19-تەتقىق ماقالىسى
136-ناخشا پادىشاھلىق ئورنىتىلدى. ئۇ كەلگەي!
يەھۋانىڭ كېلەچەكتىكى ھۆكۈملىرى ھەققىدە بىز نېمىلەرنى بىلىمىز؟
«يەھۋا … ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە ھەممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ».—2-پېتر. 3:9.
مەركىزى ئىدىيە
بىز شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، كېلەچەكتە يەھۋا ھەق ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ.
1. نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز دەيمىز؟
بىز كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەر ھەر كۈنى كۆز ئالدىمىزدا ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىز «شىمال پادىشاھى» ۋە «جەنۇب پادىشاھى» بۇ دۇنيانى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، بىر-بىرىگە قارشى چىققانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز (دانىيال 11:40). بىز يەنە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا جاكارلىنىپ، مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى تاللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز (يەشايا 60:22؛ مەتتا 24:14). ئۇنىڭدىن باشقا، بىز «ۋاقتى-ۋاقتىدا» مول روھىي ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز.—مەتتا 24:45–47.
2. بىز نېمىگە ئىشەنچ قىلالايمىز ۋە نېمىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك؟
2 يەھۋا پات-ئارىدا يۈز بېرىدىغان تېخىمۇ مۇھىم ۋەقەلەرنى ئېنىق چۈشىنىشىمىزگە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ (پەند. نە 4:18؛ دانىيال 2:28). بىز شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىزكى، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندا، چوقۇم بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان ھەممە ئىشلارنى بىلىمىز. ھەتتا ئاشۇ قىيىن مەزگىلدە ئىناق-ئىتتىپاق ئىچىدە ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. ئەمما، شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بىز يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بەزى ئىشلار ھەققىدە بىلمەيمىز. مۇشۇ ماقالىدە ئالدى بىلەن، نېمە ئۈچۈن بەزى ئىش-ۋەقەلەر ھەققىدە ئىلگىرى ئېيتقان سۆزلىرىمىزنى قايتا ئويلىنىپ، ئۆزگەرتىشلەرنى قىلغانلىقىمىزنى مۇلاھىزە قىلىمىز. ئاندىن كېيىن، كەلگۈسىدە ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىلىدىغان بەزى نەرسىلەرنى قاراپ چىقىمىز.
بىز نېمىنى بىلمەيمىز
3. يەھۋانىڭ قايسى ۋاقىتتا قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋېتىشى ھەققىدە ئىلگىرى قانداق چۈشەنگەن ۋە نېمىگە ئاساسەن شۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن؟
3 ئىلگىرى بىز چوڭ بالايىئاپەت باشلىنىشى بىلەنلا يەھۋاغا ئىبادەت قىلمىغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەمدى يەھۋا تەرەپتە تۇرۇشنى تاللاش پۇرسىتى بولمايدۇ دېگەن ئىدۇق. بىزنىڭ شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىمىزدىكى سەۋەب، بىز ئىلگىرى توپان سۈيى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ كېلەچەكتە ئەمەلگە ئاشىدىغان پەيغەمبەرلىك مەنىسى بار دەپ چۈشەنگەن. مەسىلەن، توپان باشلىنىشتىن ئىلگىرى يەھۋا كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندا، يەھۋا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىشىك يېپىلىدۇ دەپ چۈشەنگەن. يەنى، ئىنسانلارنىڭ ئەمدى خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى تاللاپ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن پۇرسەت بولمايدۇ دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدۇق.—مەتتا 24:37–39.
4. نېمە ئۈچۈن ھازىر توپان سۈيى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ پەيغەمبەرنىڭ مەنىسى يوق دەپ قارايمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
4 توپان سۈيى ھەققىدىكى بايانلارنى كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بېشارەت بېرىدۇ دەپ ئېيتىش توغرا بولامدۇ؟ جاۋاب — ياق، توغرا بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق كۆز قاراشنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان دەلىللەر يوق a. ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ قايتا ھازىر بولىدىغان ۋاقتى بىلەن نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىنى سېلىشتۇرغان. ئەمما، ئۇ توپان سۈيى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، بۇ بالايىئاپەتتىكى ھەربىر شەخس ۋە ھەربىر ئىش-ۋەقەنىڭ، جۈملىدىن كېمە ئىشىكى يېپىلغانلىقىنىڭ پەيغەمبەرلىك مەنىسى بارلىقى توغرۇلۇق بىر نەرسە دېمىگەن. لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ نۇھ پەيغەمبەر ۋە توپان سۈيى ھەققىدىكى بايانلاردىن ئۆزىمىزگە ساۋاق ئالالمايمىز دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ.
5. (1) نۇھ پەيغەمبەر ئىمان-ئېتىقادىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (ئىبرانىيلار 11:7؛ 1-پېترۇس 3:20) (2) نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە بىز جاكارلاۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ قانداق ئوخشاشلىقى بار؟
5 نۇھ پەيغەمبەر يەھۋانىڭ ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ، كېمە ياساش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان (ئىبرانىيلار 11:7؛ 1-پېترۇس 3:20-نى ئوقۇڭ). شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان كىشىلەرمۇ چوقۇم ئاڭلىغانلىرىغا ماس ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسىتىشى كېرەك (ئەلچى. 3:17–20). ئەلچى پېترۇس نۇھنى ھەققانىيلىقنى جاكارلىغۇچى دەپ ئاتىغان (2-پېتر. 2:5). ئەمما، ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يەر-يۈزىگە توپان سۈيى كېلىشتىن بۇرۇن، نۇھ پەيغەمبەرنىڭ شەخسەن ھەربىر كىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن-يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلمەيمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندە بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىپ، قىزغىنلىق بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. لېكىن، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشساقمۇ، ئاخىر كېلىشتىن ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدىكى ھەربىر ئىنسانغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ بولالمايمىز.
6، 7. نېمە ئۈچۈن ئاخىر كېلىشتىن ئاۋۋال يەر-يۈزىدىكى ھەربىر كىشىگە شەخسەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولالمايمىز؟
6 ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەز ئېيتىش خىزمىتى ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرەيلى. ئۇ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى بارچە مىللەتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادا ۋەز قىلىنىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان (مەتتا 24:14). بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ بېشارەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتقا قارىغاندا، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزىدىغان نەشىر ماتېرىياللار 1000 دىن ئارتۇق تىللاردا تارقىلىپ، jw.org تور بېكىتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن ئىنسانلارغا جاكارلىنىۋاتىدۇ.
7 ئەمما، ئەيسا قايتا كېلىشتىن بۇرۇن، شاگىرتلىرى پۈتكۈل شەھەرلەردە، ھەربىر ئادەمگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 10:23؛ 25:31–33). بىزنىڭ كۈنىمىزدە ئەيسانىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئادەملەر ۋەز خىزمىتىمىز مەنئىي قىلىنغان جايلاردا ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر مىنۇتتا يۈزلىگەن بوۋاقلار دۇنياغا كۆز ئېچىۋاتىدۇ. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەربىر مىللەت، قەبىلە ۋە تىلدىن كەلگەن كىشىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز (ۋەھىي. 14:6). ئەمما ئەمەلىيەت شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى، ئاخىر كېلىشتىن ئاۋۋال يەر-يۈزىدىكى ھەربىر ئادەمگە شەخسەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولالمايمىز.
8. يەھۋانىڭ كېلەچەكتىكى ھۆكۈملىرى توغرىسىدا قانداق سوئال ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
8 يۇقىرىدا مۇلاھىزە قىلغان مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا، مۇنداق بىر سوئال ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن: دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش پۇرسىتى بولمىغانلارچۇ؟ يەھۋا ھۆكۈم قىلىشنى ئىشىنىپ تاپشۇرغان سوتچى ئەيسا مەسىھ ئۇلارنى قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ؟ (يۇھاننا 5:19، 22، 27؛ ئەلچى. 17:31) بۇ ماقالىنىڭ ئاساسى ئايىتى، «يەھۋا … ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئەكسىنچە ھەممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ» (2-پېتر. 3:9؛ 1-تىموت. 2:4). بۇ ئايەتتىن يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشكە تەييارلىقىنى بىلسەكمۇ، ئەمما ئۇ بىزگە خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش پۇرسىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىزگە ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقى ياكى كېلەچەكتە نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق.
دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھېچقاچان خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش پۇرسىتى بولمىغان كىشىلەرنى يەھۋا نېمە قىلىدۇ؟ (8-ئابزاسقا قاراڭ) c
9. يەھۋا مۇقەددەس كىتابتا بىزگە نېمىلەرنى ئاشكارىلىغان؟
9 يەھۋا مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىزگە كېلەچەكتە قىلماقچى بوكغان بەزى ئىشلارنى ئاشكارىلىغان. مەسىلەن، ھەققانىي ئەمەسلەر توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرەيلى. بۇ كىشىلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش ۋە ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بولمىغان ئىنسانلاردۇر. مۇقەددەس كىتاب يەھۋانىڭ ئۇلارنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (ئەلچى. 24:15؛ لۇقا 23:42، 43). ئەمما، بۇ يەنە باشقا مۇھىم سوئاللارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
10. بىزدە يەنە قانداق سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟
10 دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈش ئۈمىدى بولمامدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، يەھۋاغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئارماگېدون ئۇرۇشىدا يوق قىلىنىپ، ھېچقايسىسىنىڭ تىرىلدۈرۈلمەيدۇ (2-سالونىكا. 1:6–10). ئۇنداقتا، دەھشەتلىك بالايىئاپەت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن باشقا كىشىلەرچۇ؟ مەسىلەن، كېسەللىك، قېرىلىق ياكى بەزى تاساددىبىي ھادىسىلەر سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەر ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرچۇ؟ (ۋەز 9:11؛ زەكەرىيا 14:13) شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ھەققانىي ئەمەس دەپ سانالغانلار يېڭى دۇنيادا تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، بىز بىلمەيمىز.
بىز نېمىنى بىلىمىز
11. ئارماگېدون ئۇرۇشىدا، ئەيسا مەسىھ نېمىگە ئاساسلىنىپ، ئىنسانلارنى ھۆكۈم قىلىدۇ؟
11 كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىش-ۋەقەلەر ھەققىدە بىرقانچە ئىشنى بىلىمىز. مەسىلەن، ئەيسانىڭ نېمىگە ئاساسەن، ئىنسانلارنى قويلار ياكى ئۆچكىلەر دەپ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز (مەتتا 25:40). مەسىھ ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلەر «قويلار» دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بىراق، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندىن كېيىن، مەسىھنىڭ بەزى بۇرادەرلىرىنىڭ يەنىلا يەر يۈزىدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىلىمىز. ئۇلار ئارماگېدون ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بىرئاز بۇرۇن، ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرى يەر يۈزىدە بولسىلا، سەمىمىي كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش پۇرسىتى بولىدۇ (مەتتا 25:31، 32؛ ۋەھىي. 12:17). نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى بىلىش بەك مۇھىم؟
12، 13. «كاتتا بابىلون» ۋەيران بولغاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
12 «كاتتا بابىلوننىڭ» ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ۋەقە توغرۇلۇق ۋەز قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكە ئېلىشى مۇمكىن. دەھشەتلىك بالايىئاپەت باشلانغاندىن كېيىن، بۇ كىشىلەردىن بەزىلىرى يەھۋاغا ئىشىنىشكە باشلىشى مۇمكىنمۇ؟—ۋەھىي. 17:5؛ ھەزەك. 33:33.
13 ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا مىسىردا يۈز بەرگەن ئىشقا ئوخشايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسا، مىسىردىن چىققاندا زور بىر توپ كىشىلەر ئىسرائىللارغا قوشۇلغان. شۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى مۇسا ئېيتقان ئون ئاپەت توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، يەھۋاغا ئىشىنىشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىن (چىق. 12:38). ئەگەر كاتتا بابىلون ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىش يۈز بېرىپ، ئاخىر كېلىشتىن بۇرۇن بەزى ئىنسانلار بىزگە قوشۇلۇشنى قارار قىلسا، بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىمىزمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەيمىز! ئاسماندىكى ئاتىمىز «يەھۋا مېھرىبان ۋە رەھىمدىل، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان، سادىق مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەقىقىتى مول خۇدادۇر». بىز ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى خالايمىز b.—چىق. 34:6.
«كاتتا بابىلون» ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شۇنداق بولۇشىنى ۋەز قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكە ئالىدۇ (12، 13-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
14، 15. ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى، ئۇنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ياشىغانلىقىغا باغلىقمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ (زەبۇر 33:4، 5).
14 بەلكىم، بىز ئىلگىرى بەزى ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە «ئۇ دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ قايتا تىرىلىش ئۈمىدى بولاتتى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولغۇيتىڭىز. ئەلۋەتتە، ۇلار ياخشى نىيەت-مەقسەت بىلەن شۇنداق سۆزلەرنى قىلغان. ئەمما، بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك كېلەچىكى، ئۇنىڭ قاچان ئۆلۈشى بىلەن باغلىق ئەمەس. ياراتقۇچى يەھۋا مۇكەممەل سوتچى، ئۇ چوقۇم ھەق ۋە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ (زەبۇر 33:4، 5-نى ئوقۇڭ). بىز شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، «پۈتكۈل يەر-جاھاننىڭ سوتچىسى» چوقۇم توغرا ئىش قىلىدۇ.—يارىت. 18:25.
15 بۇنىڭدىن باشقا، بىر ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى، ئۇنىڭ قەيەردە ياشىشىغا باغلىق ئەمەس دەپ خۇلاسە چىقىرىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئەمەلىيەتتە، ھېچقاچان پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتى بولمىغان جايلاردا ياشايدىغان مىليونلىغان ئىنسانلار بار. شۇ سەۋەب، يەھۋا ئاشۇ كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ «ئۆچكىلەر» دەپ ھۆكۈم قىلمايدۇ (مەتتا 25:46). پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ ئادىل سوتچىسى ھەتتا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرىگە بىزدىنمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىز دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، يەھۋانىڭ ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى قانداق تىزگىنلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بەلكىم، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرگەن كىشىلەردىن بەزىلىرى يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىش، ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاش ۋە يەر يۈزىدە يەھۋانىڭ ئىسىمى قىلىنغاندا، ئۇ تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.—ھەزەك. 38:16.
دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندىن كېيىن، … يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ئۆزگىرىپ، يەھۋاغا ئىشىنىشى مۇمكىنمۇ؟
16. يەھۋا توغرىسىدا بىز نېمىلەرنى بىلىۋالدۇق؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
16 مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق شۇنى بىلدۇقكى، يەھۋا ئىنسانلارنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇ ھەممىمىزنىڭ مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىققا بەردى (يۇھاننا 3:16). بىز ھەربىرىمىز يەھۋانىڭ ئىللىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇق! (يەشايا 49:15) ئۇ شەخسەن ھەربىرىمىزنىڭ ئىسىمىنى بىلىدۇ. ئۇ بىزنى شۇقەدەر ياخشى تونۇيدۇكى، ئەگەردە ئۆلۈپ كەتسەكمۇ، بىزنى تىرىلدۈرۈپ، شەخسەن ئۆزىمىزگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ (مەتتا 10:29–31). دېمەك، ئاسماندىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك ياراتقۇچىمىزنىڭ دانالىق، ئادىللىق ۋە رەھىم-شەپقەت بىلەن ھەربىر ئىنساننى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزگە يېتەرلىك ئاساسىمىز بار.—ياقۇپ 2:13.
يەھۋانىڭ دانالىق، ئادىللىق ۋە رەھىم-شەپقەت بىلەن ھەربىر ئىنساننى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز (16-ئابزاسقا قاراڭ)
17. كېيىنكى ماقالىدە بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
17 ھازىر يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ۋەز ئېيتىشنىڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتقا قارىغاندا، تېخىمۇ جىددىي خىزمەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ نېمە بىزنى خۇش خەۋەرنى بوشاشماي جاكارلاشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىمىز.
153-ناخشا مەڭگۈ خۇشاللىق
a بۇ ئۆزگىرىشنىڭ قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى 2015-يىل، 15-مارت سانى، 7–11-بەتلەردىكى «بۇ كۆڭلۈڭنى خۇرسەن قىلدى» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىدىن ئوقۇپ چىقالايسىز.
b كاتتا بابىلون ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، ماگوگدىن بولغان گوگ ھۇجۇم قىلغاندا، يەھۋانىڭ ھەممە سادىق خىزمەتچىلىرى سىنالغان بولىدۇ. كاتتا بابىلون ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ خەلقى تەرەپتە تۇرغان كىشىلەرمۇ سىنالغان بولىدۇ.
c سۈرەت. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا يەتكۈزۈلۈۋاتقان خۇش خەۋەرنى نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ ئاڭلاش پۇرسىتى بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىدىغان ئۈچ ۋەزىيەت: (1) ئاساسىي دىن سەۋەبلىك، خۇش خەۋەرنى ئاڭلىسا، خەتەرگە دۇچار بولىدىغان جايدا ياشاۋاتقان ئايال، (2) سىياسىي تۈزۈم سەۋەبلىك، خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك جايدا ياشاۋاتقان ئەر-ئايال ۋە (3) جۇغراپىيىلىك جايلاشقان يۇرت-ماكانى سەۋەبلىك، خۇش خەۋەرنى ئاڭلاش ئىمكانسىز جايدا ياشاۋاتقان كىشى.
d سۈرەتتە: ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەن ياش ئايال كاتتا بابىلوننىڭ ۋەيران قىلىنىشى توغرىسىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەسلەۋاتىدۇ. ئۇ يەھۋاغا قايتىپ كېلىشنى قارار قىلىپ، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرسە، ئەرشتىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىپ، رەھىم-شەپقەت ۋە ھېسداشلىق كۆرسىتىپ، گۇناھكارنىڭ يەھۋاغا قايتىپ كەلگىنىگە خۇشال بولىمىز.