مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌تقىق قىلىپ ئوقۇ‌ش پىلانى

خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدىغان كىشىلە‌ر دانا قارارلارنى چىقىرىدۇ

خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدىغان كىشىلە‌ر دانا قارارلارنى چىقىرىدۇ

يارىتىلىش 25:‏29–‏34-‏نى ئوقۇ‌پ‏،‏ كىمنىڭ دانا قارار چىقارغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ،‏ ئە‌ساۋمۇ ياكى ياقۇ‌پمۇ؟‏

ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ئايە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ كۆرۈڭ.‏ بۇ ۋە‌قە‌نىڭ ئالدىدا نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ (‏يارىت.‏ 25:‏20–‏28‏)‏ كېيىن نېمە ئىش بولغان؟‏—‏يارىت.‏ 27:‏1–‏46‏.‏

تە‌پسىلاتلارنى تە‌تقىق قىلىپ كۆرۈڭ.‏ شۇ زاماندا تۇ‌نجى ئوغۇ‌لنىڭ قانداق ھوقۇ‌قلىرى ۋە ۋە‌زىپىلىرى بولغان؟‏—‏يارىت.‏ 18:‏18،‏ 19‏؛‏ كم10 5/‏1 13‏.‏

  • مە‌سىھنىڭ ئاتا-‏بوۋىسى بولۇ‌ش ئۈچۈن تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولۇ‌ش زۆرۈرمۇ؟‏ (‏كم17.‏12 14،‏ 15‏)‏

ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىز ھە‌ققىدە ئويلىنىپ،‏ شۇ‌لارنى ھاياتىڭىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىڭ.‏ نېمىشقا ياقۇ‌پ ئە‌ساۋغا قارىغاندا تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولۇ‌ش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلىگە‌ن؟‏ (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏16،‏ 17‏؛‏ كم03 10/‏15 28،‏ 29‏)‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق قارىغان ۋە نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق؟‏ (‏مالاك.‏ 1:‏2،‏ 3‏)‏ ئە‌ساۋ ياخشىراق قارار چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولاتتى؟‏

  • ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «ھە‌ر ھە‌پتە قىلىدىغان ئىشلىرىمنى پىلانلىغاندا،‏ ئۆزۈمنىڭ روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدىغانلىقىمنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمە‌ن؟‏ ھە‌ر ھە‌پتە ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ئۆتكۈزىمە‌نمۇ؟‏