مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

18-‏تە‌تقىق ماقالىسى

1-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى

‏«پۈتكۈل يە‌ر-‏جاھاننىڭ سوتچىسى» رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك يە‌ھۋاغا ئىشىنىڭ!‏

‏«پۈتكۈل يە‌ر-‏جاھاننىڭ سوتچىسى» رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك يە‌ھۋاغا ئىشىنىڭ!‏

‏«پۈتكۈل زېمىننىڭ سوتچىسى ئادىل ئىش قىلماسمۇ؟‏!‏»‏‏—‏يارىت.‏ 18:‏25‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي بولمىغان كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە ئادىللىقى ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىگە بولغان چۈشە‌نچىڭىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

1.‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمغا كىشىگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان قانداق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

 ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆمۈر بويى شۇ‌نداق بىر سۆھبە‌تنى چوقۇ‌م ئۇ‌نتۇ‌مىغان.‏ خۇ‌دا بىر پە‌رىشتىسى ئارقىلىق ئىبراھىمغا سودوم ۋە گومورا شە‌ھە‌رلىرىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ گە‌رچە ئىبراھىم خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئاشۇ قارارنى چۈشىنىش ئىنتايىن قىيىن بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ مۇ‌نداق سورىغان:‏ «سە‌ن ھە‌ققانىي كىشى بىلە‌ن رە‌زىل كىشىنى قوشۇ‌پ تە‌ڭلا ھالاك قىلامسە‌ن؟‏ … پۈتكۈل يە‌ر-‏جاھاننىڭ سوتچىسى ئادىل ئىش قىلماسمۇ؟‏».‏ يە‌ھۋا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بۇ يېقىن دوستىغا شۇ‌نداق مۇ‌ھىم بىر ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھە‌ممىمىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ،‏ يە‌نى خۇ‌دا ھە‌رگىز ھە‌ققانىي كىشىلە‌رنى يوق قىلمايدۇ.‏—‏يارىت.‏ 18:‏23–‏33‏.‏

2.‏ يە‌ھۋانىڭ ئادالە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت بىلە‌ن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

2 يە‌ھۋا باشقىلارغا ھۆكۈم چىقارغاندا،‏ ئۇ ھە‌ردائىم ئادالە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت بىلە‌ن ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا قانداق ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏ چۈنكى،‏ بىز بىلىمىزكى «يە‌ھۋا قە‌لبكە قارايدۇ» (‏1-‏سام.‏ 16:‏7‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ «‏پۈتكۈل قە‌لبلە‌رنى» بىلىدۇ (‏1-‏پادىشاھ.‏ 8:‏39؛‏ 1-‏تارىخ.‏ 28:‏9‏)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئادە‌منى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان ھە‌قىقە‌ت.‏ يە‌ھۋانىڭ ھېكمە‌تلىرى بىزنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمىزدىن چە‌كسىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ردائىم ئۇ‌نىڭ نېمە ئۈچۈن بە‌زى قارارلارنى چىقىرىدىغانلىقىنى تولۇ‌ق چۈشىنە‌لمە‌يمىز.‏ شۇ‌نىڭغا مۇ‌ۋاپىق ھالدا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۋا ھە‌ققىدە مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى قىلغان:‏ «ئۇ‌نىڭ ھۆكۈملىرىگە ئە‌قىل يە‌تمە‌س».‏—‏رىملىقلار 11:‏33‏.‏

3،‏ 4.‏ بىز بە‌زى ۋاقىتلاردا نېمە توغرىسىدا ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن ۋە بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29‏)‏

3 بىز بە‌لكىم ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە ئوخشاش سوئاللارنى سورىغاندىمىز.‏ ھە‌تتا يە‌نە شۇ‌نداق ئويلىغاندىمىز:‏ «يە‌ھۋا سودوم ۋە گومورا شە‌ھە‌رلىرىدىكى كىشىلە‌رنى يوق قىلغانلارنىڭ بە‌زىلىرى كېلە‌چە‌كتە تىرىلدۈرۈلە‌مدۇ؟‏ شۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى تىرىلدۈرۈلىدىغان ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رنىڭ ئارىسىدا بولامدۇ؟‏»—‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏.‏

4 قايتا تىرىلىش ھە‌ققىدىكى چۈشە‌نچىلىرىمىزنى قايتا كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىز يېقىندا «ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىش» بىلە‌ن «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىش» ھە‌ققىدە ئېنىق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولدۇ‌ق a ‏(‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌شۇ چۈشە‌نچە بىزنى تېخىمۇ ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى ئېلىپ بېرىشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ مۇ‌شۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە شۇ‌لار ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ھۆكۈملىرى توغرىسىدا،‏ بىز ئالدى بىلە‌ن نېمىنى بىلمە‌يمىز ۋە كېيىن نېمىنى بىلىمىز دېگە‌نلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

بىز نېمىنى بىلمە‌يمىز

5.‏ ئىلگىرىكى نە‌شرىي ماتېرىياللىرىمىزدا سودوم ۋە گومورا ھە‌ققىدە نېمە دېيىلگە‌ن؟‏

5 ئىلگىرى نە‌شرىي ماتېرىياللىرىمىزدا يە‌ھۋا ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س دە‌پ ھۆكۈم قىلغانلارغا نېمە قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئۆگە‌نگە‌ن ئىدۇ‌ق.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ سودوم ۋە گومورا شە‌ھە‌رلىرىدىكى كىشىلە‌رگە ئوخشاش كېلە‌چە‌كتە ئۈمىدى بولمايدۇ دېگە‌ن ئىدۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىپ تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق،‏ بىز كېسىپ شۇ‌نداق دېيە‌لمە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ يە‌تتۇ‌ق.‏

6.‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌رگە قارشى چىقارغان ھۆكۈملىرى توغرىسىدا مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

6 بىر قاتار سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ كۆرۈڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئۈزۈندىلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌رگە قارشى چىقارغان ھۆكۈملىرى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ توپان سۈيىدە ھالاك بولغانلارنىڭ سانى ياكى يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى ۋە‌دە قىلىنغان زېمىندا يوق قىلىشقا بۇ‌يرىغان يە‌تتە مىللە‌تتىن قانچىلىك ئادە‌م ئۆلگە‌نلىكى بىزگە نامە‌لۇ‌م.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىر پە‌رىشتىسى بىر كېچىدە 185 000 ئاسسۇ‌رىيىلىك ئە‌سكە‌رلە‌رنى ئۆلتۈرگە‌ن (‏يارىت.‏ 7:‏23؛‏ تە‌كرار.‏ قا 7:‏1–‏3؛‏ يە‌شايا 37:‏36،‏ 37‏)‏.‏ مۇ‌شۇ بارچە ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە يە‌ھۋا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلارنىڭ ھە‌ربىرى مە‌ڭگۈگە ھالاك قىلىنىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېچبىرى قايتا تىرىلدۈرۈلمە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئېنىق بىر نە‌رسە دە‌پ بېرە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ دە‌پ بە‌رمە‌يدۇ.‏ نېمىشقا شۇ‌نداق دېيە‌لە‌يمىز؟‏

7.‏ بىز توپان سۈيى ياكى قانان زېمىنىدا بولغان ئۇ‌رۇ‌شلاردا ھالاك قىلىنغان ئىنسانلار ھە‌ققىدە نېمىنى بىلمە‌يمىز؟‏ (‏ قاراڭ)‏

7 بىز يە‌ھۋانىڭ ھە‌ربىر كىشى ئۈستىدىن شە‌خسە‌ن قانداق ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ يە‌نە شۇ ئۆلتۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىپ،‏ توۋا قىلىش پۇ‌رسىتى بولغان-‏بولمىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا توپان سۈيى ھە‌ققىدە ئېيتىلغاندا،‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ «ھە‌ققانىيلىقنى جاكارلىغۇ‌چى» بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ (‏2-‏پېتر.‏ 2:‏5‏)‏.‏ بىراق،‏ نۇ‌ھ غايە‌ت يوغان كېمىنى ياساۋاتقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ر-‏يۈزىدىكى كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ربىرىنى شە‌خسە‌ن توپان سۈيى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز قانان زېمىنىدا ياشىغان بارلىق رە‌زىل كىشىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىپ،‏ يامان يوللىرىدىن يېنىپ،‏ ئۆزگىرىش پۇ‌رسىتى بولغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏

نۇ‌ھ ۋە ئائىلىسىدىكىلە‌ر غايە‌ت چوڭ كېمىنى ياساۋاتىدۇ.‏ توپان سۈيى بېسىپ كېلىشتىن ئىلگىرى كېمە ياساۋاتقان مە‌زگىلدە،‏ نۇ‌ھنىڭ يە‌ر-‏يۈزىدىكى ھە‌ربىر كىشىنى شە‌خسە‌ن توپان سۈيى كېلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تە‌شكىللىك ھالدا ۋە‌ز خىزمىتىنى قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى مە‌لۇ‌م ئە‌مە‌س (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


8.‏ بىز سودوم ۋە گومورادا ياشىغان ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلمە‌يمىز؟‏

8 يە‌ھۋا سودوم ۋە گومورا شە‌ھە‌رلىرىنى ۋە‌يران قىلغاندا،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌رچۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا لۇ‌ت ئىسىملىك بىر ھە‌ققانىي كىشى ياشىغان ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ بىز لۇ‌تنىڭ شۇ شە‌ھە‌رلە‌ردىكى بارلىق كىشىلە‌رگە ۋە‌ز قىلغانلىقىنى بىلىمىزمۇ؟‏ ياق،‏ بىلمە‌يمىز!‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تە‌ن رە‌زىل كىشىلە‌ر ئىدى،‏ لېكىن ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ربىرى نېمە توغرا،‏ نېمە خاتا ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌نمۇ؟‏ قارىماققا،‏ ئۇ‌لار بىلمىگە‌ن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ سودومدىكى بىر توپ ئە‌رلە‌رنىڭ لۇ‌تنىڭ ئۆيىگە كە‌لگە‌ن مېھمانلارغا باسقۇ‌نچىلىق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئە‌سلە‌پ كۆرە‌يلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاشۇ ئە‌رلە‌رنىڭ ئارىسىدا قېرىلار ۋە ياشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ (‏يارىت.‏ 19:‏4؛‏ 2-‏پېتر.‏ 2:‏7‏)‏.‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دا يە‌ھۋا شۇ‌لارنىڭ ھېچبىرىنىڭ كېلە‌چە‌كتە تىرىلمە‌يدىغانلىقىنى قارار قىلغانمۇ؟‏ ياق،‏ بىز ئۇ‌نى بىلمە‌يمىز!‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمغا ئاشۇ شە‌ھە‌ردە ھە‌تتا ئون ھە‌ققانىي ئادە‌م تېپىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يارىت.‏ 18:‏32‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تە‌ن ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌ر بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئۆز قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئادالە‌ت بىلە‌ن جاۋابكارلىققا تارتقان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز ئاشۇ كىشىلە‌رنىڭ ھېچقايسى ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلمە‌يدۇ دە‌پ ئېيتالايمىزمۇ؟‏ ياق،‏ بىز كېسىپ ئېيتالمايمىز.‏

9.‏ بىز سۇ‌لايمان ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلمە‌يمىز؟‏

9 يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ھە‌ققانىي كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رگە ئۆزگە‌رگە‌نلىكىنى ئوقۇ‌يالايمىز.‏ بۇ‌نىڭ بىر مىسالى سۇ‌لايمان پادىشاھ.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ يوللىرىنى تولۇ‌ق ئۆگە‌نگە‌ن ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌نى كۆپ بە‌رىكە‌تلىگە‌ن ئىدى،‏ ئە‌مما ئۇ كېيىن ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌شقا باشلىغان.‏ ئۇ‌نىڭ گۇ‌ناھلىرى يە‌ھۋانىڭ غە‌زە‌پ-‏نە‌پرىتىنى قوزغاپ،‏ بارلىق ئىسرائىل خە‌لقى نە‌چچە يۈز يىل سۇ‌لايماننىڭ گۇ‌ناھلىرى سە‌ۋە‌بلىك ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چە‌ككە‌ن.‏ ئىلگىرى ئۇ‌زۇ‌ن يىللار بىز سۇ‌لايمان تىرىلدۈرۈلىدۇ دە‌پ قاراپ كە‌لگە‌ن،‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار سۇ‌لايماننىڭ داۋۇ‌ت پادىشاھقا ئوخشاش سادىق كىشىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز ئە‌جداتلىرى بىلە‌ن بىللە دە‌پنە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىدۇ (‏1-‏پادىشاھ.‏ 11:‏5–‏9،‏ 43؛‏ 2-‏پادىشاھ.‏ 23:‏13‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ شۇ‌نداق دە‌پنە قىلىشى،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌لگۈسىدە سۇ‌لايماننى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھېچنېمە دېيىلمىگە‌ن.‏ لېكىن بە‌زىلە‌ر تىرىلدۈرۈلىدۇ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن،‏ سە‌ۋە‌بى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئۆلگە‌ن كىشى گۇ‌ناھىدىن ئازاد بولغان بولىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏رىملىقلار 6:‏7‏)‏.‏ توغرا،‏ شۇ‌نداق يېزىلغان.‏ ئە‌مما بۇ ھە‌رگىزمۇ ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ بىر كىشى ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ قايتا ياشاش ھوقۇ‌قى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ تىرىلدۈرۈلۈش رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دايىمىزدىن كە‌لگە‌ن بىر سوۋغات.‏ ئۇ ئۇ‌شبۇ سوۋغاتنى ئۇ‌نىڭغا مە‌ڭگۈ ئىبادە‌ت قىلىشنى خالايدىغانلارغا بېرىدۇ (‏ئايۇ‌پ 14:‏13،‏ 14؛‏ يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ سۇ‌لايمان بۇ سوۋغاتقا ئېرىشە‌لە‌مدۇ؟‏ جاۋابنى پە‌قە‌ت يە‌ھۋا بىلىدۇ؛‏ بىز بىلمە‌يمىز.‏ بىز شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋا جە‌زمە‌ن ئادىل ئىش قىلىدۇ.‏

بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز

10.‏ يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رنىڭ ھالاك بولۇ‌شىغا قانداق قارايدۇ؟‏ (‏ھە‌زە‌كىيال 33:‏11‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 ھە‌زە‌كىيال 33:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ يازغانلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى قىلغان:‏ «يە‌ھۋا … ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ» (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏9‏)‏.‏ مۇ‌شۇ كىشىگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان ھە‌قىقە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىراقلا پۈتكۈل ئىنسانلارنى دە‌رھال ھالاك قىلىۋېتىشكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ ئۇ ئىنتايىن رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك،‏ مۇ‌مكىن قە‌دە‌ر كىشىلە‌رگە ھە‌مىشە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏

ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر تىرىلدۈرۈلگە‌ندە،‏ ھە‌ر تۈرلۈك ئىنسانلار يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىدۇ (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


11.‏ كىم تىرىلدۈرۈلمە‌يدۇ ۋە بۇ‌نى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

11 بىز تىرىلدۈرۈلمە‌يدىغان كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز‏؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا پە‌قە‌ت بىرقانچە مىسال تىلغا ئېلىنغان b‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئىشقارىيوتلۇ‌ق يە‌ھۇ‌دانىڭ تىرىلدۈرۈلمە‌يدىغانلىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن (‏ماركۇ‌س 14:‏21؛‏ يۇ‌ھاننا 17:‏12-‏ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ)‏.‏ يە‌ھۇ‌دا بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ قە‌ستە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلىغا قارشى ئىشنى قىلغان (‏ماركۇ‌س 3:‏29‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسا ئۆزىگە قارشى چىققان بە‌زىبىر دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ قايتا تىرىلىش ئۈمىدى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 23:‏33؛‏ يۇ‌ھاننا 19:‏11-‏ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سمۇ توۋا قىلمايدىغان ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرگۈچىلە‌رنىڭ تىرىلدۈرۈلمە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بە‌رگە‌ن.‏—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏4–‏8؛‏ 10:‏29‏.‏

12.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى توغرىسىدا نېمىلە‌رنى بىلىمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

12 بىراق،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلىمىز؟‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ ئۇ‌نىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلە‌رگە قانداق رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت قىلغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ پادىشاھ داۋۇ‌ت زىنا ۋە قاتىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بە‌زى ئېغىر گۇ‌ناھلارنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ لېكىن،‏ داۋۇ‌ت توۋا قىلغاچقا،‏ يە‌ھۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 12:‏1–‏13‏)‏.‏ پادىشاھ ماناسسە‌نىڭ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسىمى رە‌زىل ئىشلارنى قىلىش بىلە‌ن ئۆتكە‌ن.‏ ھە‌تتا ئۇ چېكىدىن ئاشقان گۇ‌ناھكار بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ توۋا قىلغىنىغا قاراپ،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن (‏2-‏تارىخ.‏ 33:‏9–‏16‏)‏.‏ مۇ‌شۇ مىساللار بىزگە شۇ‌نى ئە‌سكە‌رتىدۇ‌كى،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىشكە سە‌ۋە‌ب تېپىلسا،‏ يە‌ھۋا ھە‌ردائىم رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتە شۇ‌نداق كىشىلە‌رنى تىرىلدۈرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە توۋا قىلغان.‏

13.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا نىنە‌ۋى خە‌لقىگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏2)‏ كېيىن ئە‌يسا مە‌سىھ نىنە‌ۋىلىكلە‌ر ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏

13 بىز يە‌نە يە‌ھۋانىڭ نىنە‌ۋى شە‌ھىرىدىكى خە‌لققە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ خۇ‌دا يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌رگە شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ‌لارنىڭ قىلغان رە‌زىللىكلىرى دىققىتىمنى تارتتى».‏ بىراق،‏ شۇ شە‌ھە‌ر خە‌لقى گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈن توۋا قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۇ‌لارنى كە‌چۈرگە‌ن.‏ يە‌ھۋا يۇ‌نۇ‌سقا قارىغاندا كۆپ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ئىدى.‏ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌ر غە‌زە‌پلە‌نگە‌ن ۋە خۇ‌دا ئۇ‌نى ئە‌سكە‌رتىپ،‏ نىنە‌ۋى شە‌ھىرىدىكىلە‌رنىڭ «ئوڭ قولى بىلە‌ن سول قولىنى ئايرىپ ئالمايدىغان» كىشىلە‌ر ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏يۇ‌نۇ‌س 1:‏1،‏ 2؛‏ 3:‏10؛‏ 4:‏9–‏11‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئە‌يسا ئاشۇ مىسالنى ئىشلىتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئادالىتى ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا توۋا قىلغان نىنە‌ۋى خە‌لقىنىڭ ھۆكۈم كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏—‏مە‌تتا 12:‏41‏.‏

14.‏ نىنە‌ۋىلىكلە‌ر ‹ھۆكۈم كۈنى تىرىلىپ تۇ‌رىدۇ› دېگە‌ن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

14 نىنە‌ۋى خە‌لقى ‹ھۆكۈم كۈنى تىرىلىپ تۇ‌رىدۇ› دېگە‌ن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئە‌يسا كېلە‌چە‌كتە «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىش» بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏29‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مە‌زگىلنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ شۇ‌نداق دېگە‌ن.‏ شۇ مە‌زگىلدە «ھە‌ققانىيلار بىلە‌ن ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر» قايتا تىرىلىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏)‏.‏ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌ر «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ».‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌لارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ۋە خۇ‌دا ھە‌ققىدىكى تە‌لىملە‌رگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقىنى كۈزىتىپ باھالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌ن بىر نىنە‌ۋىلىك كىشى ھە‌ق ئىبادە‌تكە قوشۇ‌لۇ‌شنى رە‌ت قىلسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ داۋاملىق ھايات ياشىشىغا يول قويمايدۇ (‏يە‌شايا 65:‏20‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلىشنى تاللىغان بارچە كىشىلە‌ر رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك بىلە‌ن ھۆكۈم قىلىنىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌ڭگۈ ياشاش پۇ‌رسىتى بولىدۇ.‏—‏دانىيال 12:‏2‏.‏

15.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن سودوم ۋە گومورا شە‌ھە‌رلىرىدىكى كىشىلە‌رنىڭ ھېچبىرى تىرىلدۈرۈلمە‌يدۇ دە‌پ ئېنىق ئېيتالمايمىز؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۇ‌دا 7 ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟‏ (‏«‏ يە‌ھۇ‌دا نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

15 سودوم ۋە گومورا خە‌لقى ھە‌ققىدە سۆز قىلغاندا،‏ ئە‌يسا «ھۆكۈم كۈنىدە» ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم،‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا ئۇ‌نى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىنى رە‌ت قىلغان كىشىلە‌ردىن ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 10:‏14،‏ 15؛‏ 11:‏23،‏ 24؛‏ لۇ‌قا 10:‏12‏)‏.‏ ئۇ نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ بىز بە‌لكىم ئە‌يسا مۇ‌شۇ ۋە‌زىيە‌تتە بىر مۇ‌بالىغە ئىشلىتىپ،‏ مۇ‌ھىم نۇ‌قتىنى تە‌كىتلىگە‌ن دە‌پ قارىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە سودوم ۋە گومورا خە‌لقى ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌ن c‏.‏ مۇ‌شۇ يە‌ردە ئە‌يسا نىنە‌ۋىلىكلە‌ر «ھۆكۈم كۈنى» تىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە شۇ‌نداق بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇ‌تقان ئىدى.‏ نىنە‌ۋىلىكلە‌رگە ئوخشاش،‏ سودوم ۋە گومورالىقلارمۇ رە‌زىل ئىشلارنى قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسانىڭ «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىش» ھە‌ققىدە ئېيتقانلىرىنى ئە‌ستە ساقلاڭ.‏ ئۇ «يامانلىق قىلغانلار»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 5:‏29‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بە‌لكىم سودوم ۋە گومورا شە‌ھە‌ردىكى كىشىلە‌رنىڭ ئاز بىر قىسىملىرى تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە بىز ئۇ‌لارغا يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

16.‏ يە‌ھۋانىڭ تىرىلدۈرۈشكە قارىتا قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلىمىز؟‏ (‏يە‌رە‌مىيا 17:‏10‏)‏

16 يە‌رە‌مىيا 17:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌ت بىزگە يە‌ھۋانىڭ قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئە‌زە‌لدىن «قە‌لبنى تە‌كشۈرۈپ،‏ نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلە‌رنى سىنىغۇ‌چىدۇ‌ر».‏ كە‌لگۈسى تىرىلدۈرۈشكە كە‌لسە‌ك،‏ خۇ‌دا ھە‌ربىر كىشىگە «تۇ‌تقان يوللىرىغا قاراپ» ھۆكۈم چىقىرىدۇ.‏ يە‌ھۋا زۆرۈر بولغاندا قاتتىق تۇ‌رىدۇ،‏ بىراق قاچان رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىشكە پۇ‌رسە‌ت تۇ‌غۇ‌لسا،‏ رە‌ھىمدىل بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېنىق بىر نە‌رسە دېيىلگە‌نلىكىنى بىلمىسە‌ك‏،‏ بىر كىشى تىرىلدۈرۈلمە‌يدۇ دە‌پ خۇ‌لاسە چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏

‏«پۈتكۈل يە‌ر-‏جاھاننىڭ سوتچىسى» ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ

17.‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌رگە كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدۇ؟‏

17 ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا شە‌يتانغا قوشۇ‌لۇ‌پ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ندىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قە‌دە‌ر مىلياردلىغان ئىنسانلار ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن دۈشمىنىمىز بولغان ئۆلۈم كۆپ مول ھوسۇ‌لىنى يىغدى (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏26‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاشۇ كىشىلە‌رگە نېمە بولىدۇ؟‏ سانى چە‌كلىك،‏ يە‌نى 144 000 مە‌سىھنىڭ سادىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تىرىلدۈرۈپ،‏ ئاسماندا ئۆلمە‌س ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏1‏)‏.‏ كۆپ سانىدىكى يە‌ھۋانى سۆيىدىغان باشقا ئە‌ر-‏ئاياللار تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ،‏ ئاخىرقى سىناق ۋاقتىدا سادىق بولۇ‌پ قالسا،‏ يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشايدۇ (‏دانىيال 12:‏13؛‏ ئىبرانىي.‏ 12:‏1‏)‏.‏ يە‌نە مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر،‏ يە‌نى ھېچقاچان يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمىغان ياكى يامانلىق قىلغانلار تىرىلدۈرۈلۈپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ يامان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا سادىقلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىدۇ (‏لۇ‌قا 23:‏42،‏ 43‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بە‌زى كىشىلە‌ر ئىنتايىن رە‌زىل بولغاچ،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئىسىيان كۆتۈرۈشنى قارار قىلغاچ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى تىرىلدۈرمە‌سلىكنى قارار قىلغان.‏—‏لۇ‌قا 12:‏4،‏ 5‏.‏

18،‏ 19.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌ر ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏يە‌شايا 55:‏8،‏ 9‏)‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدە بىز نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

18 يە‌ھۋا كىشىلە‌ر ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغاندا،‏ ئۇ ھە‌ردائىم ئادىل ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىزمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ «پۈتكۈل يە‌ر-‏جاھاننىڭ سوتچىسى» يە‌ھۋا خۇ‌ددى ئىبراھىم ياخشى تونۇ‌غاندە‌ك مۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ ئە‌قىل-‏پاراسىتى چە‌كسىز،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ ئاللىقاچان ئۆز ئوغلى ئە‌يسانى تە‌ربىيىلە‌پ،‏ پۈتكۈل ھۆكۈم قىلىش ئىشىنى ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 5:‏22‏)‏.‏ ئاتا ۋە ئوغۇ‌ل ھە‌ر ئىككىسى ھە‌ربىر ئىنساننىڭ قە‌لبىدە نېمە بارلىقىنى بىلە‌لە‌يدۇ (‏مە‌تتا 9:‏4‏)‏.‏ ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تتە ئۇ‌لار چوقۇ‌م ئادىل ئىش قىلىدۇ!‏

19 يە‌ھۋانىڭ بارىچە چىقارغان قارارلىرىنىڭ چوقۇ‌م توغرا ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىشكە قە‌تئىي بە‌ل باغلايلى.‏ شۇ‌نى ئېتىراپ قىلىمىزكى،‏ بىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش سالاھىيىتىمىز يوق،‏ ئە‌مما شۇ‌نداق قىلىشقا پە‌قە‌ت يە‌ھۋا ھوقۇ‌قلۇ‌ق!‏ ‏(‏يە‌شايا 55:‏8،‏ 9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلىنىڭ بارلىق ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پادىشاھىمىز ئە‌يسا ئاتىسىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگە قىلىپ،‏ ئادالە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت بىلە‌ن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏يە‌شايا 11:‏3،‏ 4‏)‏.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ كىشىلە‌رنى ھۆكۈم قىلىشى ھە‌ققىدە بىز نېمە دېيە‌لە‌يمىز؟‏ بىز نېمىنى بىلىمىز ۋە نېمىنى بىلمە‌يمىز؟‏ كېيىنكى ماقالىدە مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏

142-‏ناخشا ھە‌رخىل ئىنسانلارغا ۋە‌ز قىلىمىز

b ئادە‌م-‏ئاتا،‏ ھاۋا-‏ئانا ۋە قابىل توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش ئۈچۈن ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى،‏ 2013-‏يىل،‏ يانۋار سانى (‏باشقا تىلدا)‏،‏ 12-‏بە‌تكە قاراڭ.‏

c مۇ‌بالىغە (‏ئوخشىتىش)‏ —‏ بىر نۇ‌قتىنى ئوتتۇ‌رىغا مە‌قسە‌تلىك ۋە ئېنىق قويۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌ددىدىن زىيادە ئاشۇ‌رۇ‌پ بايان قىلىش.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسانىڭ سودوم ۋە گومورا خە‌لقى توغرىسىدىكى سۆزى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە ئېيتىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ شۇ‌ڭا ئۇ ئوخشىتىش ئە‌مە‌س.‏