مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

15-‏تە‌تقىق ماقالىسى

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ

يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ

‏«ئاراڭلاردىكى سىلە‌رگە يېتە‌كچىلىك قىلغانلارنى ئە‌سكە ئېلىڭلار»‏‏.‏ —‏ئىبرانىي.‏ 13:‏7‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىغا ھە‌ردائىم ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ يە‌ھۋانىڭ بىرىنچى ئە‌سىردىكى خىزمە‌تچىلىرى قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌نىدى؟‏

 يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاشۇ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى تە‌شكىللىك ۋە تە‌رتىپلىك ھالە‌تتە ئورۇ‌ندىشىنى خالايدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏33‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى بولسا پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىغا يە‌تكۈزۈش (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ خىزمە‌تكە يېتە‌كچلىك قىلىشنى ئە‌يسا مە‌سىھكە تاپشۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا بۇ خىزمە‌تنىڭ تە‌شكىللىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالە‌تلىك قىلغان.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ھە‌رقايسى جايلاردا جامائە‌تلە‌ر قۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ ئاقساقاللار جامائە‌تكە يېتە‌كچىلىك قىلىش ۋە ئۇ‌لارغا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن تە‌يىنلە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 14:‏23‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌ر ۋە بە‌زى ئاقساقاللاردىن قۇ‌رۇ‌لغان بىر ئاقساقاللار كېڭىشى قارارلارنى چىقارغان.‏ بارلىق جامائە‌تلە‌ر بۇ بىر توپ ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارلىرى بويىچە ئىش قىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏2؛‏ 16:‏4‏)‏.‏ قېرىنداشلار ئاشۇ بېرىلگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌ش نە‌تىجىسىدە،‏ «جامائە‌تلە‌ر ئىمان-‏ئېتىقادتا مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىپ،‏ ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-‏كۈنگە» كۆپە‌يگە‌نىدى.‏—‏ئە‌لچى.‏ 16:‏5‏.‏

2.‏ 1919-‏يىلدىن باشلاپ،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلە‌پ كېلىۋاتىدۇ ۋە روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ۋاتىدۇ؟‏

2 يە‌ھۋا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز خە‌لقىنى داۋاملىق تە‌شكىللە‌يدۇ.‏ 1919-‏يىلدىن باشلاپ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىسى بويىچە،‏ مە‌سىھ قىلىنغان كىچىك بىر توپ ئېتىقادچىلارنى ئىشلىتىپ،‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى تە‌شكىللىگە‌ن ۋە ئېتىقادچىلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىدىغان روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلار بىلە‌ن تە‌مىنلىگە‌ن a (‏لۇ‌قا 12:‏42‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا شۇ كىچىك بىر توپ قېرىنداشلارنىڭ خىزمىتىنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏—‏يە‌شايا 60:‏22؛‏ 65:‏13،‏ 14‏.‏

3،‏ 4.‏ (‏1)‏ تە‌شكىللىنىشنىڭ قانداق پايدىلىق تە‌رە‌پلىرى بارلىقىنى مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 ئە‌گە‌ر بىز تە‌شكىللە‌نمىگە‌ن بولساق،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىزگە تاپشۇ‌رغان ئىشنى ئورۇ‌ندىيالمىغان بولاتتۇ‌ق (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ يېتە‌كچىلىك قىلغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ۋە‌ز ئېيتىدىغان رايونلارنى تە‌رتىپلىك ئورۇ‌نلاشتۇ‌رمىغان ۋە ھە‌ممە ئادە‌م ئۆزى خالىغان جايدا ۋە‌ز قىلغان بولسا،‏ نە‌تىجىسى قانداق بولاتتى؟‏ بە‌زى رايونلاردا ئوخشىمىغان ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار قايتا-‏قايتا ۋە‌ز قىلىشى ۋە باشقا رايونلاردا ۋە‌ز قىلىش ئىشىغا سە‌ل قارىلىپ قالاتتى.‏ تە‌شكىللە‌شنىڭ بىز ئۈچۈن يە‌نە قانداق پايدىلىق تە‌رە‌پلىرى بارلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ!‏؟‏

4 ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئۆز شاگىرتلىرىنى تە‌شكىللىگە‌ن.‏ بۈگۈن كۈندىمۇ ئۇ بىزنى تە‌شكىللە‌پ،‏ ئۆزى قالدۇ‌رغان ئۈلگىگە ئە‌گىشىشكە يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئە‌يسانىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىسىنى ۋە شۇ ئۈلگىگە تە‌شكىلاتىمىز قانداق ئە‌گىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بىز يە‌نە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

تە‌شكىلاتىمىز ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىدۇ

5.‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىپ،‏ تە‌شكىلاتىمىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 8:‏28‏)‏

5 ئە‌يسا نېمە قىلىش ۋە نېمە دېيىشنى ئاسماندىكى ئاتىسىدىن ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىپ،‏ تە‌شكىلاتىمىز خۇ‌دانىڭ سۆزى ئاساسىدا بىزنىڭ توغرا-‏خاتانى بىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ ۋە تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا كۆرسە‌تمىلە‌رنى يە‌تكۈزۈپ بېرىدۇ ‏(‏يۇ‌ھاننا 8:‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى دائىم بىزگە خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش ھە‌ققىدە ئە‌سكە‌رتىشلە‌رنى بېرىپ تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ نە‌سىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلساق،‏ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

6.‏ نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزنىڭ ياردىمىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

6 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزنىڭ ياردىمىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر تە‌رە‌پتىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە دېيىلگە‌نلىكىنى ئوقۇ‌پ،‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلىرىنى ئوقۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق خۇ‌دا تە‌شكىلاتى چىقارغان كۆرسە‌تمىلە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغانلىقىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز.‏ بۇ‌نداق قىلىش يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏—‏رىملىقلار 12:‏2‏.‏

7.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ قانداق خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟‏

7 ئە‌يسا مە‌سىھ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى» جاكارلىغان (‏لۇ‌قا 4:‏43،‏ 44‏)‏‏.‏ ئۇ يە‌نە ئۆز شاگىرتلىرىنى پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز قىلىشقا بۇ‌يرىغان (‏لۇ‌قا 9:‏1،‏ 2؛‏ 10:‏8،‏ 9‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى بارلىق كىشىلە‌ر،‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە ياشىسۇ‌ن ۋە تە‌شكىلاتتا قانداق مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستىگە ئالغان بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىسى خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلايدۇ.‏

8.‏ بىز قانداق شان-‏شە‌رە‌پكە ئىگە؟‏

8 بىز خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى باشقىلارغا يە‌تكۈزۈشنى شان-‏شە‌رە‌پ دە‌پ قارايمىز.‏ بۇ خىزمە‌تنى قىلىشقا ھە‌ممىلا ئادە‌م لاياقە‌تلىك بولالمايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ يامان روھلارنىڭ ئۇ توغرۇ‌لۇ‌ق گۇ‌ۋاھلىق بېرىشىگە يول قويمىغان (‏لۇ‌قا 4:‏41‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر ئادە‌م يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى بىلە‌ن بىرلىكتە ۋە‌ز ئېيتىشقا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى،‏ ئۇ چوقۇ‌م ۋە‌ز قىلىش لاياقىتىگە ئېرىشىشى كېرە‌ك.‏ بىز ۋە‌ز ئېيتىش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلىگىنىمىزدە،‏ ھە‌ر ۋاقىت،‏ ھە‌ر جايدا باشقىلارغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىمىز.‏ ھە‌ممىمىز ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئۇ‌رۇ‌قىنى كىشىلە‌رنىڭ قە‌لبىگە تېرىشنى ۋە ئۇ‌نى سۇ‌غۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شنى خالايمىز.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ شۇ كىشىلە‌رنىڭ قە‌لبىدە ئاشۇ ئۇ‌رۇ‌ق يىلتىز تارتىپ،‏ بىخ چىقىرىدۇ.‏—‏مە‌تتا 13:‏3،‏ 23؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 3:‏6‏.‏

9.‏ تە‌شكىلات خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى باشقىلارغا قانداق بىلدۈرىدۇ؟‏

9 ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى باشقىلارغا بىلدۈرگە‌نىدى.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئاسماندىكى ئاتىسىغا دۇ‌ئا قىلغاندا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇ‌لارغا بىلدۈردۈم» (‏يۇ‌ھاننا 17:‏26‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىپ،‏ بارىچە ئاماللار بىلە‌ن باشقىلارنىڭ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئۆز ئورنىغا قويۇ‌ش ئارقىلىق،‏ شۇ ئىسىمنى تونۇ‌تۇ‌شتا مۇ‌ھىم رول ئوينىماقتا.‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» پۈتۈنلە‌ي ياكى مە‌لۇ‌م قىسىمى 270 تىن ئارتۇ‌ق تىلغا تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ بۇ تە‌رجىمىنىڭ 4A ۋە 5A قوشۇ‌مچە مە‌لۇ‌ما قىسىمىدىن خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ ئە‌سلى ئورنىغا قويۇ‌لۇ‌شى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌زى مە‌لۇ‌ماتلارنى تاپالايسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نىڭ گرېكچە يازمىلار قىسىمىدا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى جە‌مئىي 237 قېتىم ئىشلىتىلىشى كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە كۆپلىگە‌ن دە‌لىل-‏ئىسپاتلار كۆرسىتىلگە‌ن.‏

10.‏ بېرمىدا ياشايدىغان بىر ئايالنىڭ تە‌جرىبىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

10 ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك كىشىلە‌رنىڭ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى بىلىشىگە ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏ بېرمىدا ياشايدىغان 67 ياشلىق بىر ئايال،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى بارلىقىنى بىلگە‌ندىن كېيىن،‏ يىغلاپ تۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ھاياتىمدا تۇ‌نجى قېتىم خۇ‌دانىڭ ئىسىمى يە‌ھۋا ئىكە‌نلىكىنى بىلدىم.‏ بۇ مە‌ن ھاياتىمدا ئۆگە‌نگە‌ن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نە‌رسە».‏ مۇ‌شۇ ۋە‌قە،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى بىلىش سە‌مىمىي كىشىلە‌رنىڭ قە‌لبىگە قانچىلىك چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏

تە‌شكىلاتىمىزغا داۋاملىق ئىشە‌نچ قىلىڭ

11.‏ ئاقساقاللار خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان مىننە‌تدارلىقىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

11 ئاقساقاللار خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى كۆرسە‌تمىلە‌رنى تاپشۇ‌رۇ‌پ ئالغاندا،‏ ئاقساقاللار ئۇ‌نى ئە‌ستايىدىل ئوقۇ‌پ،‏ ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن ئاشۇ كۆرسە‌تمىلە‌ر بويىچە ئىش قىلىشى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆرسە‌تمىلە‌ر يىغىلىشلارنىڭ ھە‌ربىر بۆلىكىنى قانداق ئۆتكۈزۈش،‏ جامائە‌تتە قانداق دۇ‌ئا قىلىشلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مە‌سىھنىڭ پادىلىرىدىن قانداق خە‌ۋە‌ر ئېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقاللار ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن تە‌شكىلاتنىڭ بۇ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئە‌گە‌شسە،‏ قېرىنداشلار يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.‏

ئاقساقاللار بىزگە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بېرىۋاتقان كۆرسە‌تمىگە ئىشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b


12.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏ئىبرانىيلار 13:‏7،‏ 17‏)‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن دىققىتىمىزنى يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىگە قارىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

12 ئاقساقاللار بىزگە كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ ئۆز ۋە‌زىپىسىنى تېخىمۇ ئاسانراق ئورۇ‌ندىشىغا ياردە‌م بېرىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلارغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌پ،‏ بويسۇ‌نۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏7،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ بە‌زىدە ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بۇ كىشىلە‌ر نامۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ بىراق،‏ بىز ھە‌ردائىم دىققىتىمىزنى ئۇ‌لارنىڭ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىغا ئە‌مە‌س،‏ كە‌مچىلىكلىرىگە قاراتساق،‏ خۇ‌دانىڭ دۈشمىنىگە ياردە‌م قىلغان بولىمىز.‏ نېمىشقا بۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ چۈنكى،‏ بۇ‌نداق قىلىش خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ.‏ بۇ دە‌ل دۈشمە‌ننىڭ يە‌تمە‌كچى بولغان مە‌قسىتى.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دۈشمە‌ن تارقاتقان يالغان-‏ياۋىداقلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌نىڭ يالغانچىلىقلىرىنى قانداق بايقىيالايمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىپ كېتىشتىن ساقلىنالايمىز؟‏

باشقىلار ئىشە‌نچىڭىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۋە‌تمىسۇ‌ن

13.‏ قانداق قىلىپ خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى يامان كۆرسىتىدۇ؟‏

13 خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى يامان كۆرسىتىپ،‏ ياخشى بىلە‌ن ياماننى ئارىلاشتۇ‌رۋېتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ جىسمانىي،‏ ئە‌خلاقىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شىنى خالايدىغانلىقىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌نە پۇ‌شايمان قىلىشنى خالىماي،‏ داۋاملىق ناپاك ئىشلارنى قىلغانلارنى جامائە‌تتىن چىقىرىۋېتىش تە‌لە‌پ قىلىنغان (‏1-‏كورىنت.‏ 5:‏11–‏13؛‏ 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بىزنىڭ تە‌شكىلاتىمىز بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س بۇ‌يرۇ‌ققا ئە‌مە‌ل قىلىدۇ،‏ ئە‌مما بىزگە قارشى چىققۇ‌چىلار بۇ‌نى باھانە-‏سە‌ۋە‌ب قىلىپ،‏ بىزنى باغرىتاش،‏ مېھىر-‏شە‌پقە‌تسىز،‏ ئاق كۆڭۈل ئە‌مە‌س دە‌پ ئە‌يىبلىشىدۇ.‏

14.‏ تە‌شكىلاتىمىز توغرىسىدىكى بارلىق يالغان-‏ياۋىداق سۆزلە‌رنى تارقىتىۋاتقان پە‌ردە ئارقىسىدىكى دۈشمە‌ن كىم؟‏

14 مۇ‌شۇ ھۇ‌جۇ‌منى تە‌شكىللىگە‌ن پە‌ردە ئارقىسىدا تۇ‌رغان دۈشمە‌ننى تونۇ‌پ يېتىڭ.‏ تە‌شكىلاتىمىز توغرىسىدىكى بارلىق يالغان-‏ياۋىداق سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لىيە‌تتە «يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسى» شە‌يتاندىن كە‌لگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 8:‏44؛‏ يارىت.‏ 3:‏1–‏5‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌يتان ئۆز قوللىغۇ‌چىلىرىدىن پايدىلىنىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى توغرىسىدا تۆھمە‌تلە‌رنى قىلىشىدۇ.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىمۇ ئۇ شۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌لنى قوللانغان.‏

15.‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھكە ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە نېمىلە‌رنى قىلغان؟‏

15 بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ شە‌يتاننىڭ قوللىغۇ‌چىلىرى مۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە نۇ‌رغۇ‌ن مۆجىزىلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە كە‌ينى-‏كە‌ينىدىن يالغان-‏ياۋىداق سۆزلە‌رنى قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قارا چاپلاپ ھاقارە‌تلىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر كىشىلە‌رگە ئە‌يسانىڭ جىنلارنى قوغلاش ھوقۇ‌قى جىنلارنىڭ ھۆكۈمرانى تە‌رىپىدىن كە‌لگە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏ماركۇ‌س 3:‏22‏)‏.‏ ئە‌يسا سوتلىنىۋاتقاندا،‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئۇ‌نى كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق قىلدى دە‌پ ئە‌يىبلىگە‌ن ۋە كىشىلە‌رنى ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈشكە قۇ‌تراتقان (‏مە‌تتا 27:‏20‏)‏.‏ كېيىن،‏ مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ندە،‏ قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلار كىشىلە‌رنى ئۇ‌لارغا زىيانكە‌شلىك قىلىشقا قۇ‌تراتقان (‏ئە‌لچى.‏ 14:‏2،‏ 19‏)‏.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 1998-‏يىل 12-‏ئاي 1-‏كۈن سانىدا،‏ ئە‌لچىلە‌ر 14:‏2-‏ئايە‌ت ھە‌ققىدە مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرۈشلە‌ر يېزىلغان:‏ «قارشى چىققۇ‌چىلار خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئۆزلىرى رە‌ت قىلىش بىلە‌نلا توختاپ قالماي،‏ يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌رنى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قارشى چىقىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغانىدى».‏

16.‏ يالغان-‏ياۋىداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئاڭلىساق،‏ نېمىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇ‌تۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

16 شە‌يتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ يالغانچىلىقىنى توختىتىپ قويمىدى.‏ ئۇ ھازىر يە‌نىلا «پۈتۈن دۇ‌نيانى» ئازدۇ‌رىۋاتىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏9‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى ۋە ئۇ‌نىڭغا يېتە‌كچىلىك قىلىۋاتقان قېرىنداشلار ھە‌ققىدە يالغان-‏ياۋىداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئاڭلىسىڭىز،‏ خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرىنىڭ ئە‌يسا ۋە بىرىنچى ئە‌سىردىكى شاگىرتلىرىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خە‌لقى زىيانكە‌شلىككە ۋە ھاقارە‌تكە ئۇ‌چرايدىغانلىقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاللىقاچان بېشارە‌ت قىلىنغان (‏مە‌تتا 5:‏11،‏ 12‏)‏.‏ يالغانچىلىقلارنى تارقىتىۋاتقان پە‌ردە ئارقىسىدىكى دۈشمە‌ننى تونۇ‌پ،‏ ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كېتىشىدىن ساقلىنىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17.‏ يالغان-‏ياۋىداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنىڭ زىيانلىق تە‌سىرىدىن ئۆزىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟‏ (‏2-‏تىموتىي 1:‏13‏)‏ (‏«‏ يالغان-‏ياۋىداق ئە‌پسانىلە‌رگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

17 يالغان-‏ياۋىداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سالماڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يالغان-‏ياۋىداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئاڭلىساق،‏ نېمە قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئېنىق كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ تىموتىينى بە‌زى كىشىلە‌رنى يالغان ھېكايىلە‌رگە قۇ‌لاق سالماسلىققا ۋە بىمە‌نە ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌تلە‌رنى رە‌ت قىلشقا بۇ‌يرۇ‌شنى ئېيتقان (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏3،‏ 4؛‏ 4:‏7‏)‏.‏ گە‌رچە بىر بوۋاق ھېچنېمىنى چۈشە‌نمە‌ي يە‌ردىن بىر نە‌رسىنى ئېلىپ ئاغزىغا سالسىمۇ،‏ ئە‌مما قورامىغا يە‌تكە‌ن كىشى مۇ‌نداق ئىشنى قىلمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ تە‌ن-‏ساغلاملىقىغا زىيان يە‌تكۈزۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ بىز يالغان-‏ياۋىداقلارنى تارقىتىۋاتقان پە‌ردە ئارقىسىدىكى دۈشمە‌ننى تونۇ‌غان ئىكە‌نمىز،‏ ئۇ‌نىڭ يالغانچىلىقلىرىنى رە‌ت قىلىمىز.‏ بىز پە‌قە‌ت ھە‌قىقە‌تنىڭ «ساغلام سۆزلىرىنى» ئاڭلايمىز.‏—‏2-‏تىموتىي 1:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

18.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

18 خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە بىز پە‌قە‌ت ئۈچ سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقتۇ‌ق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ خۇ‌دا تە‌شكىلاتى يە‌نە قايسى جە‌ھە‌تتە ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏ جامائە‌تتىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتىشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغان تە‌شكىلاتقا يېقىندىن ئە‌گىشىش ئارقىلىق داۋاملىق مىننە‌تدارلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏28‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ مېھرىبان ۋە سادىق خىزمە‌تچىلىرى بىلە‌ن بىللە بولۇ‌ش شان-‏شە‌رىپى ئۈچۈن داۋاملىق مىننە‌تدار بولايلى.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى قايسى جە‌ھە‌تلە‌ردە ئە‌يسانى ئۈلگە قىلغان؟‏

  • بىز يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

  • يالغان-‏ياۋىداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئاڭلىسىڭىز،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

42-‏ناخشا ئاجىزلارغا ياردە‌م بە‌ر

a «پاك ئىبادە‌ت» (‏باشقا تىلدا)‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 102،‏ 103-‏بە‌تلىرىدىكى «نېمە ئۈچۈن 1919-‏يىلى؟‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏

b رە‌سىمدە:‏ ئاقساقاللار ئاممىۋىي ئورۇ‌نلاردا ۋە‌ز قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلغاندىن كېيىن،‏ توپقا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال قېرىنداشلارغا دۈمبىسىنى تامغا قارىتىپ تۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە كۆرسە‌تمە بېرىۋاتىدۇ.‏