مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

نېمە ئۈچۈن داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ قوشۇ‌نىدا چە‌تئە‌للىكلە‌ر خىزمە‌ت قىلغان؟‏

داۋۇ‌تنىڭ قوشۇ‌نىدا ئاممونلۇ‌ق زە‌لە‌ك،‏ خىتلىق ئۇ‌رىيا ۋە موئابلىق ئىتماغا ئوخشاش چە‌تئە‌للىكلە‌ر بولغان a (‏1-‏تارىخ.‏ 11:‏39،‏ 41،‏ 46‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ داۋۇ‌تنىڭ قوشۇ‌نىدا كىرېتلە‌ر،‏ پىلېتلە‌ر ۋە گاتلىقلارمۇ خىزمە‌ت قىلغان (‏2-‏سام.‏ 15:‏18‏)‏.‏ كىرېتلە‌ر بىلە‌ن پىلېتلە‌ر،‏ فىلىستىيە‌لىكلە‌رنىڭ يېقىن تۇ‌غقانلىرى بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 25:‏16‏)‏.‏ گاتلىقلار بولسا،‏ فىلىستىننىڭ گات شە‌ھىرىدە ياشىغان خە‌لق.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 13:‏2،‏ 3؛‏ 1-‏سام.‏ 6:‏17،‏ 18‏.‏

داۋۇ‌ت نېمە ئۈچۈن چە‌تئە‌للىكلە‌رنىڭ ئۆز قوشۇ‌نىدا خىزمە‌ت قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلغان؟‏ چۈنكى،‏ داۋۇ‌ت ئۇ‌لارنىڭ ئۆزىگە،‏ تېخىمۇ مۇ‌ھىمى يە‌ھۋاغا سادىق بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر لۇ‌غىتىدە،‏ كىرېتلە‌ر بىلە‌ن پىلېتلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «داۋۇ‌تنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئە‌ڭ قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە چۈشۈپ قالغاندا،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا سادىق بولغان».‏ ئۇ‌لار سادىقلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ ئىسرائىللار داۋۇ‌تنى رە‌ت قىلىپ،‏ شىبا ئىسىملىك بىر يارامسىز كىشىنىڭ ئىسىيانىغا قوشۇ‌لغاندا،‏ كىرېتلە‌ر بىلە‌ن پىلېتلە‌ر داۋۇ‌ت تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌پ،‏ شىبانىڭ ئىسىيانىنى باستۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 20:‏1،‏ 2،‏ 7‏)‏.‏ باشقا بىر ۋە‌زىيە‌تتە،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھلىق تە‌ختىنى تارتىۋالماقچى بولغان.‏ ئە‌مما،‏ كىرېتلە‌ر ۋە پىلېتلە‌ر داۋۇ‌تقا سادىق بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا تاللىغان سۇ‌لايماننىڭ تە‌ختتە ئولتۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏—‏1-‏پادىشاھ.‏ 1:‏24–‏27،‏ 38،‏ 39‏.‏

داۋۇ‌تقا دائىم سادىق بولغان يە‌نە بىر چە‌تئە‌للىك،‏ گاتلىق ئىتتاي ئىدى.‏ داۋۇ‌تنىڭ ئوغلى ئابشالوم خە‌لقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتىپ،‏ ئاتىسىنىڭ تە‌ختىنى تارتىۋالماقچى بولغاندا،‏ ئىتتاي بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ 600 ئە‌سكىرى داۋۇ‌تنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ داۋۇ‌ت ئىتتايغا چە‌تئە‌للىك بولغاچقا،‏ بۇ ئۇ‌رۇ‌شقا قاتناشمىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ لېكىن،‏ «ئىتتاي پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ:‏ »مە‌ن مە‌ڭگۈ ھايات يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا،‏ سىلى خۇ‌جايىنىم پادىشاھ ئالدىدا قە‌سە‌م قىلىمە‌نكى،‏ پادىشاھىم قە‌يە‌رگە بارسا،‏ ھاياتلىق ياكى ماماتلىق بولسۇ‌ن،‏ قوللىرى بولغان مە‌ن شۇ يە‌ردە بولىمە‌ن«،‏—‏ دېدى.‏—‏2-‏سام.‏ 15:‏6،‏ 18–‏21‏.‏

ئىتتاي يە‌ھۋانىڭ مە‌سىھ قىلىنغان پادىشاھى داۋۇ‌تقا سادىق بولغان

كىرېتلە‌ر،‏ پىلېتلە‌ر ۋە گاتلىقلار چە‌تئە‌للىكلە‌ر بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقىي تىرىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ۋە داۋۇ‌تنىڭ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن مە‌سىھ قىلىنغان پادىشاھ ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ داۋۇ‌ت شۇ‌نداق سادىق كىشىلە‌رنىڭ ئۆزىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكىدىن چوقۇ‌م مىننە‌تدار بولغان!‏

a تە‌كرار قانۇ‌ن 23:‏3–‏6 ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ ھېچبىر ئاممونلۇ‌ق ياكى موئابلىق يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولالمىغان.‏ بىراق،‏ قارىماققا بۇ قانۇ‌ن چە‌تئە‌للىكلە‌رنىڭ پۈتۈنلە‌ي قانۇ‌نلۇ‌ق ھالدا ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ پۇ‌قراسى بولۇ‌شىغا يول قويغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئىسرائىللار بىلە‌ن ئالاقىدە بولۇ‌شى ياكى ئارىلىشىپ ياشىشىنى چە‌كلىمىگە‌ن.‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگە‌ن كىتابتىن «ئاممونلار» دېگە‌ن سۆزلۈك ئاستىدىكى «ئىسرائىللار بىلە‌ن نىكاھلىنىش» دېگە‌ن ماۋزۇ‌نى كۆرۈڭ.‏