23-تەتقىق ماقالىسى
2-ناخشا تەشەككۈر يەھۋا!
يەھۋا بىزنى مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ
«مېنىڭ چېدىرىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن». —ھەزەك. 37:27.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋا بىزنى چېدىرىدا مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئۇ ساھىبخان سۈپىتىدە مېھمانلىرى بولغان بىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. بۇلارنى چۈشىنىشىمىزگە بۇ ماقالە ياردەم بېرىدۇ.
1، 2. يەھۋا سادىق خىزمەتچىلىرىنى قەيەرگە تەكلىپ قىلىدۇ؟
ئەگەر كىمدۇ بىرى: «يەھۋا كىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار؟»،— دەپ سورىسا، بەلكىم: «يەھۋا خۇدايىم، ئاتام ۋە دوستۇم»،— دەپ جاۋاب بېرىدىغانسىز. ياكى باشقا نام-ئۇنۋان ۋە سۈپەتلەر بىلەن ئۇنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغانسىز. لېكىن، يەھۋانى مېھماندوست ساھىبخان دەپ قارامسىز؟
2 يەھۋا بىلەن ئۇنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، داۋۇت پادىشاھ ساھىبخان بىلەن ئۇنىڭ مېھمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۇ: «ئەي يەھۋا، كىم چېدىرىڭدا مېھمان بولالار؟ كىم مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشالار؟»،— دېگەن (زەبۇر 15:1). بۇ ئايەتتىن، يەھۋانىڭ چېدىرىدا ئۇنىڭ مېھمانلىرى، يەنى دوستلىرى بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز. خۇدانىڭ مېھمىنى بولۇش بىز ئۈچۈن نەقەدەر زور شان-شەرەپ-ھە؟!
يەھۋا ئۇنىڭ مېھمانلىرى بولۇشىمىزنى خالايدۇ
3. يەھۋا بىرىنچى مېھمىنى كىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بولغان؟
3 ھەممە نەرسىلەر يارىتىلىشتىن بۇرۇن، يەھۋا يالغۇز بولغان. مەلۇم بىر پەيتتە، يەھۋا تۇنجى ئوغلىنى يارىتىپ، ساھىبخان سۈپىتىدە بۇ ئوغلىنى ئۆز چېدىرىغا مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. يەھۋا بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان. مۇقەددەس كىتاب بۇ ئوغۇلنىڭ يەھۋانىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى مېھمىنى بولسا، «ھەردائىم ئۇنىڭ [يەھۋانىڭ] ھۇزۇرىدا» شادلانغانىدى.—پەند. نە 8:30.
4. يەھۋانىڭ يەنە كىملەرنى چېدىرىدا مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان؟
4 كېيىن، يەھۋا باشقا پەرىشتىلەرنى ياراتقان ۋە ئۇلارنىمۇ مېھمان بولۇشقا چاقىرغان. مۇقەددەس كىتابتا پەرىشتىلەر «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» دەپ يېزىلغان ۋە ئۇلار ياراتقۇچى يەھۋا بىلەن بىللە بولغىنىدا شاد-خۇرام بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن (ئايۇپ 38:7؛ دانىيال 7:10). ئىنتايىن ئۇزاق بىر مەزگىل، يەھۋا خۇدانىڭ دوستلىرى پەقەت ئاسماندا ياشاۋاتقان خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئاتالغان پەرىشتىلەر ئىدى. كېيىنرەك، خۇدا ئىنسانلارنى ياراتقان ۋە ئۇلارمۇ ئۇنىڭ مېھمانلىرى بولالىغان. ۋاقىت ئۆتۈپ، خۇدانىڭ مېھمانلىرى ئارىسىدا ھانۇخ، نۇھ، ئىبراھىم ۋە ئايۇپ قاتارلىق پەيغەمبەرلەر بولغان. بۇ سادىق خىزمەتچىلەر خۇدانىڭ دوستلىرى دەپ ئاتالغان. چۈنكى، ئۇلار يەھۋا خۇداغا بويسۇنغان.—يارىت. 5:24؛ 6:9؛ ئايۇپ 29:4؛ يەشايا 41:8.
5. ھەزەكىيال 37:26، 27-ئايەتلەردىكى بېشارەتلىك سۆزلەردىن نېمىلەرنى بىلەلەيمىز؟
5 ئەسىرلەر بويى، يەھۋا داۋاملىق ئۆز دوستلىرىنى مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ كەلمەكتە (ھەزەكىيال 37:26، 27-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ھەزەكىيال پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرىدىن كۆرگىنىمىزدەك، خۇدا ھەقىقەتەن ئۆز سادىق خىزمەتچىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالايدۇ. ئۇ شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى، ئۇلار بىلەن «تىنچلىق ئەھدىسى» تۈزىدۇ. بۇ بېشارەت سۆزى ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بارلار بىلەن يەردە ياشاش ئۈمىدى بارلار «بىر پادا» بولۇپ بىرلىشىپ، خۇدانىڭ چېدىرىدا مېھمان بولىدىغان بىر ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ (يۇھاننا 10:16). بۇ بېشارەت دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ.
خۇدا بىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ
6. كىشى يەھۋانىڭ چېدىرىدا قانداق مېھمان بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ چېدىرى قەيەرگە جايلاشقان؟
6 قەدىمقى زاماندا، چېدىر دەم ئېلىش، بوران-چاپقۇن ياكى يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، چېدىردا مېھمان بولغان كىشى ساھىبخاننىڭ غەمخورلۇق قىلىشىغا مۇيەسسەر بولاتتى. بىز يەھۋاغا ئۆز ھاياتىمىزنى بېغىشلىغاندا، كۆچمە مەنىدە ئۇنىڭ چېدىرىدا مېھمان بولۇشقا كىردۇق (زەبۇر 61:4). يەھۋانىڭ چېدىرىدا ئىمانىمىزنى كۈچەيتىدىغان مول روھىي ئوزۇقلۇق بار ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە يەھۋانىڭ مېھمانلىرى بولۇپ، ئۆزئارا دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئورنتىيالايمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جاي-جايلىرىدىكى كىشىلەر يەھۋانىڭ چېدىرىدا ئۇنىڭ مېھمانلىرى بولالايدۇ. بەلكىم، سىز ئالاھىدە چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتكە بارغاندا، چوقۇم يەھۋانىڭ چېدىرىدا شاد-خۇراملىققا چۆمگەن باشقا مېھمانلارنى ئۇچراتتىڭىز. مەيلى قەيەردە ياشىمايلى، يەھۋا خۇداغا سادىق خىزمەت قىلساق، ئۇنىڭ مېھمانلىرى بولالايمىز.—ۋەھىي. 21:3.
7. نېمە ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەن سادىق خىزمەتچىلەرنى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يەھۋانىڭ چېدىرىدا مېھمان بولۇۋاتىدۇ دەپ ئېيتساق بولىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
7 ئۇنداقتا، ئۆلۈپ كەتكەن سادىق خىزمەتچىلەرچۇ؟ ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يەھۋانىڭ چېدىرىدا مېھمان بولۇۋاتامدۇ؟ ھەئە، شۇنداق دېسەك بولىدۇ! نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار يەھۋانىڭ خاتىرىسىدە يەنىلا تىرىكتۇر. بۇنى ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «ئەمەلىيەتتە، مۇسا تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى توغرىسىدىكى بايانىدا ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. مۇسا يەھۋانى ‹ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىغان. ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىكتۇر».—لۇقا 20:37، 38.
بەرىكەتلىرىمىز ۋە ۋەزىپىلىرىمىز
8. يەھۋانىڭ چېدىرىدا مېھمان بولغانلار قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ؟
8 ئۇدۇل مەنىدىكى چېدىردا كىشىلەر بوران-چاپقۇن ياكى يامغۇردىن پاناھلىنىدۇ ياكى دەم ئالىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، يەھۋانىڭ سىمۋوللۇق چېدىرى ئۇنىڭ مېھمانلىرى ئۈچۈن پاناھگاھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردىن ۋە ئۈمىدسىزلىكلەردىن ھىمايە قىلىپ قوغدايدۇ. يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى كۈچەيتسەك، شەيتان بىزگە ئەبەدىي داۋام قىلىدىغان زىيانكەشلىكنى قىلالمايدۇ (زەبۇر 31:23؛ 1-يۇھاننا 3:8). يەھۋا يېڭى دۇنيادا سادىق دوستلىرىنى روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىلەردىن قوغداپلا قالماي، ئۆلۈمدىنمۇ قۇتقۇزىدۇ.—ۋەھىي. 21:4.
9. يەھۋا ئۆز مېھمانلىرىنىڭ نېمە قىلىشىنى خالايدۇ؟
9 يەھۋانىڭ چېدىرىدا مېھمان بولۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇش بىز ئۈچۈن زور شان-شەرەپ! ئۇنداقتا، داۋاملىق ياراتقۇچى يەھۋانىڭ مېھمىنى بولۇشنى خالىساق، نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەگەر كىمدۇ بىرى سىزنى مېھمانغا چاقىرسا، نېمە قىلىپ ساھىبخاننىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىشنى خالايسىز. مەسىلەن، مېھمانغا بارغاندا، ساھىبخان ئاياقلىرىمىزنى سېلىۋېتىپ ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە بىز شۇنداق قىلىمىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ چېدىرىدا مېھمان بولۇشنى خالايدىغانلار ئۆزلىرىدىن نېمە قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمىز. يەھۋا خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنى «ھەر ئىشتا ئۇنى خۇرسەن» قىلىش ئۈچۈن بارچە كۈچىمىزنى چىقىرىشقا دەۋەت قىلىدۇ (كولوسى. 1:10). ئەگەر يەھۋانى دوستىمىز دەپ قارىساق، ئۇنىڭ ھۆرمىتىمىزگە لايىق خۇدايىمىز ۋە ئاتىمىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز (زەبۇر 25:14). بىز بۇنى ھېچقاچان ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىز لازىم. ئەگەر شۇنداق قىلساق، ياراتقۇچىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ناپاك ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىمىز ۋە ھەردائىم «كەمتەرلىك بىلەن» خۇدايىمىز بىلەن يۈرۈشنى خالايمىز.—مىكاھ 6:8.
يەھۋا بارچە ئىسرائىللارنى تەڭ كۆرگەن
10، 11. سىناي چۆلىدە يەھۋا ئىسرائىل خەلقىگە قانداق مۇئامىلە قىلغان؟
10 يەھۋا ئۆز مېھمانلىرىنى تەڭ كۆرىدۇ (رىملىقلار 2:11). سىناي چۆلىدە خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭ ھەممىنى تەڭ كۆرىدىغان خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
11 يەھۋا ئۆز خەلقىنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مۇقەددەس چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن روھانىيلارنى تەيىنلىگەن. لاۋىيلار بولسا شۇ مۇقەددەس چېدىرىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن ئىدى. مۇقەددەس چېدىردا خىزمەت قىلغانلار ياكى ئۇنىڭ يېنىدا ياشىغانلار باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا يەھۋا خۇدانىڭ غەمخورلۇقىنى كۆپرەك ھېس قىلغانمۇ؟ ياق! يەھۋا خۇدا ھەممىنى تەڭ كۆرىدۇ.
12. سىناي چۆلىدە، يەھۋانىڭ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىنى تەڭ كۆرگەنلىكىنى قەيەردىن بىلىمىز؟ (چىقىش 40:38) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
12 مەيلى ئىسرائىللار قەيەردە ياشىسۇن، قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغان بولسۇن، چېدىردا خىزمەت قىلغان ياكى قىلمىغان بولسۇن، ھەممىسىنىڭ يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، شاد-خۇراملىققا ئېرىشىش پۇرسىتى بولغانىدى. مەسىلەن، پۈتۈن خەلقى مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئۈستىدە كۈندۈزى بۇلۇت ۋە كېچىسى ئوت تۈۋرىكى تۇرغانلىقىنى كۆرەلىگەن (چىقىش 40:38-نى ئوقۇڭ). بۇلۇت يۆتكىلىشكە باشلىغاندا، ھەتتا مۇقەددەس چېدىردىن يىراقتا جايلاشقان ئىسرائىللارمۇ بۇلۇتنىڭ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز مال-مۈلكى ۋە چېدىرىنى يىغىپ، پۈتۈن خەلق بىرلىكتە يولغا چىقاتتى (سانلار 9:15–23). ھەممە ئىسرائىللار يولغا چىقىش ئۈچۈن بەلگۈ بېرىدىغان، ئىككى كۈمۈش كاناينىڭ جاراڭلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان (سانلار 10:2). ئېنىقكى، بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس چېدىرغا يېقىن يەرگە جايلىشىشى ھەرگىزمۇ يەھۋا بىلەن يېقىنراق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. بارچە ئىسرائىل خەلقى ئوخشاش يەھۋانىڭ مېھمىنى بولالىغان ۋە ئۇنىڭ يول-يورۇقىغا، ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندە يەر يۈزىنىڭ قەيېرىدە ياشىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، مېھىر-شەپقەتلىك ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا ھەممىنى تەڭ كۆرىدۇ
13. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا ھەممە ئىنسانلارنى تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
13 بۈگۈنكى كۈندە، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا بەزىلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ باش ئىدارىسىگە ياكى يەرلىك بەيتەلگە يېقىن ياشايدۇ. يەنە بەزىلەر شۇ جايلاردا خىزمەت قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار شۇ يەرلەردىكى ئىش-پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ ۋە يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇرادەرلەر بىلەن دائىم باردى-كەلدى قىلىپ تۇرالايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ ياكى باشقا تۈردىكى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. بىراق، كۆپىنچە قېرىنداشلارغا ئوخشاش، ھازىرچە سىزنىڭ شۇنداق ۋەزىپىلەرنى قىلىش پۇرسىتىڭىز ياكى شارائىتىڭىز بولمىسىمۇ، ئوخشاشلا يەھۋانىڭ چېدىرىدا ئۇنىڭ قەدىرلىك مېھمىنى بولغانلىقىڭىزغا ۋە ئۇ سىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن. ئۇ چېدىرىدا مېھمان بولغان ھەر بىر كىشىنى سۆيىدۇ ۋە شەخسەن كۆڭۈل بۆلۈپ، بارلىق ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ (1-پېتر. 5:7). خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى روھىي ئوزۇقلۇق، يول-يورۇق ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ.
14. يەھۋانىڭ ھەممە ئىنسانلارنى تەڭ كۆرىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى نېمە؟
14 يەھۋانىـڭ ھەمـمە ئىنسانلارنى تەڭ كۆرىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى — ئۇ دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى كىشىلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرمەكتە. مۇقەددەس كىتاب ئەسلىدە ئىبرانىي، ئارامىي ۋە گرېك قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان. بىراق، بۇ ھەرگىزمۇ مۇقەددەس كىتابنى شۇ تىللاردا ئوقۇيدىغان ئادەملەر يەھۋا بىلەن تېخىمۇ يېقىنراق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.—مەتتا 11:25.
15. كىملەر مۇقەددەس كىتابتىن پايدىلىنالايدۇ ۋە بۇ خۇدانىڭ ھەممىنى تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
15 يەھۋانىڭ بىزدىن خۇرسەن بولۇشى مەكتەپلەردە قانچىلىك يوقىرى بىلىم ئالغان ياكى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى تېكىستىنى ئوقۇيالايدىغان بولۇشىمىزغا باغلىق ئەمەس. يەھۋا ئۆز دانالىقىنى پەقەت يۇقىرى بىلىم ئالغانلارغا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئاللىقاچان نەچچە مىڭ تىلغا تەرجىمە قىلىندى. شۇڭا، ھەر بىر كىشى دۇنيانىڭ قەيېرىدە ياشىمىسۇن، مۇقەددەس كىتابتىن پايدىلىنالايدۇ ۋە خۇدا بىلەن دوست بولۇشنى ئۆگىنەلەيدۇ.—2-تىموت. 3:16، 17.
يەھۋانىڭ چېدىرىدا داۋاملىق مېھمان بولۇڭ
16. ئەلچىلەر 10:34، 35-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، داۋاملىق يەھۋانىڭ مېھمىنى بولۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
16 يەھۋانىڭ سىمۋوللۇق مەنىدىكى چېدىرىدا مېھمان بولۇش بىز ئۈچۈن زور شان-شەرەپ! ئۇ ئەڭ مېھرىبان، سۆيگۈ-مۇھەببىتى چەكسىز ۋە مېھماندوست ساھىبخاندۇر. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇ ياشىغان جاي، مەدەنىيەت، بىلىم سەۋىيە، ئىرق، قابىلىيەت، ياش ۋە جىنس جەھەتتىن پەرقلىق بولۇشىمىزغا قارىمايدۇ، ئەكسىچە ھەممىمىزنى تەڭ كۆرۈپ قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما، يەھۋا پەقەت ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەرنى ئۆز مېھمىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ.—ئەلچىلەر 10:34، 35-نى ئوقۇڭ.
17. كېيىنكى ماقالىدە يەنە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
17 زەبۇر 15:1-ئايەتتە، داۋۇت مۇنداق سوئاللارنى سورىغان: «ئەي يەھۋا، كىم چېدىرىڭدا مېھمان بولالار؟ كىم مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشالار؟» كېيىنكى ماقالىدە، يەھۋا بىزنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قايسى بەزى ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!