مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قېرىندىشىمىز كۆرسەتكەن مېھرىبانلىق

قېرىندىشىمىز كۆرسەتكەن مېھرىبانلىق

بۇنىڭدىن ئاتمىش يىل بۇرۇن ھىندىستاندىكى گۇجارات ئۆلكىسىدىكى بىر كىچىك شەھەردە جوننىڭ ئاتىسى چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈپ،‏ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدى.‏ لېكىن جون،‏ ھەدىسى،‏ ئىككى سىڭلىسى بىلەن ئىككى ئىنىسى ۋە ئانىسى كاتولىكلار ئىدى ۋە دىنىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان.‏ شۇ سەۋەبتىن،‏ ئۇلار ئاتىسىنىڭ دىنىغا قارشى بولدى.‏

بىر كۈنى،‏ ئاتىسى جوننى جامائەتتىكى بىر بۇرادەرگە كونۋېرت ئاپىرىپ بېرىشنى سورايدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە چوڭ بىر تۆمۈر تۇڭنى ئاچقاندا،‏ بارمىغىنى قاتتىق كېسىۋالىدۇ.‏ شۇنداق بولسىمۇ،‏ ئاتىسى ئېيتقاننى قىلىش ئۈچۈن،‏ قان ئېقىۋاتقان بارمىقىنى لاتا بىلەن باغلاۋېلىپ،‏ كونۋېرتنى ئېلىپ،‏ ئۆيدىن چىقىدۇ.‏

بارىدىغان يېرىگە يېتىپ ئىشىكنى قاققاندا،‏ بۇرادەرنىڭ ئايالى ئاچىدۇ.‏ ئۇمۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىدى.‏ كونۋېرتنى ئالغاندا جوننىڭ يارىغانغان بارمىقىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ ياردەم بېرىدۇ.‏ شۇڭا،‏ جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى ئېلىپ،‏ يارىسىنى يۇيۇپ،‏ بارمىغىنى دورىلاپ تېڭىپ قويىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇنىڭغا ئىسسىق چاي قىلىپ بېرىدۇ.‏ ئۇ جونغا ئىللىق چىراي بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ.‏

بۇ قېرىنداشنىڭ مېھرىبانلىقى تۈپەيلىدىن جوننىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدىكى كۆزقارىشى ئۆزگۈرۈشكە باشلايدۇ.‏ ئۇ بۇ قېرىنداشتىن يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كاتولىكلاردىن پەرقلىنىدىغان تەلىملىرى توغرىسىدا ئىككى سوئال سورايدۇ.‏ ئۇ:‏ «ئەيسا مەسىھ خۇدامۇ؟‏ مەسىھىيلەر مەرىيەمگە دۇئا قىلىشى كېرەكمۇ؟‏»—‏ دەپ سورايدۇ.‏ بۇ قېرىنداش گۇجاراتى تىلىنى ئۆگەنگەنىدى،‏ شۇڭا جونغا ئۇنىڭ ئانا تىلىدا جاۋاب بېرىدۇ.‏ ئۇ جاۋابلىرىنى مۇقەددەس كىتابتىن كۆرسىتىپ،‏ ئۇنىڭغا «پادىشاھلىق ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر» ناملىق كىتابچىنى بېرىدۇ.‏

كېيىن كىتابچىنى ئوقۇۋاتقاندا،‏ جون ئۇنىڭدا يېزىلغانلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئۇ چىركاۋدىكى دىنىي خىزمەتچىگە بېرىپ،‏ شۇ ئىككى سوئالنى ئۇنىڭغىمۇ قويىدۇ.‏ شۇ چاغدا شۇ كىشى بەك ئاچچىقلىنىپ،‏ مۇقەددەس كىتابنى ئۇنىڭ بېشىغا ئېتىپ:‏ «سەن شەيتان بولۇپ كەتتىڭ!‏ مۇقەددەس كىتابنىڭ قايسى يېرىدە ئەيسانىڭ خۇدا ئەمەسلىكى يېزىلغان؟‏!‏ كۆرسەت!‏ مەرىيەمگە سەجدە قىلماڭلار دەپ نەدە يېزىلغان؟‏ قېنى،‏ نەدە يېزىلغان،‏ كۆرسەت ماڭا!‏»—‏ دەپ ۋاقىرايدۇ.‏ جون روھانىينىڭ مۇنداق ھەرىكىتىنى كۆرگەندە،‏ ھاڭ-‏تاڭ قالىدۇ.‏ ئۇ ئەمدى ھېچقاچان چىركاۋنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىمايمەن دەپ ئېيتىدۇ.‏ ھەم ئۇ ئۆز سۆزىدە تۇرغان!‏

جون گۇۋاھچىلار بىلەن تەتقىق قىلىشنى باشلاپ،‏ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلدى ۋە يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى باشلىدى.‏ كۆپ ئۆتمەي،‏ باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلدى.‏ شۇ ۋەقەنىڭ بولغانلىقىغا 60 يىل ئۆتسىمۇ،‏ بارمىغىدىكى تارتۇق جونغا ھازىرغىچە قېرىنداشنىڭ مېھرىبانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.‏ ئۇنىڭ پەقەت بىر مېھرىبان ئىشى جوننىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىپ،‏ ئۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلماقتا (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خەت 6:‏4،‏ 6‏)‏.‏