىككى بالىسى بىلەن قايتىپ كېلىپ تىنچ-خاتىرجەم ھالدا: «كەچۈرۈڭ، مەن پەقەت بالىلىرىمنى چاقىرىپ كېلىشكە چىقتىم»،— دېدى.
يەنە بىرقانچە قېتىم خەتەرلىك ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن چاغلىرىمىز بولدى. بىر قېتىم ئايالىم بىلەن ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلىۋاتقاندا، سىرككا تۇيۇقسىز يۈگرەپ كەلدى. چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئىنتايىن ھەيران بولدۇم. بىراق، كېيىن ئۇ قوراللىق كىشىنىڭ سىرككاغا ئەمەس، بەلكى سىرككانىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئەر كىشىگە قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۇق.
كېيىن، بىز بۇنداق زوراۋانلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، قانداق قىلىشنى ئۆگىنىۋالدۇق. شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەتلەرگە ئۇچرىغان يەرلىك گۇۋاھچىلاردىن كۆپ ئىلھام ئالدۇق. بىز يەھۋا ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتقان بولسا، بىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ دەپ ئويلىدۇق. بىز ھەمىشە يەرلىك ئاقساقاللارنىڭ نەسىھەت سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، شۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارە-تەدبىرلىرىنى قوللاندۇق. قالغان ئىشلارنى بولسا يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇردۇق.
بەزى ۋەزىيەتلەر بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە خەتەرلىك ئەمەس ئىدى. بىر قېتىم، مەن بىر ئۆي ئىگىسىنى يوقلاپ كەلگىنىمدە، ئىككى ئايالنىڭ سىرتتا بىر-بىرىنى ھاقارەتلەپ ۋارقىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن باشقىلارنىڭ تالاش-تارتىشلىرىنى كۆرۈشكە قىزىقمايتتىم. ئەمما، ئۆي ئېگىسى مېنى كۆرۈپ بېقىشقا چاقىردى. بىلسەم، بۇ ئىككى قوشنىلار ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى دورىغان ئىككى شاتۇت قۇشى توغرىسىدا گەپ تالىشىپ، جىدەل قىلىشىۋاتقان ئىكەن.
يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى قىيىنچىلىقلار
1997-يىلى خىزمەت ماھارىتىنى ئاشۇرۇش مەكتىپىدە b يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تەيىنلەندىم. مەن دائىم تەشكىلاتنىڭ تۈرلۈك مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، ئىنتايىن مىننەتدار بولغان ئىدىم. ئەمما، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش شان-شەرىپى ھەققىدە ئويلاپمۇ باقمىغانتىم.
كېيىن، مېنى دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش توختىغاندا، قايتا رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلدىم. شۇڭا، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان تەربىيىلەش سىنىپلىرىنىڭ يېتەكچىسى ۋە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلغۇچى ئاقساقال بولدۇم. بۇ ۋەزىپىلەر مېنى نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈردى. ئەمما، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمغا توغرا كەلگەن ئىدى.
مېنىڭ ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىدىغان مىجەزىم بار ئىدى. شۇڭا، بۇ مېنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، جاسارەتلىك بولۇشىمغا ياردەم بەردى. ئەمما، بەزى ۋاقىتلاردا جامائەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ تۈزىتىلىشىگە سەۋر-تاقەت قىلالمايمەن. بەزى ۋاقىتلاردا، مەن بەزىلەرنى باشقىلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە، ئاقىلانە بولۇشقا، قىزغىنلىق بىلەن دەۋەت قىلغان ئىدىم. ئەمما، كۈلكىلىك يېرى، ئۆزۈمدە شۇنداق پەزىلەتلەر كەمچىل بولغان.—رىملىقلار 7:21–23.
بەزىدە مەن ياخشى قىلالمىغاچ، ئۆز-ئۆزۈمدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم (رىملىقلار 7:24). بىر قېتىم، مەن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ھازىرقى مىسسىئونېرلىق خىزمىتىمنى تاشلاپ فىنلاندىيىگە قايتىپ كەتسەم، ياخشىراق بولاتتى دېدىم. شۇ كۈنى كەچتە، مەن جامائەت ئىبادەت يىغىلىشىغا قاتناشتىم. يىغىلىشتا ئالغان ئىلھام مېنى شۇ ۋەزىپەمنى تاشلىماي، ئۆز كەمچىلىكىمنى داۋاملىق ئۆزگەرتىشىم كېرەكلىكىگە قايىل قىلدى. يەھۋانىڭ دۇئايىمغا شۇنداق ئېنىق جاۋاب بەرگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەھۋانىڭ كەمچىلىكىمنى يېڭىشىمغا ياردەم قىلغانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىگە قاراش
ئايالىم سىرككا ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسىمىنى يەھۋاغا پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن مىننەتدارمىز. يەنە يەھۋانىڭ شۇنچە يىل ماڭا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ۋاپادارلىق كۆرسەتكەن ئايالنى سوۋغات قىلغىنىغا تولىمۇ مىننەتدارمەن.
كۆپ ئۆتمەي، مەن 70 ياشقا كىرىمەن. مەكتەپتە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇش ۋە رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىش ئىمتىيازىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقتىم كېلىدۇ. ئەمما، مەن بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمەيمەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كەمتەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىشىمىز ۋە سۆيگۈ ھەم مىننەتدارلىققا تولغان قەلب بىلەن ئۇنى مەدھىيىلىشىمىز كېرەك (مىكاھ 6:8؛ ماركۇس 12:32–34). يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىمىزگە تارتماسلىقىمىز لازىم.
مەن ئېرىشكەن خىزمەت پۇرسەتلىرىنى ئەسلىگىنىمدە، شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىمكى، مەن ھەرگىز باشقىلاردىن ياخشى بولغانلىقىم ياكى ئالاھىدە قابىلىيەتلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەھۋا كەمچىلىكلىرىمگە قارىماي، ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكىنى ئۈچۈن شۇنداق خىزمەتلەرنى قىلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن ئىدىم. مەن پەقەت يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئاشۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىغانلىقىمنى بىلىمەن. شۇ ئارقىلىق، مېنىڭ كەمچىلىكلىرىم خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلغان.—2-كورىنت. 12:9.