مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مېھرىبانلىق گە‌پ-‏سۆزدە ھە‌م ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە كۆرۈنىدۇ

مېھرىبانلىق گە‌پ-‏سۆزدە ھە‌م ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە كۆرۈنىدۇ

باشقىلار بىزگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىغاندا،‏ قە‌لبىمىز خۇ‌شاللىققا تولىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ غە‌مخورلۇ‌قىنى ھېس قىلغاندا،‏ تە‌سە‌للىي تاپىمىز.‏ بىز باشقىلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تنى ئۆزىمىز قانداق راۋاجلاندۇ‌رالايمىز؟‏

مېھرىبان كىشى باشقىلارغا چىن يۈرە‌كتىن غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ ۋە بۇ‌نى گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ پە‌قە‌ت سىلىق-‏سىپايىلىك كۆرسىتىپلا قويمايدۇ.‏ بە‌لكى ئۇ باشقىلارنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشە‌نگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌لارغا يۇ‌مشاق مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ مېھرىبانلىق —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىدۇ‌ر (‏گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ مېھرىبان بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ كېلىڭلار،‏ ھازىر يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ۋە ئە‌يسا مە‌سىھتىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لاردىن ئۈلگە ئالايلى.‏

يە‌ھۋا ھە‌ممىگە مېھرىبان

يە‌ھۋا،‏ ھە‌تتا «شۈكۈر ئېيتمايدىغانلار ۋە رە‌زىللە‌رگىمۇ مېھرىباندۇ‌ر» (‏لۇ‌قا 6:‏35‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «خۇ‌دا قۇ‌ياشنى ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا نۇ‌ر چاچقۇ‌زىدۇ؛‏ يامغۇ‌رنىمۇ ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا ياغدۇ‌رىدۇ» (‏مە‌تتا 5:‏45‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىگە ھە‌تتا ئىشە‌نمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ مېھرىبانلىقىدىن مە‌نپە‌ئە‌تلىنىدۇ ۋە مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ھاياتىدا خۇ‌شاللىق تاپىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىغا قىلغان ياخشىلىقىدىن،‏ ئۇ‌نىڭ زور مېھرىبانلىق ئۈلگىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ گۇ‌ناھ قىلغاندىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ «ئۇ‌لار ئە‌نجۈر يوپۇ‌رماقلىرىنى بىر-‏بىرىگە چېتىپ،‏ بە‌دە‌نلىرىنى يېپىۋېلىشتى».‏ بىراق،‏ يە‌ر لە‌نە‌تكە ئۇ‌چراپ،‏ ئۇ‌نىڭدا «يە‌ردىن تىكە‌نلە‌ر ۋە يانتاقلار» ئۆسكە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يە‌ھۋا ئېرە‌م بېغىنىڭ سىرتىدا ياشاش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنى ئاسرايدىغان كىيىمگە مۇ‌ھتاج بولىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا مېھرىبانلىق كۆرستىپ،‏ «تېرىلە‌ردىن ئۇ‌زۇ‌ن كىيىملە‌رنى قىلىپ»،‏ ئۇ‌لارنى كىيىندۈرۈپ قويغان.‏—‏يارىتىلىش 3:‏7،‏ 17،‏ 18،‏ 21‏.‏

يە‌ھۋا «يامانلارغا ۋە ياخشىلارغا» مېھرىبانلىق قىلسىمۇ،‏ سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە ئالاھىدە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ زە‌كە‌رىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدا ئىسرائىللار يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى توختىتىپ قويغانلىقتىن،‏ بىر پە‌رىشتە ئە‌نسىرىگە‌ن ئىدى.‏ يە‌ھۋا بۇ پە‌رىشتىنىڭ سۆزلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا «چىرايلىق ۋە تە‌سە‌للى بە‌رگۈچى سۆزلە‌ر» بىلە‌ن سۆزلىگە‌ن (‏زە‌كە‌رىيا 1:‏12،‏ 13‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رگىمۇ يۇ‌مشاق مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ بىر ۋاقىتلاردا پە‌يغە‌مبە‌ر قاتتىق چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ،‏ ئۆزىنى يالغۇ‌ز ھېس قىلغان ۋە ھە‌تتا يە‌ھۋادىن جېنىنى ئېلىشىنى سورىغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئىلياسنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏،‏ يە‌ھۋا سادىق خىزمە‌تچىسىنى ئۇ يالغۇ‌ز ئە‌مە‌سلىگە ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ بۇ ئىلياسقا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا كۈچ بە‌رگە‌ن (‏1-‏پادىشاھلار 19:‏1—‏18‏)‏.‏ سىزنىڭچە،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئارىسىدا كىم مېھرىبانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى ئە‌ڭ ياخشى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

ئە‌يسا ئىنتايىن مېھرىبان بولغان

ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ ھېچقاچان قوپال بولمىغان ياكى باشقىلارنى ئۆز دېگىنىنى قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ باشقىلارنىڭ غېمىنى يە‌پ:‏ «ئە‌ي جاپاكە‌شلە‌ر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار!‏ ھە‌ممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە ئاراملىق بېرە‌ي»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 11:‏28—‏30‏)‏.‏ ئۇ بە‌ك مېھرىبان بولغاچ،‏ ئۇ قە‌يە‌رگە بارمىسۇ‌ن،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گىشىپ ماڭغان.‏ ئە‌يسانىڭ ئۇ‌لارغا ئىچى ئاغرىغانلىقتىن،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ قورسىقىنى تويدۇ‌رغان،‏ كېسىلىنى ساقايتقان ۋە ئاتىسى توغرىسىدا كۆپ تە‌لىملە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏—‏ماركۇ‌س 6:‏34؛‏ مە‌تتا 14:‏14؛‏ 15:‏32—‏38‏.‏

ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌لارغا كۆيۈنگە‌ن ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان.‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭغا قولايسىز ۋاقىتتا كە‌لگە‌ندىمۇ،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قارشى ئالغان (‏لۇ‌قا 9:‏11 ،‏10‏)‏.‏ خۇ‌ن ئېقىش كېسىلىدىن ئازاب چە‌ككە‌ن ئايال بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌نى ئە‌سكە ئالايلى.‏ ئۇ ساقىيىشنى خالىغانلىقتىن،‏ ئە‌يسانىڭ كىيىمىگە قول تە‌ككۈزگە‌ن.‏ لېكىن بۇ ھە‌رىكە‌ت تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا قارشى بولغان،‏ چۈنكى قانۇ‌ن بويىچە ئۇ ئايال ناپاك ئىدى (‏لاۋىيلار 15:‏25—‏28‏)‏.‏ شۇ چاغدا ئە‌يسا نېمە قىلغان؟‏ ئۇ ئاچچىقلانماي،‏ شۇ ئايالغا قوپال سۆزلىمىگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ قورقۇ‌پ تۇ‌رغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ 12 يىلدىن بۇ‌يان ئازاب چە‌ككە‌نلىكىگە ئىچى ئاغرىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قىزىم،‏ ئىشە‌نچىڭ سېنى ساقايتتى.‏ تىنچ-‏ئامان قايت،‏ ئېغىر كېسىلىڭدىن ساقىيىپ كە‌تكىن» (‏ماركۇ‌س 5:‏25—‏34‏)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ئە‌يسا بە‌كمۇ مېھرىبان بولغان!‏

مېھرىبان كىشى ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار

بۇ مىساللاردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ مېھرىبان بولساق،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار بولىمىز.‏ بۇ‌نىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلە‌ش ئۈچۈن ئە‌يسا سامارىيىلىك كىشى ھە‌ققىدە مىسال كە‌لتۈرگە‌ن.‏ بىر يە‌ھۇ‌دىي كىشىنى قاراقچىلار ئۇ‌رۇ‌پ،‏ چالا ئۆلۈك ھالدا يولنىڭ چېتىگە تاشلاپ كېتىپتۇ.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار بىلە‌ن سامارىيىلىكلە‌ر بىر-‏بىرىگە ئۆچ بولسىمۇ،‏ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سامارىيىلىك كىشىنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئىچى ئاغرىپتۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۇ‌نىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ،‏ مېھمانخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.‏ سامارىيىلىك كىشى مېھمانخانىنىڭ غوجايىنىغا پۇ‌ل تۆلە‌پ،‏ ھە‌تتا ئارتۇ‌ق چىقىمىنى تۆلە‌شكە كېلىشىپتۇ.‏—‏لۇ‌قا 10:‏29—‏37‏.‏

مېھرىبانلىق پە‌قە‌ت ئىشلاردىن ئە‌مە‌س،‏ ياخشى ئويلىنىپ ئېيتىلغان ۋە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىدىغان سۆزلە‌ردىنمۇ ئىپادىلىنىپ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئادە‌منىڭ كۆڭلىدە غە‌م بولسا،‏ شۇ‌نىڭدىن ئېزىلە‌ر،‏ لېكىن ياخشى سۆز كۆڭۈلنى كۆتۈرە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏25‏)‏.‏ مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ،‏ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لارنى خۇ‌شال-‏خۇ‌رام قىلالايمىز a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بىز يېقىملىق سۆزلىرىمىز ئارقىلىق ئۇ‌لارغا بولغان غە‌مخورلۇ‌قىمىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز.‏ غە‌مخورلۇ‌قىمىز ئۇ‌لار دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا كۈچ بېرىدۇ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏24‏.‏

مېھرىبانلىقنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتقانلىقتىن،‏ ھە‌ممىمىز مېھرىبان بولالايمىز (‏يارىتىلىش 1:‏27‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ رىم يۈزبېشى يۇ‌لىيۇ‌سقا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى رىمغا ئېلىپ بېرىش تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئۇ‌نى سىدون شە‌ھىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا،‏ ئۇ پاۋلۇ‌سقا «ئادە‌مگە‌رچىلىك قىلىپ،‏ دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ،‏ ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رنى غە‌ملىۋېلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلدى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 27:‏3‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س ۋە باشقا ئادە‌ملە‌ر كېمە ئاپىتىگە ئۇ‌چرىغان چاغدا،‏ مالتادىكى كىشىلە‌ر ئۇ‌لارغا «ئادە‌تتىن تاشقىرى ئادە‌مگە‌رچىلىك كۆرسىتىپ»،‏ ئىسسىنىشى ئۈچۈن ھە‌تتا گۈلخان يېقىپ بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 28:‏1،‏ 2‏)‏.‏ بۇ ئادە‌ملە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھرىبانلىق قىلغان.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئاندا-‏ساندا ئە‌مە‌س،‏ دائىم مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏

خۇ‌دا مېھرىبانلىق بىزنىڭ مىجە‌ز-‏خولقىمىزنىڭ بىر قىسىمى بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يە‌ھۋا بىزنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن «كىيىنىڭلار» دە‌پ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن (‏كولوسلىقلارغا 3:‏12)‏.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌ردائىم مېھرىبان بولۇ‌ش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ خىجىلچان،‏ ئۆزىگە ئىشە‌نچىسى يوق ياكى مە‌نمە‌نچى بولۇ‌ش مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىزنى رە‌نجىتكە‌ن ئادە‌مگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ لېكىن،‏ دۇ‌ئادا يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشساق،‏ ئۇ بىزگە مېھرىبان ئادە‌م بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 2:‏12‏.‏

بىزگە مېھرىبانلىق يېتىشمە‌يدىغانلىقىنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏ ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق دە‌پ سوراشقا بولىدۇ:‏ «باشقىلارنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمە‌نمۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈمە‌نمۇ؟‏ قاچان ئاخىرقى قېتىم قېرىندىشىم ياكى دوستۇ‌م بولمىغان ئادە‌مگە مېھرىبانلىق كۆرسە‌تتىم؟‏» ئۆپ-‏چۆرىمىزدىكى ئادە‌ملە‌ر،‏ بولۇ‌پمۇ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار،‏ بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شۇ‌شقا مە‌قسە‌ت قويساق بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ۋە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلە‌لە‌يمىز.‏ باشقىلار سىزگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالىسىڭىز،‏ سىزمۇ ئۇ‌لارغا شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىشقا تىرىشىڭ (‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىسىڭىز،‏ ئۇ مېھرىبان ئادە‌م بولۇ‌ش ئۈچۈن قىلغان ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزگە بە‌رىكىتىنى بېرىدۇ.‏—‏لۇ‌قا 11:‏13‏.‏

مېھرىبانلىق باشقىلارنى جە‌لپ قىلىدۇ

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خۇ‌دانىڭ ياخشى خىزمە‌تچىسى بولۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن خىسلە‌تلە‌رنىڭ ئارىسىدا مېھرىبانلىقنى تىلغا ئالغان (‏2-‏كورىنتلىقلار 6:‏3—‏6‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س سۆزلىرى ھە‌م ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ،‏ غە‌مخورچان بولغاچقا،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 28:‏30،‏ 31‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزنىڭ مېھرىبانلىقىمىزمۇ ئادە‌ملە‌رنى ھە‌قىقە‌تكە جە‌لپ قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌ممىسىگە،‏ ھە‌تتا كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقان ئادە‌ملە‌رگىمۇ مېھرىبان بولساق،‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ يۈرە‌كلىرىگە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۇ‌لار كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشى مۇ‌مكىن (‏رىملىقلار 12:‏20‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىشنى خالايدىغاندۇ.‏

جە‌ننە‌تتە ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرىگە مېھرىبان بولىدۇ.‏ تىرىلگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ بە‌زىلىرى ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم مېھرىبانلىقنىڭ نۇ‌رىغا چۆمىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لارنى باشقىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ مېھرى-‏شە‌پقە‌تسىز ۋە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنى خالىمايدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن خۇ‌دا پادىشاھلىقىدا ئورۇ‌ن يوق.‏ جە‌ننە‌تتە پە‌قە‌ت باشقىلارنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە مېھرىبان ئادە‌ملە‌ر ياشايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏9—‏11‏)‏.‏ شۇ ۋاقىتتا بىخە‌تە‌ر ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌م ھايات كە‌چۈرىدىغان زامان كېلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ شۇ ئاجايىپ ۋاقىت كە‌لگىچە،‏ قانداق قىلىپ مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

مېھرىبانلىقنىڭ پايدىسى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «سادىق سۆيگۈ [مېھرىبانلىق] كۆرسە‌تكە‌ن كىشى ئۆزىگە پايدا كە‌لتۈرە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 11:‏17‏)‏.‏ مېھرىبان ئادە‌م باشقىلارنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلىدۇ ھە‌م كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭغىمۇ مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ « سىلە‌ر قانداق ئۆلچە‌م بىلە‌ن ئۆلچە‌پ كىشىلە‌رگە بە‌رسە‌ڭلار،‏ باشقىلارمۇ شۇ‌نداق ئۆلچە‌م بىلە‌ن ئۆلچە‌پ سىلە‌رگە بېرىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 6:‏38‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ مېھرىبان ئادە‌ملە‌رگە دوست تېپىش ۋە دوستلۇ‌قىنى ساقلاپ قېلىش ئاسان بولىدۇ.‏

پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌ستىكى جامائە‌تكە:‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا مېھرىبان ۋە رە‌ھىمدىل بولۇ‌ڭلار.‏ … بىر-‏بىرىڭلارنى چىن دىلدىن كە‌چۈرۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏32‏)‏.‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بىر-‏بىرىگە رە‌ھىمدىل بولۇ‌پ،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن ياردە‌م بېرىشكە تىرىشسا،‏ جامائە‌ت مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىپ،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاق بولىدۇ.‏ بىز قېرىنداشلارغا ھېچقاچان يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان چاق-‏چاقلارنى،‏ رە‌نجىتىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتمايمىز،‏ ئۇ‌لارنى تە‌نقىد قىلمايمىز ۋە سۆز-‏چۆچە‌ك تارقاتمايمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا دە‌ردكە دە‌رمان بولىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏18‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ جامائە‌ت يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏

مېھرىبانلىق —‏ گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزدىن كۆرۈنىدۇ.‏ مېھرىبان بولساق،‏ كۆيۈمچان ۋە مە‌رد خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالىمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏1‏)‏.‏ بۇ جامائىتىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە باشقىلارنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى مېھرىبان ئىكە‌نلىكىنى ھە‌ممىسى بىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگىنىنى قىلايلى!‏

a ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» ناملىق بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ كېيىنكىسى ياخشىلىق ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏